Jump to content

ئىسلام دىنى قايسى دەرىجىدە يول قويۇشچان؟

ئورنى Wikipedia

ئىسلام دىنى قايسى دەرىجىدە يول قويۇشچان؟

خوش، ئىسلام دىنى شۇ قەدەر يول قويۇشچان (مۇسائىد)، پىكىر ئەركىنلىكىگە شۇ قەدەر رىئايەتكار بىر دىنكى، بۇنى بىلىش ئۈچۈن تار پىكىرلىك، كونا چۈشەنچىدىكى ۋە خۇراپىيپەرەست ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىنى ئەمەس، كىشىلىك دۇنياسىنىڭ مۇباھاتى ۋە مەدارى بار (ئىپتىخارلانغۇچىلىكى بار ۋە چەڭ - چېگراسى ئېنىق) بولغان ھەقىقىي ئالىملارنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرىنى تېپىپ تەكشۈرۈش، دىننى ئەنە شۇنداق ئالىملارنىڭ بىلگىنى بويىچە بىلىشكە تىرىشىش كېرەك بولىدۇ.

ھەقىقىي ئىسلامىيەت ياراتقۇچىدىن، كېچىسى كۈندۈزىدەك پارلاق بولغان ۋە كەڭچىللىكنى يولغا قويغان بىر ئەقىدىدىن تەلىم بېرىدۇ. كېيىنراق پەيدا بولغان قوشۇمچىلار (بىدئەتلەر)، مەلۇماتلارلا نۇرانە بولغان بۇ دىننى غارايىبلار يىغىندىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەجەبا، ئىراننىڭ زەردۇشتىچىلىكىدىن، يونان (گېرىك) نىڭ خوراپاتلىرىدىن، ھىندىنىڭ [ئوقۇغىلى بولمىدى] ... لارىدىن ئىسلامىيەتكە نېمىلەر قوشۇپ قويۇلمىغان؟

دىننىڭ نەقەدەر يول قۇيۇشچان ئىكەنلىكىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا نۆۋەتتە كېيىنكى ئەسىردە ئىسلامدا يۈز بەرگەن ئويغىنىش ئىدىيەسىنىڭ بەرپاچىسى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇتالەئەسىنى ئوقۇپ باقايلى. مەرھۇم شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ مەزكۇر سوئالنى تاشلىغانلارغا جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن:

«ئەي ئوقۇرمەن! كەل، سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇپ ئۆتمۈشكە قايتىپ كۆرەيلى! جاھالەت مۇھىتىدىن قۇتۇلۇپ، نۇرلۇق ئالەمنىڭ مەرىپىتىنى تاپقاندىن كېيىن دەسلەپ ئۇمەۋىيلەرنىڭ، ئاندىن ئابباسىيلارنىڭ دەۋرلىرىدە بىر ئاز توختايلى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىجتىھادچىلار (مۇجتەھىدلەر)نى، ئەدىبلەرنى، تارىخچىلارنى، تەبىبلەرنى، رىيازەتچىلار (ماتېماتىكچىلار)نى، جۇغراپىيەشۇناسلارنى، تەبىئەتشۇناسلارنى، قىسقىسى ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ھەربىر ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنى بىرمۇبىر ھۆرمەت نەزىرىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ چىقايلى!

شۇنى كۆرۈپ يېتىسەنكى، ھەر كىشى ئۆزى مۇتەخەسسىسلىق قىلىۋاتقان ساھەسىدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەيدۇ. ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يېنىدىكىلەرگە ئۆرۈلۈپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىدۇ. مۇھەددىس تەبىب بىلەن، ئىجاتچى ماتېماتىك بىەن سۆزلىشەلەيدۇ. ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئىلمىي ساھەسىدە سەپدىشىدىن ياردەم ئالالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

بۇ مەنزىرىنى بىرئاز تاماشا قىلىپ بولغان بولساڭ، قېنى يۈر! بىرلىكتە ئىلىم مۇئەسسەسەسىگە كىرەيلى! كۆپلىگەن ئۇلۇغلار توپلاشقان ۋە ئارىلىرىدا پىكىر ئىختىلاپى ۋە سالقىن قاراشلار بولۇپ ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، كامالى دوستلۇقىنى ساقلاپ بىرلىكتە ئىشلەيدۇ ۋە بەھس - مۇنازىرىلىشىپ تۇرىدۇ. مانا قارايلى، ھافىز مۇھەددىس ئىمام بۇخارىي ئىمران ئىبنى ھىتتان خارىجىينىڭ ئالدىدا تېز چۆككەن. (شەخس خاۋارىج تۇرسىمۇ) ئۇنىڭدىن ھەدىس ئوقۇغان (رىۋايەت قىلغان).

مۇئتەزىللەرنىڭ رەئىسى ئەمر ئىبنى ئەبىيد يۇقىرى قاتلام پېشىۋالاردىن شەيخ ھەسەن بەسرىينىڭ ھۇزۇرىدا كامالىي ئېھتىرام بىلەن ئولتۇرغان، ئۇنىڭدىن دەرس ئالغان.

بارچە دىن ئۇلۇغلىرى، ئىجتىھاد ئىگىلىرى دىن ئەھلىنىڭ يولباشچىلىرى بولۇپ تۇرۇپ بىر ياندىن ئەسكەرلىك قىلغان. دىن ۋە ئەقىدە ئۇلارغا بارلىق كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە شەۋكىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆزلەشكەن ئىدى. پۈتكۈل ئالىملار راھەت تۇرمۇشتا، خەير - سائادەت ۋە ئەركىن پىكىر مۇھىتى ئىچىدە ئىدى، ئۆز دىنىنىڭ ئەھلى بولغانلار بىلەن باشقا دىنغا ئەگەشكۈچىلەر ئارىسىدا پەرق (بۆلۈنۈش) يوق ئىدى!

ئىنساپلىق بىر ئوقۇرمەن مەن بىلەن بىرگە بېرىپ بۇ ئالەمنى كۆرسە، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىسا، دىننىڭ ئىلىمگە نەقەدەر يول قويىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن دەيدۇكى: توغرىسى بۇ يەردە دىننى ئەمەلىي كۆرۈش ئارقىلىق تەۋسىپ قىلغىلى (تونۇپ يەتكىلى)، دىننىڭ مەدەنىيەت بىلەن قانداق بىرلىشىدىغانلىقىنى ئەينەن كۆرۈپ يەتكىلى ۋە بۇ ھېكمەتپەرۋەر ئالىملاردىن پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگۈنىۋالغىلى بولىدىكەن. ئەقىل بىلەن ۋېجدان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى بۇلار ئارقىلىق چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن>.

بىزدە ئىلىم بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق توقۇنۇش يۈز بېرىپ باققان ئەمەس. پەقەتلا دىن ئالىملىرى بىلەن ئىلىم ئەھلىلەر ئارىسىدا بىر قىسىم ئۇششاق - چۈشەك مۇنازىرىلەر بولغان. قانداقتۇر ئۇلار ئارىسىدا بىر - بىرى بىلەن ئۆچەكىشىش، تىللىشىپ ئۇرۇشۇشتەك بۇزۇقلۇقلار - خۇداغا ھەمدىلەر بولغايكى - كۆرۈلمىگەن. ھېچقايسى بىرى مۇنازىرىدە <سەن دېگەن كاپىر>، <سەن دېگەن بىر زىندىق> دېگەن ئەمەس. ياكى بولمىسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ھەرىكەتنى سادىر قىلغان ئەمەس.

يەنە شۇنىڭدەك، ھېچبىر ئالىم (ئىلىم سەۋەبلىك) قىيىن قىستاققا ئېلىنىپ، مەھكۇم قىلىنىپ تۇتۇلغان ئەمەس.[1] ئەكسىچە جەمئىيەت ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشقا تىرىشسا ئاندىن ئۇ چاغدا تەبىئىي ۋۇجۇدنى (جەمئىيەت پۈتۈنلىكىنى) ساقلاش يۈزىسىدىن، خۇددى جاراھەتلىك ئەزانى پىدا قىلىپ ۋاز كەچكەنگە ئوخشاش، مەزكۇر بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى جەمئىيەتتىن كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن.

مۇسۇلمانلار ھەقىقىي دىن ئالىملىرى بار بولغان زامانلاردا دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئالىم ئىدى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ پېشىۋا - ئۈلگىلىرى ئىدى. شەرىئەت سىرلىرىنى بىلمەسلىك ئىللىتىگە تۇتۇلغاندىن كېيىنلا ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالماي، ئىنقىرازغا ئۇچراشتى».

- م. شەمسىددىن ئەسەرلىردىن

ئىزاھ:

[1] شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ بۇ يەردە «يەر يۇمىلاقدۇر»، دېگەنلىكى ئۈچۈن خىرىستىئان پاپىلار تەرىپىدىن قېيىن قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن گالىلېى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا ئىشارەت قىلماقتا. - ئاپتوردىن

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 263 - سان، 1949 - يىل، 6 - ماي.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد