ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە
ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە
قوڭنى يۈزىگە چاپلاپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان مۇستەملىكىچىلەر ھەر ۋاقىتتىكىدەك ساختىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قېلىشمۇ بىر ھۈنەر. ياۋۇزلۇقنى ۋايىغا يەتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئىشى ھەم بۇ. ئەمما ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىشىچۇ، ئۇنىڭمۇ ئۆز ئىشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قېلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قارشى تۇرۇشقا، ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىياسەت ئويناشقا ۋەزىپىلەنگەن ئەمەسمۇ؟ سەھىھ ھەدىسلەردە رەسۇل ئەكرەم ئەلەيھىسسالام دېمىدىمۇ: «ئاراڭلاردا ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىلار ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر». ئەلۋەتتە بۇ سۆيۈلىدىغان ئىشنىڭ ئىچىدە زۇلۇم يوق، نامەردلىك يوق، قوڭيۈزلۈك يوق. ئىھسان بار، ئىمان بار، ئەخلاق بار، توغرىلىق بار، ئادالەت بار، شىجائەت بار، كۈرەش بار، پىداكارلىق بار، جىھاد بار، قىسقىسى مۇسۇلمانلىق بار.
تاجاۋۇزچىلار تانغانچە قوڭيۈزلۈك سىياسىتىنىڭ ئەپت - بەشىرەسى ئېچىلىپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ قوڭيۈزلۈك سىياسەت ئەندىزىسىدە ھېلىھەم ئۆزىنىڭ بىلگىنىدىن قالمايۋاتىدۇ. ئاددىيسى «مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى» ئاتالغۇسىنىڭ تەلەپ تەقەززاسىنىڭ ۋايىغا يېتىپ قېلىشىدىن ئەندىككەن مۇستەملىكىچى قانخورلار پەيغەمبەرنىڭ نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۈچ قېتىم ئۇرغۇلاش مېتودىنى «مادىئىن چاينا» ئىسكەتىدە بازارغا سېلىپ قوڭيۈزلۈكنى ۋايىغا يەتكۈزمەكچى بولدى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىدۇق» خۇپسەنلىكىنى ئۈچ قاتار تەكرارلاپ بايانات بېرىشتى. دۇنياغا بولسا قوڭيۈزلۈك سىياسەتنى ئويناۋاتقانلىقىنى، خەلقئاراغا «سەنلەر بىزنى پاش قىلىپ سازايى قىلساڭمۇ بىز مۇشۇنداق پاكىت ئالدىدىمۇ قوڭىمىزنى يۈزىمىزگە چاپلاپ ئۆزىمىز بىلگەننى قىلىۋېرىمىز»، ئۇچۇرىنى بېرىشكە ئۇرۇندى. مۇشۇنداق كۈنلەردە دۇنيا سەھنىسىدە كۈنتەرتىپ تىزىملىكىدىن يۇيۇلۇش قەستىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نۆۋەتتىكى نوپۇزلۇق سىياسەتچىلەرنىڭ تىلىدا «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار»نىڭ ھەق – ھوقۇق مەسىلىسى، «ئۇيغۇر مەسىلىسى»، «شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» قاتارلىق تېمىلارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. مەسىلە يەنىلا ئاتالمىش جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھىمايە قىلىنىدىغانلىق پوزىتسىيەسىدە، ھەق - ھوقۇقتا دىققەت قىلىپ بېرىشى ئۈمىد قىلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىسىز توختىمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەس بولۇۋېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئىنكاسى. ئاچارچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ھالى. ئۇنداقتا بىزنىڭ سىياسەتمەنلىرىمىزنىڭ، يەنى مۇستەقىللىق پىرىنسىپى بارلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان سىياسەتمەنلەرنىڭ ئىپادىسىچۇ؟
دۇنيا ئەھلى قامال ئاستىدا قالغان بىر جۇغراپىيەنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا موھتاج خەلقىنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشقا مايىللىق كۆرسىتىۋاتقان ۋاقىتتا، خەلق بولسا ئۆلۈمگە قىستىلىۋاتقاندا، ئوزۇق - تۈلۈكسىز ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قەھرىتان سوغۇققا ھېچبىر تەييارلىق قىلغىلى قويماستىن ئاچ قېلىپ ئۆلۈشكە ھەيدىلىپ مېڭىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆي ھەپسىگە مەجبۇرى مەھكۇم قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە شۇ خەلقنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن يولغا چىققان تەشكىلات ياكى توپلارنىڭ مەۋقەسى مەزمۇت بولۇشى كېرەككى، ياغلىما سۆز بىلەن خەلقنى ئۇخلىتىشقا تۇتۇنماسلىقى، يارامسىزلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى لازىم. قارايدىغان بولساق، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ياۋۇزلارچە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزلۇم خەلق جېنىدا ئۆلۈمىنى كۆزگە ئېلىپ تۇرۇپ «بۇنداق قىينىغۇچە ئېتىۋەت»، «خەلقىم ئويغان»، «بىزگە ئىگە بولىدىغانلار بارمۇ»، «مۇشۇمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولدىمۇ» دېگەن بىر قاتار كۈچلۈك ھەمدە گاھ تەسىرچان، گاھ ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن تەنقىد ئۇسۇللىرى بىلەن دەردىنى ئاڭلىتىپ، ھەتتا قەھرى - غەزىپى بىلەن قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرالىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا، يەنە كېلىپ ئۆلۈم - يېتىم كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە مۇستەملىكىچى قانخور چىقىپ پەيغەمبەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلەش مېتودىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق»، دەپ ئۈچ قاتار تەكرارلىسا، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق رەئىسلەر مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مەسىلىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى» سۈپىتىدە تىلغا ئالسا، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپ «مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركى»نىڭ «ھەق - ھوقۇق» مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراپ تىلغا ئالسا ھەرنېمە بولسا بىزنى تىلغا ئېلىپتۇ، دەپ كۆڭۈل خوش ئېتىش، خۇددى شۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت مېدىيالىرىدىن پەرقسىز ھالدا بەس - بەستە سەھىپىلەرگە چىقىرىپ ئالقىشلاش قەيەرچە مەنتىقە؟
باشقا جۇغراپىيەنىڭ سىياسىي لىدىرلىرىنىڭ بۇنداق ئىپادە بىلدۈرۈشىنى ئۆز مەملىكىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ سۆزلىشى، دەپ چۈشىنىپ تۇرساقمۇ (گەرچە بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە تۈپتىن نارازى بولۇشىمىز كېرەك بولغان تىلغا ئىلىشتۇر)، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ تۇزىنى يەپ چوڭ بولغان، بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلەپ، ئۆرپىمىزدە يېتىلىپ، دىنىمىز ۋە تارىخىمىزنى تەڭ ياشاپ چوڭ بولغان سىياسەتمەنلىرىمىزنىڭكىنى نېمە دەپ چۈشىنىش مۇمكىن؟ بۇلار كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تىلغا ئېلىشلارنى خۇشامەتچى تۈسىدە ئالقىشلاۋاتىدۇ، خۇددى قانداقتۇر بىرەر سىياسىي ئانسامبىلنىڭ نايناقشىشىشى تۈرتكىسىدە دېيىلگەن ئوچۇقلىمىسىدەك لىدىرلارنىڭ سۆزىنىڭ باش قىسمىنى كېسىۋېتىپ تۇرۇپ گويا نورمال خەۋەر سىياقىدا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىشىدۇ؟ تاجاۋۇزچى كۈچ ئۆزىنىڭ رەزىللىكلىرىنى قوڭيۈزلۈك سىياسەت بىلەن ئاقلاۋاتسا، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلار مەسىلىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا دىققەت قىلىۋاتقان، سەزگۈر قاراۋاتقان تۈستە مۇئامىلە قىلىۋاتسا، بۇنىڭ سىياسىي ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئىرادىسىگە قانچىلىك ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى دەڭسەپ تۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈش ئەجەبا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسەت «چى»لىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمۇ؟ سىياسىي سەزگۈرلۈكى بېجىرىم كېتىۋاتقان سالىھ خۇدايارنىڭ باشچىلىقىدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدىن باشقا تەشكىلات، قۇرۇلتاي، دەرنەك، دېگەنلەردىن يېزىقتا بولسىمۇ سىياسەت ساھەسىدە بوي كۆرسەتكەنگە لايىق تۇتۇمنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، سىياسەتچىگە خاس دادىل بىرەر باياناتنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق «ئۈچ مايمۇن سىياسەتلىرى» دۇنيا بويلاۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتى دەپسەندە بولۇۋاتقاندا كۆرگىلى بولمايدۇ؟ ئەمما بىز كۆرۈۋاتىمىزكى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق»، دېگەن قوڭيۈزلۈك سىياسەتچىمۇ، مەسىلىنى تاجاۋۇزچىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە تەنقىد نەزىرىدە قاراپ يۇمشاق مۇئامىلە قىلىۋاتقان سىياسىيون لىدىرلارمۇ ئۆز مەملىكىتىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىزنىڭ شەكلىمىزدە، بىزنىڭ تۇرقىمىزدا، بىزنىڭ سىياقىمىز ۋە تىلىمىزدا سۆزلەيدىغان سىياسەت«چى»لىرىمىزنىڭ تۇتۇملىرىدا بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلماستىن ھەرنېمە بولسا «تىلغا ئالدى» پوزىتسىيەسىدە، تەخسىكەشچە تۇتۇمدا ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. دېمەك ئۆز ئىچىمىزدىكى چەكلىك ساندىكى سىياسىي ئېقىنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۆز ئالدىغا مېدىيا قاناللىرىغا ئىگە بولغان، ئۆز ئالدىغا تەشۋىقات سۇپىلىرى بار بولغان كۆپ سانلىق تەشكىلات ۋە ئاتالمىش ئۆزىنى رەھبەر ھېسابلاپ يۈرگەن سىياسەتمەنلەرنىڭ تۇتۇمى تاجاۋۇزچىنىڭ قوڭيۈزلۈك سىياسىتىچىلىك ئۆز خەلقىنىڭ، ھەمدە سىياسىي ئىستىقبالىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغۇدەك ھالدا ئەمەس. ئەكسىچە قوڭيۈزلۈك سىياسەتتىن بەتتەر ھالدا تۆرەلمە سالاچىلىق كېچىكىدە پىلتىڭلاشتىن باشقىغا يارىمايدىغان دەرىجىدە ناكەسلىشىۋاتىدۇ. رەھمانى رەھىمنىڭ سىياسىتىدە ئەمەس، شەيتانى رەجىمنىڭ سىياسەت كوچىسىدا. مۇجادەلە سۈرىسىدىكى «ھىزبۇللاھ» كاتېگورىيەسىگە لايىقلار بولماستىن، شۇ سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان «ھىزبۇششەيتان» يۆنىلىشىدە پاس چىقىرىشىۋاتىدۇ.
نۆۋىتىنى كۈتۈپ ياتقان قۇربانلىق قويدەك ئۆز ئۆيىدە، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تۈرمىسىدە، لاگېرلىرىدا ھەپسىلىنىۋاتقان خەلقنىڭ سىياسىي كىرىزىسلىرىغا قارىتا دۇنيانىڭ پوزىتسىيەسى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىمىزنىڭ سىياسەتمەنلىرىنىڭ ھال - ئەھۋالى، سىياسىي ساپاسىدىكى بۇ قەدەر غىلجىڭلىق كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۈمىدىنى باغلاۋاتقان ۋەتەندىكى خەلقنىڭ ئاھۇ - زارى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىگە قىلىنىۋاتقان بۇ قەدەر ھاقارەتلىك تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلەر، ئېمىزگۈ قىلىشقىلا يارايدىغان بايانات ۋە ئوچۇقلىملار قۇرئاندىكى مەغلۇپ بولغان مۇسۇلمانلارغا، ھەقىقەت ئەھلىنىڭ قوشۇنىغا قارىتىپ ئېيتىلغان «ئۆزۈڭلاردىن كەتتى»، دېگەن نەتىجىگە ئېلىپ بېرىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان دۆتلەرچە سىياسىي ھەرىكەتلەر تەقدىرىمىز بارىسىدا كىشىنى ئېغىر چۆچۈتىدۇ. بۇنى چۈشىنىپ يەتمىگەنلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشىمۇ كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بۇ ھالنى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ھېچ خەيرلىك ھال دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ھال سىياسىي ئوبزورچىلاردىن بىرىنىڭ يازغان: «سىياسىي تەشكىلات زاۋۇتقا ئوخشاپ قالدى. ئۇنىڭغا چوشقىدەك كىرىسەن، ئەمما كالباسا بولۇپ چىقىسەن» دېگەن مەسخىرىلىك تەنقىدىنى ئەسلىتىدۇ. ھەممە كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ سىياسەت قىلىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى شەپقەتسىزلەرچە نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ «مۇمكىن بولسا سىياسىي مۇشكىلات سۈپىتىدە ئۈستىلىمىزگە تاشلانمىسىكەن، دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ يالماپ يۇتۇلۇشىنى، ئۆلەر - تىرىلىشىنى ھېچ ئويلىشىشقا رايى قالمىغاندەك ھاۋانى ئەستۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان سىياسەتمەنلەرنىڭ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سىياسەت قىلىۋاتقانلىق ئىددىئاسىدا يۈرۈۋاتقان سىياسەت بېدىكلىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنى رەھبەر چاغلاپ يۈرگىنى بىلەن خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى چەيلەش بەدىلىگە سىياسىي تەخسىكەشلىكنى چاندۇرماي قىلىش كويىدا يۈرۈۋاتقانلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، سەزگۈرلۈكى ۋە تۇتۇملىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئەۋرىشىملىشىپ كېتىشى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولى بىلەن سېلىنغان ئېمىزگۈلەر ئاز كەلگەندەك، ئۆز ئىچىمىزدىن كۆرۈنگەن سىياسەتمەنلىرىنىڭ ئېمىزگۈ تەڭلەشلىرى ھەقىقەتەن سۈكۈتنى بۇزدۇرىدىغان، ھار كېلىش ئازلىق قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر. بۇنىڭغا قاراپ كىشى بەزىدە يۇقىرىقى سىياسىي تەشكىلات ھەققىدىكى ئوبزورنىڭ بىزگە كەلگەندە «چوشقا بولۇپ كىرىپ كالباساغا ئايلىنىپ چىقىدىغان ئەمەس، كالباسا پېتى كىرىپ چوشقىغا ئايلىنىپ چىقىدىغان» دەرىجىگە بېرىپ قېلىۋاتامدۇ، قانداق؟ دېگەن ئويغىمۇ كەلتۈرمەي تۇرالمايدۇ.
ئوڭيۈزلۈك سىياسەتنى خالىماس بولدۇق. ھالىمىزغا قارالسا، قوڭيۈزلۈك سىياسەتتىن نىجاتلىق كۈتۈپ كېتىۋاتماقتىمىز. ھالبۇكى زامانىدا تەقدىرىمىزگە قول شىلتىدىغانلارنىڭ قوڭيۈز سىياسەتچىلىكىنىڭ خۇلاسىلىرى بىزنى سىياسەتچى قىلىپ يېتىشىشكە ئۈلگۈرمەيلا قوڭيۈز قىلىۋېتىشىدىن ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇمۇ ئەمەلگە ئاشقىلىۋاتقان بولسا، ۋىجدان بۇنى ئاڭقىرىپ سادا چىقارغۇدەك، سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرغىدەك يەرگە كەلمىگەن بولسا، تارىخقا ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەت ئەھلىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ تىلغا ئېلىنىشتىن بىراقلا قوڭيۈزلۈك سىياسەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر قاتارىدا پۈتۈلۈشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويساق بولىدىغانمۇ ئوخشايدۇ. چۈنكى «ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمىغاننى ئاللاھمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»، ئەمەسمۇ؟
دەرھەقىقەت! ئاللاھ تۇرغان يەردە بەندە قانچىلىك نېمىتى؟
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-09-22
---
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Ihsan Xukran غا:
سىزگە تەۋسىيەم، ئىشلەتكەن گەپ - سۆزىڭىزنى تاللاپ، دىققەتلىك ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىڭ. كېلىۋاتقان خاپىلىقنىڭ تولىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىغاندىن كېلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشى لازىم. بەلكىم نىيىتىڭىز توغرىدۇ، لېكىن توغرا ئىپادىلىيەلمىسىڭىز ياخشى نىيىتىڭىز تىلىڭىزغا چىقماي تۇرغىنى ئەۋزەل. بۇ زاماندىكى سىياسەتتە ياخشى نىيەت ھېچنىمىگە ھېساب. سۆز ۋە ھەرىكەت ئاساس. دىققەت قىلارسىز.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى