ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا يول ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

ئىسلام دىنىدىكى ئوتتۇرا يول ھەققىدە

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

مەن ئەسلىدە بۇ قېتىم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى تارىخىغا ئائىت بىر تېما يېزىشقا تەييارلىنىپ، ئۇنى يېزىشقىمۇ باشلىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ مەزمۇن ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، مەن تېخى ۋاھابى-سەلەفى ھەققىدىكى تېمىدىن كېيىن ئۆزۈمدە پەيدا بولغان يۈرەك ئېچىشىشىدىن تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىدىم. ئۆزۈم ۋە مەن بىلەن ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن باشقا قېرىنداشلارنى ئويلاپ، بۇ قېتىم مەزكۇر تېمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.

مەن ئالدىنقى تېمىدا ئەنگلىيىلىك مۇسۇلمان زىيالىي مەھدى ھەسەن، ۋە ئۇ قاتناشقان بىر مۇنازىرىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار مەھدى ھەسەننىڭ ئاشۇ مۇنازىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەن سىن ھۆججىتىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتى، دەپ ئويلايمەن. ئەنگلىيىدە 1823-يىلى قۇرۇلغان «ئوكسفورد بىرلەشمىسى جەمئىيىتى» دەيدىغان بىر جەمئىيەت بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن كىشىلەر ئەزا بولىدۇ. ھەمدە ئۇلار ئارىلاپ-ئارىلاپ نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم، دەپ قارالغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىككى تەرەپ بولۇپ نەق مەيداندا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇنازىرە تېمىسى ئۈستىدە بېلەت تاشلاپ، قارار ئالىدۇ. ئاشۇنداق مۇنازىرىنىڭ بىرسى 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئىسلام دىنى بىر تىنچلىقپەرۋەر دىنمۇ-ئەمەسمۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ مۇنازىرىدە ئاقلىغۇچىلاردىن 3 كىشى، قارىلىغۇچىلاردىن 3 كىشى مۇنازىرىگە چۈشكەن بولۇپ، ئاقلىغۇچىلارنىڭ بىرى مەھدى ھەسەن ئىدى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە «تىنچلىقپەرۋەر» دېگەنگە قوشۇلىدىغان بېلەت 286، قارشى تۇرىدىغان بېلەت 168 چىقىپ، «ئىسلام دىنى بىر تىنچلىقپەرۋەر دىن» دېگەن خۇلاسە چىقتى. بۈگۈن قارىسام بۇ مۇنازىرىدە مەھدى ھەسەن نۇتقىنىڭ يۇۋتىيۇب (YouTube) دىكى سىن ھۆججىتى جەمئىي 1335887 قېتىم كۆرۈلۈپتۇ [1]. بۇ سىن ھۆججىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بىر مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.


1-رەسىم: مەھدى ھەسەن لوندوندا مۇنازىرە نۇتقى سۆزلەۋاتقان بىر كۆرۈنۈش


بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە خارلاندى. غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىدىن نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىشقا ئۆتتى. ئەمما، 2009-يىلى ياسىر قازى سابىق ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنى مۇنازىرىلىشىش جەريانىدا كۆپ قېتىم سوئالدا تۇتۇۋالدى. 2013-يىلى مەھدى ھەسەن ئەنگلىيىدىكى بىر مۇنازىرىدە ئۇتۇپ چىقىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيادىكى ياخشى ياكى ئەسلى ئوبرازىنىڭ قايتا تىكلىنىشىگە زور تۆھپە قوشتى. ئۇلار نېمىشقا ئاشۇنداق قىلالىدى؟ «بىلىم -- كۈچ» بولغانلىقى ئۈچۈن. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا قورال بىلەن يەڭگىلى بولمايدىغان دۈشمەننى بىلىم بىلەن يەڭگىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكىسى شۇنىڭ ئىككى مىسالى. «بىلىم -- كۈچ» دېگەن سۆزنى ئىنگلىزچە «Knowledge is power» دەيدۇ. بىز ئادەتتە «power» دېگەن سۆزنى «كۈچ» دەپ ئالىدىغان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە «كۈچ» ئەسلىدىكى سۆزنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئىنگلىزچە سۆزنىڭ يەنە «ھەممىدىن ئۈستۈن كېلىدىغان كۈچ-قۇدرەت»، «ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھوقۇق»، «باشقىلارنى ئىدارە قىلىدىغان ھوقۇق»، «باشقىلارنى بويسۇندۇرغۇزىدىغان قابىلىيەت»، «پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان ئۈستۈنلۈك» دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار.

ئىسلام دىنى بىر ئۇلۇغ دىن. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە مۇسۇلمانلار بىلىدۇ. بۇ پاكىتنى ھەممە ئۇيغۇرلارمۇ بىلىدۇ. ئەمما، بىرسى «نېمىشقا ئىسلام دىنى ئۇلۇغ دىن، دەيسەن؟»، دەپ سورىسا كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. كۆپىنچە ئۇيغۇرلارمۇ ھەم شۇنداق. كىشىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغ تەرەپلىرىنى، ياكى ئىسلام دىنىنى ئۇلۇغ قىلغان ئامىللارنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى باشقىلارغىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇ ئارتۇقچىلىقلارنى، ئۇ كۈچلۈكلۈكلەرنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى مانا شۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۇ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، «زەھەر» نى «ھەسەل» دەپ قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسلامدىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇت. يالغۇز ئۇلا ئەمەس، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تەتۈر يولدا مېڭىشى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇنداق توسقۇنلۇقنى ئۇلار بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئاشۇنداق توسقۇنلۇقلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھاياتى تېخىمۇ زور خەتەرلەرگە دۇچ كېلىدۇ.

قىسقىسى، بىلىم - كۈچ. ئىسلامنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. مۇنداق دېسەم، بەزىلەر «بىز ئۇلارنى بىلىمىز»، دېيىشى مۇمكىن. توغرا، ئۇلارنى بىلىدىغانلار بار. ئۇلارنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلارمۇ بار. لېكىن، بىلمەيدىغانلارمۇ كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزى بىلمەي تۇرۇپ، باشقىلارغا خاتا ئۇچۇر بېرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.

دوكتور ياسىر قازىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى مۇسۇلمانلارغا سۆزلىگەن بىر قاتار لېكسىيىلىرى بار بولۇپ، بۇ لېكسىيىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى ئۇ 2014-يىلى 23-مارت كۈنى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە سۆزلىگەن. ئۇنىڭ تېمىسى «ئوتتۇرا يولنى ئىزدەش» (In Pursuit of the Middle Path) [2]. مەن بۇ لېكسىيىنى كۆپ قېتىم ئاڭلاپ، مەن بۇرۇن باشقىلاردىن ئاڭلىغان بەزى دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، ھەمدە ئىسلام توغرىسىدا بىر قىسىم ئىنتايىن قىممەتلىك يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ لېكسىيىنىڭ مەزمۇنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق تونۇشتۇرىمەن. بۇ لېكسىيە ئىسلام دىنىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلارنى نۇرغۇن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاران ئېرىشەلەيدىغان يېڭى بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە ئىسلام دىنىدا خېلى كۆپ بىلىم توپلاپ بولغان، ھەمدە بىر دىنىي زىيالىي دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلۈپ بولغان قېرىنداشلارنىمۇ بىر ئىخچام ھەم تەرتىپلىك خۇلاسە بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ياسىر قازى بىر ئەقىدىشۇناس ۋە بىر ھەدىسشۇناس بولۇپ، ئۇنىڭ لېكسىيىلىرى ئاساسەن قۇرئان، ھەدىس ۋە سىيەر (Seerah، ياكى پەيغەمبەر تەرجىمىھالى) نى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئىسلام ئېتىقادىدا قۇرئان ۋە ھەدىسكە قايتىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇنىڭ لېكسىيىلىرى تولىمۇ پايدىلىق، دەپ قارايمەن.


مەن بۇ ماقالىدا پەقەت ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلارنىلا تونۇشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن. ياسىر قازى ئۆز نۇتقىدا قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەر بىلەن ھەدىستىكى بەزى مەزمۇنلارنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنى ئالدى بىلەن ئەرەبچە دەپ، ئاندىن ئىنگلىزچە چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇ قۇرئاندىكى مەزمۇنلارنى مىسال قىلىپ ئالغاندا، ئۇنىڭ قانچىنچى سۈرە ۋە قانچىنچى ئايەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايدىكەن. مەن ئاشۇ ئايەتلەر بىلەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئىمكانقەدەر ماقالىگە بىۋاسىتە ياكى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى سۈرە ۋە قايسى ئايەت ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە چاپلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلساق، بۇ ماقالە نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن يېزىلغان بىر پارچە ماقالە بولىدۇ. ھەمدە قۇرئان ۋە ھەدىسنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلارغا زور پايدىسى بولىدۇ. مەن كېيىنكى ماقالىلەردىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشىم مۇمكىن. مەن قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياردىمى ئۈچۈن ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

تۆۋەندە مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىدىكى مەزمۇنلارنى باشلايمەن.


1. ئەرەبچە «ۋاسات» دېگەن سۆز ھەققىدە

قۇرئان كەرىمىدە «ۋاسات» ۋە «ۋاساتان» دېگەن سۆزلەر كۆپ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەرەبچىدە مۇنداق ئىككى مەنىسى بار. ئۇنىڭ بىرسى «ئوتتۇرىسى، مەركىزى، ئوتتۇراھال» دېگەندىن ئىبارەت. «ۋاساتا» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسلىق مەنىسى مۇشۇ بولۇپ، ئۇ بىر نەرسىنىڭ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىككىنچى مەنىسى بولسا «ئەڭ ئېگىز، ئەڭ يۇقىرى» دىن ئىبارەت بولۇپ، «بىر توپ ئادەملەر ئىچىدىكى ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئادەم»، ۋە «ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدىغان جامائەت» دېگەندەك يەرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

«ۋاساتا» نىڭ مەزكۇر لېكسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىسى ئۇنىڭ «ئوتتۇرا، ئوتتۇراھال» دېگەن مەنىسى بولۇپ، قۇرئاندا «بىز سىلەرنى ئوتتۇرىدىكى جامائەت قىلىپ ياراتتۇق» (We have made you a Ummatan Wasata) دېگەن مەنىگە يېقىن بىر ئايەت بار. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇسۇلمان جامائەتلىرى دۇنيادىكى بارلىق جامائەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان قىلىپ يارىتىلغان، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان قىلىپ يارىتىلغان، مۇسۇلمانلار ئىككى قۇتۇپنىڭ بىرسىگە توغرا كېلىدىغان ئەمەس، ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان قىلىپ يارىتىلغان، دېگەندىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن مۇسۇلمانلارنىڭ «ئوتتۇرىدىكى جامائەت» قىلىپ يارىتىلغانلىقىنىڭ 10 مىسالىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. بۇنداق مىسالدىن بىرەر يۈزنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە مەن پەقەت 10 مىسال ئۈستىدىلا توختىلىمەن.

ئىلاۋە: مەن بۈگۈن ئىنگلىزچە تورلارنى ئىزدەپ، «Ummatan Wasata» دېگەن سۆز ئىنگلىزچىدا «ئوتتۇراھال دۆلەت» (middle nation) ۋە «ئوتتۇراھال جامائەت» (middle community) دەپ ئېلىنغانلىقىنى، ھەمدە «Ummatan Wasata» دېگەن سۆز 2-سۈرە، 143-ئايەت (ئۇيغۇرچە قۇرئاندا 23-بەت) تە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدىم. بۇ ئايەتتىكى 1-جۈملە سۆز قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە مۇنداق ئېلىنىپتۇ: «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. (2-143، 23-بەت)» يەنى، ياسىر قازىنىڭ «ئوتتۇراھال جامائەت قىلىپ ياراتتۇق» دېگەن چۈشەندۈرۈشىدىكى مەزمۇن بۇ يەردە «ياخشى ئۈممەت قىلدۇق»، دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە «ئوتتۇراھال» دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەپتۇ. مەن ئەرەبچىنى بىلىدىغان دىنىي زىيالىيلاردىن بىرىنىڭ بۇ ئەھۋالنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، ئىنكاس شەكلىدە ئازراق ئىزاھات بېرىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياسىر قازى بۇ يەردە «مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا يولنى تۇتىدىغان خەلق قىلىپ يارىتىلغان، ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يولنى تۇتىدىغان دىن قىلىپ چۈشۈرۈلگەن» دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈردى.


2. ئىسلامدىكى ئوتتۇرا يولنىڭ 10 مىساللىرى

(1) ئىسلام يولى خۇراپاتلىق بىلەن راتسىئونالىزملىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول

ئەگەر سىز ئىنسانلار جەمئىيىتىگە، كلاسسىك دىنلارغا، ھازىرقى زامان تەرەققىياتلىرىغا، ياكى ھەر قانداق تەرەققىياتلارغا، ھەر قانداق دىن، ۋە ھەر قانداق پەلسەپىگە قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىككى قۇتۇپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئەپسانىلىك (myth) ۋە خۇراپاتلىق (superstition). ئۇنىڭ ئىككىنچىسى بولسا ئىلمىيلىق، راتسىئونالىزملىق (rationalism)، ۋە ماتېرىيالىزملىق. بىرىنچى قۇتۇپتىكىلەر ئەجدادلىرىنىڭ دېگەنلىرىگە شۇ پېتىلا ئىشىنىدۇ. ئىككىنچى قۇتۇپتىكىلەر بولسا ھەممە نەرسىگە ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگۈچە ھېچقانداق نەرسىگە ئىشەنمەيدۇ. بىز مۇسۇلمانلار بولساق ئوتتۇرىدىكى جامائەتكە كىرىمىز. ئاللاھ بىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم ئىمانى بار بولىدىغانلىقى، ھەم ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىشقا قادىر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىز ھەممە ئىشتا راتسىئوناللىقنى تەلەپ قىلالمايسىز. سىز ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئەقلىڭىز بىلەن چۈشىنىپ كېتەلمەيسىز. ئەمما، سىز بىر نەرسىگە قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلسىڭىز ھەم بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار «سەن دىننى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايسەن، شۇڭا ئۇنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىشىڭ، ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئىشىنىشىڭ كېرەك» دېگەن ئىدىيىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر بىز دىنغا قارىغۇلارچە ئىشەنسەك، ھەر بىر دىندىكىلەر ئۆز دىنىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە دىندىكىلەر «بىز تۇتقان يول توغرا يول» دەپ قارايدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر قۇتۇپتىكىلەر بولسا ھەممە ئىشنى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەقىلنىڭ چەكلىمىسى بار. سىز ھەممە نەرسىنى چۈشىنىپ بولالمايسىز. سىزنىڭ ئەقلىڭىز ھەرگىزمۇ ئاشۇ ئەقىلنىڭ ياراتقۇچىسىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ. ئەگەر سىز «مېنىڭ ئەقلىم ئاشۇ ئەقىلنىڭ ياراتقۇچىسىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ»، دەپ ئويلايدىكەنسىز، ئۇ بىر ھاكاۋۇرلۇق بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا «ئويلا، ئەسلە، تەپەككۇر قىل» دەيدۇ. ئاللاھ سىزدىن تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما سىز «ئىسلام ھەق ئىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ سىزدىن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان (unseen) نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ھەر بىر ئىشنىڭ سەۋەبىنى دەپ بەرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىرسى كېلىپ مەندىن «مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن كۈنىگە 5 ۋاق ناماز ئوقۇيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن 4 ۋاق ياكى 3 ۋاق ئەمەس، 6 ۋاق ياكى 7 ۋاق ئەمەس، پەقەت 5 ۋاقلا ناماز ئوقۇيدۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مەن بىلمەيمەن. بۇنىڭغا مەن بىر راتسىئوناللىققا ئىگە جاۋابنى بېرەلمەيمەن. مەن بېرىدىغان جاۋاب، «ئاللاھ بىزدىن ئاشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغان» دىنلا ئىبارەت بولىدۇ.


(2) ئىسلام تېئولوگىيە (ئەقىدە) بىلەن قانۇننى بىرلەشتۈرگەن

ئەگەر بىز جۇدائىزم (يەھۇدىيلار دىنى) گە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئاساسەن قانۇندىنلا تەركىب تاپقانلىقىنى بىلىمىز. يەنى، جۇدائىزم جەمئىي 613 قانۇندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ دىنغا چوقۇنىدىغانلاردىن ئاشۇ قانۇنلارغا ھەر بىر سۆزگىچە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان. جۇدائىزمدا تېئولوگىيىلىك مەزمۇن ئىنتايىن ئاز. ئەمدى خرىستىئان دىنىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قانۇن يوقلۇقىنى بايقايمىز. خرىستىئان دىنى بۇ دىننى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن پەقەت ئۆزىنى ئاللاھ قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى يولدا ماڭىمىز. بىزدە ئەقىدە بار، ھەمدە قانۇنمۇ بار. يەنى ئىسلام ئىمان بىلەن قانۇننىڭ بىرىكمىسى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىمان بىلەن قانۇننى ناھايىتى مۇكەممەللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ.


(3) ئىسلام تەقۋادارلىق بىلەن رەسمىيەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن

ئىسلام تەقۋادارلىق (spirituality) بىلەن رەسمىيەت (ritual) نى ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا بىرلەشتۈرگەن. ھازىر دۇنيادا «دىنسىز تەقۋادارلىق» (spirituality without a religion) دېگەن بىر يېڭى سۆز چىقتى. ئەنگلىيىدە بىر قېتىم خەلقلەردىن راي سىناش ئېلىپ بارسا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر «مەن تەقۋادار، ئەمما دىندار ئەمەس»، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟ بەزى دىنلاردا پەقەت رەسمىيەتلا بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق تەقۋادارلىق يوق. بىز مۇسۇلمانلار بۇ جەھەتتىمۇ ئوتتۇرا يولنى تاللىغان بولۇپ، بىز تەقۋادارلىق بىلەن رەسمىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭىمىز. رەسمىيەتسىز تەقۋادارلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەج قىلىش ۋە زاكات بېرىشقا ئوخشاش رەسمىيىتى يوق تەقۋادارلىق مەۋجۇت بولمايدۇ. ناماز ئوقۇشتىن مەقسەت ئايەتلەرنى ئوقۇپ، نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھ بىزگە «ناماز ئوقۇپ، مېنى ئەسلە، مېنى ئېسىڭدە تۇت» دەيدۇ. رەسمىيەتنىڭ ئىچىدە تەقۋادارلىق بار. ھەمدە تەقۋادارلىق رەسمىيەتلەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. غەربىي-جەنۇبىي ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئېتىقادلاردا پەقەت رەسمىيەتلەرلا بار بولۇپ، ئۇلاردا ھېچقانداق تەقۋادارلىق يوق. قىسقىسى، ئىسلامدا تەقۋادارلىق بىلەن رەسمىيەتلەر ئىنتايىن مۇكەممەللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.


(4) ئىسلام ھازىرقى ھايات بىلەن كېيىنكى ھاياتنى ئىنتايىن ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرغان

بىز ھازىرقى دۇنيادا ياخشى ياشاشقا، بىر تەڭپۇڭلاشقان ھاياتنى ياشاشقا تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى دۇنيادىمۇ بىر ياخشى ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئەمما، باشقا بەزى دىنلار بۇ دۇنيادىكى ھاياتنى پۈتۈنلەر ئىنكار قىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېتودولوگىيىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا، مەسىلەن، ئىستېمالچىلىق، ماتېرىيالىزم ۋە كاپىتالىزمنىڭ ھەممىسىدە «ئاخىرەت» دەيدىغان ئۇقۇم يوق. ئۇلاردا «كېيىنكى ھايات» دەيدىغان ئۇقۇم يوق. بىز مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى ھاياتنى ئىنتايىن مۇكەممەل يوسۇندا بىرلەشتۈرىمىز. ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا تەڭپۇڭلاشتۇرىمىز. بىز ئۆزىمىزگە كېيىنكى دۇنيادا ياخشى ياشاشنى غايە قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى دۇنيادا ياخشى ياشاشقا سەل قارىمايمىز.

قەدىمكى زاماندا ئوتكەن «قارۇن» ئىسىملىك بىر چوڭ باي بولۇپ، ئاللاھ باشقا تەقۋادارلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: قولۇڭدا بار مۇشۇ پۇللار بىلەن چوقۇم ئاخىرەتتىكى ئوردىنى ياكى ئاخىرەتتىكى ساراينى ياسىغىن، ئەمما، ھازىرقى دۇنيادىكى ھاياتنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالما. سېنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ رىزقىڭ بار. سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى خۇشاللىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر سەن بىر مىليونېر بولساڭ، سېنىڭ بىر جەپپىر ئۆيدە ئولتۇرۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. كېيىنكى ھايات ئۈچۈن ئوردا ياسا، ئەمما ھازىرقى ھايات ئۈچۈن ئوردا ياساشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالما. مانا بۇ ئاللاھ قارۇنغا دېگەن گەپلەر.

ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرەپلىرىنىڭ بىرى مانا مۇشۇ. ئاللاھ بىزگە «بارغىن، بۇ دۇنيادىن بىر ھايات ئادەمدەك ئوبدان ھۇزۇرلانغىن، ئەمما تېخىمۇ مۇھىم ھاياتنىڭ يەنە بىر دۇنيادا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالما»، دەيدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان تەرىقىدە ياشاش مۇسۇلمان بولۇشنىڭ بىر شەرتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاللاھ قۇرئاندا ساخاۋەتچىلىك قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بېرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پىخسىقلىق قىلىشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا يولنى تاللاپ ئىش كۆرۈشنى ئېيتقان. ئاللاھ كۆپرەك بايلىققا ئېرىشتۈرگەنلەردىن ساخاۋەتچىلىكنىمۇ كۆپرەك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمدىن ئۆز ئىقتىدارىغا، ئۆز ئىمكانىيىتىگە يارىشا ساخاۋەتچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاجراشقان ئەر-ئاياللارغا قارىتا، ئاللاھ ئەرگە كۆپرەك نەرسە بەرگەن بولسا، ئۇ ئەرنىڭ ئايالىغا شۇنىڭغا ماس ھالدا مال-مۈلۈك بېرىشىنى، ئەگەر ئايالىغا كۆپرەك بەرگەن بولسا، ئايالىنىڭ ئېرىگە شۇنىڭغا ماس ھالدا مال-مۈلۈك بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمدىن ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىگە ماس كېلىدىغان ھالدا خەيرخاھلىق قىلىشنى، ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە ئىمكانقەدەر ياخشى ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ياخشى ياشىشى ھارام ئەمەس.

ئاللاھ قۇرئاندا «كىم مېنىڭ بەندىلىرىمنىڭ ساپ تاماقلارنى يېيىشىنى ۋە ياخشى كىيىملەرنى كىيىشىنى چەكلىدى؟ كىم ئاللاھ ياراتقان گۈزەللىكنى (يەنى ياخشى كىيىملەرنى) چەكلىدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ساپ يېمەكلىكلەر بىلەن ياخشى كىيىملەرنى مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۆزىگە ئىشەنگۈچى بەندىلەر ئۈچۈنمۇ ياراتقانلىقىنى، يەنە بىر دۇنيادا بولسا بۇ نەرسىلەرنى پەقەت ئۆزىگە ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشقىلار ئۆزىگە سوۋغا قىلغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېگەن. ئۇ قوينىڭ پۇتىنى ۋە ھالۋىغا ئوخشاش تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن. پېرىسىيىنىڭ پادىشاھى (Persian Empire) ئۇنىڭغا بىر ئۆزگىچە تون (پەلتو) نى سوۋغات قىلىدۇ. بۇ تون ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى جۈمە نامىزى جەريانىدا كىيىۋالسا، باشقا ساھابىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ مېڭىپ، بۇ تونغا قارىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ساھابىلەر بۇنداق ئېسىل پەلتونى ئۆز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈپ بېقىشى ئىدى.


(5) ئىسلام ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياجىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىدۇ

بىزنىڭ دىنىمىز بەدەن (body) بىلەن قەلب (soul) نىڭ ئېھتىياجىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئەگەر دۇنياغا نەزەر سالساق، بىز ئوخشاشلا ئىككى قۇتۇپنى بايقايمىز. بىز ھەر خىل ياشاش پەلسەپىلىرىنى بايقايمىز. ھازىرقى دەۋردە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى پەقەتلا ماتېرىيالىزمنى ئاساس قىلغان ھايات. بۇنداق ھاياتنى قوغلاشقۇچىلار ئۈچۈن بەدەن تەلەپ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھالال بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھاياتنىڭ مەقسىتى ئەنە شۇ. ئەنگلىيىدىكى ياشلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرىدىغان مۇنداق بىر گەپ بار: «ئاران بىر قېتىم ياشايسەن، شۇڭا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ ياشا». بۇ ئىسلامنىڭ پەلسەپىسى ئەمەس. ئىسلامدا سىز ئىككى قېتىم ياشايسىز، ھەمدە ئىككى قېتىم ئۆلىسىز (بۇ يەردە قۇرئاندىكى بىر جۈملە سۆز ئەرەبچىدە نەقىل كەلتۈرۈلدى). ھەقىقىي ھايات بىلەن ھەقىقىي ئۆلۈم كېيىنكى ھاياتتا كېلىدۇ. بۇ ھاياتتا ئەمەس.

بىزنىڭ دىندا، بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى بار، بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭمۇ ئېھتىياجى بار، دەپ قارايمىز. ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بەزى پەلسەپىلەر بەدەننىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى مەنئى قىلىدۇ. پەقەت قەلبنىلا ئېتىبارغا ئېلىپ، بەدەن بىلەن كارى بولماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى بۇددىزم. بۇددىزم كىشىلەردىن ھەممە ئىستەك (desire) لەرنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خرىستىئان دىنىدىكى بەزى چۈشەنچىلەرمۇ ھەم شۇنداق. بەزى كاتولىك چېركاۋ پوپلىرىنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى بىر يامان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانلىقىڭىزنى يوقىتالمايسىز. سىز ھاياتلا بولىدىكەنسىز، سىز بىر ئىنسان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز.

بىزنىڭ دىنىمىز نېمە دەيدۇ؟ بىزدە مۇنداق بىر داڭلىق ھەدىس بار: رامزان ئېيىنىڭ بىرىدە، ئەبۇدەردانىڭ ئۆيىگە يىراقتىن بىر سەلمەن دېگەن مېھمان كېلىدۇ. ئەبۇدەردا ھەر كۈنى روزا تۇتۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمىمۇ بامدات نامىزىغىچە قۇرئان ئوقۇپ، ئۆيىدىكىلەرگە قارىمايدۇ. ئۇ مېھمانغىمۇ قارىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېھمان ئەبۇدەرداغا ھەر كۈنى كېچىچە قۇرئان ئوقۇماي، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ قاراشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئەتىگەندە ئەبۇدەردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ھېلىقى مېھمان ئۈستىدىن ئەرز ئېيتىپ بارىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەلمەننى يېنىغا چاقىرىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورايدۇ. سەلمەن ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بېرىپ، ئەبۇدەردانىڭ روزا تۇتۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ، ئۆز بەدىنىنى، ئائىلىسىنى، ۋە تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سەلمەننىڭ قىلغىنى توغرا. سېنىڭ بەدىنىڭنىڭ ھوقۇقى سېنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. خوتۇنۇڭنىڭ ھوقۇقىمۇ سېنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. سېنىڭ مېھمىنىڭنىڭ ھوقۇقىمۇ سېنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئاشۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزلىرىگە بەر.»

يەنە بىر داڭلىق ھەدىس بار: ئۈچ ئادەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر كۈنى قانچىلىك سەجدە قىلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى «پەيغەمبىرىمىز سەجدىنى بەك ئاز قىلىدىكەن. مەن ئۇنى ئاسانلا بېسىپ چۈشەلەيمەن»، دەپ ئويلايدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرسى «مەن ئۆمرۈمنىڭ قالغان قىسمىدا ھەر كۈنى روزا تۇتىمەن»، دەيدۇ. ئىككىنچىسى «مەن ھەر كۈنى كېچىسى بامدات نامىزى ۋاقتىغىچە سەجدە قىلىپ، قەتئىي ئۇخلىمايمەن»، دەيدۇ. ئۈچىنچىسى بولسا «مەن مەڭگۈ توي قىلمايمەن»، دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى مەسچىتكە يىغىپ، «مەن بەزىلىرىڭلارنىڭ مۇنداق، مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم. بۇنداق گەپلەرنى قىلساڭلار قانداق بولىدۇ؟ مەن ئاللاھنى ھەممىڭلاردىن ياخشىراق بىلىمەن. ھەمدە ئاللاھتىن ھەممىڭلاردىن بەكرەك قورقىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە روزا تۇتمايمەن. مەن ئۇخلايمەن، ھەمدە بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇيمەن. ھەمدە مەن ئايال كىشى بىلەن توي قىلىمەن. كىمكى سۈننەتتىن چەتنەپ كەتسە كېتىۋەرسۇن، ئەمما مەن ئۇنداق قىلمايمەن.» مانا بۇ دىنىمىزدىكى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشتۇر.

بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ھالال يول بار، ھارام يولمۇ بار. ئەمما، بەدەننىڭ ئېھتىياجى پەقەت ھالال يول بىلەنلا قاندۇرغىلى بولىدىغان بىر دائىرە ئىچىدە بولۇپ، ئاللاھ بىز ئۈچۈن ھالاللىقنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئىش قىلمىسا قاندۇرغىلى بولمايدىغان بىرەر ئېھتىياجنى ياراتقان ئەمەس. بىزنىڭ دىنىمىزدا بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھالال يولدا نېمە ئىش قىلساق بولۇۋېرىدۇ. ئەمما ھارام يولدا بىرەر ئىش قىلساق بولمايدۇ. مانا بۇ جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر.

(6) ئىسلام ئەر ۋە ئاياللارنىڭ رولىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق ئايرىيدۇ

ھازىرقى زامان جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر، دەپ قارىلىدۇ. ھەمدە ئۇلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش روللار بېرىلىدۇ. ئەگەر «ئەر بىلەن ئاياللار بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ»، دېسىڭىز، سىزگە بىر دەمدىلا بىرەر قالپاق كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى بىر جەمئىيەتتە ئاياللارغا 2- ۋە 3-دەرىجىلىك گراجدانلاردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئاياللارغا بىر ئىنتايىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىنسانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئاشۇنداق جەمئىيەتلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەۋجۇت. بىزنىڭ دىنىمىز بۇ جەھەتتىمۇ ئوتتۇراھال جامائەتكە كىرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا «ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ»، دەپ ناھايىتى ئېنىق ئېيتقان. بۇ بىر بىئولوگىيىلىك پاكىت. بىئولوگىيىلىك، فىزىكىلىق، فىزىئولوگىيىلىك، پسىخولوگىيىلىك، ۋە ھېسسىيات قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنى ئوخشاش دېيىش مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەقلىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ «ئەرلەرنىڭمۇ ئۆز رىزقى بار، ئاياللارنىڭمۇ ئۆز رىزقى بار»، دەيدۇ. ئاللاھ «خۇددى ئەرلەرنىڭ ئاياللار ئۈچۈن قىلىپ بەرمىسە بولمايدىغان مەلۇم مەسئۇلىيەتلىرى بار بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىيەتلىرى بار. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە مەسئۇلىيەتلىرى بار. ئەڭ ئاخىرىدا، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەرگە پەقەت بىرلا ھوقۇق ئارتۇق بېرىلدى»، دەيدۇ. يەنى، ئاياللارغا قارىغاندا 20 ھوقۇق ياكى بىر مىڭ ھوقۇق ئارتۇق بېرىلمىگەن. پەقەت بىرلا ھوقۇق ئارتۇق بېرىلگەن. يانى، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا ھوقۇق ئارتۇق بېرىلگەن. بۇ دېگەنلىك ئاياللارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇش، ئاياللارنى خارلاش، ياكى ئاياللارغا خوجايىن بولۇۋېلىش، دېگەنلىك ئەمەس. ھەممىمىز بىلىمىز، بىر ماشىنىنى ئىككى ئادەم تەڭ ھەيدىيەلمەيدۇ. بىر پاراخوتنىڭ رولىنى ئىككى ئادەم تەڭ باشقۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئىنتايىن سىلىق ھالدا «ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەرنىڭ بىرلا يېرى ئارتۇق»، دەيدۇ.

تەقۋادارلىق جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش. بىر ئادەم ئەر بولۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن جەننەتكە كىرىشتە ئاياللاردىن ئۈستۈنرەك تۇرۇپ قالمايدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ جەننەتكە كىرىش پۇرسىتى ئوپمۇ-ئوخشاش. مانا بۇ ئەڭ تۈپ، ئەڭ ئاخىرقى باراۋەرلىك.


(7) ئىسلام ئەپۇچانلىق بىلەن يۇقىرى تەلەپ قويۇشتا ئوتتۇرىدىكى يولنى تاللايدۇ

ئىنتىقام ئېلىش بىلەن ئەپۇ قىلىشقا كەلگەندە، ئىسلام ئوتتۇرىدىكى يولنى تاللايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئىككى قۇتۇپقا ياتىدىغان پەلسەپە ۋە ئىدېئولوگىيىلەر بار. بەزى پەلسەپە ۋە ئىدېئولوگىيىلەر كىشىلەرگە كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆگەتمەيدۇ. بەزى دىنلار بولسا ھەممە ئىشتا باشقىلارغا يول قويۇشنى، ھەر قېتىم دۈشمەنلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر قېتىم ئەپۇ قىلىۋېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىر ئادەم ئاشۇنداق قىلىدىكەن، جەمئىيەت ئۇ ئادەمدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ، ئۇنى ياشىيالماس قىلىپ قويىدۇ. ھەممە ئۇ ئادەمگە يالغانچىلىق قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ئۇ ئادەمنىڭ نەرسىلىرىنى گوللاپ ئېلىۋالىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئىنسانلار تارىخىدا مەۋجۇت بولۇپ باققان، ئۆزىگە ئەسكىلىك قىلغانلارنى ھەر قېتىم كەچۈرۈۋېتىش ھەققىدە تەلىم بېرىدىغان جەمئىيەتتىن بىرەرنى تاپالمايمىز. ئۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. باشقىلارنى ھەر قېتىم ئەپۇ قىلىش ئىندىۋىدۇئاللار دائىرىسىدىمۇ مۇمكىن ئەمەس، جەمئىيەت دائىرىسىدىمۇ مۇمكىن ئەمەس. باشقىلارنى ھەر قېتىم ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئېتىقادلار ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى، دۇنيا ئۇنداق ئەمەس.

شۇڭلاشقا قۇرئاندا بۇنداق ئىشلاردا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇش ھەققىدە خېلى كۆپ ئايەتلەر بار. قۇرئاندا، ئەگەر بىرسى سىزگە خاتا ئىش قىلغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا ئوخشاش مىقداردىكى زەخمەت ياكى زىياننى ياندۇرۇپ قىلسىڭىز بولىدۇ، دېيىلگەن. ئەلۋەتتە، سىز بۇ ئىشنى سوتقا بېرىپ قىلىسىز. شەرىئەت قانۇنىدا بۇنداق ئىشلارنى ئۆز ئالدىڭىزغا قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، ياكى ئادالەتلىكنى ئۆز قولىڭىزغا ئالسىڭىز بولۇۋېرىدۇ، دەيدىغان مەزمۇن يوق. ئىسلام دىنى سىزگە ئەگەر بىرسى سىزگە خاتا ئىش قىلغان بولسا، سىز سوتقا بېرىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ، دەيدۇ. ئەگەر بىرسى سىزگە زىيان سالغان بولسا، سىز ئۇنى ھەر بىر تىيىنغىچە تۆلىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەمما ئاللاھ دەيدۇكى، ئەگەر بىر كىم باشقىلارنى ئەپۇ قىلسا، باشقىلارغا يول قويسا، ياكى ئىككى ئادەمنى ياراشتۇرۇپ قويسا، ئاللاھ ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

دېمەك، ئىسلام دىنى بىزگە ئوتتۇرا يولنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي ھايات، رېئاللىققا ئۇيغۇن ھايات. باشقىلارنىڭ سىزگە سالغان زىيىنىنى تولدۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، سىز ئاشۇنداق قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەمما، سىز ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنى كەچۈرۈۋېتىشكە، زىياننى تولدۇرۇۋېلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. سىز مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىيەر (Seerah، تەرجىمىھال) لىرىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئۇنىڭ ئىنتايىن كەڭ قورساق ئىكەنلىكى، باشقىلارنى داۋاملىق ئەپۇ قىلىدىغانلىقى، ناھايىتى سەۋرچان ئىكەنلىكىنى ئوقۇيسىز. سىيەرلەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە پەيغەمبىرىمىز ناھايىتى تەلەپچان بولۇپ، بەزى ئادەملەرنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنىمۇ ئوقۇيمىز. مانا بۇ سىيەر (Seerah) لەرنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ بىر نامايەندىسى. يەنى ئۇ بىزگە ئاللانىڭ ئەلچىسىمۇ بەزىدە بىزگە ئاچچىقلىنىدىغان، ئۇنىڭ بەزى جىنايەتلەرنى ناھايىتى قاتتىق جازالايدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


(8) بارلىق ئىسلام گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئەھلى سۈننەت ئوتتۇرا يولنى تۇتقۇچىلار

ئىسلام ئەللىرى باشقا بارلىق ئەللەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا يولنى تۇتقۇچى ئەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەھلى سۈننەت (ھەقىقىي سۈننى) نىڭ تېئولوگىيىسى (ئەقىدىسى) باشقا بارلىق ئىسلام تېئولوگىيىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا يولنى تۇتىدىغان بىر ئەقىدىدۇر. بەزى ئەقىدىلەر ئىش-ھەرىكەت (action) لەرنى ئىماننىڭ بىر قىسمى، دەپ ھېسابلايدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئىمان ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەھلى سۈننەت بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ. بەزى ئەقىدىلەر تەقدىرنى، بەزىلىرى بولسا ئارزۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بىز بولساق ئوتتۇرىدا تۇرىمىز. بەزىلەر «ساھابىلەر ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك»، دەيدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا «ساھابىلەر ھەرگىز خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ»، دەيدۇ. بىز بولساق ئوتتۇرىدا تۇرىمىز. ساھابىلەر بارلىق ئەۋلادلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئەۋلادلار، ئەمما ئۇلارمۇ ئىنسانلار، شۇڭا ئۇلار بەزىدە خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتكەن.


(9) ئەھلى بەيتقا باھا بېرىشتە، ئەھلى سۈننەت ئوتتۇرا يولنى تۇتقۇچىلار

سۈننى ئىسلامدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە، ئىككى نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ھۈسەيىن، كۈيئوغلى ئەلى، ئەلىنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى قاتارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى «ئەھلى بەيت» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلەر ئەھلى بەيتلارنى بەك ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. بەزىلەر بولسا بەك تۆۋەن ئورۇنغا قويىدۇ. بىز بولساق ئۇلارنى ئوتتۇراھال ئورۇنغا، ئاللاھ بېكىتىپ بەرگەن ئورۇنغا قويىمىز. ئۇ بولسىمۇ، بىز ئۇلارنى بىر خىل ئالاھىدە مۇھەببەت بىلەن سۆيىمىز، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتى باشقىلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتىدىن ياخشىراق، دەپ قارايمىز. ئەمما، بىز ئۇلارنى ئىلاھلاشتۇرمايمىز. دېمەك، بىز بىر ئوتتۇرىدىكى جامائەت. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەقىدىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە بىز ئوتتۇرا يولنى تۇتىمىز.


(10) سىياسەت ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا، ئەھلى سۈننەت ئوتتۇرا يولنى تۇتقۇچىلار

بۇ بىر ئاسانلا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان تېما، ئەمما، مېنىڭ مەقسىتىم زىددىيەت پەيدا قىلىش ئەمەس. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بىز ھازىر دۇنيانى پىتنىلەر قاپلىغان، مۇسۇلمانلار ئىنتايىن قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە رادىكال ئىدېئولوگىيىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بىر قىسىم كىشىلەر ئىنتايىن ھاماقەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ، ۋە داۋاملىق باشقىلار بىلەن قارشىلىشىش يولىنى تۇتىدۇ. بۇنداق قىلىشنى ئۆز دىنىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. بەزىدە ھەتتا يولغا قويۇلۇۋاتقان قائىدە-تۈزۈملەرگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىز ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئەمەس.

بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنىڭ يەنە بىر قۇتۇپىمۇ بار. بۇ بولسىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرنى «ھارام» دەپ ھېسابلاشتىن ئىبارەت. ئۇلار خەلقلەرنىڭ ھۆكۈمدارلارغا قارشى بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشىغىمۇ يول قويمايدۇ. ھۆكۈمدارلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسانلار ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى دىندارلار، دەپ ھېسابلايدۇ.

سەلەفلەر دەۋرىدىكى بىر داڭلىق زىيالىي ئىمام مەھمەد مۇنداق دېگەن: سەن ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىدىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلە. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئامما ئالدىدا سادىر قىلغان خاتالىقىنى ئامما ئالدىدا تۈزىتىسەن، ئايرىم كىشىلەر ئالدىدا سادىر قىلغان خاتالىقىنى سەنمۇ ئايرىم كىشىلەر ئالدىدا تۈزىتىسەن. سەن تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ تەنقىدىدىن قورقمايسەن، ئەمما سەن ھاماقەت ئىشلارنى قىلمايسەن، ھەمدە قوپاللىق قىلمايسەن. خەلىپە بار چاغدا، سەن ئىچكى ئۇرۇش قوزغىمايسەن (بۇ سۆز سەلەف دەۋرىدىكى ئەھۋالغا قارىتىلغان). ئەمما خەلىپە ئامما ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزسە، سەن ئۇنى ئامما ئالدىدا تۈزىتىسەن.

ئىسلامدا ھازىرقى زامانغىمۇ ماس كېلىدىغان ئوتتۇرا يول بار. ئۇلار شەرىئەت، ئىقتىسادىي سىستېما، ئەدلىيە سىستېمىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ نەرسىلەر مەسچىتلەرنىڭ ئىچىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، مەسچىتلەرنىڭ سىرتىغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئىسلامدا «دىننىڭ ھەممىسى مەسچىتنىڭ ئىچىدە» دەيدىغان گەپ يوق.

ھازىرقى دەۋردە بىزنىڭ يۈزدە-يۈز ئوتتۇرا يولدا ماڭالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز بەزىدە خاتالىق ئۆتكۈزىمىز. ئەمما بىز ئاللاھنىڭ توغرا يېتەكلىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈممەتلەر بىرلىكتە تىرىشساق، بىز ھەرگىز ئوتتۇرا يولدىن چىقىپ كەتمەيمىز. بۇ جەھەتتە ئاللاھ بىزگە ۋەدە بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۈممىتىمگە ئاللاھ مېھرىبانلىق ئاتا قىلغان. ئۈممەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى زامان ئاخىرى بولغۇچە ھەق يولدا ماڭىدۇ. »

بىز ئوتتۇراھال ئۈممەتلەرمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئوتتۇراھال ئۈممەتلەردىن بولغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بىزنى ئوتتۇراھال ئۈممەتلەردىن قىلىپ ياراتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىمىز. ھەمدە بىزنى داۋاملىق توغرا يولدا ماڭغۇزۇشى، داۋاملىق ئوتتۇرا يولدا ماڭغۇزۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز.

ياسىر قازىنىڭ مەزكۇر لېكسىيىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


3. باشقا دىننى تاشلاپ، ئىمان ئېيتقانلار ھەققىدە

ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە تۇرۇپ-تۇرۇپ بىرەر غەربلىك داڭلىق ئادەمنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر چىقىپ، ئۇنىڭغا ئوقۇرمەنلەر خوش بولۇپ، شۇ ھەقتە قىزغىن پاراڭلار باشلىنىپ كېتىدىكەن. مەسىلەن، تېخى يېقىندىلا چەت ئەلدىكى بىر تورغا NASA نىڭ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر چىقتى (ئۇ خەۋەر كېيىن يالغان بولۇپ چىقتى). بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

ياسىر قازى 2014-يىلى 28-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ «Facebook» تېمىغا ئىككى ئامېرىكىلىقنىڭ ئەسلىدىكى دىنىنى تاشلاپ، ئۆزى ئىماملىق قىلىۋاتقان مەسچىتتە ئىمان ئېيتقانلىقى ھەققىدىكى بىر ئۇچۇرنى چىقىرىپ قويدى. بۇ مەزمۇن مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بۇ يەرگە كىرگۈزۈپ قويىمەن.

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازى يازغان ئۇچۇر:

ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى يوق بىر ئاق تەنلىك ئەر بىلەن بىر ئاق تەنلىك ئايال بىزنىڭ مەسچىتتە ئىمان ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەپ بېرىشنى ئاللاھ ماڭا نېسىپ قىلغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ ھەرگىزمۇ مەن ئېلىپ بارغان داۋانىڭ نەتىجىسىدىن بولغان ئەمەس. ئۇ ئىككى كىشى ئىسلامنى كىتاب ۋە تور بەتلەر ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەسچىتتە ئىمان ئېيتىشنى قارار قىلىپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېتەكلەيدۇ.

ئەمما، مېنى ئەنسىرىتىدىغان ئىش شۇكى، بىز بىر جامائەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاشۇنداق ئىمان ئېيتىدىغانلارغا بىر مۇۋاپىق قۇرۇلما يارىتىپ بېرەلمىدۇق. ئۇلار بىلەن ھېچكىم دوست بولمايدۇ. ئۇلار ئىنتايىن كۆپ ئىچكى توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كېلىدۇ . مەسىلەن، ئىسلامدىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار، ئوخشىمىغان ئىسلام نەزەرىيە-قانۇنلىرى، ئوخشىمىغان تىللار، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئەخلاقلار. بىر تىپىك ئەھۋالدا، ئۇلارنى ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت ئىچىگە ئالمايدۇ، ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلمىساق بولمايدۇ. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ خېلى زور قىسمى كېيىنچە ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. مەن يۇقىرىدىكى ئىككى كىشىنىڭ ئاشۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ چىقماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. بۇ خىل ئەمەلىيەتنى غەربتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزۇندىن بېرى چۈشىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

مەن راھەتسىزلىنىدىغان يەنە بىر ئىش، ھەر قېتىم بىر ئادەم ئۆز دىنىنى تاشلاپ ئىمان ئېيتقاندا، بىزنىڭ تەكبىر (takbeers) نى ئۈنلۈك ئوقۇپ، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىز. مەن مۇشۇنداق خۇشاللىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن نەرسە نېمە، دېگەننى ئويلايمەن.

سىز يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭ. مەن بۇ ئىشنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەنسەك، خاتالاشمايمىز، دەپ ئويلايمەن: بىز ئۆزىمىز ياخشى مۇسۇلمانلاردىن بولالمىدۇق، شۇڭا باشقىلار ئەسلىدىكى دىنىنى تاشلاپ، ئىسلامغا كىرسە بىز خۇشال بولۇپ كېتىمىز. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، بىز «گەرچە مەن ئۇنى ئۆزۈم ھېس قىلالمىغان بولساممۇ، باشقىلار ئىسلامنىڭ بىر ئۇلۇغ دىن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئىسلامغا كىرگىنى، ئىسلامنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇلۇغ دىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» ، دەپ ئويلايمىز. بۇ دېگەنلىك يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ ئىسلامغا بىر ئۇلۇغ دىن قاتارىدا مۇئامىلە قىلغانلىقى يالغان، دېگەنلىك ئەمەس. ساھابىلەر بىلەن ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار يېڭىدىن ئىسلامغا كىرىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەندە، «ئۇلار توغرا يېتەكچىنى تاپتى»، دەپ، ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەنلەر ئۈچۈن خۇشال بولغان. ھەرگىزمۇ يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشال بولغان ئەمەس. يەنى، ئۇلار «باشقىلار» ئۈچۈن خۇشال بولغان، «ئۆزلىرى» ئۈچۈن ئەمەس.

يۇقىرىدىكى مېنى راھەتسىزلەندۈرىدىغان ئىككى ئىش ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئارا باغلانغان. ھازىر 2-مەسىلە تۈپەيلىدىن 1-مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ھەقىقەتەنمۇ يېڭىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن خۇشال بولغان بولساق، بىز بىر جامائەت سۈپىتىدە ئۇ كىشىلەرنىڭ روھىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولاتتۇق. بىز باشقا كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن شەخسىيەتچىلىك قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدە ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن خۇشال بولىدىغان بولغاچقا، بىز يېڭى ئىمان ئېيتقانلارغا ئانچە ئىش قىلىپ بەرمەيمىز، ھەمدە پەقەت ئاللاھتىنلا پاناھلىق تىلەيمىز.


4. ئاخىرقى سۆز

مەن ئىسلام دىنى ھەققىدە بىر قانچە پارچە يازما تەييارلاپ، تورلارغا يوللىغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىر قىسىم مىللەتسۆيەر قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ، مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىم ئۈچۈن خېلى كۆپ ماتېرىيال ۋە تور بەت ئۇلىنىشلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئىسلام دۇنياسىدا خېلى ئېتىراپ قىلىنغان بىر قىسىم دىنىي ئالىملارنىڭ لېكسىيىلىرى بار بولۇپ، ماڭا تەۋسىيە قىلىنغانلىرىدىن شەيخ خالىد ياسىن، مۇستافا ئىسلامئوغلۇ، بىلگىن ئەردوغان، ۋە نومان ئەلىخان (Nouman Ali Khan, bayyinahtv.com) لار بار (بەزىلىرى چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەن ئۇلارنى كېيىنچە تېپىۋالىمەن). مەن بۇ قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ناھايىتى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلار مېنى قوللاپ ۋە ماڭا مەدەت بېرىپ، تورلاردا ئىنتايىن كۆپ سەمىمىي ئىنكاسلارنى يازدى، ماڭا ئۇچۇر يوللىدى، ۋە بەزىلەر ماڭا تېلېفون قىلدى. مەن يېتىشەلمەي قېلىپ، ماڭا ئىنكاس يازغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىنكاسىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

ياسىر قازىنىڭ مەزكۇر ماقالىدا مەزمۇن قىلىنغان تېمىلارغا ئوخشاش تېمىلاردا بېرىلگەن لېكسىيىلىرى خېلى كۆپ. گەرچە قېرىنداشلار يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان دىنىي ئالىملارنىڭ نۇتۇقلىرىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، ماقالىلەرنىڭ سىستېمىلىق بولۇشى، ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولۇشى، ۋە ئوخشاش مەزمۇننىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن ئالدى بىلەن ياسىر قازىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تولۇق تونۇشتۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن باشقىلارنىڭكىگە ئۆتكۈنۈم ياخشى. يەنى، مەن باشقا دىنىي ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى كېيىنچە چوقۇم كۆرۈپ چىقىپ، ئۆزۈم مۇۋاپىق كۆرگەنلىرىنى ۋەتەنداشلارغا تونۇشتۇرىمەن. ھازىرچە بىرسى ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى، يەنە بىرسى ياسىر قازىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىشىمنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى سەۋەبىدىن، كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە مەن يەنىلا ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسى بويىچە يازما تەييارلايمەن. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

ماڭا تەۋسىيە قىلىدىغان باشقا ماتېرىياللار بولسا، سىلەر ماڭا ئۇلارنى يوللاۋەرسەڭلار بولۇۋېرىدۇ. مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلاپ قويۇپ، كېيىنچە چوقۇم كۆرۈپ چىقىمەن. مېنى قوللاپ، ماڭا مەدەت بېرىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Mehdi Hasan | Islam Is A Peaceful Religion | Oxford Union https://www.youtube.com/watch?v=Jy9tNyp03M0

[2] In Pursuit of the Middle Path, Dr. Yasir Qadhi | 23rd March 2014 - London, UK https://www.youtube.com/watch?v=S1Yrq5JqdhU