ئىتتىن نېرى تۇر
ئىتتىن نېرى تۇر
كۆپنى كۆرگەن، ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدا ئىسسىق - سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۆرە ئاتا بالىلىرىغا ھايات مىزانىدىن ئۈگۈت بەرمەكچى بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى بۆرە ئاتا بالىلىرىغا ھايات مىزانىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرسىنى بېرىش ئۈمىدىدە ئۇلارنى يىغىپتۇ. بۆرە ئاتا بالىلىرىنى ئېلىپ ۋادىدىكى ئەڭ ئېگىز تۆپىلىككە چىقىپتۇ ۋە بالىلىرىغا پەستىكى ماجىرالارغا نەزەر سېلىشقا بۇيرۇپتۇ. ھەممە ئۈستىدە تۇرۇپ ۋادى ئىچىدىكى ماجىرالارغا دىققەت قىلىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئەسنادا بۆرە ئاتا ئەۋلاتلىرىغا شۇنداق دەپتۇ:
- بالىلىرىم، ئاۋۇ قويلار توپىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
بالىلار:
- ھەئە كۆردۇق.
بۆرە ئاتا:
- بىلىپ قېلىڭلار، قوي گۆشىنىڭ تەمى لەززەتلىك، يېيىشكە بەكمۇ ئەپلىك.
بۆرە ئاتا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
- يەنە ئاۋۇ پادىچىنى كۆردۈڭلارمۇ؟
بالىلار:
- كۆردۇق.
بۆرە ئاتا: دەپتۇ
- ھەببەللى، سىلەر ئۇنىڭ قولىدىكى كالتەكتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ئۇ ھەم خەتەرلىك، ھەم ئاغرىقى يامان....
بۆرە ئاتا شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقىنىدا ئەڭ كىچىك بۆرە بالىسى پەستە لالمىلىق قىلىپ كېتىۋاتقان ئىتلار توپىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە بۆرە ئاتىغا:
- دادا، دادا. قارىڭە، ئاۋۇ تۆت پۇتلۇقلار ئەجەب بىزگە ئوخشايدىكەن، دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بۆرە ئاتا شۇ ھامان تەنبىھ بېرىپتۇ:
- بالىلىرىم، مەندىن نەسىھەت: ئېزىپ - تېزىپ بۇ خىلدىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ قالماڭلار، بۇنداقلارنى ئارىغا ئالماڭلار، چوقۇم يىراق تۇرۇڭلار! چۈنكى بىز نېمە تارتقۇلۇق تارتقان بولساق، دەل مۇشۇنىڭدەك بىزگە ئوخشاش كۆرۈنگەن، ئەمما بىزدىن بولمىغانلاردىن تارتىپ كەلدۇق.
ئەلقىسسە: دەرۋەقە، نېمە تارتقۇلۇق تارتقان بولساق، بىزچە سۆزلەيدىغان، بىزچە كۆرۈنىدىغان ئەمما بىزدىن بولمىغانلاردىن تارتىپ كەلدۇق ۋە تارتىشنى داۋام قىلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزدىن ھالقىپ ئۆزگىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا قىلىۋاتقان خىرىسلىرىغا، زۇلمىغا ۋە مۇستەملىكىسىگە قارشى ئورتاق سەپ تۇتۇشتا زور پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقىنىمۇ ئۆزىمىزدىن ھالقىغىدەك بولالماسلىقتا، ئىت بىلەن بۆرىنىڭ پەرقىگە بارماسلىقتا، پەرقىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ بىلىپ تۇرۇپ ئىتقا بۆرىچە، بۆرىگە ئىتچە مۇئامىلە قىلىشتا بولۇپ كەلدى. شالغۇتلىشىش، ساپلاشماسلىق، سۈزۈكلەشمەسلىك، مەۋجۇتلۇقىنى قومۇرۇپ تاشلىغىلى بولماس يىلتىزغا، مۇستەھكەم تۇتقىغا ئىگە قىلىپ كەلگەن تۈپكى پىرىنسىپ، قائىدە - ئەركان ۋە ئۇنسۇرلارغا ئىگە چىقالماسلىق، ھەتتا ئىگە چىقالايدىغان تۇرۇپ چىقماسلىق، لايغەزەل بىتەرەپچىلىك، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تۈپكى ھايات پەلسەپەسىگە كۆرە ياشاش ۋە ھايات مىزانى تىكلەشتەك ئەقەللىي تەلەپكە ئۇيغۇن «ئىنسان» بولۇش شەرتىنى ھازىرلىماسلىقلار تىرناق ئىچىدە «ئەنئەنە»لەشتى. «ئەقىلنىڭ كۆزى» دەپ تەرىپلەنگەن ئاتىلار سۆزىدىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن، ئادىمىيلىك مىزانى، دۇنيا قارىشى، ئەقىدە - ئىمانى، ئەخلاقى - پەزىلىتىدىن زەررە يۇقماي ۋە يۇقتۇرمايلا كىشىلەر توپىغا گويا قوي قوتان ئىچىدىكى توپىغا قېتىلغان پەدىسىدە قېتىلىپ كېتىشتەك تىراگېدىيەنى سەزمەي باشتىن كەچۈرۈش، ئاڭسىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشلەرمۇ ئاقىۋەتتە ئۆز توپىغا خىيانەتنى پەردازلاپ كۆتۈرۈشتىن ھېيىقمايدىغان، خائىنلىق، ۋەتەنساتارلىق، دىنساتارلىق، مۇرتەدلىك ۋە مۇناپىقلىقنىمۇ گويا پىكىر ئەركىنلىكىدەك، مۇنازىرىلىشىپ مۇرەسسە قىلىشقۇدەك، تارتىشىپ چۇۋۇپ ئويناشقا بولىدىغان ئويۇنچۇقتەك قاراشتىن تەپ تارتمايدىغان نومۇسسىز، نائەھلى تىپلارنىڭ ئاۋۇشىغا چوڭ بوشلۇق يارىتىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ھەر دوقمۇشتا پەرقلىق ۋىۋىسكىلار ئاستىدا مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىگە قارشى تۇتۇمى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىتا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا چوماق سېلىشلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى، بۆرە ئارىسىغا قىسىلىۋالغان لالما ئىتلاردەك تىمىسىقلاشنىڭ كۆپىيىشى، ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە بۆرە قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەسلى يۈزىنى ئاشكارا قىلىپ دۈشمەننىڭ چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرتۈشكە يارايدىغان شوئار ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن قارشىمىزغا چىقىش ئارقىلىق ئەپتى - بەشىرىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلغۇدەك باسقۇچقا كېلىشى قاتارلىقلارنىمۇ مەلۇم مەنىدە ئوۋلايدىغان توپلۇمدىن ئوۋلىنىدىغان توپلۇمغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىش ھەم مۇمكىن. مۇھەببەت - نەپرەت ئېنىق بولماسلىق، ھەق - ناھەق قارىشىدىن يوقسۇزلۇشۇشنىڭ تەبىئىي ئاقىۋىتى بولغان بۇ تۈرلۈك ھادىسىلەر گەرچە بىر تۈركۈم ھەقىقىي ۋىجدان ئەھلىلىرى تەرىپىدىن قارشىلىق كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئورتاق سادانىڭ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ياتىدىغان ۋە ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان دائىرىدىكى قارشىلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈكلەشمەسلىكى بىر پاجىئە. ئىشنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلۇشقا، مۇرەسسەگە، مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇلۇش قەستىدە بولۇنۇۋاتقانلىقى بولسا، مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە كېلەچىكىنى ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇش پىروجىسىنىڭ ئىشقا كىرىشىۋاتقانلىقىدىن، ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئاستىنى كولاپ تۇرۇپ ئورەككە قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيدۇرماسلىق تاكتىكىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
توغرا، نېمە تارتقۇلۇق تارتقان بولساق، بىزگە ئوخشايدىغان، ئەمما بىزدىن ئەمەسلەرنىڭ سەۋەبى ئارىلاشماي تارتىپ باقمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسلىدە بىزدىن ئەمەسلەرنىڭ قاتارىدا ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشلارنىڭ ۋە قىلغانلارنىڭ ھەسسىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆتۈمسىز ئىشنى ئۆتۈملۈك قىلىشتىكى «تۆھپە»سىنىڭ قايسى دەرىجىدە قاباھەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇدۇق. بارغانچە بۆرە تۇرۇپ ئىتقا ئايلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بىر سىمانىڭ بىزگە ناز كەرەشمىلىك جىلۋىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدا بىزنى كۈتۈپ ياتقان تارتقۇلۇقلارنىڭ ئەسلى ئاكتىپلىغۇچىسىنىڭ بۇ جىلۋىلىنىشلەرگە قارىتا مەزمۇت تۇرالماسلىقىمىزنىڭ قوشىدىغان ھەسسىسىنى ئويلىشىپ كەتمەس بولدۇق. بۇنداق ھالەتنىڭ ئىستىخىيەلىك مايىللىشىپ كېتىشتىن، بىنورماللىقنى نورماللاشتۇرۇش توزاقلىرىغا ئەل بولۇپ كېتىشتىن بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ نەزەرگە ئالماس بولدۇق.
توغرا، نېمە تارتساق، تارتقۇلۇقلىرىمىز بىزگە ئوخشايدىغان، ئەمما بىزدىن ئەمەسلەرنىڭ قولىسىز ۋۇجۇدقا كەلمىدى. شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئىتقا بۆرىچە، بۆرىگە ئىتچە مۇئامىلە قىلىشتەك قاششاقلىقىمىزنىڭ رولىمۇ ئاز بولمىدى. نەتىجىدە ئۇلۇغ ئاتىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئېيتقان بۇ قۇرلار تەقدىر - پېشانىمىزدىن ئەگىپ كېتەلمەس بولدى. ئەجەبا ئاتىمىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئۈگۈتلىرىدە بىزگە شۇ سۆزلىرى بىلەن تەنبىھلىمىگەنمىدى:
بولۇۋەرسە ئىتقا، كۆر، باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.
ھەيھات، ھەيھات!!!
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-02-28
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى