ئون تۈرلۈك تۇرمۇش پىرىنسىپى
ئون تۈرلۈك تۇرمۇش پىرىنسىپى
تۆۋەندە زۇڭتۇڭ بىلەن دۇنياۋىي سودىگەرنىڭ ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئون تۈرلۈك تۇرمۇش پىرىنسىپى»نى تەييارلاندى. قىزىقارلىق يېرى، ئامېرىكىنىڭ 3- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففىرسون بىلەن ئامېرىكىلىق مەشھور پاي چېكى سودىگىرى يوھان دانفورنىڭ بۇ «ئون تۈرلۈك تۇرمۇش پىرىنسىپى»دا روشەن پەرق، سېلىشتۇرما مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىدىن بىز سياسىيون بىلەن سودىگەر ئوتتۇرىسىدىكى زور پەرقنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇلارنىڭ قايسىنى قوبۇل قىلىش ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق:
ئامېرىكىنىڭ 3- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففىرسون نەۋرىسىگە مۇنداق ئون تۈرلۈك تۇرمۇش پىرىنسىپىنى ۋەسىيەت قالدۇرغان:
1. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
2. ئۆزۈڭ قىلالايدىغان ئىشقا ھەرگىز ئۆزگىنى ئاۋارە قىلما.
3. قولۇڭغا تەگمىگەن پۇلنى ھەرگىز ئالدىن خەجلىمە.
4. ئەرزانكەن دەپلا لازىمى يوق نەرسىنى سېتىۋالما.
5. ئېزىپ – تېزىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلما، ھاكاۋۇرلۇق ئاچ – يالىڭاچلىقتىنمۇ يامان.
6. ئاچ كۆزلۈك قىلما، ئېسىڭدە بولسۇنكى، «ئاز يەپ، ئاسان تىرىل.»
7. ئىشنى زورلاپ قىلما. خالىماي قىلغان ئىش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ.
8. يوق ئىشقا ئارتۇقچە ۋايىم يېمە.
9. ھەر ئىش يولى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن بولسۇن.
10. ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئونغىچە سانىۋېتىپ ئاندىن ئېغىز ئاچ، ئاچچىقىڭ يەنىلا بېسىلمىسا يۈزگىچە ساناپ باق.
ئامېرىكىلىق مەشھور پاي چېكى سودىگىرى يوھان دانفورنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى ئون تۈرلۈك پىرىنسىپى:
1. بۈگۈن قىلىۋەتكىلى بولىدىغان ئىشنى ئەتىسى قىلسىڭىز، نەتىجىسىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز، بۇ ئىش پاي چېكى سودىسىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
2. باشقىلار قىلالايدىغان ئىشلارنى ھەرگىز ئۆزۈم قىلمايمەن، چۈنكى ئۆزۈم قىلىۋاتقان ئىشلار باشقىلارنىڭ قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئىشلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
3. باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ پۇل تاپىدىغانلا ئىش بولسا، مەن ھەرگىز ئۆز يېنىمدىن بىر تىيىن پۇل چىقارمايمەن.
4. مەن دائىم بازاردا تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەندە، لازىم بولسۇن – بولمىسۇن ئۆزۈمگە يېقىپلا قالسا، نۇرغۇن نەرسە سېتىۋالىمەن. بەزى نەرسىلەرنى ۋاقتىنچە ئىشلەتكىلى بولمىغان بىلەن، «كېرەكلىك تاش يۈك ئەمەس» دېگەندەك، ھامان بىر كۈنى لازىم بولىدۇ. بۇ خۇددى پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشكەندە ياندىكى پۇلنىڭ بارىغا باھاسى چۈشكەن پاي چېكىنى ئېلىپ قويغانغا ئوخشايدۇ.
5. نۇرغۇن كىشىلەر مېنى مەنمەنچى، ھاكاۋۇر دېيىشىدۇ، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئاتا – ئانام، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بورادەرلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن پەخىرلىنىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمدىن پەخىرلەنمەسلىككە ئامالسىزمەن، چۈنكى مەن زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم، نۇرغۇن كىشىلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلدىم، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا پەخىرلەنمىگۈدەكمەن؟
6. مېنىڭچە يېگۈسى بار نەرسىنى «نەپسىمگە ھاي بەردىم» دېگەندەك ئەخمىقانە باھانىلەر بىلەن ئاتايىن يېگۈسى يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش توغرا ئەمەس، مەن ئېسىل تائاملارنى ياقتۇرۇپ يەيمەن، شۇنداقلا تويمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، مېنىڭچە ئون ئادەمنىڭ توققۇزى شۇنداق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما شۇنداقلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ.
7. مەن دائىم ئۆزۈم ياقتۇرمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن. مېنىڭچە، بىز تېخى ھەممە ئىشلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلىشقا قادىر بولۇپ كېتەلمىدۇق. ئۆزۈمنى ئالسام مېنىڭ ئەسلىي مۇزىكانت بولغۇم بار ئىدى، بىراق ئەمەلىيەتتە پاي چېكى سودىگىرى بولۇپ قالدىم.
8. مەن ھەمىشە مەلۇم بالا – قازالاردىن ۋايىم يەپلا يۈرىمەن. ئەمما مېنىڭ ئەندىشىلىرىمنى باشقىلار قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. مەندە مۇشۇنداق تۇغما سېزىم بولغاچقا، شىركىتىم ئامېرىكا تارىخىدىكى نەچچە قېتىملىق پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسىدا ئامان – ئېسەن قالدى.
9. مەن كۆڭلۈمگە بىر ئىشنى پۈكسەم، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن. بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئىشنىڭ نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتە قوللانغانلىقى بىلەن كىمنىڭ چاتىقى؟
10. مەن ئۆز ھېسسىياتىمنى ئەزەلدىن يوشۇرمايمەن، بولۇپمۇ ئاچچىقىم كەلگەندە بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراپ – جارقىراپ ئىچىمنى بوشىتىۋالىمەن.
(تەييارلىغۇچى: زىياكار)