Jump to content

ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Abletemir

Page contents not supported in other languages.
يېڭى تېما قوش
ئورنى Wikipedia

جۈمە نامازنى ئۆيدە ئوقۇش توغرىمۇ؟

[تەھرىر]


       بارلىق ھەمدۇ سانا ئەللاھقا خاستۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋە ئۇلارغا ياخشىلىقچە ئەگەشكەن سەلەف سالىھ ئەقىدىسىدىكى قېرىنداشلارغا ئەللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى بولغاي.
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
         جۈمە ناماز قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسكە ئاساسەن پەرزلكى ئېنىق بولغان ئىبادەتتۇر. ئەمما، قىسمەن مۇھاجىرلار  ئۆزىنى مۇساپىر ھۆكۈمىدە دەپ بىلىپ، جۈمەنى ئوقۇمايدىغان، ياكى يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن مەسچىتتە جۈمە  ئوقۇشقا قولايسىز بولۇپ قالسا، جۈمە ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. شۇڭا، مەزكۇر ماقالىدا، جۈمەگە مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم مەسىلىلەر توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرمەكچىمەن: 
       . جۈمە نامازنىڭ پەرزلىكى  ۋە جۈمە ئوقۇمىغۇچىلارغا 
بىرقىسىم ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن تەھدىت:
    1){ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئەللاھ نى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم - سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر سۈرە جۇمۇئە 9 - ئايەت- يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُون}َ سورة الجمعة9 
      2)ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ۋە ئەبۇھۇرەيرەلەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، دەپ بايان قىلىشقان: مۇسۇلمان قەۋملەر جۈمەنى تەرك ك ئېتىشتىن چوقۇم يانسۇن! بولمىسا ئەللاھ ئۇلارنىڭ قەلبىگە تامغا بېسىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن .ئۇلار غاپىللاردىن بوپقالىدۇ(سەھىھ مۇسلىم 2039- ھەدىس)- عَنْ عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عُمَرَ وَأَبَي هُرَيْرَةَ حَدَّثَاهُ أَنَّهُمَا سَمِعَا رَسُولَ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- يَقُولُ عَلَى أَعْوَادِ مِنْبَرِهِ « لَيَنْتَهِيَنَّ أَقْوَامٌ عَنْ وَدْعِهِمُ الْجُمُعَاتِ أَوْ لَيَخْتِمَنَّ اللَّهُ عَلَى قُلُوبِهِمْ ثُمَّ لَيَكُونُنَّ مِنَ الْغَافِلِينَ ». صحيح مسلم2039
    3)جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۈچ جۈمەنى ئۆزرىسىز تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تامغا بېسىۋېتىدۇ(ئىبنى ماجە توپلىغان 1126- سەھىھ ھەدىس)- عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللهِ ، قَالَ : قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى الله عَليْهِ وسَلَّمَ : مَنْ تَرَكَ الْجُمُعَةَ ثَلاَثًا ، مِنْ غَيْرِ ضَرُورَةٍ ، طَبَعَ اللَّهُ عَلَى قَلْبِهِ. سنن ابن ماجة صحيح1126
       4)ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۈچ جۈمەنى سۇسلۇق قىلىپ تەرك ئېتىدىكەن، ئەللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تامغا بېسىۋېتىدۇ(تىرمىزى توپلىغان 500- ھەسەن سەھىھ ھەدىس)- عن محمد بن عمرو قال : قال رسول الله صلى الله عليه و سلم من ترك الجمعة ثلاث مرات تهاونا بها طَبَعَ الله على قلبه سنن الترمذي حسن صحيح50
       5)ئەبۇل جەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام  شۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۈچ جۈمەنى ئۆزرىسىز تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مۇناپىقتۇر(ئىبنى ھىببان توپلىغان 258- ھەسەن سەھىھ ھەدىس)- عَنْ أَبِي الْجَعْدِ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: مَنْ تَرَكَ الْجُمُعَةَ ثَلَاثًا ـ مِن غَيْرِ عُذرٍ ـ فهو مُنافِقً صحيح ابن حبان258حسن صحيح
       6)بۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: كىمىكى ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ جۈمەنى ئۆزرىسىز تەرك ئېتىدىكەن، ئەللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تامغا بېسىۋېتىدۇ(سەھىھۇلجامىئ 11085- ھەدىس؛ تەيالىسى توپلىغان 2557- سەھىھ ھەدىس)- عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى الله عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: من ترك الجمعة ثلاث مرات متواليات : من غير ضرورة طبع الله على قلبه صحيح الجامع11085و الطيالسي2557
     2. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ جۈمە ئوقۇش سۈپەتلىرى:
   
         1)كەئب ئىبنى مالىك رەزىەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېدى:  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام  مەدىنىگە كېلىشتىن ئىلگىرى مەدىنىدە بەنى بەيازە قەبىلىسىنىڭ كۈيۈك تاشلىقىدىكى نەقىئ خەزەمات دېگەن يەردە،  ئەسئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ بىزگە جۈمە ئوقۇپ بەرگەن كىشى ئىدى. كەئبنىڭ ئوغلى: قانچە كىشى ئىدىڭلار؟ دەپ سورىغاندا، كەئب  ئىبنى مالىك: 40 كىشى ئىدۇق، دەپ جاۋاب بەردى(سۇنەن ئىبنى ماجە 1082- ھەدىس؛ ئەلبانىي: سەھىھ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 980- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 7013-  ھەدىس. ؛  ھاپىز ئىبنى ھەجەر: تەلخەس ھەبىر626- نومۇرلۇقىدا: سەھىھ، دەپ باھالىغان.  ئىبنى خۇزەيمە، بەيھەقىي، ھاكىم، زەھەبى، ئەلبانىي، ئەرنۇئۇت قاتارلىق مۇھەددىسلەر سەھىھ، دەپ باھالىغان)- عَنِ كَعْبِ بْنِ مَالِكٍ قَالَ: كَانَ (اي أَسْعَدُ) أَوَّلَ مَن صَلَّى بِنَا صَلَاةَ الْجُمُعَةِ قَبْلَ مَقْدَمِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ مَكَّةَ فِي نَقِيعِ الْخَضَمَاتِ، فِي هَزْمٍ مِنْ حَرَّةِ بَنِي بَيَاضَةَ. قُلْتُ : كَمْ كُنْتُمْ يَوْمَئِذٍ ؟ قَالَ : أَرْبَعِينَ رَجُلًا سنن ابن ماجه1082 وصحيح سنن ابي داود980 للالباني و صحيح ابن حبان7013 قال ابن حجر في التلخيص الحبير626: إسناده حسن..وصححه ابن خزيمة والبيهقي و الحاكم والذهبي والالباني والأرنؤوط.
        2)ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى جۈمە بەھرەيىننىڭ جۇۋاسا يېزىسىدىكى ئابدۇلقەيس مەسچىتىدە ئوقۇلغان(سەھىھۇلباخارى 4371- ھەدىس)- عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ ، رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا ، قَالَ : أَوَّلُ جُمُعَةٍ جُمِّعَتْ بَعْدَ جُمُعَةٍ جُمِّعَتْ فِي مَسْجِدِ رَسُولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم فِي مَسْجِدِ عَبْدِ الْقَيْسِ بِجُوَاثَى يَعْنِي قَرْيَةً مِنَ الْبَحْرَيْنِ. صحيح البخاري4371
     3)ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ساھابىلەر ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن خەت ئارقىلىق جۈمە توغرۇلۇق سوراشتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قەيەردە بولساڭلار جۈمە ئوقۇڭلار،دەپ بۇيرىدى(ئىبنى ئەبى شەيبە  5108- نومۇرلۇق، سەھىھ)- عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ ؛ أَنَّهُمْ كَتَبُوا إِلَى عُمَرَ يَسْأَلُونَهُ عَنِ الْجُمُعَةِ ؟ فَكَتَبَ : جَمِّعُوا حَيْثُمَا كُنْتُمْ. مُصنف ابن أبي شيبة5108 صحيح على شرط الشيخين
      4)ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: كەچتە ئۆيدە ياتالىغانلىكى ئادەم جۈمە ئوقۇشى كېرەك(ئىبنى ئەبى شەيبە  5113- نومۇرلۇق، سەھىھ)- عَنِ ابْنِ عُمَرَ ؛ أَنَّهُ قَالَ : الْجُمُعَةُ عَلَى مَنْ آوَاهُ الْمَرَاحُ. مُصنف ابن أبي شيبة5113أسناده صحيح.
        3.  مەدىنىگە كېلىپ جۈمە ئوقۇغان چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى ۋە يەتكەن ئەزىيەتلەردىن قىسقىچە نەمۇنە:
       
     تەۋبە بېرىلگەن ئۈچ كىشىنىڭ بىرى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنەدە مۇسۇلمانلار، بۇتقا چوقىنىدىغان مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلار ئارىلاش ئىدى.
      كەئب ئىبنى ئەشرەف رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە قۇرەيش كاپىرلىرىنى كۈشكۈرتەتتى. باشقا مۇشرىك ۋە يەھۇدىيلارمۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامغا ئازار بېرەتتى. ئەللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامغا سەبرىگە ۋە ئەپۇ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ ھەقتە ئەللاھ بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ‹‹سىلەر ماللىرىڭلاردا ۋە جانلىرىڭلاردا چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئەللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر

سۈرە ئال ئىمران 186 - ئايەت››(ئەبۇداۋۇد توپلىغان3000- ھەدىس، سەھىھ)- عن كعب وكان أحد الثلاثة الذين تيب عليهم وكان كعب بن الأشرف يهجو النبي صلى الله عليه وسلم ويحرض عليه كفار قريش وكان النبي صلى الله عليه وسلم حين قدم المدينة وأهلها أخلاط منهم المسلمون والمشركون يعبدون الأوثان واليهود وكانوا يؤذون النبي صلى الله عليه وسلم وأصحابه فأمر الله عز وجل نبيه بالصبر والعفو ففيهم أنزل الله (لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتابَ مِنْ قَبْلِكُمْ «وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذىً كَثِيراً وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ) الآية سنن أبي داود3000 صحيح الإسناد

       4. جۈمە نامازنى ئۆيدە ئوقۇشنىڭ ھۆكۈمى
       ئەسلىدە جۈمە مەسچىتلەردە ئوقۇلۇشى كېرەك. شۇڭا، كۆپىنچە ئالىملار ئۆيدە جۈمە ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ پەتىۋا بېرىشكەن.  مەسچىتتە جۈمە ئوقۇغۇدەك شارائىت تۇرۇپ، ئۆيدە جۈمە ئوقۇش توغرا ئەمەس.  ئەمما،  ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن مەسچىتتە ئوقۇيالماي قالسا، ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىس ۋە ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسى بار:
      ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: جۈمە كۈنى كىشىلەر يامغۇردا قەپقالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام مۇنداق ئېلان قىلىشقا بۇيرىدى: بۈگۈن نامازنى ياكى بۈگۈن جۈمە نامازنى ئۆيدە ئوقۇڭلار(مۇسنەد ئەھمەد20280- ھەدىس؛ سەھىھ سۇنەن ئەبۇداۋۇد968- ھەدىس، سەھىھ).- 

عَنِْ أُسَامَةَ قَالَ : أَصَابَ النَّاسَ فِي يَوْمِ جُمُعَةٍ - يَعْنِي - مَطَرًا، فَأَمَرَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَنُودِيَ أَنِ الصَّلَاةَ الْيَوْمَ أَوِ الْجُمُعَةَ الْيَوْمَ فِي الرِّحَالِ مسند احمد20280 وصحيح سنن ابي داود968 الراوي ابو بشر ثقة الثقات لابن حبان9866 ولابن ابي حاتم1631.

      ئەھلى سۈننەت مەسچىتى تېپىلمىسا، جۈمەنى ئۆيدە ئوقۇشقا بولىدۇ.

(ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب تورى 218180- نومۇرلۇق پەتىۋا- Ruling on praying Jumu‘ah at home if there is no Sunni mosque)

      سوئال: بىز ئەھلى سۈننەت مەسچىتى يىراق جايدا تۇرىمىز. بىز جۈمەدىن باشقا بارلىق پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئۆيدە ئوقۇيمىز. ھەتتا تەراۋىھ نامىزىنى ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنىمۇ ئۆيدە ئوقۇيمىز. جۈمە نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇساق توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: بارلىق ھەمدۇسانا ئەللاھقا خاستۇر.

     ئەسلى پەرز نامازلار مەسچىتتە ئوقۇلۇشى كېرەك. كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، جۈمەنىڭ ئادا تېپىشى ئۈچۈن مەسچىت شەرت ئەمەس(ئىسلام سوئال جاۋاب تورى 153872 - نومۇرلۇق پەتىۋادا مۇنداق دېيىلگەن: جۈمەنىڭ ئادا تېپىشى ئۈچۈن، مەسچىت ياكى جامى شەرت ئەمەس... خۇلاسە: مۇسۇلمانلارنىڭ مەخسۇس ناماز ئوقۇيدىغان ئورنى بولمىسا، ياكى مەسچىتكە يېقىن جايغا ۋە ياكى ئىسلامىي مەركەزگە بېرىشقا مۇمكىن بولمىسا، جۇمھۇر ئالىملارنىڭ قارىشىدا، جۈمەنى مەسچىتتىن باشقا ئورۇندا ئوقۇسا توغرا).

شەھەردە ئەھلى سۈننەت مەسچىتى تېپىلمىسا، ئەھۋالغا قاراش كېرەك:

    ئەگەر، مەسچىتتە بىدئەت ۋە ھاۋايى- ھەۋەسچىلەرنىڭ بىدئىتى كۇپرىغا، دىندىن چىقىپ كېتىشكە قەدەر بولسا، بۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش قەتئى توغرا ئەمەس(تەپسىلاتى 20885- نومۇرلۇق پەتىۋادا).

. بۇ چاغدا، ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلار ئۆي ۋە باشقا ئورۇندا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىدئىتى ئىسلامدىن چىقىرىۋەتمىغۇدەك بولسا، ھەقىقى ئەھلى سۈننەت ئىمام تېپىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ(تەپسىلاتى 72441- نومۇرلۇق پەتىۋادا).

    بۇلارغا ئاساسەن، مەسچىت ئىماملىرىنىڭ بىدئىتى كۇپرىغا، دىندىن چىقىپ كېتىشكە ئاپارمىسا، خۇسۇسەن جۈمە ۋە باشقا پەرز نامازلارنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇسا بولىدۇ
      ئەگەر، ئىمامنىڭ بىدئىتى كۇپرىغا ئاپارسا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، بۇ چاغدا، ئۆيدە جۈمە نامىزى ئوقۇش شەرىئەتتە بار. بۇ مەسىلىنى شەيخ ئابدۇراخمان بەرراكتىن سورىساق: جۈمەنى ئۆيدە ئوقۇيدۇ، دەپ پەتىۋا بەردى.

«بەھرۇررائىق»، ناملىق كىتابتا: ئەمىر قورغان ئىشكىنى تاقاپ قويغان بولسا، ئەسكەرلەر قورغان ئىچىدە جۈمە نامىزى ئوقۇسا، توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، جۈمەنىڭ ئادا تېپىشىنىڭ شەرتى: ئاشكارا ئوقۇشتۇر. ئەگەر قورغان ئىشكى ئېچىلىپ، سىرىتتىكى جامائەتنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلسە، قورغاندا جۈمە ئوقۇش مەكرۇھلۇق بىلەن ئادا تاپىدۇ. چۈنكى، مەسچىتتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ شۇئارى، دىننى خۇسۇسىيىتى بولغان مەسچىت ھەققىنى بەجا كەلتۈرەلمىگەن بولىدۇ. شۇڭا، جۈمەنى ئاشكارا ئوقۇش ۋاجىب، دېيىلگەن.

      مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، جۈمەنى ئاشكارا ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار، ئەسلى توغرىسى مۇشۇ. ھەتتا بەزى ئەھلى ئىلىملەر: جۈمەنىڭ ئادا تېپىشىغا ئاشكارا ئوقۇلۇشنى شەرت قىلىشقان.

. ئەگەر، قورقۇنچ ياكى پىتنە پەيدا بولۇشتەك شەرئىي ئۆزرە سەۋەبىدىن ئەزاننى، جۈمەنى ئاشكارا ئوقۇشقا قادىر بولالمىساڭلار، ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدىغان بولغاچقا، جانغا ۋە مالغا خەۋپ يەتكەندە جۈمەنىڭ ۋاجىب بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، جۈمەنى ئۆيدە يوشۇرۇن ئوقۇسا بولىدۇ.

     ئەللاھ ھەممىگە ئالىمدۇر.
      پەتىۋا تامام.
    5. جۈمە ناماز  ئۈچۈن ئىككى ئادەمنىڭ يېتەرلىك جامائەت بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق پەتىۋا.
     رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن ئەڭ كۆپ ھەدىس كۆرگەن ۋە تەھقىقلىگەن   فەقىھ ۋە مۇھەددىس شەيخ ئەلبانىي جۈمە ناماز جامائەت سانى توغرۇلۇق مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: بەش ۋاقت ناماز ئۈچۈن، ئىككى ئادەم جامائەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈمەمۇ ئاشۇ نامازلار قاتارىدىن بولغاچقا، جۈمە ناماز جامائىتى ئۈچۈنمۇ ئىككى ئادەم يېتەرلىك.
      ئىككىدىن كۆپ ئادەم بولۇشى لازىم  دېگۈچى دەلىل ئەكىلىشى لازىم. ئەمما بۇنىڭغا دەلىل يوق.

بىر يۇرتتا ئىككىلا ئادەم بار بولسا، بىرسى خۇتبە ئوقۇيدۇ، يەنە بىرسى خۇتبە ئاڭلاپ، ئىككىسى جۈمە نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ.

    خۇلاسە شۇكى، بىر يۇرتتا ئىككى مۇسۇلمان ياشىغان بولسا، باشقا نامازغا ئىككى ئادەم جامائەتكە شەرتى توشقىنىدەك، ئىككى ئادەمنىڭ جۈمەنى ئادا قىلىشقىمۇ شەرتى توشىدۇ(شەيخ ئەلبانىي: ئەلئەجۇبەتۇننافىئە 1- قىسىم 78- بەت).
      6. مۇساپىرنىڭ جۈمەگە ئىمام بولۇشى توغرۇلۇق پەتىۋا.

     مۇساپىر جۈمەگە ئىمام بولسا بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا سەلەفىي ئالىملاردى شەيخ بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق، شەيخ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلارنىڭ4093- نومۇرلۇق پەتىۋادا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن:  ئالىملارنىڭ ئەڭ سەھىھ سۆزى شۇكى، ئىمامەتچىلىككە لايىق كىشى بولسا، مۇساپىر كىشى مۇقىم جامائەتنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولسا بولىدۇ،دەپ پەتىۋا بېرىلگەن(ئەمما، مۇساپىرلارنىڭ ئايرىم جامائەت بولۇپ جۈمە ئوقۇشى توغرا ئەمەس. يەنى مۇقىم جامائەت بىلەن مۇساپىر ئارىلاش ياشىغان يۇرتتا، مۇساپىرمۇ جۈمە ئوقۇشى كېرەك).

      7. مۇقىم ئادەم ئارىسىدا تۇرغان مۇساپىرنىڭ جۈمەگە قاتنىشىشى ۋاجىب

‏ ئەھلى سۈننەت ئالىمى شەيخ ئۇسەيمىن مۇساپىرنىڭ جۈمەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەللاھنىڭ تۆۋەندىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن، مۇساپىر جۈمە ئوقۇلىدىغان جايدا جۈمەگە بېرىشقا قىيىنچىلىق بولمىسا، مۇساپىردىن جۈمە ساقىت بولمايدۇ: يەنى قۇرئان كەرىم جۈمە سۈرىسىدىكى: «- ئى مۆمىنلەر! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئەللاھنى ياد ئېتىشكە(خۇتبە ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار. ئېلىم - سېتىمنى تەرك ئېتىڭلار- يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسَعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ) (الجمعة: من الآية9)»، دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسان، مۇساپىرنىڭ يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن جۈمە ئوقۇشى ۋاجىب(ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە خەت - چەكلەر مەجمۇئەسى 15- قىسىم 333- بەت).

      8. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئۇقۇغان جۈمە خۇتبىسى 
    بارلىق ھەمدۇسانا ئەللاھقا خاستۇر. ئەللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمىز، ئەللاھتىن گۇناھىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيمىز. ئەللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ شەررىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئەللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ كىشى ئازدۇرالماس، ئەللاھ ئازدۇرغان(ھەقنى كۆرۈپمۇ قوبۇل قىلمىغان پاسىق) ئادەمنى ھېچ كىشى ھىدايەت قىلالماس(چۈنكى «ئەللاھ دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ(سۈرە بەقەرە). پاسىقنىڭ دەلىلنى كۆرۈپمۇ ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى- پاسىق زىيىنىغا- ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە دەلىل بولغانلىقى- ئاللاھنىڭ پاسىقنى ئازدۇرغانلىقىدۇر).
     چوقۇمكى، سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى- ئەللاھنىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى- رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ زىيانلىقى- دىنغا قوشۇلغان يېڭى ئىشلاردۇر. دىنغا قوشۇلغان بارلىق يېڭىلىق- بىدئەتتۇر. بارلىق بىدئەتنى سادىر قىلغۇچى ئازغۇنلۇقتىدۇر. بارلىق ئازغۇن دوزاختىدۇر-
      إِنَّ الْحَمْدَ لِلَّهِ نَحْمَدُهُ وَنَسْتَعِينُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ وَنَعُوذُ بِاللَّهِ مِنْ شُرُورِ أَنْفُسِنَا وَمِنْ سَيِّئَاتِ أَعْمَالِنَا مَنْ يَهْدِهِ اللَّهُ فَلاَ مُضِلَّ لَهُ وَمَنْ يُضْلِلْهُ فَلاَ هَادِىَ لَهُ إِنَّ أَصْدَقَ الْحَدِيثِ كِتَابُ اللَّهِ وَأَحْسَنَ الْهَدْىِ هَدْىُ مُحَمَّدٍ وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ(سۇنەنۇن نەسەئىي 1589 - نومۇرلۇق ھەدىستىن).
      9. ‹‹ق›› سۈرىسىنى جۈمە خۇتبىسىگە ئوقۇش سۈننەت
      ئەمرەنىڭ سىڭلىسى شۇنداق دېگەن:  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ‹‹ق›› سۈرىسىنى ھەرجۈمە مىنبەردە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن يادقا ئېلىۋالدىم(سەھىھ مۇسلىم2049- ھەدىس)
      10. جۈمە ناماز قىرائىتىگە ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر
       رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام بەزىدە بىرىنچى رەكەتكە سۈرە جۈمەنى ياكى سۈرە غاشىيەنى؛ ئىككىنچى رەكەتكە سۈرە مۇنافىقۇننى ئوقۇيتتى( سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد)؛      
       بەزىدە بىرىنچى رەكەتكە سۈرە ئەئلانى؛ ئىككىنچى رەكەتكە سۈرە غاشىيەنى ئوقۇيتتى( سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنۇ ئەبى داۋۇد)

11. جۈمەنىڭ جامائەت سانىغا قارىتا بىرقانچە كاززابلىققا رەددىيە

      1)جۈمەنى سۇلتان ياكى ئورۇنباسارى ئوقۇپ بېرىدۇ، دېگەن كاززابلىق
      بۇ بويىچە بولغاندا  سۇلتان قاتارلىق شەرىئەت ھۆكۈمدارى بولمىغان يۇرتتا گەرچە جۈمە ئوقۇلسىمۇ، بىر شەرتى كام قالغان ھېسابلىنىپ، جۈمەنىمۇ ئوقۇيدۇ، ئېھتىيات پېشىن دەپ ئەللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىر شەرىئەت ئىجاد قىلىشقان. شۇڭا، ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بىرى جۈمەدىن كېيىن ئېھتىيات پېشىن دەيدىغان غەلىتە نامازنى ئوقۇپ كەلگەن. تاكى ئۇيغۇرلاردا بىرقىسىم سەلەفىي قاراشتىكى ئالىملار ئېھتىيات پېشىننىڭ ئەھلى دوزىخى ئەمەلى بولغان بىدئەت ئىكەنلىكىنى دەپ يۈرۈپغ ئازبىرقىسىم ئۇيغۇر مەزكۇر بىدئەت نامازدىن يىراق تۇرغان بولسا، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر يەنىلا ئاشۇخىل بىدئەت نامازنى ئوقۇپ كەلگەن. ھەتتا تۈركىيىگە كېلىپمۇ يەنە تۈركىيىدىمۇ  جۈمەنى ئوقۇپ بېرىدىغان سۇلتان يوق دەپ جۈمەنىڭ ئادا تېپىشىغا گۇمان بىلەن قاراپ، جۈمەدىن كېيىن ئېھتىيات پېشىندىن ئىبارەت بىدئەت ئەمەل بىلەن ئۆزىنى گوللاۋاتقانلار خېلى بار. بۇندىن باشقا، تۈركىيىدىمۇ ئەبۇھەنزەلە دەپ بىر دەۋەتچى بالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇپ، تۈركىيىدە جۈمە ئوقۇلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. مەن ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىي: تۈركىيىدە جۈمە ئوقۇشقا بولىدۇ، دەپ بىرپارچە ماقالە يازغانمەن.
      2)جۈمەنى ئوقۇش ئۈچۈن شەھەر بولۇشى كېرەك، دېگەن كاززابلىق. 
      بۇمۇ شەرىئەتتىن قىلچە دەلىلى يوق كاززابلىق بولۇپ، بۇ بويىچە، چەت سەھرا يېزىلاردا ۋە ئۆيدە جۈمە ئوقۇشقا بولمايدۇ، دېگەن دەلىلسىز ھۆكۈم ئوتتۇرغا چىققان.
        3)جۈمە نامازنى ئىككى  ئادەم بىلەن ئوقوسا ئادا تاپمايدۇ، دېگەن كاززابلىق.
      جۈمە باشقا نامازلار نىلەن ئوخشاش پەرز بولۇپ، باشقا نامازلارنى ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغۇلى بولغانىكەن، جۈمەنىمۇ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇسا ئادا تاپىدۇ. ئادا تاپمايدۇ، دېگەنلەر دەلىل ئەكىلىشى كېرەك. جامائەتنىڭ ئاز بولغاندا ئىككى ئادەم ئىكەنلىكىگە دەلىل:  مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: ئىككى ئادەم سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام يېنىغا كەلگەندە، رەسۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ئۇ ئىككىسىگە: سەپەرگە چىقساڭلار، ئەزان ئېيتىڭلار ۋە تەكبىر ئېيتىڭلار. چوڭراقىڭلار ئىمام بولسۇن(سەھىھۇلبۇخارىي 630- ھەدىس)- عن مَالِكِ بْنِ الْحُوَيْرِثِ ، قَالَ : أَتَى رَجُلَانِ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، يُرِيدَانِ السَّفَرَ، فَقَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ :  إِذَا أَنْتُمَا خَرَجْتُمَا، فَأَذِّنَا ثُمَّ أَقِيمَا، ثُمَّ لِيَؤُمَّكُمَا أَكْبَرُكُمَا صحيح البخاري630.
      ئەمما جەھمىي مۇرجىئىي ئۇيغۇرلار قۇرئان بىلەن ئوخشاش دەپ بىلىدىغان(ئابدۇلھەي: ھىدايە مۇقەددىمىسى 12- بەتكە قاراڭ) مەشھۇر دىنى قانۇن كىتابى«ھىدايە» دە: جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن جامائەت سانىغا قارىتا 14 خىل قاراش بايان قىلىنغان:
 1.  ئەبۇ ھەنىفە: ئىمامدىن باشقا ئۈچ ئادەم؛
 2.  ئىككى شاگىرتى: ئىمامدىن باشقا ئىككى ئادەم؛
 3.  ئىمامدىن باشقا بىر ئادەم؛ 
 4. يەتتە ئادەم؛
 5. توققۇز ئادەم؛
 6. ئون ئىككى ئادەم؛
 7. ئون ئۈچ ئادەم؛
 8. يىگىرمە ئادەم؛
 9. ئوتتۇز ئادەم؛
 10. ئىمامدىن باشقا قىرىق ئادەم؛
 11. قىرىق ئادەم؛
 12. ئەللىك ئادەم؛
 13. سەكسەن ئادەم؛
 14. ساناقسىز(بەدرىدىن ئەينى:ھىدايە شەرھى3/66).
     ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىگە تاىينىپ چىقىرىلغان شەرىئەت بولۇپ، ھېېقايسىسىغا  شەرىئەتتىن: مانچە ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتمە يوق.
      12. جۈمەگە قوشۇلغان بىرقىسىم بىدئەتلەر:
      
       1)ناماز ئۈچۈن مەخسۇس سەللە كىيىش بىدئەت(شەيخ ئەلبانىي: ئەلئەجۇبەتۇننافىئە 1- قىسىم 38- بەت).
       2)جۈمەدىن ئاۋال تۆت رەكەت ناماز ئوقۇش بىدئەت(شەيخ ئەلبانىي: ئەلئەجۇبەتۇننافىئە 1- قىسىم 38- بەت).
      3)مەسچىت ئىچىدە ئىككى ئەزان ئېيتىش بىدئەت(ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشقان بىر ئەزان مەسچىت سىرتىدا، بازارغا يېقىن‹‹زەۋرا››دۆڭلۈكىدە ئوقۇلغان(شەيخ ئەلبانىي: ئەلئەجۇبەتۇننافىئە 1- قىسىم 23- بەت).
      4)جۈمەدىن كېيىن پېشىن ناماز ئوقۇش بىدئەت(شەيخ بىن باز: مەجمۇئ فتاۋا 12- 365)
       5)پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت(بۇ ئورۇندا قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلىش سۈننەت)(ئالبانى:زەئىف ۋە يالغان ھەدىسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگەن بالايى - ئاپىتى 2544 -نومۇرلۇق زەئىف ھەدىس خۇلاسىسىدىن)
      6)نامازدىن كېيىن زىكر- تەسبىھتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت(سەئۇدىي  پەتىۋا، ئىلمى تەتقىقات دائىمى كومىتېتى 16458 -نومۇرلۇق پەتىۋا)
      
      13. بىدئەت توغرۇلۇق بىرقانچە ھەدىس
       
       تۆۋەندە بىدئەت ۋە بىدئەتچى توغرۇلۇق بىرقانچە ھەدىس بىلەن تونىشىپ چىققايسىلەر:
          1)رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: كىمىكى بىدئەت پەيدا قىلىدىكەن، ياكى بىدئەتچىگە ئورۇن بېرىدىكەن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتەلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئەمەلى قوبۇل قىلىنمايدۇ(مۇسنەد ئەھمەد959- ھەدىس؛ سەھىھۇلبۇخارىي 3179 ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 2036 - ھەدىس؛ ئىبنى ھىببان 3717 - ھەدىس).- قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: من أحدث حدثاً  او اوى محدثا فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين ، لا يقبل منه صرف ولا عدل رواه احمد959 ورواه البخاري3179 وغيره)
       2)سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى ھەۋزى كەۋسەر يېنىدا ساقلاپ تۇرىمەن. يېنىمدىن ئۆتەلىگەن كىشى ئۇنىڭدىن ئىچەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن ئىچكەن كىشى مەڭگۈ ئۇسسىمايدۇ. ئەلۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر يېنىمغا كېلىدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. ئاندىن ئارىلىقىمىز توسۇلۇپ قالىدۇ. مەن : ئۇلار مېنىڭ ئۈممىتىم ئىدى، دەيمەن. ئاندىن ماڭا: سەن ئۇلارنىڭ سەندىن كېيىن بىدئەتلەرنى قانداق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن، دېيىلىدۇ. مەن : مەندىن كېيىن بىدئەت پەيدا قىلىپ (شەرىئەتنى) ئۆزگەرتىۋەتكەنلەردىن مەن يىراق، مەن يىراق، دەيمەن(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).-  عن سهل بن سعد يقول سمعت النبي صلى الله عليه وسلم يقول أنا فرطكم على الحوض فمن ورده شرب منه ومن شرب منه لم يظمأ بعده أبدا ليرد علي أقوام أعرفهم ويعرفوني ثم يحال بيني وبينهم فاقول: إنهم مني فيقال إنك لا تدري ما بدلوا بعدك فأقول سحقا سحقا لمن بدل بعدي، متفق عليه.
       3) رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: ئىشلارنىڭ ئەڭ زىيانلىقى- دىنغا قوشۇلغان يېڭى ئىشلاردۇر. دىنغا قوشۇلغان بارلىق يېڭىلىق- بىدئەتتۇر. بارلىق بىدئەتنى سادىر قىلغۇچى ئازغۇنلۇقتادۇر. بارلىق ئازغۇن دوزاختادۇر(سۇنەنۇن نەسەئىي 1589 - نومۇرلۇق ھەدىستىن). - قال رسول الله صلي الله عليه وسلم: وَشَرَّ الأُمُورِ مُحْدَثَاتُهَا وَكُلَّ مُحْدَثَةٍ بِدْعَةٌ وَكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلَّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّار، سنن النسائ برقم:1589
         4)  رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام شۇنداق دېگەن: شەك شۈبھىسىزكى، ئەللاھ بارلىق بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى چەكلىۋەتتى(تەبرانىي: ئەلمۇئجەم ئەۋسەت4202- ھەدىس؛ بەيھەقىي: شۇئەبۇلئىمان9011- ھەدىس؛ ئەلبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1620- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس).-  عن أنس قال قال رسول الله صلى الله عليه وسلم :إن الله حجب التوبة عن كل صاحب بدعة. المعجم الاوسط للطبراني4202 والبيهقي في شعب الايمان9011 وسلسلة الاحاديث الصحيحة للالباني1620 
        5)ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: كىشىلەر بىدئەتنى ھەسەنە(ياخشى) دەپ خاتا قارىغان بولسىمۇ، بارلىق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر(مۇھەممەد مەرۋەزىي: سۈننەت82- نومۇرلۇق ھەدىس، سەھىھ).-عن ابن عمر قال كل بدعة ضلالة وان رآها الناس حسنا. السنة للمروزي82
        6)ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: سۈننەتكە ئەگىشىڭلار، بىدئەت پەيدا قىلماڭلار، سۈننەت سىلەرگە يېتەرلىكتۇر. ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر(سۇنەن دارىمىي211- ھەدىس، سەھىھ).- عن ابن مسعود قَالَ: «اتَّبِعُوا وَلَا تبتدعوا فَقَدْ كُفِيتُمْ، وُكلُّ بِدْعَةٍ ضَلَالَةٌ» سنن الدارمي211 صحيح
     
      قوشۇمچە: 
     تۈركىيىدە تۇرۇپ، ھامان باشقا يەرگە كېتىمەن، ياكى ۋەتەنگە كېتىمەن، دەپ نىيەت قىلغان مۇھاجىرلارمۇ ھازىر ئاساسەن مۇقىم كىشىلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ قالدى. 
      سەۋەبى:  مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن باشقا ياخشىراق شەرىئەتكە ئەمەل قىلىپ ياشىيالايدىغان بىرەر يۇرت ھازىرچە تېپىلماي، تۈركىيىدە ئۇزاق تۇرۇپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچەيدى. بولۇپمۇ تۈرك ۋەتەنداشلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان ئۇزۇن دۈنەم ئىقامەتنىڭ بېرىلىشى ئامالسىز بولسىمۇ تۈركىيدە خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشقا قارىتا كاللىدا سان پەيدا بولۇپ بولدى.     
      دېمەك، ئەمدى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ھەرقانچە خالىمىسىمۇ، دۇنيادا تۈركىيەدىن ياخشىراق بىر ئورۇن ھازىرچە بىلىنمىدى. مەزكۇر مۇھاجىرلارمۇ مۇقىم قاتارىغا كىرىپ قالغان بولۇپ، نامازنى قەسر قىلىش، جۈمەنى ئوقۇماسلىقنى توختىشىش ۋاقتى كېلىپ قالدى.  شۇڭا، مەن مۇساپىر، دەپ نامازنى قەسر قىلىپ، جۈمەنىمۇ ئوقۇماسلىق توغرا ئەمەس. تۈركىيەدىكى بارلىق مۇھاجىرلار نامازنى تولۇق ئوقۇپ، جۈمەنىمۇ ئوقۇشنى باشلىۋېلىشى كېرەك. ئۈچ جۈمەنى ئوقۇمىغان مۇھاجىرلارنىڭ ئۆزرىسى ئېتىراپ قىلىنماي قېلىپ، ئەللاھنىڭ ئۇنى مۇناپىق  قاتارىدا قەلبىگە تامغا بېسىۋېتىلىپ قېلىشتىن دىققەت قىلىشى كېرەك.
       تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىي

پىتىر زاكىتىغا ھەدىستىن پەتىۋا

[تەھرىر]


بارلىق ھەمدۇسانا ئەللاھقا خاستۇر. ئەللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامغا، ئائىلىسىگە، بارلىق ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارغا قىيامەتكىچە ئەگەشكەن بارلىق ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلارغا بولغاي.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مۇسۇلمانلار چوقۇم قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەگىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئۆزىنى مۇھاجىر دەپ ئاتىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تېخىمۇ بەك قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئەگىشىپ ۋە ئەمەل قىلىپ، بىدئەت- خۇراپاتلىقلاردىن يىراق تۇرۇشى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتمەي، ئادا قىلىشى كېرەك. شۇ قاتاردا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام يېمەكلىك بېرىشكە بۇيرىغان، ساھابىلەردىن بىرەرسىمۇ مەزكۇر بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، پۇل بېرىپ باقمىغان دىنى ئەمەل: پىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىشتۇر. مۇشۇ ھەقتە، ئىزدەنگەنلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي:

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام پىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىشنى مۇنداق پەرز قىلغان:

       1.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپىنى قۇل، ھۆر، ئەر، ئايال،چوڭ، كىچىك مۇسۇلمانلارغا پىتىر زاكىتىنى پەرز قىلدى. ھەمدە رەسۇلۇللاھ: پىتىر زاكىتىنى كىشىلەر نامازغا چىقىشتىن ئاۋال ئادا قىلىشقا بۇيرىدى(سەھىھۇلبۇخارىي1503- ھەدىس).- عَنِ ابْنِ عُمَرَ - رضى الله عنهما - قَالَ فَرَضَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم - زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ ، أَوْ صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ عَلَى الْعَبْدِ وَالْحُرِّ ، وَالذَّكَرِ وَالأُنْثَى ، وَالصَّغِيرِ وَالْكَبِيرِ مِنَ الْمُسْلِمِينَ ، وَأَمَرَ بِهَا أَنْ تُؤَدَّى قَبْلَ خُرُوجِ النَّاسِ إِلَى الصَّلاَةِ . صحيح البخاري1503
      2. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيسىھھالات ۋەسسالام شۇنداق بۇيرۇق قىلغان: پىتىر زاكىتىغا بىر سا يېمەكلىك بېرىڭلار(بەيھەقىي: سۇنەن كۇبرا7956- ھەدىس؛ ئەبۇنۇئەيىم: ھىليە ئەۋلىيا3\12؛ ئەلبانىي: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى1179- ھەدىس).-  عن ابن عباس قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم - أدوا صاعًا من طعام في الفطر. السنن الكبرى للبيهقي7956 و حلية الأولياء لأبى نعيم الأصبهاني3\12و الصحيحة للالبانى 1179
      3. ئابدۇللاھ ئىبنى سۇئلەبە  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيسىھھالات ۋەسسالام شۇنداق بۇيرۇق قىلغان: پىتىر زاكىتىنى ھۆر، قۇل، چوڭ ۋە كىچىكلەر ئۈچۈن، يېرىم سا بۇغداي، ياكى بىر سا خورما، ياكى بىر سا ئارپا بېرىڭلار(مۇسنەد ئەھمەد23663- ھەدىس؛ سۇنەن دارىقۇتنىي39- ھەدىس؛ ئەلبانىي: سەھىھ جامىئ241- ھەدىس).- عن عبد الله بن ثعلبة قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -أدُّوا صَاعا مِنْ بُرَ أَو قَمْحٍ بَيْنَ اثْنَيْنِ أوْ صَاعا مِنْ تَمْرٍ أَو صَاعا مِنْ شَعِيرٍ على كلِّ حُرَ وعَبْدٍ صَغيرٍ وكبير مسند احمد23663 وسنن الدارقطنى39 و صحيح الجامع241
       4. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ  ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام  روزىدارنىڭ ئاغزىنى بىھۇدە سۆز ۋە سېسىق گەپلەردىن تازىلاش ئۈچۈن، مىسكىنلەرگە يېمەكلىك بولسۇن دەپ، پىتىر زاكىتىنى پەرز قىلدى. ئۇنى ھېيىت نامىزىدىن ئاۋال بەرسە مەقبۇل، كىيىن بەرسە سەدىقىلەر قاتارىدا بولىدۇ يەنى پىتىر زاكىتى ئادا تاپمايدۇ، دېگەن(سەھىھ ئەبۇداۋۇد 1427- ھەدىس).- عن ابن عباس قال:فرض رسول الله صَلَّى اللَّهُ عَلَيهِ وَسَلَّمَ زكاةَ الفِطْرِ: طُهْرةً للصائم من اللَّغْوِ والرَّفَثِ، وطُعْمَةً للمساكينِ، مَنْ أدَّاها قبل الصلاة؛ فهي زكاةٌ مقبولةٌ، ومَنْ أدَّاها بعد الصلاة؛ فهي صَدَقَةٌ من الصدقات. صحيح سنن أبي داود1427 حسن.
       ساھابىلەر پىتىر زاكىتىنى مۇنداق ئادا قىلىشقان:
       1. ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: بىز ساھابىلەر پىتىر زاكىتى ئۈچۈن  بىر سائ يېمەكلىك، ياكى بىر سا ئارپا، ياكى بىر سائ خورما، بىر سائ پىشلاق، بىر سائ  قۇرۇق ئۈزۈم بېرەتتۇق(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان؛ مىشكات مەسابىھ1816- ھەدىس).- عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ قَالَ: كُنَّا نُخْرِجُ زَكَاةَ الْفِطْرِ صَاعًا مِنْ طَعَامٍ أَو صَاعا من شعير أَو صَاعا من تَمْرٍ أَوْ صَاعًا مَنْ أَقِطٍ أَوْ صَاعًا من زبيب (مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ)مشكاة المصابيح1816
       2. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشۇندىكىلەرگە خەت يېزىپ شۇنداق بۇيرىغان: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن پىتىر زاكىتىغا بىر سا ئارپا، ياكى بىر سا خورما، ياكى ئىككى مۇد بۇغداي بېرىڭلار(ئىبنى زەنجەۋىھ: ئەمۋال2373- نومۇر، سەھىھ).-  أَنَّ عُمَرَ بْنَ الْخَطَّابِ كَتَبَ إِلَى الْأَجْنَادِ فِي زَكَاةِ الْفِطْرِ: «أَنْ أَدُّوا صَاعًا مِنْ شَعِيرٍ، أَوْ صَاعًا مِنْ تَمْرٍ، أَوْ مُدَّيْنِ مِنْ قَمْحٍ، وَأَعْطُوا مِنْ أَصْفَى مَا عِنْدَكُمْ» الأموال لابن زنجويه2373 صحيح
       3. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام دەۋرىدە، سىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەمدە، پىتىر زاكىتى ئۈچۈن ئىككى مۇد بۇغداي بېرەتتۇق(مۇسنەد ئەھمەد26936- ھەدىس، سەھىھ).-عَنْ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ، قَالَتْ: " كُنَّا نُؤَدِّي زَكَاةَ الْفِطْرِ عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُدَّيْنِ مِنْ قَمْحٍ، بِالْمُدِّ الَّذِي تَقْتَاتُونَ بِهِ "مسند أحمد26936 صحيح
      4. ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا، پىتىر زاكىتى توغرۇلۇق گە بولۇنغاندا، ئەبۇسەئىد شۇنداق دېدى: مەن پەقەت رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام دەۋرىدە نېمىنى بەرگەن بولسام شۇنى بېرىمەن. بىرەيلەن: ئىككى مۇد بۇغداي بېرىشچۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇسەئىد: ئىىكى مۇد بۇغداي بېرىش توغرا ئەمەس. بۇ، مۇئاۋىيەنىڭ ئۆلچىمى. ئۇنى قوبۇل قىلمايمەن، ئەمەلمۇ قىلمايمەن، دېدى(سەھىھ ئىبنى ھىببان3295- ھەدىس).- قَالَ أَبُو سَعِيدٍ الْخُدْرِيُّ - وَذَكَرُوا عِنْدَهُ صَدَقَةَ رَمَضَانَ - فَقَالَ:

لَا أُخرِجُ إِلَّا مَا كُنْتُ أُخرِجُ فِي عَهْدِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صَاعَ تمرٍ أَوْ صَاعَ شعيرٍ أَوْ صَاعَ أَقِطٍ فَقَالَ لَهُ رَجُلٌ مِنَ الْقَوْمِ: أَوْ مُدَّين مِنْ قَمْحٍ؟ فَقَالَ: لَا تِلْكَ قِيمَةُ مُعَاوِيَةَ لَا أَقْبَلُهَا وَلَا أَعْمَلُ بِهَا حسن صحيح صحيح ابن حبان3295

      5. ئەبۇمىجلەز ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق دېگەن: ئەللاھ ياخشى (بايلىق)لارنى كۆپ بەردى. (پىتىر زاكىتىغا) خورمىدىن بۇغداي ياخشى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شۇنداق دېگەن: مەن پىتىر زاكىتىنى مېنىڭ ھەمراھىم(رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ۋە ساھابىلەر) نېمىنى بەرگەن بولسا، شۇنى بېرىمەن. مەن شۇلار ماڭغان يولدا مېڭىشنى خالايمەن(ئىبنى زەنجەۋىھ: ئەمۋال2390- نومۇر، سەھىھ).- عَنْ أَبِي مِجْلَزٍ، قَالَ: قُلْتُ لِابْنِ عُمَرَ: قَدْ أَكْثَرَ اللَّهُ الْخَيْرَ، وَالْبُرُّ أَفْضَلُ مِنَ التَّمْرِ، فَقَالَ: «إِنِّي أُعْطِي مَا كَانَ يُعْطِي أَصْحَابِي، سَلَكُوا طَرِيقًا فَأُرِيدُ أَنْ أَسْلُكَهُ» الأموال لابن زنجويه2390صحيح
      6. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يىغىلغان پىتىر زاكىتىنى روزا ھېيت نامىزىدىن ئىككى ياكى ئۈچ كۈن ئىلگىرى پېقىرلارغا ئەۋەتەتتى(مۇۋەتتا مالىك777- نومۇر، سەھىھ).- عن عَبْدَ اللهِ بْنَ عُمَرَ كَانَ يَبْعَثُ بِزَكَاةِ الْفِطْرِ إِلَى الَّذِي تُجْمَعُ عِنْدَهُ قَبْلَ الْفِطْرِ، بِيَوْمَيْنِ أَوْ ثَلاَثَةٍ.مُوَطَّأمَالِكِ 777

يۇقارقىلار رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ پىتىر زاكىتى توغرۇلۇق بۇيرۇقى ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەمەلىيىتى.

       ئەمدى، ئۇيغۇر مۇرجىئىيلىرىدىن: مەن ھەدىسكە ئۇنىمايمەن. ماڭا مۇرجىئىي مەزھەب ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى كېرەك، دەيدىغانلار ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ قويدۇم:
        1 .ئەبۇھەنىفە شۇنداق دېگەن: ئىقتىسادى بار ئادەم ئۆزى ۋە كىچىك بالىلىرى ئۈچۈن، پىتىر زاكىتى بېرىدۇ(مۇھەممەد شەيبانىي: ھۇججەت1\520).- قَالَ ابو حنيفَة يُؤَدِّي الرجل اذا كَانَ مُوسِرًا صَدَقَة الْفطر عَن نَفسه وَعَن وَلَده الصغار الحجة على أهل المدينة لمحمد الشيباني1\520
       2.ئەبۇھەنىفە دىن كەلگەن رىۋايەتكە كۆرە، پىتىر زاكىتىغا يېرىم سا بۇغداي بېرىلىدۇ(ئەلى مەرغىنانىي: ھىدايە1\114).- يعتبر نصف صاع من بر وزنا فيما يروى عن أبي حنيفة رحمه الله. الهداية  لعلي المرغيناني1\114
       3.پىتىر زاكىتى توغرىسىدا:
        ئەلى مەرغىنانىي  شۇنداق دېگەن: ئۆي، كىيىم، ئۆيسەرەمجانلىرى، ئېتى، قۇرالى ۋە قۇلىدىن ئاشقۇدەك نىساب(زاكات ئۆلچىمى)غا لايىق ئىقتىسادى بار ھۆرمۇسۇلمانغا پىتىر زاكىتى ۋاجىبتۇر.پىتىر زاكىتىنىڭ ۋاجىبلىقىغا دەلىل: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: ھۆر، قۇل، كىچىك ياكى چوڭ ئادەم ئۈچۈن يېرىم سا بۇغداي، ياكى بىر سا خورما، ياكى بىر سا ئارپا بېرىڭلار( بۇ لەفزىدە ھەدىس يوق)(ئەلى مەرغىنانىي: ھىدايە1\113).- باب صدقة الفطر- قال : " صدقة الفطر واجبة على الحر المسلم إذا كان مالكا لمقدار النصاب فاضلا عن مسكنه وثيابه وأثاثه وفرسه وسلاحه وعبيده " أما وجوبها فلقوله عليه الصلاة والسلام في خطبته " أدوا عن كل حر وعبد صغير أو كبير نصف صاع من بر أو صاعا من تمر أو صاعا من شعيرالهداية  لعلي المرغيناني1\113
         دېمەك، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلاتتىم دېگۈچىمۇ، ھەنەفىي مەزھەب پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلاتتىم دېگۈچىمۇ يەنىلا يېمەكلىك بېرىشى كېرەك. پۇل بەرسە ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالام ۋە ساھابىلەر دەۋرىدىمۇ: «دىرھەم»، «دىنار» قاتارلىق پۇللار بارىدى، شۇ چاغدىكى ئىنسانلارغىمۇ پۇل بەك لازىم ئىدى. ئەمما، ئەللاھنىڭ ئەلچىسى « يېمەكلىك بېرىڭلار» دەپ بۇيرىغان بولغاچقا، ساھابىلەرمۇ دەرھال ماقۇل دەپ، يېمەكلىك بەرگەن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالات ۋەسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش، بۇ دۇنيادا ئېغىر خارلىققا، ئاخىرەتتە دوزاخقا دۇچار قىلىدىغان خەتەرلىك قىلمىش. ئەللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىستە مۇستەھكەم تۇرۇپ ئەمەل قىلىدىغانلاردىن قىلغاي.

تۆېەندە، بىرقىسىم ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ پىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىشى كېرەك، پۇل بەرسە، پىتىر زاكىتى ئادا تاپمايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى بىرقىسىم پەتىۋالىرى بىلەن تونىشىپ چىقايلى:

1. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا ئەمەس

   شەيخ ئۇسەيمىنگە سوئال: پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرىمۇ؟
   شەيخ ئۇسەيمىننىڭ جاۋابى: پىتىر زاكىتىغا پەقەت يېمەكلىك بېرىش توغرا، پۇل بېرىش توغرا ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپا پىتىر زاكىتىنى پەرز قىلدى.(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)، ئەبۇسەئىد مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدا بار چاغدا بىر سائ يېمەكلىك، بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپا، بىر سائ  قۇرۇق ئۈزۈم، بىر سائ پىشلاق بېرەتتۇق(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).(رەسۇلۇللاھ: پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ يېمەكلىك بېرىڭلار، دەپ بۇيرىغان(ئالبانى: سەھىھ 1179 - ھەدىس).
   شۇڭا، بىرەر ئادەمنىڭ پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل، كىيىم، كۆرپە بېرىشى ھالال ئەمەس. بەلكى ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى ئارقىلىق پەرز قىلغان يېمەكلىكتىنلا بېرىش ۋاجىب. 
   بۇ ھەقتە بىرەر ئادەمنىڭ ئىجتىھادىغا ئەگەشىپ كېتىشكەبولمايدۇ. چۈنكى شەرىئەتنىڭ بىرەر شەخسنىڭ كۆز - قارىشىغا ئەگىشىش مەجبۇرىيىتى يوق. شەرىئەت ھەمىگە خەۋەردار،دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆكۈم قىلغۇچى، بەك ئالىم، بەك ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھنىڭدۇر. پىتىر زاكىتىغا رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى ئارقىلىق بىر سائ يېمەكلىك بېرىش پەرز قىلىنغانىكەن، ئىنسان ئەقلى بىلەن قانداقلىكى ئىجتىھاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شەرىئەت ھۆكۈمىدىن  چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ.بەلكى ۋاجىب شۇكى ئىنسان شەرىئەتكە قارشى بىرەر ئىجتىھاد قىلىپ قالغان بولسا،ئەقلىنى، كۆز- قارىشىنى شەرىئەتكە بويسۇندۇرۇشى كېرەك.- سئل فضيلة الشيخ - رحمه الله تعالى -: 
   2. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە پىتىر زاكىتى مەقبۇل ئەمەس
   شەيخ ئۇسەيمىنگە سوئال: ئىمام مالىكنىڭ: پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت يېمەكلىكلا بېرىش كېرەك، دېگەن سۆزىگە قانداق قارايدىلا؟

شەيخ ئۇسەيمىننىڭ جاۋابى: ئىمام مالىكنىڭ: پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت يېمەكلىكلا بېرىش كېرەك، دېگەن سۆزى سەھىھ بولۇپ، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام شافئىيلارمۇ شۇ قاراشتا.چۈنكى سۈننەت كۆرسەتمىسى شۇ. دەلىل شۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپا پىتىر زاكىتىنى پەرز قىلدى.(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)، ئەبۇسەئىد مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدا بار چاغدا بىر سائ يېمەكلىك، بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپا، بىر سائ قۇرۇق ئۈزۈم، بىر سائ پىشلاق بېرەتتۇق(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).(رەسۇلۇللاھ: پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ يېمەكلىك بېرىڭلار، دەپ بۇيرىغان(ئالبانى: سەھىھ 1179 - ھەدىس).

   گەرچە ،ئوخشىمىغان ئۆلچەم، ئوخشىمىغان تۈرلەدە قىممەت ئاساس بولغان بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ پىتىر زاكىتىنى قىممىتى ئوخشىمىغان تۈرلەردىن بىر ئۆلچەمدە پەرز قىلدى. 
    پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىكتىن پۇل قاتارلىق باشقا نەرسە بېرىش رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەمەلىگە خىلاپ! شۇڭا  پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بەرگەن پۇل ۋە باشقىلار مەقبۇل ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: بىزنىڭ بۇيرىقىمىزغا ئاساسلانمىغان ئەمەل رەت قىلىنىدۇ،دېگەن(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان).- 
   3. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا ئەمەس.
   سەئۇدى پەتىۋا ئورگىنىغا  13231- نومۇرلۇق سوئال
   پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرىمۇ؟
   جاۋاب: پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا ئەمەس. چۈنكى شەرئىي  دەلىللەر يېمەكلىك بېرىشنىڭ ۋاجىبلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بىرەر ئادەمنىڭ سۆزىگە ئەگىشىپ، شەرئىي دەلىللەردىن يۈز ئۆرۈشى توغرا ئەمەس.  ئەگەر پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىرەر جەمئىيەتكە پۇل بېرىپ، پېقىرلارغا يېمەكلىك ئاپىرىپ بەرسۇن دەپ پۇل بېرىپ بولغان  ئادەم پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن ئاۋال قايتا يېمەكلىك بېرىپ ئادا قىلىشى ۋاجىب. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا ئەمەس.

تەۋپىق ئەللاھتىن، ئ‍ەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئ‍ائ‍ىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي. --- سەئ‍ۇدىي ئ‍ىلمىي تەتقىقات، پەتىۋا ئ‍ورگىنى. پەتىۋاچىلار: باش مۇپتى: بىن باز؛ مۇئاۋىن باش مۇپتى: ئ‍ابدۇرازززاق ئ‍ەفىفى ئ‍ەزا پەتىۋاچىلار: ئ‍ىبنى غەديان.-

   4. پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا ئەمەس

سەئۇدىي مۇپتىسى شەيخ ئىبنى جبرىنگە سوئال: بەرىلەر پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىدىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ شەيخ ئىبنى جبرىننىڭ جاۋابى: گەرچە ھەنەپىلەر پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە بولىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، بىز ۋە جۇمھۇر ئالىملار پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بەرسە،پىتىر زاكىتى ئادا تاپمايدۇ، دەيمىز.چۈنكى رەسۇلۇللاھ پىتىر زاكىتى ئۈچۈن يېمەكلىك بېرىشنى پەرز قىلدى. پۇل(دىنار، دەرھەم) رەسۇلۇللاھ(ۋە ساھابىلەر) زامانىسىدا مەۋجد ئىدى. ئەگەر پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىش توغرا بولىدىغان بولسا، چوقۇم پۇل بېرىشكە بۇيرىيتتى. شۇڭا پىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىشكە بۇيرىماي، يېمەكلىك بېرىش تەيىنلەندى. ھەدىستە بەش تۈر بار بولۇپ، بەزى شەيخ ئالىملار: ھەركىم يۇرتىدا كۆپرەك يېيىلىدىغان، ئادەتلەنگەن يېمەكلىك تۈرىنى تاللىسىمۇ بولار، دېيىشكەن.-

   5. پىتىر زاكىتىنىڭ ھۆكۈمى
   سەئۇدى پەتىۋا ئورگىنىغا سوئال 5733- نومۇرلۇق
   سوئال: پىتىر زاكىتىنى ئادا قىلمىسا تۇتقان روزىسى ئۆرلىمەيدۇ، دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟ روزىدار مۇسۇلمان زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە قادىر بولالمىسا بۇ ھەدىسكە ئاساسەن پىتىر زاكىتىنى بېرىش ۋاجىب بولامدۇ ۋە ياكى باشقا سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟
   جاۋاب: تۇرمۇشى نورمال ئۆتىدىغان، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ يېمەكلىكى روزا ھېيت ئۆتكۈزۈشكە يېتىپ ئاشىدىغان بارلىق مۇسۇلمانغا بىر سائ(2.40؛2.5؛3.00كىلو) يېمەكلىك پىتىر زاكىتى بېرىش ۋاجىب.

بۇنىڭغا دەلىل:ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپىنى قۇل، ھۆر، ئەر، ئايال،چوڭ، كىچىك مۇسۇلمانلارغا پىتىر زاكىتىنى پەرز قىلدى. ھەمدە رەسۇلۇللاھ: پىتىر زاكىتىنى كىشىلەر نامازغا چىقىشتىن ئاۋال ئادا قىلىشقا بۇيرىدى(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان). يەنە ئەبۇسەئىد مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدا بار چاغدا بىر سائ يېمەكلىك، بىر سائ خورما، بىر سائ ئارپا، بىر سائ قۇرۇق ئۈزۈم، بىر سائ پىشلاق بېرەتتۇق(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان)

   پىتىر زاكىتى شەھەر ئەھلىنىڭ يېمەكلىكىدىن بىر سائ بەرسە بولىدۇ(رەسۇلۇللاھ: پىتىر زاكىتى ئۈچۈن بىر سائ يېمەكلىك بېرىڭلار، دەپ بۇيرىغان(ئالبانى: سەھىھ 1179 - ھەدىس). بۇ يەردە دېيىلگەن سائ رەسۇلۇللاھ ئىشلەتكەن سائ بولۇپ، نورمال ھالدا تۆت چاڭگالغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر پىتىر زاكىتىنى بەرمىسە گۇناھكار بولىدۇ، كېيىن بولسىمۇ بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. باشتىكى ھەدىس سەھىھ ئەمەس.

ئاللاھتىن سىلەرگە تەۋپىق بېرىشىنى، بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ سۆز - ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز. ئ‍ەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئ‍ائ‍ىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي. --- سەئ‍ۇدىي ئ‍ىلمىي تەتقىقات، پەتىۋا ئ‍ورگىنى. پەتىۋاچىلار: باش مۇپتى: بىن باز؛ مۇئاۋىن باش مۇپتى: ئ‍ابدۇرازززاق ئ‍ەفىفى ئ‍ەزا پەتىۋاچىلار: ئ‍ىبنى قەئۇد، ئ‍ىبنى غەديان.-

   6. پىتىر زاكىتىنى بېرىش ۋاقتى

سەئۇدى پەتىۋا ئورگىنىغا 2896- نومۇرلۇق سوئال سوئال: پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن كېيىن كەچكىچە ئادا قىلسا بولامدۇ؟ جاۋاب: پىتىر زاكىتى ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئەمەس، رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن كىرگەندىن باشلاپ ھېيت نامىزىغىچە ئادا قىلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرىغان. ئىبنى ئابباسنىڭ ھەدىسىدە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: پىتىر زاكىتىنى ھېيىت نامىزىدىن ئاۋال بەرسە مەقبۇل، كىيىن بەرسە سەدىقىلەر قاتارىدا بولىدۇ يەنى پىتىر زاكىتى ئادا تاپمايدۇ، دېگەن(سەھىھ ئەبۇداۋۇد 1427- ھەدىس). پىتىر زاكىتىنى ھېيت نامىزىدىن بىر، ئىككى كۈن ئاۋال بېرىشكىمۇ بولىدۇ. دەلىل شۇكى،ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ رامىزان پىتىر سەدىقىسىنى پەرز قىلدى...دېدى ۋە ھەدىس ئاخىرىدا: ساھابىلەر پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزىدىن بىر، ئىككى كۈن ئاۋال بېرەتتى، دېگەن(سەھىھۇلبۇخارىي1440 ) پىتىر زاكىتىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە گۇناھكار بولىدۇ، ئۇ ئادەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى، پىتىر زاكىتىنى پېقىرلارغا بېرىشى كېرەك. تەۋپىق ئەللاھتىن، ئ‍ەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئ‍ائ‍ىلىسىگە، ساھابىلىرىغا رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي. --- سەئ‍ۇدىي ئ‍ىلمىي تەتقىقات، پەتىۋا ئ‍ورگىنى. پەتىۋاچىلار: باش مۇپتى: بىن باز؛ مۇئاۋىن باش مۇپتى: ئ‍ابدۇرازززاق ئ‍ەفىفى ئ‍ەزا پەتىۋاچىلار: ئ‍ىبنى قەئۇد، ئ‍ىبنى غەديان.- وقت إخراج

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇلئەھەد ئەمىر سەلەفىي

قوشۇمچە: رەسىمدىكىسى ئىمام مالىكنىڭ: پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن نەق پۇل بېرىش توغرا ئەمەس، دېگەن پەتىۋاسى