Jump to content

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ تاشقى سىياسىتى

ئورنى Wikipedia

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ تاشقى سىياسىتى

[تەھرىر]

مەۋلان تەڭرىقۇت 2026-02-15

مەيىلى قايسى خىل ھاكىمىيەت سىستېمىسدا باشقۇرۇلغان بولسۇن، جايلاشقان جۇغراپىيلىك ئورنى، كەڭرى زىمىنى، مۇنبەت تۇپرىقى ۋە قەدىمى سىياسەت ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىران تارىختىن بېرى ئ‍وتتۇرا شەرقتە كۈچلۈك بىر دۆلەت. باشتىكى ئىراننىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدىكى ئۈچ يازمىمىزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ئىراننىڭ زامانىۋى تارىخى ئاجايىپ ئەگىرى- توقايلىققا تولغان شۇنداقلا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت سىستىمىسى بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت بولغان ئىككى ئۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ھازىر، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتملىق نامايىش باشلانغاندىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتىن بىر ئۇچتىن، (دىنىي ھاكىمىيەت سىستىمىسىغا تايانغان تېئوكراتىك سىستىېمىدىن)، يەنە بىر ئۇچقا (پەھلەۋى شاھ دەۋرىگە ئوخشايدىغان، سېكۈلەر دىمكراتىك سىستېمىغا) قايتىشنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرماقتا. گەرچە نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشى يەنىلا ئىسلام ھاكىمىيتىنىڭ كۈچىگە باغلىق بولسىمۇ،  ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ھەققىدە قانداق قارار ئالىدىغانلىقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى پاكىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئىران، مەيلى بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي سىستېما ۋە كۈلتۈرەل (مەدەنىيەت) ۋە كىملىك تالاش-تارتىشلىرى جەھەتتە بولسۇن، ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ نىگىزلىك ماھىيتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بولسۇن، تەتقىق قىلىنشقا ئەرزىيدىغان بىر دۆلەت. چۈنكى ئىران سىياسىي تارىخى دەۋرىمىزنىڭ قىززىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان تىئوكراتىك باشقۇرۇش سىستېما بىلەن سېكۈلەر باشقۇرۇش سىستىمېنىڭ شۇنداقلا مەنپەتنى ئاساس قىلغان رىئال تاشقى سىياسەت (ياكى رىئالىزىم) بىلەن ئەخلاق ۋە ئىدىئ‍ولوگىيەنى ئاساس قىلغان ئىدىئ‍الىزىمنىڭ كۈچ سىنىشىش ۋە جەريان قىلىشنى باشتىن كەچۈردى. بۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتدىمۇ قىززىق تېمىلار ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئىراننىڭ سىياسىي تارىخى بىز ئۈچۈن ۋاقىپ بولۇپ قويشىمىز پايدىلىق بولغان بىر تېمادۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىران ھەققىدىكى باشتىكى ئۈچ يازمىنىمۇ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ يازمىلار 1900-يىللاردىن ئاساسەن بۈگۈنىمىزگىچە بولغان سىياسىي تارىخنى ئىخچاملىغان شەكىلدە بايان قىلغان. مەزكۇر يازما بولسا 1979-يىلى قۇرۇلغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىنىڭ كۈنىمىزگىچە بولغان تاشقىي سىياسەت تارىخىنى ئانالىز قىلىدۇ.  

بۇ يازما، تاشقى سىياسەت نېمىگە تايىنىدۇ؟ بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟ ئېدىئولوگىيە (دىنىي نىشانلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ۋە دۆلەت مەنپەتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت قانداق ۋە قايسىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيتى ئىران ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئېگە ئىدى؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشىڭىزغا ياردىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

جىھادچى تاشقى سىياسەت (1979-1989)

1979-يىلدىكى ئىنقىلاب پەھلىۋى خاندانلىقىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئورنىغا ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ھېچقايسى تەرەپكە تايانماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان بىر باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تىكلىدى. بۇ سىياسەت مەشھۇر «نە غەربكە، نە شەرققە، بەلكى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە» دېگەن شۇئاردا گەۋدىلەندى. بۇ تۇنجى ئون يىلدا، ئىران تاشقى سىياستى «جىھادچىلىق ۋىزىيون »  تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى.

بۇ دەۋردىكى مۇھىم ئىدېئولوگلار «ئۈچىنچى يول» نى تەشەببۇس قىلدى. يەنى بۇ يول  كاپىتالىزم ۋە كوممۇنىزم ئەندىزىلىرىگە تاقابىل تۇرالايدىغان، دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى (ئۈممەتنى) ئىجتىمائىي ئادالەت پىرىنسىپى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش يولى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە « ئىران ئىسلام ئىنقىلابنى ئېكسپورت قىلىش» رەسمىي تۈردە ئوتتۇرىغا چىققان. خۇمەينى بۇنى «ئېزىلگەنلەر»نى  «ئەزگۈچىلەر»گە قارشى قوغدايدىغان دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ ۋاقىتتا ئىران تاشقى سىياسىتىدە ئامېرىكا «چوڭ شەيتان»، سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا «كىچىك شەيتان» دەپ قارالغان.

سودا ۋە ئىران-ئىراق ئۇرۇشى (1980–1988) رەھىمسىز بىر رېئاللىقنى ئاشكارىلىدى. ئۇرۇش دەسلەپتە ئىنقىلابنى ئىراققا كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى بولسىمۇ، ئاخىرىدا توختاپ قالدى ۋە خۇمەينىنى ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. بۇ پەيت پىراگماتىك بۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بولدى؛ رېجىم ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قوغداشنى دۇنياۋى ئىنقىلابىي نىشانلاردىن ئۈستۈن قويۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى.

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى (1980–1988) ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. بۇ ئۇرۇش ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئىنقىلابىي خىيالپەرەسلىك ھالىتىدىن، ھېسابلىق پىراگماتىزم (ئەمەلىيەتچىللىك) ھالىتىگە ئۆزگەرتتى. نىكولاي كوزخانوۋ (Nikolay Kozhanov) نىڭ ئىران تاشقى سىياسىتى ھەققىدە يېزىلغان كىتابىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئ‍ۇرۇش ئىران ئۈچۈن بىر «رەھىمسىز رېئاللىق سىنىقى» بولغان ۋە ئىران ئىسلام رېجىمنىڭ ھايات قېلىش ئىستراتېگىيەسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرگەن.

مورتېزا مۇتاھھارىغا ئوخشاش ئىدېئولوگلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىران يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى، ئىسلام ئىنقىلابىنى ئىران چېگرىسى ئىچىگە چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك بولغان دىنىي مەجبۇرىيەت دەپ ئىشىنەتتى. ئىراق بىلەن ئۇرۇش باشلانغاندا، ئىران رەھبەرلىكى بۇ ئۇرۇشنى ئىنقىلابنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى دەپ قارىدى. ئۇلار ساددام ھۈسەيىننى مەغلۇپ قىلىش ئارقىلىق، ئىلاھىي (ئىسلامىي) تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ دۇنياۋى (سېكۇلار) ۋە دىكتاتورلۇق تۈزۈملەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ دەپ ئىشەندى. خۇمەينى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ ساددامغا قارشى قوزغىلىش تەييارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى تېھراننىڭ يېتەكچىلىكىدە «بىرلەشمە مۇسۇلمان ئۈممىتى» قۇرۇش ئۈچۈن ئىران سېپىگە قوشۇلىدۇ، دەپ ئويلىغان قىلغان ئىدى.

ئۇرۇشنىڭ رېئاللىقى ئىراننىڭ ئۇتوپىيەلىك (خىيالىي) تەسەۋۋۇرلىرىدىن كۆپ مۇرەككەپ ۋە رەھىمسىز بولۇپ چىقتى. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل ئۇلارنى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا باھالاشقا مەجبۇر قىلدى:

  1.  خۇمەينىنىڭ «تولۇق غەلىبە» قىلمىغىچە ئۇرۇش قىلىش تەشەببۇسىغا قارىماي، توقۇنۇش ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى يېڭەلمەيدىغان قانلىق تۇرغۇنلۇق ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.
  1. ئىران ئۆزىنى بارغانسېرى يېتىم قالغان ھالەتتە ھېس قىلدى. ئىنقىلابىي ئىدىيەلەرنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى ئىراننى قوشنىلىرىنىڭ نەزىرىدە «خەتەرلىك» بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر تېھراننى ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارىدى.
  2. ئىراق شىئەلىرىدىن كۈتۈلگەن ساددامغا قارشى قوزغىلاڭ ھېچقاچان يۈز بەرمىدى، بۇ «ئۈزلۈكسىز جىھادى ئىنقىلاب» ئىدېئولوگىيەسىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە بولدى.
  3. دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەيرانچىلىق ئ‍ېغىر بولدى.1977-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، مىللىي دارامەت %20 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، ئۇرۇش يىللىرىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم تەخمىنەن 50% ئازايدى. ئىقتىسادتا مەنپى ئېشىش بارلىققا كېلىپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  %2.4 لىك سۈرئەت بىلەن چېكىندى. 1988-يىلىغا كەلگەندە، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرىچە ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى 1978-يىلىدىكىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.

بۇ رىئاللىقتىن ئىران موللا رېجىمى شۇنى تونۇپ يەتتىكى، پەقەت ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەبلەر ئۈچۈنلا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش دۆلەت ئىچىدە ئىجتىمائىي پارتلاشقا سەۋەب بولۇپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىدى.

تاشقى سىياسەتتىكى پىراگماتىك بۇرۇلۇش

1988-يىلى، ئايەتۇللاھ خۇمەينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 598-نومۇرلۇق قارارنامىسى ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ بۇ قارارنى مەشھۇر سۆزى بىلەن «زەھەر ئىچكەندىنمۇ ئېچىنىشلىق» دەپ تەسۋىرلىدى ۋە بۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ پەيت ئىران پىراگماتىزمىنىڭ رەسمىي تۇغۇلغان ۋاقتى بولدى. «بۇ زەھەرلىك شارابنى ئىچىش» دۆلەت قارار چىقىرىشىنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلنى مەيدانغا كەلتۈردى:

  1. دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئالدىنقى ئ‍ورۇنغا قويۇش: يەنى مەۋجۇت ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايات قېلىشى دۇنياۋى ئۈممەتچىلىك ئىدىئولوگىيسىگە تايانغان« ئىسلامىي قۇتقۇزۇش» نىشانىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.
  2. ئېلاستىكىلىق: ئىران رەھبەرلىك قاتلىمى ئىدېئولوگىيەنىڭ يېڭى خىرىسلارغا ماسلىشىشى ۋە رېجىمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن مەسىلىگە ئىدولوگىيە جەھەتتىن قاتتىق، كەسكىن ۋە رادىكال قاراشتىن ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
  3. پۈتۈن ئىسلامچىلىقتىن مىللەتچىلىككە كۆچۈش: ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، رېجىم دىنىي شۇئارلاردىن خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا خىتاپ قىلىدىغان مىللى شۇئارلارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقا ئىران تارىخىدا پەقەت «دىننى قوغداش» ئەمەس، بەلكى «ۋەتەننى قوغداش»نى مەركەز قىلغان «مۇقەددەس مۇداپىئە» دەپ قايتىدىن تەبىر بېرىلدى.

ئەمما ئىراق بىلەن بولغان ئۇرۇش ئىران ئىسلام ھاكىميتىنىڭ ئىدولوگىيە ئۇلىنى چىڭىتتى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سىياسىي مۇھىتنى يوق قىلسا، ئۇرۇشنىڭ دىنىي شۇئارلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى شىئەئىسلام ئەقدىسىگە تايانغان ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىك ۋە مەركەزلىك ئۇلىنى چىڭىتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش ئىران خەلقىگە «ئۇلار»، يەنى دۈشمەن كىملىكى (ئىراق ھاكىمىيتى) ياراتتى ۋە «ئۇلار» غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش «بىز» يەنى «ئىرانلىق» كىملىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ دەۋردە بۇ كىملىك ئەلۋەتتە موللا رېجىمى تەرىپىدىن شىئە ئىسلام ئەقدىسى رامكىسى ئىچىدە بەرپا قىلىندى ۋە سۇنۇلدى.

ئۈممەتچىلىكتىن دۆلەتچىلىككە كۆچۈش: رافسانجانى دەۋرى (1989–1997)

1989-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىران تاشقى سىياسىتىدە تۈپ بۇرۇلۇش بولغان بىر دەۋر بولدى. بۇ جەرياندا ئىران ئۆزىنىڭ تۇنجى ئون يىلىدىكى جىھادچى خاراكتېرىدىكى ئىنقىلابىي يېتىملىقتىن، پىراگماتىك قايتا سىڭىشىش ئەندىزىسىگە يۈزلەندى. ئايەتۇللاھ خۇمەينى ۋاپات بولۇپ، ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەھبەرلىك قاتلىمى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايات قېلىشىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ۋە «ئىنقىلابنى ئېكسپورت قىلىش» ئىدىيەسىنى يۇمشىتىشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

پىرېزىدېنت ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانى دەۋرىدە، ئىران «مۇستەقىل مىللىي تەرەققىيات» سىياسىتىنى قوللاندى. بۇ سىياسەت دۇنياۋى كۈچلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەت ئىچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى. بۇ رامكا ئىچىدە ئىراندا چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە رىئالىست سىياسەت يۈرگۈزۈلدى.

  1. ئىقتىسادىي قايتا قۇرۇش ۋە غەرب قىممەت قاراشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىغا سىڭىشىش: رافسانجانى ئۇرۇش ۋەيران قىلغان ئىران ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەلنىڭ تېخنىكىسى ۋە مالىيە مەبلىغىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ ئىلگىرىكى پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىش پرىنسىپىنى رەت قىلىپ، 36 مىليارد دوللار ئەتراپىدا خەلقئارالىق قەرز ئېلىشقا يولىنى ئاچتى ھەمدە گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا شېرىكلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلدى.
  1. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: ئىراننىڭ يېتىم قالغان ھالىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، رافسانجانى رايونلۇق مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. ئۇ 1991-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇ رىيادنى رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىدى. شۇنداقلا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى، گېرمانىيە بۇ مەزگىلدە ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى.
  2. ئۈممەتچىلىكتىن بەكرەك مىللەتچىلىككە تايىنىش: بۇ دەۋردە «پۈتۈن ئىسلامچىلىق» تىن «ئىران مىللەتچىلىكى» گە بىر بۇرۇلۇش بولدى. باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئۇرۇش ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقاندا پۈتۈن ئىسلامچىلىق بايرىقى خەلقنى ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تاجاۋۇزچىغا قارشى ۋەتەننى قوغداش ئىدىيەسى زور غەلەبىگە ئېرىشكەن ئىدى. نەتىجىدە، ئىران-ئىراق ئۇرۇشى دۆلەت تارىخىدا «مۇقەددەس مۇداپىئە» دەپ قايتىدىن چۈشەندۈرۈلدى ئاتالدى؛ بۇ ئارقىلىق نوقۇل دىنىي تۇيغۇدىن كۆرە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغاش مەقسەت قىلىندى.

خاتەمى دەۋرى (1997–2005) : رافسانجانى سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا سىستىمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش تېرىشچانلىقلىرى

مۇھەممەد خاتەمى ئىسلاھاتچىلارنىڭ زور قوللىشى بىلەن سايلاندى. ئۇ رافسانجانىنىڭپىراگماتىزىمىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىيەدە تېخىمۇ ئېلاستىكىلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خاتەمى «مەدەنىيەتلەر سۆھبىتى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ باراۋەرلىك، مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى ۋە توقۇنۇشنى رەت قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل يۇمشاق كۈچ قورالى ئىدى. بۇ دوكتىرىن ئىراننىڭ ئوبرازىنى «خەتەرلىك» ئىنقىلابىي كۈچتىن، ئىجابى خەلقئارالىق رولچىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى.

ئىران بۇ دەۋردە خەلقئارانىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچىدى. خاتەمى مەدەنىيەت ۋە ئاكادېمىك ئالماشتۇرۇشلار ئارقىلىق، «ساغلام» خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ زوراۋانلىقنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتى. بۇ تىرىشچانلىقلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى 1980-يىللاردىكى «ئىنقىلابنى ئېكسپورت قىلىش» سىياسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، تېھرانغا بولغان ئىجابى كۆز قاراشنى كۈچەيتتى. خاتەمى رافسانجانى باشلىغان رىئال سىياسەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا تېرىشتى. مەسىلەن 1997-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە ئابدۇللاھنىڭ تېھراننى زىيارەت قىلىدى ۋە ئارقىدىنلا OPEC رامكىسى  بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدى.

مەسىلە: قويۇندىكى خەنجەر ۋە ئىدولوگىيلىك ئ‍ىشەنمەسلىك

رافسانجانى ۋە خاتەمى دەۋرىدىكى مۆتىدىللىققا قارىماي، غەرب (بولۇپمۇ ئامېرىكا) بىلەن تولۇق يېقىنلىشىشقا سىستېمىلىق ئىشەنچسىزلىك توسالغۇ بولۇپ تۇرۋاتاتتى. ئىران دىپلوماتىيەدە ھەر قانچە ئېللىق چىراي بولۇشقا تېرىشىپ كەلسىمۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى دەپ قارىدى ۋە مەخپىي شەكىلدە يادرو قورال ياساشقا تۇتۇش قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن غەرب بىلەن بولغان يېقىنلىشىش مەسىلىسىدە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك كۈچى بولغان موللىلار تەبقىسى بىلەن پىرېزىدېنتلار ئوتتۇرسىدا پەرق بار ئىدى.

2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئىراننىڭ مەخپىي يادرو پروگراممىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بەردى. خەلقئارا جەمىيەت تېھراننىڭ مۇستەقىل تەتقىقاتلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۇ ئامېرىكىدىكى قاتتىق قوللارغا ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن باھانە بولۇپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىنھەر ئىككى پىرېزىدېنت دەۋرىدە، ئالىي رەھبەر خامىنىي غەربنىڭ نىيىتىگە گۇمان بىلەن قاراشنى داۋاملاشتۇردى. خامىنىي بۇ مۇناسىۋەتتە بىر « رېپېر» ياكى «سوتچى» سۈپىتىدە رول ئوينىدى. ئۇ پىرېزىدېنتلارنىڭ ئىقتىسادنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن غەرب بىلەن يېقىنلىشىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكاغا قارشىنى  تۇرۇشنى  يادرولۇق ئىدېئولوگىيەلىك تۈۋرۈكلەر دەپ قارىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەرگىز تولۇق تاشلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئاخىرىدا 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى رايوننى تۇراقسىزلاشتۇرغان مۇھىم ئامىل بولدى. بۇ ئۇرۇش ئىراننىڭ رىقابەتچىسى ساددام ھۈسەيىننى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىران چېگرىسىغا جايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالىي رەھبەر ئەلى خامىنىي بۇ ئىستراتىگىيلىك ئورۇنلىشىشنى ئامېرىكىنىڭ تېھراندىكى رېجىمنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدىكى چوڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىدى ۋە ئىراننىڭ «مۇھاسىرىدىكى قەلئە» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

2005-يىلىغا كەلگەندە، يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقى ۋە ئىراق ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان رايونلۇق جىددىيلىك، نېئو-كونسېرۋاتىپ مەھمۇد ئەھمەدى نېجادنىڭ تەختكە چىقىشىغا ۋە تېخىمۇ قاتتىق چاقىرىق ۋە خىتابلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول ئاچتى.

ئەھمەدى نېجادنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرى (2005–2013): ئەسلىگە قايتىش

مەھمۇد ئەھمەدى نېجادنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرى ئالدىنقى ئون يىلدىكى مۆتىدىل دىپلوماتىيەدىن تۈپتىن بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ مەزگىل ئىنقىلابىي ئىدېئولوگىيە بىلەن قىزغىن مىللەتچىلىك ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، يۇقىرى خەتەرلىك تۇقۇنۇشلار دەۋرىنى باشلاپ كەلدى.

2005-يىلى ئۆزىنى ئايەتۇللاھ خۇمەينى «يولى»نىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى دەپ ئاتىغان قاتتىق قول ئەھمەدى نېجادنىڭ سايلىنىشى «مەدەنىيەتلەر سۆھبىتى» دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەھمەدى نېجاد ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلارغا ئوخشىمايدىغان ھالدا، 1980-يىللاردىكى قوپال تەنقىدى ئىنقىلابىي تىلنى قايتىدىن جانلاندۇردى. بۇنىڭدا «ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا ئۆلۈم» دېگەندەك شۇئارلار ۋە غەرب رەھبەرلىرىگە يېزىلغان ئاشكارە نەسىھەت خەتلىرى گەۋدىلىك رول ئوينىدى.

ئۇنىڭ بۇ شۇئارۋاز پوزىتسىيەسى كۈچلۈك ئىران مىللەتچىلىكى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىدى. ئۇ يادرو تەتقىقاتى ھوقۇقىنى نوقۇل تېخنىكىلىق پروگراممىدىن مەركىزىي مىللىي ئىدىيەگە ۋە ئىراننىڭ غەربنىڭ «تەكەببۇرلىقى»غا قارشى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. يادرو تەرەققىياتىنى «ئىسلامىي تەرەققىيات ئەندىزىسى»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، خەلقنى ئىسلام ھاكىمىيىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرشقا زور كۈچ چىقاردى ۋە يادرو مەسىلىسىنى ئۇلۇسال كىملىكنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى.

2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1929-نومۇرلۇق قارارنامىسىدىن كېيىن جىددىيلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ قارارنامە تېھرانغا قارىتىلغان خەلقئارالىق ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولار ئۈچۈن قانۇنىي رامكا يارىتىپ بەردى. ب د ت نىڭ تەدبىرلىرى نىسبەتەن تار دائىرىدە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىران ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان بانكا، تىرانسپورت ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىنى نىشانلىغان قاتتىق بىر تەرەپلىمىلىك جازالىرىغا يول ئاچتى. بۇ تەدبىرلەر ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىراننى خەلقئارا مالىيە سىستېمىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە دۆلەت ئىچىدە نارازىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق تېھراننى يادرو سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى.

تېھران ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى بىر يۈرۈش ئوخشىمىغان شېرىكلەر تورى ئارقىلىق بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا قاراتتى.  ئىران غەربنىڭ جازا ۋە قاماللىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن تۈركىيە، ۋېنېسۇئېلا ۋە بېلورۇسىيەگە ئوخشاش كىچىك سودا شېرىكلىرىدىن پايدىلاندى. مەسىلەن، تۈركىيە ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ يوللىرى بىلەن پورتلىرىنىڭ ئىرانغا كىرىدىغان ماللار ئۈچۈن ترانسپورت مەركىزى بولۇشىغا يول قويدى. ۋېنېسۇئېلا بولسا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم شېرىككە ئايلىنىپ، تېھراننى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بېنزىن بىلەن تەمىنلىدى.

غەرب بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ قايتىدىن يامانلىشىشى بۇ قېتىم ئىراننى خىتاي، ھىندىستان ۋە كورىيە قاتارلىق شەرقنىڭ چوڭ كۈچلىرى بىلەن يېقىنلىشىشقا ئىتترىدى. غەربنىڭ ئىمبارگوسى سەۋەبىدىن «توتال» (Total) ۋە «شېل» (Shell) غا ئوخشاش ياۋروپا گىگانتلىرى ئىران بازىرىدىن چېكىنگەندە، ئىران ئۆز يۆنىلىشىنى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيەگە بۇرىدى. 2012-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ئىراننىڭ ئاساسلىق بېنزىن تەمىنلىگۈچىسى ۋە جەنۇبىي پارس گاز كېنىغا ئوخشاش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلاندى. جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستان بولسا، ئامېرىكا دوللىرى ئاساس قىلىنغان مالىيە سىستېمىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، يەرلىك پۇللارنى (ۋون ۋە رۇپىيەگە ئوخشاش) قوللىنىش ياكى بارتېر (نېفىتنى ئاشلىق ياكى گۈرۈچكە ئالماشتۇرۇش) سودىسى قىلىش ئارقىلىق ئىرانغا ياردەم بەردى.

2008-يىلى ئەھمەدى نېجاد «قۇرۇلمىلىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش» (Constructive Interaction) سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نامىدىن قۇرۇلمىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ غەربنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن قېچىپ، سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغان رايونلاردا ئىراننىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدىكى ئاكتىپ ئىستراتېگىيە ئىدى. بۇنىڭ مۇھىم بىر قىسمى لاتىن ئامېرىكىسىغا سىڭىپ كىرىش بولۇپ، ئىران ئىستراتېگىيەچىلىرى بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي تەسىرىگە قارىتا بېرىلگەن ئاسسىمېترىك ئىنكاس دەپ قارىدى. تېھران چاۋېزغا ئوخشاش رەھبەرلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى»دا خىرىس قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ يادرو پروگراممىسى ئۈچۈن مەنىۋى مەدەت ۋە ئېمبارگولارنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئەمەلىي يوللارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلدى.

دۆلەت ئىچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېمبارگو دەۋرى ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ (IRGC) ئىقتىسادنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە يول قويۇش ئارقىلىق ئىران ئىقتىسادىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. چەتئەل شىركەتلىرى نېفىت، گاز ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدىن ۋاز كەچكەندە، ھۆكۈمەت بۇ توختاملارنى رىقابەت خاراكتېرلىك خېرىدار چاقىرىش ئۆتكۈزمەيلا ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەرگە قاراشلىق شىركەتلەرگە (مەسىلەن، خاتەمۇل ئەنبىيا شىركىتىگە) ئۆتۈنۈپ بەردى.

بۇ دەۋردە «يېرىم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى» شىركەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈدى.  بۇ شىركەتلەر رەسمىي جەھەتتە خۇسۇسىي بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ۋە باشقا كونسىۋاتىپ گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىناتتى. بۇ ئورۇنلار ئېمبارگولارغا قارىتا تېخىمۇ چىداملىق بولغانلىقى ۋە بىۋاسىتە دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى خۇسۇسىي كارخانىلارنى چەتكە قاققاندى. بۇ جەريان ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادنى ھەربىيلەشتۈرۈپ، ئىراننىڭ «مۇھاسىرىدىكى قورغان» مۇھىتىنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتدارلىرىنىڭ ھەربىي ئېلىتلار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھەسەن رۇھانىي دەۋرى ۋە «مۇداپىئە زەنجىرى» (2013–2018)

ھەسەن رۇھانىنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرى بىر-بىرىگە زىت بولغان مۇرەككەپ ئىككى يۈزلۈك خاراكتېرى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ: بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن غەرب بىلەن دىپلوماتىك جەھەتتە قايتا بىرلىشىشكە تىرىشىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «مۇداپىئە زەنجىرى» ئارقىلىق ئىراننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان، يۇقىرى دەرىجىدە ھەربىيلەشكەن رايونلۇق سىياسەت يۈرگۈزۈش.

ھەسەن رۇھانى 2013-يىلى ئەھمەدى نېجاد دەۋرىدىكى ئىقتىسادىي باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت ۋە يېتىم قېلىشتىن زېرىككەن ئىران خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن سايلاندى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى خەلقئارا ئېمبارگولارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەمدە پۇل پاخاللىقى بىلەن ئىشسىزلىق ئەۋج ئالغان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىدى.

بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى 2015-يىلى ئىمزالانغان «يادرو كېلىشىمى» (JCPOA) بولدى. بۇ كېلىشىم بويىچە، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى خەلقئارالىق قاتتىق كونترول ۋە ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ (IAEA) نازارىتى ئاستىغا ئېلىنىش بەدىلىگە، ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار قىسمەن بىكار قىلىنىدىغان بولدى. گەرچە بۇ كېلىشىم دەسلەپتە رۇھانىينىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ 2017-يىلى قايتا سايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى چەكلىك بولدى. ئامېرىكا يادروغا مۇناسىۋەتسىز بولغان باشقا جازالارنى داۋاملاشتۇردى، بۇ ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا توسالغۇ بولدى. 2018-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىشى ئىران ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىنى يەنە بىر قېتىم مۇجىمەللىك ئىچىدە قالدۇردى.

رۇھانىي دىققىتىنى يادرو مەسىلىسىگە قارىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئوتتۇرا شەرق «ئەرەب باھارى» ۋە «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىنى» يەنى دائىش (ISIS) نىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن قايتىدىن شەكىللىنىۋاتاتتى. بۇ كرىزىسلار تېھراننى ئەھمەدى نېجاد دەۋرىدىكى «يەر شارى خاراكتېرلىك» (لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقىغا يۈزلىنىشتىن) ئىستراتىگىيلىك تاشقى سىياسەتتىن بارغانسېرى رايونلۇق ۋە ھەربىيلەشكەن تاشقى سىياسەتكە يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىدى. ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ  تەسىرى ئاستىدا، ئىراننىڭ ئىستراتېگىيەسى «مەدەنىيەتلەر سۆھبىتى»دىن بارغانسېرى ئاكتىپ ھەربىي مۇداخىلىگە ئۆزگەردى. بۇ بۇرۇلۇشنى ئالىي دىنىي رەھبەرنىڭ كونسېرۋاتىپ گوروھى تەرىپى قوللىدى. ئۇلار ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى پەقەت ئۆز تەسىر كۈچىنى دۆلەت چېگرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىقلا ھايات قالالايدىغان «مۇھاسىرىدىكى قەلئە» دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇردى.

«مۇداپىئە زەنجىرى» دوكتىرىنى (The Chain of Defense Doctrine)

ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىش ئىستراتىگيسىگە  نەزەرىيىۋى ئاساس يارىتىش ئۈچۈن، ئىران رەھبەرلىكى «مۇداپىئە زەنجىرى » دوكتىرىنىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىستراتېگىيەگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئۇلۇسال بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنقى سېپى دۆلەتنىڭ فىزىكىلىق چېگرىلىرىدا ئەمەس، بەلكى لىۋان، سۈرىيە، ئىراق ۋە يەمەندە ئىدى. ئىران ئىستراتىگيچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىرى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق رىقابەتچىلەرگە، بولۇپمۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى تۇرىدىغان ئالدىنقى ھەربىي بازىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ دوكتىرىن بويىچە، ئىراننىڭ بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىرىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، تېھراننىڭ رايونلۇق تەسىرى ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېغىر سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

«ئەرەب باھارى» تۈرتكىسىدە   2011-يىلى سۈرىيەدە پارتلىغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭلار ئىراننى سۈرىيەگە باشلاپ كىردى. ئىراننىڭ «قارشىلىق كۆرسىتىش ئوقىنى» (ئىران، سۈرىيە ۋە ھىزبۇللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوللىشى ئىستراتېگىيەلىك بىر تاللاش ئىدى. 2014-يىلى « ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» (ISIS)   تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىراننى ئىراقتىكى جەڭلەرگە ئاكتىپ قاتناشتۇردى ۋە ئۇنى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش بىر ئىستراتېگىيەلىك سەپكە تىزدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىراننىڭ تەسىر دائىرىسى باغداد ۋە دەمەشىق ئارقىلىق پارس قولتۇقىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭەيدى. ئىران قوشۇنلىرى ۋە ۋەكىل قوراللىق كۈچلىرى\ تېرور تەشكىلاتلىرى ئىراق،يەمەن، لىۋان ۋە سۈرىيەگە كەڭ تارقالغان بولۇپ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھوجۇمغا قارشى مۇداپىئە زەنجىرى شەكىللەندۈردى.

سۈرىيە: «ئالتۇن ھالقا» ۋە «كۆۋرۈك»

بۇ زەنجىر ئىچىدە سۈرىيە ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنغا ئىگە ئىدى. ۋېلاياتى قاتارلىق ئىران ئىستراتېگىيەچىلىرى سۈرىيەنى مۇداپىئە سېپىنىڭ «ئالتۇن ھالقىسى» دەپ تەسۋىرلىگەن. سۈرىيە تېھراننى لىۋان (بولۇپمۇ ھىزبۇللاھ) ۋە پەلەستىن بىلەن باغلايدىغان ھاياتلىق «كۆۋرۈكى» دەپ قارالغان ئىدى. دەمەشىقتىكى ئەسەد رېجىمى يىقىلسا، ئىران بۇ ۋاكالەتچى كۈچلىرى بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق ئالاقىسىنى يوقىتىپ قوياتتى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغان ئاساسلىق قۇرۇقلۇق لىنيەسىنى كېسىپ تاشلىغانلىق بولاتتى. نەتىجىدە، ئىراننىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا ھەربىي جەھەتتىن قاتنىشىشى رايونلۇق ئۈستۈنلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مەۋجۇتلۇق كۈرىشى سۈپىتىدە قارالغان ئىدى. تېھران رەھبەرلىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى يىقىلسا، ئىران-ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك تەڭپۇڭلۇق ئىراننىڭ زىيىنىغا بولىدۇ دەپ قارىدى، شۇڭا سۈرىيەنى ساقلاپ قېلىشنى ئاداققىچە قىلىشقا تېگىشلىك جەڭ دەپ بەلگىلىدى.

رۇسىيە بىلەن بولغان «مەنپەئەت تويى»

2015-يىلىغا كەلگەندە، ئىران سۈرىيەدىكى «مۇداپىئە زەنجىرى»نى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولۇش گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان ئىدى، چۈنكى دەمەشىقتىكى ئالەۋى رېجىمى يىقىلىش ئالدىدا تۇراتتى. تېھران ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەسەدنىڭ يىقىلىشى مەۋجۇتلۇق خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر زەربە بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىران رەھبەرلىكى تاشقى سىياسەتتە ئابىدە خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش قىلدى. يەنى  رۇسىيەنىڭ ھەربىي مۇداخىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى ئون يىلدىن ئارتۇق ئىزدەپ كەلگەن ئامېرىكا بېسىمىغا تاقابىل تۇرغۇچى كۈچ (تەڭپۇڭلۇق) نى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. رۇسىيەمۇ ئەسەد رېجىمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ يەرشارىۋى ئىستراتىگسىگە ئۇيغۇن دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارسىدا ئەسەد ھاكمىيتىنى  ۋەيرانچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت جىددىي ئېھتىياج تۈرتكىسىدە بىر خىل «مەنپەئەت تويى» بارلىققا كەلدى. يەنى بۇ شېرىكچىلىك، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى يالغۇز قوغدىيالمايدىغانلىقىنى ئۆزئارا تونۇپ يېتىشى نەتىجىسىدە تۇغۇلغان ئىدى.

بۇ ئىتتىپاقلىشىشتىكى ئەڭ بىرىنچى ئورتاق نىشان ۋەيران قىلىش ئەمەس، بەلكى رېجىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدى. ھەر ئىككى دۆلەت ئۇرۇشتىن كېيىنكى سۈرىيەنى كونا رېجىمنى تۈپتىن ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كونا رېجىمنىڭ ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىقلا قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، دەيدىغان قاراشتا بىرلىككە كەلدى. ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيە توقۇنۇشىنى ئامېرىكىنىڭ رايونلۇق زومىگەرلىكىگە خىرىس قىلىشنىڭ بىر يولى دەپ قارىدى. ئىران مەسلىھەتچىلىرى بۇ كۈرەشنى بىر «كىچىك دۇنيا ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە تېھران ئۈچۈن پايدىلىق نەتىجىگە ئېرىشىشتە رۇسىيەنىڭ مەدىتىنى زۆرۈر دەپ قارىدى. نەتىجىدە 2015-يىلى سېنتەبىردە رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەڭ مەيدانلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ماسلىشىش دەۋرىنى قوزغىدى.

گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تاكتىكىلىق ھەمكارلىق بولسىمۇ، موسكۋا بىلەن تېھراننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلىرى تۈپتىن پەرقلەنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ زىتىلىق مۇنداق بىر قانچە جەھەتتە گەۋدىلىنەتتى؛

  1. يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە رايونلۇق نىشان: ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى مەنپەتى ئۆزىنىڭ رايونلۇق ئۈستۈنلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ۋاكالەتچى كۈچلەر تورىنى ساقلاشقا ئىدى.  رۇسىيەنىڭ مەنپەتى بولسا سۈرىيەنى ئۆزىنى تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنياۋى كۈچ ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇرەسسەچى سۈپىتىدە قايتىدىن تىكلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتى.
  1. ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيە: رۇسىيە ئىسرائىلىيەگە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەرگەن ئىدى. بۇ ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھىزبۇللاھ ۋە ئىسرائىلىيە چېگرىسىغا تېخىمۇ ئاسان يېتىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا تۈپتىن زىت ئ‍ىدى.
  2. رايونلۇق تەڭپۇڭلۇق: رۇسىيە ئىران بىلەن ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاق تۈزۈشنى خالاپ كەتمەيتى، چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ «شىئە لاگېر» نىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشىنى خالىمايتى. موسكۋا چوقۇم سۈننىي مەزھىپى يېتەكچىلىكىدىكى پارس قولتۇق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى 15 مىليون سۈننىي نوپۇسىنىڭ پوزىتسىيەسىنى دىققەتكە ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى.
  3. ئەسەد ھاكىمىيتى ئىچىدىكى ئىككى دۆلەت رىقابىتى: توقۇنۇش ئاخىرلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنسېرى، ئىككى شېرىك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەپلەردە رىقابەتچىگە ئايلاندى. سۈرىيەنىڭ بەزى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە قارشى ئالدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئىراننىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى ئۈستىدىكى تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ بىر ۋاستىسى دەپ قارىغان ئىدى. رۇسىيە ئىراننىڭ ئىران-ئىراق-سۈرىيە-ئوتتۇرا دېڭىز گاز تۇرۇبا يولى پىلانىدىن ئەنسىرەيتى، چۈنكى بۇ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنپەئەتىگە رىقابەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش جەھەتتە كۆپرەك ھەسسىگە ئېگە بولۇش كويىدا ئىدى. شۇڭا كەلگۈسىدە كىمنىڭ سۈرىيە ئىقتىسادىنى كونترول قىلىدىغانلىقى ئۈستىدە رىقابەتلىشىشى كېرەك.

2018-يىلىغا كەلگەندە، ئىراننىڭ تاشقى سىياسىتى بىر ئايلانمىنى تاماملىدى. ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشى رۇھانىي دەۋرىنىڭ غەرب بىلەن يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈمىدىنى سۇغا چىلاشتۇردى. بۇ ئىران كونسېرۋاتىپلىرنىڭ ئىراننى «مۇھاسىرىدىكى قورغان» دەپ قارايدىغان كۆز قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. دىپلوماتىك يولنىڭ مەغلۇب بولۇشى بىلەن بۇ كونسېرۋاتىپلار پات-پات دەپ تۇردىغان « مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش — تۈگىمەس كۈرەش ئىچىدىكى ۋاقىتلىق بىر تىنىش خالاس» دەيدىغان قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلدى.

قىرىق يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئىران ئىنقىلاب ئېكسپورت قىلغۇچى جىھادچى بىر كۈچتىن، يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، غەربنىڭ سىسىتىمسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشقا تېرىشىش،مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ،دائىشقا قارشى جەڭگە كىرىش، رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ  ئۆز تەسىر دائىرسىنى ساقلايدىغان پىراگماتىك رايونلۇق كۈچكە ئايلاندى. گەرچە «ئۈچىنچى يول»دىن «مەدەنىيەتلەر ئارا دىئالوگ» ۋە «مۇداپىئە زەنجىرى»گىچە بولغان كونكرېت دوكتىرىنىلار ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام ھاكىميتىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولۇش قاتارلىق مەركىزى نىشان ئىران ئىستراتېگىيە تەپەككۇرىنىڭ ئۆزگەرمەس تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى.


مەنبە: ئۆتۈكەن سىياسەت تەتقىقات مەركىزى