ئىستىقلال مارشى (تۈركىيە)

ئورنى Wikipedia
مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
1923-يىلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى قىلىپ بېكىتىلگەن
*

قورقما، ئۆچمەس شەپەقلەردە ئۈزگەن بۇ ئال بايراق،

ئۆچمەستىن يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە كۆيگەن ئاخىرقى ئوچاق.

بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ يۇلتۇزىدۇر، پارلار شۇنداق،

بۇ مىنىڭدۇر، بۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭدۇر ئانداق.


توسما، قۇربان بولاي چېھىرلىك ئەي نازلى ھىلال،

قەھرىمان ئېرقىمغا بىر كۈل، نىمانچە بۇ زورلۇق..بۇ ھال،

ئاقماس بىكار،تۆكۈلگەن قانلىرىمىز بولسۇن ھالال

ھەققىدۇر، ھەققە تېۋىنغان مىللىتىمگە ئىستىقلال.


مەن ئەزەلدىن بېرى ھۆر ياشىدىم، ھۆر ياشايمەن،

قايسى ئىپلاس ماڭا زەنجىر ئۇرار، ھەيرانمەن.

شىددەتلىك كەلكۈندەك توغان، توساقتىن ئاشارمەن،

تاغلارنى ئېقىتىپ، سىغماسمەن ھىچ يەرگە تاشارمەن. �


غەربنىڭ زېمىنى پولات تام بىلەن قورشالسا گەر،

مېنىڭ ئىمان تولغان كۆكسۈم كەبى پاسىلىم بار.

مىللىتىم، قورقما،بۇ ئىمانىمىزنى قانداق بوغار،

«مەدەنىيەت»دېگىنىنىڭ يالغۇز چىشى قالغان جانىۋار.


بۇرادەر،يۇرتۇمغا پەسكەشلەرنى يولاتما، ئاگاھ بولغىن،

قالقان قىل كۆكرىكىڭنى، تۇرسۇن بۇ ھاياسىز ئاققىن.

تۇغاردۇر ساڭا ۋاھ! دەيدىغان كۈنلەر ھەققىڭ،

كىم بىلۇر، بەلكى ئەتە، بەلكى ئەتىدىنمۇ يېقىن.


دەسسىگەن يەرلەرنى« تۇپراق »دەپ مېڭىۋەرمە،بىل بۇنى!

ئويلىغىن، ئاستىدىكى مېڭلارچە كىپەنسىز ياتقانلارنى،

سەن شېھىت ئوغلىسەن، رەنجىتمە گۇناھتۇر، ئاتىلارنى!

بەرمە، دۇنيالارنى ئالسىمۇ بۇ جەننەت ۋەتەننى،


كىم بۇ جەننەت ۋەتەننىڭ ئىشقىغا بولماس پىدا؟

تۇپراقنى دەسسىسەڭ چىقار مىڭلارچە شاھىتلار ئۇدا!

جاننى،جاناننى،پۈتۈن بارىمنى ئالسۇن خۇدا،

ئەتمىسۇن بىرلا ۋەتىنىمنى دۇنيادىن جۇدا.


قەلبىمنىڭ سەندىن كۈتكىنى، شۇدۇر پەقەت تىلىكى،

تەگمىسۇن بەدىنىم كۆكسۈمگە نامەھرەمنىڭ قولى.

بۇ ئەزانلار شاھادەت-بەخىتتۇر، دىننىڭ ئۇلى،

ئەبەدىي يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە مېنىڭ ياڭرىغۇسى،


ئۇ زامان مىڭ سەجدە قىلار ھەتتا قەبرە تاشىم،

ھەر جاراھىتىمدىن ،خۇدايىم،ئاقار قانلىق ياشىم

، چىقىپ كېتەر تۇپراقتىن تېنىم روھ كەبى،

شۇندىلا، كۆتۈرلۈپ ئەرشكە تېگەر بەلكى باشىم،


لەپىلدە، سەنمۇ شەپەقلەردەك ئەي شانلىق ھىلال،

بولسۇن يەنە تۆكۈلگەن قانلىرىمىز ھەممىسى ھالال.

ئەبەدىي ساڭا يوق، ئىرقىمغا يوق قۇللۇق ھال،

ھەققىدۇر ھۆر ياشاش، بايرىغىمغا ھۆررىيەت.

ھەققىدۇر، ھەققە تىۋىنغان مىللىتىمگە ئىستىقلال