ئويغىنايلى ئويلىنايلى

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

دۇنيا ئىقتىساد، بايلىق تالان تارىجى بىزدەك بىچارە مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ قېنى، جېنى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن داستىخان ئۈستىدە.

سىياسەتنى كۈچلۈكلەر ئوينايدۇ، ئاجىزلار سىياسەت تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ، بۇ سىياسەتنى ئويناشتىكى ئەڭ تۈپ مەقسەت بايلىق جېڭى، بايلىق بۆلۈشۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. گىياھ ئۈنمەيدىغان، ھېچنەرسىسى يوق قاقاس يەرلەرگە ھېچكىمنىڭ كۆزى چۈشمىگىنىدەك، مۇنبەت يەرلەرنى ھەممە كىشى تالىشىپ مۇشتلاشقىنىدەك بىر ئىش، ئەجداتلىرىمىزنىڭ نادانلىقى، ئۆز ۋەتىنىنى ئۆزى قوغدىيالماي باشقىلارنىڭ قولىغا قويغىنى، بىزنىڭ ھەر يەر ھەر يەردە سەرسان سەرگەردان بولىشىمىزغا سەۋەب بولدى، مەنپەئەت ئۈچۈن بىزنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىزگە دۇنيا جىم تۇرماقتا، بىز ئاللا كىملەردىن ئۈمىد كۈتۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق. تارىختا بىزنى ساتقان چوڭ دۈشمىنىمىز رۇسلار، بىزنى تالان – تاراج قىلىپ بۇلىغان ھەم بۇلاۋاتقان خىتتايلار ئوتتۇرىسىدا بىچارە ھالدا ياردەمسىز بويان قىسماقتىمىز. ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ياردەمچىمىز يوق. كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئاللاھقا سېغىنىپ ئۆتمەكتىمىز. ۋەتىنىمىزدىن چىقىۋاتقان شۇ بايلىقلار بىزنى بۈگۈنكى ھالغا كۆتۈردى. ئۆز بايلىقىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغاچ بايلىقلار بىزگە ئىگە بولدى. يا رەببىم بىزگە ياردەم قىل، بىزنى ئۆزەڭ قۇتقاز، بىزنى ئۆزەڭ قوغدا. ئېھ خەلقىم، كۈچلۈكلەر مەنپەئەت ئۈستىگە سالغان ئۇ داستىخاندا بىزنىڭ نېسىۋىمىز يوق. بىز بىر تەخسە قورۇما خالاس. كۈچلىنىش ئۈچۈن بىرلىشىش، بىرلىشىش ئۈچۈن دۈشمەننى ئېنىق تونۇش، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئەقىل بولۇشى كىرەك. ھەممىمىز ئىلىم بىلەن قۇراللانغاندا، دۈشمەننىڭ ھىيلىسىنى دەرھال سېزەلىگۈدەك ۋە تاقابىل تۇرالىغىدەك ھۇشيارلىق بولغاندا، مەۋجۈتلىقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. نادانلىقتىن خوشلىشىدىغان، ئۆزىمىزنى ئىلىم بىلەن كۈچلەندۈرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. يەنە ئۇخلىمايلى. يەنە نادانلىقنىڭ چاڭگىلىدا ئەسنىمەيلى. ئەۋلادلىرىمىز نادان قالمىسۇن، ئىمانسىز قالمىسۇن،بىلىمسىز قالمىسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئەمەللىرىمىزدىن سورىلىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنى قايسى ھالەتتە قويغىنىمىزدىن سورىلىمىز. كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن سانىمىز جىق بولۇش كېرەك ئەمەس. بەش ئالتە مىليون يەھۇدىي دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى قانلىق ئۇرۇش، قىرىلىش پاتقىقىغا شۇ يەھۇدىلار چۈشۈردى. ئۇلاردا پەن  تېخنىكا بولسا، بىزدە پۈتۈن كائىناتنىڭ سىرلىرى مۇجەسسەملەنگەن قۇرئان كەرىم بار. بارلىق پەنلەرنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن مۇقەددەس كىتاب قۇرئاننى تۇتۇپ يېتىپ، مايمۇندىن ئۆزگەرگەنتۇق دەيدىغان ئىككى پۇتلۇق مەخلۇققا يېڭىلگىنىمىز ئەسلىدىنلا بىر نۇمۇس ئىش ئىدى. ئويغىنايلى !!

بىزدىن تەتقىقاتچى، ئالىم، پەيلاسوپلار كۆپلەپ چىققاندا، قارىلىقتا توختاپ قالىدىغان ئەمەس، قۇرئاننى ھەقىقى تەتقىق قىلىپ، بارلىق پەنلەردىن يىتۈك ئالىملىرىمىز چىققاندا، ئەۋلادلىرىمىز بۇ خورلۇقتىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلغۇسى.

2017 – يىل 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى  .ئىستانبۇل


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى