Jump to content

ئىشلەتكۈچى:Ahmedbughra

ئورنى Wikipedia

خاككېر دېگەن نېمە؟

[تەھرىر]


خاككېر دېگەن سۆز ئېنگلىز تىلىدىن كىرگەن، «كېسىش، چېپىش» دېگەن مەنىدىكى hack سۆزىدىن ياسالغان بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «پاچاقلاپ تاشىغۇچى، بۇزغۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. «خاككېر» سۆزى دەسلەپتە كومپيۇتېر تېخنىكىسىگە قىزىقىدىغان ۋە تېخنىكىسى ئۈستۈن پروگرامما يازىدىغانلارنى كۆرسىتەتتى. كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىدە يۇقىرى تېخنىكىسى بىلەن ئېلىكترونلۇق بىخەتەر سىستېمىنى بۇزالايدىغان كىشىلەر «خاككېر» دەپ ئاتىغانلىقتىن، ئەسلى مەنىسىدىن باشقىچىرەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھالغا كەلگەن. خىتايلار ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچىلا  黑客دەپ تەرجىمە قىلغان. ئۇيغۇرچە بەزى ماتېرىياللاردا خىتايچىدىن زورلاپ تەرجىمە قىلىپ «قارا مېھمان» دەۋالغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ.

داڭلىق خاككېر Kevin Mitnick خاككېرلىك توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خاككېرلىك بولسا تېخنىكىلىق، فىزىكىلىق ۋە پىسخولوگىيىلىك ئېلىمىنتلاردىن پايدىلىنىپ كونتروللۇقنى بۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ».

ئەركىن يۇمشاق دىتال فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى Stallman خاككېر ئۇقۇمىغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دىگەن: «كومپيۇتېر ساھەسىدە قىيىن مەسىلىلەرنى ئۆز قىزىقىشى بىلەن، مۇھىم بولسۇن بولمىسۇن، ھەل قىلىدىغان ئادەملەر خاككىرلاردۇر».

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتساق، كومپيۇتېر بىخەتەرلىك ساھەسىدە، داۋاملىق قائىدىلەرنى بۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان، سىستېما يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ سىستېمىغا رۇخسەتسىز كىرىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنىمىزدە خاككېرلار يالغۇز كومپيۇتېرغىلا ئەمەس، تورغا ئۇلىنىدىغان ھەممە ئۈسكۈنىنى خاكلىيالىشى مۇمكىن. شەخسىي يانفونلار، ماشىنىلار، ئايروپىلانلار، پاراخۇتلار چوڭ-چوڭ زاۋۇتلارنىڭ نورمال خىزمىتى ھەتتا چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئېلىكتىر تارقىتىش يوللىرىمۇ پات-پات خاككېرلارنىڭ ھوجۇمىغا ئوچراپ تۇرىدۇ.

خاككېرلارنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى بار بولۇپ، خاككېرلارنى بەكرەك چۈشىنىش ئۈچۈن مەن خاككېرلارنىڭ بەزى تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:


1. ئاق قالپاقلىق خاككېر (White Hat Hacker)  

ئاق قالپاقلىق خاككېر ئەخلاقلىق خاككېر (Ethical Hacker) ياكى كومپيۇتېر بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسى (Computer Security Expert) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل خاككېرلار سىڭىپ تەكشۈرۈش (Penetration Testing) ۋە باشقا خاككېرلىك مىتودلىرىنى ئىشلىتىپ مەلۇم ئورگاننىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ بېرىدۇ. بۇ خىل خاككېرلار ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرغىنىدەك ياخشى نىيەتلىك خاككېرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى تۆۋەندىكىچە:

·      سىستېمىنىڭ يوچۇقىنى ئىزدەش

·      ئىجازەت بىلەن تور ھوجۇمى ئېلىپ بېرىش

·      ئۆز سىستېمىسىنى يوچۇققىنى ئېتىش

·      سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىداردىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

·      سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ تۇرۇش


قانداق قىلغاندا ماھىر ئاق قالپاقلىق خاككېر بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇكەممەل بىر كىتاپ ياكى كۇرس يوق دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى خاككېرلىك بىر مەزگىللىك تىرىشىپ ئۆگىنىش، كۆپلەپ مەشىق قىلىش ۋە داۋاملىق يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھەرقايسى شىركەتلەر خاككېرلارنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلغاندا سەۋىيەسىنى بىكىتىش ئۈچۈن بەزى ئىجازەتنامىلەرنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەخلاقلىق خاككېرلارغا بېرىلىدىغان ئىجازەتنامىلەردىن تۆۋەندىكىلەر بار:

·      CEH (Certified Ethical Hacker) ئىجازەتلىك ئەخلاقلىق خاككېر — بۇ ئىجازەتنامە EC-Council دېگەن ئورگان تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ئىمتىھانى ۋە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش كۇرسى بار. 270 خىلدىن ئارتۇق خاككېرلىك ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش كېرەك. ئىمتىھان تىلى ئېنگلىزچە بولۇپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە CEH ئىجازەتنامىسى بېرىلىدۇ. بۇ ئىجازەتنامە ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىتىراپ قىلىنىدۇ.

·      CISA (Certified Information Systems Auditor) ئىجازەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى تەكشۈرگۈچى — بۇ مۇستەقىل ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئورگىنى ISACA تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئىجازەتنامە بولۇپ، بەش يىللىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار خىزمەت تەجرىبىسى بار كىشىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، ئاندىن بۇ ئىجازەتنامىنى ئالالايدۇ.

·      GSEC (GIAC Security Essentials) — بۇ ئىجازەتنامە خەلقئارا ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىجازەتنامىسى GIAC تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. تولۇق ئىسىمى Global Information Assurance Certification.

بۇلاردىن باشقا يەنە خاككېرلىك ئىجازەتنامىلىرىمۇ بار، بۇلارنىڭ بەزىلىرى سەۋىيە جەھەتتە پەرقلىنىدۇ.


2. قارا قالپاقلىق خاككېر  (Black Hat Hacker)

قارا قالپاقلىق خاككېر بولسا، ئۆزىنىڭ يۇقىرى كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تور جىنايىتى ئېلىپ بارىدىغان خاككېرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇزغۇچى، يېشىۋەتكۈچى (Cracker) ۋە قاراڭغۇلۇقتىكى خاككېر (Dark-side Hacker) دېگەندەك ناملاردىمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل خاككېرلار پۇل ئوغرىلاش ئۈچۈن ياكى باشقا يامان نىيەتلەر ئۈچۈن سىستېمىلارغا ھوجۇم قىلىدۇ، ۋىرۇس ياسايدۇ، مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئوغرىلايدۇ. قىسقىسى قارا قالپاقلىق خاككېرلار ئەسكى خاككېرلار بولۇپ، كومپيۇتېر ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ.

كومپيۇتېر ساھەسىدە ھوجۇم قىلىش تەس، ھوجۇمنى توسۇش ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تەس. ئۇندىن باشقا قارا قالپاقلىق خاككېرلار ئۆزلىرىنىڭ نۇقۇل كومپيۇتېر تېخنىكىسى سەۋىيەسىنىلا ئەمەس باشقا ساھەلەردىكى سەۋىيەسىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا.


3. قوڭۇر قالپاقلىق خاككېر  (Grey Hat Hacker)

خۇددىي قوڭۇر رەڭ قارا رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەڭ بولغىنىدەك، قوڭۇر قالپاقلىق خاككېرمۇ ئاق قالپاقلىق ۋە قارا قالپاقلىق خاككېر ئارىسىدىكى خاككېر ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل خاككېرلار بەزىدە قانۇنسىز ھالدا (بەزى كىشىلەر نەزىرىدە قانۇنلۇق)، ياخشى نىيىتى بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تور بىخەتەرلىكىنى بۇزىدۇ. بەزى سىسىتېمىلارنىڭ يوچۇقىنى ئىزدەيدۇ.

قوڭۇر قالپاقلىق خاككېرلار ئادەتتە پۇل تېپىش ئۈچۈن ياكى بىرەر يامان نىيەتتە خاككېرلىك قىلمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. بەزى قوڭۇر خاككېرلار خاككېرلىك تېخنىكىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. قىسقىسى قوڭۇر قالپاقلىق خاككېرلار قىلغان ئىشىلىرى توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكى تالاش-تارتىشتا قالغان خاككېرلار دەپ قارىساق بولىدۇ.


4. ماھىر خاككېرلار (Elite Hacker)

بۇ خاككېرلارنىڭ ئومۇمىي جەمىئەتتىكى سەۋىيەسىگە قارىتا ئېيتىلىدىغان تۈرى بولۇپ، ناھايىتى ئۈستۈن ماھارەتلىك خاككېرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزى پروگرامما يېزىپ، سىستېمىنىڭ يوچۇقىنى تېپىپ exploit (سىستېمىغا بۆسۈپ كىرىش) قىلالايدۇ.

كومپيۇتېر ۋە تورنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن خاككېرلار كومپيۇتېر تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىنمۇ پايدىلىنىپ ئۈستۈن سەۋىيەلەرگە ئۇلاشماقتا. بۇنداق خاككېرلارغا قارشى، سەۋىيەلىك تور قوغدىغۇچىلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاككېرلىك مۇسابىقىلىرى ۋە لىكىسيە سۆزلەش يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزىلىدۇ. خاككېرلار بۇ خىل مۇسابىقە ۋە لىكىسيە يىغىلىشلىرى بىلەن ئۆز-ئارا بىلىم ئالماشتۇرىدۇ ۋە ماھارىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئېنگلىزچە سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولسا YouTube تىن Hacker Lecture دەپ ئىزدەپ، بەزى ماھىر خاككېرلارنىڭ لىكىسيەلىرىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.


5. كۆچۈرمىكەشلەر (Script Kiddie ياكى Skiddie)

بۇ خىل خاككېرلار پەقەت باشقىلارنىڭ يېزىپ قويغان پروگراممىلاردىن پايدىلىنىپلا خاككېرلىك قىلالايدىغان، سەۋىيەسى تۆۋەنرەك خاككېرلار بولغانلىقى ئۈچۈن، سەۋىيەسىگە قارىتا «كۆچۈرمىكەشلەر، تەييارتاپلار ياكى تەگكود گۆدەكلىرى» دېگەن مەنىدە «Script Kiddie» ياكى «Skiddie» دەپ ئاتىلىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلار دەل مۇشۇ تەيياردىن پايدىلىنىدىغان كۆچۈرمىكەشلەردۇر. چۈنكى ھازىرقى كۈنىمىزدىكى تور جىنايەتلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ساندىكىسىنى مۇشۇ خىل تەييارتاپ خاككېرلار قىلىۋاتىدۇ.

خاككىرلاردا يۈكسەك قىزىقىش، ئۈستۈن تەپەككۇر ۋە پىششىق كومپيۇتېر تېخنىكىسى بولىشى كېرەك. جەمىئىتىمىزدە بەزى كىشىلەر «خاككېر» دەپ ئاتالدى، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەتلا باشقىلار ياسىغان دىتالنى ئىشلىتىش خالاس. ھەقىقى ياراملىق خاككېر بولىمىز دەيدىكەنمىز ئاۋۋال Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋە مەلۇم پروگرامما تىلىنى پىششىق بىلىشىمىز شەرت! بولمىسا كۆچۈرمىكەش خاككېرلىكنىڭ يۇقىرىسىغا ئۆتەلمەيمىز.


6. خاكتىۋىست (Hacktivist)

خاكتىۋىست بولسا ئۆزىنىڭ خاككېرلىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە مەلۇم بىر ئىدولوگىيەنى، دىنىي ئېتقاتنى ياكى سىياسىي پىكىرنى تارقىتىدىغان خاككېرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: داڭلىق wikiLeak توربىتىنى قۇرغۇچىلار دەل خاكتىۋىستلەر بولۇپ، ئۇلار: «ھەرقانداق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى خەلققە ئاشكارلانمىسا، ئۇلار نازارەت قىلىنماي خاتا سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، شۇڭا مەخپىي ھۆججەتلىرىنى خەلق بىلىشى كېرەك» دېگەن پىكىردە خاككېرلىك ئېلىپ بارىدۇ.

بەزى خاكتىۋىستلەر مۇھىت بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنىڭ تور بەتلىرىگە ھوجۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ شۇئارىنى ئاڭلىتىدۇ. يەنە بەزى خاكتىۋىستلەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ھەقىقەتنى ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىدۇ.

خاكتىۋىستلارنىڭ ئەسلى پىكىرى توغرا بولسا، بۇلارنىڭ قىلغانلىرى دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ.