ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل

ئورنى Wikipedia

كروران ۋە كىچىك مىرەن ئەتراپلىرىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىدا، ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە چوڭ شۆھرەت تاپقان ئارخې'ئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇل 1951 – يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت نازارىتى سىستېمىسى ئىلغار پارتىيە ئەزاسى ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن تېخنىكا خادىمى ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىس قاتارلىق شەرەپلەرگە نا'ئىل بولغان. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىل داۋامىدا 30 نەچچە قېتىم دالا ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان . بۇلاردىن ئاساسلىقى : 1973~ 1974 – يىللىرى تۇرپان ئاستانىدىكى قېزىش ؛ 1979 – يىلى چاقىلىق قەدىمكى قەبرىستانلىق جىلغا (گۇموگۇ)دىكى قېزىش؛ 1979 ~ 1989 – يىللىرى بايىنغولىندىكى لوپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان سەككىز قېتىملىق تەكشۈرۈش ؛ 1980 - ، 1987- ، 1989 – يىللىرى نىيا تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان. 1991 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە فرانسىيە پەن تەتقىقات مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخې'ئولوگىيە ئورنى بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم كېرىيە دەرياسى بويىدا ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بولغان. 1995 – يىلى تۇرپان يارغول قەدىمكى شەھىرى غەربىي تۆپىلىكتىكى كونا تاش قورال ئىزىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان . 2002 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىنى تەكشۈرۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان . ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا «جۇڭگو شىنجاڭ سىپتا تاش قورال ئىزلىرى» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى تاماملىغان. ئارخې'ئولوگىيە ساھەسىدە نەچچە ئون پارچە ماقالە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئارخې'ئولوگىيىسىدىكى يېڭى بايقاشلار» قاتارلىق بىر قانچە ئەسەرنى تۈزگەن. ئۇنىڭ 2002 – يىلىدىكى قېزىشتىن يازغان چوڭ ئىلمىي دوكلاتى «چېگرا رايون ئارخې'ئولوگىيىسى تەتقىقاتى» زھۇرنىلىنىڭ 2004 – يىللىق 4 – سانىدا «2002 – يىلىدىكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقى تەكشۈرۈش ۋە قېزىشتىن دوكلات» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان. 2008 – يىلى چاقىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى قېتىملىق كروران مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ناھىيىمىزنىڭ ئارخې'ئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئارخولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە.