ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئىت تالاشتۇرۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بىرى. ئۇ قىزىقارلىق بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى كۆپىچنە كۈچۈك بۆرە ئىت، تايغان ئىتلارنى تاللاپ بېقىپ تالاشتۇرۇشقا سالىدۇ. ھەتتا ياخشى تالىشىدىغان ئىتلارنى خېلى جىق پۇللارغا سېتىۋالىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە يېزا - بازار كۈنلىرى، ھېيت - بايرام كۈنلىرى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرغاندا، ئىككى ئىتنى سورۇنغا قويۇپ بېرىدۇ. ئىتلار تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ، بىر - بىرىنى چىشلەپ بوغىدۇ، ھەتتا پۇتلىرىنى چاينىۋېتىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش جەريانىدا غىڭشىپ قۇيرقىنى تىقىۋېلىپ تۇرۇۋالغان ياكى قاچقان ئىت يېڭىلگەن ئىت ھېسابلىنىدۇ. ئىتلار خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تالىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەڭگەن ئىتقا دەرھال يەنە بىر ئىتنى تالاشتۇرۇش سالمايدۇ. بۇ ئويۇن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - بازارلىرىدا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆرگۈچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، يەڭگەن ئىتنىڭ ئىگىلىرى غەلىبە قۇچۇپ قايتقان باتۇر - ئەزىمەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى داڭق چىقارغان ئىتلارنى ئاڭلىسا، يۇرت ئاتلاپ بېرىپ ئىتلىرىنى تالاشتۇرىدۇ. ھازىر بەزى يېزا - بازارلىرىدا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنلىرى بار."[1]

    ئىت تالاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى . ئاجايىپ قىزىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشقا خۇمارى بار ئادەملەر كۆپىنچە كۈچتۈڭگۈر بۆرە ئىتلارنى ياكى ئوۋ ئىتلىرىنى تاللاپ تەربىيىلىگەندىن كېيىن تالاشقا سالىدۇ . ئوبدان تالاشقاق ئىتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپىنچە يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى ، ھېيت – ئايەم كۈنلىرى ، جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشتا ، ئىككى ئىت مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىپ ، بىر - بىرىنى تالاشقا قويۇپ بېرىلىدۇ . يامان ئىتلار رەقىبىنىڭ كانىيىنى ، پاچىقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ .

      ئىككى ئىت تالىشىش جەريانىدا غىڭشىپ قالغىنى ، چىشلىرىنى كۆرسىتىپ خىرىلداپ تۇرۇۋالغىنى ، قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىستۇرۇپ شۈمشىيىپ قالغىنى ، ئارقىغا قاراپ قاچقىنى يېڭىلگەن بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ ، ئىتلار جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق ھېرىپ كېتىدۇ ، شۇڭا ، ئادەتتە ئەمدىلا تالاشقا سېلىنىپ يېڭىپ چىققان ئىت ، دەرھال يەنە باشقا تالاشقا سېلىنمايدۇ .

       ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بازار كۈنلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ . چۈنكى ، بۇنداق چاغلاردا ئۇنى كۆرۈپ تاماشا تىلىدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، يېڭىپ چىققان ئىتنىڭ ئىگىسى بەئەينى جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ ، زەپەر قۇچقان قەھرىماندەك ئۆزىنى ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇشقا ئامراق ئادەملەر قەيەردە داڭلىق ، ياخشى ئىت بار ئىكەن ، دەپ ئاڭلىسا ، ئۆزلۈكىدىن شۇ جايغا ئىزدەپ بېرىپ . ئىت تالاشتۇرىدۇ . ھازىر ، يېزىلاردىكى بەزى بازارلاردا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش مەيدانلىرى بار بولدى .[2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
  2. مۇھەررىر : لالە ؛مەنبە:تەڭرىتاغ تورى ؛ۋاقىت:2008- 04- 09 15:18؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-04/09/content_63781.htm؛