Jump to content

ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە

ئورنى Wikipedia

ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە

مويسىپىتلار گەرچە پاراسەت ۋە تەجرىبە ئىگىلىرى بولسىمۇ، كۈچ ۋە ئىش ياشلارنىڭ بىلىكىدە، دېگەن ئىدى ئىسلام مەھمۇدى رىزا قازى ھەزرەتلىرى. ئۇ زات ياشلارنىڭ نەقەدەر يۈكسەك مەرتىۋە ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

مەيلى مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن، ياكى تارىخنىڭ ھۆكمى نۇقتىسىدىن قارىمايلى، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىرى ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدىغىنى ئالدى بىلەن ياشلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغاندۇر. ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىنقىلابلىرى ۋە قانلىق مۇجادىلىلىرىدە ئالدىنقى سەپنى ئىشغال قىلغانلار ياشلار بولماقتا. جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىمۇ دائىم ئاكتىپ بولماقتا ۋە جۈرئەت كۆرسەتمەكتە. ياشلارنىڭ بۇنداق بىر مۇھىم خادىملار ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئۇلارنىڭ بار كۈچىدىن پايدىلىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى، بەخت - سائادىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ھەرقانداق مائارىپ ئېچىشتىن، پىداكارلىق قىلىشتىن توختاپ قالمىغان ۋە ياشلارنى ئىزچىل قوغداپ كەلگەن.

بۈگۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى مىڭلىغان ئىلىم يۇرتلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ياشلارنى قوغداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مۇئەسسەسەلەر ھېسابلىنىدۇ. ھەممىسى ياشلارنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق ياشلارنى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولماقتا.

يۇرتىمىزدىمۇ ياشلارنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋ مەسئۇلىيەتلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. مائارىپ ساھەلىرىدىن باشقا ئىجتىمائىي ئورۇنلاردا، سىياسىي مۇئەسسەسەلەردە، تۈرلۈك ئىش ئورگانلىرىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ياشلار كۆزگە چېلىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ جەمئىيەت ۋە سىياسەتنىڭ بارچە ئېغىرچىلىقلىرىغا، مۇھىتنىڭ سىقىنتىلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرالمايمىز.

كۈندۈزلىرىنى ئۈستەل ئالدىدا، ئىش تۆپىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ قاۋاقخانىلاردا، شارابخانىلاردا ئولتۇرۇپ كېچىلىرىنى تاڭغا ئۇلاۋاتقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. كۆپلىگەن ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل بۇزۇق يوللارغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىغا ئېچىنىۋاتىدۇ. جەمئىيەتتە بۇ دەرىجىدە بىپەرۋالارچە تاشلاپ قويۇلغانلىقىغا، يەنە بەزىلىرى بولسا، ئىشسىز قالغانلىقىغا زارلىنىدۇ.

سىياسەتنىڭ رەھىمسىز دولقۇنلىرىدا قېقىندى - سوقۇندى بولۇۋاتقان بۇ ياشلىرىمىزنىڭ چار - ناچار ئۈمىدسىزلىككە، زارلىنىشقا، شارابخۇمارلىققا بېرىلىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىماقتىمىز. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سۈرۈشتۈرگەن ۋاقىتتا، كىمنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتا خېلىلا جاپا تارتىپ قېلىۋاتىمىز.

ئەگەر بىز ياشلارنىڭ كۆڭلىنى يورۇق قىلىدىغان بىرەر ۋاسىتىنىڭ يوقلىقىنى، ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىدىغان بىرەر جەزبىنىڭمۇ ئويلىشىلمايۋاتقانلىقىنى دىققەتكە ئالساق، شۇنداقلا يۇرتنىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرەۋەر ئۇنسۇرى بولغان ياشلارنىڭ ھاقارەت، تەھدىت ۋە چۆچۈتىشلەردىن قۇتۇلۇپ بولالمايۋاتقان بىر ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا ياشلار ئۆز زارلىنىشلىرىدا ھەقلىق بولۇپ چىقىدۇ.

ناۋادا بىز مىللىي ئويغىنىش دەۋرى بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن مىللىي ۋەزىپىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى، كۆپلۈكىنى يادىمىزغا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى كۈندىكى خېلى - خېلى قىيىنچىلىقلارغىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، غايىمىزگە يېتىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا ياشلىرىمىز بۇ ئىددىئالىرىدا يېڭىلىشكەن بولىدۇ.

نېمىلا بولمىسۇن، ياشلىرىمىزنى ھەرقانداق ئامال - چارىنى ئىشقا سېلىپمۇ بولسا، ئۇلارنى تۈرلۈك بۇزۇق يوللاردىن سەسكەندۈرۈشنىڭ، خىزمەتكە، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىشنىڭ بىرەر چارىسىنى تېپىش نۆۋەتتىكى ئالدىنقى مەسىلىلەر قاتارىدا كۆز ئالدىمىزغا تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ.

بىزدە ياشلارنىڭ ھۆرلۈكىنى، مەنپەئەتىنى، مەۋجۇتلۇقىنى قوغدىغۇدەك بىرەر تەدبىر بولغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈچىدىن خالىغانچە پايدىلىنالايمىز. شۇندىلا تەۋرىمەس تايانچ ۋە كۈچلۈك ھامىي بولغان شەرقىي تۈركىستان ياشلىقى پۈتكۈل ماددىي ۋە مەنىۋى مەۋجۇتلۇقى بىلەن يۇرت ئۈچۈن پىداكار ۋە رىزاكارلاردىن بولغۇسى.

ئاپتورى: ئ‍ . چ. (ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان)

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 215 - سان، 1948 - يىل، 3 - نويابىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد