ئون ئىككى مۆچەل

ئورنى Wikipedia

ئون ئىككى مۆچەلنىڭ كېلىپ چىقىشى


ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ئىنسانلار نېمىنىڭ يىل بېشى بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن، كۈننىڭ چىققانلىقنىى قايسى مەخلۇق بالدۇر كۆرسە، يىل بېشى شۇ بولسۇن، دېيىشىپتۇ. بۇ تەكلىپكە ھەممە قوشۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ھەممە ھايۋانلارغا ئۇقتۇرۇلۇپتۇ.

ئۇلار بىر كۈنى تاغ .ئارىسىغا يىغىلىپتۇ، بىراق بۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى چوققىسى پەس، كۈنپېتىش تەرەپتىكىسى ئېگىز، يەنە كېلىپ قىپقىزىل تاقىر تاغ ئىكەن.

مەسلىھەتكە بىنائەن، ھەممە ھايۋانلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۈنچىقىشقا قاراپ تۇرۇپتۇ. يالغۇز چاشقانلا باشقا ھايۋانلارغا كەينىنى قىلىپ كۈنپېتىش تەرەپتىكى تاغ چوققىسىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن:<<ئەنە كۈن چىقتى>>دېگەن بىر چىرقىراق .ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، لېكىن بۇ چاغدا ھېچكىم كۈننى كۆرمىگەچكە، بۇ گەپكە ئىشەنمەپتۇ. چاشقان بولسا خوشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتماي ۋە تىنماي:<<كۈن چىقتى!>> دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ. قالغانلار قارىسا، غەرب تەرەپتىكى تاغ چوققىسى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمگەن بولۇپ، چاشقان:<<كۈن چىقتى!>>دەپ توۋلاپ خېلىدىن كېيىن كۈن كۆرۈنۈپتۇ. چاشقان ئەسلىدە بۇ تاغنىڭ يەر شەكلىگە قاراپ، كۈن نۇرىنىڭ كۈنچىقىشتىكى پاكار تاغلاردىن ئۆتۈپ كۈنپېتىشتىكى تاغ چوققىسىغا چۈشىدىغانلىقىنى، كۈنپېتىشقا قاراپ ئولتۇرسا ، كۈننىڭ چىقىشىنى ھەممىدىن بۇرۇن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ئون ئىككى مۆچەلدە يىل بېشى بولۇۋالغانىكەن.

2 ئىنسانلار ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردا يېڭى يىلنى بىرەر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ، لېكىن قايسى ھايۋاننى يىل بېشى قىلىش ھەققىدە ناھايىتى كۆپ تالاش-تارتىش بولغان بولسىمۇ، پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەپتۇ. بۇنى ئۇققان ھايۋانلارمۇ يىل بېشىنى تالىشىپ جېدەل قىپتۇ. تۆگە:<< مەن ھەممىدىن چوڭ، مەن يىل بېشى بولۇشۇم كېرەك >> دېسە، ئات:<<مېنىڭ تۆھپەم ھەرقانداق ھايۋاندىن زور>> دەپ يىل بېشى بولماقچى بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بارلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا ھەيدەشكە ، قايسى ھايۋان ئالدىدا چىقسا ، شۇ ھايۋاننى يىل بېشى قىلىشقا كېلىشىپتۇ . بۇ تەكلىپكە ھەممە ھايۋانلارمۇ قوشۇلۇپتۇ-دە، قارشى قىرغاققا ئالدىدا چىقىش ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن دەرياغا سەكرەپتۇ. ئۇلار ھەيۋەتلىك دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ، ئارقا-ئارقىدىن قارشى قىرغاققا چىقىشىپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا كالا چىقىپتۇ، بىراق كالا قارشى قىرغاققا ئەمدىلا پۇتىنى قوياي دەپ دەپ تۇرۇشىغا، كالىنىڭ بوينىغا چىقىۋالغان چاشقان كالىدىن ئىككى-ئۈچ قەدەم نېرىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىغا ئۆتۈۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ بېشى چاشقانغا بېرىلگەنىكەن.

3

تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىر ى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغانىكەن ، لېكىن ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالىشپتۇ .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ،قۇرۇلتايدا :<<بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق ،ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشدۇ ، شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ بۇرجىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن. بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن>>دەپتۇ. خەلىق خاقاننىڭ پىكرىنى قوللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ دەريا ئىكەن.خەلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. بىر مۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ،ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ، شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ<<چاشقان يىلى>>دېيىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قاپتۇ:ئۇي يىلى(كالا يىلى)، بارىس يىلى(يولۋاس يىلى)،توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى(بېلىق يىلى)، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى، ئىت يىلى توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدىكەن.

تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەر بىرىدە بىر خاسىيەت بار دەپ تەخمىن قىپتۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كالا يىلى كىرگەندە ئۇرۇش كۆپىيىدىكەن، چۈنكى كالا بىر- بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلىدا ئوزۇق-تۈلۈك كۆپىيىدىكەن، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدىكەن ،چۈنكى توخۇنىڭ يېمى ، توخۇ دان تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت-چاۋارلارنى تاتىلاپ چېچىۋىتىدىكەن. لەھەڭ يىلى كىرىش بىلەن ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدىكەن، چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىشى بىلەن قار كۆپ ياغىدىكەن، سوغۇق قاتتىق بولىدىكەن، پىتنە-پاسات كۆپىيىدىكەن، ۋە ھاكازالار... كېيىن كىشىلەر يىللارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئوڭاي ئەستە ساقلاش ۋە ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ ۋە ناخشا قىلىپ ئوقۇپتۇ:

يىل بېشى چاشقان ئېرۇر،ئات ئالدىدا،قوي كەينىدە، كالىسى مۆرەپ كېلۇر. مەرەپ كېلۇر . يولۋىسى يولدا يېتىپ، مايمۇنى ئويناپ ماڭار، توشقىنى سەكرەپ كېلۇر. توخۇسى چىللاپ كېلۇر. دەريادا بېلىق ئۈزۈپ،ئىتلىرى ھاۋشىپ ئۆتەر، يىلاننى قوغلاپ كېلۇر. توڭگۇزلىرى تويلاپ كېلۇر.


ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)[arqun] : ئارقۇن — كېلىدىغان يىل نامى. 1. چاشقان يىلى [çaşqan yili]

2. ئۇي يىلى [uy yili]

3. يولۋاس يىلى [yolvas yili]

4. توشقان يىلى [toşqan yili]

5. بېلىق يىلى [béliq yili]

6. يىلان يىلى [yilan yili]

7. ئات يىلى [at yili]

8. قوي يىلى [qoy yili]

9. مايمۇن يىلى [maymun yili]

10. توخۇ يىلى [toxu yili]

11. ئىت يىلى [it yili]

12. توڭگۇز يىلى [toñguz yili]