Jump to content

ئون شائىردىن ئون شېئىر

ئورنى Wikipedia

ئون شائىردىن ئون شېئىر


ئەتىرگۈلنى سۆيەر كېپىنەك

ھېنرىخ ھېينى(گېرمانىيە)


ئەتىرگۈلنى سۆيەر كېپىنەك،

پەرۋانە ئۇ گۈلنى چۆرگىلەپ.

كېپىنەككە مەستانە ئاپتاپ،

ئالتۇن قولدا ھارماس پەپىلەپ.

بىراق، كىمگە ئاشىق ئەتىرگۈل،

ئۇنى بەكمۇ بىلگۈم كىلىدۇ؟...

تۈندە يانغان يۇلتۇزمىدۇ يا

تۈن كۆيچىسى بۇلبۇلمىدۇ ئۇ؟

گۈل سۆيىدۇ كىمنى نائېنىق،

كۆڭۈل بەردىم كۆپچىلىككە مەن:

يۇلتۇز، بۇلبۇل، يۇپيۇرۇق ئاپتاپ،

كېپىنەك ھەم ئەتىرگۈلگە مەن.


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي

ئا. س. پۇشكىن(رۇسىيە)


كۆك يۈزىدە غەمگە پاتقان ئاي،

ئۇچراپ قالدى خۇشال شەپەقكە.

بىرى كۆيگەن ئوت، بىرى مۇز - سوغۇق،

شەپەق ئوخشار كۈلگۈنچەك قىزغا،

ئاي ئوخشايدۇ خۇنۇك ئۆلۈككە.

كۆرگەن چېغىم سېنى ئېلۋىنا،

مەنمۇ شۇنداق ئوخشاش سىياقتا.


كۆيىدۇ كۆك ئۇچقۇن يىلىنجاپ

يېسىنىن(رۇسيە)


كۆيىدۇ كۆك ئۇچقۇن يىلىنجاپ

ئۇنتۇلدى يۇرتۇم ھەم يىراقتا.

تاشلىدىم جېدەلنى تۇنجى رەت،

باشلىدىم سۆيگۈدىن كۈي-ناخشا.

ئوخشايتتىم قۇرۇغان گۈلشەنگە،

مەجنۇنچە كۆيگەنمەن سۆيگۈگە.

بەڭۋاشلىق قىلمايمەن ئەمدى مەن،

خازانلىق يەتكۈزۈپ ئۆمرۇمگە.

بولدى بەس،قارىسام ھۇسنۈڭگە،

دولقۇندەك كۆزلىرىڭ زەر بۇلاق.

نەپرەتلەن كېچىكى كۈنۇمگە،

يار تاپما باشقىدىن سەن بىراق.

نازلىقتۇر سەرۋىدەك بويلىرىڭ،

پاك كۆكلۇڭ ئاپتاپتەك نامايان.

بىر لۇكچەك شۇنچىلىك مۇلايىم،

شۇنچىلىك كۆيگەن ئۇ يار-جانان.

ئەبىدى شىئېرمۇ يازماسمەن،

يۇرمەيمەن مەيخانا ئارىلاپ،

ئۆتەرمەن قولۇڭنى تۇتقانچە،

ئالتۇن رەڭ چېچىڭنى قۇچاقلاپ.

بارىمەن ئارقاڭدىن مەڭگۈگە،

يۇرت كېزىپ سەيىرلەپ يىراقتا.

تۈنجى رەت جىدەلنى تاشلىدىم،

سۆيگۇدىن باشلىدىم كۈي-ناخشا. ئەتىرگۈلنى تونۇماس ھېچكىم

ئەتىرگۈلنى تونۇماس ھېچكىم

ئېمىلي دېككېنسون(ئامېرىكا)

ئەتىرگۈلنى تونۇماس ھېچكىم،

ئۇ ھىجراندا سەرگەردان گويا.

يول بويىدىن تېرىۋالدىم مەن،

تۇتتۇم ئۇنى قوش قوللاپ ساڭا.

بىرتال ھەرە ئەسلەيدۇ پەقەت،

پەقەت بىرتال، بىر تال كىپىنەك.

قايتقان يىراق سەپەردىن ھىلى،

ھارغىنلىقتا ئۇ مەسۇم كۆكرەك.

تەئەججۈپتە پەقەت بىر تال قۇش،

ئۇھ تارتىدۇ ئاھ، مەيىن شامال.

ئاسان توزار سەندەك ئەتىرگۈل،

توزۇپ كىتەر، ئاڭا نە ئامال!


بىز دۇنيانىڭ چۈشىدىكى كۆلەڭگە

سولىۋىيۇۋ(رۇسىيە)


بىز دۇنيانىڭ چۈشىدىكى كۆلەڭگە،

ھايات كۆلەڭگىنىڭ ئويۇنىدۇر پەقەت.

ئاشۇ ئەبەدىي يورۇق كۈنلەردە،

ئەكس ئەتكەن تۇتۇمسىز سۈرەت.

كۆلەڭگىلەر ئۇيۇشقان سىيما،

ئىتەلمەيسەن ئۇنى سەن پەرق.

ئۇيۇپ كەتكەن ئاشۇ بەلگىلەر،

چۈشلەردە ئېنىق ئۇرسىمۇ بەرق.

تاڭ ئالدىدىكى گىرىمسەن گۇگۇم،

جاھان دالاسىنى ياتار قۇچاقلاپ.

ئۇرغۇپ تۇرغان يىقىملىق تىترەك،

يۈرەكلەرگە كىردى جۇغۇلداپ.

كۆلەڭگىلەر تۈگەيدۇ ئىشەن،

ئالدىمايدۇ بىشارەتلىك ئۈنلەر.

غەمگە پاتما، چۈشىدۇ تىزلا،

مەڭگۈ ئۆڭمەس يوپيورۇق كۈنلەر.


سۆيدۈم سېنى، دېڭىز كۈننى سۆيگەندەك

روخۋىسكايا(رۇسىيە)


سۆيدۈم سېنى، دېڭىز كۈننى سۆيگەندەك،

قىشنىڭ سۈيى نىلوپەرنى سۆيگەندەك.

سۆيدۈم سىنى، يۇلتۇز ئاينى سۆيگەندەك،

شائىر ئويدا شئېر گۈلىنى سۆيگەندەك.

سۆيدۈم سىنى، پەرۋانە ئوت سۆيگەندەك،

چىدىمىدىم كۆپ ئويلاپ، بەك تالجىقتىم.

بارلىقىمدىن بىر ساڭىلا باغلاندىم،

سۆيدۈم سىنى، قومۇش شامال سۆيگەندەك.

سۆيگۈم ئارتۇق، ھايات، قوياش ھەممىدىن،

سۆيدۈم سىنى، ئەل ئۇيقۇنى سۆيگەندەك.


گىرىمسەن ئويغاندى سۈبھىدە تۇمان

ئا.بىلوك(رۇسىيە)


گىرىمسەن ئويغاندى سۈبھىدە تۇمان،

قوينۇمنى باغاشلاپ يېپىشتى ئاپتاپ.

ئاڭلىنار پەشتاقتىن ئاياق تىۋىشى،

گۈل جانان يا مېنى كەلدىمۇ يوقلاپ؟

قاتمۇ -قات ئىشىكلەر ئېچىلغان ئوچۇق،

روجەكتىن ئاڭلىنار شوخ مەيىن شامال.

ئاڭلانماس دىلئارام سۆيگۈ ناۋاسى،

نە ئۇپمەس يۈرەكنى ئۇ خۇلقى نىھال؟!

تۇماندا چۆرگىلەپ يۈرگەن ناخشىلار،

شامالغا ئەگىشىپ كېلىدۇ ئۇچۇپ.

ئاياقلار تىۋىشى تەڭكەش ناخشىغا،

قىز كىلەر سەھەردە ناخشىغا چۆكۈپ!


مىرال باغچىسىدىكى مۇزىكا

گ. تىراكىل)شىۋىتسىيە)


فونتان ناخشىدا، سۇس ئاپئاق بۇلۇت،

لەيلىگەن زەڭگەر كۆك ئۈستىدە توختاپ.

كەچقۇرۇن، ئادەملەر ئۈنسىز، پەرۋاسىز،

بۇ قەدىم باغچىدا يۈرەر لاغايلاپ.

ئەجداتلار ھەيكىلى قىرىغان ئۆڭۈپ،

پەسىلنىڭ قۇشلىرى كەتكەن يىراقلاپ.

ئورمان ئىلاھى جانسىز كۆزلەردە،

تۇرىدۇ قاپ- قارا زۇلمەتكە قاراپ.

تۆكۈلەر دەرەختىن قىپ-قىزىل غازاڭ،

چايقىلار داۋالغۇپ ئېچىقلىق روجەك.

كۆرۈندى ھوجرىدا يورۇق نۇر ئاستا،

ۋەھىمە تۈزگەندەك ئەندىشىلىك كۆرەك.

ناتونۇش ئاق ئادەم كىردى ھوجرىغا،

ئىت ئۈسسۈپ كىرگەندەك كارىدور بويلاپ.

ئۆۈردى چىراقنى كەلگەنچە ئايال،

مۇزىكا ياڭرىدى تۈندە جاراڭلاپ.


ھېكمەتلىك ئوبرازلار

رىچاد ئالدىڭتون(ئەنگلىيە)


1

بىر قېيىق خۇشپۇراق مېۋىگە ئوخشاش،

ۋىنتسىيە قانىلىدا كېلىدۇ ئېقىپ.

سەن، پەقەت سەن گۈزەل، سەن نازىنىن،

كىردىڭسەن قاغجىراپ شەھرىمگە ئېقىپ.


2

موللاقلاپ تارقىغان قۇشلار توپىدەك،

كۆكۈشرەك تۈتۈنلەر ئۆرلەيدۇ توزغۇپ.

ئۆرلىدى شۇنىڭدەك سۆيگۈم سەن تامان،

ھەر ئەسنا چېچىلىپ، يەنە تۇغۇلۇپ.


3

كەچكى كۈن سۇس قىزغۇچ چاقنار گىرىمسەن،

ئاي سېرىق ئەتىردەك يانار كۆك بويلاپ.

شاخلارغا مىنگەشكەن ئاقۇش تۇماندا،

ئۇچراتتىم سېنى مەن شۇنداق بىر قاراپ.


4

شاماللار يەلپۈگەن يۇمران گۈل- چېچەك،

ھايالسىز سۆيۈندى يامغۇر قۇچاقلاپ.

كۆز ياشتىن بۇلدۇقلار ئاجىز يۈرىكىم،

پەقەت سەن قايىتقىچە يولۇڭغا قاراپ.


سۇ قۇشلىرى

ئەي چىڭ (جۇڭگو)


ئۈزىدۇ بىر جۇپ قۇش سۇ بويلاپ لەيلەپ،

ئاڭلاندى كېمىدىن ئوق ئۈنى ياڭراپ.

ئۈركۈشتە بىر قۇش دەم قاچتى يىراقلاپ،

ئۆزگە قۇش يارىدار چەكمەكتە ئازاپ.

ئۇ كۈچسىز پالاقلاپ تۇرىدۇ سۇدا،

قوزغالدى نەچچە رەت ئۇچۇپ ،قاناتلاپ.

قوزغالدى بەك تەستە ئاستا ھاۋاغا ،

ئۇچتى ئۇ ساھىلدا تاشنىڭ كەينىگە،

ۋە كەتتى ئورماننىڭ ئىچىگە قاراپ....

بۇ چاغ ئۇ قورام تاش ئراچلىرىدا،

تۇرغاندۇ تۇمشۇقتا جاراھەت يالاپ.

تۇرغاندۇ ئەلەملىك مۇڭ تۆكۇپ،يىغلاپ،

قەدىناس يارىنىڭ يولىغا قاراپ.


(مۇھەممەت چاۋار تەرجىمىسى)