ئوغۇزنامە(تەرجىمىسى)

ئورنى Wikipedia

“مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن!”

"ئوغۇزنامە" دىن


....ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: ( بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، شۇندىن كېيىن شادلىققا مۇيەسسەر بولدى. بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۈزى يۇرىدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلنىڭ يۈز- چىرايى كۆك ئىدى. ئېغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. ئۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى. ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ، بېلى بۆرە بېلىدەك ، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك ، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ- ئوۋلايتتى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ يىگىت بولدى. بۇ چاغدا ، بۇ يەردە، بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى. ئۇنىڭدا كۆپ دەريا - ئېقىنلار بار ئىدى. ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىدى، قۇشلار ئۇچۇپ يۇرۇيتى. بۇ ئورمان ئىچىدە چوڭ بىر قىتات بار ئىدى. ئۇ مال - چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئىنتايىن ۋەھشىي بىر ھايۋان ئىدى. ئۇ ئەل جامائەتكە زور جەبرى جاپا كەلتۈرگەن ئىدى. ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ قىتاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى. نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىتات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قۇيۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى قىتات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ( ھېلىقى ) دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغاندا قىتات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىاتنىڭ بېشىغا ئۇردى. ئۇنى ئۆلتۈردى. قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى. ئۇنى ئېلىپ كەتتى.ئۇ يەنە كەلگەندە كۆردىكى بىر شۇڭقار قىاتنىڭ ئىچ - قارنىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوقيا بىلەن ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بېشىنى كەستى، ئاندىن كىيىن ئۇ يەتتىكى :" قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى( شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان)، قىتات بۇغا يېدى، ئېيىق يېدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى. شۇڭقار قىتاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ، ئوقيايىم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى" سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى، مانا بۇ قىاتنىڭ تۇرقى ( قىاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان).

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا ( ئەتراپ) قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا ئۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان . ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى. ئۇنىڭ پېشانىسىدە چوغدەك پارقىراق ،مېڭى بولۇپ خۇددى، تۆمۈر قوزۇققا ئوخشايتتى. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى ، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ ھوشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.

بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى. ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىنىدەك ، چىشى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئىدىكى يەر جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە" ئاھ، ئاھ،جاننى ئالىدىكەن" دەرلەر ئىدى. سۈت قىمىزغا ئايلاندى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كەتتى. يۈرىكىگە ئوت چۈشتى ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ يەڭگىدى. ئۈچ ئوغۇل تۇغدى. تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى. ئەل جامائەتنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە ، قىرىق ئورۇندۇق ياساتتى، كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ- نېمەتلەرنى يېيىشتى. تويدىن كىيىن ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل- جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئوران تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان ئوۋلۇقتا يۈرسۇن مال - ۋاران ھەم ئاقسۇن دەريا - ئېقىن قۇياش تۇغ بولسۇن ئاسمان قورغان

ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ - تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مەكتۇپتا مۇنداق دېدى: " مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن. مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك، شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشۇڭلارنى سورايمەن، كىمكى مېنىڭ ئېغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئېغزىمغا باقمىسا ، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ" .

بۇ چاغدا ، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دەيدىغان بىر خاقان بار ئىدى. بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ نۇرغۇن ئالتۇن - كۆمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە- مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.

سول تەرەپتە، ئۇرۇم ( رىم) دېگەن بىر خاقان بار ئىدى. ئۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى. ئۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇزخاقاننىڭ يارلىقىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى" بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلمايمەن" دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىپى كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن تۇغنى كۆتۈرۈپ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كىيىن مۇزتاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يىتىپ كەلدى. چېدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە، ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر بىر يورۇق چۈشتى، بۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى، بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى: " ھەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا .ئەسكەر چىقارساڭ مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن" شۇندىن كىيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى، قارىسا لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى.

بىرنەچچە كۈنىدىن كېيىن كۆك تۈكلۈك ، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى. ئوغۇزنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. ئۇ يەردە ئېتىل دېگەن بىر دەريا بارئېدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى، ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددىي ئۇرۇش بولدى. ئۇرۇش ئەل جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى، ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى ئېتىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل سىرغا ئايلاندى. ئوغۇز خاقان يەڭدى. ئۇرۇم خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان ئۇرۇم خاقاننىڭ خاقانلىقىنى ئالدى، ئەل جامەەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىيمەتلەر ئوغۇز خاقاننىڭ ئوردىسىغا كىردى. ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس بەگ ئىدى. ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان ، ئەتراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ھەمدە ئوغلىغا " شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك" دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى، ئۇرۇس بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش ئەكەلدى. ھەمدە :" خ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن ، ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ھالىم قانداق بولۇر؟ مەن سېنىڭ يارلىقىڭنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمەن ، بىزنىڭ بەختىمىز سېنىڭ بەختىڭ، بىزنىڭ ئۇرۇقىمىز سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇقىدۇر، تەڭرى ساڭا پۈتۈن زېمىننى ئاتا قىلماقتا، مېنىڭ جىسمىم ھەم بەختىم ساڭا مەنسۇپ، مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن " دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقتى شادلىنىپ كۈلدى. ھەمدە :" ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىلىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن "دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا " ساقلاپ" دەپ ئات قويدى. ئۇنىڭغا دوستلۇق قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئېتىل دەرياسىغا كەلدى. ئېتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرۈپ ئېيتتىكى: " ئېتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟ " لەشكەرلەر ئىچىدە ئولۇس ئوردابەگ دېگەن ياخشى بىر بەگ بار ئىدى. ئۇ قابىلىيەتلىك ھەم ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال - ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقى كۆردى، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ .....ئاشۇ ياغاچلار ...كەستى، ئۇنىڭ سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئېتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلدى. ئېيتتىكى:" ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ ، قىپچاق ساڭا ئات بولسۇن" . ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئوغۇز خاقان يەنە ھېلىقى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى. بۇ كۆك بۆرە ئوغۇز خاقانغا ئېيتتىكى :" ئوغۇز ، ئەمدى لەشكەرلىرىڭنى باشلاپ بۇ يەردىن قوزغال. سەن ئەل جامائەت ۋە بەگلەرنى باشلاپ ماڭ. مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن" . تاڭ ئاتقاندا ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شادلاندى. ھەمدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى.

ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى . ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە ئېگىز بىر تاغ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ مۇزلار بار ئىدى. ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپئاق قارلار بار ئىدى. شۇڭا بۇ تاغ مۇزتاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغرى خاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى. لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى. ئۇ ھېچنېمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئىدى. جەڭلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم ئىدى. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاغقا كىردى. توققۇز كۈندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى. مۇزتاغ ئىنتايىن سوغۇق بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت- جانىنى قار - مۇز قاپلىغان ئىدى. ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى : " ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسىم بولسۇن ساڭا قارلۇق" ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۇنيا تەقدىم قىلدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى.

بۇ يولدا ئېگىز بىر ئۆينى كۆردى. بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۈڭلۈكى كۈمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى. ئىشىكى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئىدى. لەشكەر ئىچىدە بىر چېۋەر ئۇستام بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈردۇ قاغول ئىدى. ئوغۇز ئۇنىڭغا :" سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار" دەپ يارلىق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا قالاچ دەپ ئات قويدى. يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە يەنە يولدىن توختىدى. ئوغۇز خاقانمۇ يولدىن توختاپ ، چېدىرلىرىنى تىكتى. بۇ تېرىلمىغان تۈزلەڭلىك بىر يەر بولۇپ، چۇرچىت دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئەل جامائىتى كۆپ ، يەرلىرى كەڭ ئىدى. بۇ يەردە يىلقىلار ، پادا- كالىلار، ئالتۇن -كۈمۈش، ئۈنچە مەرۋايىتلار كۆپ ئىدى. چۇرچىت خاقان ۋە ئەل - جامائىتى ئوغۇز خاقانغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇرۇش باشلاندى. ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىپ ، قىلىچ ئۇرۇشۇپ جەڭ قىلدى. ئوغۇز خاقان چورچىت خاقاننى يەڭدى. ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆلتۈردى. چۇرچىتنىڭ ئەل - جامائىتىنى ئۆز ئېغزىغا قاراتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرىگە ، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلققە كۆپ غەنىيمەتلەر چۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، قېچىر ، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ياشانغان بىر چېۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىدى. بۇ چېۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىيمەتلەرنى قاچىلىدى. ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىيمەتلەرنى قوشتى. ئۇلارغا ھارۋىنى تارتتۇردى. نۆكەرلەر ، ئەل جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا " قانغا، قانغا" دېگەن ئاۋاز چىقاتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا " قانغا" دەپ ئات قويدى. ئوغۇز خاقان قانغالارنى كۆرۈپ كۈلدى. ئېيتتىكى:" قانغا بىلەن جانسىز غەنىيمەتلەرنى جانلىق غەنىيمەتلەر سۆرەپ ماڭىدىكەن، ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ، قانغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن". سۆزىنى تۈگىتىپ يورۇپ كەتتى.

ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان يەنە كۆك تۈكلۈك، كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە بىلەن سىندۇ، تاڭغۇت، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى. كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى. ھەمدە ئۇ يەرلەرنى ئۆز دۆلەت چېگرىسىغا قوشتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، جەنۇب تەرەپتە بارقان دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك، ئۇ يەر ناھايىتى مۇنبەت ۋە ئىسسىق يەر ئىكەن. ئۇ يەردە ھايۋان ۋە قۇشلار كۆپ ئىكەن. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ چىرايى قاپقارا ئىكەن. خاقاننىڭ ئىسمى ماسار خاقان ئىكەن. ئوغۇز خاقان شۇ جايغا ئاتلاندى. ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئوغۇز خاقان يەڭدى. ماسار خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى خۇرسەن بولدى. دۈشمەنلىرى زار قاقشىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنى يەڭگەندىن كېيىن، پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىققا ۋە مال - چارۋىغا ئېگە بولدى. ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ئېلىگە توشۇپ كەتتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك، ئوغۇزخاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق ، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن، كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كىيىن ئۇ چۈشىگە كەچكەنلىرىنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن، ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل - نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلەردىن ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ" . ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى، ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن" دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا ، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى :" ھەي ( ئوغۇللىرىم) ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ، كۈن ، ئاي ، يۇلتۇز ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار، ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار". بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن ، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يا تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككىچە ئېتىڭلار ." يەنە شۇندىن كېيىن ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن ، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى، ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى. ھەمدە ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى. ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلار ، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغۇرلاريدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش( يا غا بويسۇنۇڭلار) ." شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى.

نۆكەرلىرىنى ، ئەل جامائىتىنى چاقىرتتى ، ئۇلار كېلىپ با مەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ...(ئوڭ تەرىپىگە) قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن ياغاچ قاداتتۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇ ئاستى ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بولدى. ئىچىشتى ، يېيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى، شۇندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم، يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلدىم، ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن" ....................