ئىتاليان تىلى

ئورنى Wikipedia

ئىتالىيە تىلى ياكى ئىتاليانچە (italiano ياكى lingua italiana)، كۆپچىلىكى ئىتالىيە ۋە شۋېتسىيەวรวิทย์ สุภะดี تىجىنو كانتونىدا ياشاغۇچى 60 مىلىيون[1] كىشى تەرەپىدىن سۆزلىشىلىدىغان بىر تىل.

ئىتاليان نەسلىدىن بولغان كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئارگېنتىنا، برازېلىيە، كانادا ۋە ئاۋستىرالىيەدە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە رومان تىللىرى ئائىلىسىغا تەۋەدۇر.

ئوتتۇرا ئەسردىن ئىتىبارەن خەلق لاتىنچە (ۋۇلگار لاتىنچە) تۈرلۈك شىۋەلەرگە ئايرىلدى. ئوتتۇرا ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ڧلورانسا شەھرىنىڭ ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن، توسكانا يازما تىلىدىن بۇگۈنكى ئىتاليانچە شەكىللەنگەندۇر. بۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىدا بوككاچىيو (Boccaccio)، دانتې (Dante Alighieri) ۋە پېتراركا (Petrarca) قاتارلىق ئىسىملەرنىڭ لاتىنچە ئورنىغا توسكانا شىۋىسىنى قوللىنىشلىرىنىڭ تەئسىىرى بۈيۈكتۇر. بۇنىغا قارشىن ئىتاليان تىلى، سىياسىي بىرلىكنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى تاماملانمىغان بولىشىنىڭمۇ تەئسىرى بىلەن رايوندىن رايونغا پەرقلەر ئىنتايىن پەرقلىقتۇر. ھەر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس شىۋەسى باردۇر ۋە بولۇپمۇ شىمال ۋە جەنۇب شىۋەلەرى ئاراسىندا بىر بىرىنى تۈشۈنۈشەلمىەۈدەك دەرىجىدە ئوخشىماسلىقلار باردۇر.

ئىتاليانچە رومانىي تىللار ئىچىدە لاتىنچەگە ئەڭ سادىق قالغانىدۇر، بۇ يۈزدىن "زامانەۋىي لاتىنچە" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقا رومان تىللارى بىلەن (ڧرانسۇزچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، رومانچە، كاتالانچە قاتارلىق) چوڭ جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىتاليانچەنى ياخشى بىلىدىغان بىر كىشى باشقا رومانىس تىللارنىمۇ قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆرگىنىپ كېتەلەيدۇ.

ئىتاليانچە، كەلىمەلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈگىشى ۋە كەسىڧ ئۇرغۇلارى بىلەن ئۆزىگە خاس بىر مېلودىيەگە ئىگە ۋە بۇ يۈزدىن ھەم دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل تىللىرىدىن قەبۇل قىلىندۇ. ئىتاليانچە، ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىش دەۋرىدە زامانىسىنىڭ لىنگۇا ڧرانچاسى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىق ئۈچۈن باشقا تىللارغا بولغا تەئسىرى ئىنتايىن چوڭدۇر ۋە بولۇپمۇ مۇزىكا ساھەسىكىدىكى ئاتالغۇلار ئىتاليانچەدۇر. ئىتالىيەنچە دۇنيادا ئاز ساندىكى مېلودىك تىللارنىڭ بىرىدۇر. تۇيغۇلاندۇرغۇچى بايانلىرى مول بىر تىلدۇر.

ئىتاليانچەدە 21 ھەرڧ باردۇر. K, j, w, x ۋە y ھەرڧلىرى پەقەتلا چەتئەل تىلدىن كىرگەن سۆزلەردە قوللىنىلىدۇ.

“C” تاۋۇشى e ۋە i ھەرڧلىرىدىن بۇرۇن “ç” (چ)؛ a, u ۋە o ھەرڧلىرىدىن بۇرۇن كەلسە “k” ئوقۇلىدۇ. (“Casa” (ئۆي) kaza دەپ ئوقۇلىدۇ, “cielo” (ئاسمان) chelo\چەلو دەپ ئوقۇلىدۇ). “G” تاۋۇشى ھەم e ۋە i دىن بۇرۇن “c”(ج)؛ a,u ۋە o دىن بۇرۇن كەلگەندە “g” دەپ ئوقۇلىدۇ. (“Gatto” (مۈشۈك) gatto, “gente” (ئىنسانلار\كىشىلەر) cente (جەنتە) دەپ ئوقۇلىدۇ).

İ ۋە e’ دىن بۇرۇن كەلگەن c’ نى k ۋە g نى g ئوقۇماق ئۈچۈن “h” ھەرڧى قوشۇلىدۇ؛ ; “chiamare” (چاقىرماق) kiyamare (كيامارې), “lunghezza” (ئۇزۇنلۇق) lungetza (لۇڭگېتزا) دەپ ئوقۇلىدۇ. . “Gl” لي شەلىدە , “gn”بولسا ny شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Taglia” (مەندىن) talya (تاليا) شەكلىدە , “ogni” (ھەر) onyi (ئوني) شەكلىدە ئوقۇلىدۇ. “Z” تاۋۇشى dz شەكلىدە, “zz” ئىسە ts شەكلىدە ئوقۇلىدۇ: “Zucchero” (شېكەر) dzukkero (دزۇككېرو), “pizza” بولسا pitsa (پىتسا) دەپ ئوقۇلىدۇ. E ۋە i دىن بۇرۇنقى “Sc” ش دەپ ئوقۇلىدۇ, “scegliere” (تاللىماق) shelyere (شەليەرە) ئوقۇلىدۇ. باشقا ھەرڧلەر ئۇيغۇرچىدىكىدەك ئوقۇلىدۇ. پەقەت “r” تاۋۇشى ئىتاليانچەدە ئۇيغۇرچىدىكىدىن تېخىمۇ كۈچلۈكرەك يۇمۇلاقلىنىدۇ.

گرامماتىكاسى[تەھرىرلەش]

ئىتاليان تىلىنىڭ گرامماتىكاسى ئىنتايىن ئوڭايدۇر. ئىسىملەرنىڭ تامامى ئەركەك ياكى تىشى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەركەك كەلىمەلەر ئادەتتە “-o” ھەرڧى بىلەن، تىشى كەلىمەلەر ئىسە “-a” ھەرڧى بىلەن تۈگەيدۇ. ئەركەك كۆپلۈك “-i”، تىشى كۆپلۈك “-e” قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل بالا “bambino”، قىز بالا “bambina”؛ ئوغۇل بالالار “bambini”، قىز بالالار “bambine” شەكلىدە دېيىلىدۇ.

سۈپەتلەر ئىسىملەرنىڭ جىنسىغا ئۇيىدۇ. Bambino bello=چىرايلىق ئوغۇلچاق؛ Bambina bella= گۈزەل قىزچە، Bambini belli=گۈزەل ئوغۇلچاقلار، Bambine belle=گۈزەل قىزچەلەر. ئەركەك رەۋش (articolo) بولسا “il”، تىشى رەۋىش “la” دۇر. “il” نىڭ كۆپلۈكى “i”، “la”نىڭ كۆپلۈك شەكلى “le” دۇر. شۇنداقلا سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان كەلىمەلەر “l” رەۋىشىنى، , “s-جاراڭسىز تاۋۇش“, “ps-“, “gn-“, “z-“ بىلەن باشلانغان ئەركەك كەلىمەلەر بولسا “lo” رەۋىشىنى ئالىدۇ. “l” ۋە “lo” نىڭ كۆپلۈكى “gli” دۇر.

ئىتاليانچەدە شەخسلەر io (مەن), tu (سەن), lui (ئەركەك ئۇ), lei (تىشى ئۇ ياكى سىز), noi (بىز), voi (سىلەر), loro (ئۇلار) دۇر. ڧىئېللەر شەخسلەرگە كۆرە ۋە زامانغا قارىتا تارتىدۇ. ھازىرقى زاماندا (Presente) پىئېل يىلتىزىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان قوشۇمچىلار بىلەن شەخسلەر تاماملانغانلىقىدىن شەخس يۇشۇرۇن ئىگە شەكلىدە قالالايدۇ:

Parlo = سۆزلەۋاتىمەن Ho parlato = سۆزلىدىم Parlavo = سۆزلىشىۋاتاتتىم
Parli = سۆزلەۋاتىسەن Hai parlato = سۆزلىدىڭ Parlavi = سۆزلىشىۋاتاتتىڭ
Parla = سۆزلەۋاتىدۇ Ha parlato = سۆزلىدى Parlava=سۆزلىشىۋاتاتتى
Parliamo = سۆزلەۋاتىمىز Abbiamo parlato = سۆزلەشتۇق Parlavamo=سۆزلىشىۋاتاتتۇق
Parlate = سۆزلەۋاتىسىز(لەر) Avete parlato = سۆزلەشتڭلار Parlavate=سۆزلىشىۋاتاتتىڭلار
Parlano = سۆزلەۋاتىدۇلار Hanno parlato = سۆزلەشتىلەر Parlavano=سۆزلىشىۋاتاتتىلار

ئىتاليانچەدە 4 ئۆتكەن زامان، 1 ھازىرقى زامان، 1 كەلگۈسى زامان، 1 شەرت، 1 ئۆتكەن شەرت شەكلىدە نۇرغۇن زامان باردۇر. لېكىن زامانلارنىڭ بەئزىلىرى كۈنلۈك سۆزلىشىشلەردە قوللىنىلمايدۇ.

پۈتۈن ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا بولغاندەك جۈملە تەرتىپى ئىگە-خەۋەر-تولۇقلىغۇچى شەكلىدە بولىدۇ:

  • Luigi viene da casa =مەنىسى (Luigi ئۆيدىن كېلىۋاتىدۇ)
  • Parlo con te =مەنىسى (سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن)

ئىتاليانچە بىر پاساژ[تەھرىرلەش]

دانتى: ئىلاھى كومىدىيە (La Divina Commedia), جەھەننەم (Inferno) نىڭ I. كانتو، تۇنجى كوبلىتىدىن بىر پاساژ:

Nel mezzo del cammin di nostra vita

mi ritrovai per una selva oscura,

ché la diritta via era smarrita.

(ئوقۇلىشى: نېل مېدزو دېل كاممىن دى نوسترا ۋىتا

مى رىتروۋاي پېر ئۇنا سېلۋا ئوسكۇرا،

كە لە دىرىتتا ۋىئا ئەرا زماررىتا)

ھاياتىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا

ئۆزۈمنى قاڭغۇ بىر ئورماندا يېڭىدىن تاپتىم،

ۋە توغرا يۇل يوقالغانىدى.

بەئزى ئىتاليانچە سۆزلۈكلەر[تەھرىرلەش]

  • sì-ھەئە.
  • no-ياق.
  • ciao-مەرھابا.
  • grazie-رەخمەت.
  • prego-ئەرزىمەيدۇ.
  • Come stai-ياخشىمۇسىز؟
  • Bene-ياخشى
  • Ci vediamo dopo-كېيىن كۆرۈشەرمىز
  • per favore-لۇتڧەن، ئىلتىماس
  • mi scusi-كەچۈرىسىز
  • buonanotte-خەيرلىك كېچە
  • buongiorno-خەيرلىك سەھەر
  • buonasera-خەيرلىك ئاخشاملار
  • arrivederci-خەير-خوش
  • ti amo-سېنى سۆيىمەن.
  • per me-مېنىڭ ئۈچۈن
  • perché-نېمىشقا
  • caldo-ئىسسىق
  • freddo-سوغۇق
  • l’uomo-ئەر
  • la donna-ئايال
  • il figlio-ئوغۇل
  • la figlia-قىز
  • il fratello-ئاكا
  • la sorella-ئاچا\ھەدە
  • il padre-ئاتا
  • la madre-ئانا
  • la casa-ئۆي
  • il tavolo-شىرە
  • la finestra-پەنجىرە\دېرىزە
  • la porta-ئىشىك
  • l’amico-قېرىنداش
  • l’amore-ئاشق
  • la canzone-ناخشا\قوشاق
  • Italia-ئىتالىيە
  • l’italiano-ئىتاليانچە
  • Turchia-تۈركىيە
  • Cina - جۇڭگو
  • il uigura-ئۇيغۇرچە
  • come-قانداق
  • rosa-گۈل

سانلار[تەھرىرلەش]

ئىتاليانچە ئۇيغۇرچە
uno (una) بىر
due ئىككى
tre ئۈچ
quattro تۆرت
cinque بەش
sèi ئالتە
sètte يەتتە
òtto سەككىز
nòve توققۇز
dièci ئون
ئىتاليانچە ئۇيغۇرچە
ùndici ئون بىر
dódici ئون ئىككى
trédici ئون ئۈچ
quattórdici ئون تۆرت
quìndici ئون بەش
sedici ئون ئالتە
diciassette ئون يەتتە
diciotto ئون سەككىز
diciannove ئون توققۇز
venti يىگىرمە
ئىتاليانچە ئۇيغۇرچە
ventuno يىگىرمە بىر
ventidue يىگىرمە ئىككى
ventitré يىگىرمە ئۈچ
ventiquattro يىگىرمە تۆرت
venticinque يىگىرمە بەش
ventisei يىگىرمە ئالتە
ventisette يىگىرمە يەتتە
ventotto يىگىرمە سەككىز
ventinove يىگىرمە توققۇز
ئىتاليانچە ئۇيغۇرچە
trenta ئوتتۇز
quaranta قىرىق
cinquanta ئەللىك
sessanta ئالتمىش
settanta يەتمىش
ottanta سەكسەن
novanta توقسان
ئىتاليانچە ئۇيغۇرچە
cento يۈز
mille مىڭ
duemila ئىككى مىڭ
duemilaquattordici ئونمىڭ ئون تۆرت

پەسللەر[تەھرىرلەش]

  • La Primavera-ئەتىياز
  • L'Estate-ياز
  • L'Autunno-كۈز
  • L'Inverno-قىش

كۈنلەر[تەھرىرلەش]

  • lunedì - دۈشەنبە
  • martedì - سەيشەنبە
  • چاھارشەنبە- Çarşamba
  • giovedì - پەنچشەنبە
  • venerdì - جۇمئە
  • sabato - شەنبە
  • domenica - يەكشەنبە

ئايلار[تەھرىرلەش]

  • Gennaio-قەھرىتان
  • Febbraio-ھۇد
  • Marzo-نەۋرۇز
  • Aprile-ئۈمىد
  • Maggio-باھار
  • Giugno-سەڧەر
  • Luglio-چىللە
  • Agosto-تومۇز
  • Settembre-مىزان
  • Ottobre-ئوغۇز
  • Novembre-ئوغلاق
  • Dicembre-كۆنەك

ھايۋانلار[تەھرىرلەش]

  • il cavallo-ئات
  • il cane-ئىت
  • il gatto-مۈشۈك
  • il serpente-يىلان
  • la vacca-ئىنەك
  • la gallina-مىكيان
  • il gallo-خوراز
  • l’uccello-قۇش
  • il leone-ئارسلان (شىر)
  • la tigre-يولبارس
  • la rana-پاقا
  • la libellula-يىڭناغۇچ
  • il coniglio-توشقان
  • la lumaca-قۇلۇلە
  • lo scoiattolo-تىيىن
  • la zanzara-پاشا

گېئومېترىيە[تەھرىرلەش]

  • il cerchio-چەمبەر
  • il triangolo-ئۈچبولۇڭ
  • il quadrato-كۋادرات
  • il rettangolo-تىك تۆرتبولۇڭ
  • il pentagono-بەشبولۇڭ
  • l'esagono-ئالتەبولۇڭ
  • l'ettagono-يەتتىبولۇڭ
  • l'ottagono-سەككىزبولۇڭ

تەرەڧلەر[تەھرىرلەش]

  • nord-شىمال (تەسكەي)
  • sud-جەنۇب (كۈنگەي)
  • ovest-غەرب (كۈن پېتىش\قىبلە)
  • est-شەرق (كۈن چىقىش)
  • nordovest-غەربىي شىمال
  • sudovest-غەربىي جەنۇب
  • nordest-شەرقىي شىمال
  • sudest-شەرقىي جەنۇب

قاراڭ[تەھرىرلەش]

ئىتاليانلار

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. Nationalencyklopedin "Världens 100 största språk 2007" The World's 100 Largest Languages in 2007

سىرتقى ئۇلاش[تەھرىرلەش]