ئوقيا ئېتىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئوقيا ئېتىش ئويۇنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي ئوۋچىلىق قورالى بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەت باسقۇچىدىلا ئىنسانلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئوۋچىلىق قىلىش، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئىشلىتىلگەن. ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەن دۈگىلەڭ، ئۇچلۇق، قىرلىق تاش قوراللارنى قول بىلەن ئېتىپ ھايۋانلارنى ئوۋلىغان ۋە يىرتقۇچىلاردىن مۇداپىئەلەنگەن. ئۇلار تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىزدىنىپ، كونا تاش قوراللاردىن ئىلغارراق قوراللارنى ياسىغان. مەسىلەن، تاشتىن، سۆڭەكتىن ئوق ئۇچى ياساپ، قاتتىق ياغاچقا ئوق ئۇچىنى بېكىتىپ، ئوقىنى ئۇچۇرتىش ئۈچۈن يانى ئىجاد قىلغان. دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى خېلى بۇرۇنلا ئوقيا ياساپ ئىشلىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئوقيا ياساش ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئوۋ قىلىش كۆپ ئاسانلاشقان ۋە يىراقتىكى ھايۋانلار، ھاۋادىكى قۇشلارمۇ ئاسان ئوۋ قىلىنىدىغان بولغان. ئوقيا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە قورال بولغاچقا ئوۋ قىلىش ۋە يىرتقۇچلاردىن مۇداپىئە كۆرۈشتە ئاساسىي قورال قىلىنغان. ئوقيا ياساش ئۇسۇلى: ئوقيا ئوق ۋە يادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئوقيانىڭ شەكلى بەكمۇ ئاددىي بولۇپ، قاتتىق ياغاچ شېخىدىن ئوق ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا سۆڭەك ياكى تاشنى ئۇچلاپ ئوق ئۇچى قىلىپ بېكىتىلىدۇ، بۇئوق دەپ ئاتىلىدۇ. يا بولسا قاتتىق ياغاچ شېخىنى يېرىم ياي شەكلىدە ئېگىپ، ئۇنىڭغا ھايۋان تېرىسىدىن تىلىپ ئىشلەنگەن كىرىچ تارتىلىدۇ. بۇ <يا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقنى يانىڭ ئوتتۇرىسىغا چېگىلگەن كىرىچقا بېسىپ تارتىپ قويۇپ بەرسە نىشانغا تېگىدۇ. ئۇيغۇر ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان ئوقيا مەلۇم بىر نىشانغا تەگكۈزۈش ئۈچۈن تەكرار مەشىقنى تەلەپ قىلىدۇ. تەكرار مەشىقنىڭ ئۆزى چېنىقىش ۋە بىر خىل پائالىيەتتۇر. ئوقيا ئويۇنى كەڭ يېزا - قىشلاقلاردا كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن كەڭ دالىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت، بۇ ئويۇن مەرگەنلىكتە ۋايىغا يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقيا كوماندىسى مەملىكىتىمىز سەھنىلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقيا مۇسابىقىلىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا شان - شەرەپلەرنى كەلتۈردى."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]