Jump to content

ئويغىنىش سەپىرىدە ئېشىشقا تېگىشلىك داۋانلار

ئورنى Wikipedia

ئويغىنىش سەپىرىدە ئېشىشقا تېگىشلىك داۋانلار

تېزىنى باسسا مېزى، مېزىنى باسسا تېزى دېگەندەك، سىياسىي ئاقارتىشقا دىققەت كۈچەيگەن بۇ پەسىل ۋە مەزگىللەردە، ئىلمىي ۋە پىكرىي ساھەلەرنى بۇلغاشتىن باشقا قىلغىلى ئىش قالمىغاندەك ئورتالىقنىڭ ساغلام پىكرىي ۋە ئىلمىي ئاتموسفېراسىنى بۇلغاشتىن ھېيىقمايۋاتقان  نائەھلىچە ئۆز - ئۆزىنى سازايە قىلىشلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ. بولۇۋاتقان ئىشلارغا سىنچىلاپ قارالسا، خېلى ساغلام ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دېيىلىپ كەلگەنلەرمۇ، مىللەتنىڭ ئاۋازى بولۇشتا مېھنەت قىلىۋاتىدۇ دېيىلىپ تۆرگە ئۆتكۈزۈپ قويۇلغانلارمۇ كۈنسېرى پىستان چېقىشنى ماھارەت ساناشتىن، نادانلىقىنى تادانلىقىغا ئامانەت قويۇپ ئەزۋەيلەشتىن نومۇس قىلمايۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا ئەقلىي بايلىقى، ئىلمىي قوشۇنى پۇچەكلەشكەن بىر توپلۇمنىڭ سىياسىي پۈتۈنلۈكىدىن، ئىدېئولوگىيەلىك بىرلىكتىن، ئىمانىي ۋەھدەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايتتى. مۇتەپەككۇرلاردىن بىرى ئېيتقىنىدەك: «كۈلتۈر - مەدەنىيەت مۇستەقىللىقىنى، مەپكۇرەۋى ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بىر توپلۇمنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقتىن گەپ ئېچىشى بەئەينى كومېدىيەدىن باشقا ئىش ئەمەس».

دەرۋەقە، سىياسىي بىرلىكنىڭ ئۇل ئاساسى ئۇنى بەرپا قىلغۇچى ئىلىم - مەرىپەت ۋە نەشرى ئەپكار خىزمەتلىرىنىڭ ساپ دىللىق خادىملىرىسىز ۋۇجۇتقا كەلمەيدۇ، يەنى قەلەم قوشۇنىنىڭ سېپى رۇسلانماي تۇرۇپ ئەلەم سېپىنىڭ جەڭگىۋارلىرىنىڭ سەپراسقا تەييار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن باشقا ئويغىنىش تەجرىبىلىرىگە ئوخشاش ئاستىدىن ئۈستىگە قۇرۇلۇش، يىلتىزدىن كۆككە قاراپ ئۆسۈش، يادرولۇق ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە چۈشمەيدىغان تەرزدە بولغانلىقى، تەرتىپلىك ۋە پىلانلىق بولماستىن بىردىن ئارتۇققا تەڭ ئېسىلىشقا ياتىدىغان ۋە ھەرقاچان دومىلاپ چۈشۈش خەتىرى يۈز بېرىپلا تۇرىدىغان تەرزدە بولغانلىقى، مەشرۇئلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئاساستا بولماستىن قاچاق ئۇسۇلدا مەنزىلگە يېتىش تەرزىدە بولغانلىقى كۈتۈلگەن ئۈنۈمگە يېقىنلىشىش تۈگۈل تېخىمۇ چېكىنشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. نۆۋەتتىكىدەك ئاقارتىشقا ياتىدىغان ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە ئەمەس، ئۈستىدىن ئاستىغا ساڭگىلاش شەكلىنى ئېلىۋاتقانلىقىمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى پاجىئەلىك بوھرانلارنىڭ شەپىسىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ تۇرۇپتۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا زالالەت ئىستېلاسىغا قارشى ئاقارتىش ھەرىكىتى باشلىنىپ 21 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئانا يۇرتىنى فەتھى قىلىپ قولغا ئېلىشتەك تارىخىي ھەمدە چوڭ سىياسىي بۇرۇلۇش ياراتقان پەيغەمبەر تۇنجى بولۇپ ئەمەلىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى تاغنىڭ بۇ قېتى ئەتراپىغا توپلانغان خەلقنى، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىن تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان دۈشمەندىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن، كەلگۈسىنى قۇرۇش ۋە مۇستەقىل سىياسىي پۈتۈنلۈكنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جاھىلىيەت كاتېگورىيەسىگە ياتىدىغان ھەر تۈرلۈك ئاسارەتنىڭ پۈتكۈل قالدۇقلىرىدىن ئېرىغدىلىپ يېڭىدىن ئويغىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن باشلاشتەك ئەقەللىي خىزمەتمۇ نە قەلەمگە ئېلىنغىنى، نە قەدەم بولۇپ بېسىلغىنى يوق. بارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى يىرتىپ ياماشقا ياتىدىغان، بۇلغاشقا ۋە زالالەتكە پەرۋانە كەبى ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشقا ھېرىسمەنلىكنى ئىپادىلەيدىغان بىمەنە ئىشلارنىڭ «خىزمەت» سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇ ئاز كەلگەندەك توپلىشىپ تۇرۇپ قوڭدىن يۆلەشكە ياتىدىغان بىمەززە ئالقىشۋازلىقنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرماي تۇرالمايدۇ. ئاستىدىن ئۈستىگە قۇرۇلۇپ مۇستەھكەم بىنادەك بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاش تەلەپ قىلىنغان مۇئمىنلىك روھ يوقۇلۇپ تاغ ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ ساڭگىلاۋاتقان، قىيا تاشلارنىڭ پىچاقتىن ئۆتكۈر دوقىلىرىغا ئىلنىشىپ ياكى ئۈسۈپ سېلىشى ھەرقاچان مۇمكىن بولغان، ھەرۋاقىت ئۈزۈلۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان، ئەمما ئىشنىڭ خەتەرلىك تەرىپىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەستىن بۇنى بىر ھۇزۇر ۋە ئىستەكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدەك كۆرۈپ ھاياجاندا قان - قېنىغا سىغمايۋاتقان بىر ھالەت ئەكس ئېتىپ تۇرۇپتۇ. تارىخنىڭ قايسى ئازگىلى بولسۇن ئۆزىنى ئۆزى كۆمۈشكىلا ئالدىراۋاتقان مىسالى قىلىنىۋاتقان بۇ خىل قاششاقلىق، بولۇپمۇ ئىدىيە قۇرۇلۇشىدىكى بۇ قەدەر ئەبجەقلەرچە چېكىنىشنىڭ، ئىلمىيلىكتىن بۇ قەدەر يىراقلىشىش، كىرىزىس كۈچەيگەنچە تاۋلانماقتا يوق گاللىشىش، ياتلىشىشلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەلپازىدىن قارىغاندىمۇ ئۇشبۇ ئېچىنارلىق ھالەتنىڭ تەقدىرى ئېسىلىپ قالغان ئارغامچىلىرى قەيەرگە ئۇچۇرتۇپ، قايسى تاغقا ئۈستۈرسە شۇنىڭغا ئۈسۈپ توختاشقا مەجبۇر قېلىشتەك تۇتقۇنلۇقنى، ئۈستىگىمۇ، ئاستىغىمۇ چۈشۈشكە نائىلاج ئورتادا ساڭگىلاپ قالغان بىر ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. سىياسىي داشقاللىق ئاز كەلگەندەك، ئىلمىي داشقاللىقمۇ يېرىم يالىڭاچ مۈدۈرۈپ چۈشسىمۇ ئۆزىنى قېقىپ تۈزەشتۈرگىدەك لىباسى بولمىغانلىقتىن كىيىمسىز بىر يەرلىرىنى سىلاپ ھىجايغىنىچە كەلگەن يېرىدىن ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدىغان مودېل سەتەڭلەردەك نايناقشىش، يۈزى قېلىنلىق تىپىدىكى بولمىغۇر قىلىقلارنى ئاتالمىش «كاتتا ئىلىمىي خىزمەت»، «پىكىرىي ئەركىنلىك»، «ھۆر ئىرادىلىكلىك» ئاتلىق ۋىۋىسكىلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىشتىن تەپ تارتمايدىغان ھالەتنى، ئەكسىچە سەۋىيەسىزلىكىنى، قارا قورساقلىقىنى شۇنچە چاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، گويا قاقباش گەپدانلىقىغا تايىنىپ ھەممىگە تېتىيالايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» شەكلىدە جاھالەتنىڭ داپشاق يۈزىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ  مەمەدان نادانلار كۇلۇبىنىڭ كاندىداتلىرى بولۇشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان چۈپرەندىلەر ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىپ تۇرۇپتۇ.

ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ۋە پىكرىي ئاينىشنىڭ، ئىلمىي پۇچەكلىشىشنىڭ تۈپكى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئىلىم - ئېرفاندىكى چېكىنىش، تېيىزلىشىش، ساپاسىزلىشىش، ھەتتا بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئۆتەش تۈسىنى ئېلىۋاتقان بۇ ھالەتلەرگە، تەرەپ - تەرەپتىن ئەسلى - ۋەسلىنى سازايى قىلىۋاتقان پاسىق سۆڭەكسىمانلىشىشلارغا مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈيۈك مۇتەپەككۇرىمىز مۇسا جارۇللاھ بېگىيىفنىڭ تەبىرى بويىچە «زامانىدا ھەل قىلىشقا سەل قارالغان كىچىك ئىشلارنىڭ كۈنىمىزدە قار توپى كەبى بېشىمىزغا بالا بولۇشى»، دېمەكتىن باشقا مۇناسىپ ئىزاھات تېپىشمۇ مۇشكۇل.

خوش، مانا بۇ ۋەجىدىن سەھىپىمىز يەنە بىر قەدەم چەمبىرەكنى كېڭەيتكەن ھالدا، سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى ئاقارتىشقا ياتىدىغان تەنقىدىي پىكىر - مۇلاھىزىلەردىن تاشقىرى بىر تۈركۈم ئىدىيەۋى ئاينىشلارغا، ئىلمىي ھايانكەشلىكلەرگە، خىيانەتلىك ساپاسىز تۇتۇملارغا قارىتامۇ دىققەت قارىتىشقا، سالاھىيەتلىك ۋاقتى توشۇشى بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن سۇ يۈزىگە ئۆرلەپ چىقىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىۋاتقان سەراپقا ئوخشاش ئېقىن ھالىتىدىكى غەلدىغەشلىكلەرگە دىققەت تارتىشنى، چىقىۋاتقان چاتاقلارنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشنى، خاتا دىياگنوزدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ۋە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ توغرا دىياگنوزىنىڭ قويۇلۇشىغا دىققەت تارتىدىغان، شۇنىڭغا ياردىمى بولىدىغان ئوبزور، تەنقىدلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىپ كۆرمەكتە. شۇنداقلا بۇنى سەھىپىمىزنىڭ ئۇنىۋېرساللىق سۈپىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى قەدەم باسقۇچ ھەمدە تەلەپ - تەقەززا سۈپىتىدە قارىماقتا.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردىكى دىنىي، سىياسىي، پىكرىي ۋە ئەدەبىي ھەمدە ئىجتىمائىي ساھەلەرنى قاپسىغان رەڭدارلىقلارغا دىققەت ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، بۇنى قايسىدۇر ئاۋارىگەر بايقۇشلارنىڭ ئاتالمىش «ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى بىرنەرسە دەپ بېقىش» سەپسەتەسىنىڭ ئەكسىچە ئىلىمنىڭ يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتى دەپ چۈشىنىشىنى، سەھىپىمىزنىڭ شوئار تاختىسىغا ئېسىلغان «ئويغىنىش» غايىسىگە ئۇيغۇن ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر بالداق ئەۋجىگە چىقىشى دەپ تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىلىش لازىمكى، ئويغىنىش پەقەتلا يۇمۇلغان ئىككى كۆزنىڭ ئېچىلىشىدىنلا ئىبارەت ئاددىيلا يۇمۇپ - ئېچىش ھەرىكىتى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ خىيال تەسەۋۋۇرنى ئۆز كونتروللىقىغا ئالغان جىمى ياخشى - يامان چۈشلەرنىڭ سالغان تىزگىن - تاقاقلىرىنى چېقىپ تاشلاپ رېئال دۇنياغا قايتىپ كېلىشىنى، زېھىن ۋە ئاڭنىڭ تۈرلۈك سۈنئىي ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ تەسىرىدىن پاكىزلىنىپ تەڭرى ياراتقان فىترەت بىلەن تەڭ بىزگە ئاتا قىلىنغان سۈزۈك ۋە ساپ ئىدراكنى، سەگەكلىكنى قايتۇرۇپ كېلىشنى، پۇت - قولنى چۈشەكەپ تۇرۇپ كۆرىدىغان «چۈش»لەرنىڭ ئالدار كوسىلىرىغا مەھلىيالىقتىن بوشىنىپ ھەقىقىي مەنىدىكى ھۆر ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، رېئاللىق دۇنياسىدا ئىختىيارىچە پەرۋاز قىلىدىغان قۇش مىسالى ئەركىنلىكنى، ئۆزلۈكنى ۋە ساپ كىملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. قىسقىسى، ئويغىنىش ھەقىقىي مەنىدىكى ئويغاقلىقنى، ئايدىڭلىنىشنى، ساماۋى نۇرنىڭ ئىللىق تەپتىدىن روھىي ئوزۇق ۋە ئېنېرگىيە ئېلىشنى، ماددىيلىقنىڭ مەھبۇسىغا ئايلىنىشتىن قۇتۇلۇپ مەنىۋىياتنىڭ كامالەت مەرتىۋىسى تامان ئىلگىرىلەشنى مەزمۇن قىلغان «ئىنسانى كامىل»لىققا يېتىش ھەرىكىتىدۇر. ئاللاھ بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلارنى خەيرلىككە ۋەسىلە قىلىپ بەرسۇن، ھەق يولدىن شاشماسلىقنى، توغرىنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ ئىزىدىن يۈرۈشنى ھەمىشە مۇۋەپپەق قىلىپ بەرسۇن!

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-03-10

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى