ئىزدىنىش ژۇرنىلى

ئورنى Wikipedia

ئىزدىنىش ژۇرنىلى (ئۇيغۇر لاتىن: Izdinish؛ ئۇيغۇر كرىل: Издиниш) ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىك، دوتسېنت مۇرات ئورخۇننىڭ تەشەببۇس ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئېلان قىلىنغان/قىلىنىۋاتقان تور ژۇرنىلىدۇر.

ژۇرنال ھەققىدە[تەھرىرلەش]

مەزكـۇر ژۇرنـال ئۇيغـۇر ئەدەبىياتىنـى ئـۆز ئىچىگـە ئالغـان دۇنيـا ئەدەبىياتىدىكـى كلاسسىك ۋە نادىـر ئەسـەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگـە تەقدىـم قىلىـش، ئۇيغـۇر تىلىـدا ئىجادىيـەت بىلـەن شـۇغۇللىنىدىغان كەسـىپ ئىگىلىـرى ۋە ھەۋەسـكارلىرنىڭ ئەسـەرلىرىنى ئېلان قىلىـش، ئۇيغـۇر ئەدەبىياتىنـى ۋە ئەدەبىـي تىلىنـى باشـقا تۈركىـي مىللەتلەرگـە تونۇشـتۇرۇش، شـۇنداقلا ئۇيغـۇر تىلىدىكـى بىـر ژۇرنالنـى مەزمـۇن ۋە سـۈپەت جەھەتتىـن تەرەققىـي قىلـدۇرۇپ، خەلقئارادىكـى سـۈپەتلىك ئەدەبىـي ژۇرنالالرنىـڭ سەۋىيەسـىگە يەتكۈزۈشـنى مەقسـەت قىلىدىغـان پەسـىللىك ئەدەبىـي ژۇرنـالدۇر.

ئىزدىنىش ژۇرنىلىدا پەقــەت ئەدەبىــي ئەســەرلەرلا ئېــلان قىلىنىدىغــان بولــۇپ، بىۋاســىتە ئۇيغۇرچــە يېزىلغــان ياكــى باشــقا تىللاردىــن ئۇيغۇرچىغــا تەرجىمــە قىلىنغــان ئەســەرلەر قوبــۇل قىلىنىــدۇ.

ژۇرنالغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر:[تەھرىرلەش]

  1. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەر؛
  2. ئىجادىي ئەسەرلەر؛
  3. باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر؛
  4. خەلق ئارىسىغا تارقالغان ئەقلىيە سۆز، ماقال - تەمسىل، چۆچەك، قوشاق، يۇمۇر قاتارلىقلار؛
  5. ئۇيغۇرلار تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر، فوتو سۈرەت، ھەجۋىي رەسىملەر؛
  6. مەلۇم رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا قوللىنىلىدىغان سۆزلەر (لۇغەت)؛

ژۇرنالنىڭ ئېلان قىلىنىش شەكلى[تەھرىرلەش]

ژۇرنــال پەســىللىك تــور ژۇرنىلــى بولــۇپ، كونا يېزىق (ئــەرەب ھەرپلىــرى)، لاتىــن ھەرىپلىــرى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قوللىنىدىغان كرىل ھەرپلىــرى ئاساســىدىكى ئۇيغــۇر يېزىقىــدا ۋە (باشــقا تــۈرك مىللەتلىرىنىڭمــۇ مەزكۇر ژۇرنالدىن پايدىلىنالىشــى ئۈچــۈن) بىرلىككــە كەلگــەن تــۈرك ئېلىپبەســىدە بولــۇپ جەمئىــي تــۆت نۇســخا ئېــلان قىلىنىشى، يىلــدا بىــر قېتىــم تــۆت ســان بىرلەشــتۈرۈلۈپ يىللىــق توپــلام شــەكلىدە نەشــر قىلىنىــپ، ئۇنىۋېرســىتېت ۋە ئاممىۋىــي كۈتۈپخانىلارغــا ھەقســىز تارقىتىلىـشى پىلانغان بولۇپ، ھازىرچە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ۋە بەزى سانلار كرىل ئۇيغۇر يېزىقىدا ئېلان قىلىنىش ئىشقا ئاشقان.

ئېلان قىلىنغان سانلار[تەھرىرلەش]

مەزكۇر ژۇرنال 2017 - يىلى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 2017 - يىلى 2 سان، 2018 - يىلى 2 سان، 2019 - يىلى نورمال 2 سان، 3 - سان بولسا يۈسۈپ خاس ھاجىبقا ئاتالغان مەخسۇس سان بىلەن بىللە 4/3 - سان نامىدا جەمئىي 4 سان، 2020 - يىلى 4 سان، 2021 - يىلى 1 سان چىققان.

ئىزدىنىش ژۇرنىلى ئېلان قىلىنغان سانلار
يىل سان ئومۇمىي بەت ئۇلىنىش
2017 1 - سان 1 - سان 80 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا

ئۇيغۇر كرىل يېزىقىدا

2 - سان 2 - سان 100 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا

ئۇيغۇر كرىل يېزىقىدا

2018 1 - سان 3 - سان 73 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
2 - سان 4 - سان 96 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا

ئۇيغۇر كرىل يېزىقىدا

2019 1 - سان 5 - سان 105 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
2 - سان 6 - سان 107 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
3/4 - سان 8 - سان 204 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
2020 1 - سان 9 - سان 116 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
2 - سان 10 - سان 144 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
3 - سان 11 - سان 117 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
4 - سان 12 - سان 106 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
2021 1 - سان 13 - سان 118 بەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا

ژۇرنالغا دائىر[تەھرىرلەش]

ژۇرنالنىڭ رۇخسەت نومۇرى: ISSN: 2602–389X

تور بەت ئادرېسى: ئىزدىنىش ژۇرنىلى