ئون شېئىر
ئون شېئىر
ئالېكساندرې (ئىسپانىيە)
ۋىسېنتې ئالېكساندرې مېرلو(1898-1984) ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى. 1928- يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ئىزنا» نەشر قىلىنغان. 1933- يىلى «تارمار ۋە مۇھەببەت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئىسپانىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسى تارقاتقان دۆلەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ مادىرىدتا نېرۇدا بىلەن بىرگە «شېئىر ۋە يېشىل ئات» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، ئىسپانىيە شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يۇرتىغا قايتىپ داۋالانغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي كۈرەشلەرگە قاتنىشالمىغان. 1950- يىلى ئىسپانىيە خان جەمەتى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان.
ئۇنىڭ 1932- يىلى نەشر قىلىنغان «كالپۇكسىمان خەنجەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شېئىرلار ھالقىما رېئالىزملىق ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۈمىدسىزلىكى لىرىك ھالدا ئىپادىلەنگەن. 1944- يىلى نەشر قىلىنغان «گۈزەللىكنىڭ سايىسى»دا سەھرا مەنزىرىلىرى ۋە ئاپتورنىڭ تىنچلىق، غەمكىنلىك ئىچىدىكى تۇيغۇلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ 1954- يىلى «قەلب تارىخى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى رېئاللىققا، تارىخىي تېمىلار ۋە پەلسەپىۋىلىك چوڭقۇرلۇققا يۈزلەنگەن. 1977- يىلى ئۇ «ئەسەرلىرىدە ئىسپانىيە لىرىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بىلەن مودېرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئالەم ۋە ھازىرقى جەئىيەتتىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن»لىكى ئۈچۈن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئالېكساندرېنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدىن پارچىلار
يالغۇزلۇق— ئىجادىي ئويلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. يالغۇزلۇق ۋە ئىجادىي ئويلىنىش مېنى يېڭى تۇيغۇ، ئاجايىپ ئىستەك بىلەن تارتۇقلىدى. مېنى ئىنسانىيەتنىڭ يىراق كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىدى. شۇ چاغلاردىن باشلاپ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «شېئىر— تىل ئالاقىسى» دەپ چۇقان سالىدىغان بولدۇم. شېئىر شائىردىن تىنماي ئىزدىنىشنى كۈتىدۇ. ھەربىر شېئىر— بىر تەلەپ، بىر ئىلتىجا ۋە بىر سوراق. بەزىدە ئۇ سۈكۈتتىن ئۆزگە جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. بىراق ئۇ مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ. ئاي – يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىتابخانلار ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ. شېئىر— مۇقەددەس دىيالوگ، شائىر— سوئال قويىدۇ، كىتابخان ئۇنىڭغا ئۈن-تىنسىز جاۋاب بېرىدۇ.
ھەرقانداق يازغۇچى ئەنئەنە ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. شۆبھىسىزكى، بولۇپمۇ شېئىرىيەت ۋە سەنئەت ئەزەلدىن تارتىپلا ئەنئەنە ئاساسىدا راۋاجىلىنىپ كەلگەن. بۇ خىل ئەنئەنىۋىلىك ئىچىدە ھەربىر يازغۇچى گۈزەللىكنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش جەريانلىرىنىڭ بىرەر باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شائىر زور ئىستېدات بىلەن شېئىرىيەت بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى كېرەك. بىراق، ئۇ سەنئەتكە پايدىسىز شارائىتتا ئۆسۈپ – يېتىلسە، شائىرانە تالانتىنى يېتەرلىك نامايان قىلالمايدۇ. ئەمما، ئىشىنىمەنكى، تالانتى يېتەرسىز شائىر تەلىيىگە يارىشا بىر خىل قايناق، ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان مۇھىتتا ئۆسۈپ – يېتىلسە، ئۇ قالتىس رول ئېلىپ چىقالايدۇ.
قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز
قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى غەمناك،
بولسا گەر ئۇنىڭدەك ئويچان يۇلتۇزلار.
تېخىمۇ قىسقىدۇر ئۆمرى ئېھتىمال،
ئۇ قاچتى، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش،
بەئەينى بالىلىق مەزگىلىدىكى،
خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى تىمسال.[1]
بىر بالا تەلمۈرۈپ ئۆتمەكتە، ئىشەن،
كۆردى قۇيرۇقلۇقلارنى ئۇزۇندىن - ئۇزۇن.
كۆردى ئۇ بىر بالا كۆككە ئۇچۇرغان
لەگلەك قۇيرۇقىنى، تەلمۈرۈپ شۇئان.
بىراق، چوڭ بولغانلار قىلىدۇ گۇمان.
ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنەر ئاسمان،
ھەم قالدۇق نۇرلارمۇ بولغۇسى ئايان.
تەبەسسۇم ئەيلەپلا قويىدۇ خالاس.
قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئىشەنمەس ھامان.
كېيىنچە، ئۇ ئاندىن ئىشىنەر پەقەت،
كۆزىگە كۆرۈنگەن چاغدا شولىلار،
ئاپئاق چاچلىرىدىن زۇلمەتنى بايقار.
ئۇ ئاندىن ئىشىنەر، گۇمانلار يوقار.
ئەمادۇر بەرىبىر ھەممە ئەمالار،
ئۇ ئاندىن ئىشىنەر، ئىزدەنگىنىگە،
كېپەنلەر ئىچىدە تاپقاندا قارار.
بالىلار ۋە چوڭلار ئۆتۈشەر شۇنداق،
چوڭلار گۇمانلىنار. بوۋايلار بىلەر.
پەقەت بالىلارغا تونۇش ئۇ ھامان.
بىر تىرىك قۇيرۇقنىڭ يۈگرەشلىرىگە،
خالايىق تاشلىنىپ يۈرمەكتە نەزەر.
______
[1] خاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى ھەر 76 يىلدا بىر قېتىم كۆرگىلى بولىدۇ.
باردۇر سەندە قاپقارا بىر كۆز
باردۇر سەندە قاپقارا بىر كۆز،
كۆز ئۇ يەردە پىلدىرلاپ چاقناپ.
قاراڭغۇنى بىزگە كۆرسىتەر،
زۇلمەتلىرىڭ چەكسىز نەقەدەر،
گۇمانلىرىم تەمسىز – بىمەززە.
ئۆزۈم تەنھا تەلمۈرمەكتىمەن.
يورۇقلۇقنىڭ تەكتىگە، ئىشەن.
يېگانىسەن، مەۋجۇتسەن چۈنكى.
قارىغۇلارچە ئېتىقاد بىلەن،
ھايات ئىكەن مەۋجۇتلۇق - بارلىق.
كەلمەكتىسەن يېقىنلاپ پىنھان.
كۆزلىرىمدە بولىدۇ ئايان.
تېخىمۇ كۆپ يورۇقلۇق شۇ ئان،
بىھاجەتتۇر قارىماق، ئۇلار—
كۆزلىرىدىن نۇر چاچسا ھەر يان.
نۇر چاچمايدۇ بىلگەچكە ئۇلار،
تونىماقمۇ بىلمەكلىك؟ سېنى—
تونىمايمەن، بىلىمەن بىراق.
مەن بىلمەن: كۆزلىرىڭ ئوچۇق،
نەپەس ئېلىپ تۇرىسەن ھەر ۋاق.
گۇمان، گۇمان...؟
گۇمانخۇرلار بار.
ھەقراست، ھەقراست ئۆلۈملا زىنھار.
خوشلىشش
ۋۇجۇدۇڭ تېخىچە تاتلىق رەۋىشتە،
بەخىت دېڭىزدا باقمىدى ئېقىپ،
ئىشقىڭ— نۇر، سەن ئاڭا بەرمەكچى ئارام،
ۋە ئوتلۇق رېشتىمگە قويماقچى چېتىپ.
جىلغا ۋە مانان. بار شۇ مۇھەببەت....
جىمجىتلىق ئىچىدە ئاقىدۇ بۇلاق.
گۇڭگا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، ئاستا—
نۇ چاچار ئازابلىق سۆيۈشلەر ئۇزاق.
ئېھ، بەخت، قارىماققا ئۇزاقسەن— باقى:
بىراق روھىم ئۈچۈن، يېڭى بىر زامان
تۇيۇقسىز بالقىدى قىرغاقتا شۇئان.
ھىس قىلدىم ھەممىنى: يىراقتىكى نۇر،
ئايرىلىش ياشلىرى، سوغۇق كېچىلەر...
خاپىغان چىرايدىن تاڭلا يوق ئەسەر.
ھاياتىنى ئەسلىگەن شائىر
ياشاش، ئۇخلاش، ئۆلۈش... ئېھتىمال چۈشتۇر.
—«ھامىلىت»تىن
ئۇخلاپ قالدىم. ئەپۇ قىل مېنى،
ئۆلۈش ئەمەس ياشىماق.
كىشلەرگە ئارام بەر، ئارام.
سۆزلەش ئەمەس ياشاشتىن مەنا
كىشلەرگە ئايان سۆزلەرنى.
تىرىكلىك سۆزدىمۇ؟ سۆزلەر يوقىلار.
ئېيىتماققا چىرايلىق، ئۆمرى ئاز بىراق.
سۈزۈك كېچە دەل مانا شۇنداق.
كۈندۈز كەلسە، تاڭ ئاتسا ياكى
تىترەتكەنچە تارقىتار ئۆتمۈش
ئەڭ ئاخىرقى بىر دەستە نۇرنى،
يۈزلىرىڭگە چاچار ئېھتىمال.
تال-تال نۇرلار ئىچىدە كۆز يۇم.
پات ئۇيقۇغا.
كېچىلەر ئۇزاق،
ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق.
جىمجىتلىق
ياش تۆككەنگە نەم بولماس گۈلزار.
ئېھ ناخشىلار، قۇشلار ۋە پەيلەر.
بۇ بىر چۈشسىز لىرىك يېشىل قول.
ئوماققىنا ئويماق ئېغىزلار.
ئاڭلىمىدىم كۈيلەرنى زىنھار.
مەنزىرىلەر قىلار تەبەسسۇم،
لەۋلەر لەۋگە بېرىدۇ سۆيۈم.
كۆلەڭگىلەر ئىچىدە ئورمان
چېچىۋىتىپ سادانى ھەريان،
سۈكۈناتقا چۆمىدۇ شۇئان.
تۇمانلارغا نىگاھلار تاشلاپ
قېتىپ قالغان ئاق كۈمۈش شۇ تاپ،
تەنھا ئاققان لىرىك ئېقىننى،
سۆيمەكتە ئۇ لېۋىنى يېقىپ.
ئەگىز، دىل يا كۈل بولغان جەسەت،
سۆيۈشلەرنىڭ بىشارەتلىرى،
ئاھ، قۇپقۇرۇق بوشلۇق بۇ پەقەت!
قۇم، نۇر ياكى كۆلەڭگە ئۈزرە
تىۋىش بېرىپ ئۆتسە گەر ئاياغ،
ئاڭلىيالماس قۇلقىم بىراق.
ئۆلۈپ كەتكەن بىر قىزغا
ئېيتقىن، ئېيتقىن، ماڭا تۇنجى يۈرەك سىرىڭنى،
ئېيتقىن ماڭا يەر يۇتقان شۇ سىرىڭنى قىزچاق.
بىلمەكچىمەن، نىچۈن ھازىر بولۇپ قالدىڭ سۇ،
بۇژغۇنلاردا يۇيۇنماقتا، ئەي يېڭى قىرغاق،
سېنى كەزگەن قانچىلىغان يالاڭ ئاياق.
ئېيتقىن، نىچۈن چۇۋۇلغان شۇ سۇمبۇل چېچىڭغا،
يېلىنجىغان قۇۋناق قۇياش قونماقتا پەسلەپ؛
ئاڭا قونداق ھەم سۆيۈلگەن خۇش ھىدلىق ئوتلاق،
ئۆتەر سېنى قۇياش شۇدەم سىپاپ-پەپىلەپ،
شامال سىپار گويا بىر قول، بىر قۇشنى شۇنداق.
ئېيتقىن ماڭا، نىچۈن قەلبىڭ كەبى ئورمانچاق
يەردە تۇرۇپ كۈتەر شۇئان بىر قۇشنى ئۇزاق،
قۇش كېلەلمەس ئورمانچاققا ئۇچۇپمۇ بىراق،
كۆز ئالدىڭدىن ئۆتتى كۈيلەر جىمغنىە شۇدەم،
بەخش ئەيلەپ، چۈشلىرىڭگە ئۆزگەرگەن سىياق.
بېغىشلانغىن ئۆلگەن ياكى تىرىك بىر تەنگە،
يەر يۇتقان شۇ پەرىزاتقا بېغىشلاپ كۈيلەر!
تاش رەڭگىنى كۈيلە، سۆيگىن لەۋلىرىمگە ھەم.
كۈيلە-كۈيلە چاققانلاردەك ئۇيقۇغا پاتقان،
ياكى نەپەس ئېلىۋاتقان چاتقاللار سىمان.
بۇ زىلۋا بەل، بۇ مىسكىن بىر ئىچى تار كۆڭلەك،
بۇ جەۋلانباز ئۆرۈمە چاچ، كۆرمىگەن شامال.
بۇ بىر جۈپ كۆز جىمجىتقىنە لۆمۈلدەر شۇئان،
پىل چىشىدەك چىشلاردۇر بۇ مەرۋايىتسىمان،
بۇ ئوتلارنى تەۋرىتەلمەس مەيىن بىر شامال...
بۇلۇتلاردەك تەۋرىنەرسەن شادىمان ئاسمان،
قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۈلمەكتىسەن، بەختىيار ئەي، قۇش،
زىلال بۇلاق ئېقىپ ئۆتەر شىلدىرلاپ شۇئان،
قوشۇلۇپ ئۇ ئاي نۇرىغا سېنى چىرمىغان.
يۇمشاق ئوتنى دەسسەپ ئۆتەر سۆيۈلگەن تاپان.
كۈيلە قۇشلار
- مارىيە تىرېسا پېرىۋېتقا بېغىشلايمەن
ئەي قۇشلار، پاك پەيلىرىڭ سۆيۈشلىرى
پەرىشان خاتىرەمنى سىپىيالماس.
كۆكسۈڭدىن تىترەپ چىققان تىۋىشلاردىن،
ئاياندۇر پاك ھىسلىرىڭ، ئەييۇھەنناس!
مەن ئۈچۈن كۈيلە، كۈيلە، پارقىراق قۇش،
يىلىنجاق ئورمانلارغا چىللاپ شادلىق،
نۇرلارنىڭ كەيپىنىمۇ قوزغىدىڭلار،
سوزۇلۇپ ئاسمانسېرى يالقۇن مىسال.
مەن ئۈچۈن كۈيلە، ھەر كۈن تۇغۇلغان قۇش،
«كۆڭۈللۈك پانى» دىگەي چىللاشلىرىڭ:
بۇلانغان روھىمنى ئال. كۈيلە، كۈيلە،
ئۇچە — ئۇچ،
قايتىپ چۈشمە يەرگە يەنە...
تىز پۈكمەس قەلئە
- ئىسپانىيەتدىكى قەدىمىي قەلئە— نورمانسىيا خارابىسگە بېغىشلايمەن
1
ئۆلگەن قەلئەدە بار تىرىك توزان،
يەر يۈزىنى سۈپۈرمەكتە قەھرىتان.
2
ئېھ، قەلئە سۈكۈتكە غەرق بولغان ئەجەپ!
بۇلۇتقا تاقاشقان ئۆيلەر ئىگىزلەپ.
3
يوقالغان بەھەيۋەت تۈۋرۈكلەر ئارا
ياتماقتا غايىپ، پاك ئاشىق- مەشۇقلار.
4
ئەسكەرلەردىن قىپقالغان پەقەت
قىلىچلارنىڭ جاراڭ – جۇرىڭى،
ئاق كېچىدە بىر كۈي بار ئەبەت.
5
ئەي قىز، تېخى ئۇخلاۋاتامسەن؟
ياق، يۈتمىدى تېخى ھېچنىمە.
ئوي ئويلايسەن پەقەت ۋە پەقەت،
كۆكەرمەكتە كۆزلىرىڭ ئەنە.
6
ئاھ، شۇ مۇتلەق ئېغىر دەرت –ئەلەم.
مەڭگۈلۈك تاغ ئۆزرە كاتتا بىر قەلئە.
7
پاك تاشلار ئوخشىماس تاشقىمۇ گويا.
قارشىلىق كۆرۈسىتىپ، قەد كىرىپ تۇرغان،
مەردانە نۇرمانسىيا!
سوۋغاتلىق بۆسە
بىز شۇنداق جىمغىنە، يەنىلا
لەۋلىرىم لېۋىڭگە جۈپلەشكەن،
تۇرماقتىمەن يار سېنى سۆيۈپ،
ئۆتمەكتىمەن ھاياتنى چىللاپ،
شۇ تەرىقە ئېھتىمال
بەرگىلى بولار ساڭا تەكرار جان.
سىرلىق ھايات دەل شۇ سۆيۈشتە،
بۇ سۆيۈشتە جان بار ئۆلمەس نۇر،
بۇ سۆيۈشتە بىزلەر يوق بىراق،
بۇ سۆيۈشنىڭ كۆلەڭگۈسى بىز ئاخىر،
بىز يوقۇلۇپ كەتسەكمۇ ئەگەر
ئۇ يەنىلا مۇستەقىل بىر تەن،
مەڭگۈ ئۆلمەس سۈرىدۇ دەۋران!
تۇرمۇش مەيداندا
نۇر ئىچرە قېتىلدىم ئادەملەرگە مەن،
نەقەدەر ئۆم ئۇلار، گۈزەل ۋە ھەيۋەت،
ئۇرغۇدى قەلبىمدە ئىشەنچ ۋە غەيرەت،
كىشىلەر توپىدىن قوشۇنغا كىردىم،
بەردى بۇ توپ ماڭا ئىلھام ۋە رىغبەت:
ئادەملەر دېڭىزى خوشاللىقىغا—
جۆر بولۇپ باستىم مەن ئالغا نەچچە رەت.
بىئەپتۇر ساھىلدا قالماقلىق تەنھا،
غېرىبسەن، يىگانە توسمىدەك گويا،
بوشاشماي تاش قاپچۇق ئىچىگە مۆككەن،
تاشلارغا تەققاس قىپ سۈكۈتكە چۆككەن،
ئەۋرىشىم قۇرۇتسەن ھەرىكەتسىز ئۆتكەن.
جىمغىنە ئۆزۈڭنى تاشلا قوينىغا
بەرق ئۇرغان بەختىڭ، غەرق بول غەرق!
ئۇ ئىگىز بىنادا تۇرىدۇ گويا
ۋە لېكىن بىلمەيدۇ ئۇ قانچە قەۋەت،
چۈشەر پەلەمپەيدىن تۇتقۇچنى تۇتۇپ،
ئۇ چۈشەر، ئۆزىنى مەردانە سۈپەت
كىشلەر توپىغا تاشلايدۇ شۇئان.
ئادەملەر ئېقىنى ئۆتمەكتە لەرزان
ۋە لېكىن يۈرىكى بولسىمۇ يارا
بەرىبىر ھەممىسى ئۇنىڭغا ئايان.
ئۇ يەردە كىم بۇنى ئېتىدۇ پەرق؟
يۈرىكى تولغانچە ئۈمىد - ئىشەنچكە.
قەتئىيلىك، ساپ نىيەت، ئاق كۆڭۈللۈككە ھەم
ئىشەنچكە چۇلغاندى ۋۇجۇدى دائىىم،
يەنىلا ئۇ شۇنداق كەمسۆز مۇلايىم.
مەيدان كەڭ— پايانسىز، تۇرىدۇ ئۇندا
خىلمۇخىل جاندارلار ئالغانچە نەپەس.
نەپەسلەر كۈتمەكتە مەشرىقتىن قۇياش،
ۋە كۈچلۇك شامالغا ئورالدى تۇتاش.
بېشىمنى سىلىدى قولىدا شامال،
ئۆتمەكتە ئۇ توپ-توپ ماڭلاينى سىپاپ
ۋە ئىلھام بەرمەكتە ھەممىگە شۇتاپ.
ئادەملەر قىمىرلار ئىرماش ۋە چىرماش
يىغىلار زىچ، گويا بىرلا ئادەمدەك؛
ئېيتقىلى بولماس ئۇ ئاجىزمۇ-قەيسەر؟
ئۇ مەۋجۇت، كۆرۈنەر سەزگۇ كۆزىگە،
ئۇ تۇرار ئۆرۈلۈپ، زېمىنغا- يەرگە.
ئۆزىنى، توپ ئىچرە تۇرغان ھەر ئادەم،
كۆرەلەر،
ياندۇرار
تونۇيالار ھەم.
قايناق چۈش، مۆكتۈڭ سەن بالىخانىغا،
كۆزۈڭدە ھەيرانلىق گۇمانىي سۇئال-
ئېسىلىپ تۇرىدۇ جاۋغايلىرىڭغا،
سايەڭگە قارايسەن ئۆزۈڭنى بەزلەپ،
شۇ گۈزەل سايەڭنى يۈرەرسەن ئىزلەپ.
سايەڭگە كۆز تاشلاپ بەزلىمە زىنھار،
ھەرگىز قايتىلانماس ئۆتۈپ كەتكەنلەر،
توپقا كىر، چۈشۈپ سەن بالىخاندىن،
ئۇ يەردە بار ھەممە، سەنمۇ چۈشسەڭ گەر—
سىڭىپلا كېتەرسەن ئۆزدەكلا شۇ دەم،
توپ ئىچرە تاۋالانغىن يالىڭاچ سىياق،
ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال يېڭى باشتىن ھەم.
يېڭىدىن ئۈگەنسەڭ سۇ ئۈزۈشنى گەر،
تەمتىرەپ قالارسەن، قىينار تەشۋىشلەر،
بىراق ئۈمىدلىنىپ باراسەن سۇغا،
پۇتۇڭنى تىقارسەن دولقۇنلىرىغا،
سېزەرسەن سۇ بىردىن ئۆرلەپ كەتكەندەك،
بىراق، غەيرىتىڭمۇ ئاشىدۇ بىردەك،
ئاخىر قەتئىيەت بولىدۇ پەيدا.
بەلگىمۇ چىقمايدۇ سۇ تېخى ھازىر،
مۇستەھكەم ئەمەستۇر ئىشەنچمۇ تېخى،
ياي بىر جۈپ قولۇڭنى، كىرىپ كەت سۇغا،
كۆرسىتىپ قەيسەر ۋە باتۇرلۇقۇڭنى،
دولقۇنلار چالغىتىپ ئالغا قاراپ ئۈز،
ئىشەنج ۋە شادلىققا بولۇپ ھەمنەپەس،
سۇلارغا شۇڭغۇپ كىر غەرق بول چۆكۈپ،
دولقۇنغا قوشۇلسۇن يۈرەك سوقۇشۇڭ،
ھىس قىلىپ ھەسسىلەپ ياشارغىنىڭنى،
كۈيلە ئۈز، كۈيلە ئۈز، ئۈزۈپ كەت كۈيلەپ.
شۇنداق قىل، يالىڭاچ بىر جۈپ پۇتۇڭنى
تىق قايناق تۇرمۇشقا، تاشلا مەيدانغا.
ئۇندا چوڭ قەدەملەر چىللايدۇ سېنى
شىددەتلىك ئېقىنغا قەدەمداش بول دەپ.
زەخىمناك ۋە كىچىك يۈرىكىڭ سېنىڭ
ۋە ئۇنىڭ سوقۇشى چىقارغان رېتىم
ئۈمىدتە يۈگۈرسۇن تاپماستىن تىنىم.
كىشىلەر توپىدا بىرلىكتە سوققان
غايەت زور يۈرەككە ئەگەشسۇن يۈگرەپ!
(باتۇر روزى تەرجىمىسى)