Jump to content

ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟

ئورنى Wikipedia

ئىبرەت ئالامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق؟

مەدەنىيەتلەرنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچۈپ كېتىشىدە بىر قاتار ئامىللار مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك ئامىل ئۇنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى ئەمەس، بەلكى قىرغىنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىگە ئېلىپ بارغۇچى مەدەنىي ياتلىشىش ۋە ئىچكى ئاجىزلىقتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەتنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى تۈپ ئامىل ئۇنى ئىدارە قىلغۇچى تۈزۈم ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتنى قۇرغان، ياشاتقان، ئۇنى كرىزىسلار پاتقىقىدىن چىقارغان ئەسلىي روھنىڭ، قۇۋۋەت مەنبەسىنىڭ مىللەت روھىدىن ئورۇن ئالماسلىقى ۋە ئېڭىدىن سۇسلاپ كېتىشىدۇر. زامانىمىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك تارىخچىسى، گىگانت ئالىمى، مەيلى شەرق ۋە غەربتە بولسۇن بىردەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەدەنىيەتشۇناس ۋە پەيلاسوپ ئالىم ئارنولد توينبى (Arnold Toynbee) ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتلەر توغرىسىدىكى ئېنسىكلوپېدىيەلىك ئەسەرلىرىدە مەدەنىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىشى ۋە يېڭىلىنىشى ھەققىدىكى بايانىنى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ: «مەدەنىيەتلەر ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، ئۆلۈۋالىدۇ».

توينبىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، مەدەنىيەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىكى ماھىيەتلىك ئامىل نوقۇل سىياسىي قىرغىنچىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قۇرغان ۋە ياشاتقان مەنىۋى كۈچنى يوقىتىپ قويۇش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن مەدەنىيەتلەرنى يوق قىلىپ تاشلىغان ماھىيەتلىك سەۋەب نوقۇل مۇستەملىكە بولماستىن، بەلكى شۇ مەدەنىيەتكە تەۋەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىشى، ئۇنى تىرىلدۈرۈش ئۈمىدىدە بولماسلىقى، ئۇرۇنماسلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنى مەدەنىيەتلەر سىرتتىن يوقىتىلىش بىلەن يىلتىزىدىن يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئىچكى يىمىرىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى يوق قىلىش بىلەن تارىخ سەھىپىسىدىن ئۆچىدۇ.

شۈبھىسىزكى، مەدەنىيەت كىملىكى ئۆچكەن ھەرقانداق مىللەت يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر. مەدەنىيەتنىڭ يىمىرىلىشى كىملىكنىڭ يوقىلىشىدىن، مەۋجۇتلۇقنىڭ سەكراتقا چۈشۈشىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەرۋەقە، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالغان چېغىمىزدا، تۇپراقلىرىمىزنى مۇستەملىكە قىلغان كۈچلەرنىڭ تۇپراق ۋە بايلىق تەمەسىدىن سىرت مۇستەملىكە تۈزۈمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش غەرىزىدە ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بۈگۈنكى داۋالغۇشلۇق ھاياتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۈگۈنكى مۇستەملىكىچىلەر بىر ياقتىن ئېتنىك قىرغىنچىلىق بىلەن ئىشىنى تېزراق پۈتتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، يەنە بىر ياندىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، «مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيەلەشتۈرۈپ تۈگەشتۈرۈش» خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كېلەچەك ئەۋلاد - نەسىللەرنى قىپقىزىل ماڭقۇرتلاشتۇرماقچى، شالغۇتلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ بىز ئۈچۈن يېڭىلىق بولماستىن 70 نەچچە يىللىق تارىختىن بىرى ئاستا ۋە يېپىق شەكىلدە سىستېمىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۇيىقەستلىك بىر ھەرىكەت ئىدى. مانا بۇ ياۋۇز ھەرىكەت بۈگۈن يېپىق تەلەتىنى پاش قىلىپ، قان تېمىپ تۇرىدىغان چىشىنى ئاشكارا قىلدى، ئاتالمىش «ئەبەدىي مۇقىملىقنى ساقلاش» شوئارى ئاستىدا يۈزىدىكى نىقابىنى پەقەت بىزلا كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە پۈتۈنلەي ئېچىپ تاشلىدى.

ئارنولد تويىنبى تارىختا ئۆتكەن ۋە زامانىمىزغا قەدەر ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان چوڭ مەدەنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، ياشناش ھالىتىدىن يىمىرىلىشكە قاراپ يۈزلەنگەن، كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىزلىققا قاراپ كېتىۋاتقان مەدەنىيەتلەرنى تىرىلدۈرۈش ئۈستىدىمۇ چارە ئىزدىگەن ۋە بۇ ھەقتە مۇستەقىل نەزەرىيەلەرنى تۇرغۇزغان ساناقلىق ئالىملارنىڭ بىرى. تويىنبىنىڭ قارىشىچە، بىر مەدەنىيەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇنىڭ يوقىلىشى مۇمكىن بولغىنىدەك، ئۇنى تىرىلدۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇپ چىقىشمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭچە ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ بەرپا بولۇشى ئارقىسىدا دىن مەنبە خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. چۈنكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى دىنغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بىر گەۋدە ئۈچۈن ئومۇرتقىنىڭ رولى نېمە بولسا، دىننىڭ رولىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. بىر مەدەنىيەتنى بوھراندىن ساقلاپ قېلىش، ئۇنى ئاجىز ۋە يىمىرىلىش باسقۇچىدىن قايتا بەرپا قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ يولى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش، ئومۇرتقا ئاساسىدا گەۋدىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ پىكىرگە ئاساسەن دىننى مەدەنىيەتنىڭ پۈكۈلگەن بېلىنى تۈزلەيدىغان ئومۇرتقىسى، مۇنقەرزلىك ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى نىجاتكارى، ھايات بېغىشلىغۇچى جېنى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، تويىنبىينىڭ قارىشىچە، دىن ئىلىم - پەن ۋە قانۇن - قائىدىلەر ھەل قىلالمايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىدۇ.

تويىنبى يەنە مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرۈشنىڭ ئاۋامنىڭ ئىشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىزاھلىشىچە مەدەنىيەتنىڭ بەرپاچىلىق ۋە تىرىلدۈرگۈچى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگۈچىلەر ئاۋاملار ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلار شۇ مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى كەشىپ قىلغۇچى ئالىملار، خەلقنى يېتەكلەشكە قابىل يېتەكچىلەر ۋە قەھرىمانلاردىن تەشكىل تاپقان ئاز بىر قىسىم توپتۇر. بۇلارنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغان ئامىل بولسا يەنىلا مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بوھرانلار ۋە ئېغىر كىرىزىسلاردۇر.

مىللەتلەر دۇچ كەلگەن ئېغىر كىرىزىسلار مەدەنىيەتلەرنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگىنىدەك، ئۇنىڭ ئاجىز ھالىتىدىن قوزغىتىش، ئاكتىپلاش رولىغىمۇ ئىگە. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىسيان نەزەرىيەسى»دە، مەدەنىيەتنىڭ سىلكىنىشى ۋە تىرىلىشىدىكى ئامىللاردىن بىرى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشنى مەۋقە قىلغان قارشى ئىنكاس، ئەكسىچە يول تۇتۇش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشتۇر. ئۇنىڭ نەزەرىيەسىدە كىرىزىسقا قارشى تەدبىر يۆنىلىشىنىڭ مەدەنىيەتنى ئاكتىپلاشنى ۋە قارشى ئىنكاسنى مەيدانغا چىقىرىشنى مۇمكىن قىلىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق چۆكۈۋاتقان مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ يولىنىڭ ئۆزلۈكنى قۇرۇپ چىقىش، ئەسلىگە قايتىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇ يەنە كىرىزىسلار تۇرۇپ قارشى ئىسياننىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكىنىڭ، ئاكتىپلىنىشنىڭ شەكىللەنمەسلىكىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ سەركىلىرىنىڭ يوقلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پەيلاسوپ چارلىز فرانكىل (Charles Frankel) تويىنبىنىڭ مەزكۇر نەزەرىيەسىگە بەرگەن ئىزاھاتىدا شۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتكە يۈزلەنگەن كىرىزىس ئاستا خاراكتېرلىك بولغاندا، بۇ شۇ مىللەتنى غىدىقلىماستىن ئۇيقۇغا غەرق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ كىرىزىس ئەجەللىك تۈسىنى ئالسا، بۇ ئەكس تەسىر بېرىشى، ئۇيقۇغا چۆمدۈرۈشتىن بەكرەك مىللەتنى دەسلەپكى ئاكتىپلىق ھالىتىگە قايتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن».

يۇقىرىقى قاراشلار ئاساسىدا رېئاللىقىمىزغا قارىغان ۋاقتىمىزدا، كىرىزىسكە ئىسيانىمىز قانچىلىك بولۇۋاتىدۇ، مەدەنىيىتىمىزگە بولغان تونۇشىمىز قايسى باسقۇچتا ۋە مەسىلىلەرگە تۇتقان ئىنكاسىمىز قايسى تەرىقىدە كېتىۋاتىدۇ، دېگەنلەر بىز ئۈچۈن سوئال ئىشارىتى بولۇپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم، بۇ سوئاللار ئۈستىدە بۈگۈنكىدەك توقۇناق چېگىش ياساۋاتقانلاردىن تارتىپ، بۇ چېگىشكە ئېسىلىپ چىقالمايۋاتقانلارغىچە ھەربىرىمىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشى مۇھىم بولسا كېرەك. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى بىر مەدەنىيەت ياراتقان، مەدەنىيىتىمىزنى ياشىغان ۋە ئۇنى ياشناتقان بىر مىللەت دەپ قارىغان بولساق، ئېنىقكى بۇ مەدەنىيەتكە روھ بەرگەن، ئۇنىڭغا مەنە ۋە غايە ئاتا قىلغان بىر دىننى ھايات مىزانى قىلغان ۋە بىزگە قەدەر يېتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بىر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىمىزگە قىل سىغمايدۇ. ئەپسۇسكى، يىللار داۋامىدا ئاستا خاراكتېردە بىزنى ئۇيقۇغا غەرق قىلغان ۋە غەپلەتكە چۆمدۈرگەن بۇ كىرىزىسلار بىردىنلا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر تۈسى بىلەن بىزگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. بۇ كىرىزىسلار ئويغىتىش دەرىجىسىدە ئەمەس، بەلكى چۆچۈتۈپ سىلكىتىش دەرىجىسىدە بىزنى ئاكتىپلاش پوتېنسىيالىغا ئىگە تۇرۇپ، ھەمدە قاتمۇقات ۋە شىددەتلىك بولۇشىغا قارىماي ھېلىھەم مەست - ئەلەس ھالىتىمىزدىن، شالغۇت مەھسۇلات تىپىدىكى زېھنىيەتلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتىن قاچالماي يۈرۈۋاتىمىز. زېھىننى تاتىلاش، ماجىرا يارىتىش كومپانىيەلىرىگە ئاسانلا ئىلىنىشىپ قېلىۋاتىمىز، يولىمىزدىن قېيىۋاتىمىز. ئەسلىمىزنى ئىزدەش، ئۆزىمىزنى تېپىش، كىملىكىمىزنى قۇرۇش ۋە زېھنىيىتىمىزنى ساپلاشتۇرۇش كويىغا تەلەپكە لايىق كىرىشەلمەيۋاتقىنىمىزنى ئاز دەپ ئاشۇ كۆنۈكۈپ كەتكەن، بىزنى ئىختىيارسىز رام قىلىۋالىدىغان شالغۇت ئىدىيە تارقاتقۇچىلارنىڭ مېھىرىدىن كېچەلمەيۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى بۈگۈنكى زۇلۇمغا، خورلۇققا، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقلار ئالدىدا ئۇنتۇغان ۋە ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىلگەن قىممەتلىرىمىز، مەنىۋى ۋە ئىنسانىي بايلىقلىرىمىزنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويۇلغان يات قىممەت قاراش، يات ئىدىيەلەرنىڭ ماھىيىتىنى تۈزۈكچە ئىلغا قىلىپ بولالىغىنىمىز يوق. مانا بۇلار بىزنى ئاكتىپلىغۇچى كىرىزسىلارغا قارشى ئىسىيانىمىزنى باستۇرغۇچى، بىزنى بۆلگۈچى، زېھنىمىزنى چاچقۇچى توسالغۇلاردۇر. مەزكۇر توسالغۇلار شۇ قەدەر ئوچۇق ۋە خاراكتېرى ئېنىق تۇرسىمۇ، سەگەكلىكىمىزنى ئاشۇرماسلىقىمىز، مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن بەكرەك كۆرۈنۈشىگە، ماھىيىتىدىن بەكرەك شاكىلىغا قاراپ بەس - بەستە قاينام تاشقىن پەيدا قىلىپ كېتىشلىرىمىز، ئالىم ئاتىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىرىمىزدىن ۋائىزلىرىمىزغىچە، سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئوقۇغۇچى، تالىپقىچە ماجىرا ئىچىدە ماجىرا يارىلىشىغا تەڭكەش قىلىشلىرىمىز، ياكى بولمىسا سۈكۈت قىلىنسا ھەممە ئىش جايىغا چۈشىدىغاندەك بولۇۋېلىشىمىز، غايىدە ئورتاقلىققا ئىگە كۆرۈنگەن تۇرۇپ ئىلمىي، پىكرىي ۋە زېھنىي قۇۋۋەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىش ئورنىغا، قۇتۇپلىشىشقا، يەكلىشىشكە يارايدىغان قانداق ئۇسۇل بولسا سىناشقا زورۇقىدىغان بولۇپ كېتىشىمىز، كۆز قاراشتىكى ئوخشاشماسلىق ياكى دىيالوگدىكى ئۇقۇشماسلىققا ئەمەس، ئەكسىچە دۈشمەنلىشىش خاراكتېرىدىكى نەپرەتكە يول ئاچىدىغان تۇتۇملىرىمىزنى نامايىش قىلىشقا ئامراق بولۇپ كېتىشلىرىمىز  ئىلىم ۋە ئىلمىي مەسئۇلىيەت ھەمدە ئادىمىيلىك ئەخلاق ۋە مەدەنىيلىك نۇقتىسىدىن كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ. بولۇپمۇ مەدەنىيەتنىڭ شاكىلىغا چاپلىشىپ جەۋھىرىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان، سىياسىي قۇرۇلمىلارنىڭ دوگمىلاشقان ۋە روبوتلاشقان ھالىتىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭدىكى ئېلاستىكىلىق ۋە پىششىقلاشقا بولىدىغان تەرەپلىرىگە رادىكال تۈستە كۆز يۇمۇۋالىدىغان ھالەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئۈستىلەپ بۇ ئاز كەلگەندەك، يەنە بىر تۈركۈم  ئاغما مىللەتچىلىكنى بازارغا سېلىۋاتقان، يەنە كېلىپ جەۋھىرىدە ئىسلامنىڭ نۇرى پارلايدىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى گويا پاگانلاشقان بىر مەدەنىيەتنىڭ پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدىكى ئىچى كاۋاك شەكىلۋاز ئۇيغۇرلۇقنى كۆز - كۆز قىلىۋاتقان، مەدەنىيەتنى ياشاش ئەمەس، ئەكسىچە چۇۋۇش تىپىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن كۆنۈكتۈرۈلگەنلىرىدىن قالمايۋاتقان مەدەنىيەت كۈشەندىلىرىنىڭ ئەزۋەيلەشلىرىنىڭ بازار تېپىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكى كىرىزىسلاردىن چىقىش يولى ئىزدەش جەھەتتىنمۇ، مىللەتنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبالى نۇقتىسىدىنمۇ پاجىئە ئۈستىگە پاجىئەدۇر.

دەرۋەقە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي قىممەتلىرىگە ئىگە چىقىش، كىرىزىسلارغا قارشى ئىسيان مەيدانغا كەلتۈرۈش بۈگۈننىڭ ئىنقىلابىدۇر. بۈگۈننىڭ مەسىلىسىمۇ سىياسىي ئاكتىپچانلىقنى بوشاشتۇرمىغان ئاساستا بىلىمدە، ئىلىمدە، ئەخلاقتا ئۆزىدىن باشلاپ يېڭىلاش، تەربىيەلەش، ئەسلىنى تېپىش، روھنى، ئېتىقادنى، غايىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي پەردىنى نىقاب قىلىۋېلىپ ئېتىقادنى، ئەخلاقنى، ئىپپەتنى نىقاب قىلغانلارنى سۆكۈش، مەدەنىيەت ۋە دىن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش نادانلىق، پاراسەتسىزلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ يەردە شۇنىمۇ دەڭسەش كېرەك. مىللەت سۆيەرلىك ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە كۆيۈنۈش قانداقتۇر مىللەتنىڭ دىنىي قىممەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ ياكى زىتلاشتۇرۇپ بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىنى شاللاشقا، ياكى خىيالىغا بېقىپ بىرىنى ئۇچۇرۇپ يەنە بىرىنى چەتكە قېقىشقا ئوخشاش تەۋرەنمە ۋە ياغاچ قازاندا ئاش پىشۇرۇش تىپىدىكى تەقلىد يولىنى تاللاشقا يول ئاچماسلىقى كېرەك. ئەگەردە مىللەت بۈگۈننىڭ زۇلمىتىدىن «ئىسيانى» بىلەن ئويغىنىشقا باشلىغان بولسا، تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ ئويۇننىڭ ئۇسۇلىنى ئەمەس پەدىگە يۆتكەپ ئويناپ بېقىشنىڭ، سىياسىي سەھنىدىكى ئىمتىيازلارنى قالقان قىلىپ تۇرۇپ قىممەت قاراشلارنى زىدىلەيدىغان ئىمپورت ئىدىيەلەرنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ بېقىشنىڭ، دوگمىلىشىپ كەتكەن سىياسەت پەلسەپەچىلىكىنى ئىسلاھ قىلىنمىغان ھالىتى بويىچە تەڭلەپ يۈرۈشنىڭ، يات مەدەنىيەتلەرنىڭ بىزگە ئالاقىسىز تارىخىي تەجرىبىلىرىنى زورىغا ئوخشىتىپ ئۇلاردەك بولۇش ۋە ئاتالمىش ئۇلاردەك تەرەققىي قىلىش شوئارلىرىنى تەكرارلاپ يۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ھېچبىر ئەقلىي ياكى ئىلمىي تىرىشچانلىق سىڭمىگەن، ئەكسىچە تەييار قېلىپنى ئۇدۇل ئەكېلىپ ئىشلىتىشكە، ئۆزىمىزنىڭ تۇپرىقى ۋە مۇھىتى باب كېلەمدۇ يوق، دەڭسىمەستىن كۆكلىتىپ باراقسانلاشتۇرۇشقا نە بۇ مەدەنىيەتنىڭ تۇپراق ئېكولوگىيەسى، نە مەنىۋى گېن خەرىتىسى قوبۇل كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش لازىم. ھەر تۈرلۈك ئىدىيەۋى ياكى سىياسىي قۇرۇلمىلارنى ئۆزگە مەدەنىيەت ئەربابلىرى قانداق ئىشلەپ چىقىرىپ بەرگەن بولسا شۇنى تۇتىيا بىلىپ ئۆز پېتى ئېلىپ كىرىشمۇ، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش كويىدا بولۇشمۇ بىر تۈرلۈك شالغۇتلىشىشتۇر. چۈنكى، مىللەتنىڭ تارىخىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئۈستىدە توغرا مەنبەلىك ئىزدىنىشكە مۇيەسسەر بولۇش ۋە ئۆزلۈكنى تېپىش بىلەن ياتقا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كىملىك ۋە مەنسۇبىيەت پىچىش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئالدىنقىسى ئۆزلۈكىنى بايقايدۇ ۋە ئۇنى يېڭىلاپ تىرىلدۈرۈش كويىدا بولىدۇ، كېينكىسى بولسا ئۆزىنى تاپقان سانايدۇ ۋە كەچمىشىنى پەقەتلا بىر ئۆتمۈش، خاتىرە ئورنىدا كۆرۈنىدۇ. ئالدىنقىسى ئەنئەنىنىڭ موزىيىغا تېگىشلىكى بىلەن ئىھيا قىلىشقا تېگىشلىكىنى ئايرىيدۇ، كېيىنكىسى بولسا پەقەتلا ئۇنى خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاشنى، مۇزېيدا كۆرۈپ بەھىرلەشكە يارايدىغان، سالاھىيەتتە بۈگۈن ئۈچۈن يارىمايدىغان بىقىممەت ئورنىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئەسلىتىشكە ئەرزىيدۇكى، مىللەتنىڭ ئەقىدە تەۋەلىكىمۇ، شەرىئەت تەۋەلىكىمۇ، مىللىي مەنسۇبىيىتىمۇ، مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە ئومۇمىيلىقىمۇ، دىنىي تەۋەلىكىمۇ ئېنىق ۋە كونكرېت. ئىزدەنگۈچى ئۈچۈن بۇ ئۇنچىلىك مەۋھۇم، تۇتۇق، چۈشىنىكسىز ياكى بۈگۈن ئۈچۈن يارامسىز نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئىكەن، ئىمپورت قۇرۇلمىلارنى ئەكىرىشتىكى تۇتۇممۇ خەقنىڭ خەققە تېڭىش ۋە ئەكىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى، نۇقتىئىنەزەرى ۋە خاسلىقلىرى ئاساسىدا پىششىقلاپ ئەكىرىش بولۇشى لازىم. بۇنى قاملاشتۇرالمىغاندا بولسا، دوگمىلاشقان سىياسەت ئېڭىنىڭ، ئىجارە ئېلىنغان سىياسىي ئىدىيە ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئوخشاشلا سەلبىي ئاپەتلىرى كۆرۈلۈشى، نۆۋەتتىكى تاجاۋۇزچى ۋە ھەققانىيەتچىلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇشقا «مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» تىپىدىكى ياتلىشىش ۋە ئۆزلۈك ئارىسىدا دەۋرى قىلىدىغان ئىدېئولوگىيەلىك ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ مېڭىشى يىراق ئەمەس. بۇ ۋەجىدىن ھېلىھەم ئۆزىمىزنى قېزىپ چىقىش، توغرا مەنبەدىن چۈشىنىشكە ۋە توغرا ئۇسلۇبتا تونۇشقا، تونۇشتۇرۇشقا، تەربىيەلىنىشكە ۋە تەربىيەلەشكە ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى، ئون نەچچە ئەسىرلىك مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخىمىزنى ئەللامىلىك دەرىجىسىدە بىلىپ يېتىپ بولالمىغانلىقىمىزنى، رەت قىلىش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن چوقۇم نەزەرىيەۋى تەپەككۇر، ئىلمىيلىك مەركەزدە بولۇشى لازىملىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

شۇنداقلا پەرقلىق كۆز قاراشلارنى ئىلمىي يوسۇن ۋە كەڭ قورساقلىق ئەخلاقى ئاساسىدا دىيالوگ قۇرۇش ئارقىلىق يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئارىدىكى ئىختىلاپنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر. قارشى تەرەپنى چۈشىنىشكە ئېرىنىپ قالماسلىقنىڭ، ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ھېرىپ قالماسلىقنىڭ كېلەچەك قۇرۇلۇشىمىزدىكى نېگىزلىك مېتودلىقىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم. پەقەت ئۆزىمىزنىلا ئاقىرىشتا گويا ئاققۇشتەك، قارشى تەرەپنى بولسا قازاننىڭ قاپقارا كۆيۈكى ئورنىدا كۆرۈۋېلىشتەك تۇتۇملىرىمىزنى،  روھىيىتىمىزدىن سۆكۈپ چىقىرىشقا بولىدىغان بەزىبىر ئېگولىرىمىزغا ھاي بېرىشنى بىلىشىمىز، ئاڭلاش ياكى ئاڭلىتىشتا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ھەر زامان بىر - بىرىدىن پەرقلىق بولغان ئىلغار پىكىرلەرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ھەمدە ئۇنىڭدىكى خەلقنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا يارايدىغان ساغلام مەنبەلىك ئىدىيەلەرگە ئىسمى - ئاتىقى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈر. ئىسىم جېدىلىگە ئەمەس، مەزمۇنغا دىققەت قىلىش، غايە ئوخشاش بولغاندا ۋاسىتىدىكى پەرقلەرگە مەلۇم دەرىجىدە يول قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، مەزمۇن بۇزۇلغان، ماھىيەت پۇچەكلەشكەندە بولسا، ئىسىم ياكى شەكىلنىڭ قانچە ئۇلۇغۋار ياكى قانچىكى زامانىۋى بولۇپ كېتىشىدىن، نە قەدەر داغدۇغىلىق بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر مەسىلە ھەل قىلماستىن ئەكسىچە مەسىلە ئۈستىگە مەسىلە ئاۋۇتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. بۈگۈنكى مەزمۇن بۇزۇقلۇقتىن، ساغلام ۋە سۈپەتلىك دىيالوگ بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان قارشىلىشىشلارنىڭ كەلگۈسىدە تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنىڭ قۇچىقىغا سەكرەشكە مەجبۇر قىلىدىغان، ئاتاقتا مۇستەقىل، ئەمما مەزمۇندا قانداقتۇر ئارقىسىدا رېپىرىلىق قىلغۇچى تاشقى كۈچلەرنىڭ زېھنىيىتى بولۇشتەك قىسمەتكە قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىر دۆلەت ئىچىدىكى قۇتۇپلۇق ئىدېئولوگلارنىڭ ھاكىمىيەت سەۋدالىقىغا پېتىپ بىر - بىرىنى يىقىتىشنىلا كۆزلەيدىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىغان ماكياۋېلىزمچى فاشىستلارغا ئايلىنىپ قېلىشتەك يەنە بىر تۈرلۈك سىياسىي بوھراننىڭ ئۇلىنى تىكلەشتەك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ كۆرۈپ يەتمەك لازىم.

يىغىپ ئېيتقاندا، ياشىتىدىغانمۇ، ياشنىتىدىغانمۇ ئۆزىمىز. ئازەردەك ئۆزى ياساپ چوقۇنغۇچى ماتېرىيالىزم قۇللىرى بولۇشمۇ، ياكى ساماۋى ۋەھيىنى مەۋجۇتلۇق ۋە سائادەت يولى ئۈچۈن نۇرانە چىراغ قىلغان، تەپەككۇرانە ئەقلىيىتى بىلەن تەڭرىنىڭ دوستىغا، خەلىلۇللاسىغا ئايلانغان ئىبراھىمغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەجدادىمىز مەپكۇرىسىدىكى ھەقىقەتپەرۋەرلىكنىڭ يولى بولمىش «ئىبراھىم مىللىتى»نىڭ، ھەقىقەت ئەھلىنىڭ نەپەرلىرى، ھەق يولىنىڭ يولۇچىلىرى بولامدۇق ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ساپاسىغا، ئاقىلانە تاللىشىغا ھاۋالە بولۇپ تۇرۇپتۇ. مەسىلىلەرگە «ئۆزۈمنىڭلا راست» پەدىسىگە چېلىشتىن توختىمايدىغان ئېگولىرىمىز پەنجىرىسىدىن ئەمەس، ساغلام بولغان ۋە ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىدىن كۆرەلىشىمىزگە باغلىق بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇنى قانچىلىك قاملاشتۇرالىساق، يولىمىزنى شۇنچىكى ئايدىڭ ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلالايمىز. شۇندىلا ئىلمىي شەكىلدە قارشى پىكىر قىلغۇچى بىلەن جاھالىتىنى بازارغا سالغۇچىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشمۇ، جاھالىتىنى بازارغا سالغۇچىلارنىڭ مۇخاتەب ئوبيېكتىمىز ئەمەس، بەلكى پىكرىنى ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى قۇرۇلمىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلارنىڭ مۇخاتەب ئوبيېكتىمىز ئىكەنلىكىنى ۋە شۇلارنى مەركەز قىلىپ ئاقارتىش ياكى چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تۇتۇنۇش كېرەكلىكىنىمۇ شۇنچىلىك جايىدا قاملاشتۇرالايمىز. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ يولى ئەسلا ھېلىقىدەك، مەن ئاققۇش، سەن قازاننىڭ كۆيۈكى پوزىتسىيەسى تۇتۇش شەكلىدە بولماستىن ئىلمىي تارازىدا، پىكىر تارازىسىدا قايسىنىڭ يەنىمۇ ئاقىلانە ۋە مەدەنىيەت نۇقتىئىنەزەرىمىزگە مۇناسىپلىقىنى ئولتۇرغۇزۇپ كۆرۈش شەكلىدە بولۇشىدۇر. شۇنداقلا  ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلمىغان ئاساستا سىستېمىلىق شەكىلدە ئىزاھلاش بولۇشى؛ ئاسماننى قاسقان قىلىپ كۆرسىتىش شەكلىدە ئەمەس، ئۆزىمىزمۇ نېمىنىڭ خېرىدارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇقۇپ سۆزلەۋاتقان بىرى سۈپىتىدە چۈشەندۈرگۈچى بولۇشى، مۇھىمى ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ كاللىسىغا ئويدۇرۇپ قېلىپقا سالغۇچى شەيتانىي كاللىدىكى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەييا بولۇشقا تەييار مۇنەۋۋەرلەشكەن ئىنسان خاراكتېرىدە مۇئامىلە قىلىش بولۇشىدۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، سىياسىي ۋە كۈلتۈر ھاياتىمىزنى قورشاۋغا ئېلىۋالغان مەدەنىيەت كىرىزىسى، ھەمدە تاشقىي كىرىزىسنىڭ بېسىمىغا قارشى قايتىدىن ئۇرغۇشقا مايىل بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەھدىد ئاستىدىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالىشى، مۇداپىئەنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۇ چاغدا مۇنقەرىزلىكنىڭ دىياگنوزىمۇ قىرىلىشتىن ئەمەس، ئۆلۈۋېلىشتىن ئىكەنلىكى بىلەن قويۇلىشى ئىبرەتى ئالەم سۈپىتىدە تارىخقا مۆھۈرلىنىشى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز قىسمەت بولۇپ قالىدۇ. ئىبرەت ئالغۇچى بولامدۇق ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنامدۇق، يەنىلا ئېگومىزنىڭ تىزگىنىنى ئىستىگەن چېغىدا بۇزۇشقا قادىر ئىنسابىمىز، سېرىق كۆرۈنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتۇن ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالايدىغان ئىدراكچان ئەقلىمىز ۋە ھەقىقەتسۆيەرلىكنى خىسلەت قىلغان ئەخلاقىي تۇتۇمىمىز بىر نەرسە دېسۇن! قىسقىسى، ھەر تەرەپ پەيغەمبەرچە كۆرسەتمە بويىچە: «يۈرىكىگە قول سېلىپ كۆرگەي! ».

- بۇرھان مۇھەممەد

2022-03-25

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى