Jump to content

ئىشلەتكۈچى:Nurokresh

ئورنى Wikipedia

ئەتلەستىكى قىممەت ۋە سەنئەت

(مۇھەممەدئىمىن سابىر)


ئەتلەس ئۇيغۇر قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ھېلىھەم كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتى. ئاپتورنىڭ 15 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئەتلەس توقۇلمىلار ساپ يىپەك ئەتلەس، ئارىلاش توقۇلما (ساپ يىپەك - سۈنئىي يىپەك ئارىلاش) ئەتلەس، سۈنئىي يىپەك ئەتلەس، ئەنئەنىۋى تەبىئىي بوياق ئەتلەس، زەرلىك (كالۋۇتونلۇق) ئەتلەس، باشقا ئەتلەس (ئەتلەس شارپا، ئەتلەس ياستۇق قېپى، ئەتلەس قولياغلىق) توقۇلمىلاردىن ئىبارەت ئالتە خىل مەھسۇلات تۈرى، 26 خىل ئاساسى گۈل نۇسخىىسى،31 خىل قېرىنداش گۈل نۇسخىسىغا مەنسۇپ بولغان 145 خىل رەڭ تۈرىدە ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خام ئەشيا پەرقى، بوياق ماتېرىيال پەرقى، شەكىل پەرقى قاتارلىقلارنى ھېسابقا ئالغاندا ئەتلەس ۋە ئەتلەس ئائىلىسىدىكى توقۇلما مەھسۇلاتلار 620 خىلدىن ئاشىدۇ.

ئەتلەس بىر خىل نوقۇل سەنئەت بۇيۇمى ئەمەس، ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى. لېكىن، ئەتلەس يۈزىدە سەرخىل رەڭلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئىپادىلەنگەن خىلمۇخىل گۈل، نەقىش، ئوبراز ۋە شەكىللەرگە يۈكسەك بەدىئىي سەنئەت مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا ئۇ، مۇئەييەن ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۇقىرى بەدىئىي ئالاھىدىلىك ۋە سەنئەت قىممىتىگە ئىگە.


1.      ئەتلەسنىڭ گۈل - نەقىش ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي سەنئەت قىممىتى


ئەتلەسنىڭ گۈل - نەقىشلىرى قويۇق يەرلىك پۇراق،كۈچلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە. ئۇ، «رەڭ چېگرىسى ئېنىقسىز بولۇش ئۇسۇلى» ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى بەدىئىي سەنئەت ئەسىرىدۇر. بۇ قاراشلىرىمىزنى تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردىن دەلىللەشكە بولىدۇ.

ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گۈل- نەقىش ئۆرنەك ئوبيېكتلىرىنى مۇنداق بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئىي ھادىسىلەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر؛ ھىلال ئاي، يۇلتۇز، كەلكۈن، بۇلۇت، چاقماق شەكىل كۆرۈنۈشلىرى:

دەرەخ، ئۆسۈملۈكلەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: بادام، ئامۇت، ئالما گۈل قاتارلىقلار؛

ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل -نەقىشلەر؛ ئورغاق گۈل، زەنجىرگۈل، مويىنكەش گۈل، موكا گۈل قاتارلىقلار ؛

ئادەم ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل - نەقىشلەر: يۈرەك (قوش يۈرەك)گۈل؛

ھايۋان ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر؛ قوچقىراق (مۈڭگۈز) گۈل، بۆرەك گۈل، كەكلىك قېشى گۈل، ئۇي كۆزى گۈل، قوي كۆزى گۈل، تۆگە ئىزى گۈل قاتارلىقلار؛

بېزەك بۇيۇملىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: تاج گۈل، مۇنچاق گۈل. تاغاق گۈل. چاچتەڭگە گۈل قاتارلىقلار؛

چالغۇ ئەسۋابلىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: راۋاب شەكىللىك گۈل، ناغرا گۈل قاتارلىقلار؛

گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر ئۆرنەك قىلىنغان گۈل- نەقىشلەر: چاقماق (تىزما سىزىق)، تۈز سىزىق قاتارلىقلار؛

