Jump to content

ئويغان

ئورنى Wikipedia

ئويغان

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كىتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،

ئاھ، سىنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دىدىم، بىشىڭ كۆتۈر! ئۇيقۇڭنى ئاچ!

رەقىبىڭ باشىنى كەس،قانىنى چاچ !

كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھىلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تىنىڭ،

شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غىمىڭ؟

قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پىتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يوغان ئىچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،

سەپدىشىم، قىرىندىشىم، بىرتۇغقىنىم.

كۆيۈنۈپ ھالىڭغا، ئويغاتسام سىنى،

ئاڭلىمايسەن زادى، نىمە بولغىنىڭ؟

كىلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

تەكتىگە گەپنىڭ شۇچاغدا يىتىسەن.

«خەپ» دىسەڭ ئۇچاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،

شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بىرىسەن.

1920-يىلى

مەنبە: شائېرنىڭ «ئاچىل»ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئىلىندى.