ئىسلام ئاخۇن

ئورنى Wikipedia

ئىسلام ئاخۇن، ئۇيغۇر، شىنجاڭ خوتەندىن، گەرچە ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۆزى « كەشپ» قىلغان يېزىق بىلەن بىر خىل قەدىمىي كىتابنى« ياساپ» چىققان ھەمدە بۇ كىتاب ئارقىلىق غەرب ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلارنى ئالداپ ، زىلزىلە پەيدا قىلغان ھەم شۇ سەۋەبتىن تونۇلغان.  ئاۋگۇست رۇدولف خوئېنلېي، گېرمانىيە پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيىلىك ئالىم، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا پىششىق بولۇپ، 19-ئەسىردىكى غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي نوپۇزى.  تەخمىنەن 1890-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتى گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى.

غەرىب ئالىملىرنى ئەخمەق قىلىش ۋەقەسى[تەھرىرلەش]

ساۋاتسىز ئاخۇن بىر كىچىك تاغلىق كەنتتە ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ جان باقاتتى، ئۇ ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ جۇڭگو قەدىمكى ھۆججەتلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغانلىقىنى، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قەدىمكى كىتابلاردىكى خەتلەرنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باي بولۇش ئىستىكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىخ سۈرگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاخۇن باي بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، 1840-يىلىدىن كېيىن، جاھانگىرلارنىڭ زەمبىرەك پاراخوتلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى دەرۋازىلىرىنى ئاچتى، ئىلگىرى« كاڭشى، چيەنلۇڭ دەۋردىكى گۈللىنىش» كە ئىگە بولغان چىڭ سۇلالىسى ئىمپېرىيىسى كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، چىرىك ۋە زاۋالغا يۈز تۇتقان ئەھۋالدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭمۇ ئەنگىلىيە ۋە چار روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەمە قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلانغان. شىنجاڭنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، رۇسىيە ئارقا-ئارقىدىن« ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى» نى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، تۈرلۈك ئاخباراتلارنى قولغا چۈشۈردى، شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغىمۇ ئالاھىدە «دىققەت» قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

مۇشۇ خىل ۋەزىيەت ئارقىسىدا ئاخۇنمۇ ئۆز-ئۆزىگە: ھەرقايسىلىرى خەت تونۇشمايلىغۇ ؟  ئۇنداقتا مەن ھەرقايسىلىرىغا تېخىمۇ تونۇمايدىغان خەتنى يېزىپ بېرەي، دەپ پىچىرلىغانچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.  ئۇ شۇ جايدىكى ئۈجمە قەغىزىنى بىر خىل ئۆسۈملۈك بويىقىغا چىلاپ ، ناھايىتى تېزلا ئۈجمە قەغىزىنى قەدىمىي تۈسكە كىرگۈزدى. ئارقىدىن، ئۇ يەنە قەدىمىي ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ساۋتىبورو تېپىشماقلىرىنى تەقلىد قىلىپ، ئۇنى ئۈجمە تېرىسىدىكى قەغەزگە كۆچۈرۈپ يازدى.  شۇنداق قىلىپ، ئاتالمىش "قەدىمىي كىتاب" قەپەستىن چىققان ئىدى. ئاخۇن ئۆزىنىڭ« ئەسىرى» گە بىر قۇر سەپسېلىپ، ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخا بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، لېكىن ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، « قەدىمىي كىتاب» نى ياغلاشقان قولى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاپ،ئاندىن توغراق يوپۇرمىقىغا ئوت يېقىپ، « قەدىمىي كىتاب» نى ئىسلاپ، ئۇنى قېنىق قوڭۇر رەڭگە كىرگۈزۈپ، كونىچە ھېسسىياتنى ئاشۇردى.  ئارقىدىن ئاخۇن كىسلاتالىق ماددا بىلەن مىس مىخنى بىر تەرەپ قىلىپ، « قەدىمىي ھۆججەت» نى تۈپلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىنى قۇملۇقنىڭ ئەتراپىغا بىر قانچە ئاي كۆمۈپ قويغاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىۋېتىپ، خوتەننىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈردى، ئويلىمىغان يەردىن سېتىۋالغۇچىلارغا ئۇچراپ قالدى.

بۇ ۋاقىت تەخمىنەن 1889- يىلى بولۇپ، باۋېر ئىسىملىك ئەنگلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان ئوفىتسېرى، ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنى ئۆلتۈرۈگەن داگرىش قاتىللىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن. باۋېر خوتەننىڭ كوچىلىرىدا ئاخۇنغا ئۇچراپ قالىدۇ.  ۋاھ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى!  باۋېرنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كېتىدۇ، ئۇ ئاخۇننىڭ قولىدىكى« قەدىمىي كىتاب» نى سېتىۋالماقچى بولىدۇ.  قانچە پۇل؟  باۋېر ئاخۇننىڭ ئۆزىدىن پەقەت ئون ئېشەكلا سورايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ھەقىقەتەن ئەرزان باھا!.  

شۇنىڭدىن كېيىن، باۋېر« قەدىمىي كىتاب» نى ھىندىستان كالكۇتتادىكى بېنگال ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ،  كىتابنى ئەينى چاغدىكى داڭلىق شەرقشۇناس خوئېنلېي باھالىغان.  بۇ نېمە خەت؟  كارۇشتىچە لۇ يېزىقى، ھىندىستاننىڭ بورومى يېزىقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بورومى يېزىقى ياكى زاڭزۇ يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، پارس يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، ئارامى يېزىقى ياكى گرېك يېزىقى..... ئۇلار بۇ كىتابتىكى يېزىقنى بۇنىڭ-بۇنىڭغا ئوخشىتىپ باقتى. خوئېنلېي بىر مەھەل چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى، لېكىن بىۋاسىتە سېزىمىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ كىتابتىكى يېزىقنى ئىزچىل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى يېزىقى دەپ قارىدى، يەنە كېلىپ مىلادىيە 4-ئەسىردە براخما يېزىقى بىلەن يېزىلغان قەدىمكى ھىندى يېزىقى بولۇشى مۇمكىن.  ئارقىدىنلا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي كىتاب بىباھا گۆھەرگە ئايلاندى، ئۇنىڭغا« باۋېر پۈتۈكى» دەپ نام بېرىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.  باۋېر شۇ سەۋەبتىن تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان، ھەربىي ئۇنۋانى شاۋجياڭ بولۇپلا قالماي، يەنە خامىلتون جاز دەپ نام بېرىلگەن.  شۇنىڭ بىلەن ئاخۇنمۇ  چوڭ ئامەتكە يولۇقۇپ، تارىخ سەھنىسىگە چىقتى، 10 ئېشەكنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى دەسلەپتە قاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا توپ-توپ ئېشەكلەر پەيدا بولدى، ئۇ ئىشەكلەرنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى.  كەڭ كۆلەملىك ساختىلىق شۇنىڭ بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا، ئاخۇن سەل ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇرات ئىسىملىك بىر ياردەمچىنى تاپىدۇ.  بۇ كىشىنىڭ سىيېرىل ھەرىپىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولغاچقا، « قەدىمىي كىتاب»قا يەنە مۇشۇ جەھەتتىنمۇ مەزمۇنلارنى قوشقان ئىدى.

ئۇلار« قەدىمىي كىتاب» نى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ما جىيېغا سېتىپ بېرىش بىلەن بىللە، چاررۇسىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى نىكولاي پېتروۋىسكىغىمۇ سېتىپ بەرگەن.  شۇنداق قىلىپ، « قەدىمىي كىتاب» ئۈزلۈكسىز ھالدا شىنجاڭدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلىدى، لېكىن باشتىن-ئاخىر تىلشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ئەمما ئاخۇن بىلەن مۇرات زاۋۇتلاشقان كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرى« كەشىپ قىلغان» خەتلەرنى ياغاچ تاختىغا ئويۇپ، مەتبەئەچىلىك مەشغۇلاتىنى باشلاپ كەتتى.  خو ئېنلېي ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنداق دېگەن: « قەدىمىي كىتاب» تا يېزىلغان يېزىق مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا خېلىلا نامەلۇم، بەلكىم مېنىڭ بىلىمىم كەمچىل بولۇشى مومكىن ، قەرەللىك ھۆكۈمەت خىزمىتىمدىن بوش ۋاقىت  ئاجرىتىپ، تولۇق چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تىلىنى ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلغان كەسپداشلىرىنىڭ بۇ غەلىتە ھۆججەتلەرنىڭ يېزىق ۋە تىلىنى پەرىقلەندۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما، خو ئېنلېي ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاشۇ«قەدىمىي كىتاب»لاردىكى يېزىقنى چۈشىنەلمىدى.

دۇنيادىكى نەرسىلەرگە جاۋاب تاپالمىغانسېرى، شۇنچە سىرلىق كۆرۈنىدۇ.  « قەدىمىي كىتاب» نىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئېكىسپىدىتسىيە دولقۇنى قوزغالدى، نۇرغۇن ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر بۇ« قەدىمىي يازمىلار» نىڭ ئارقىسىدىكى سىرلىق مەدەنىيەتنى دەپ كەلگەن ئىدى.  ئەمما، ساختىسىنى مەڭگۈ راست دېگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر« قەدىمىي يازمىلار» نىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ، ئاخۇنمۇ بۇ چاغدا چاندۇرۇپ قويىدۇ.  

بىر قېتىم ، ئاخۇن قەشقەرگە بېرىپ« قەدىمىي يازمىلار» نى سېتىپ ، قايتىش يولىدا بېك لۇند ئىسىملىك شىۋېتسىيەلىك بىر دىن تارقاتقۇچىنى يوقلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈچ توم ياغاچ نۇسخىدا بېسىلغان قەدىمىي كىتابنى بېرىدۇ.  توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، بېك لۇندنىڭ چاكىرى ئاخۇننىڭ بۇرۇنقى قوشنىسىنىڭ بالىسى بولۇپ، ئۇ يازمىلارنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ بېرىدۇ،ھەمدە ئىگىسىنىڭ ئالدىدا ئاخۇننىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باك لۇندمۇ ئاخۇن ئەكېلىپ بەرگەن« قەدىمىي ھۆججەتلەر» دىن چاندۇرۇپ قويغان تەرەپلىرىنى بىر قۇر كۆزدىن كەچۈرىدۇ، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ بولالمىغاچقا، ئاخۇننىڭ بۇ چاغدا ئىشلەتكەن قەغىزى بەك يېڭى بولۇپ قالغان ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن باك لۇند دەرھال خوئېنلېي ۋە بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان بارلىق دوستلىرىغا خەت يازغان، كۈلكىلىك يېرى، خوئېنلېي« قەدىمىي كىتاب» نىڭ راستلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەتتا كىشىلەرنى بۇ خىل كىتابلارنى توپلاشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە ئۇنى« خوئېنلېي توپلىغان ئەسەرلەر» ياكى« ئەنگلىيە ئوتتۇرا ئاسىيا توپلىغان ئەسەرلەر» دەپ ئاتاپ، ئەنگلىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىغان.

شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا ئاشكارلانغان ساختىلىق،قايتىدىن راستقا ئايلانغان ئىدى، خو ئېنلېي پۈتۈن كۈچى بىلەن تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، ئاخۇنمۇ بوش كەلمەي ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇردى.  1901-يىلى ستەيىن خوتەنگە كېلىپ، ئاخۇننى تاپتى. شۇنداقلا ئاخۇننىڭ« قەدىمىي يازمىلىرى» نى سېتىۋالدى، لېكىن خوئېنلېيگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇقسانلارنى بايقاپ، « قەدىمىي كىتاب» نىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن ئىدى، خوئېنلېي سىتەيىننىڭ يېتەكچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ستەنيىن يېڭىلا ئىشقا چۈشكەن كالكۇتتا ئىسلام مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىدى. سىتەيىننىڭ سوراق قىلىشى بىلەن، ئاخۇن ئۆزىنىڭ ساختىلىق قىلىش جەريانىنى ئېيتقان، سىتەيىن دەرھال خەت يېزىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى خوئېنلېيغا ئېيتقان، لېكىن خوئېنلېي يەنىلا« قەدىمىي ھۆججەت» نىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن.  ستەيىن خوتەندىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاخۇننى تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلغان،  يەرلىك ئەمەلدارلار تۇتۇپ سوراق قىلغاندا، ئاخۇن سىتەيىننىڭ ئۆزىنى ياۋروپاغا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن ستەيىن بۇنىڭغا قوشۇلمىغان.  شۇنىڭدىن كېيىن يالغاندىن ياساش ئىشى توختاپ قالدى، ئاخۇننىڭ ئىز-دېرىكىمۇ بولمىدى.  

ستەيىن 1901-يىلى ئەنگىلىيىگە قايتىپ كەلگەن، شۇ يىلى 7-ئايدا، ئۇ ئوكسىفوردنىڭ ئۆيىدە خوئېنلېي بىلەن كۆرۈشكەن.  خوئېنلېي بۇ چاغدا« قەدىمىي كىتاب» نىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. ستەيىن ئەينى ۋاقىتتا نامەلۇم بىر تىلدىكى توم (ئۇدۇن يېزىقى) نى ئېلىپ كەلگەن، لېكىن ئۇ خوئېنلېيغا بىۋاستە دېيىشنى خالىمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ.كېيىن خوئېنلېي ستەنيىن ئېلىپ كەلگەن ئۇدۇن يېزىقىنى داۋاملىق ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى نامىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە ئاخۇن ئويدۇرۇپ چىقارغان قەدىمكى توپلام ۋە ئويمىلار يەنىلا ئەنگلىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋېتىپتۇ.

.  ئېلىمىزدە بۇ ساختا ياساش پائالىيىتى ئوخشاشلا ئۇزاق مەزگىللىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، 1929- يىلى جۇڭگو غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇزلۇق ئارخېئولوگلار، شۇنداقلا ئەينى چاغدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان خۇاڭ ۋېنبىلار شىنجاڭدىن بىر قىسىم« قەدىمكى خوتەن ھۆججەتلىرى» نى سېتىۋالغان.  بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ھۆججەتلەرنى جىشيەنلىننىڭ باھالاپ بېرىشىگە سۇنغان.  جى شيەنلىن مۇنداق دېدى، ئۇ بەلكىم قەدىمىي خوتەن يېزىقى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن« مەزمۇنى ئېنىق ئەمەس» .  1959- يىلىغا كەلگەندە جى شيەنلىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى، گېرمانىيەلىك ئالىم ۋارد سىمىت خۇاڭ ۋېنبى سېتىۋالغان« قەدىمىي ھۆججەت» نى ئەمەلىيەتتە ئاخۇندىن قېپقالغان ساختا بۇيۇم دەپ كۆرسەتكەن

ئەينى يىلى، ئاخۇننىڭ ئاشۇ ھۆججەتلەرنى ياسىشىدىكى مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت ئىشەككە ئېرىشىش ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ« كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت» ى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئىشنى يەكۈنلەشكە توغرا كەلسە، بەلكىم پەقەت مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن يەكۈنلەش مومكىن، "ساختىلىقىنى بىلىۋالغاندىلا، ئاندىن راستىنىنى تاپقىلى بولىدۇ". ستەيىن دەل ئاخۇننىڭ ساختىلىقىنى بىلگەچكىلا نىيە خارابىلىقىنى بايقىغان، ئۇ يەر دەل« كارۇشتىچە» چىقىدىغان جاي بولۇپ جۇڭگو شىنجاڭ رايونىدا ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىلگەن مىللىي قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.  

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئۈندىدار: ئىنتىلىش سالونى
  2. يىدىيەن زىشۈن تورى