ئىستانبۇلدىكى كۆڭۈل سۇلتانلىرى كۈتۈۋېلىنغان خانىقا - قەشقەر خانىقاسى

ئورنى Wikipedia

ئىستانبۇلدىكى كۆڭۈل سۇلتانلىرى كۈتۈۋېلىنغان خانىقا - قەشقەر خانىقاسى


مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


ئىستانبۇلنىڭ ئەييۇب سۇلتان رايونىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ) ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە بارغان ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم ئۆيىگە چۈشكۈن قىلغان ساھابە ئەييۇب سۇلتان (ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى) ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسى بار. ئەييۇب سۇلتان ھەزرەتلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، 90 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. بۇ قەبرە بار جاي ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئەييۇب سۇلتان» نامىدا بىر مەھەللىگە، كېيىنچە ئەييۇب سۇلتان رايونىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ رايون ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ رايونلارنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەييۇب سۇلتان ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ سېلىنغان ئەييۇب سۇلتان مەسچىتى بار بولۇپ، ئەييۇب سۇلتان ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسى بۇ مەسچىتنىڭ سەيناسىغا جايلاشقان. مەسچىتنىڭ يان تەرىپىدە بولسا ئىگىلىگەن ئورنى خېلىلا چوڭ، تارىخى ئۇزۇن ئەييۇب سۇلتان قەبرىستانلىقى بار.

1453-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى (جۈمە) ئىستانبۇل پەتھى قىلىنغاندىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيەسى ئەييۇب سۇلتان رايونىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايون ئەڭ دەسلەپتە شەكىللەنگەن ئاھالىلار رايونىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بىز ئۈستىدە توختالماقچى بولغان قەشقەر خانىقاسى بولسا مانا مۇشۇ ئەييۇب سۇلتان قەبرىستانلىقىغا جايلاشقان.

ئىستانبۇل پەتھى قىلىنىپ 291 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1744-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن مۇرتەزا ئەپەندى قەشقىرىي، ئابدۇللا نىدائىي قەشقىرىي ۋە ئوغلى ئەبەيدۇللا قەشقىرىي قاتارلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر كېلىپ، قەشقەر خانىقاسى (Kâşgarî Dergâhı)نىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇش بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 1745-يىلى پۈتكەن. 1746-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە ۋەخپە قىلىنغان. مۇرتەزا ئەپەندى 1747-يىلى ۋاپات بولغان. قەشقەر خانىقاسى پۈتكەندىن كېيىن بۇ خانىقانىڭ تۇنجى شەيخى ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىي بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خانىقا بەزىدە قۇرغۇچىسى مۇرتەزا ئەپەندىگە نىسبەت بېرىلىپ، «مۇرتەزا ئەپەندى قەشقىرى خانىقاسى» (Kaşgari Murteza Efendi Tekkesi) ياكى بۇ خانىقانىڭ تۇنجى شەيخىگە نىسبەت بېرىلىپ «ئابدۇللا نىدائىي قەشقىرىي خانىقاسى» (Abdullah Nidaî Kâşgarî Tekkesi) دەپمۇ ئاتالغان.

قەشقەر خانىقاسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ خانىقانىڭ تۇنجى شەيخى ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىي باشچىلىقىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشلانغان. شۇنداق قىلىپ ئوسمان ئىمپېرىيەسىدە (ھازىرقى تۈركىيەدە) نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى مانا مۇشۇ قەشقەر خانىقاسىدىن باشلانغان. بۇ خانىقادا خانىقانىڭ تۇنجى شەيخى ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىيدىن باشلاپ ئاخىرقى شەيخى سەييىد ئابدۇل ھەكىم ئەپەندىگىچە جەمئىي 11 شەيخ ئۆتكەن. بۇ شەيخلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىي (Abdullah Nidaî Kâşgarî). بۇ خانىقاغا 14 يىل شەيخ بولغاندىن كېيىن 1760-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان.

2. ئەبەيدۇللاھ قەشقىرىي (Übeydullah Efendi ). ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىينىڭ ئوغلى بولۇپ، بۇ خانىقاغا ئون يىل شەيخ بولغاندىن كېيىن 1770-يىلى 45 يېشىدا ۋاپات بولغان.

3. ئىيسا ئەپەندى ھەزرەتلىرى (İsâ Efendi Hazretleri). شەيخ بولۇپ، 21 يىلدىن كېيىن، يەنى 1791-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 90 يېشىدا ۋاپات بولغان.

4. ئەبەيدۇللاھ ئەپەندى (Übeydullah Efendi). بۇ كىشى شەيخ ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ «چەلەبى ئەپەندى» (Çelebi Efendi) دەپمۇ نام ئالغان كۈيئوغلى بولۇپ، ئىككى يىل شەيخ بولغاندىن كېيىن 1793-يىلى 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.

5. ئىسمائىل ئەپەندى (İsmail Efendi). پىر كالاننىڭ خانىقادا قەھۋەچىلىك قىلىدىغان قۇلى بولۇپ، تۆت يىل شەيخلىق قىلغاندىن كېيىن 1797-يىلى ۋاپات بولغان. ئىسمائىل ئەپەندى 1796-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دەرۋىشلىرىنى ئېلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوردىسى بولغان توپكاپى سارىيىغا كىرىپ، سارايدىكى «ئاغالار مەسچىتى»دە (Ağalar Camii) زىكىر-تەسبىھ ئېيتىپ، پادىشاھقا دۇئا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سېلىم III (1761-1808 Sultan III. Selim) ئىسمائىل ئەپەندىگە مەخسۇس تون كىيدۈرۈپ، سوۋغا تەقدىم قىلغان. ئۇنىڭ دەرۋىشلىرىگىمۇ ئايرىم-ئايرىم سوۋغا تەقدىم قىلغان.

6. نىدائىي ئەسسەيىد ئابدۇللاھ ئەپەندى (Nidâyi es-Seyyid Abdullah Efendi). ھەزرىتى پىركالاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 14 ئاي شەيخ بولغاندىن كېيىن 1798-يىلى 22 يېشىدا ۋاپات بولغان.

7. ئىيسا ئەپەندىزادە لۇتپۇللاھ (İsâ Efendizâde Lutfullah Efendi). بۇ كىشى دەسلەپ ئەييۇب سۇلتان مازارلىقىنىڭ شەيخى بولۇپ، كېيىن ئەييۇب سۇلتان مازارلىقىنىڭ شەيخلىقىنى قەشقەر خانىقاسىدىن چىققان جالال ئەپەندى (Celal Bey)گە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى قەشقەر خانىقاسىنىڭ شەيخى بولغان ۋە ئۈچ يىل شەيخلىق قىلغان. كېيىن ئۆزىنىڭ كېلىنى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرغانلىقى ئۈچۈن قوغلانغان. ھىجرىيە 1220-يىلى ۋاپات بولغان.

8. سەييىد مۇھەممەد ئەشرەف ئەپەندى (es-Seyyid Mehmed Eşref Efendi). بۇ كىشىنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا دەسلەپ خۇدابەردى ئەپەندى (Hüdâverdi Efendi) ۋاكالىتەن شەيخ بولغان. سەييىد مۇھەممەد ئەشرەف ئەپەندى 1841-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغان.

9. مۇھەممەد ئاشىر ئەپەندى (Mehmed Aşir Efendi). 1832-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەشرەف ئەپەندىنىڭ ئوغلى. بۇ كىشىنىڭ دەۋرىدە خانىقادىكى شەيخلەردىن باشقا ئالاھىدە 11 دەرۋىش بار بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانىقاسىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر خانىقا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ كىشى 1901-يىلى ۋاپات بولغان.

10. شەيخ شىر ئەپەندى (Şeyh şir Efendi). بۇ كىشىنىڭ 1836-يىلى تۇغۇلغان. ھافىز مۇھەممەت شەرەفىددىن ئەپەندى (Hafız Mehmed şerafeddin Efendi) دەپ بىر قېرىندىشى بولغان.

11. شەيخ ئابدۇلھېكىم ئەپەندى (Seyyid Abdülhakim Efendi). بۇ كىشى قەشقەر خانىقاسىنىڭ ئاخىرقى شەيخى بولۇپ، 1865-يىلى تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىگە قاراشلىق باشكالە يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1918-يىلى خانىقانىڭ شەيخى بولغان بولۇپ، يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى. 1919-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن سۇلايمانىيە مەدرىسەسىگە ئەۋەتىلگەن. 1925-يىلى قەشقەر خانىقاسى تاقىۋېتىلگەن. كېيىن بۇ كىشى تۆھمەتكە ئۇچرىغان. 1943-يىلى 9-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، دەسلەپ ئىزمىر شەھىرىگە، كېيىن ئەنقەرەگە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئەنقەرە تەۋەسىدىكى باغلۇق يېزىسىBağluk Köyü) ) مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

قەشقەر خانىقاسى 1800-يىللىرى سۇلتان سېلىمIII  (1761-1808 Sultan III. Selim)نىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ئابدۇلھەمىد II (II. Abdülhamid-1842-1918)نىڭ دەۋرى بولغان 1909-يىلىغىچە بولغان بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىكى نەقشىبەندى تەرىقىتىنىڭ قەلئەسى ۋە مەنىۋى ئارامگاھى بولغان. ئەينى يىللىرى چېچەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن چار رۇسىيە بىلەن يىللاپ ئۇرۇش قىلغان داڭلىق قەھرىمانى شەيخ شامىل (Şeyh şamil 1797-1871) ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋاقتىدا بۇ خانىقانى زىيارەت قىلىپ، بىر قانچە كۈن تۇرغان.

قەشقەر خانىقاسىدا ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىينىڭ «توغرا يولدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن 45 يىلدىن بۇيان شەھەردىن شەھەرگە، ئىقلىمدىن ئىقلىمغا ئايلىنىپ يۈردۈم. بۇلارنى سۆزلەشتىكى مەقسىتىم ماختىنىش ئەمەس. توغرا يولنى ئىزدىگەنلەر بىلسۇنكى، مەقسەتكە ئۇنداق ئاسان يەتكىلى بولمايدۇ. مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن مەرتلەرچە ھەرىكەت قىلىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرى يېزىلغان. دېمەك قەشقەر خانىقاسى ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىينىڭ ئىلمىي، ئەقلىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولغان.

قەشقەر خانىقاسى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ۋەقفىلەر مەركىزىي مۇدىرلىقى تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك رېمونت قىلىنغان بولۇپ، رېمونت قىلىش ئۈچۈن ئۈچ مىليون 498 مىڭ لىرا چىقىم قىلىنغان.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى زونگۇلداق بۈيۈك ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇران چەتىن (Nuran Çetin)نىڭ «كۆڭۈل سۇلتانلىرى كۈتۈۋېلىنغان خانىقا - قەشقەر خانىقاسى» (Gönül sultanlarının ağırlandığı Tekke: Kaşgari Dergahı) ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەييۇب سۇلتان رايونىنىڭ باشلىقى رەمزى ئايدىن (Remzi Aydın) قەشقەر خانىقاسىدا مەخسۇس بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، نۇران چەتىننى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېزىلىپ چىققان كىتابىنى تەبرىكلىدى. بۇ مۇراسىمغا ئەييۇب سۇلتان رايونىنىڭ باشلىقى رەمزى ئايدىن، ئىستانبۇل شەھەرلىك قەبرىستانلىق ۋە مۇزېيلار مۇدىرلىقىنىڭ مۇدىرى ئەكرەم ئايتار، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۇتۇپخانىلار ۋە مۇزېيلار مۇدىرى رامازان مىندەر، «مۇرتەزا ئەپەندى قەشقىرىي جەمئىيىتى»نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئەردوغان، شۇنداقلا خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتى.

قەشقەر خانىقاسىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە «مۇرتەزا ئەپەندى قەشقىرىي خانىقاسى» (Kaşgari Murteza Efendi Tekkesi) دېگەن خەت بولۇپ، ئىشىكتىن كىرگىنىمىزدە ئوڭ تەرەپتە قەبرىستانلىق، قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەندە بىر قانچە پەلەمپەي بىلەن چۈشىدىغان سەل تۆۋەن تەرەپتە بىر ئۆي بار. بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ئابدۇللاھ نىدائىي قەشقىرىي بىلەن ئوغلى ئەبەيدۇللاھ قەشقىرىي ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسى بار. ئىشىكتىن كىرگەندە سول تەرەپتە بىر ئۆي بار بولۇپ، بۇ ئۆيدە سۇلتان سېلىم III نىڭ ئۇستازى «ئىيسا جەيلانىي» (İsa Geylani) ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسى بار. قەبرىستانلىقتا يەنە ئوسمان ئىپېرىيەسىنىڭ ھەج قىلىش ئۈچۈن ماڭغان كارۋانلارنى قوغدايدىغان، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە ياردەم ۋە سوۋغا-سالام ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئەھمەد بىجان پاشا (Ahmet Bican Paşa) قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرنىڭ قەبرىسى بار.

قەشقەر خانىقاسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تونۇلغان شەخسلىرىدىن ئابدۇلھەكىم ئارۋاسىي (Abdülhakim Arvasi 1865-1943)، ھۈسەين ئىلمى ئىشىق (Hüseyin İlmi Işık 1911-2001)، نەجىپ فازىل قىساكۈرەك (Necip Fazıl Kısakürek 1904-1983)كە ئوخشاش تۈرك خەلقىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىغا نۇر چاچقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىكرى چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ھاياتقا تەدبىقلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

بۇلاردىن باشقا قەشقەر خانىقاسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرى قەشقەر خانىقاسىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان.

قەشقەر خانىقاسىنىڭ سەيناسىنى ئايلاندۇرۇپ، مەسچىت، زىكرى-تەسبىھ ئېيتىدىغان ئىبادەتخانا (Tevhidhâne)، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن مۇقەددەس ئۆي (خاس ھەرەم-Harim)، قوبۇلخانا (Selâmlık)، ئاشخانا، قەبرىستانلىق، ئىككى قۇدۇق، قول يۇيىدىغان، تاھارەت ئالىدىغان چەشمە (çeşme) قاتارلىقلار جايلاشقان.

«كۆڭۈل سۇلتانلىرى كۈتۈۋېلىنغان خانىقا - قەشقەر خانىقاسى» ئەييۇب سۇلتان مازارلىقىدا ئالاھىدە ھەم ئەھمىيەتلىك بىر جايغا سېلىنغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئەييۇب سۇلتانغا مەنىۋى روھ بەخش ئەتكەن ۋە مەنىۋى دۇنياسىغا سېپىلگەن بىر نۇردۇر.

يەنە بىر جەھەتتىن قەشقەر خانىقاسى شەيخىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشى بولسا ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان باشقا تۈرك خەلقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

قەشقەر خانىقاسى ئەييۇب مەركەز مەھەللىسى، ئىدرىس كۆشكۈ چوڭ يولىنىڭ قارياغدى دېگەن جايىدا، ھۈسام ئەپەندى كوچىسى بىلەن قارياغدى كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. خانىقانىڭ ھەر ئىككى كوچىغا ئېچىلغان ئىشىكلىرى بار بولۇپ، ئىستانبۇل بوغاز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان دېڭىز قولتۇقىغا قارىغان تۆپىلىككە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ. قەشقەر خانىقاسىنىڭ تىزىملىكتىكى يەر خېتىدە (ھۆججىتىدە) خانىقا ئورنىنىڭ 2001 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغانلىقى يېزىلغان.