Jump to content

ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار

ئورنى Wikipedia

ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار

ئۆلىمالىق قانداقتۇر ساقالنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ سۈنئىي ئېتىبار قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار ئىدى. ھالبۇكى ئەبۇ جەھىل ئىبنى مەسئۇدتىن ھەم ياشقا چوڭ، ھەم نوپۇزى ئۈستۈن، ھەمدە ئۆز قوۋمى ۋە سەپداشلىرى تەرىپىدىن «ئەبۇلھەكەم (دانىش ئاتا)» دەپ ئاتىلاتتى، ئۆز قوۋمى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئىچىدە بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئالدىنقى قاتار ئوقۇمۇشلۇقلاردىن بىرسى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقەت ئالدىدىكى رەڭۋازلىقى، مەغرۇرلۇقى، تەكەببۇرلۇقى، سۈنئىيلىكى، بىلەرمەنلىك تۇتۇمى ئۇنىڭ بۇ ئاتىقىنى تارىختىن ئۆچۈرۈپ تاشلاپ ئەبۇجەھىل (جاھالەت ئاتىسى) ئاتىقىنى ئەبەدىيلەشتۈردى. ئىبنى مەسئۇدنى بولسا، ئۇنىڭ ئىلىمسۆيەرلىكى، ھەقىقەتپەرۋەر روھى، چىدامچانلىقى ۋە ئىلىمدىن ئىبارەت نۇبۇۋۋەت مىراسىدىن ھېكمەت ۋە پاراسەت ئىگىلىشى ئۇنى جاھاننىڭ ئۈچ قىتئەسىگە يېيىلغان مۇسۇلمانلار توپىنىڭ مەركىزى دۆلەتلىرىدە يولغا قويۇلغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نىزاملارنىڭ فىقھىي ئېقىم ۋە قانۇنشۇناسلىق مەنبەسىگە ئاساس سېلىش شەرىپىگە نائىل قىلدى. ساقالنى كىشىگە ياراشتۇرغىنى يۇڭغا كۆمۈلۈپ ياتقان ئادەم سۈرەتلىك چىراي - تۇرۇق ئەمەس، بەلكى كاللىغا جەملىگەن بىلگە، ئۇچۇرلاردىن ئىنشا بولغان بىلىم ۋە پاراسەتتۇر. بۇ ئىككىسىنى جەملىيەلمىگەن ساقاللىق كاللىنىڭ كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن جىق پەرقى يوق. بۇ ئىككىسىنى جەملىمەستىن دېيىلىۋاتقان نەرسىلەر سېنىڭ ئاڭلىق ئەقلىيىتىڭگە ئەمەس، ئاڭسىزلىقىڭغا، مەلۇماتلىقىڭغا قارىماي سېنىڭ دۆتلۈكىڭگە گۇۋاھ بولىدۇ. بۇنىڭ پەرقىگە بارماي زۇۋاندارلىق قىلغۇچى بولسا، نېمىنى چالغۇزسا شۇنى سايرايدىغان ئۈنئالغۇدىن، ئۈسكۈنە سايمانلارنىڭ مەھسۇلىدىن پەرقى يوقتۇر.

بۈگۈنكى ئوقۇمۇشلۇقلار توپىنىڭ گەۋدىلىك كىرىزىسلىرىدىن بىرى تارازىسىزلىق، مىزانسىزلىق، دېسەك ئارتۇق قىلمايدۇ. ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ بەلگىلىك مۇۋازىنىتى، تەڭشىكى بىلەن مەنە ۋە ئۈنۈم يارىتىدىغانلىقى مىزانلاشقان بۇ ياشام، كۈرەش ۋە سىناق دۇنياسىدا مەزكۇر ئوقۇمۇشلۇقلار توپىدا مۇۋازەنەت، تەڭشەك دېگەن نەرسىدىن ئەسەر قالغانلىقى دەرگۇمان. ئۆزىنى ئەقىللىق، ئۆزگىنى بولسا دۆت چاغلاپ تۇرۇپ ھۆكۈمۋازلىق قىلىش، تەنقىدىي پىكىرنى ئۆز لايىقىدا بېرىش ئورنىغا تەلۋىلەرچە يۈكلىنىش، گويا ئۆزىنى مىللەت سايلىغان شەرئىي ۋەكىل چاغلاپ كۆرەڭلەش زامان مودىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ بىر توپ ئەبجەش ئوقۇمۇشلۇقلاردا دەرۋەقە تەڭشەك بۇزۇقلۇقى، شەيتان توپىدەك سەكرەپ توختىيالماسلىق، ھەر مەۋسۇمدە بىر شاخ ئاتلاپ يېڭى -يېڭى يۈزلىرىنى نامايىش قىلىپ تۇرۇش ئەۋج ئالماقتا. قارىغۇدەك بولساق دىندار كۆرۈنىدىغان قىسىملار دىنغا ئۇيغۇن ياشاش ۋە ئىش قىلىش ئاساسىدا دىننى ئاڭلىتىش ئورنىغا دىنغا ئۆزىنى كاندىدات ئادۋوكاتلاردىن قىلىپ سايلىۋېلىشىدۇ. ئاتالمىش مىللەتچىلەر بولسا، مىللەتنىڭ قەدەرىيەتلىرىنى سۆيۈپ ئۇنى باش تاجى قىلىش ئورنىغا، شەكلىي ئۇيغۇرلۇققا، ئىچى بوشىتىلغان كاۋاك ئۇيغۇرلۇققا سىغىنىشىدۇ. ئىشنىڭ كومېدىيەلىك قىسمى بولسا، دىنغا ئادۋوكات سايلىنىۋالغانلارنىڭ قالتىس مىللەتچى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇقۇشماستىن ئىرقچىغا ئايلىنىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەسلىكى، ئاتالمىش مىللەتچىنىڭ بولسا، ھاياتىغا قىلچە رولى بولۇشىنى خالىمايدىغان دىنغا گويا ئىككىدە بىر ئاللاھ ۋە رەسۇلىمىز، دەپ قويۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ دىنىغا ساھىب چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ تېرە تاراقشىتىپ بېقىشىدۇر. لېكىن بەزىدە شۇنداق مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىشلارمۇ بولىدۇكى، ئوقۇمۇشلۇقلار توپىدا ئاتالمىش «ئۆلىما»، ئاتالمىش «زىيالىي» ئاتىقىدا يۈرگەن بۇ رېئال كومېدىيەچىلەر ئۇقۇشماستىن ئويناۋاتقان سېنارىيەسىگە بېرىلىپ ھەقىقەت تارازىسىدىن يۈز سەكسەن گىرادۇس بۇرۇلۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەستىن كۈلكىگە قالغۇدەك روللارنى ئويناپ تاشلايدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاۋام ئىچىدىن بىر خالىس كىشى چىقىپ كېلىدۇ،-دە، ئۇنىڭغا يىللاپ كىتاب خالتىسى شەكلىدە ئۆلۈك ھالدا ئۆگىنىپ كەلگەن ئىلىمدىن، تارىختىن، پىكىردىن، ساغلام ئىدىيەدىن ۋە ھەقىقىي مىللەتسۆيەرلىكتىن ئەستىن چىقارمىغۇدەك بىر ۋاخلىق دەرس بېرىپ قويىدۇ.

دەرھەقىقەت، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى مانا مۇشۇ يەردە. سەن پۈچەك ئىلىمدارلىققا مەست بولۇپ يۈرۈۋاتقىنىڭدا، ئاتىدىن بالىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس  ھالىتىدە كەلگەن ساغلام روھ، ساغلام زېھىن ۋە ساغلام ئاڭ يېتىشتۈرۈشكە ساق تۇرغان، قانچە كۆپ ئۇچۇر ۋە خىلمۇخىل تەشۋىقات ۋە مەلۇماتلار بىلەن ئۇچراشقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ساغلام بولغىنىنى قوبۇل قىلىشقا، ھەمدە ئۇنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشقان بىر ئاددىي ئاۋام ساڭا ھەققانىي تۇتۇمنىڭ نېمىلىكىدىن، تەمكىنلىكنىڭ، مەنتىقىلىق بولۇشنىڭ، دىيالوگ قۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا مۇئمىن قېرىندىشىغا قانداق تەرزدە نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەسلىدە قانداق بولىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئۇنتۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە ساۋاق بېرىپ قويىدۇ. ئېھتىمال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتۇقىدا ئېيتقان «بەزىدە بۇ ئىلىمنى ۋاسىتىلىك ئالغانلار ئۇنى بىۋاسىتە بىزدىن ئاڭلاپ ئالغانلاردىن ئاڭلىق (جانلىق) چۈشىنىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە رېئاللىقى مانا شۇ خىل ۋەزىيەتلەر ئۈچۈنمۇ دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

نە ئاجايىپكى، سەن شۇنداق تۇرۇپ يەنە پېتىڭدىن چۈشمەيسەن، «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» دېگەن پەدىدە گەدەنكەشلىكىڭنى داۋاملاشتۇرماقچى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش بىلەن ئىلىمدارلىق تونىدا سادىر قىلىپ كەلگەن ساپاسىزلىقلىرىڭ، تومپايلىقىڭ ۋە سەتچىلىكلىرىڭنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولىسەن. ۋەھالەنكى سەن ئۇنتۇساڭمۇ، ئۇ ئۇنتۇسىمۇ، ئەتراپىڭ ئۇنتۇغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنتۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن نەزەر ئەھلىلىرى بۇ مىللەتتە ھەرقاچان ئۈزۈلگەن ئەمەس. ھەركىم ئۇنتۇغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ساڭا ئۆتۈلگەن بۇ دەرستىن ھەقنى ھەق پېتى بىلىدىغان، ئىلمىنى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ھېرىسمەن بولۇشتىن ھەر زامان پەرھىز تۇتۇپ، سەپسەتىۋازلىقتىن يىراق تۇرۇپ كەلگەن ساغلام ئىلىم ئىگىلىرى ئۇنتۇمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار خىجىل بولىدۇ، نومۇس قىلىدۇ.

  ئويلاپ قالماكى، ئۇلار سەن ئۈچۈن خىجىل بولىدۇ. ياق، ئۇلار ئەمەلىيەتتە سېنىڭ باشباشتاقلىقىڭ تۈپەيلى قېرىنداشلىرى ئارىسىغا سېلىۋاتقان تەپرىقىچىلىكىڭدىن، سېنىڭ تۈپەيلى ئىلىمنىڭ، دىننىڭ ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلەشكەنلىكىگە خىجىل بولىدۇ.

ئويلاپ قالماكى، ئۇلار سەن ئۈچۈن نومۇس قىلىدۇ. ياق، ئۇلار سەن ئۈچۈن سەندىن نومۇس قىلىدۇ. سېنىڭ قېتىملاپ قىلىپ كەلگەن ۋە قىلىۋاتقان دۆتلۈكلىرىڭ، سەتچىلىكىڭلىرىڭگە مۇقەددەس دىننى سۆرەپ يۈرگەنلىكىڭدىن، شۆھرەتپەرەسلىكىڭ ۋە جاھالىتىڭنى قۇرئان - سۈننەتكە ئوراپ سازايە قىلىۋاتقىنىڭدىن، ئىلىم ۋە ئالىم ئوبرازىنى پەش قىلىپ ھەر مەجلىسكە بۇرۇن تىقىپ كۈن ئېلىۋاتقىنىڭدىن، مىللەت سەھنىسىنى گالۋاڭلىق تامغىسى بىلەن بۇلغاپ يۈرۈۋاتقانلىقىڭدىن نومۇس قىلىدۇ. نومۇس، ھەقىقەتەن نومۇس!!!

− بۇرھان مۇھەممەد

2021-03-15

https://youtu.be/dDWyje3A5Yo

---

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tewbikar zumba

قارىغاندا سىز چۈشىنىش ھاسىل قىلغىلى ئەمەس، مەخسۇس ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ تەرىپىنى قىلىپ ماڭا ھېكايە يۇتتۇرۇشقا زورۇقۇۋاتقاندەك تۇرىسىز. يازمىنى قەلەمگە ئېلىشتا ئاتالغۇغا دائىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، ئۆز دەۋرىدىن تارتىپ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە نېمە قانداق بولغان ۋە قانداق بولۇپ بۈگۈنگە كەلگەنلىككە دائىر پۈتۈن تەرەپلەرنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ، يەنە سىز ماڭا ئۇزۇندىن - ئۇزۇندىن تەرىپلەپ ھارمايۋاتقان داموللىڭىزنىڭ تا مەدرىسەدە ئۇستازىدىن ئۇقۇشماي قارغىش ئېلىپ قاغان ۋاقتىدىن باشلاپ، خىتاي شەھىرىدە تۇڭگان مەسجىدىدە ئۆتكۈزگەن ئىمامەتچىلىك ھاياتى، مىسىرغا چىقىپ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ۋە ھازىرقى پەللىگە كەلگۈچە بولغان جەريانلاردىكى جىمى ئەھۋالاتىغا قارىتا مۇئەييەن تونۇشقا ئىگە ۋە تارازىغا تارتقۇدەك ھەر تۈرلۈك ئىلمىي سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارلارنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ يازغانمەن. سىز دەۋاتقان ۋەتەندىن كۆتۈرۈپ چىققان شۇ داموللا ئاتىقىمۇ ئەمەلىيەتتە ۋەتەندىن ئېلىپ چىقمىغان. خىتاي شەھەرلىرىدە ئەلى ئەكبەر قارىم، چەتەلگە چىققاندا ئەلى ئەكبەر ھاجىملىقى مەشھۇر بولۇپ، ئەلى ئەكبەر ھاجىمنى ئەلى ئەكبەر داموللامغا ئۆزگەرتكىنى تۈركىيەدىكى بەزى Show تۈسىدىكى پائالىيەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تونۇشتۇرۇشلاردا ئومۇملاشقان چاقىرىشلار دېسەك بەكرەك ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. «خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» ئاتىقىمۇ كۆرۈنۈشتىكى پالاقلاشلارغا قويۇلۇۋاتقان بىر تەرىپ. لېكىن داموللا ئاتىقىدىكىلەر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا خىزمەت قىلىۋاتامدۇ ياكى ئوتتۇرىلىقتا قازى كالانلىق قىلىپ دىنىي ئوبرازنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ دەۋا ئەھلىنى قۇتۇپلاشتۇرۇۋاتامدۇ، ۋەزىيەت ئوپئوچۇق ئوتتۇرىدا. مېنىڭ نۆۋەتتىكى تەنقىدىم سىز تىلغا ئالغان فىقھىي قائىدە - مىزانلارغا، ئىلمىي ئۆلچەملەرگە تايىنىپ دىنىي مەسىلىلەرگە ھەل قىلىۋاتقانلارغا قارىتىلمىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ سۆزلەپ كېتىپسىز. شۇنى ئەسكەرتسەم، ئۇنۋان پەيدا قىلمايمۇ مەسىلە ھەل قىلغان ئىلىم ئەھلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنۋاننى دەستەك قىلىپ ئويۇن ئويناۋاتقان قالپاقلىق موللاملارمۇ ئاز ئەمەس. مېنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە تەنقىد ئۆلچىمىم ھەر زامان قۇرئاندىكى «ليسو سواء» ئۆلچىمىدۇر. شۇڭا، پوقى بىلەن بۇلمىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ گەپ تۇتتۇرۇشقا زورۇقمىغان تۈزۈك. سىزگە ئەستايىدىل يېزىشىم مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە چۈشىنىشمەسلىك نۇقتىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق ۋە بىھۇدە خاتا تونۇش كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. بىراق سىزنىڭ مېنىڭ بۇ ئۇزۇن ھېكايىلەرنى نەزەردىن چىقارمىغان ئاساستا تەنقىد ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمنى دەڭسىمەي، نېمىگە ئوبزور قىلىۋاتقىنىمنى دىققەتكە ئالمىغانلىقىڭىزدىن ئەپسۇسلاندىم. خەير.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tawbikar Zumba

1-مەقسەتنى چۈشىنىشكە ئازراقمۇ يېقىن يولىمىغانلىقىڭىز بېشىدىكىنى ئاخىرى ئىنكار قىلىدىغان پارادوكس جۈملىلىرىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ھەم بۇ يەردە بىر سوتكىغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە «داموللام»نىڭ تەرىپىنى قىلغىنىم يوق، دېگەن گېپىڭىزنىڭ ئەكسىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلىرىڭىزنى يىغىپ كۆزىڭىزگە قادىشىمنىڭمۇ ئورنى يوق. يازمىدا بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم يوق. ئوتتۇرىدا بىر رېئاللىق بار. بۇ رېئاللىق قەلەمگە ئېلىندى. رەسىم پەقەت بۇ رېئاللىقنى كۆرۈۋاتقانلار ئۈچۈن يازمىنىڭ ئىدىيەسىنى چۈشىنىشكە مەلۇم نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن قوشۇپ قويۇلغان. سىز چىقىپ «داموللام»نى تەنقىد قىلدى دەپ قىل ئىلغاپ گەپنى ساقالدىن ماقالغا چېتىشتۈرۈپ گەپ ئاچتىڭىز. مەن دادىل ھالدا داموللىڭىزغا تەنقىدىم ھەق بولغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قايسى نۇقتىدىن ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتۈم. «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ، دېگەندەك، ئۆلىما كۆرمەي چوڭ بولغان يەسلى سەۋىيەدىكى تالىپقا ئوخشاش يەنە ئۆز گېپىڭىزنى ئەزۋەيلەپ بېقىپسىز. تەنقىدنىڭ سىز پىدائىيلىقىنى قىلىۋاتقان «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى» بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆلىمالىق سالاھىيەت ۋە ئوبرازنى بۇلغاۋاتقان، چېشى پاتمايدىغان تېمىلارغا چاپلىشىپ دىننى پەش قىلىدىغان، كاللىسىنىڭ ۋىنتىسى يېتىشمەيدىغان تېمىلارغا ئېسلىپ قېلىپ ئوقۇمۇشلۇقلار ئالدىدا كۈلكىگە قېلىشتىن خىجىل بولمايۋاتقان بىرىگە قارىتىلغانلىقى ئېنىق. سىز پىدائىيلىقنى قىلىۋاتقان «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى»غا ئەمەس. مىللەتنىڭ ئۆلىمالىرى ھەر ۋاقىت باش تاجىدۇر. ئەمما كونكرېت ئوبيېكتىپقا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆلىمالىق سالاھىيەتنى ياراتقان ياكى ياراتمىغانلىقى، ئۆلىما ئوبرازىغا يارىشىپ ياراشمايۋاتقانلىقى ھەر ۋاقىت مۇلاھىزىگە، تەنقىدكە ئوچۇق مەسىلە. Show مېدىيانىڭ كۈچىگە ئەگىشىپ بىرىگە ئۇقۇشماي «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى» قالپىقىنى كەيگۈزۈۋېتىپ ئارقىدىن ئۇ داستىخاننى بۇلغىسىمۇ، پۇچەكلەشسىمۇ، ساپاسىزلىقىنى سازايە قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ تەنقىدلىمەي تۇرۇشقا ئۈندەش، شەخسنى تەنقىد تارازىسىغا ئېلىشنى «مىللەت ئۆلىماسى»غا ھۇجۇم قىلىشقا تەڭ قىلىپ مۇئامىلە قىلىش ئۇچىغا چىققان قاتماللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tawbikar Zumba

2-ئوبزوردا شەخسىي غەرەز، پاكىت، شەخسىيەتكە ھۇجۇم، دېگەندەك تۆھمەتلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپسىز. ئالدى بىلەن ئوبزوردا كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكى ۋە نېمە بولغانلىقى ۋىدىيولۇق پاكىتى بىلەن، ھەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىلىرىگە ئىشارەت بولىدىغان نۇقتىلار ئېنىق بولغان بىر رېئاللىق تەسۋىرلەنگەن. شەخسلەر ئەمەس، زېھنىيەت، پوزىتسىيە ۋە ئەخلاقىي تۇتۇم مۇقايەسە قىلىنغان. تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەدىكى ساپاسىزلىق، دىنىي ئوبرازغا تايىنىپ تۇرۇپ قىلىنىۋاتقان دۆتلۈكلەر قامچىلانغان. ھە، سىز بۇلارنى شەخسىيەتكە ھۇجۇم، دەپ ئويلىۋالغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ زېھنىيىتىڭىزنىڭ مەسىلىسى. چۈنكى شەخسىيەتكە ھۇجۇم دېمەك ئۇنىڭ چىقىلىشقا بولمايدىغان كىشىلىكىنى بىھۇدە يەرگە ئۇرۇش، ئۇنىڭغا قارىسىغا تىل تەگكۈزۈپ ھاقارەت قىلىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، بۇزۇق شەخىسيەتنى بۇزۇق دېيىش، شەخسىيەتكە ھۇجۇم بولمايدۇ. ئىجتىمائىي توپلۇمدا ئىلىم ۋە ئۆلىمالىق ئاتىقىنى كىيىۋېلىپ جاھالەت ۋە ساپاسىزلىق، قۇتۇپلاشتۇرۇش ۋە قارىسىغا ئەھكام كېسىپ تەپرىقچىلىك قىلىۋاتقان بىرىنىڭ ساپاسىزلىقىنى ساپاسىزلىق، بىر تەرەپلىمە ھۆكۈملىرىنى ھەققانىي سۆز قىلىۋەتكەن تەرزدە مۇتلەقلەشتۈرۈپ سادىر قىلىۋاتقان دەۋەڭلىكلىرىنى دۆتلۈك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەخسكە ھۇجۇم ھېسابلانمايدۇ. خۇددى قۇرئان ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرەنى بىر قاتار ساپاسىز ۋە دۆتلۈكلىرىنى قوشۇپ تىلغا ئېلىۋىتىپ «ھارامدىن بولغان» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئۇنىڭ قېنى بۇزۇقلۇقىنى ۋە باشقا ئەخلاقىي تۇتۇملىرىدىكى ئىللەتلەرنى قامچىلىغان بولسا، ھەمدە بۇنداق قامچىلاش شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش بولماستىن ئەكسىچە رېئاللىقتىكى بۇزۇق ئوبرازلارغا بىر نۇقتىدىن تەنقىد، يەنە بىر نۇقتىدىن ئىبرەتى ئالەم سۈپىتىدە چۈشىنىلگەن بولسا، دېمەك، بىر رېئاللىقنى تەسۋىرلىگەن يازمىدا مۇئەييەن تۇتۇم ۋە ھادىسىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ياخشىسىنى ياخشى، يامىنىنى يامان، دۆتلۈكنى دۆتلۈك، ئاقىلانىلىقنى ئاقىلىنالىق دېمەك شەخسىكە ھۇجۇم قىلىش سانالمايدۇ. رەسىم مەسىلىسى پەقەتلا يازمىدىكى رېئاللىقنى ئوقۇغۇچى ھېس قىلالايدىغان شەكىلدە ئىزاھلاشتىكى بىر ئۆرنەك خالاس. رەسىمنى باھانە قىلىپ ئەلى ئەكبەر «داموللام»نى كوچىلاپ چىقىشىڭىز ۋە بۇنىڭغا قارىتا شەخس ئىسمىنىڭ مۇقىملىشىپ قېلىشى خۇددى ئايەتتىكى «ھارامدىن بولغان» ئىبارىسىنى سۈرۈشتە قىلغۇچىغا ئۇنىڭ تىپىك ئوبرازىنىڭ ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلغاندەك بىر ئىش خالاس!

بۇ تەشبىھمۇ چۈشىنىشكە ئۇنىمايۋاتقانلىقىڭىزغا قاراپ دېيىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر ئەندىزە، مېتود جەھەتتىكى قىياسلاش خالاس. لېكىن بۇنىڭغىمۇ قاتمال كاللا بويىچە ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ جەھىلنى بەختىباي بىلەن ئەلى ئەكبەر «داموللام»غا ئوخشىتىۋالغاندەك مەسىلىنىڭ ئەمەس يەرلىرىنى زورلاپ چېتىشتۇرۇۋېلىشنىڭمۇ ئورنى يوق. كۆنۈكۈپ كەتكەن زېھنىيەت رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا قېرىق كېلىدۇ. شۇڭا «بۇنداق يېزىلسا، باشقىلار كېيىنچە يەنە مۇنداق يېزىپ مۇنداق ئىش قىلىدۇ، شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق دەۋاتىمەن، دېگەندەك رەمبالچە تەخمىنلەر بىلەن ۋايىم يەپ كېتىشىڭىزمۇ ئەمەلىيەتتە ئارتۇقچە بىر ئىش.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tawbikar Zumba

3-سېرىكجاننى تىلغا ئالماي، ئوتتۇرىدىكى شەخسنى تىلغا ئېلىپ بىرنى چۈشۈرۈپ يەنە بىرنى قامچىلايسىز، دېگەن گېپىڭىزگە كەلسەك، سىزنىڭ بۇنداق يۈكلىنىشىڭىز يازمامنى ھېلىھەم ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزغا گۇمان تۇغدۇرىدۇ. سېرىكجاننىڭ مەسىلىسى بىلەن مەن ئوبزور قىلىۋاتقان مەسىلە ئىككىسى ئىككى مەسىلە. گەپ سىياسىي ھەرىكەتلەردە بىرى بىر نەرسە دېسە، يەنە بىر موللامنىڭ ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈش مەسىلسىمۇ ئەمەس. مەسىلە رەددىيە ياكى ئىنكاس بىلدۈرۈشتىن چىقىپ قۇتۇپلاشتۇرۇش، شەخسكە سۆز قىلىۋېتىپ كېتىپ بېرىپ بىر مىللەتكە ئومۇم يۈزلۈك يۈكلىنىپ بۇنى ھەقىقەتتەك جار سېلىش ۋە بۇنى دىن قالپىقىغا سىغىنىپ تۇرۇپ پىروپاگاندا قىلىشتا. تارىخ قارىشىدا بەختىباي بىلەن داموللام ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق قاراش بولۇشى تامامەن نورمال ئىش. ئۇنى ھەر تۈرلۈك تارتىشىش، مۇنازىرە قىلىش مۇمكىن، لېكىن بىر شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئىككى قەۋم قېرىنداش مەسىلىسىدىكى مۇئامىلە سەنئىتىدە، ئەخلاقىي تۇتۇمدا، دىيالوگ ئەخلاقىدا، پىكىرلىشىش مېتودىدا، مۇسۇلمانچە ئەقلىيەت جەھەتلەردە ئاتالمىش داموللىڭىز بەختىباينىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغان دەرىجىدە ساپاسىزلىقى ئىككى ۋىدىيودا ئاپئاشكارا. شۇڭا نېمىگە ۋە نېمە ئۈچۈن ئوبزور يېزىلىۋاتقانلىقىنى شۇنچە ئىنكاس ۋە شەرھى ھاشىيەلەردىنمۇ ئاڭقىرىپ بولامماي ئۆز گېپىڭىزنى ئەزۋەيلەۋەرگىنىڭىزگە تەكرار ئەپسۇسلىرىمنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمەن. ئاخىرىدا سىزگىمۇ ئوخشاشلا ئۆتكۈرلۈك، سەمىمىيەت ۋە تەرەپسىز ۋە ھېسسىيلىقتىن خالىي ئادىل مەۋقەلىك مۇستەقىل پىكىر مېتودىنىڭ ھەر ۋاقىت يار بولۇشىغا تىلەكداشمەن. ئامان بولۇڭ!

Tawbikar Zumba

ئەسسالامۇ — ئەلەيكۇم بۇرھان ئەپەندى ،

ساھابە ئىبنى مەسئود رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبۇ جەھىلنى تاشقى قىياپەتتە ئوخشىتىشىڭىز، ئىستانبولدا ياشاۋاتقان ئەلى ئەكبەر داموللام بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا ياشاۋاتقان بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنى، ئىلمى جەھەتتە ئوخشاتقىنىڭىز ئەقەللىي بىر مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئەلۋەتتە ساقال ئەر كىشىنىڭ زىننىتى، بىراۋنىڭ ساقال قويغىنى ئۇ كىشىنىڭ ئىلىملىك ياكى دىندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ساقالنى دىنسىزمۇ يەھۇدىي، خىرستيانمۇ ئۆزىنىڭ دىنىغا مۇناسىپ ھالەتتە قويىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ساقال قويىمىز، ئەلى ئەكبەر داموللام ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ئۆلىماسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە چىرايلىق ساقال قويغان، سىزنىڭ داموللامنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىڭىز، ئۆلىماغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ،

بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنىڭ يېرىم سائەتلىك تارىخنى بۇرمىلغان، ئارلاشتۇرىۋەتكەن سۆزى ھەرگىزمۇ بىراۋغا دەرس بەرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ.

ئەگەر بىراۋ سىزنىڭ چىرايلىق، ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان بۇرۇتىڭىزنى چاشقاننىڭ بۇرتىغا ئوخشايدىكەن، ياكى دىنسىز لېنىن، سىتالىننىڭ، گېتلىرنىڭ بۇرۇتىغا ئوخشىتىپ تەڭ ئورۇنغا قويسا مەنتىقىگە ئويغۇن بولامدۇ؟

مەن سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىل، ئەمما ئىنساپ، ئادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tawbikar Zumba

1- ساھابە ئىبنى مەسئود رەزىيەنلاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئەبۇ جەھىلنى تاشقى قىياپەتتە ئوخشىتىشىڭىز، ئىستانبولدا ياشاۋاتقان ئەلى ئەكبەر داموللام بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتادا ياشاۋاتقان بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنى، ئىلمى جەھەتتە ئوخشاتقىنىڭىز ئەقەللىي بىر مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

بۇرھان: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تەۋبىكار ئەپەندى، رەھمەت. يازمىنىڭ باشلىنىشىدا ئىككى كىشىنى تارىخىي ئىككى شەخسكە ئوخشىتىش مۇددىئا قىلىنمىغان. ئۆلىمالىق شەكىلۋازلىقتا ئەمەس، خاراكتېردە گەۋدىلىنىدىغانلىقى ئۇرغۇلانغان. ئىككى شەخس بىلەن تارىخىي ئىككى شەخسىيەتنى قىياسلاشتا مەسىلىنى قانداق بىر - بىرىگە چاتالىغانسىز؟ قىزىق بىلىندى.

2- بىز مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ساقال قويىمىز، ئەلى ئەكبەر داموللام ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ئۆلىماسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالەتتە چىرايلىق ساقال قويغان، سىزنىڭ داموللامنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىڭىز، ئۆلىماغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

بۇرھان: بىرىنچىدىن، داموللام دېيىلىۋاتقان بىر دىندار شەخسىيەتنى تەنقىد قىلغانلىقىم راست. لېكىن داموللام سالاھىيىتى بارلىقى، ئۇيغۇرنىڭ دىنىي ئۆلىماسى دەيدىغان تەرىپكە سازاۋەرلىك ياكى ئەمەسلىك مەسىلىسىدە مەن سىزگە قوشۇلمايمەن. بۇ جەھەتتىن سىز داموللام دەپ بىلگەن كىشى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك تەرەپ تۇتۇشىڭىز نورمال. لېكىن مەن ئىلىم ۋە ئىلمىيلىك تارازىسىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىمدا مەن ئۈچۈن ئىسمى داموللام پەقەت. ئەمما سالاھىيەت مەسىلىسىدە ئۇنداق دېيىش بالدۇر. چۈنكى داموللام سالاھىيىتى قانداقتۇر بىر توپ كىشىنىڭ چاقىرىپ كۆنۈپ قېلىشى ياكى شۇنداق ئاتاپ شەكىللىنىپ قىلىشى بىلەن ۋەياكى ئۇزۇن يىل دىن ئوقۇش تارىخى بولغانلىق بىلەنلا پۈتۈپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. داموللام دېيىلىۋاتقان بولسا، كۆپ بولسا بۇ لەقەم ياكى چاقىرىش ئادىتىدىكى كۆنۈكلۈك بولىدۇ، خالاس. سالاھىيەت مەسىلىسىدە بىرىنى «مىللەتنىڭ ئۆلىماسى» دەپ تەرىپلەش مىللەتنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ۋە ھەقىقىي ئۆلىمالاردىن شاھادىتى بار، ھەمدە ئۆلىمالىق كىشىلىكى ئىلمىگە مۇتابىق بولغان كىشىگە قارىتا ئېيتىلسا توغرا بولىدۇ. شۇندىلا تەنقىدكە قارىتا «مىللەتنىڭ دىنىي ئۆلىماسى»غا بىر نەرسە دېدىڭىز دەپ ئېسىلساق، بىرئاز ئورنى بولىدۇ. مىللەت دېگۈدەك سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن كۆپ سانلىق خەلق ھېلىھەم ۋەتەندە، ئېتىراپلىق زور سانلىق ئۆلىمالار بولسا ھەپىستە. ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ياكى جانلىق ئىلغار پىكىرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلمىي چوڭقۇرلۇقلىرىنى ئىپادىلىيەلمىگەن ياكى ئىسپاتلىيالمىغان، تۇتۇملۇق بىرەر ساھەدە ئىزدىنىشنى بىلمەيدىغان، تۈگەل دىن ئوقۇش تارىخى ھەمدە تەقى - تۇرقى ۋە گەپدانلىققا تايىنىشتىن باشقا چارىسى يوق، ئايەت - ھەدىس مەتىنلىرىنى قارىسىغا يادلاش ياكى بۇزۇق ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ ۋەزخانلىق سەۋىيەسىدىن ئاشالمايدىغان، بۈگۈنكى ئىسلامىي ئىلىم ساھەلىرىدە ئومۇملاشقان بىرەر ئىلمىي مېتود ياكى قائىدە - قانۇنىيەتكە بېقىنماستىن ئايەت - ھەدىس يالىتىلغان گەپ دۆۋىسىنى تۆكمە قىلىپ ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتىش ياكى ئىستەكلىرىگە ئەگەشتۈرۈش خىيالىدا يۈرۈۋاتقانلارنى ئالىم ساناش بەكلا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋردە ۋەزخانلىقى ۋە كامېرادىكى ساپاسىز چۇۋالچاق زۇۋاندارلىقلارغا قاراپ بىرىلىرىنى «مىللەت ئۆلىماسى» دەپ قوبۇللىنىش ئىلىم ۋە ئۆلىما ئۇقۇمىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتسىزلىك. ھەتتا بۇنداق تۇتۇملارنىڭ ئومۇملىشىشى نەچچە ئەسىرلىك ئىلىم ۋە ئۆلىما ئەنئەنىسىگە ساھىب بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا، ئىلمىي ۋە پەزىلەت ئۇقۇملىرىغا قىلىنغان جىنايەتتۇر، خالاس.

ئىككىنچىدىن، يازمىدا بىرىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن چىرايلىق ساقال قويۇشىنىڭ ھۆكمى ياكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى خۇسۇسىدا ھېىچبىر ئىپادە يوق. ھەم يازمىنىڭ يۆنىلىشى ئۇزاقتىن ياكى يېقىندىن سىز دەۋەتقان كاتېگورىيەلەر بىلەن كېسىشىپ قالمايدۇ. گەپ مەزكۇر چىرايلىقلىقنى بۇزغان نەرسىنىڭ شەكىل ۋە تەقى - تۇرقىدا ئەمەس، ساپاسىزلىقتا، دىنىي ئوبرازنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىشتا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

Tawbikar Zumba

3- بەختىباي مۇتەللىپ ئوغلىنىڭ يېرىم سائەتلىك تارىخنى بۇرمىلغان، ئارلاشتۇرىۋەتكەن سۆزى ھەرگىزمۇ بىراۋغا دەرس بەرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بىراۋ سىزنىڭ چىرايلىق، ياراشتۇرۇپ قويۇۋالغان بۇرۇتىڭىزنى چاشقاننىڭ بۇرتىغا ئوخشايدىكەن، ياكى دىنسىز لېنىن، سىتالىننىڭ، گېتلىرنىڭ بۇرۇتىغا ئوخشىتىپ تەڭ ئورۇنغا قويسا مەنتىقىگە ئويغۇن بولامدۇ؟

بۇرھان: يەنىلا شەكىلگە بېرىلىش مەسىلىسى. بەختىباينىڭ دەرس بەرگەنلىكىنىڭ قايسى نۇقتىدا ئىكەنلىكى يازمىدا ئىشارەت قىلىنغان. داموللا ئاتىقىدىكى بىر كىشىنىڭ قارشىسىدىكى شەخسنىڭ سىياسىي پىكىرلىرىنى تەنقىدىي نەزەردە مۇئامىلە قىلماي، مەلئۇن ئىپادىلىرى بىلەن سەتلىشى ھەمدە گەپنى شەخستىن يۆتكەپ قازاقلار ئۈستىدىن گەپ يورغىلىتىشى بىلەن بەختىباينىڭ ناھايىتى تەمكىن ھالدا، داۋلىلىرىنى مەنتىقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ھۆرمەت - ئىززەتنى بىردەممۇ يوقاتماستىن جاۋاب قايتۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بار. تارىخنى ئارىلاشتۇرۇشى تارتىشىشقا بولىدىغان مەسىلە. لېكىن ئەخلاقسىزچە يۈكلىنىپ سەتلەپ جاۋاب قايتۇرۇپ بىر بۆلۈك تەرەپدارلارنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇش كويىدا پىروپاگاندا قىلىشى تارتىشىش نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى تەنقىدلەشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. مېنىڭ تەنقىدىم دەل داموللام دېيىلىۋاتقاننىڭ گويا مىللەتنىڭ شەرئىي ۋەكىلىدەك تەلەپپۇزدا ئەھكام كېسىپ يۈكلىنىشى، ئەمما ئۆزىنى ئاددىي بىر مۇسۇلمان، ئاۋام سۈپىتىدە، قېرىندىشى سۈپىتىدە شەخستىن ھالقىپ مىللەتكە قارىتا ئومۇملۇق ئىپادىلەيدىغان ھۆكۈملەرنى بېرىشتىن بۇرۇن پېشانىنى سىلىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئىنتايىن مەنتىقىلىق، تەمكىن بىر تەرزىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇنى قېرىنداش سۈپىتىدە ئىپادىلىيەلىشىدۇر. بۇ قەدەر ئەخلاقىي تۇتۇمنى، ۋەزمىن دىيالوگنى داموللام ئاتىقىدا كېزىۋاتقان كىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئاددىي بىر مۇسۇلمان دىندار سۈپىتىدە بىرى چىقىپ دېگەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ئىكەنلىكىنى، توغرا تەنقىدكە ھەر ۋاقىت ئامەننا دەيدىغانلىقىنى دەپ تۇرۇپ پىكرىنى ئىپادىلىگەن بولسا، تەنقىدنىڭ ئاۋامغا ئەمەس، داموللا ئاتىقىدىكى بىرىگە يۆنىلىشى ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال.

يۇقىرىقىدەك پەرقلىق نۇقتىئىنەزەرلەر بار ئىكەن، سىزنىڭ تارازىڭىزدا چوڭ ئوبرازدىكى بىرىگە، مېنىڭ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىم تەبىئىي. شۇنداقلا سىزنىڭمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈشىڭىز نورمال. ھەرھالدا بۇ تەرەپلەر سىز ۋە مەندە چۈشىنىشلىك بولغان بولسا، پىكىرلەر ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا يازما ئۆز جايىنى ۋە ئەھلىنى تاپسا مەسىلە يوق، دەپ قارايمەن.

ئەدەپ ۋە گۈزەل تىلەك بىلەن يازغان ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن تەكرار رەھمەت. ئامان بولۇڭ!


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى