ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:ئابدۇلھەفىز زىيائى

Page contents not supported in other languages.
ئورنى Wikipedia

كىچىك بېلىقلارنىڭ مازارلىقى :- كاپىتال[تەھرىرلەش]

كىچىك بېلىقلارنىڭ مازارلىقى :- كاپىتال

- ئابدۇلھەفىز زىيائى

ۋىروس سەۋەپلىك ئۆيگە سولىنىپ قېلىۋاتقان شۇ كۈنلىرىمىزدە تۇر دۇنياسىدا پاراڭلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھەرخىل قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يىڭى بىر پۇرسەتلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ ، دۇنيادا بايلىقنىڭ قول ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى كەلگەنلىكى ئوتتۇرغا قويىۋاتقان ئىقتىسادچىلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ يېقىندىن بۇيان پۇل -مۇئامىلە (كاپىتال) بازىرىغا قىزىقىش كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پايچەك بازىرىنى ئازراق چۈشۈنىۋالغان قولىدا ئازدۇر-كۆپتۇر نەخ پۇل بولغان قىزىققۇچىلار پايچەك بازىرىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. ئازدۇر- كۆپتۇر مەنپەئەت ئالغانلارمۇ بولدى ، لېكىن بۇنىڭ داۋاملىق پايدا ئەپ كىلەلىشى ، بازارنىڭ دائىم ئۆسۈپ تۇرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە بەزى ئۈگەنگەنلىرىم ۋە تەجرىبىلىرىم دىن ھىس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ۋە قېرىنداشلىرىمغا ئاز بولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم.

بۇرۇن سودا ئەندىزىسىدە بىر نەزىرىيە بار ئىدى ، چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ دەيدىغان كىيىن بۇ نەزىريە تەرەققى قىلىپ< سۈرئىتى تىز بېلىق ئاستا بېلىقنى يەيدۇ> غا ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ نەزىريە يەنە تەرەققى قىلىپ >گۇرۇپ بېلىق يالغۇز بېلىقنى يەيدۇ<، غا ئۆزگىرەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە مەيلى ئەنئەنىۋى كىلاسسىك سودا ئەندىزىسىدە بولسۇن ۋەياكى ھازىرقى پۇل مۇئامىلە (كاپىتال)بازىرىدىكى پايچەك، نېفىت، ئالتۇن ، پۇل سودىسى ئەندىزىسىدە بولسۇن ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىز رىقابەت بىلەن ئىلگىرلىمەكتە. ھەر يەردە كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىۋاتقان تەۋەككۈلچى سودا ئېڭى ، قارا كۈچكە تايىنىپ ئاز ئازدىن بىرىكتىرىپ توپلانغان ئاز ئىقتىساد ساھىپلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ شۇ ئاز پۇل بىلەنمۇ مەبلەغ سېلىپ كۆپ پايدا ئېلىش ۋەسۋەسىسى بىلەن بەزى ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ساھەلەرگە ئۆزىنى ئېتىشقا ئۇرۇنۇش كۆپەيمەكتە. ۋە ھەتتا ئۆزى خېلى تەقۋادار ھېساپلايدىغان ئىنسانلارمۇ ھالال ھاراملىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن بەزى كاپىتال بازارلىرىغا باشچىلاپ كىرىپ ئاجىز مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشكىمۇ قىيمىغان شۇ ئامراق پۇللىرىنى سىنىت موچەنلىرىگە قەدەر سېلىپ بېرىپ يۈزمىڭلەرچە دوللار بىلەن كىرىپ قۇرۇق قول قايتىپ چىقتى ۋە ھېلىمۇ بۇ تىراگىدىيە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بېلىق قارمىقىغا سانچىلغان يەمگە ئوخشايدىغان نەزىريە بولغان كاپىتال بازىرىدىكى ئاز مەبلەغ بىلەن نەچچە ھەسسە كۆپ مەبلەغ ھىسابىدا ھەركەت قىلىش نەزىريەسى نورغۇن ساپ نىيەتلىك تىز بېيىشنىڭ خام خىيالىنى سۈرۈۋاتقان ئوتتۇرھال كىرىم مەنبەسى بىلەن جان ساقلاۋاتقان ئىنسانلارغا سېلىنغان بىر قارماق ئىدى. كۈنىمىزدىكى خىتتاي ۋىروسى سەۋەپلىك مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى كىرزىستا ھەم كاپىتال بازىرىدكى ھاۋاغا ئۇچقان تىرىليونلىغان دوللارلار ئەنە شۇ كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغى. ئاددى بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرەيلى ‫، مەسىلەن سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا 10 مىڭ دوللار بار دەيلى سىز كاپىتال بازىرىدا ئىككى خىل ئ‍ۇسۇلدا ھەرىكەت ئېلىپ بارىسىز. يا 10 مىڭ دوللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگە تولۇق پايچەك ياكى ئالتۇن، نېفىت سېتىۋالىسىز ياكى ۋاسستىچى شىركەتلەرگە 10 مىڭ دوللىرىڭىزنى ياتقۇزۇپ بۇنىڭ قارشىلىقىدا 100 مىڭ دوللارلىق ئالتۇن ياكى نېفىت ئالىسىز. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئالغان مېلىڭىزنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتسە يا سېتىپ چىقىشقا مەجبۇرى بولىسىز ياكى زىيانغا سەبىر قىلىپ بازانىڭ ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈپ ساقلايسىز . لېكىن سىز 10 مىڭ دوللار قارشىلىقىدا ئالغان 100 دوللارلىق مېلىڭىزدىن كۆرۈنگەن زىيان 10 مىڭ دوللارغا يەتكەن ھامان ۋاستىچى شىركەت سىز ئالغان مالنى سېتىۋىتىدۇ ۋە 10 مىڭ دوللىرڭىز ھاۋاغا ئايلاندى دىگەن گەپ. ئۆزىڭىزنىڭ 10 مىڭ دوللىرىغا ئالغان مالدىمۇ سىز يا كۈتۈشكە ۋەياكى زىيانغا سېتىپ چىقىشقا مەجبۇرى بولىسىز. مانا مۇشۇنداق خەتەرلەر كاپىتال بازىرىدا كىچىك بېلىقلارنىڭ كۈن كۆرمىكى ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش. ‬‬‬ مەن بۇ ماقالەمدە ھەرگىزمۇ سىزنى مەبلەغ سالماڭ دىمەكچى ۋەياكى قورقۇتماقچى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇ پۇل مۇئامىلە بازىرى كۈنىمىزدىكى ئەڭ سىستېمىلاشقان پۈتۈن قارارلارنى ئ‍ۆزىڭىز ئېلىپ خالىغان ۋاقتىڭىزدا چىكىنىپ چىكىتەلەيدىغان ئەڭ ياخشى بازار ، لېكىن بۇنىڭ قائىدە ئۇسۇللىرىنى تولۇق بىلمەي ئىچىگە ئالدىراپ كىرىپ قېلىپ كېيىنچە پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. زىيان ھەممە ئىنسانغا ئاچچىق بولغىنىدەك ، پايدىمۇ ھەم ھەممە ئادەمگە تاتلىق ! ئەمدى بىز پۇل -مۇئامىلە( كاپىتال) بازىرىدا ‬‬قانداق قىلغاندا خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيگە چۈشۈرۈش ھەققىدە توختىلايلى، بۇنىڭدا ئەۋۋەل ئەڭ دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك نۇقتا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھالال بولغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش. چۈنكى ھالال دەپ بېكىتىلگەن تۈرلەردە مەۋھۇملۇق بولمايدۇ. سىز ئەمەلى بار بولغان مالغا ياكى شىركەتكە مەبلەغ سالىسىز. ھالال پايچەكلەر بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. كاپىتال بازىرىدا ھالال ھاراملىق پەرقى خەتەرنىمۇ 50% ئازايتالايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. چۈنكى ھالال سودىدا ھىيلە ئىشلىتىش بولمىغىنىدەك ھەر نەرسە ئىنىق بولغانلىقى ئۈچۈن مەبلەغنىڭ يوقاپ كىتىش نىسبىتى يوق دىيەرلىك. ئەمما شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا ھالال بولغان سودا ئازراق. چۈنكى بۇ سېستىمىنى قۇرۇپ چىققۇچىلار پۇلدىن پۇل تېپىش نەزىريەسى ئۈستىدە قۇرۇلغاچقا كۆپ ھاللاردا ئۆسۈمگە تاقىشىپ قالدۇ. شۇڭا بەك دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك. ھالالدا بەرىكەت بار، ھارامغا جازا. دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا ئۆزىمىز شەخسى ھالدا مەبلەغ سالغان ۋاقتىمىزدا قولىمىزدىكى چەكلىك مەبلەغ بىلەن قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىشىمىز بەك تەس. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا مەبلىغىمىزگە مەلۇم نىسبەت پايدا قونىشى مۇمكىن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بازار كۆپ ئىگىز پەس بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز بىر تۈرگە مەبلەغ سالدىڭىز دەيلى ، سىز قولىڭىزدىكى بارلىق پۇلغا بىر قېتىمدىلا سېتىۋالدىڭىز ، سىز سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز باھا چۈشۈپ كەتتى بۇ ۋاقىتتا سىز قانداق قىلىسىز ؟ ئەگەر قولىڭىزدا زاپاس مەبلەغ بولغان بولسا سىز يەنە سېتىۋېلىپ مالىيىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ كىيىن بازار ئۆسۈشكە قاراپ ماڭغاندا ئاسانلا زىيىنىڭىزنى تولۇقلاپ پايدىغا قاراپ ماڭغان بولاتتىڭىز. لېكىن سىز قولىڭىزدىكى مەبلەغنىڭ ھەممىنى بىر قېتىمدىلا سېلىۋەتكەن. مانا مۇشۇنداق خەتەرلەر ئارقىلىق سىز ئاز مەبلەغ بىلەن كىرىم ھاسىل قىلىشڭىز تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سالغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ ياخشى چارە قولىمىزدا چوقۇم زاپاس مەبلەغ بولىشى كېرەك. ئەمما قولىمىزدىكى بۇ چەكلىك مەبلەغنى ئىككىگە بۆلگەن ۋاقتىمىزدا خەتەر قانچە ئازلىسا كېلىدىغان پايدىمۇ شۇنچە ئازلايدۇ دىگەن گەپ. ئەمدى بىز يەنە بىر ئۇسۇل ھەققىدە توختىلايلى، ئاۋال بىز شىركەت دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئۇسۇل ھەققىدە توختىلىمىز، شىركەت دىگەن بۇ ئۇقۇم دەسلەپتە دېڭىز ئاتلاپ تىجارەت قىلىدىغان كېمىچىلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن، كۆپىنچە كېمىچىلەرنىڭ پەقەت بىر تالدىنلا كېمىسى بولغان بولۇپ بۇ كېمىلەر ئارقىلىق دېڭىز ئاتلاپ تىجارەت قېلىدىغان كېمىچىلەر دېڭىزدا بېىرەر خەۋپكە ئۇچىرىغان ھامان كېمە چۆكۈپ كەتسە بۇ سودىگەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ ھاياتىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. ھەتتا بەزىلىرى زىيانغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئ‍ۆلىۋالغان ، كىيىن بۇ كېمىچىلەر مۇنداق بىر پىلاننى ئ‍وتتتۇرغا قويغان ھەر 10 كېمىچى بىرلىشىپ بىر تىجارەت ئورتاقلىقى قۇرغان، نەتىجىدە بىر كېمە چۈكۈپ كەتسىمۇ قالغان 9 كېمە بىلەن بۇ شېرىكلەرنىڭ تىجارىتى داۋام قىلغان ۋە كىرىدىغان كىرىمنىڭمۇ مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا ئاسانلا يەنە بىر كېمە سېتىۋېلىپ زىياننى تولدۇرۋالغان ۋە تەرەققىياتىمۇ تىز بولغان. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سودا تىجارەتتىمۇ شېرىك تىجارەت قىلغانلارنىڭ ئ‍ۆز ئارا تالاش تارتىش ۋەياكى سۈركىلىش پەيدا قىلماستىن داۋام قىلالىغانلار يالغۇز ئۆزىلا سودا قىلىدىغانلاردىن تەرەققىياتى تىز بولغان. ئەمدى بىز ئەسلى تېمىمىزغا قايتىپ كېلىدىغان بولساق پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئەڭ ياخىشى چارە ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىكى ئاز مەبلەغ بىلەن چوڭ بىر ئىش قىلغىلى بولمىغىنى بىلەن سىز ۋە سىزنىڭ دوسلىرىڭىزنىڭ يانچۇقىدىكى ئاز مەبلەغلەرنى توپلاپ بۇنى بىر گەۋدە خاراكتېرلىك مەبلەغقە ئايلاندۇرۇپ تېخىمۇ ياخشى ئۇتۇق قازىنالىشىمىز مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا يىغىلغان مەبلەغ بىلەن سېتىۋالغان ھەر قانداق مېلىمىزنىڭ خەتەر نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ قولىمىزدا زاپاس مەبلەغ بولغان ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭمۇ ئۈنۈمى بولغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پۇل-مۇئامىلە ساھىسىنى ھەممە ئادەمنىڭ تولۇق چۈشۈنەلىشى ناتايىن . كۆپىنچە كىشىلەر ئازراقلا بىلىمگە ئىگە بۇلىۋېلىپ قەدەم ئالىدۇ ، ئەمما مەبلەغ سېلىشتا ۋەياكى سېتىپ چىقىرىشتا ئىسىتراتىگىيەلىك پىلان تۈرۈشتە يەنىلا بۇ ساھەنى بىر قەدەر ياخشى چۈشۈنىدىغانلارغا يەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئ‍ۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇ ساھەنى ياخشى چۈشۈنىدىغان كەسپ ئەھلىگە مۇۋاپىق مىقتاردا پىرسەنت ئايرىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بىر بۇلاق ھاسىل قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىدۇ. كۆپنىڭ رىزىقى كۆپ بولىدۇ. بىلىدىغانلارنىڭ ياراتقان قىممىتى ھەر دائىم بىلمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك كۆپ بولىدۇ.

بۇ ھەقتە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك توختىلاي. تېخىمۇ ئىنچىكە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاللاھ خالىسا يەنە توختىلارمىز. ئاخىرىدا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ھالالدىن رىزىق تېپىپ يېيىشنى بىزگە تونۇتقان ۋە مول بىلىملىرى ئارقىلىق يولۇمغا نۇر بولغان دوكتۇر بۇرھان ئۇلۇغيول ئۇستازىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيىتمەن.