ئوغلاق تارتىشىش

ئورنى Wikipedia

ئوغلاق تارتىشىش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان، ھەرىكەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان، قەيسەرلىك ۋە چەبدەسلىك تەلەپ قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنى. بۇ ھەرىكەت توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام ۋە خۇشاللىق چوڭ يىغىلىشلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ قارىمۇ قارشى مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخى ئۈستىدە تۆۋەندىكىچە توختىلىمىز. <تۈرك قامۇسى> دا <تۈركىي قوۋملاردا تەنتەربىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىدا كۆچمەن قەبىلە ھاياتى كەچۈرۈۋاتقان زامانلارىن ھېسابلىغاندا ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىدا ياۋايى پادىلار ھالدا ياشاۋاتقان ئاتنى تونۇغان ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن تۈركىي قوۋملار ئۇنى يالغۇز بىر جەڭ ۋاستىسى قىلىپلا قالماستىن، قەدىمكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ> دەپ يېزىلغان. <بوز قىر ئىمپېرىيىلىرى> دېگەن كىتابتا تۈركىي قوۋملارنىڭ ئوغلاق تارتىشىشى يېزىلغان ھەمدە ئوغلاق تارتىشىۋاتقان رەسىم بېرىلگەن بۇ مىلادىيىدىن كېيىنكى 5 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە قەدەر بولغان ئىشلاردۇر.

خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر قوشاق بار:

<يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىن، چەۋەندازلار تاللىنار.

تەييارلانغان ئوغلاقنى، ئوتتۇرىغا تاشلىشار.

ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ، يەردىن ئۈزۈپ ئېلىشار.

چەۋەندازلار توپلىشىپ، ئات ئۈستىدە تالىشار.

تۇتقۇزماستىن پەللىگە، ئۇلار ئېلىپ قېچىشار.

تاشلىۋالسا قايسى تەرەپ، ئولجا بۆلۈپ ئېلىشار> 

بۇ ھەرىكەت دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە يوق، ئۇ پەقەت تۈركىي قوۋملارغا خاس بولغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدۇر. ئوغلاق تارتىشىش ئۇسۇلى: ئوغلاق تارتىشىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاتاپ قويغان ئوغلاقنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرى ئېلىۋېتىلىپ ئۈچىيىنى بوغۇپ قويىدۇ. بەزىدە ئىچ قارنى ئېلىپ تاشلىنىپ، سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئوغلاق تەييارلانغاندىن كېيىن مەيدانغا تاشلاپ بېرىلىدۇ. ئېتى يۈگۈرۈك چەۋەندازلار ئالدىن كېلىپ ئوغلاقنى يەردىن ئېلىپ ئۈزەڭگە ئاستىغا ياكى تېقىمغا بېسىپ ئېلىپ قاچىدۇ. باشقىلار قوغلاپ تالىشىدۇ. ئادەتتە يېقىن دوستلار مۇسابىقىدە ھەرگىز بىر - بىرىگە يول قويۇشمايدۇ. كۆرگۈچى ئامما ۋارقىرىشىدۇ. پۈتۈن مەيدان جىددىيلىشىپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئېلىپ قاچقان ئوغلاققا باشقىلار قوغلاپ يېتىۋالسا، نەچچە ئونلىغان چەۋەندازلار غۇژمەك بولۇۋېلىپ تەرەپ - تەرەپتىن قىستىلىپ كىرىدۇ. ئوغلاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئېلىپ قېچىش يۆنىلىشىنى توسىدۇ. غۇژمەك بولۇشۇۋالغان ئوغلاقچىلار توپنى بۆسۈپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. بەزىدە بىر توپ كىشىلەر بىرلىشىۋېلىپ، قوغداش، تېقىمىغا ئېلىپ قېچىش ۋە قوغلاپ كەلگەنلەرنى توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىش تەقسىم قىلىشىۋالىدۇ. كۈچلۈك ئات مىنگەن قاۋۇل يىگىتلەر ئوغلاقنى تارتىپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىپ قاچقۇچىلار قوغدىغۇچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئوغلانى توپ ئىچىدىن ئېىپ چىقىشىغىلا، ئېلىپ قاچقۇچى شۇئان ئوغلاقنى ئالىدۇ - دە، ئېلىپ قېچىش جەريانىدا باشقىلارنى يەتكۈزمەي، ئوغلاقنى قايسى ئۆيگە تاشلىسا ياكى بەلگىلەنگەن پەللىگە ئاتسا، شۇ تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئوغلاقمۇ شۇلارغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەكمۇ يەك تارتىشىش ئۇسۇلىمۇ بولۇپ، تەييارلانغان ئوغلاق مەيدانغا تاشلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ئۆز ئورۇنلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چەۋەنداز ئوغلاقنى يەردىن ئېلىپ تارتىشقا باشلايدۇ. كىمنىڭ كۈچى كۆپ، ئېتى كۈچلۈك بولسا، شۇ كىشى ئوغلاقنى تارتىۋالىدۇ. لېكىن، ئوغلاقنى ئېلىپ قاچمايدۇ. بۇنداق مۇسابىقە كىچىكرەك دائىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تارتىشىش ئۇسۇلىدا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قاراپ، يېڭىلگەننى قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئوغلاق تارتىشىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇمۇ ھەرىكەت جەھەتتە ئاساسەن يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ياكى بەشتىن بولۇپ ئوغلاق تارتىشىدۇ. ئوغلاقنى تارتىپ ئېلىپ چىققۇچى بەلگىلەنگەن جايغا تاشلايدۇ. بۇ خىل تارتىشىش ئۇسۇلىدا خەۋپ - خەتەر ئازراق بولىدۇ. ئادەم ۋە ئات زەخىملىنىپ جاراھەتلىنىشتەك ئەھۋاللار ئانچە كۆرۈلمەيدۇ. بۇ ھەرىكەت قەدىمكىلەرنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسى بولۇپ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىگە قەدەر ئويلىىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن گۇڭشېلىشىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە توختاپ قالغانىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، يېزا ئىقتىسادىي سىياستىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئىشلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى، دېھقانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرقۇشى ياخشىلىنىپ شاد - خۇراملىققا چۆمدى. دېھقان - چارۋىچىلار بەيگىگە، ئوغلاققا سالىدىغان ئاتلارنى تاللاپ مىنىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە ۋە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش بولمىغان ۋاقىتلىرىدا ئوغلاق تارتىشىش ھەرىكىتى بولۇپ تۇرىدىغان بولدى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]