Jump to content

ئىدىقۇت

ئورنى Wikipedia

بەشبالىقنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانىدۇر.

ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ داۋامى ئىدى. ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ھازىرقى جيۇچۇەنگىچە، غەربتە بۈگۈرگىچە، جەنۇبتا تەكلىماكان چۆلىگىچە، شىمالدا جەنۇبىي ئالتايغىچە سوزۇلغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىرى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىزلار قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇلار ئۆزىنى «ئىدىقۇت» ئۇنۋانى بىلەن ئاتىدى. كىم خان بولسا ئۇنىڭ نامىغا «ئىدىقۇت» ئۇنۋانى قوشۇپ ئېيتىلاتتى. مەسىلەن: ئىدىقۇت بارچۇق ئات تېكىن، ئىدىقۇت قۇچقار تېكىن دېگەنگە ئوخشاش. قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا «ئىدىقۇت» سۆزى ــ «بەختىلىك پادىشاھ» دېگەن مەنىنى بېرەتتى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان بىر تامغىسىغا خەنزۇچە يېزىق بىلەن مۇنداق سۆزلەر ئويۇلغان: «大福大回鹘国» بۇنىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ بەخت - سائادەتلىك، ئۇلۇغ ئۇيغۇر دۆلىتى» دېگەن بولىدۇ.

قاراڭ

[تەھرىرلەش]