يۇقىرىدىكى ئۆرنەك ئوبيېكتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرى مۇئەييەن ئىچكى مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى، ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىق بەلگىلىك ئىدىيە - ھېسسىيات مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، تەبىئەت جىسىملىرى، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋان ئەزالىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارنى تەبىئەت زەنجىرىنىڭ بىر ھالقىسى، ئىنسانلار ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەۋجۇتلۇق دەپ قارايدىغان تەبىئەت قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئورغاق، مويىنكەش، مۇكا قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىختىرانى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى دەپ بىلىدىغان، مېھنەت ۋە ئىجتىھاتنى قەدىرلەيدىغان تۇرمۇش قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئىككى يۈرەك شەكلىنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقنىڭ سۆيگۈ - مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، ئىناق - ئېجىللىقى سۆيىدىغان ھېسسىيات مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تاج، مۇنچاق، تاغاق قاتارلىق بېزەك بۇيۇملىرىنىلا گۈل ئېلېمېنتى قىلىنىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش - تارىنىشنى ياقتۇرىدىغان، گۈزەللىك ۋە پاكىزلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئېستېتىك خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ. راۋاب، ناغرا قاتارلىق چالغۇلارنىڭ ئۆرنەك قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈي خۇمار، سەنئەت سۆيەر ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرى ئومۇمەن رەڭ پەرقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان توق، قېنىق رەڭلەرنى يانداش ئىشلىتىش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ. بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا يۇلتۇزدەك جايلاشقان پارچە- پارچە بوستانلىقلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھەر دائىم قۇم- بوران، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچراپ تۇرۇشى ۋە ئاپەتكە قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن بوستانلىق، يېشىللىقنى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇق شەرتى دەپ بىلىدىغان مۇھىت قارىنى ۋە بۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن رەڭدارلىق قانچە كۆپ بولسا، ھاياتلىق شۇنچە ياشنايدۇ، بوستانلىقلاردىكى ھەرخىل رەڭلىك كۆرۈنۈشلەر قانچە شوخ بولسا، تۇرمۇش شۇنچە پاراۋان بولىدۇ دەپ قارايدىغان رەڭ پىسخىكىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەتلەس گۈللىرىدە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى نەقىش ئېلېمېنتى قىلىنمايدۇ. بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئادەم، ھايۋان قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى ئېغىر گۇناھ دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد ساداقىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

قىسقىسى، ئەتلەسنىڭ ناھايىتى مول ۋە رەڭگارەڭ گۈل نەقىشلىرىدە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدا، تۇرمۇشىدا، ئادىتىدە ۋە ئىدىيە - ھېسسىياتىدا مەۋجۇت بولمىغان ھېچقانداق نەرسىنى بايقىمايمىز. دېمەك، ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى، مۇھىت قارىشى، سۆيگۈ - مۇھەببەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشى، ئېتىقاد قارىشى قاتارلىق نازۇك ئىچكى ھېسسىيات - قاراشلىرىنىڭ رەڭ ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. يارقىن ئەكس ئەتكەن شۇ نەرسە دەل ئۇنىڭدىكى يەرلىك خاسلىق ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكتۇر.

ئەتلەس گۈل نەقىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئەتلەس گۈللىرىدە گەرچە ئاسماندىن يەرگىچە بولغان كەڭ كائىنات ۋە جەمئىيەتتىكى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولغان شۇنچە كەڭ ئوبيېكتلار گۈل نەقىشلەرگە ئۆرنەك قىلىنسىمۇ، لېكىن، باشقا مىللەت كىشىلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر مۇئەييەن بىر پارچە ئەتلەس يۈزىدە نېمىلەر نەقىشلەنگەنلىكى ۋە نېمە مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەتلەسچى ئۇستىلار ياكى ئەتلەسنى تەتقىق قىلغان كەسىپ ئەھلىلىرى چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە ئاندىن ئىچ- ئىچىدىن قايىل بولۇپ ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى ئۇيغۇر نەقىشگەرلىكىدە گۈل - نەقىشلەرگە ئەڭ تويۇنغان زىلچا - گىلەم گۈللىرى، دوپپا گۈللىرىنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ. گەرچە، گىلەم، دوپپا، زەدىۋال، كىگىز قاتارلىق گۈللۈك مەھسۇلاتلارنىڭ گۈل نەقىشلىرىدىمۇ ئوبيېكتلار مۇبالىغە، ئوخشىتىش، قايتا قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن، ئۇلاردىكى گۈل نەقىشلەر چىنلىققا يېقىنراق بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر كۆرۈپلا چۈشىنەلەيدۇ.

ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە توق قىزىل، شوخ سېرىق، تۇم قارا، قېنىق يېشىل قاتارلىق رەڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولغان، رەڭ تۈسى جەھەتتە بىر – بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغان رەڭ - بوياقلار ھەمىشە يانداش ئىشلىتىلىدۇ. بوياقچىلىق ۋە رەڭ ماسلىق نەزەرىيىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، قارىمۇقارشى رەڭلەرنى بۇنداق يانداش ئىشلىتىش يول قويغىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئەتلەس گۈل - نەقىشلىرىدە دەل مۇشۇ «ناتوغرا ئۇسۇل» ئاساسىي ۋاسىتە قىلىنىدۇ. چەگمە بوياق ئۇسۇلىدا بوياش ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى بولغان رەڭلەر ئارىسىدا «بىر - بىرىگە ئاستا- ئاستا سىڭىپ كىرىش» بەلۋېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ، رەڭ چېگرا ئېنىقسىزلىقى ھاسىل قىلىنىدۇ - دە، قارشى تۈستىكى رەڭلەر تەبىئىي ماسلىققا ئىگە قىلىنىدۇ.

دېمەك، ئەتلەس تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش چىنلىقىنى مەنبە قىلغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئابىستراكىسيىلەنگەن شەكىللەر ئارقىلىق مۇئەييەن ھېسسىيات ۋە قاراشنى ئىپادىلەيدىغان، تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى گۈزەل سەنئەت بۇيۇمى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماي بوياق ۋە موي قەلەم ئىشلەتمەي، ئاددىي بوياق ۋە يىپەك تالادىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلغان سەنئەت ئەسىرىدۇر .


2. ئەتلەسنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكى ۋە ئىستېمال قىممىتى


ئەتلەس ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك ساھەسىدىكى ئىستېمالى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كىچىك قىزلاردىن تارتىپ، ياشانغان مومايلارغىچە ھەممىسى ئەتلەس كۆڭلەك كىيىشنى ياقتۇرىدۇ.

قىزلار بولسۇن ياكى قايتا ياتلىق قىلىنغان ئاياللار بولسۇن، تويلۇق ماللىرى ئىچىدە ئەتلەس كىيىم كەم بولمايدۇ. ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئەتلەسكە بۇنچىلىك ھېرىسمەنلىكى، بىر جەھەتتىن ئەتلەس (يەنى، يىپەك)نىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىدىن، يەنە بىر جەھەتتىن، ئەتلەسنىڭ يۇقىرى بەدىئىي قىممىتىدىن كەلگەن.

ئالدى بىلەن ئەتلەس (يىپەك)نىڭ رەڭ ئېلىش، رەڭ تۇتۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى، بوياقنى تەكشى ئالىدۇ. ئاسان ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ. يىپەك تالاسى سىلىق، سىپتا. ئەتلەس پەردازلانغاندىن كېيىن، نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىپ، كۈن نۇرى ياكى چىراغ نۇرىدا جىلۋە - جۇلاسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. يىپەكنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشى ياخشى، ئىسسىق، نەملىك شارائىتىمۇ بەدەنگە چاپلاشمايدۇ، تەر سۈمۈرىدۇ، بەدەنگە راھەت بەخش ئېتىدۇ، نۇر قايتۇرۇشى ياخشى بولغاچقا كىشىگە سالقىنلىق بېغىشلايدۇ. يىپەك توقۇلمىلار يەنە يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق، دائىم كۈن نۇرىغا قاقلانسىمۇ ئاسان چىرىپ كەتمەيدۇ. نەملىككە چىداملىق، نەملىك يۇقىرى بولغاندىمۇ بىخسىپ، ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ. مىتە، كۈيە قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار ئۇنىڭغا ئاسانلىقچە زىيان سالالمايدۇ. سوزۇلۇش، سۈركىلىشكە چىداملىق، مەلۇم سەۋەبلەردىن سوزۇلۇش، سۈركىلىشكە ئۇچرىسىمۇ ئاسانلىقچە شەكلى ئۆزگىرىپ ياكى يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. يۇيۇش، تازىلاشقا چىداملىق، كىر - داغلاردىن ئاسان پاكلىنىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھەرخىل خۇسۇسىيەتلەردە پاختا، يۇڭ قاتارلىق باشقا تەبىئىي تالالار يىپەكتىن ئۈستۈنلۈك تالىشالمايدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىلىرى ۋە رەڭ تۈرلىرى كۆپ، ھەرخىل ياش قۇرامىدىكى ۋە ھەرخىل تەبىقىدىكى قىز - ئاياللارنىڭ ئۆزى، ياقتۇرىدىغان نۇسخا، رەڭ تۈرىدىكى ئەتلەسنى تاللاپ سېتىۋېلىشى كەڭ ئىمكانىيەتكە ئىگە. رەڭگى شوخ، ئۆزگىرىشكە باي. ئالدىدىكى ماۋزۇدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەتلەس يۇقىرى ئېستېتىك قىممەت ۋە بەدىئىي قىممەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.

ئەتلەسكە يۇقىرىدىكى ئىككى خىل خاسىيەت (يەنى، ئەسلىي خۇسۇسىيەت ئەۋزەللىكى بىلەن ئەتلەسكە قول ھۈنەر ئارقىلىق بەخشەندە قىلىنغان يۇقىرى بەدىئىي قىممەت) مۇجەسسەم بولغانلىقتىن، ئۇ ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان، كىيىم - كېچەك ئىستېمالىدا كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلانغان. دېمىسىمۇ، ئەتلەس ئېگىن كىچىك قىزلارغا جۇشقۇنلۇق ۋە ئوماقلىق بېغىشلايدۇ. ياش قىزلارنىڭ ئەگرى سىزىق گۈزەللىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇلارغا نازاكەت ۋە لاتاپەت ئاتا قىلىدۇ. ئوتتۇرا ياش ئاياللارنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي يېشىدىن خېلى ياش كۆرسىتىپ، ياشلىق جەزبىدارلىقىنى قايتا نامايان قىلالايدۇ. ياشانغان ئاياللارغا سۈلكەت، سۆلەت قوشۇپ، «ئۆزى قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىماسلىق»تەك ئىچكى ھېسسىياتىنى ئاۋازسىز ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەتلەس كىيىم كىيىشى بەزى مىللەت خەلقلىرىدىكىدەك بايرام ۋە مۇراسىملاردىلا كىيىلىدىغان، باشقا چاغلاردا كۆزگە چېلىقمايدىغان «بايرام كىيىمى» ئادىتى ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھېيتلىق، مۇراسىملىق ئەتلەس كىيىملىرى بولغاندىن سىرت، ئۇلار ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا، ھەتتا ئېتىز ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان چاغلرىدىمۇ ئەتلەس كىيىملەرنى كىيىۋېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەتلەس يوتقان تېشى ۋە كۆرپە تېشى قىلىشقا، دېرىزە، تام پەردىسى تىكىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. تۇغقانلار، دوستلار ئارىسىدا توي مۇبارەكلىگەن، تۇغۇت يوقلىغان، ئۇزاق ئايرىلغانلار قايتا كۆرۈشكەن ياكى سەپەردىن قايتىپ ھاردۇق سوراپ كەلگەن يېقىن تۇغقان، دوستلىرى بىلەن دىدارلاشقان چاغلىرىدا قارشى تەرەپكە ئەتلەس سوۋغا قىلىشىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەتلەسنىڭ «ماھارەت كۆرسىتىدىغان مەيدانى» تېخىمۇ كېڭەيدى. ئەتلەس ئارتىسلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سەھنە كىيىمى ۋە بەزى ماگىزىن ۋە مېھمانسارايلارنىڭ مىللىي، يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگۈچى بېزەك بۇيۇمىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق باسما بۇيۇملارنىڭ مۇقاۋا بېزەكلىرىگە ئۆرنەك قىلىنىۋاتىدۇ. كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىدىكى كوچا ئۇسسۇل ئەترەت ئارتىسلىرى، مېھمانساراي، رېستورانلاردىكى كۈتكۈچى، مۇلازىم قىزلار، بەدىئىي سەنئەت تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە باشقا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىكى رىياسەتچى قىزلار، لېنتا كېسىش پائالىيەتلىرىدىكى مۇلازىم قىزلارنىڭ ئەدەپ مۇراسىم كىيىمى قىلىنىۋاتىدۇ. «ئەتلەس شاھى»، «ئەتلەس دۇنياسى»، «ئەتلەس ماكانى» دېگەندەك ئاتالغۇلار ماگىزىن، مېھمانساراي، كوچا، يۇرت قاتارلىقلارنىڭ ۋىۋىسكا نامى، خاس نامى ياكى ئوبراز نامى قىلىنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتلەسنىڭ ئۆزگىچىلىك، خاسلىق، قەدىمىيلىك ئەنئەنىۋىلىك مەنىلىرى ئىپادە قىلىنىۋاتىدۇ.

رەڭگارەڭ ئەتلەس گالىستۇكلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن ئەتلەسنىڭ «ئاياللارغا خاس پاتېنت بۇيۇمى» بولۇش ئىمتىيازى بۇزۇپ تاشلاندى. ئەرلەرگە بىر چىرايلىق ياراشقان ئەتلەس گالىستۇكلار كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى. ئەتلەس شارپا، ئەتلەس ياستۇق، ئەتلەس قولياغلىق، ئەتلەس سومكا، ئەتلەس ھەميان قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك بۇيۇمىغا ئايلىنىپلا قالماي، بارا - بارا، ئىچكى جايلاردىن ۋە چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ۋە ساياھەتچىلەرگە «ئەگىشىپ كېتىدىغان بولدى». يەنى، ئۇلار بۇخىل ئەتلەس بۇيۇملارنى ساياھىتىنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىدىغان بولدى.

ئەمدى، تېخىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق بايرام - مۇراسىم، سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ئەتلەس بىلەن دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋوللۇق كىيىمگە ئايلاندى. كىشىلەر مەيلى كىنو، تېلېۋىزورلاردا ياكى ھەرخىل سۈرەت، رەسىملەردە ئەتلەس كىيىم ياكى دوپپا كىيگەن ئوبرازنى كۆرسە، ئۇنى تونۇسۇن، تونۇمىسۇن «ئەنە ئاشۇ ئۇيغۇر» دەپ ھۆكۈم قىلىدىغان بولدى. دېمەك، ئەتلەس ئۇيغۇرنىڭ كىيىم - كېچەك، ھۈنەر سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى، تېخىمۇ توغرىسى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋوللۇق بۇيۇمغا ئايلاندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەتلەس ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە بەدىئىي قىممىتىدىن ئۆزگە يەنە مەلۇم سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە بولدى. ئەتلەسنىڭ بۇ ئۈچىنچى قات قىممىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇنىڭ بىرىنچى قات قىممىتى، يەنى، ئۇنىڭ ئىلتىماس بۇيۇمى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي قىممىتى بىلەن پەقەت مۇناسىۋەتسىز دېگىلى بولماس. لېكىن، ئۇنىڭ ئەتلەسنىڭ يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىمىزدەك يۈكسەك بەدىئىي سەنئەت قىممىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكى ئېنىق.

بۇ تەپەككۇرىمىزنى قارشى يۆنىلىش بويىچە داۋاملاشتۇرىدىغان بولساق، ئەتلەسنىڭ مۇئەييەن سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدىن بۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىمىز تەس ئەمەسكى، ئەتلەس مۇئەييەن ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە سەنئەت بۇيۇمى، ئۇيغۇر قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىرى.


(ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونىرى)