Jump to content

ئىدىش ئىچىدىكى پەيلاسوپ

ئورنى Wikipedia

ئىدىش ئىچىدىكى پەيلاسوپ


يۇنان پەيلاسوپى دىئوگېن(مىلادىدىن ئاۋۋالقى 400-323 يىللار) كىنىكلەر مەكتىپىنىڭ ئاساسچىسى ئانتىسپېننىڭ شاگىرتى ئىدى. ئانتىسپېننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دىئوگېن كارىنفقا كۆچۈپ بارىدۇ. چۈنكى سىنوپتا دىئوگېن ئۆزى بىلەن مەسلەكداش بولغىدەك بىرەرمۇ ئادەم تاپالمايدۇ. ئۇ كارىنفتا ئولتۇرىدىغان ئۆي ئىزدىمەيدۇ، يېقىن-يورۇقلىرىنىڭكىگىمۇ بارماي، ئوچۇق دالىدا ياشاشقا باشلايدۇ. ھەممە يېرى دەز كەتكەن ساپال ئىدىش ئۇنىڭغا «ئۆي»لىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

دىئوگېن ھەممىگە زەھەرخەندىلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلىدە بولغان.

ئۇنىڭ «سۆيگۈ ھەققىدە»، «دۆلەت» («پولىتىيە»)، «ئەدىب»، «پىېست» (تراگېدىيە) ناملىق ئەسەرلىرى مەلۇمدۇر. دىئوگېن پىشۇرۇلمىغان سەككىزئاياقنى خام پېتى يېگەچكە،  ۋابا كېسىلى بىلەن ئاغرىپ قالغان ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن. يەنە بەزى مەنبەلەردە ئۇ نەپەس قىسىلىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن، دېيىلىدۇ.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين 70 ياشلىق دىئوگېن بىلەن كارىنفتا، شەھەر چېتىدىكى كرانېئون ئورمانلىقىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، ھەمسۆھبەت بولغان. ئۇ ئۆزىنى پەيلاسوپ دېئوگېنغا: «مەن بۈيۈك شاھ ئىسكەندەر بولىمەن» دەپ تونۇشتۇرغاندا، دىئوگېن تەپ تارتماستىن: «مەن بولسام ئىت دىئوگېنمەن» دېگەنىكەن.

«مەن مۇتتەھەم ئەمەس ئادەمنى ئىزدەۋاتىمەن». (بىر كۈنى كىشىلەر دىئوگېننى كۈپكۈندۇزدە يېنىپ تۇرغان پانۇس كۆتۈرۈۋېلىپ، نېمىنىدۇر ئىزلەۋاتقان ھالدا كۆرىدۇ. ئادەملەر ئۇنىڭدىن نېمە قىلىۋاتقىنىنى سورىغاندا، يۇقىرىدىكىدەك جاۋاب قايتۇرغان ئىكەن).

* * *

ئىسكەندەر زۇلقەرنەين دىئوگېن ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن شاھ بولمىغىنىمدا، دىئوگېننىڭ ئورنىدا بولۇشنى خالايتتىم.»

بىر كۈنى شاھ ئىسكەندەر دىئوگېننىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى:

— سورا،  مەندىن نېمىنى تىلىسەڭ، شۇنى بېرىمەن!

— قۇياشنىڭ نۇرىنى توسما،— دېدى دىئوگېن.

* * *

ئانتۇن پاۋلوۋىچ چېخوۋ دىئوگېن ھەققىدە: «ئەركىن ۋە چوڭقۇر پىكىر قىلىش ئارقىلىق ھاياتنى چۈشىنىشكە ئىنتىلىش ۋە ئالەمدىكى ئەخمىقانە يۈگۈر-يۈگۈرلەردىن نەپرەتلىنىش —  بۇلار  ئىنسان زاتى ھېچ قاچان چۈشىنىپ يېتەلمىگەن ئىككى ئىزگۈلۈكتۇر. دىئوگېن ساپال ئېدىشتا ياشىسىمۇ، ئالەمدىكى بارچە سۇلتانلاردىن بەكرەك بەختلىكراق ئىدى.»

  * * *

ۋەتەنداشلىرى دىئوگېنغا ئاتاپ كۆپلىگەن مىستىن ئىشلەنگەن يادگارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. پەيلاسوپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر سىنوپتا تىكلەنگەن ئەنە شۇنداق يادىكارلىقلاردىن بىرىدە تۆۋەندىكى مەزمۇندىكى خەتلەرنى ئوقۇشىڭىز مۇمكىن: «دىئوگېن! يىللار توپانى تاش ۋە برونزىلارنىمۇ يېمىرىپ تاشلايدۇ. ئەمما سېنىڭ تەلىماتىڭ مەڭگۈ قالغۇسى. سەن بىزنى قانائەت قىلىشقا ئۆگەتتىڭ ھەمدە بەختكە ئېلىپ بارغۇچى يولنى كۆرسەتتىڭ.»

دىئوگېن ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلانغانغاچقا، ئافىناغا قاراپ يول ئالىدۇ. بۇ شەھەردە ئۇ سوقراتنىڭ شاگىرتلىرى ئەپلاتۇن، ئارىستىپپ، ئېسخىن، ئانتىسپېن ۋە ئېۋكلىد قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كۆپ ئۆتمەي ئانتىسپېندىن باشقا ھەممىسىدىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ. دىئوگېن ئانتىسپېن بىلەن جان-دىلدىن يايراپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، تەلىماتىنى ماختاپ، ھەقىقەتنى ئېچىپ  بەرگۈچى پىكرلەرنىڭلا ئىنسانلارغا پايدا كەلتۈرىدىغانلىقىنى دائىما تەكىتلەپ تۇرىدۇ. دىئوگېن ئانتىسپېننى يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق قول ئەمەسلىكتە ئەيىبلەپ، ئۇنى كۈچلۈك شاۋقۇن كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى ئاڭلىمايدىغان جەڭ كانىيىغا ئوخشىتاتتى. ئانتىسپېن بولسا دىئوگېننىڭ مىجەز-خاراكتىرىدىن زوقلىنىپ،  سەۋرتاقەت بىلەن ئۇنىڭ تەنبىھلىرىگە قۇلاق سالاتتى.

* * *

ئەپلاتۇندىن «ئىنسان— پەيلەردىن خالىي ئىككى ئاياقلىق جانىۋاردۇر» دېگەن تەرىپنى ئاڭلىغان دىئوگېن خورازنىڭ پېيىنى يۇلۇپ تاشلايدۇ-دە، ئاكادېمىيىگە كەلتۈرىدۇ ۋە شۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «مانا، ئەپلاتۇننىڭ ئادىمى!» (شۇنىڭدىن كېيىن ئادەمنىڭ تەرىپلىرىگە «گەۋدىلىك، كەڭ تىرناقلىق جانىۋار»دېگەن ئىبارىمۇ قوشۇلغان ئىكەن).

  * * *

سۆيگۈنى ئاچلىق يېڭىدۇ، ئەگەر ئاچلىققا كۈچىڭىز يەتمىسە، سىرتماقنى بوينىڭىزغا سېلىڭ، ئىش تامام، ۋەسسالام.

  * * *

لايىقىدا ياشىماق ئۈچۈن يا ئەقىلگە، يا سىرتماققا ئېگە بولماق لازىم.

دىئوگېن مۇھىم نەرسىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، سۆزلەۋاتقاندا ئادەملەر ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىردىنلا قۇشقا ئوخشاش ۋىچىرلاشقا باشلايدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئەتراپىغا  ھەددى-ھېسابسىز ئادەملەر توپلىنىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا پەيلاسوپ توپلانغانلارنىڭ بولمىغۇر نەرسىلەرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، مۇھىم نەرسىلەر ئۈچۈن بولسا ھەتتا پىسەنت قىلىپمۇ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىزا قىلىدۇ.

  * * *

دىئوگېن بىر خەسىستىن ياردەم سورايدۇ. ئۇنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرغىنىنى كۆرگەن پەيلاسوپ دېدى: «مۆھتەرەم زات، مەن سەندىن قۇرساق ئۈچۈن يېمەكلىك سوراۋاتىمەن، قەبرە ئۈچۈن ئەمەس!»

دىئوگېندىن پەلسەپىدىن قانداق نەپ كۆرگەنلىكى ھەققىدە سورىغاندا، ئۇ تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەردى: «ھېچ بولمىغاندا تەقدىرنىڭ ھەر قانداق قىسمەتلىرىگە تەييار تۇرۇشنى ئۆگەندىم!»

* * *

«مېنىڭ پەلسەپە بىلەن كارىم يوق» دېگەن ئادەمگە دىئوگېن شۇنداق دېگەنىدى: «ياخشى ياشاش ھەققىدە قايغۇرمايدىكەنسەن، ياشاشتىن مەقسىتىڭ نېمە؟»

  * * *

دىئوگېننى تىلشۇناسلارنىڭ باشقىلارنىڭكىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭكىدىن ۋاقىپ ئەمەسلىكى، سەنئەتكارلارنىڭ چالغۇلىرىنىڭ تارلىرىنى سازلاپ، ئۆز ئەخلاقلىنى تۈزىتەلمەسلىكى، ئاسترونوملارنىڭ بولسا ئاسماندىكى ئاي ۋە قۇياشنى كۆزىتىپ، ئاياغلىرى ئاستىدا نېمە بارلىقىنى كۆرمەسلىكى ھەيرەتكە سالاتتى.

* * *

بىر بالىنىڭ ئوچۇملاپ سۇ ئىچىۋاتقانىنى كۆرگەن دىئوگېن تورىسىدىن جامىنى ئېلىپ چېقىپ تاشلىدى-دە، دىدى: «بالا ئاددىيلىقتا مەندىنمۇ ئۆتۈپ كەتتى.»

  * * *

بىر ئادەم قەغەزگە يېزىلغان ئۇزۇندىن-ئۇزۇن لېكسىيىسىنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. قەغەز ئورىمىنىڭ ئاخىرىدىكى خەتسىز ئاق جايغا كۆزى چۈشكەن دىئوگېن خىتاب قىلدى: «بىردەم چىداڭلار، بۇرادەرلەر، ساھىل كۆرىنىۋاتىدۇ!»

قايسى ۋاقىتتا ناشتا قىلماقلىق لازىملىقى ھەققىدە سوئال سورىغان ئادەمگە دىئوگېن شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر بەدۆلەت بولساڭ، خالىغان ۋاقىتىڭدە، نامرات بولساڭ، قۇربىڭ يەتكەن ۋاقىتتا ناشتا قىلساڭ بولىدۇ.»

  * * *

كىمدۇر دىئوگېننىڭ قوغلاندى  قىلىنغىنىنى يۈزىگە سېلىپ كەمسىتكەندە، ئۇ شۇنداق دېدى: «ئەي، بەدبەخ! ئاخىر، ئەنە شۇ قوغلىنىش تۈپەيلىدىن مەن پەيلاسوپ بولالدىم ئەمەسمۇ؟»

  * * *

دىئوگېن بىر ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تېلەشكە باشلىدى. كىشىلەر بۇ ھالدىن ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ «ئۆزۈمنى رەت جاۋابقا كۆندۈرمەكچىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

  * * *

بەزىلەر دىئوگېندىن نېمە سەۋەبتىن ئادەملەرنىڭ پەقەت نامراتلارغا ياردەم بېرىپ، پەيلاسوپلارغا بولسا ياردەمنى راۋا كۆرمەيدىغانلىقى ھەققىدە سوراشتى. پەيلاسوپ شۇنداق جاۋاب بەردى: «چۈنكى ئادەملەر خالىسا ئاقساق ياكى كور بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى، لېكىن ھەرگىز دانىشمەنگە ئايلىنمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىشىدۇ-دە!»

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئاتىسى ماكېدونىيە ھۆكۈمدارى پايلاقۇس (فىلپپ) كارىنفقا قارشى يۈرۈش باشلىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە ئۆزىگە قارشى تەييارلىق بولىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا دىئوگېن ئۆزى ياشايدىغان ئېدىشنى ئۇ ياقتىن-بۇ ياققا يۇمىلىتىشقا باشلىدى. «نېمىشقا بۇنداق قىلىۋاتىسەن، دىئوگېن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ شۇنداق جاۋاپ بەردى: «ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىگە يارىشا تەشۋىش بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرۈپتۇ. مانا شۇنداق جىددىي پەيتتە مېنىڭ بىكار ئولتۇرىشىم ياخشى ئەمەس. ئېدىشنى دۇمىلىتىشىمنىڭ سەۋەبى، بىساتىمدا شۇنىڭدىن باشقا نەرسەم يوق!»

مەلۇم بىر ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى دىئوگېنغا دېدى: «ھەي، ئېست، شۇنداق بەقۇۋۋەتلىكىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا قاتناشمايسىز-دە! ئەگەر قاتناشقان بولسىڭىز، چۇقۇم بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن بولاتتىڭىز!»

— مەن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىنمۇ مۇھىمراق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىمەن،— دېدى پەيلاسوپ.

— قانداق مۇسابىقە ئۇ؟— چۈشىنەلمەي سورىدى ماھىر.

دىئوگېن تەنە ئارىلاش باش چايقاپ دېدى:

— سىز ياخشى بىلىسىزغۇ، مەن ئەخلاقسىزلار بىلەن بەسلىشىمەن.

  * * *

دىئوگېننىڭ شۇنداق ھېكمەتلىك رىۋايىتى بار:

— ھىسابسىز بايلىق ئىگىسى بولغان بىر ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە دۆلەتلەردىن مەنسىپى، يېشى، جىنسى، تىلى ھەرخىل بولغان مېھمانلارنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت بەردى. بۇ سېخىي زات مېھمانلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىگە لايىق ئېسىل تائاملار بىلەن كۈتتى. مېھمانلار راھەتلىنىپ تاماقلىنىپ، ئۆي ئېگىسىگە مىننەتدارچىلىق بىلدۈرۈشتى. ئەمما مېھمانلار ئارىسىدىكى بىر ئادەم ئالدىغا قۇيۇلىغىنىغا قانائەت قىلماي قېشىدىكىلەرنىڭ، ئاجىز ھەمدە زەئىپ ئادەملەرنىڭ، ھەتتا گۆدەكلەرنىڭ تامىقىغىمۇ چاڭ سالدى. ئۇ تاماقنى بۇرنىدىن چىققۇچە ئاغزىگە تىقىۋىرەتتى...

قىسسىدىن خۇلاسە شۇكى، بېھىساب بايلىقلارنىڭ ئىگىسى ۋە مېھماندوست ئادەم—   تەبىئەتتۇر، زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار- يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقلەر، ئاچكۆز ئادەم بولسا ئۆزىدىن ئاجىزلارنىڭ بارچە نەرسىسىنى تارتىۋالغۇچى بەدۆلەت ئادەملەردۇر.


(زىياكار تەرجىمىسى)