Jump to content

ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن

ئورنى Wikipedia

ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن (مۇپتىلارنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن يەتكۈزۈشى / إعلام الموقعين عن رب العالمين) ھەنبەلىي ئالىمى، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) تەرىپىدىن ئىسلام شەرىئەت ئىدىيەسىنى مەزھەبلەر ئۈستى ياكى سەلەفىيچە ئۇسلۇب بىلەن قەلەمگە ئالغان بىر ئەسەر بولۇپ، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئۇنى سۆيۈش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئۇلىشىشنىڭ يېگانە يولى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بىر مۇقەددىمە بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئەڭ شەرەپلىك ئىلىمنىڭ تەۋھىد ئىلمى، ئەڭ پايدىلىق ئىلىمنىڭ بولسا فىقھ ئىلمى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىككى ئىلىمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەسەرنىڭ قالغان قىسمىدا كۆپرەك ھەزرىتى رەسۇلۇللاھتىن ئىلىم ئېلىشنىڭ كەيپىيات ۋە شەرتلىرى قەلەمگە ئېلىنغان. تەپسىلىيراق ئېيتقاندا مۇئەللىف بۇ ئەسىرىدە فىقھ ۋە ئۇنىڭ مېتودلىرى، شەرىئەت كۆزلىگەن نىشانلار، شەرىئەت ئەھكاملىرى، باسقۇچلىرى، تارىخى ۋە «شەرئىي سىياسەت»نى جەملىگەن، ئىجتىھاد، قىياس ۋە ساھابە كىراملارنىڭ بايانلىرىنىڭ شەرىئەتتىكى ئورنى توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىش بىلەن بىرگە، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلىلەر، چۈش تەبىرى، ھىيلە، ئۆسۈم - جازانە، نىكاھ - تالاق، دەۋا - دەستۇر، سوت - مەھكىمە، ھۆكۈم - پەتۋا، ئۆرپ - ئادەت ۋە بەزى رۇخسەتلەرگە سەۋەب بولىدىغان زۆرۈرىيەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئومۇمەن، تۆت تومدا نەشر قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر شەرىئەت ساھەسىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا پەتۋا بەرگۈچىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇقتۇر.