ئىشلەتكۈچى مۇنازىرىسى:Yuksal
يېڭى تېما قوشمۇڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار
ئابدۇراخمان ئەبەي شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2010 ـ يىلى 4 سانىدىن ئېلىندى. موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ياشىغان قەدىمىي ئەللەرنىڭ بىرى. مىلادىيە 9 ـ ئەسىردە ئۇرخۇن ـ يېنسەي دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساىي قىسىمى غەربىي جەنۇبقا ـ ھازىرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئاخىرقى قېتىم كۆچكەندىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دەسلەپتە موڭغۇل ـ شىرۋى قەبىلىسىگە، كېيىن موڭغۇللارنىڭ كەيرەي قەبىلىسى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نايمان، مەركت قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى، ياكى موڭغۇللارغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتتى . 13 ـ ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل دالاسىدىكى بارلىق قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى. ئۇ يەنە 1279 ـ يىلدىن 1368 ـ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى بۈيۈك ئىمپېرىيە يۈەن سۇلاسىينى بەرپا قىلدى. 1911 ـ يىلى يانۋاردا موڭغۇر خانى چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن «ئاپتونومىيە» ئېلان قىلدى. كىيىن مۇڭغۇل خەلق ئىنقىلابى غەلبە قىلىپ، 1921-يىلى 11-مارتتا مۇڭغۇليە خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلدى. 1945 ـ يىلى فېۋرالدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يالتا يېغىنىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى. 1946 ـ يىلى 5 ـ يانۋاردا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى. موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى 1 مىليون 564 مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىر، نوپۇسى 3 مىليۇن 14 مىڭ. ئارىدىن توپتوغرا مىڭ يىل ئۆتكەندە، يەنى 19 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن ئالتايدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سودا ـ سېتىق بىلەن مۇڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىگە قايتا كىرىشىكە باشلىدى. ئاق كۆڭۈل موڭغۇل خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك قىزغىن، ئادىل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى. ھەممە ھۆكۈمەت ئۇلارغا موڭغۇللار بىلەن تەڭ ـ باراۋەر ياشايدىغان ھوقۇق بەردى. موڭغۇلىيەگە ئەڭ دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئالتايدىكى ھەمراجان، سەلەي باي، ھوشۇر ھاجىم قاتارلىق سودىگەرلەر بولۇپ، ئۇلار مىلىچماللار، يەنى چاي، يىپ ـ يىڭنە، كىيىم ـ كېچەك، دورا ـ دەرمەك سودىسى قىلىدىغانلار ئىدى. ئۇ چاغدا موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا، ئارىدا چېگرا ۋە رەسمىيەت بېجرىش مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. بۇ سودىگەرلەر ئاپارغان ماللىرىنى ئۇ يەردىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن تۈلكە تېرىسى، قۇندۇز تېرىسى، بۆكەن مۈڭگۈزىگە تېگىشىپ قايتايتتى. بۇ ماللارنى ئالتايدا ئىچكىرىدىن كەلگەن خەنزۇ سودىگەرلەر يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالاتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سودىسى نەچچە ئون ھەسسە پايدا قىلاتتى. ئەمما، بۇ سودا ئەتكەس مال سودىسى دەپ قارىلاتتى. شۇڭا بەزىدە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 20 ـ يىللىرىدا شىنجاڭ بىر مەزگىل تىنچ، مۇقىم بولدى، خەلق تۇرمۇشى بىر ئاز ياخشىلىنىپ، سودا ـ سېتىق جانلىنىپ كەتتى. خوتەن تەرەپلەردە ھىندىستان، پاكىستان چېگرا سودىسى؛ قەشقەر تەرەپتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئوش، نەمەنگان، ئەنجان چېگرا سودىسى؛ ئىلى، چۆچەك تەرەپلەردە تاشكەنت، ئالما ـ ئاتا چېگرا سودىسى جانلىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئالتاي تەرەپتە موڭغۇلىيە چېگرا سودىسى تازا گۈللەنگەنىدى. ئاتۇش، قەشقەر، خوتەندىن ئالتايغا كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر موڭغۇلىيەگە مىلىچماللارنى يۆتكەپ سودا قىلاتتى، ھەمدە كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقانىدى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 20 ـ يىللىرىدىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ بولدى، خەلق جان قايغۇسىدا پاراكەندە بوپكەتتى. قۇمۇل، تۇرپان، گۇچۇڭ، ئالتايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ ۋە ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن قۇمۇل، جىمىسار، ئالتاي چېگرالىرىدىن تۈركۈملەپ موڭغۇلىيەگە قېچىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى مۇساپىرلار قاتارىدا كۈتۈۋېلىپ خوبدا، ئۆلگەي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. دادامنىڭ بوۋىسى ، يەنى مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام سوپاخون دىگەن كىشى ئەسلىي ئاتۇش ئازاقتىن بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد موزدۇلۇق بىلەن ئۆتكەن ئادەم ئىكەن. 1820 ـ يىللاردا ئاتۇش ئازاقتىن نۇرغۇن ئادەم يېڭى بوز يەر ئېچىش، چارۋا بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى كاتايلاققا كۆچكەن. ئۇلۇغ بوۋام سوپاخۇنمۇ يۇرت بىلەن بىللە كاتايلاققا كۆچۈپ كېلىپ يەنە موزدۇزلۇقىنى قىلغان. بوۋام مەمتىلىمۇ كاتايلىقتا بىر ئۆمۈر موزدۇزلۇق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن. دادام ئەبەيدۇللا 1914 ـ يىلى ئاتۇش كاتايلاقتىن 18 يېشىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىققان. ئاۋۋال شىخۇ، چۆچەكلەردە، ئاندىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى شەمەي دېگەن شەھەرلەردە سودا قىلغان. 1924 ـ يىلى ئالتايغا كېلىپ، موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا شەھىرى بىلەن ئالتاي ئوتتۇرىسىدا مىلىچمال سودىسى قىلغان. 1928 ـ يىلى مۇڭغۇلىيەنىڭ زاپخۇن شەھىرىدە مۇڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى قېتىم قوغۇن تېرىغان. دادامنىڭ ئەسلىي تولۇق ئىسمى فامىلىسى ئەبەيدۇللا مەتىلى ئىدى. تاشقى موڭغۇلىيەدە قازاقلار ئەركلەتمە ئىسىم بىلەن « ئەبەيلەم » دەپ چاقىرىپ ئەبەيلەم بوپقالغان، موڭغۇللار بولسا تېخمۇ قىسقارتىپ ئەبەي دەپ ئىسىم قويۇۋالغان. ھازىر بۇ «ئەبەي» دېگەن نامنى مەن ۋە بالىلىرىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ فامىلىسى قىلىپ قوللاندۇق. ئاپامنىڭ دادىسى يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ كېرىيەلىك خۇمدانچى بولۇپ، 1918 ـ يىلى ئالتايغا چىقىپ بىناكار بولغان، ئالتايدا توي قىلغان. 1934 ـ يىلى نويابىردا ئالتايدا ئاق ئورۇسلار قازاق، ئۇيغۇر ، خەنزۇلارنى بۇلاپ قىرغىن قىلىدۇ. چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام 13 ياشتىكى ئاپامنى ئېلىپ تاغقا قېچىپ كېتىۋاتقاندا چوڭ ئانامغا ئوق تېگىپ يولدا ئۆلۈپ كەتكەن . چوڭ دادام يۈسۈپئاخۇن ئاپامنى ئېلىپ ،موڭغۇلىيەگە قېچىپ بارغان. 1937 ـ يىلى دادام بىلەن ئاپام خوبدا شەھىرىدە توي قىلغان ھەم بالىچاقىلىق بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا، ئۆلگەي، زاپخۇن، ئۇلانباتور، ئورخۇن شەھەرلىرىدە توپ ـ توپ ئۇيغۇر مەھەلىسى پەيدا بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ بازارلىرى شەكىللەندى. قىرلاردىن شەھەرگە كىرگەن چارۋىچى موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ پولو ، مانتا، لەڭمىنىنى يېمەي قايتمايتتى. ئۇلار يەنە ئۆيدە قالغان خوتۇن ـ بالىلىرىغا گىردە، سامسىلارنى ئەكىتەتتى. بۇ بازاردا تۆمۈرچىخانا، ساتراشخانا، سەيپۇڭخانا، موفاڭ، ياغاچچىلىق دۇكانلىرىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن قۇرۇلدى. ئاقسۇلۇق بەكرى موللام 1930 ـ يىللاردا ئۆلگەي شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خوجىلىق ئىشلرىىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەندە دەريادىن ئۆستەڭ ئېلىپ دەريا بويدىكى تېرىلغۇ يەرگە سۇ ئېلىپ چىقىپ، موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى بولۇپ سەۋزە، ياڭيۇ، شوخلا، تەرخەمەك، كاللەكبەسەي تېرىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ـ ئوقۇتقۇچى ئاشخانىسىنىڭ كوكتات مەسلىسى ھەل بولغان. بەكرى موللام ئۆلگەي شەھىرىگە بىر مەسچىت سالدۇرغان. ئۇ ، 1940 ـ يىللاردا خوبدا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ چوڭ ئاشخانا ئاچقان، ئۇ ئاشپۇزۇلنىڭ پولو، مانتا، لەڭمەن، ئۈگرىلىرى موڭغۇلىيەدە شۇنداق داڭ چىقارغانكى، موڭغۇل خېرىدارلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يەيدىغان بولغان. 1980 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆلگەي شەھىرىنىڭ تارىخىنى يازغاندا بەكرى موللامنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ يىللاردا خوبدا، ئۆلگەي شەھەرلىرىدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىدارە ـ جەمئىيەت ئىشخانىلىرىدىن باشقا خش ۋە كېسەكتە سېلىنغان ئۆيلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. چۈنكى، موڭغۇللار قىش ـ ياز كىگىز ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ، ئاندىن سودا دۇكانلىرىنى كېسەك بىلەن سېلىپ بىناكارلىق كەسپىنى شەكىللەندۈردى. بارا ـ بارا ھۆكۈمەتنىڭ قەۋەتلىك خىزمەت بىنالىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئۇستاملار كۆتۈرە ئېلىپ سېلىشقا باشلىدى. قەشقەرلىك ئۆمەر، داۋۇت دېگەن كىشى ئۆلگەي شەھىرىدە خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرغان، ھاك كۆيدۈرۈپ پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلىشىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلىگەن. خوبدا شەھىرىنىڭ ھازىرقى كوچا بويلىرىدا بەھەيۋەت تېرەكلەرنى ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ پىلانلاپ قويدۇرغان. 70 يىلدىن بۇيان بۇ تېرەكلەر ناھايىتى باراقسان يوغىناپ، خۇبدا شەھىرىگە ھۆسن قوشتى. ھازىرقى خوبدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى شۇ يىللاردا تۇرپان لۈكچۈنلۈك ياقۇپ ئۇستام دېگەن كىشى سالغانىدى. ئۇ يىللاردا موڭغۇللار خاس چارۋىچى خەلق بولغاچقا، دېھقانچىلىقتا پەقەت ئاز دائىرىدە ئارپا، تېرىقتىن باشقىنى تېرىمايتتى. شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلار دېھقان خەلق بولغاچقا، بۇ زېمىنى بىپايان، تۇپرىقى مۇنبەت، سۆيى ئەلۋەك ئەلدە ئەركىن دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. دەسلەپكى يىللاردا موڭغۇللارنىڭ بىر قويغا بىر قوغۇن تېگىشكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى. دائىم دېگۈدەك ئاشلىق قەھەتچىلىكى بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە بىردىنلا نەچچە مىڭ مولاپ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى كۆرگەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى رازى بولدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى قانچىلىك يەتسە شۇنچىلىك دېھقانچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، بارلىق دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى. كېيىنكى يىللاردا دېھقانچىلىق قىلغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىش، يىغىم مەزگىللىرىدە ئەسكەرلەرنى ئەكىلىپ زىرائەتلەرنى ياردەملىشىپ يىغىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئىجتىمائىي ئورنى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. شۇ يىللاردا موڭغۇلىيەدە نەچچە مىڭ مو يەردە دېھقانچىلىق قىلىدىغان، نەچچە مىڭ تۇياق قوي، نەچچە يۈز تۇياق تۆگە، ئات ، كالىسى بار ئۇيغۇرلار بايلار بارلىققا كەلدى. پىچان ناھاھىيەسىنىڭ چوقۇتام كارىزدىن بارغان باي ساۋۇت دېگەن كىشىنىڭ 1937 ـ يىللاردا 3000 تۇياق قوي، 200 تۇياق ئات، 200 تۇياق سېغىن كالا، 60 تۇياق تۆگىسى، 1500 مو يېرى بولۇپ، بۇغداي ، ئارپا تېرىيتتى. بۇنىڭدىن باشقا باي ئىبراي، يۈسۈپئاخۇن باي، ئەبەيلەم، ياقۇپ تۆمۈرچى، تۇنىياز باي، ھوشۇراخۇن باي، قارا كېرەم، تۇردىئاخۇن، تېيىپئاخۇن دېگەن كىشىلەر موڭغۇلىيەدە خېلى چوڭ بايلاردىن بوپقالدى. دادام ئەبەيلەم خوبدا شەھىرىنىڭ نەمىن دېگەن يېزىسىدا 300 مو يەرگە بۇغداي، ئارپا، قوغۇن تېرىيتتى. دادامنىڭ قوغۇنى موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ھەر يىلى پايتەخت ئۇلانباتور شەھىرىگىمۇ نەچچە ئون ماشىنا قوغۇن يۆتكەيتتى. بۇندان باشقا 500 تۇياقتىن ئارتۇق قوي، 100 تۇياق ئات ، 100 تۇياق نەچچە كالا، 50 تۇياق تۆگىسى بار ئىدى. مەن 1953 ـ يىلى 5 ـ مارت سەھەردە ئاشۇ خۇبدا شەھىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى ـ نەمىن دېگەن يەردە ئائىلىمىزنىڭ تۆتىنچى پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغانىكەنمەن. ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئاپىسى بورىسقان مېنىڭ كىندىك ئانام بولغانىكەن. ئۇدا ئۈچ قىزدىن كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرگىنىگە خوش بوپكەتكەن دادام يەرلىك قازاق ـ موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى بويىچە مەن تۇغۇلغان كۈنى كەچتە قوي سويۇپ قولۇم ـ قوشنا ۋە يىراق يېقىندىكى دوستلىرىغا چىلداقان قىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ. چۈشتىن كېيىن ئىككى قوينى سويۇپ قازانغا سالغان چاغدا سۇمۇنلۇق ھۆكۈمەتتىن جىددىي ئۇقتۇرۇش كېلىپ: شۇ كۈنى ئەتىگەندە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ داھىيىسى سىتالىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى، پۈتكۈل موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ داھىي سىتالىنغان 30 كۈن قارىلىق تۇتىدىغانلىغىنى، بۇ 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىغىنى ئۇقتۇرۇپدۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام ئوغۇل پەرزەنت كۆردۈم دەپ يۇرتقا بېرىدىغان چىلداقان چاينى بېرەلمەي بىر ئايدىن كېيىن بەرگەنىكەن. 1938 ـ يىلىدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ «چوڭ تازىلاش» سىياسىتى ھۆكۈم سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلار ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، جامائەت ئەربابلىرى، پۇلدار بايلارنى تۇتقۇن قىلىش باشلاندى. ئۇلارغا كوممۇنىزىمغا قارشى، چەت ئەلگە باغلانغان دېگەن بەتناملار چاپلانغانىدى. ئۇلار تۈرمىلەردە قېيىن ـ قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى. دۆلەت بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 50 نەچچە مىڭ ئادەم ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلار، ئۇيغۇر بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىنلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى. پىچان چىقتىملىق سابىت ھامۇت دېگەن كىشى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كاتتا باي ئىدى. 1938 ـ يىلى تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ قورقۇپ ئۆيىدىكى 20 كىلوگىرام ئالتۇن ـ تىللانى يوشۇرماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر كالىنى سويۇپ بارلىق زىقچە ئالتۇن، تىللانى بىر پارچە كىگىزگە ئوراپ ياغاچ ساندۇققا سالىدۇ، ساندۇقنى كالا تېرىسىنىڭ تۈكى بار تەرىپىدە ئوراپ، ئاندىن كالا تېرىسىنىڭ ھۆل تەرىپىنى يۇمشاق تۇز بىلەن تۇزلاپ، قىل ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئۆينىڭ كەينىدىكى تاغ باغرىغا كۆمۈپ قويغىلى ماڭىدۇ. سابىت ھامۇتنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ئابدۇراخمان ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا ئاز قالغاندا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ، ئالتۇن كۆمگەن يەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بالىسىنى تىللاپ ھەيدىۋېتىدۇ. ئۇلار ئالتۇنلىرىنى تاغنىڭ كەينىگە كۆمۈپ قويۇپ 3 ـ كۈنى كېچىسى ساقچىلار ئاكا ـ ئۇكا ھەر ئىككىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ. ئۇلار شۇ كەتكەنچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئايالى ئايخان ئوغلى ئابدۇراخمان بىلەن ھىلىقى تاغ باغرىنى نەچچە ئايغىچە تولا كولاپ ھەممە يەرنى قېزىۋېتىدۇ،لېكىن ئالتۇن ـ تىللالارنى تاپالمايدۇ. شۇ قېتىمقى «چوڭ تازلاش» موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە غايەت زور يوقىتىش ۋە پاجىئە بولدى. موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولغاچقا نىكاھ مەسىلىسى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئەكەلدى. كېيىن شىنجاڭدىن ئائىلە بويىچە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆز ـ ئارا قۇدىلاشتى. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قازاق قىز ـ ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇردى. بىر قىسىم ئۇيغۇر موڭغۇل ئاياللار بىلەنمۇ تۇرمۇش قۇردى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىغا كەلگەندە موڭغۇلىيەدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەپسۇس، موڭغۇلىيەدە ئۇيغۇر مەكتىپى يوق ئىدى. ئەۋلاد تەربىيەسى تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يەنە بىر يېڭى قىيىنچىلىقنى تاشلىدى. كېرىيەدىن بارغان يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ دېگەن خۇمدانچى 1940 ـ يىلى مەخسۇس خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرۇپ، خۇبدا شەھەر مەركىزىدە ئالتە سىنىپلىق بىر ئۇيغۇر مەكتەپ سالدى. بۇ مەكتەپ ھازىرمۇ خۇبدا شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئابىدىسى قىلىپ ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ مەكتەپ پۈتكەن بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇش باشلىيالمىدى. چۈنكى، ئۇيغۇردىن ئوقۇتقۇچى تېپىلمىدى ، بىر ـ ئىككى ساۋاتلىق ئادەم چىققان بولسىمۇ يېتىشمەيتتى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىدا دەرىسلىك يوق ئىدى. ئاخىر بۇ مەكتەپنىڭ «ئۇيغۇر مەكتىپى» دېگەن نامى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، ئۇيغۇر بالىلىرى كېيىنكى يىللاردا بىزنىڭ ئائىلىدە شۇندان بىر پاجىئە بولدىكى، چوڭ ئاچام تۇردىخان موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا ئوقۇدى، ئوتتۇرانچى ئاچام رەۋىخان ئاتۇشتا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئۇقۇدى، كىچىك ئاچام زورە بورتالا شەھىرىدە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا مەكتەپ پۈتكۈزدى. ئۈچ ئاچام ساۋاتلىق بولسىمۇ ئەمما ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ يازغان خەتلىرىنى ھەرگىز ئوقۇيالمايتتى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 40 ـ يىللىرىدا موڭغۇلىيەدە كولخوزلىشىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارمۇ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشتى. گۇچۇڭلۇق ھېيتئاخۇن روزى موڭغۇلىيە ئۆلگەي ئۆلكىسىنىڭ ئاقچى دېگەن كولخوزىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ، بۇ كولخوزنى ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئىلغار كولخوز قىلىپ قۇرۇپ چىققاچقا، 1952 ـ يىلى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئەمگەك قەھرىمانى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. كەنجىئاخۇن دېگەن ئاتۇشلۇق كىشى كۆپ يىل ئاشۇ ھېيتئاخون رەئىسكە مۇئاۋىن بولۇپ كولخوزنىڭ مالىيەسىنى باشقۇردى. ئاتۇشلۇق قارا كېرەم دېگەن كىشى خوبدا شەھىرىدە بىر كولخوزنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشىلىدى. قارا كېرەم يەنە تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ يىگىت بېشى ئىدى. ئۇ بىر ھەپتىدە بىر قېتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇراتتى. دەپ، دۇتار بىلەن قايناپ كەتكەن بۇ مەشرەپكە موڭغۇللارمۇ كېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. تېيپئاخۇن دېگەن كىشى خوبدا بويۇنسۇمۇل ئۇيغۇر 16 ـ كولخوزىغا رەئىس بولغانىدى. ئۇيغۇر ياشلار كۆپلەپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە قاتناشتى. خوبدا، ئۆلگەي شەھەرلىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر ھۆكۈمەت مەمۇرى بولۇپ ئىشلەيتتى. گۇچۇڭدىن بارغان ياسىن دېگەن كىشى ئايالى خالىدەم بىلەن خوبىدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ناخشىچى، ئۇسسۇلچى بولۇپ كىردى. كېيىن ياسىن خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقى بولدى. 1962 ـ يىلى «موڭغۇلىيە خەلق ئارمىيىسى» دېگەن ئەڭ ئالىي شەرەپكە ئېرىشتى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ئىزچىل ھالدا دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى. جۇڭگونىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە موڭغۇلىيە جۇڭگو خەلقىگە زور ياردەم بەردى. 1938 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو چاخار ئۆلكىسىگە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشقا 200 نەپەر ئەسكەر بىلەن نۇرغۇن قورال ـ ياراق ھەمدە ئاشلىق ئەۋەتتى. بۇ 200 نەپەر ئەسكەر ئارىسىدا 20 نەچچە ئۇيغۇر جەڭچى بار ئىدى. بۇ جەڭچىلەر ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن بولغان نەچچە قېتىملىق جەڭگە قاتناشقان، ھەممىسى جەڭدە قۇربان بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پىچانلىق ئابدۇل دېگەن يىگىت 1940 ـ يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ياپونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن چاغدا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونلارنىڭ بىر پولكوۋنىكىنى ئېتىۋەتكەن. ياپونلار ئۇنى نەق مەيدندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىنمۇ پۈتۈن بەدىنىنى نەيزىلەپ، قىيما ـ چىيما قىلىۋەتكەن. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلانباتور شەھىرىدە مەخسۇس خاتىرە مۇنارى تۇرغۇزۇپ، ئىسىملىرىنى ئويغانىدى. 1939 ـ يىلى 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. 1941ـ يىلى 22 ـ ئىيۇل ھىتلېر گېرمانىيەسى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدى. موڭغۇلىيە دەسلەپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ ماددىي ياردەم بەردى. كېيىن ئالدىنقى سەپكە نەچچە ئون مىڭ پىدائىي ئەكسەر ئەۋەتتى. بۇ پىدائىيلار ئىچىدە ئۇيغۇر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى. ئىسمائىل، تۇرسۇن دېگەن ئۇيغۇر يىگىتلەر ئۇرۇشتار پىداركارلىق بىلەن 1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. تۇرپان ئايدىڭكۆللۈك سەيدۇل دېگەن يېگىت 1939 ـ يىلى موڭغۇلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ ئۇچقۇچى بولغان. موڭغۇل ئۇچقۇچىلارنى تىلى كەلمەي ئۇنى سەيناسوپ دەپ چاقىراتتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىپ ئالدىنقى سەپكە بىر نەچچە كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن. سەيناسوپ ئاشۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىدە ئۇچقۇچى ئىدى. ئۇ ، لېننىنگرادتىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىستىكامنىنى پارتىلىتىپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يول ئاچقان. ئۇ ، بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن ئوردېنغا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇلانباتور، موسكۋالاردا ئوقۇتۇپ ئالاھىدە تەربىيەلەپ، ھۆكمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئىشلەتتى. ئىسمائىل دارغا موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقدا مەھكىمە باشلىقى دەرىجىلىك ۋەزىپە بىلەن مۇھىم خىزمەتلەردە بولدى.ئۇ 1947 ـ يىلى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۇلانباتورددا قازا قىلدى. سەيسانوپ 1950 ـ يىلى خوبدا شەھىرىدە ئۆپكە تۇبىركىليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى . تۇرسۇن دارغا ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلانباتور شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدە ئورۇنباسار باشلىق بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى. ئاقسۇلۇق ھەسەنئاخون دېگەن ئۇيغۇر شوپۇر ئالدىنقى سەپتىن ياردارلارنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا ئۆپكىسىگە ئوق تەگسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ يارىدارلارنى ساق ـ سالامەت قۇتقۇزۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن موڭغۇلىيەدە «1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى» دېگەن شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدا موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار قورامىغا يەتكەن بالىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ ئالدىنقى سەپكە جەڭگە ئەۋەتتى. ھەربىر ئائىلە نۇرغۇن مال ـ مۈلكىنى ھۆكۈمەتكە تەقدىم قىلىپ، فاشمىزمغا قارشى ئۇرۇشقا كزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى. 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلدى. كولخوزلىشىشمۇ ناھايىتى تېزلەشتى. ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، كەڭ قورساقلىقى، مېھرىبانلىقى بىلەن ئاشۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ يارقىن ھەم ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. مەن كىچىكىمدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ ھەقتە ئاجايىپ تەسىرلىك ھىكايىلەرنى ئاڭلىغانىدىم. شۇ ھېكايىلەردىن ئىككىنى سۆزلەپ بەرسەملا ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ: گۇچۇڭلۇق تۆمۈر نىياز دېگەن كىشى 1926 ـ يىلى موڭغۇلىيەگە بارغانىدى. ئۇ ، خۇشپېئىل، كۆپكە قابىل، قولى گۈل سودىگەر ئادەم ئىدى. ئۇ خوبدا شەھىرىدە سودا قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تولىمۇ كۆپ موڭغۇل بىلەن تونۇشۇپ، بۇرادەرلىشىپ كەتتى. خوبدا چېگرا شەھەر بولغاچقا، مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر تۇراتتى. تۆمۈر نىياز بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقىنى كۆتۈرە ئالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ھەر كۈنى نەچچە يۈز لىس بولكا پىشرەتتى، نەچچە ئون داش قازاندا تاماق قىلاتتى، ئەسكەرلەرنىڭ قىشلىق يېقىلغۇ ئوتۇنىنىمۇ تەمىنلەيتتى. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى سالدىىغان خىش پىشۇرۇپ ئەسكەرلەرنىڭ ياتاق، ئىشخانىلىرىنىمۇ سالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوبدا شەھىرىدە داڭلىق ئادەم بوپقالدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى موڭغۇل چگراسىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن «نىمە ھۈنىرىڭ بار» دەپ سورايتتى. ئەگەر تۆمۈرچى، ياغاچچى، سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىم بار دېسە ،ئۆز ئالدىڭغا تىجارەت قىل دەيتتى. ئەگەر «ھۈنىرىم يوق» دېسە «تۆمۈر نىزاينىڭ يېنىغا بار» دەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى. 1930 ـ يىللاردا تۆمۈر نىيازنىڭ قولىدا كوكتات تېرىيدىغان، ئوتۇق توشۇيدىغان، خىش قۇيۇپ خۇمداندا پىشۇرىدىغان، تامچىلىق، ئاشپەزلىك قىلىدىغان 300 دەك ئۇيغۇر يېتىمچى با ئىدى. شۇ يىللاردا تۆمۈر نىياز ناھايىتى چىرايلىق بىر موڭغۇل قىز بىلەن تونۇشۇپ، بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى. ئۇلار توي قىلىدىغان چاغدا موڭغۇل قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسى قەتئىي قوشۇلمىدى. ئۇلار«ئۇ ئۇيغۇر قىزىمنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ، بەرمەيمىز» دېدى. بۇ ماجىرا ئىككى ـ ئۈچ ئايغا سوزۇلدى. تۆمۈر نىياز ئاخىر خوبدا شەھىرىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. ھىلىقى شەھەر باشلىقى قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ: «ھەممىمىز بىر خۇدنىڭ بەندىسى، بۈيۈك بزرۈكۋار پادىشاھىمىز چىڭگىزخانمۇ يالغۇز قىزى ئەلئالتۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىنگە ياتلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ 5 ـ ئوغلى قىلىۋالغان. تۆمۈر نىيازمۇ ئۇيغۇر يىگىت. مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل، قۇلى گۈل، پاراسەتلىك يىگىتتىن بىر قىزىڭنى ئايامتىڭ بۈگۈنلا توي قىلىپ بەر، قىزىڭنى بەختى كەپتۇ» دىدى. ئۇلار ئاخىر توي قىلدى، تۆمۈر نىياز ئۇ موڭغۇل قىزغا مەريامخان دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدى، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتتى. ئۇلار بەش بالىلىق بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ناھايىتى بەختلىك ياشىدى. ھەتتا تۆمۈر نىياز موڭغۇلىيە بويىچە ناھايىتى ئابرويلۇق ئادەمگە ئايلاندى. 1936 ـ يىلى ئىيۇندا كولخوز رەئىسى ھېيتئاخون روزى بىرنەچچە خىزمەتچىسى بىلەن خوبدىدىن ئۇلانقۇم ئايمىقىغا بېرىپ مۇڭغۇللاردىن 300 تۇياق ئات سېتىۋالىدۇ.ئۇ ئاتلارنى ھەيدەپ قايتىش سەپىرىدە بىر كۆل بويىغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ. بەدىنى چېقىپ ئاغرىيدۇ، قىزيدۇ، تىترەيدۇ. ھەر خىل سەۋەبنى قىلىپ باقسىمۇ زادى بولالماي يېتىپ قالىدۇ، كېچىسى نەپسى قىسىلىپ ھاسىراشقا باشلايدۇ. ھېيتئاخون ئاخىر شۇ يەرلىك بىرنەچچە موڭغۇلنى چاقىرتىپ تۆگىدىن بىر سېتىپ بېرىشنى، 300 ئاتقا ئون كۈن قاراپ تۇرۇشنى تاپىلايدۇ. ئاندىن ھەمراھلىرىغا يەنە: «مېنى تۆگە بىلەن تېز ئېلىپ مېڭىڭلار، يولدا ئۆلۈپ قالسام ئۆلۈكۈمنى يولدا يەرلىككە قويۇۋەتمەي چوقۇم خوبدىغا ـ ئۆيگە يەتكۈزۈڭلار» دەيدۇ. ھېلىقى موڭغۇللار ھېتئاخوننىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ: «بىزنىڭ بىر لامايىمىز بار، ئۇ كېسەل كۆرەلەيدۇ، ئەكىلەيلى» دەيدۇ ـ دە، ئات بىلەن تېز بېرىپ بىر سېمىز لامانى باشلاپ ئەكىلىدۇ. لاما تېۋىپ ھېيتئاخوننى كۆرۈپ: «تېزدىن سېمىز قويدىن بىرنى سويۇڭلار»دەيدۇ. ئاندىن ئۈچ قاپ چۆپ دورىنى قاينىتىپ تولۇق ئىچكۈزىدۇ ـ دە، قېلىن ئوراپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ، ئارقىدىنلا يېڭى قاينىغان شورپىدىن بىر داس ئېلىپ سورۇپ ـ سورۇپ ئېغىز كۆيمىگۈدەك بولغان چاغدا ھەمىنى ئىچكۈزىدۇ. ئاندىن يېڭى سويغان قوينىڭ تېرىسىگە يۆگەپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ. ھېتئاخون ئەتىسى چۈشتە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بۇرۇنقىدەكلا ساقىيىپ قوپىدۇ، تاماق يەيدۇ، تالاغا چىقىدۇ. چۈشىن كېيىن ھېلىقى لاما ئۇنىڭ تولۇق ساقايغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمەكچى بولىدۇ. ھېيتئاخون ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا خىزمەتچىلىرىگە تېۋىپ لاماغا ئېسىل ئاتتىن بىرنى كۆركەم ئىگەر بىلەن جابدۇپ يولغا سېلىپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ، ھەمدە ھېلىقى لاماغا: «ئەگەر سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ قالاتتىم، مېنى سەن قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭ، مەن ساڭا بىر ئېسىل ئات تەقدىم قىلىمەن، مىنىپ قايت» دەيدۇ. ھېلىقى لاما: «مەن ساڭا ئۈچ قاپ چۆپ دورا بەردىم، سەن ماڭا ئۈچ سوم بەرسەڭ بولىدۇ، ئات ئالسام بولمايدۇ» دەيدۇ. ھېيتئاخون : «ئۆز رازىلىقىم بىلەن بېرىمەن، ئال » دەيدۇ. لاما: «ئۇنداق كۆپ نەرسە ئالسام ھارام بولىدۇ، خۇدا ئالدىدا يۈزۈم قارا بولىدۇ، ئالمايمەن» دەيدۇ. ھيېتئاخون : «ئۇنداق بولسا 100 سوم بەردىم ، ئال» دەيدۇ. لاما: «ئۈچ سوم ئالسام بولدى، ئوشۇق ئالمايمەن، گۇناھكار بولمايمەن» دەيدۇ. «ھيېتئاخون 100 سومنى زورلاپ لامانىڭ قوينىغا سېلىپ قويىدۇ. لاما پۇلنى يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە : «ئۈچ سوم ئالىمەن، بىر تىيىن ئارتۇق ئالمايمەن، ئەمما ئات بىلەن ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويساڭ ياق دېمەيمەن» دەيدۇ. ھېيتئاخون ئاخىر ئۈچ سوم بېرىپ ئۆز ئېتى بېلەن لامانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ... 1949 ـ يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن مۇڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ناھايىتى تېزدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ سوتسىيالىزم لاگېردىكى ئەڭ يېقىن سەپداشلاردىن بوپقالدى. بۇ خۇش خەۋەر موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قالتىس خۇشھال قىلدى. ئۇلار شىىنجاڭدىكى ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىنىڭ ئاخىر تۈگىگەنلىگىنى، شىنجاڭدىمۇ موڭغۇلىيەگە ئوخشاش كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ۋەتەننى سېغىنىش، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى قايتىدىن ئۇرغۇدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى 20 ـ 30 يىلدىن بۇيان ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەي يەنىلا جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانىدى. موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1952 ـ يىلدىن باشلاپ رادىيو ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدى. ھەر قېتىم خەۋەردىكى شىنجاڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى ئاجايىپ خۇشھال قىلاتتى. بەزىلەر ئۆز يۇرتىدىكى بىرەر يېڭى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالسا شۇ كۈنى قوي سويۇپ مېھمان چاقىراتتى. بولۇپمۇ رادىيودىن پاتەم قۇربان، پاشا ئىشانلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيەتتى. 1952 ـ يىلى كۈزدە خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرنەچچە قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن يۈزنەچچە ئادەم ئىمزا قويۇپ شەھەر باشلىقى لويسىن بالدىنغا «جۇڭگوغا قايتىپ كېتىمىز» دەپ ئىلتىماس سۇندى. ئۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ «ئىلتىماسىڭلارنى مەركەزگە يوللىدۇق، تېخى جاۋاپ كەلمىدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 1954 ـ يىلىنىڭ بېشىدا موڭغۇلىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى چۈشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن «نىمە ئۈچۈن كېتىسىلەر؟ يەرلىك ھۆكۈمەت چەتكە قاقتىمۇ؟ كەمسىتتىمۇ ياكى موڭغۇللار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدىڭلارمۇ؟ كۆڭلۈڭلار رەنجىگەن يەرلەر بارمۇ؟»دېگەن مەزمۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلار: موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋەتەننى سېغىنغانلىقىنى، شۇڭا قايتىشنى تەلەپ قىلغنلىقىنى، ئېيتتى . بۇ ئۆمەك يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگوغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا رۇخسەت بەرسە بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە قايتا ـ قايتا پىكىر ئالدى. 1954 ـ يىلى كۈزدە موڭغۇلىيەنىڭ رەئىسى سېدىنبال خىزمەت تەكشۈرۈپ خوبدا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە كەلگەندە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر ـ ئايال رەئىس سېندىبالغا كوللېكتىپ ئىمزا قويغان ۋەتىنى جۇڭگوغا قايتىش ئىلتىماسىنى سۇندى. رەئىس سېدىنبال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر شىنجاڭغا كېتىمىز دەيسىلەر، تەلىپىڭلار توغرا، ئادەم بالىسى ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ. بىراق، جۇڭگو ئازاد بولغىلى ئاران تۆت ـ بەش يىل بولدى، تېخى قىيىنچىلىق تۈگەپ كەتكىنى يوق. موڭغۇلىيە ئازاد بولغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بىز تېخى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. ھازىر شىنجاڭغا بارساڭلار قىينىلىپ قالىسىلەر، يەنە 10 يىلدىن كېيىن بارساڭلار بولىدۇ. مەن ھەربىي ئادەمگە 3000 سومدىن پۇل بېرەي، ئالاھىدە خەت بېرەي، سىلەرنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي. سىلەر ھازىر بالىچاقا، ئۆي ـ مۈلىكۈڭلارنى قوزغىماڭلار. ئۆزۈڭلار بىر يىل تۇرۇپ ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى، ۋەتىنىڭلارنى كۆرۈپ كېلىڭلار. كۆرۈپ كېلىپ ئاندىن كۆچۈپ كېتەيلى دىسەڭلار بىر يارىشىقىدا يولغا سېلىپ قويايلى. خوتۇن ـ بالىلىرىڭلار موڭغۇلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭنى كۆرگىنى يوق، ئۇ يەرگە بېرىپ كۆنەلمىسە قىينىلىپ قالىسىلەر، سىلەر شىنجاڭغا بېرىپ كەلگىچە ئائىلەڭلەرگە ، مال ـ چارۋاڭلارغا ھۆكۈمەت ياردەملىشىپ قاراپ تۇرسۇن» دېدى. شۇ ھامان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بوپكەتتى: «بۇ موڭغۇللار بىزنى ئالداۋاتىدۇ. بىزنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىپ بالىلىرىمىزنى ئېلىپ قالماقچى. بىز بىراقلا كۆچۈپ كېتىمىز، بالىلىرىمىزنى تۇغقانلارغا كۆرسىتىمىز» دېيىشتى. رەئىس سېدىنبال ئامالسىز قالدى ـ دە: «بولىدۇ، ئۈچ يىللىق پاسپورت بېرەيلى، كۆنەلمەي، ئۈچ يىل ئىچىدە يېنىپ كەلسەڭلار بىز يەنە قارشى ئالىمىز. رەسمىيەتلەرنى مەن ئولانباتورغا بارغاندىن كېيىن بېجرىپ بېرىمەن» دېدى. 1955 ـ يىلى يانۋاردا رەئىس سېندىبالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ ئىلتىماسنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يوللىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى. 1955 ـ يىلى مارتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى. ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشىنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى يېتىپ كەلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇزۇتىلىدىغانلىقى، بىرىنچى تۈركۈمدە ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن كەلگەنلەر ھەمدە ھازىرغا قەدەر جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانلار پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە قايتسا بولىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ سەپەر يولى خوبدا ـ ئۇلانباتور ـ بېيجىڭ ـ ئۈرۈمچى ئارقىلىق بولىدىغانلىقى ، ھازىردىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈشى، قۇرۇجايلىرى ۋە مال ـ چارۋىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ساتسىمۇ، شەخسلەرگە ساتسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. شۇ كۈنىلا تۈنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر بايرام خۇشھاللىقىغا چۆمدى. بۇر پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىدە يىغا ـ زار كۆتۈرۈلدى. 1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا خوبدا شەھىرىدىن 24 ئائىلىك ئۇيغۇر 10 دانە گاز ماشىنا بىلەن ئۇلارنباتورغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنى كېيىنكى قېتىمغا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى، موڭغۇل، قازاق دوست ـ بۇرادەرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ مىڭغا يېقىن ئا دەم ئۇزىتىپ چىققانىدى. دادام ، ئاپام ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن بارغان ھەم موڭغۇلىيەدە جۇڭگو گىراژدانى سالاھيىتى بىلەن تۇرغاچقا، ئۈچ ھەدەم بىلەن مېنى ئېلىپ ئالتە جان كىشى تۇنجى تۈركۈمدە بېيجىڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇلار خوبدا شەھىرىىدىن پايتەخت ئۇلانباتورغا يەتتە كۈندە يېتىپ باردى. ئۇلانباتوردىمۇ ئۇلارغا جۇڭگوغا قايدىغان ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى تۈركۈمدە. جۇڭگوغا قايتىدىغان ئۇيغۇرلار 27 ئائىلە، 94 ئادەم بولدى. ئۇلار ئۇلانباتوردا رەسمىيەت بېجىردى، سودا ـ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇلارغا ئۇزىتىش چېيى بەردى. ئۇ چاغدىكى ئايروپىلانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاران 24 ئادەم سىغاتتى. شۇڭا، ئۇلار تۆت قېتىمغا بۆلۈنۈپ ماڭىدىغان بولدى. بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا ماڭغانلار 1955 ـ يىلى 28 ـ مارت ئەتىگەندە ئۇلانباتوردىن ئۇچۇپ، چۈشىن كېيىن بېيجىڭ ئايرودرومىغا قوندى. بىزنىڭ ئائىلە ئاشۇ بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا كەلگەنىدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇش پىلانى موڭغۇلىيەدىكى جۇڭگو كونسولخانىسى ئارقىلىق جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا تاپشۇردى ھەمدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇش قىلىپبۇ مۇھاجىرلارنى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ كۈتۈۋېلىشنى، شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپشۇردى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئامىلە باشقارمىسىغا ئۇقتۇرۇپ، 24 ياشلىق خىزمەتچى مۇھەممەت سامساققا بېيجىڭغا بېرىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى. تۇنجى تۈركۈم مۇھاجىرلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مۇھەممەت سامساق تېخى بېيجىڭغا كېلىپ بولالمىغانىدى. مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالدى. ئۇ چاغدا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭسى دېگەن يېرىدە ئىدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ كەينىدىكى بىر چوڭ قورۇنى ئىجارىگە ئېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىر ئېغىزدىن ئۆي تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بېيجىڭغا كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھەممەت سامساقمۇ ئۈرۈمچدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ بولغانغا قەدەربارلىق ياتاق، تاماق، قاتناش، داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ مېھمانلارنى يەنە بېيجىڭدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىي ئۆزى يېتىشەلمىگەچكە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك شۆبە بيۇروسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنى مېھمانلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى. سەيپۇللايوف ھەربىر ياتاققا كىرىپ مېھمانلارنى يوقلىدى ، رەھبەرلەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ ، قايتىدىغان چاغدا مۇھەممەت سامساققا مۇئاۋۋىن رەئىس سەيپىددىن ئەزىزىينىڭ «ۋەتەنگە قايتقان قېرىنداشلارنى ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يۈتكۈزسۇن» دېگەن يوليورۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ھەر ئۈچ كۈندە ئۇلانباتوردىن بېيجىڭغا بىر قېتىم ئايروپىلان قاينايتتى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايقان مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ـ كېيىن ئون نەچچە كۈندە بېيجىڭغا كېلىپ بولدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇھاجىرلارنى مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بېڭجىڭدىكى تىيەنتيەن باغچىسى، گۇگۇڭ خان سارىيى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. 7 ـ ئاي مەزگىلى بېيجىڭ ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا موڭغۇلىيەنىڭ سالقىن تاغلىرىدىن كەلگەن بۇ مۇھاجىرلارىڭ ياشقا چوڭلىقرى ئاغرىپ كەتتى. چوڭلاردىن بىر نەچچىسى دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن داۋالىنىپ ئاران ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بېڭيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار شىئەندە ئالتە كۈن تۇرۇپ يەنە بىر قىسىم يەرنى ساياھەت قىلدى. 9 ـ ئاۋغۇست پويىز بىلەن لەنجۇغا يېتىپ كەلدى. ئۇ چاغدا تۆمۈر يول تېخى لەنجۇدىن ئۆتمىگەنىدى. لەنجۇ بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرۇسىدا ئاپتوموبىل قاتنىشى ناھايىتى قىس بولغاچقا، مۇھاجىرلار لەنجۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى. چوڭلار ئىسسىققا چىدىماي يەنە ئاغرىپ كەتتى. شۇ كۈنلەردە سەيپىدىن ئەزىزىي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئېلىپ لەنجۇغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەت سامساق بىر قىسىم مۇھاجىر ۋەكىل بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ ياتىقىغا كىرىپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان قاتناشنىڭ ھەل بولمىغانلىقى، چوڭلارنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. سەيپىدىن ئەزىزىي ئاغرىپ قالغانلارنى ئەتە ۋەكىللەر ئولتۇرغان ئايروپىلاندا ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلانى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ لەنجۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جىددىي سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئولجا قالغان «دوتكى» ماركىلىق ئۈچ چوڭ ماشىنىدىكى شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان يۈكلەرنى چۈشۈرگۈزۈۋېتىپ، قالغانلارنى يۈك ـ تاقلىرى بىلەن ئورۇنلاشۇتۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان مۇخاجىر ئۇيغۇرلار 1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى خۇبدا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 21 ـ ئاۋغۇست، يەنى 109 كۈندە ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئۈرۈمچىدە بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ھەم ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىش خىزمىتىگە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەسئۇل بولدى ھەمدە پالتاخۇنباي سارىيىنىڭ ئارقسىسدىكى خلەق ئىشلار نازارىتىنىڭ بىر قەۋەتلىك مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. خەلق ئىشلار نازارىتى ئۇلارنى ئۇرۇمچىدە بىرنەچچە كۈن دەپ ئېلىپ شەھەرنى كۆرۈشكە ھەمدە يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىقا قويۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىر چوڭ ئادەمگە كۈنىگە ئىككى يۈەن بالىلارغا بىر يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقاتتى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بىر گىرام ئالتۇن 2.68 يۈەن ئىدى. بىر ئادەم بىر كۈندە ئاشپۇزۇلدىن ئۈچ ۋاخ تاماق يېسىمۇ بىر يۈەننى خەجلەپ بولالمايتتى. شۇ كۈنلەردە يەنە سەيپىدىن ئەزىزينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلارنى نازارىتى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ياكى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. كورلىلىق ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكى ئادەم بولغاچقا، كورلىدىكى موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلدى. باي ئىبراي دېگەن كىشىنىڭ تىللا ، سارا دېگەن ئىككى قىزى موڭغۇلچە ئوقۇغان، موڭغۇلىيەدە خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەككە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى كەلگەن مۇھاجىرلاردىن ھيېتئاخون روزىنى ئالتاي شەھەرلىك سودا كوپىراتىپىغا مۇئاۋىن دېرىكتورلۇققا، غاپپار دېگەن كىشىنى ئۆلكىلىك موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا، بۇسارە بەگرىنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلدى. مۇھاجىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېين ھەرقايسىسىنى ئۆز يۇرتلىرىغا يولغا سالدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاساسەن قومۇل ، تۇرپان، گۇچۇڭ، غۇلجا، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەنلىك ئادەملەر ئىدى. دادامنىڭ ئەسلىي يۇرتى كاتايلاق بولغاچقا، 1955 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۆكۈمەت كىرا قىلىپ بەرگەن بىر گاز ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 12 كۈندە كاتايلاققا يېتىپ بارغانىدى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئالتاي چېگراسىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا ئۇزىتىپ قويدى. 1956 ـ يىلى 28 ـ سېنتەبىردە تاشقى موڭغۇلىيە خوبدا شەھىرىدىن 50 ئائىلە، 537 كىشى يولغا چىقىپ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بۇلغۇن دېگەن ئېغىزدىن شىنجاڭغا كىردى. بۇلار ئىچىدە بەش نەپەر خەنزۇ مۇھاجىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى موڭغۇل ئىدى. بۇ مۇھاجىرلارغا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىر نوپۇسقا ئۆزىنىڭ بىر ئات، بىر تۆگىسى بىلەن چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان. قالغان قورۇ ـ جاي، مال ـ ۋارانلىرىنى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى باھالاپ ئالغان ياكى ئۆزلىرى ساتقان. ئۇلار ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان بارلىق مۈلۈكىنى ئات ـ تۆگىرىلىگە ئارتىپ يېنىپ چىققانىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدە موڭغۇلىيە ئۆلگەي شەھىرىدىن يولغا چىققان يەتتە مۇھاجىر ئائىلە ماشىنا بىلەن ئالتاي شەھىرىگە ئۆتتى. 1957 ـ يىلى ئۇلانباتور، خوبدا شەھەرلىرىدىن تۇرسۇن دارغا، ياسىن ئارتىس دېگەن كىشىلەرمۇ گۇچۇڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتى تۇرسۇن دارغىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى خىزمەت دەرىجىسىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنى ليۇداۋان كۆمۈر كانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. ئەمما تۇرسۇن دارغا، ياسىن ئارتىس، قەشقەر بەشكېرەمگە قايتقان لېتىپئاخۇن، خوتەنگە كەتكەن ياقۇپ، بايلىق مۇھەممەت قوشماق قاتارلىق ئادەملەر 1958 ـ يىلى چىڭگىل ناھىيەسى ئارقىلىق يەنە موڭغۇلىيەگە قايتىپ كەتتى.مۇڭغۇليە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يەنە قىزغىن قارشى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇردى. موڭغۇلىيەدە قالغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 1962 ـ يىلى ئۆزبېكىستانغا، يەنە بىر قىسىمى 1998 ـ يىلىدىن 2002 ـ يىلىغا قەدەر قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتتى. موڭغۇلىيەدە ھازىر يەنە بىرنەچچە يۈز ئۆيلۈك ئۇيغۇر ئەۋلادى ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئاساسەن خوبىدا، ئۆلگەي، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان. مەن 1991 ـ يىلى مايدا تۇغقان يوقلاپ، تۇغۇلغان يۇرتۇم موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە باردىم. بۇ چاغدا، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ 36 يىلدىن بويان ئىككى ئارىدا مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ ، مەن جۇڭگودىن تۇنجى بولۇپ موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇر ئىدىم. مېنى ئۇلانباتوردا ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر پويىز ئىستانىسىسىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئۇلانباتوردىن خۇبدا شەھىرىگە بارغان چېغىمدا ئايرودورومغا مېنى قارشى ئالغىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەم چىقىپدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇرلار ئىدى. تاغام بوينۇمغا چىڭ ئېسىلىپ ئۇزاق يىغلاپ كەتتى. قالغانلارمۇ ماڭا ئېسىلاتتى، سۆيەتتى. ئەمما مەن ئۇلارنى تونۇمايتتىم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلار مېنى ئەمەس ۋەتەننى، ئۇيغۇرلارنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋاتاتتى. مەن بېرىپ ئەتىسى تاغام مېنى كەلدى دەپ، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قۇلۇم ـ قوشنا، دوستلىرىغا چوڭ چاي بەردى. تاغامنىڭ خوبدا دەرياسى بويىدىكى كەڭرى قورۇسى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. چوڭ بىر قازاندا پولو ئېتىلىدى، بىر قازانغا لىق گۆش سېلىندى. داستىخانغا بولكا، بوغۇرساق ، قۇرۇت ، سۈزمە، سېرىق مايدىن باشقا، مەن ئۈرۈمچىدىن ئاپارغان ھەر خىل كەمپۈت، پېچىنە ـ پىرەنىك تىزىلغانىدى. مېھمانلار ئۈرۈمچىنىڭ كەمپۈت ـ پىرەنىكلىرىنى ئاجايىپ مەززە بىلەن يەپ ، مەندىن توختىماي گەپ سورايتتى. ئۇلار دادامنى ، ئاپامنى، ئۈچ ھەدەمنى، ئۇلارنى قانچە بالىسى بارلىقىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورايتتى. ئۇلار يەنە موڭغۇلىيەدىن جۇڭگوغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلىقى، بالىلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، جۇڭگودا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، مائارىپى، ئۆرپ ـ ئادىتى ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىىدە توخـىماي سوئال سورايتتى. بىر چاغدا ئۆيگە ئاپئاق كەيمەلىچەك ـ چىلاۋۇش كىيگەن ئىككى قازاق موماي كىرىپ كەلدى. ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردۇق. ئۇلار: «قوناق قايسى» دەپ سورىۋىدى، تاغام مېنى كۆرسەتتى. مەنمۇ ئالدىغا ئىتتىك باردىم. ئۇلار مېنى نۆۋەت بىلەن باغرىغا چىڭ بېسىپ: «ئورپاغىم... ئورپاغىم» )پەرزەنتىم ... پەرزەنتىم( دەپ سۆيدى. پۇرىدى. ئاندىن : «تۇقاننىڭ يىئىسى چىقىپتۇر )تۇخاننىڭ ھىدى پۇراۋاتىدۇ(» دېيىشىتى، ئۇزاق كۆز يېشى قىلىشتى. كېيىن ئۇلارنىڭ گەپلىرىدىن ئۇقسام، ئاپام بىلەن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى ئىكەن. مەن ئۇلارغا ئاپامنىڭ نامىدا سوۋغات تەقدىم قىلدىم... يەنە بىر كۈنى تاغامنىڭ ئۆيىگە ئىكى موڭغۇل بوۋاي كىرىپ كەلدى. تاغام ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇردى ۋە بىزگە تەرجىمانلىق قىلدى. بۇ بوۋايلار دادامنىڭ دوستلىرى ئىكەندۇق. دادامنىڭ موڭغۇل تىلىغا ناھايىتى ئۇستىلىقىنى، مېھماندوست، ئەمگەكچان، جاپاكەش ئادەم ئىكەنلىكىنى، موڭغۇلىيەدە تۇنجى بولۇپ قوغۇن تېرىپ موڭغۇللارنى بەك خۇش قىلىۋەتكەنلىكىنى ھىكايە قىلىۋاتقاندەك سۆزلەپ بەردى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مانتا، پولو، سامسا، لەڭمەن، نان دېگەن تاماقلىرىنى تامشىپ تۇرۇپ ماختاپ، ھاياجانلىنىپ كەتتى بولغاي: «قېنى شۇ ئۇيغۇرلار؟ نېمىشقا كەتتى شۇ ئۇيغۇرلار؟ ئۇيغۇرلار كەتتى، ئۇلارنىڭ مەززىلىك پولو، مانتا، لەڭمەن، سامسىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كەتتى...» دەپ ۋاقىرىۋەتتى. مەن تاغامدىن موڭغۇلىيەدە ھازىر بار ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىشقا ئاشىخانا ئاچمايدىغانلىقىنى سورىسام، تاغام تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا: «بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ساپ ئۇيغۇرلار ئىكەنتۇق. ئۇلار ھەرقانداق يەرگە بارسا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى تاشلىمايدىكەندۇق، ئۇنتۇمايدىكەنتۇق، ھەرقانداق جاپاغىمۇ چىدايدىكەندۇق. بۇ يەردىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار 3 ـ ئەۋلاد ئۇيغۇرلار، باشقىلار بىلەن چاڭلاشقان شالغۇت ئۇيغۇرلار، ئۇلار رۇسلارنىڭ، موڭغۇللارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە كۆنۈپ كەتتى، ئېتىقادىمۇ شالغۇتلىشىپ كەتتى. ئۇلار ھەر كۈنى بىر قېتىم بوتكىلاردىن بولكا، بوغۇرساق، تەرخەمەك، سېرىق ماي، ۋودكا سېتىۋېلىپ ئۈچ ۋاي يەيدۇ، ئىچىدۇ ـ يۇ، ئۇنداق پولو، لەڭمەن، مانتا دېگەنلەرنى ئەسلەپمۇ قويمايدۇ ۋە ئېتەلمەيدۇ، ھۇزۇرنلىشىپ كەتتى... » دېدى ھەسرەتلىنىپ. مەن موڭغۇلىيەدە تۇرغان 30 كۈن ئىچىدە خوبدا شەھىرىدىن باشقا ئۆلگەي، زاپخون، دارخىن، ئۇلانباتور قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ دادام تۇرغان، تىجارەت قىلغان، دېھقانچىلىق قىلغان ھەممە يەرنى زىيارەت قىلدىم. ھەيران قالدىمكى، موڭغۇلىيەدىكى بارلىق چوڭ ـ كىچىك شەھەردە ناھايىتى مۇكەممەل مۇزېي بار ئىكەن. ھەربىر شەھەردىكى مۇزېيدا تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، مەشھۇر شەخسلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىپتۇ. ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى تارخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇزيىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ناھايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. ئاخىرقى كۈنلەردە ئورخۇن ـ يېنسەي بويىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى تاش ئابىدىلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم. مەن موڭغۇلىيەدىكى ئاخىرقى كۈنلەردە خوبدا شەھىرىدە بولغان بىر ئىش ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ: بىر كۈنى تۇغقانلىرىم دادام، ئاپام ئۇزاق يىل ئولتۇرغان قەدىمكى مەھەللە ـ نەمىنگە كونا ئۆيىمىزنى زىيارەت قىلغىلى ئاپاردى. خوبدا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى ماي ئايلىرىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق بوپكەتكەنىدى. بەش ـ ئالتە مىڭ مو تېرىقچىلىق مەيدانىدا ھازىرمۇ ئون نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇرىدىكەن. تۇغقانلار مېنى باشلاپ يۈرۈپ بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن دادام بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن خوبدا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ چاپقان بىر كىلومېتىردىن ئۇزۇن ئېرىقنى كۆرسەتتى. بۇ يەرلەر ھازىرمۇ ئاشۇ ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىكەن. مەھەللىدىكى دادام تىككەن تېرەكلەرنى ، قوغۇن تېرىغان يەرلەرنى، زىيارەت قىلدىم. بۇ يەرلەر ھازىرمۇ تاغامنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن، تاغام بۇ يەرلەرگە قوغۇن، بۇغداي، تېرىيدىكەن. ئۇلار ئاخىرىدا مېنى بۇرۇن بىز ئولتۇرغان يوغان بىر قورۇغا باشلاپ كىردى. قورۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يوغان ئىككى تۈگمەن تېشى تۇرۇپتۇ. بۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۇن تارتىدىغان موفاڭ )ئات تۈگمىنى( نىڭ تېشى ئىكەن. مۇشۇ دېقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەممە ئادەم بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئۇن تارتىدىكەندۇق. بىزنىڭ ئەسلىي ئۆيىمىز ئۆرۈلۈپ كېتىپ تاغام يان تەرەپكە ئايرىم ئۆي ساپتۇ. تاغام ماڭا كونا ئۆينىڭ ئورنىدا بىر يەرنى كۆرسىتىپ: «مانا، سەن توغۇلغان يەر مۇشۇ، كىندىك قېنىڭ تۆكۈلگەن يەر مۇشۇ! بالام سەن 36 ـ يىلدا ـ بىر قەزنەدە تۇغۇلغان يېرىڭگە ئاران بىر كەلدىڭ...» دېدى. شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزغا بىر توپ ئادەم ئولاشتى. ئۇلار بىزنىڭ بۇرۇنقى قوشنىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. بىر ئۆيدە قوي سويۇپ تاماق تەييارلاپ قويۇپتۇ، ھەممىمىز شۇ ئۆيدە ناھايىتى خوشال ـ خورام مېھمان بولدۇق... خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا ھەرقايسى ساھەدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلار سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلدى. كورلىدىن ئىبراھىمئاخون 1956 ـ يىلىدىن باشلاپ تاكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا قەدەر مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ھەر يىلى بىر قېتىم بېجىڭغا يىغىنغا بېرىپ تۇردى، گۇچۇڭدىن مەريەم، بورتالادىن غاپپار، سەيدۇللا ھەسەن، ياسىن كېرەملەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئۇزاق يىل خىزمەت قىلدى. بۇندىن باشقا يەنە بىرنەچچەيلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئوبلاستلىق، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرىدە خىزمەت قىلدى. يەنە بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى، تېخنىك، دىكتور، سەنئەتچى، داڭلىق تەنتەربىيەچى بولۇپ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتتى. موڭغۇلىيەدىن كېلىپ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان ھەنىپە ئالىمئاخۇن ئەڭ قىيىنچىلىق يىللار 1960،1970،1980 ـ يىللاردا ھەر مىللەتتىن بولغان توقۇز نەپەر يېتىم بالىنى ئۆز بالىسىدىنمۇ چارى ئەتىۋارلاپ بېقىپ چىڭ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلكىسىنى ياراتقاچقا، 2009 ـ يىلى ئەڭ زور شەرەپ ـ «مەملىكەت بويىچە جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ھازىر موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگەن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تۈركۈم پەرزەنتى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىقتىسادىي ساھالەردە ئىختىساس ئىگىلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى بولۇپ ئىشلەپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشماقتا. ئاخىرىدا، مېنى مۇشۇ ئۇنتۇلماس تارىخىي ئەسلىمە ۋە قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن مەرھۇم دادامغا، بىزنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن بېيجىڭغا ئالدىمىزغا ئالغىلى بارغاندا ھەر كۈنى كۈندىكىك خاتىرە يېزىپ، ماڭا شۇ قىممەتلىك خاتىرىسىنى تەقدىم قىلغان مۇھەممەت سامساق ئاكىغا، موڭغۇلىيەدە 30 يىل كۈندىلىك خاتىرە يازغان مەرھۇم ھېيتئاخۇن روزى ئاكىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن؛ مېنى يەنە نۇرغۇن ئەسلىمە بىلەن تەمىنلىگەن ئابدۇراخمان سابىت ئاكا، غاپپا ئاكا، بۇسارە ھەدىگە كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
ياق، مەن جالاپ ئەمەس
[تەھرىر]1. ياق، مەن جالاپ ئەمەس
ـ دادا، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى ساقلاپ قالىدۇ. رۇخسەت بېرىڭە دادا.
ئۆتۈنۈپ قالاي. - . . .
ـ ئانا، دادامغا گەپ قىلىڭە، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى كىچىدىن ئۇخلىماي تۈگەتكەندىكىن.
ـ ئانام لەۋلىرىنى مىدىرلىتاي دەپ تۇرۇشىغا دادامنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى يەنە ماڭا قادالدى.
ـ ياق، ھەرقانچە ناھىيىنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ بۈگۈن ھېچيەرگە بارمايسەن.
دادامنىڭ ئەلپازى بەكلا قەتئىي ئىدى.
ـ بۈگۈن بارماقچى بولغان يىرىڭنىلا ئەمەس، قىلماقچى بولغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭنى توختات. بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان بۇيرۇقۇم. نەچچە يىلدىن بېرى تىرىغان باش ئاغرىقىڭ يېتىپ ئاشىدۇ.
دادامنىڭ ئېيتقانلىرى دەرھەقىقەت، مېنىڭ ئۆيدىكىلەرگە سالغان خاپىلىقلىرىمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
ـ دادا، مەن ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقىلايمەن دەپ سىلەرگە نۇرغۇن جاپا سالدىم. بىراق مەن خاتا ئىش قىلمىدىم. ـ نېمە، يەنە مېنىڭ توغرا دەۋاتامسەن تېخى، دادامنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى، - سىرتتىكى پىتنە - ئىغۋالارغا قاراپ باقە. سەن ئۇياتمىغىنىڭ بىلەن مەن تۇرالمىدىم مۇشۇ مەھەللىدە. ھۇ نومۇسىنى بىلمەيدىغان رەسۋا.
دادامنىڭ رەسۋا دەپ چالۋاقىشى بىلەن تەڭ خۇددى قوقاس ئۈستىگە دەسسىۋالغان توخۇدەك ئىزىمدا تۇرالمايلا قالدىم.
ـ مېنىڭ بىر ۋاقلىقىم خەقنىڭ ئۆيىدە ئەمەس دادا. باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق. ئۆزۈمنىڭ قىلغىنى ئۆزۈمگە دۇرۇس بىلىنسىلا شۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن. بىر ياراتقان ئاللاھتىن قورقمىساق ئۇياتساق بولىدۇ، مېنىڭ يولۇمنى ھېچكىم توسالمايدۇ. كوچا - كويلاردا ئۆسەك سۆزلەرنىڭ بولۇشى ئۇ تەبىئىي ئەھۋال. مەن شۇنىڭدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمامدىم. ـ مېنىڭمۇ ياشاش ئەركىنلىكىم بار، دېدىم مەن ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ. ـ ھەي، ھايۋان. مەندىن بىر كۈن رۇخسەت سورىدىڭما سەھەردە چىقىپ كەتسەڭ، قاراڭغۇ چۈشمىگىچە ئۆينى تاپالمايسەن. نەگە بارغىنىڭنى كىم كۆرۈپتۇ. خەقنىڭمۇ كۆزى بار. شامال چىقمىسا دەرەخ تەۋرىمەيدۇ. ـ دادا مەن خەقنىڭ ئىغىزىغا چىقىپ كۆزىگە چىلىققۇدەك قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم؟ - يىغلاپ تۇرۇپ چىچىلدىم مەن. ـ ئۆزۈڭ بىلىدىغانسەن نېمە قىلغىنىڭنى. ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر ياققا بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.
مەن دادامغا يالۋۇرۇپ يىلىندىم، ئەھۋال چۈشەندۈردۈم، ئۆتۈمدۈم. بىراق دادام پەقەت گەپ يىمىدى. ئاخىرى دادامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىمايلا گۈللۈكنىڭ پەشتىقىغا قويۇلغان سومكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقماقچى بولدۇم.
ـ بوسۇغا ئاتلايدىغان بولساڭ ئائىلە ئەزالىق تىزىملىكىدىن رەسمى ئۆچۈرىلىسەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما!
مەن بىر ئىزىمدا خۇددى قېقىپ قيغان قوزۇقتەك تۇرۇپ گويا باش باھارنىڭ يامغۇرىدەك ياش تۆكتۈم. ئەتراپ جىمىپ قالدى.
ـ ئىختىيارىڭىز دادا، مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەنە شۇنداق ئېغىر بىسىم، بۇيرۇق پەرمانلار مەندىن خالىي ئەمەس. سۇنى سىقسا ئالقاندا تۇرماپتۇ دېگەندەك شۇنداق تۇرۇپمۇ مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتتىم. ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بولماق خويمۇ قىيىنكەن. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز! مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈۋاتقان سۇۋادان تىرەكلەر مەھەللە يولىدا مەن ئۆزۈم تەنھا كېتىۋاتىمەن. ياز ئايلىرىنىڭ يىقىملىق شاماللىرى ياپيېشىل تەبىئەت مېنىڭ سۇلغۇن كەيپىياتىمغا تەسەللى قىلىۋاتقاندەك، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەدەملىرىم شۇنچە مەيۇس، ئىچ - ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئازابلىق كۆز ياشلىرىم ئاپئاق يۈزلىرىمنى چالا يۇيۇلغان ئالمىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. مېنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ئازاپ ئوتىدا ئۆرتىنەتتى. چۈنكى مەن باش پاناھىم، مەدەتكارىم بولغان دادامغا گەپ ياندۇرۇپ ئۆيدىن يىنىپ چىقتىم ئەمەسمۇ. مېنى ئادەم دېگىلى بولاتتىمۇ. بۇ دادامنىڭ مېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشى. بىراق ئالدىنقى قېتىملىرىدا ئائىلە ئەزالىق نوپۇسىدىن ئۆچۈرۈلدۈڭ دەپ باقمىغان. بۇقېتىم يامان يىرىگە بېرىپ يەتتى. مەن ئەنە شۇنداق خىيال دەرياسى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ يىزىمىزدىكى ماشىنا توختاش بېكىتىگە بېرىپ توختىدىم. سائىتىمگە قارىسام مەن دېيىشىۋالغان ۋاقىتقا يېرىم سائەتلا قاپتۇ. خېلى ساقلىغان بولساممۇ ھېچبىر ماشىنا كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى تېلېفون بوتكىسىا بېرىپ ئانام تەرەپ تاغامغا تېلېفون قىلىپ ماشىنا ئېلىپ چىقىشنى ئېيتماقچى بولدۇم. تېلېفون ئۇلاندى، لېكىن ئېلىنمىدى. مەن جىددىيلەشكەن ھالدا تۆت تەرەپكە تەڭ قاراپ قانداقتۇر بىرەر ماشىنىنىڭ كېلىپ قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدىم. ـ ھە، ھازىر تېخى تېلېفون قىلغانما. ار ئۇ جالاپ. نېمىلىرى بولىدۇ ئۇ جالاپ.ـ تېلېفونچى قىزنىڭ قوپال تەلەپپۇزدا، قەستەن ماڭا ئاڭلىتىپ ۋارقىراپ سۆزلىشى مېنى ئۆزىگە قاراتتى. قارىسام ئۇ قىز قولىدا تېلېفوننى تۇتۇپ تۇراتتى. ـ بۇ ماڭا كەلگەن تېلېفونمۇ نېمە؟ ھۇي نېمىشقا قويۇۋېتىسىز؟ سورىدىم مەن مەيۈس ھالەتتە. ـ تېلېفون مېنىڭ بولغاندىكىن قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن، بولماپتىما، ھۇ بۇزۇق جالاپ. ـ ۋېيەي، سىز كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن. ـ ۋاي قوۋۇرغام، قانداق قىلاي ئەينۇلىقىنى، ئالدىمدا كىم تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە شۇنى دەيمەندە...
شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزنى مىژژىدە ئادەملەر توپى ئورىۋېلىشتى، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ، ئايىمگۈل بۇ قىز ئەخەت ئوسمان ھاجىمنىڭ نەۋرىسى نۇرئىمانگۈل ئەمەسمۇ، خاتا تونۇپ قالمىغانسىز - ھە؟
ـ ياق، ھەرگىز خاتا تونۇمىدىم. ھازىر ھاىملار ئائىلىسى جالاپلار ئائىلىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈرگىنى بىلەن ئايىغىنى ئوچۇق قويىدىغان جالاپ خىنىملارنىڭ ھالىغاۋاي. مۇشۇمۇ شۇ خىنىملارنىڭ بىرى. ئاچىسى ئاينۇر جالاپنىڭ سىڭلىسى نۇرئىمانگۈل جالاپ دەل ئۆزى شۇ. ئاينۇر جالاپنىڭ كاساپىتىدىن مېنىڭ ئىككى بالام يىتىم بولاي دەۋاتىدۇ. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىردەم بىر - بىرىگە قاراپ كۇسۇلداشسا، بىردەم مېنىڭ چىرايىمغا، ئۈستى - بېشىمغا تەكرار سەپسالاتتى. بىرسىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بىرنەرسە دېسەك بولمىغىدەك. قارىسا شۇنداق نەپىس كىنىۋاپتۇ بۇ قىز. ئىسلام كىيىملىرى ئىشرەتۋاز ئاياللارنىڭ ياخشى نىقابى بوپتۇغۇ ئەمدى.
ئوتتۇرا بوي، ئارا سىمىز بىر ئەركىشىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ماڭا قادالغان كۆزلىرىدىن، كۇس - كۇس پاراڭلىرىدىن قاتتىق ئەلەم ۋە خورلۇق ھېس قىلدىم. نومۇسنىڭ كۈچىدىن ئۆلۈپ كەتمىدىم، باشقىسى بولدۇم. شۇ مىنۇتلاردا ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسەم يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسەم قاتتىق، شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەى ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەزەلدىن ئۇنداق كۆپ ئادەملەر، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالدىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتىم. تەلىيىمگە ماشىنىمۇ كېلىپ قالدى.
مەن جالاپما؟ ئۇلار مېنى ھاجىملار ئارىسىدىن چىققان جالاپ خېنىم دەيدىغۇ. ياق، مەن جالاپ ئەمەس. مەن دېگەن قارىھاجىمنىڭ نەۋرىسى، مەن جالاپلىق قىلمىغان تۇرسام ئۇلار مېنى نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ. زادى، مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىتا گەپ قىلالمىدىم، ئۇلار مېنى تىللىدى، مەن تىللىيالمىدىم.
دېمەك مېنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا تىلىم كىسىك، جەمەتىمىز ئىچىدىن نەۋرە ئاچامنىڭ شۇنداق يولغا مىڭىپ قالغانلىقى دەرھەقىقەت. بىراق مېنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشىم بىلەن ئاچام توغرا يولغا قايتىپ ئاشخانا ئاچتىغۇ. ھازىر ھالال كەسپى بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋاتىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىر ئۆمۈر جالاپ دېگەن نام بىلەن ياشارمۇ؟ جەمئىيىتىمىز، نادان خەلقىم سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھىنى تونۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار نېمە بولار! شوپۇرنىڭ بېكەتكە كەلدۇق دېگەن ئاۋازى مېنىڭ خىيالىمنى بۆلدى. باشقىلار ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار مېنى «ھەي جالاپ، سەنمۇ چۈشە» دەپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك شوپۇرمۇ مېنى «ھەي، جالاپ چۈشمەمسەن ماشىنامدىن» دەپ تىللاپ كېتىۋاتقاندەك دەرھال بېكەتتىن چىقىپ ماڭدىم. بىراق يول ئۈستىدە ماڭا يولۇققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى جالاپ دەپ تىللايدىغاندەك، نەۋرە ئاچامنىڭ ئىشلىرىنى يۈزۈمگە سالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. پۈتكۈل جاھان كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ماڭىدىغان يولۇمنىمۇ ئايرىيالماي بېشىم قايغان تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن. توساتتىن بېسىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىق ئازاۋىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالدىم. گاللىرىم قۇرۇپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، بېشىم گويا كۈچلۈك پالتىدا چىقىلىپ ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك سىقىراپ ئاغرىيتتى. كۆزۈمنى ئاچسام تۇرمۇش نەرسە - كېرەكلىرى ساتىدىغان ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا يىتىپتىمەن. ئاپئاق يۇمشاق بىر جۈپ قول چىكەمنى ئۇۋۇلاپ، يۇمۇلاق بىر جۈپ مېھرىبان كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. «قايسى ئىشرەتخانىدىن كەلگەن جالاپسەن» دېگەن ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ۋارقىراپ كەتتىم.
ـ ياق، مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس، مەن دېگەن ھاجىمنىڭ نەۋرىسى، ئىشرەتخانىغا كىرىشىمدە سەۋەپ بار. ـ كىم سىزنى جالاپ دېدى. ھېلىقى مېھرىبان چىراي يۈز - كۆزلىرىمنى سۈرتتى، توپىلىرىمنى قاقتى. ـ سىزگە نېمە بولدى؟ ئىسمىڭىز كىم؟ ـ ئىسمىم نۇرئىمانگۈل. ـ ئاۋۇ يەردە ئايلىنىپ يىتىپ قاپتىكەنسىز، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىزنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكېلىپ ياتقۇزدۇم. سىزگە تاماق بۇيرۇتقان ئىدىم، قېنى ئىچىڭ، قىززىق ئاش ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئالىدۇ. ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قىززىق چۆچۈرە ئاشنى بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئىچۈردى. يەنە كېلىپ چۆچۈرە مېنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقىم ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن بۇ ئايالنىڭ ماڭا قىلغان ھېسداشلىقىدىن سۆيۈنۈپ جاھاندا يەنىلا ياخشى ئادەملەر باركەنغۇ دەپ مەمنۇن بولۇپ ياش تۆكسەم، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى نەچچە سائەت ئالدىدىلا ئائىلەمدە ۋە تېلېفون بوتكىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى خىيالىمنى ئەگىيتتى. جەمئىيىتىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق خاتا كۆزقاراشلىرى، پىتنە - ئىغۋالىرى نۇرغۇن قىزلارنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ نابۇت قىلىۋاتىدىغۇ دېگەنلەرنى ئويلايتتىم - دە ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى تۆكەتتىم. ھېلىقى چۆچۈرە كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىلىۋاتاتتى. ـ بولدى، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، بىرەر ئىشتىن خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلىسىز. مېنىڭ خاپا بولغانلىرىم بەك جىق، كىمدىن خاپا بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم. مېنى بەكرەك خاپا قىلغىنى جەمئىيەت بىلەن نادان خەلقىمدەك قىلىدۇ. قارىغاندا سىزنىڭ پىكرىڭىز باشقىچىرەك تۇرىدۇ. خېلى مەزمۇنلۇق سۆزلەيدىكەنسىز. خەلقىمدىن خاپا بولدۇم دەيسىزيۇ، نېمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىڭىزنى دېمىدىڭىزغۇ. خەلق دېگەن شۇنچە جىق تۇرسا، كونكرېتراق دېمەمسىز. جەمئىيىتىمىزدىكى خاتا چۈشەنچە، خەلقىمىزدىكى خاتا قاراش، پىتنە - ئىغۋا، ئۆسەك سۆزلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشرەتخانىدا دەپسەندىلىك، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتسا مەن ئازابلانماي تۇرالايتتىممۇ. ـ قارىغاندا، بىشىڭىزغا خىلى ئېغىر كۈنلەر كەلگەندەك تۇرىدۇ. شۇنداق يولدىن ئازغان قىزلار توغرۇلۇق مەلۇم چۈشىنىشىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟ ـ ھەئە، مەن شۇنداق قىزلارنى كۆرگەن، مۇڭداشقانمەن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىە لايىق ئارزۇلىرى بار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. كۆيۈشكە، سۆيۈشكە، مېھرىبانلىققا ئېرىشسەم، ئىناق ئائىلىگە ئىرىشسەم دەيدۇ. ئېغىزدىن بەدبۇي ھارۈق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان، قىلىشلىرى شۇنچىلىك لاۋزا، شۇنچىلىك قوپال ئەرلەرنى كۈتۈشتىن ئۇلارمۇ سەسكىنىدۇ. ـ ھوي گويا ئۇلار بىلەن تونۇشىدىغاندەكلا سۆزلەيسىزغۇ؟ ـ توغرا، مەن شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. چۈنكى مەن ئىشرەتخانىلارغا كىرگەن. ـ نېمە، سىز تېخى شۇنداق جايلارغا كىردىڭىزما؟ قانداق سەۋەپ بىلەن شۇنداق جايلارغا كىردىڭىز؟ ئەمىسە بايامزە شۇنداق جايدىن چىقىپتىكەنسىز - دە. ـ ياق، ياق، سىزمۇ مېنى خاتا چۈشەنگىلى تۇردىڭىز. ئۇنداق ئەمەس، مەن راستىنلا شۇنداق جايلارغا كىرگەنى، نېمىشقا دېسىڭىز جەمئىيىتىمىزدە شۇ يولدىكى قىزلارغا يىغىۋاتقا نەپرەتنىڭ كۆپلىكى، جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى «جالاپ، جالاپ» دەپ ھاقارەتلەشنىلا بىلىشى، لېكىن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن دەيدىغانغا ئادەمنىڭ يوقلىقى... مەن دەسلىۋىدە جەمەتىمىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداپ نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن شۇنداق جايلارغا كىرگەنتىم. بەكلا ئىچكىرلەپ كىرىپ بەش يىل شۇ پاتقاق ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم. شۇ جەرياندا ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى پۈتكۈل قاۋاقخانىلارغا بىر قۇر كىرىپ چىقتىم. شۇ قىزلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. شۇ جەرياندا قىمار قەرزىگە ھېسابلاپ ئۆز قىزىنى ئەرلەرنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزۈپ بەرگەن، قىزىنىڭ لايىغى بىلەن تۆشەكتە يېتىپ قىزىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان، ئاي - كۈنى يىقىنلاپ قالغان كىلىننى خۇراپاتلىقنى ياقىلاپ، تەتۈر پىشانە دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، شۇنداقلا ئۆلۈم خەۋپىنى پەيدا قىلغان، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ نەچچە يىلنىڭزى سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى تۆلەيسەن دەپ قىزىنى بىسىم ئاستىغا ئېلىپ، ھالاكەت يولىغا باشلىغان، قىزىنى كۆزلەپ ئانىسى بىلەن توي قىلىپ، ئانا - بالا ئىككىلىسىنى تەڭلا ئاياس ئاستى قىلغان، ھايۋان سۈپەت دادىلارنى، ئانىلار، قىيىنئاتا - قىيىنئانىلارنى، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس، ئىسلام تونىغا ئورۇنىۋېلىپ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بارغان بىچارە قىزلارنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان مىللى مۇناپىق ھاجىملارنى بايقىدىم... مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ يەتكىچە خورلۇق، دەرد ۋە ئەلەم تارتتىم. كۆرمىگىنىم قالمىدى. شۇنداق جايلاردا باش يىلدەك يۈرۈپ خىلى كۆپ قىزلارنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ، نەۋرە ئاچامنىمۇ تېپىپ ئىشلار ئوبدان يۈرۈشكەندە بولسا خەلقئالەم ئارىسىدا ئۆزۈم يامان ئاتاقلىق بولۇپ قالدىم. تېخى ئۆيدىن ھەيدەلدىم دەڭا. ـ ئەستا، بۇ ئىشنى قارىڭە، بەش يىل جەريانىدا سىزگە باشقىچە قاراشتا بولمىغان ئاتا - ئانىڭىززە ئەمدى نېمىدەپ سىزنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەندۇ، ئەمدى. ـ راستىنى ئېيتسام، بەش يىلدىن بېرى گەرچە ئۆزۈم شۇنداق جايلاردا تۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىشتىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى ئىزدەۋاتقان چاغلىرىمدا ئاتا - ئانام قارشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن قولىغا چىققۇدەك يامان ئىللەتلىرىم بولمىغانلىقى سەۋەپلىك كۆڭلىدە بىلىپ، ھەرھالدا مېنى «قىزىم» دەپ يۈرگەنىدى. بىراق ئۇلارنىڭمۇ سەۋر - تاقىتى چەكلىك - ھە. مەھەللە كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن پىتنە - پاساتلار تۈپەيلىدىن توي ئىشىممۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم بۇزۇلۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ مەن قىلىمەن دېگەنىمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، شۇڭا. ـ بايام سىز نەۋرە ئاچامنىمۇ تاپتىم، ئىشلار خىلى ئوبدان بولدى، دېگەنتىڭىزيۇ، يەنە شۇنداق جايلارغا بارىدىغاندەكلا «دادام بىلەن قارشىلىشىپ، قىلىمەن دېگىنىمدە چىڭ تۇردۇم» دەيسىزغۇ؟ زادى چىڭ تۇرغۇدەك قانداق ئىشتى ئۇ. ـ مېنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرىم بار. شۇڭا مەن بەش يىلدىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ خۇلاسە چىقىراي، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇ قىزلىرى ئۈستىدە ئازراق ئويلۇناي دەپ ئويلۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن توپ - توغرا بەش يىل ئىزدەندىم. شۇ پاھىشە قىزلارنى چۈشەندىم، قۇدرىتىمنىڭ يىتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ھەق يولغا دالالەت قىلدىم. گەرچە جەمئىيەت مېنى توغرا چۈشەنمىگەن، قارىلانغان بولساممۇ لېكىن تەڭرى ئالدىدا، ئۆز ۋىجدانىم ئالدىدا پاك بىر قىزمەن. شۇڭا مەن بىر تىككۈچىلىك كەسپى سىنىپ ئېچىپ، شۇ سىنىپنى كارخانىلاشتۇرسام، ئىشسىز قىزلارنى ئازايتسام ئازراق بولسىمۇ شۇلارغا چىقىش يولى بىغىشلىيالىسام بولاتتى دېگەن غەرەزدە ئازراق ئىش قىلغان ئىدىم. بۈگۈن شۇ ئىش ئۈچۈن دادام بىلەن تىكلىشىپ قالدىم. قارىسام مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەتلەشكەن قىزلارنىڭ %70 %80 سەھرا قىزلىرى ئىكەن. شۇڭا مەن ئىشنى سەھرادىن باشلىماقچى ئىدىم. ـ قىلالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ ـجىنىم تىنىمدە بولسىلا چوقۇم قىلالايمەن. مەن مۇشۇ ئارقىلىق ساددا، نادان سەھرا قىزلىرىنىمۇ ھەقىقى بىر ياشاشقا كۆندۈرمەكچىمەن. ئويلاپ باقسام شەھەر قىزلىرى بىلەن سەھرا قىزلىرى ئارىسىدا خىلى ئوبدانلا پەرق باركەن. شەھەر قىزلىرى بولسا تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىن تارتىپ جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىكەن، پايپاق ياكى ئوسما بولسىمۇ ئېلىپ ساتىدىكە. ۋەزىيەتمۇ شۇنىڭغا قىستايدىكەن، چۈنكى ئىككى موچەن بولمىسا ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. بىراق سەھرا قىزلىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. سەھرا قانچىلىك گۈزەل بولسا سەھرا قىزلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنداق گۈزەل. ئۇلار ياسالمىلىقتىن، ساختىلىقتىن ىالىي تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ياشىغاچقىمۇ بەكلا ئاق كۆڭۈل ھەم ساددا، باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. سەھرا قىزلىرى خوراز چىللاش بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ، قۇياش پاتقانغا قەدەر ئېتىزدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەجىر - مېھنىتىدىن پۈتكۈل كائىنات بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، شۇنداق ئەجىر ئىگىلىرى بىر ئۆمۈر ئېتىۋارسىز ھالەتتە ياشايدۇ. سەھرا قىزلىرىدا قىلچە ئەركىنلىك يوق. ئۇلار قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى قوللايدىغانلار، چۈشىنىدىغانلار يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار ئاسانلا ئىرادىسىنى يوقۇتىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: شائىرە مەلىكە ئاماننىسا خېنىممۇ سەھرا قىزى. ئۇ گۈزەل جامالى ۋە ئىستىبداتى بىلەن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى كۆيدۈرەلىگەن. ئاماننىساخاننى ئوردىغا خانىش قىلىپ يۆتكەيدىغان چاغدا «سەھرا قىزى» بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوردىدا نۇرغۇن پىكىر، ئىختىلاپلىرى بولغانغۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ ياخشى كۆرۈپ قوللىشى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقتى. ئۇ رەتلەپ چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مانا ھازىر پۈتۈن دۇنياغا قەدەر تونۇلدىغۇ. مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى بىرەر شەھەر يىگىتى سەھرا قىزىنى تويلاپ ئەكىرمەكچى بولسا، شەھەر قىزى بىلەن سەھرا قىزى ئوتتۇرىسىدىكى توي مىلى ياكى تويلىق پۇل پەرقى، ھازىرقى ئەھۋالدا مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغان گەپكەن. بۇنداق ئەھۋاللار دېگەن جىق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرە - پۈتتۈرمەيلا ھېلىغۇ ئالىي مەكتەپكەن، شەھەردىكى بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىنمۇ ئاتلىيالمايۋاتقان نۇرغۇن سەھرا قىزلىرى بار. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام يۈرىگۈم بىگىز سانجىغاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم بىر سەھرا قىزلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ باقاي دەپ شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا بولغان كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم.
مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمۇلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىمچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم.
ـ بەكلا ھاسىراپ كېتىۋاتىسىز، دورا بولسىمۇ ئىچىۋالاتتىڭىز، دورا ئەكېلىپ بېرەيمۇ - يا مەن؟
ئالدىمدىكى بۇ بىر جۈپ كۆز يەنە ماڭا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن ھېسداشلىق ئارىلاشقان نەزەردە تىكىلىپ تۇراتتى.
ـ رەھمەت بولدى. مېنىڭ ئۆزۈمدە دورام بار.
مەن ئېسىمنى يىغىپ سومكامنى ئالدىم ۋە ئىچىدىكى دورىنى چىقاردىم.
ـ ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي، قانداق دورا بۇ. ئۇكام بۇ دورىنى نېرۋىنى تېنچلاندۇرىدۇ، خاتىرىسىنى يوقاتقانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپتۇ. سىزنىڭ مىڭىڭىزدە ئۇنداق ئېغىر زەخىملىنىش بولمىغاندۇ؟ ـ مېنىڭ بۇ كىسىلىم ئانچە يەڭگىل ئەمەس. تېخى بۇ دورىمۇ ئۈنۈم بېرەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىرقانچە قېتىم ئىشرەتخانا خوجايىنلىرى تەرىپىدىن، جەمئىيەت داشقاللىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدۇم. ئاخىرى بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقتى.
يول بويىغا قاراڭغۇلۇق سايە تاشلىغىلىۋاتاتتى. مەن ئالدىمدىكى بۇ ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قارىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە قاراپ بار - يوق ئەھۋاللارنى بىرقانچە قېتىم ئۇرۇلۇش جەريانىمنى، ئىشرەتخانا خوجايىنىنىڭ مېنى ئۇرغۇزۇپ بولۇپ، ئۆزى چىقىملىرىمنى تۆلەپ داۋالاتقانلىقلىرىنى، ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرتكەندە مەىڭە ئۆسمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئارتۇق داۋالانغۇدەك دەرمانىمنىڭمۇ يوقلىقىنى ئىزىلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئايالمۇ بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈنلا سىرتقا چىققاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشىماقتا ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئەگىشىپ، مەن كىرگەن ئىشرەتخانىلاردىكى ئەرلەرنىڭ، خوجايىنلارنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتى، يۇمران غۇنچىدەك قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق، پاجىئەلىك ھاياتى خىيالىمنى ئەگىشكە باشلىدى. ئەتىگەن تېخى ئۆز مەھەللەم ئالدىدا «جالاپ» دېگەن ھاقارەتلىك نام بىلەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي ماڭغان تۇرسام، تېخى ئۆز دادام تەرىپىدىن «ئائىلە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلدۈم»... خىيالىم گىچماچلىشىپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى يىنىپ قاراڭغۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا بىرگە چىنار دەرىخىنى يەنە بىرگە قاننى كۆرسەم نېرۋام كاردىن چىقىدۇ. چۈنكى مەن تۇنجى قېتىمدا چىنار دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۇرۇلغان... ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە توختىماي «مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس» دەپ تەكرارلايدىكەنمەن. ئاخىرى ئۇ خانىم مېنى يۆلەپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى مەن بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىش ئارقىلىق دادامغا بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ مېنى ئۆيۈمگە ئەچىقىپ قويماقچى بولدى. ماڭا نۇرغۇن ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللى ۋە ئىلھام مەدەتلەرنى بەردى. شۇ خانىمنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن، بەش يىل جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى ئەينەن بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. 2. ئانا مېھرىگە قانمىغان بوۋاق 1998 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (چارشەنبە) جەمەتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى ئۇستازىم، يولباشچىم، جەمەتىمىز مۆتىۋىرى بوۋام ئەخەت ئوسمان ھاجىم بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قۇشنا جامائەت بىلەن بىرگە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۇزاتتۇق. جەمەتىمىزگە كەلگەن كۈلپەت بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. ئەخەت ئوسمان ھاجىم جەمەتىنىڭ چوڭ كىچىك ئەزالىرى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان، ھاشاردا، ئېتىز ئەمگەك باشلىرىدا يۈرگەن بولسىمۇ يۈزى يەرگە قادىلىپ بېشىنى ئۈستۈن قىلالمىغىدەك ھالدا ئابرويىمىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر ئېغىر ھاقارەت، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ساماننىڭ تىگىگە سۇ قويۇپ قىلغان غۇت - غۇت سۆزلىرى جەمەتىمىزنىڭ يۈرەك - يۈرەكلىرىنى يارا قىلاتتى. ئىلگىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇددەرىسى بولغان، ئىلىم - مەرىپەت نۇرىنى تارقاتقان، مەھەللە كويدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمغا باشچىلىق قىلىپ ئەلنى شەرىئەت بىلىملىرى بىلەن تونۇتۇپ يۈرگەن خەلپىتىم، ھاجىم جەمەتىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى مېنى يېنىش - يېنىش ئويغا سالاتتى. بوۋام قازا قىلغاندىن كېيىن جەمەت باشچىلىق ۋەزىپىسى دادامغا قالدى. داداممۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇرسىناتتى. چوڭ - چوڭ نەپەس ئالاتتى. بوغۇلۇق بوپ بولغان تۇرسا خۇرسىنماي ئەمدى نېمىمۇ قىلالىسۇن. چۈنكى خەلپىتىم ھاجىم ئائىلىسىنىڭ 5 - نەۋرىسى ئاينۇر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا بىز باشقىلارغا بوزەك قىلىنىپ ياشىدۇق. نېنىمىزنى جايلاپ يەيمىز دېگەن ھامان نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ قىلمىشى پىشانىمىزگە دوققىدە ئۇرۇلاتتى. ھەتتا جەمەتىمىز ئىچىدىن مەزىنلىك، ئىماملىق قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ سۆزلىرى بۇرمىلىنىدىغان، چەتكە قىقىلىدىغان بولدى. دادام بىرقانچە قېتىم تاغامغا «ئاينۇرنى ياندرۇپ چىقىڭ» دېسە، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەر «بار يېرىنى بىلمەيمىز» دېگەننى بانا قىلىپ، سەل قاراپ تۇرىۋەردى. ئاخىرى دەرغەزەپ بولغان دادام بىزنى تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقىشتىن چەكلىدى. مەقسىدى: تاغام ئائىلىسىنى مەخپى يوسۇندا خىجىل قىلىپ، قىزىنى تېپىشقا قىستاش ئىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە بولدى. تاغام ئائىلىسى بىلەن ئائىلىمىز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئاداۋەت كۈنسىرى كۈچىيىۋەردى. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاياغ بېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن يول بويلىرىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ تەتۈر قارىشىدىغان ھالغا يەتتۇق. جەمەتىمىز پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغاننەۋرە ئاچامغا ئىچ - ئىچىمدىن ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ جۇغۇلداپ كېتەتتى. ئۇخلىساممۇ ئۇنى تىللاپ چۈش كۆرەتتىم. كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. مەن گەرچە ئۇنىڭغا ئۆلگۈدەك ئۆچ بولساممۇ ئۇنىڭ نەۋرە ئاچام ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوقىتىۋېتەلمەيتتىم. گەرچە ئۇ جەمەتىمىزنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، يۈزىمىزنى تۆككەن بولسىمۇ يەنىلا بىر دەرەخنىڭ غولى ئىدۇق. ئۇنىڭغا قادالغان مىخ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى سىقىرىتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولساممۇ، كەينىدىن تىللاپ يۈرسەم، ئەمەلىيەتتە ئۆز جەمەتىمنى، ئاتا - ئانا، تاغا - ھاممىلىرىمنى تىللىغان بولمامدىمەن دەپ ئويلىدىمدە ئۇنى خۇپىيانە ئىزدەش نىيىتىگە كەلدىم. كۈندە ھۈنەر قىلغىلى بارغاچ - كەلگەچ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «بارمىش كېتىپ بارىمىش» دېگەندەك ئىنىقسىز يىپ ئۇچىغا ئىرىشتىم. مىش - مىش خەۋەرلەردە ئاڭلىغان ئاينۇرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مېنىڭ ئۆتەر يولۇمنىڭ ئارقا كوچىسىدا ئىكەن. شۇ خەۋەردىن كېيىن مەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن چوڭ يولدىن ماڭىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ پىيادە ئارقا كوچا بىلەن مىڭىپ، قەستەن كەچرەك ياكى بەكلا سەھەر مىڭىشنى ئادەت قىلدىم. مەقسىدىم ھەممىگە ئايان نەۋرە ئاچامنىڭ دېرىكىنى ئېلىش، جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش. مېنىڭ ئۆتەر يولۇمدا كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىۋاتقان بىر ئەھۋال ماڭا تولىمۇ غەيرى ھەم بىمەنە بىلىندى. مەن ئۆمرۈمگە كېلىپ تۇنجى يولۇقتۇرغان بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ ئەجەبلەندىم. يەنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەجدادى ۋە بۈيۈك نەسەبى ماڭغان يولدىن يىراقلاپ گويا ناسارالاردەك كىيىنىپ ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ تىل سەسكىنىدىغان لاۋزا سۆزلەر بىلەن قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپ ئىچكىرىسىگە مېھمان چاقىراتتى. «ھەي ئۇيغۇر قىزلىرى! قېنى سىلەردىكى شەرمى - ھايا، قىزلارغا ىاس سۈپەت، ئەدەپ - ئەخلاقچۇ. ئەجىبا سىلەر مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراشقىلا يارالغانمۇ» دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە. دەسلىۋىدە ئۇ قىزلارغانەپرەت ئوقۇدۇم. شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن ئائىلە بۇزۇلۇپ، سەبىي بالىلار يىتىم بولىۋاتىدۇ. قانچىلىك جازالانسا ئازلىق كېلىدۇ بۇلارغا دەپ ئويلۇدۇم. كېيىنچە بولسا «ياق، ئالدىراپ ئۇنداق يەكۈن چىقارماي، مېنىڭ نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ مشۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇمۇ شۇنداق ياخشى بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدىغۇ؟ تۇرمۇش تراگېدىيىسى ئۇنى مۇشۇ يولغا قىستىدى. بەلكىم مۇشۇ پاھىشە قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىسام يەنە بىر تەرەپتىن «بۇلارنىڭ زادى بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىزدەنمەي بوشاڭلىق قىلامدۇ - يە!» دەپ ئويلايتتىم. مەن ئەنە شۇنداق ئوي خىياللىرىم بىلەن يەنىلا شۇ ئارقا يولنى بويلايتتىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گويا شۇ ئارقا كوچىغا بىر خىل رىشتىم باغلانغاندەك بىر خىل مېھرىم چۈشۈپ قالدى. زېمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىماي ياغقان قاريەر يۈزىگە ئىككى - ئۈچ غىرىچچە (50cm) بېسىلغان بولۇپ قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. مەن كۈندىكى ئادىتىم بويىچە شۇ ئارقا يولدا يىگانە كېتىپ باراتتىم. قاش قارىيىپ، كۆز باغلىناي دېگەن مەزگىل، بىر قاۋاقخانا ئالدىدىكى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى. مەن تازا دىققىتىم بىلەن كۆزەتسەم بۇ ئىش ئەسلى 22 ياشلار ئەتراپىدىكى، نازاكەتلىك بىر قىز بىلەن 45 ياشلار ئەتراپىدىكى يۈزلىرى چوقۇر يوغان قورساق دۇكان خوجايىنى ئوتتۇرىسىدىكى غەۋغا ئىكەن. قىزنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكۈلەتتى. ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ چىققاچقا ئانچە ئىلغا قىلالمىدىم. ئارىدىن 20 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئاقىۋەت ھېلىقى دۇكان خوجايىنى قىزنىڭ قولىدىكى بوقچا قاتارلىق نەرسە - كېرەكلىرىنى تارتىۋېلىپ، قىزنىڭ يالۋۇرۇشىغا پىسەنتمۇ قىلماي قىزنى قۇرۇق قول ياندۇردى. مەن قىزغا ئەگەشتىم، قىز خىلى يول يۈرگەندىن كېيىن يول بويىدا توختىدى ۋە يول بويىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى شۇنچىلىك سوغۇق ۋە شۇنچىلىك ئازابلىق ئىدى. ئۇ ھەتتا مېنىڭ يىنىدا تۇرغانلىقىمنىمۇ سەزمىدى. خۇددى ھىلىلا سەھنىگە چىقىدىغان ئەرتىستەك ياسىنىۋالغان بۇ قىزنىڭ ئۈستى - بېشى بەكلا يىلىڭ ئىكەن. مەن پەلتۇيۇمنى سىلىپ قىزنىڭ ئۇچىسىغا ياپتىم. قىز چۆچۈپ كەتتى ۋە ئەجەبلىنىش نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.
ـ قارىسام توڭلاپ كەتكەندەك قىلىسىز. شۇڭلاشقا... باشقا غەرىزىم يوق.
قىزنىڭ مىخدەك قادالغان كۆزلىرى مەندىن ئاستا يىراقلىدى. ـ تۇرىڭە، ماڭايلى. بۇنداق تۇرىۋەرسەك توڭلاپ كېتىدىكەنمىز، دېدىم مەن قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ قولۇم سىلكىۋېتىلدى.
ـ ئوھۇش، نېە كارىڭىزتى مەن بىلەن. ئىشىڭىزنى قىلىڭە. قىزنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى سوغاق ئىدى. ـ مەن خاتا سۆز قىلمىغاندىمەن. سىزگە دوستانە قىياپەتتە ھېسداشلىق قىلىۋاتىمەن، دېدىم مەن. ـ ۋاي قوۋۇرغام قانداق قىلاي. ماۋۇ خىنىمنىڭ ھېسداشلىقىنى قانداقسىگە ھېسداشلىقىڭىز تۇتۇپ قالدى؟ كۆز ياشلىرىڭىزغا قاراپچۇ. ھەرگىز ئارتۇق ئويلىماڭ. ـ سىز ھەممىنى كۆردىڭىزما؟ ئەسكى يەردە تۇرغىنىمنىمۇ؟ ـ توغرا، مەن ھەممىنى كۆردۈم. ـ مېنىڭ پاھىشە قىز ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلدىڭىز؟ ـ تېخى ئېنىق جەزملەشتۈرەلمىدىم. ـ بىلمىگەن بولسىڭىز ئېنىق بىلىۋېلىڭ. مەن بولسام بىر پاھىشە قىز، سىلەردەكنىڭ ھېسداشلىقىغا، دوستلۇقىغا ھەرگىز ئەرزىمەيمىز، دېدى قىز تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ تۇرۇپ. ـ ئىسمىڭىز نېمە؟ سورىدىم مەن. ـ ھۆرىگۈل. ـ سىز ئۆزىڭىزنى پاھىشەمەن دەپ ئىتىراپ قىلىدىكەنسىز - يۇ، يەنە نېمىشقا شۇ ئىشنى قىلىسىز؟ ـ نېمە كارىڭىز مەن بىلەن. مەن يا جالاپلىقىمنى سىزگە يۈكلەپ قويمىغاندىمەن. سىزگە زىيىنى يەتتىمۇ يە! ھۆرىگۈل شالىنى چېچىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. ـ ماڭىغۇ زىيىنىڭىز يەتمىدى، يەتكەن ھالەتتىمۇ سىزنى يەنىلا دوستۇم دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز بىر مىللەت، بىر دىندىن. يەنە كېلىپ ھەر ئىككىلىمىز قىز بالا ئەمەسمۇ. يەنە بىر ئىشنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەگەر سىز مۇشۇنداق كېتىۋەرسىڭىز ماڭىلا ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەتكە زىيىنىڭىز يېتىشى مۇمكىن، بۇ دەل ھەقىقەت. ـ توختاڭ، مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلدى ھۆرىگۈل. جەمئىيەتتىن ئېغىز ئېچىپ قالدىڭىز، مېنى مۇشۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان دەل ئاشۇ جەمئىيەت. جەمئىيەتتىكى ئەڭ يىقىن ئادەملىرىم. بېشىمغا شۇ ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ئەڭ يىقىن ئادەملىرىممۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماي ماڭا ئازراق ھېسداشلىق قىلىپ، ياردەم قولىنى سوزغان بولسا مەن بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم. ـ بېشىڭىزغا كەلگەن قانداق ئېغىر كۈن ئىدى ئۇ؟ يەڭگىلى بولمايدىغان. ـ ... ـ قايسى يېقىن تۇققانلىرىڭىز ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلدى؟ ـ ئاساسلىقى مومام، تاغام، ھاممىلىرىم، ئاندىن قالسا يۇرتداشلىرىم بولمامدۇ. تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
ـ ھۆرىگۈل بېشىنى تۆۋەن سالدى. چىرايىدىن ماقۇل بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى. ھۆرىگۈل سۆز باشلىدى.
ـ مەن تولۇقسىزنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. سىڭلىم بىلەن ىككىمىز ئەمدىلا مەكتەپتىن كېلىپ تۇرۇشىمىزغا تولىمۇ قايغۇلۇق بىر شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئاي - كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئانام بىلەن سىڭلىم ئۈچىمىز نەخ مەيدانغا بارساق، پاختا زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان دادام خىزمەت ئۈستىدە تاسادىبىي ھادىسە سەۋەبىدىن بەكمۇ ئىچىنىشلىق ھالدا قازا قىپتۇ. ئالەمچە قايغۇ ئىچىدە دادامنىڭ مىيىتىنى ئۇزاتتۇق. ئويلىمىغان يەردىن مومام مۇسىبەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپل ئانامنى كۆرگەنلا يەردە «ئوغلۇمنىڭ بېشىغا چىققان تەتۈر پىشانە خوتۇن» دەپ تىللاپ قارغاپ يۈرەتتى. ئارىدىن 15 كۈنمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ بىر كۈنى كېچىدە ئانامنىڭ قورسىقى ئاغرىپ، تولغىقى قىستاپ، تۇغۇتى قىيىنلىشىپ كەتتى. ئانامنى دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپارمىساق بولمايتتى. تاغامدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن مومامنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. تاغام چىش يېرىپ بىر نېمە دەپ بولغىچە مومامنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى. «ئاناڭ دېگەن بەدبەخ، داداڭنىڭمۇ بېشىنى يىدى، نېمە كۆرسە ئازلىق قىلىدۇ» دەپ ياردەم ئورنىغا گەپ بېرىپ، تاغامنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ مېنى ئۆيدىن توغلاپ چىقاردى. ئۆيگە كىرسەم ئانام تېخىچە قاتتىق ۋايجانلاپ يېتىپتۇ. ئاخىرى ئېشەك ھارۋىنى جابدۇپ ئانامنى ھارۋىغا سېلىپ، سىڭلىم بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق. تۈن كېچە، ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇ، ئۆيىمىز بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى 4 كىلومېتىرچە كېلەتتى. يول يېرىملىشاي دېگەندە ئېشەك كاتاڭغا چۈشۈپ، ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغان 13 ياشلىق سىڭلىمنىڭ بوينى قاتلىشىپ، يۇلۇن ئۈزۈلۈپ، نەق مەيداندا قازا قىلدى. بىر يېنىمدا سىڭلىمنىڭ جەسىدى، يەنە بىر يېنىمدا ئانام ئاچچىق تولغاق ئازاۋىدا سىڭلىمنىڭ جەسىدىگىمۇ قارىغىدەك ھالى يوق ۋايجانلاپ ياتىدۇ. مەن ئۆزۈم يالغۇز، تۇرغان يېرىمىز جاڭگاللىق بولغاچقىمۇ مېنى سۈر بېسىپ قورققۇم كېلىپ تۇراتتى. بىر قىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق قاتتىق كۈن بولماس. ھۆرىگۈل سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگندە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. مەن راستىنى دېسەم بۇنداق قاتتىق كۆز - يېشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈلدۈرمەي تەسەللىي قىلدىم. يېشىنى سۈرتتىم. ـ كېيىن قانداق بولدى؟ ئانىڭىزچۇ؟ ھازىر نەدە؟
ـ ھۆرىگۈل تىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام ئەتتى. شۇ تەرىقىدە قىينىلىپ، بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ئانامنىڭ كۆزى يورۇدى. ئىنىم دۇنياغا كۆز ئاچتى. بامدات نامىزىغا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە تۇغۇتىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ، مەھەللىگە قايتىپ كەلدۇق. سىڭلىمنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىگە قويدۇق. بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئائىلىمىزگە ئىككەيلەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن قازا قىلىشى، چوڭلارنىڭ بىزنى تەلۋىلەرچە ھاقارەتلىشى تولىمۇ ئېغىر كەلدى. بۇنى ئاز دەپ يېڭى تۇغۇتلۇق ئانام قىرقى توشمايلا غەلىتە بىرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولدى. دەسلىپىدە ئېپى - مەھەللە، قۇلۇم - قوشنىلار كۆكسىگە قوقاق تۇرۇپ قاپتۇ دەپ قوقاق تېشى سۈرۈشنى، يەرلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سوپۇنى بىلەن سۈرتۈشنى ئېيتتى. قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولساقمۇ ھېچ نەتىجىسى بولمىدى. كېيىنچە ئانامنىڭ ھەربىر كۆكسى خىمىر چەيلەيدىغان داستەك يوغىناپ كېتىپ ئەركىن نەپەس ئالمىقى خېلى بىر گەپ بولۇپ قالدى. ئاقىۋەت 47 كۈنلۈك بولغان ئېنىمنى دادامنىڭ يېقىن دوستىغا ۋە شۇ كىشىنىڭ ئايالىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ، ئانامنى ئۈرۈمچىگە ئاپاردۇق. نەتىجىدە ئانامنىڭ كۆكسىنى ئاپىراتسىيە قىلىپ، ھەربىر كۆكسىدىن بىر كىلوگىرامدىن قان - يىرىڭ ئارىلاش سۇ تارتتى. ئانام كارىۋاتتىن چۈشكىدەك بولغاندا ئېلىپ بارغان پۇل تۈگەپ ئامالسىز يۇرتقا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇق، دادامغا بەرگەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى مومام «داداڭ مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئۇ مېنى ۋە باشقا ئېنى - سىڭىللىرىنى بېقىشى كېرەك ئىدى» دەپ بىر پۇڭنىمۇ بىزگە تۇتقازمىدى. ئانامنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز ئالغان قەرز ئىگىلىرى قەرزنى سۈيلەپ كېلىۋەردى. ئۆيىمىزدە ئېنىمغا سۈت پاراشوكى ئالغىدەكمۇ پۇل قالمىغان. ئاخىرى قورۇ جايىمنى سېتىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ، ئېشىپ قالغان پۇل بىلەن ئۆيدىكىلەر شەھەرگە كۆچۈپ كىردۇق. تاغا - ھاممىلىرىممۇ بىزنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئورنىغا تىرىلغۇ يەر ۋە باش - ۋارانلىرىمىزنى ئىگىلەشكە ئاران ئۈلگۈردى. مومام ۋە تاغا - ھاممىلىرىمنىڭ تاپا - تەنىلىرىدىن قېچىپ شەھەرگە كىرىۋالدۇق. شەھەردە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئاسانلا تۇتۇلدۇق. ئۆي ئىجارىسى، توك، سۇ پۇلى، تۇغۇلۇپ تېخى دادا يۈزى كۆرمىگەن ئىنىم تېخى كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقان، ئانامنىڭ كېسىلى يەنە ئەدىۋالدى. مەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىدىم. ئۈچ چاقلىق ھارۋىدا كىراكەشلىك قىلدىم. بىراق ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىغا چىقىنالمىدىم. ئاقىۋەت مۇشۇ يولغا مېڭىشقا مەقبۇر بولدۇم.
ـ سىزنىڭ شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ياشىشىڭىزغا سەۋەپچى بولغان، ھەم قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان قايسى يېزىنىڭ خەلقى ئۇ. سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىز نەدە؟ سورىدۇم مەن، ھۆرىگۈل سوئالىمغا جاۋاب بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى بولغاي «مېنىڭ شۇ مەھەللىنى تىلغا ئالغۇم يوق » دەپلا گېپىنى ئۈزىۋەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلانغاندەك تەلەپپۇزدا سورىدىم ئۇنىڭدىن: ـ بۇ مۇمكىنما؟ ھۆرىگۈل، كېلىشمەسلىكنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىشى، شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ؟ ـ سىز مۇمكىن دېسىڭىز مۇمكىن، مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن دېگەن جەمئىيەتتە ئەخلەت بولۇپ ياشاۋاتقان، ئېتىبارسىز بىر قىزمەن. ئېتىۋارسىز ئادەمنىڭ سەمىمىيلىكىمۇ يالغان دەپ قارىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بىزنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىمىز ئاۋۇ كوچىدا. پەس كۆرمىسىڭىز يۈرۈڭ، كىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ.
ـ ھۆرىگۈل مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست، يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، پۇرسەتنى ئەۋزەل بىلىپ قىلچە تارتىنمايلا ئۇ باشلىغان ئۆيگە قەدەم باستىم. دەرۋەقە ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىكەن. ھۆرىگۈلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھېلىقى بوۋاق بەش ياشقا كىرىپتۇ. ھۆرىگۈل مېنى تۆرگە باشلاپ بىر پىيالە چاي تۇتۇپ تۇرۇشىغا:
ـ قىزىم مەن بۇيرىغان ئىش قانداق بولدى؟ دەپ سورىدى كېسەل ئانا.
ـ ئەتىلىككە چوقۇم ھەل بولىدىغان بولدى، ئانا ،- دەپ جاۋاب بەردى ھۆرىگۈل كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ.
ـ مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، ئاخىرى جەسىتىم تالادا قالىدۇ، دېگىنىچە يىغيتتى ئانا. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكسىنىڭ ئۇچى ھېلىھەم شەلۋەرەپ تۇراتتى. ئۆيدىن چىقىپ تۇرغان غىرىپلىق، نامراتلىق سادالىرى مېنى ئۇزۇن تۇرۇشقا تاقەتسىزلەندۈرۈپ قويدى. يىنىمدىكى 15 يۈەن پۇلنى ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ بېشىدا قويۇپ خوشلاشتىم. ھۆرىگۈل مېنى ئۇزۇتۇپ چىقتى. ـ ئانىڭىز سىزگە قايسى ئىشنى ھاۋالە قىلغانىدى؟ ـ نېمىش بولماقچىتى. يېزىدا دادام بىلەن سىڭلىم قويۇلغان قەبرىستانلىقتا، ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىشىلىك ئورۇن بار ئىدى. ئانام بىر يىل ئاۋال بۇرنۇمغا ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ، ئۆلگەندە بولسىمۇ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ياتاي دەپ مېنى مەھەللىگە چىقارتقانىدى. ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن مەھەللىدىكىلەر «قىزىنى ساتقان بۇ بۇزۇقنى بۇ مازار قوبۇل قىلالمايدۇ» دەپ چالۋاقاشتى. غەۋغاچىلارنىڭ بېشى يەنىلا مېنىڭ شۇ تاغىلىرىم بولدى. شەھەر ئىچىدىكى بىرەر مازادىن بىر كىشىلىك ئاخىرەتلىك يەرلىك ئالاي دېۋىدىم، كۆچمە نوپۇس بولۇپ كەلگەنلەرگە ئۈچ مىڭ يۈەندىن كەم بولسا يەرلىك سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. پۇل بولغان ھالەتتىمۇ ئارقا ئىشىك، مۇناسىۋەت بولمىسا ھېچئىشنى قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۈچ ئايدىن بېرى شۇ ئىش بىلەن مېڭىۋاتىمەن. ھېچ بىر ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس. مەن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم، ئەمدى قانداق قىلاي. دادامغۇ بىزنى بىر تالاي كۈلپەتكە تاشلاپ قويۇپ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. بىچارە سىڭلىممۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە قازا قىلدى.
ھۆرىگۈلنىڭ سۆزلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار كۆزىنى ياشلاپ تۇرغان بىچارە ھالىتى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ يۈرەك - باغرىنى ئىزەتتى. مەن نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ دېرىكىنى قىلماقچى بولۇپ ئۇ يەرگە يېقىنقى بىرەر يىل ئىچىدە يېزىدىن كىرگەن پالانى رەڭلىك قىز بارمۇ؟ دەپ ئاينۇرنىڭ چىراي تۇرقىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەردىم. ھۆرىگۈل ماڭا ئىسمىنى ئارزىگۈل دەپ ئاتىۋالغان بىر قىزنىڭ بارلىقىنى، بەكلا ياۋاش بولغاچقا باشقا دۇكانغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇ قىزنىڭ خوجايىن بىلەن تازا دېگەندەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئېنىقلىۋېلىپ ھۆرىگۈلگە يېنىش - يېنىش تەسەللى ئېيتىپ، ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. ئەتىسى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بۈگۈن ئاينۇرنى تاپىدىغان بولدۇم دەپ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بىر ئەر كەسىپدىشىمنىڭ ياردىمىدە غەيرەتلىك ھالدا تۇنجى بولۇپ «يىگىت جاسارىتى» قاۋاقخانىسىغا كەلدىم. ئۇ يەرگە كىرىش ماڭا ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى. مەنمۇ ھېلىقى كەسىپدىشىمغا ئوخشاشلا ئەرەنچە ياسانغان ئىدىم، ئۇزۇن چېچىمنىڭ ئۇچى ئەرەنچە تۇماقتىن چىقىپ قىلىپ تاسلا قالدىم چانغىلى، تۇيدۇرمايلا ئوڭشىۋالدىم. ئۇ يەرگە كىرىپلا ئۇچراتقان ھەسسىلەپ ئازاپ، ئىچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بايامقى خۇشاللىقىمنى نەلەرگىدۇر ئېلىپ قاچقانىدى. بۇ يەردە شەرمى - ھايا، ئەدەپ - ئەخلاق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، ھايۋان كەبى قىلمىشلارغا كۆز يۇمۇپ تۇرماقتىن بۆلەك چارە يوق. بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئاياللىرىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىما؟ بىر شىشە ھاراق ۋە بىرنەچچە خىل قورۇمىغا پۇل چىقىرالايدىغان ئەرلەرنىڭ گېپى شۇنچىلىك چوڭمىدۇ؟ ئاجىز قىزلار خۇددى پادىشانىڭ پەرمانىغا بوي سۇنغان بىچارە قۇللاردەك، ئەرلەر نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلىشى، قانداق ئىشقا مەجبۇرلىسا كۆنىشى كېرەككەن. ئەگەر قارشىلاشسا تاياق يەيدىكەن ياكى خوجايىنغا توغۇرلىنىدىكەن. بىز كىرىپ 15 مىنۇتلاردىن كېيىن بىر كۈچكۈچى ھاراق ۋە تاماق تىزىملىكىنى كۆتۈرۈپ كىردى - دە سورىدى.
ـ سىلەرگە قىز كېرەكمۇ؟
ـ ھەئە دەپ جاۋاب بەردى كەسىپدىشىم. كۈتكۈچى قىز بىردەمدىلا ئىككى قىزنى باشلاپ كىرىپ يىنىمىزدا ھەمراھلىققا قويدى. مېنىڭ ھېلىقى كەسىپدىشىم ھاراق تاماكا تىزىملىكىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلمەيدىغان بىرقانچە خىل ھاراقنىڭ قانداق ھاراق ئىكەنلىكىنى سورىدى، كۈتكۈچى قىز:
ـ شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ بۇ دېگەن ئەڭ ئېسىل ھاراق. ھېسسىياتنى كۈچەيتىدۇ. ئاياللار ئىچسە تېخى ياخشى، بۇيرۇتامسىز، يېنىڭىزدىكى قىزلارنىڭ تېنى ساغلام كۆتۈرەلەيدۇ. كەسىپدىشىم ئۇ ھاراقنى بۇيرۇتمىغانتى، كۈتكۈچى قىز ۋە يىنىمىزدىكى ھېلىقى ئىككى قىز بىزنى ئالەمچە مەسخىرە قىلىشتى. يىرىم سائەتلەردىن كېيىن كەسىپدىشىم ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يېنىمىزغا چاقىرتتى. ئۇ مەن ئىزدىگەن نەۋرە ئاچام ئاينۇر ئەمەسكەن. ھۆرىگۈل ئېيتقاندەك تەققى - تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدىنلا ئۇ قىزنىڭ ياۋاشلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. بىز خوجايىن بىلەن ھېسابلىشىپ ھېلىقى قىزنىڭ بىر كىچىلىكىنى سىتىۋېلىپ، بۇ مەينەتچىلىكتىن ئايرىلدۇق. مەن ئۇ قىزنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىپ سۆھبەتلەشتىم. ئۇ بىچارە ئۆگەي دادىسىنىڭ خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشىغا چىدىماي مۇشۇ يولغا ماڭغان ئىكەن. بۇ قىزمۇ كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئېقىتىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرمۇ مەن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ھۆرىگۈلنىڭكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن. بۇ كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتتى. ئەتىسى سەھەردە مەن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قىزنى ھېلىقى قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردىم. يېنىمدا بار 30 يۈەن پۇلنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقازدىم - دە، ئۇكام مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئامال قىلىپ سىزنى ئېلىپ چىقىمەن دەپ قىز بىلەن خوشلاشتىم. قىز ياشلانغان كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزەلمەي قالدى.
1999 - يىل 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
ئىككى قىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىم مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىۋەتتى. گىلىمدىن غىزا، كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچتى. كاللامدا گادىرماچ خىياللار ئەگىيتتى. بۇرۇن نەۋرە ئاچام ئاينۇرغا قانداق ئۆچ بولغان بولسام، شۇ خىلدىكى قىزلارغىمۇ قالتىس ئۆچ ئىدىم. ئۇلاردىن نەپرەتلىنەتتىم. كېچە - كۈندۈز شۇلارنىلا ئەيىپلەپ، ئۈنسىز قارغايتتىم. ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھەرقانداق جايدا تىللايتتىم. مانا ئەمدى يۇقارقى ئىككى قىزنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىسى ۋە كۆز ياشلىرى قەلبىمدىكى نەپرەت گۈلخانىنىڭ ئوتلىرىنى ئانچە - مۇنچە ئۆچۈرگەندەكمۇ قىلاتتى. «ياق، بۇ قىزلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇغۇلىشىدىنلا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئىستىكى پۈتۈلمىگەنكەن. ئۇلارمۇ ماڭا ئوىشاشلا نورمال ئادەمكەن. ئۇلاردا ياخشى - ياماننى ئىلغا قىلىش، ھېچ بولمىسا خىجخل بولۇش تۇيغۇسى بار ئىكەن. ئەجىبا، جەمئىيەتتىكى خىلمۇ - خىل ناچار قىلمىشلارنى، بۇزۇقچىلىقلارنى شۇلارغىلا دۆڭگەپ قويساق ئادىل بولارمۇ؟ بۇنىڭدا زادى ئەرلەرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟ شۇنداق ئىپلاس جايدا ئامالسىز ياشاۋاتقان يەنە قانچە ئۇيغۇر قىزى باردۇر. يەنە قانچىلىغان قىزلارنىڭ مانا مۇشۇنىڭدەك ئازاپلىق كەچمىشلىرى باردۇر - ھە» دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. مەن كىرىش - چىقىش ئاسانراق بولغان قاۋاقخانىلارغا، ھەر خىل قىياپەتتە شەكلىمنى ئۆزگەرتىپ كىردىم. كېرەلمىگەنلىرىمگە ئادەم كىرگۈزۈپ ئەھۋال ئۇقۇشتۇم. شۇ ئارقا يول بويىغا جايلاشقان پۈتكۈل قاۋاقخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن بولساممۇ ئەپسۇس ئاينۇرنىڭ دىرىكىنى ئالالمىدىم. شۇ جەرياندا ئەڭ يىقىن بىر دوستۇمنىڭ ئاشۇنداق يولغا كىرىپ قالغانلىقىدەك كوچا خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنچىلىك ھەيران قالدىمكى ئۇ دوستۇمنىڭ ئۇنداق يولغا مېڭىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. دوستۇمنىڭ ئىسمى مەسىمگۇل بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ھۆر قىزى دېيىشكە بولاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەسىمگۈل توغرۇلۇق كوچا خەۋىرى ئاۋۇشقا باشلىدى. بىرسى مەسۇمگۈل ئۆلۈپتۇ ارسە، بىرسى مەسىمگۈل ئېغىر كېسەلمىش دەيتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكمۇ ئۇيەر بۇيەردە خەقنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالدى.
مەسىمگۈلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
بۇنى بىلىش ئىستىگىدە ئۇيان - بۇيان سۈرۈشتۈردۈم، ئاخىرى مەسۈمگۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم، ھەم ئىشەنچلىك تونۇش - بىلىشلەردىن ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ ئىزدەتكۈزدۈم ۋە مەسۈمگۈلنىڭ غەيرى تىپلىق ئاياللار كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدەك ئىشەنچلىك خەۋەرنى ئۇقۇشتۇم. دوستۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ كۆزۈمنى ياشلىغان پېتىم خىيال دەرياسىغا غەرق ئىدىم. نەۋرە ئاچام ئاينۇردىن ئەنسىرەپ بىر نەپەس ئارامىمدا ئولتۇرۇشقا رازى بولالمىدىم. ئاينۇرمۇ ئاشۇنداق غەيرى تىپلىق كېسەلنى يۇقتۇرىۋالارمۇ؟ ئاينۇر قورامىدىكى يەنە قانچىلىغان قىزلار شۇ يولدا كېتىۋاتقاندۇ؟ دوستۇم مەسۈمگۈلنىڭكىدەك ئۆلۈم خەۋپىنى چوقۇم ئازايتىش كېرەك دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. شۇ تۇيۇق يولدىكى قىزلارنى مۇمكىن قەدەر ھەقىقەتكە قايتۇراي، قۇدرىتىم يېتىشىچە ياردەم قىلاي دەپ بانكىغا قويغان شەخسى ھېساۋاتىمدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىم. ئۈچ مىسقاللىق قوش تاش ئالتۇن پوپوزامنى ۋە بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈكۈمنى ئېلىشىغا ساتتىم.
2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شۇندىن باشلاپ تۇرقۇمنى ئۆزگەرتىپ، يەكەن تەۋەسىدىكى تەسىرى چوڭ، سودىسى ياخشى قاۋاقخانىلارغا كىردىم - دە چىرايىدىن خىجىللىق چىقىپ تۇرغان، مېھمان كۈتۈش تەس كېلىۋاتقان قىزلارنى سەزگەن ھامان ئۇلارنى چەترەك ئۈستەلگە چاقىرىپ سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ياردەم قىلىشقا تىگىشلىك بولغانلىرىغا ياردەم قىلدىم. ئاجىز كەلگەنلىرىمگە ئەتراپىمدىكى ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىردىم. ئۇ قىزلارغا ھەقىقەت توغرىسىدا نەسىھەت قىلدىم. بەزىلىرى ھەقىقەتكە قايتتى، يەنە بەزى قىسىملىرى بولسا بىزنىڭ ساخاۋىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۆزى خالىغان يولغا مىڭىۋەردى. شۇ كۈنلەردە ئاينۇرنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىق خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالدىم. ئاينۇرنىڭ ئوغلىغا دورا ئىزلەپ يۈرگىنى كۆز ئالدىمغا ئەينەنلىنىپ تۇرۇپتۇ. دەرھال يۇرتقا ( مەھەللىگە) چىقسام ئاينۇرنىڭ بەش ياشلىق ئوغلىنىڭ كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئېپى - مەھەللىدىكىلەرمۇ «بۇ بالا بۈگۈن كېچىدىن چىقالمايدۇ» دېيىشىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تۇرۇش قىلىشقا دەۋەت قىلىشاتتى. مېنىڭ چىراي تۇرقۇم نەۋرە ئاچام ئاينرۇغا ئاساسەن ئوخشاپ قالاتتى. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا كېسەل ياتقان ئوغۇل ئاجىز ياشلىرىنى تەۋرىتىپ تۇرۇپ «ئانا... ئانا، ئانام كەيدى» دەپ يىغلاپلا كەتتى. يىغلاۋېتىپ، تىلىقىپ - تىلىقىپ ھالسىزلىنىپ بوشاپلا قالدى. كېسەل بالىنى باغرىمغا تاڭدىم «بالام مەنمۇ ئانىڭىز، مەنۇ ئانىڭىز» دەيتتىم. بالىنىڭ ھالىتىگە قاراپ يۈرىكىم يىرىلىپ كەتكۈدەك ئازابلىنىۋاتاتتىم. بۇ كېچە تىنچ - ئامان ئۆتتى. ئەتىسى سەھەردە چىقسام بالىنىڭ كۆز قارىچۇقلىرى يۇقۇرى تارتىشىپ قاپتۇ. كەپتەرنىڭ باپكىسى ۋىسىلدىغاندەك تۆۋەن ئاۋاز بىلەن «ئاننا - ئاننام»دە دېگەنچە ئاينۇرنى توۋلاۋېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي يىغلىشىپ كەتتۇق. چىرايىغا ئۆلۈم سېنى كىرىپ بولغان بۇ كىچىك ئوغۇل شۇ تەرىقىدە 10 كۈن جان تالىشىپ 11 - كۈنى كىچىدە بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىپ تىنچلاندى. 11 كۈندىن بېرى گىلىدىن بىر يۇتۇممۇ سۇ ئۆتمەي «ئانام - ئانام» دەپ جان تالاشقان ئوغۇلنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئىشىككە تەلمۈرگەن پېتىم ئوچۇق كەتتى. ھەتتا ئاخىرقى تىنىقىدا ياشاۋاتقان بىچارە ئوغۇلنى «ئاناڭ دورا ئالغىلى كەتتى، ھازىر كېلىدۇ» دەپ ئالدىدۇق. بېشىمىزدا ئاق ياغلىق، قارىلىق كىيىم يۈرەك - باغرىمىزنى داغلىغان ھالدا مەرھۇمنىڭ مىيىتىنى ئۇزىتىۋاتىمىز. بىر ككزۈم يولغا تەلپۈنەتتى. ئەپسۇس، ئاينۇر ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىك كۈنىدىمۇ چىقالمىدى. مەرھۇمنى يۇيۇپ - تاراۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا يۇرت - جامائەت ئېغىزدىكى كۇس - كۇس پىتنە - پاسات، ئىغۋالار قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇراتتى. ھەممەيلەن بىردەك ئاينۇرنى قىلمىش - ئەتمىشلىرى ئوغلىغا يۈرۈپ كەتتى دېيىشەتتى. ئاينۇرغا لەنەتلەرنى ئوقۇيتتى. «زەپمۇ - زەپ ئۆلگەنگە زەپ» دېگەندەك ئاينۇرنى ھەرقانچە تىللىغان، قارغىغان بىلەنمۇ بولغۇلۇقلار ئورنىغا كەلمەيتتى. يەتتىنچى كۈنى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قازىنى ئېسىلدى. دەرت ئۈستىگە دەرت كەپتۇ دېگەندەك تەۋەلىكىمىزدىكى قىسمەن يۇرت چوڭلىرى نەزىرگە كىرمىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە «ئۇنداق ھارام سىڭىپ كەتكەن ئائىلىنىڭ تامىقىنى يىگىلى بولماسمىش» ئاللا نىسىپ قىلغان نىمەتتە نېمە گۇناھ. «كىچىك بالا قۇرئان بىلەن تەڭ» دەپ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ - يۇ، شۇ بىچارە نارەسىدە بالىنىڭ ئەتىۋارلانغىنى قېنى؟ شۇ بالىنى داۋالاش ئۈچۈن بىرەر موچەن پۇل چىقمىغان مەھەللە مۇشۇغۇ. ئانىسىنى مۇشۇ مەھەللىدە ياشاشقا يول قويمىغان مەھەللە مۇشۇغۇ. ئىنسان دېگەن ئازغۇچى، ئارماس ئاللاھ» دېگەنلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي، شۇ ۋايىزلىرى بەدىلىگە پوشكال، قۇيماق تېپىپ يەيدىغان ئاشۇ موللاملارنىڭ بۈگۈنكى بۇ نارەسىدەنىڭ نەزىر ئىشىنى تەرك ئېتىشى شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ ئىسلام شەرىئىتى ئاللاھنىڭ گۇناھكار بەندىلىرىنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئۇلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قورال بولۇشى كېرەكمۇ ياكى پىتنە - ئىغۋالارنىڭ تەستىقلىغۇچىسى ياكى ھاڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلارنى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىۋېتىدىغان قورالى بولۇشى كېرەكمۇ؟ جامائەتنىڭ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقتىن كۆرە تۆھمەتكە ئوخشاپ كېتىدىغانراق چىرايلىرىغا قارىغۇممۇ كەلمىدى. نەزىرگە كەلگەنلەرنىڭ تولاسى بالىغا ھېسداشلىق قىلىشتىن كۆرە ئاينۇرنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە يېڭى - يېڭى غەيۋەتلەرنى ئاڭلاشقا، توقۇشقا خۇشتاردەك قىلاتتى. شۇ ئارىدا ئاينۇرنىڭ يولدىشىنىڭ ئاچىلىرى كېلىشتى. ئۇلار كېلىشىپلا مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. «بالىنى ساق ياندۇرۇپ كەلگەن. ئانىسىنىڭ دومىلىرى بالىسىنى بېسىپ، بالا جىنىدىن ئايرىلدى» دەپ تەلۋىلەرچە غوۋغا قىلىشتى. «قارى ھاجىم رەھمىتى ھاياسىز ئاياللارنى بەكمۇ يامان كۆرەتتى. بىرەرسىنى تەڭ كۆراپ قالغان بولغىيمىتى. كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپ جەمەتىدىن بۇ ئىش چىقتى». ئوتتۇرا ياش بىر مەزلۇمنىڭ يۇقارقى سۆزى بىلەن تەڭ يۈرىگخم گويا بىگىز بىلەن سانچىلغاندەك ئىچىشىپ پۇت - قوللىرىم تىترەپ كەتتى. جەمەتىمىز ئىچىدىكى بۇ مەخپىيەتلىكمۇ ئاخىرى ئەل - جامائەت ئالدىدا ئاشكارىلاندى. ئابرويىمىزمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى.
ئاينۇر تېخىچە خەۋەرسىز يۈرەمدىغاندۇ؟ ياكى...
ياق، ئۇ چوقۇم خەۋەر تەپتى. بالا دېگەن ئانىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغان بىر پارچە گۆش تۇرسا، ئانا بىلەن بالىنىڭ يۈرىكىنىڭ بېغىشى بىر بولۇشى كېرەكقۇ. بالىنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە ئانىنىڭ يۈرىكى جىغىلدىماي قالامدۇ؟ بۇنداق ئېغىر ماتەم - مۇسبەت بەلكىم ئاينۇرنىڭ يۈرىكىگە مەلۇم بولغاندۇ، ياكى يۈرىكى سالغاندۇ، ياكى بولمىسا چۈشى بولسىمۇ بۇزۇلغاندۇ. مېنىڭچە خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھەرقانداق بىر ئانا يۈرىكىگە قولىنى چوڭقۇر سىلىپ باقسىلا جاۋاب تاپالايدۇ. بىراق ئۇ نېمىشقا چىقمىدى؟ يا ئۇنىڭ باغرى بالىسى بىلەن باغلانمىغانمىكىنە؟ ئۇ نېمىشقا ئۆزى سەۋەپلىك دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان، كەلگۈسىدە نەۋقىران يىگىت بولۇپ بېشىغا سايىۋەن بولىدىغان قەدىردانى تېخى يىگىتلىك مۇقامىغا قەدەم باسمايلا دۇنيا بىلەن خوشلاشقان تۇرسا، ئۈن - تىنسىز چەتكە چىقىپ تۇرالىدى؟ ئۇنى زادى بۇنداق ھالدا كەلتۈرۈپ قويغان زادى نېمە؟ 3. سېنى تاپماي قويمايمەن مەن ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كەلدىم. ئىلگىرى چېچىمنى تۈگۈپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن بولسام ئەمدى رەسمىي چېچىمنى كېسىۋەتتىم. ھەقىقى ئوغۇل بالىلارچە ياساندىم. ھەر كۈنى كەچتە ئىكىدىن قاۋاقخانىغا كىرىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ 2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ 2001 - يىلى 4 - ئايغىچە يەكەن تەۋەسىدىكى پۈتۈن قاۋاقخانىلارنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقتىم. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 30.9 قاغىلىققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى بىر يۈرۈش قاۋاقخانىنىڭ بىر خانىسىدىن ئاينۇرنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى مېھمان كۈتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. مەن بىر كۈتكۈچى قىزدىن سورىسام ئاينۇر ھەمراھ بولۇۋاتقانلار ناھىيىمىزنىڭ ئارسلانباغ يېزىلىق ئورگاننىڭ كادىرلىرى ئىكەن. ئاينۇرنىڭ تۇرقىدىن ماڭا قاراشقا ۋاقتى يوقتەك قىلاتتى. مەن ئۇ يەردىن ئايرىلدىم. ئەتىسى سەھەردە ئىش ئورنۇمغا بېرىپ قولۇمدىكى ئىشنى بىر دوستۇمغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ ئاخشامقى تۇرقۇمدىن قىلچە ئەسەر يوق ئەسلى ھالىتىم بىلەن ھېلىقى قاۋاقخانىغا ئوچۇق - ئاشكارە كىرمەكچى بولدۇم. ئەتىگەن سائەت 9 دىن ھالقىغان مەزگىل ئىدى. ئاخشام كىرگەن ئۆينىڭ ئالدىغا ئىت باغلانغان بولغاچقا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇشۇمغا 35 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر كىشى توساتتىن، بۇيەردە تۇرۇپ قاپسىزغۇ سىڭلىم؟ دەپ سورىدى ھەم مېنىڭ چۆچۈپ قارىغىنىمنى كۆرۈپ:
ـ مەن مۇشۇ تەۋەلىكتىكى دېھقان، بىرەرسىنى ئىزدەمسىز؟ دەپ قوشۇپ قويدى. ـ شۇنداق بىرسىنى ئىزلەيتتىم ئاكا. مۇشۇ بىر يۈرۈش دۇكاننىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئىگخدارچىلىقىدا لوبەن (خوجايىن)نىڭ تۇرالغۇسى ئاۋۇ. بېرىپ ئىشىكنى چىكىڭ ئېھتىيات قىلىڭ جۇمۇ سىڭلىم. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ ھەم ئۇلار بىلەن قارشلاشماڭ، ھەر بالا كېلىدۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن. دېھقان ئاكاش كەتتى. مەن بىر بىسىپ، ئىككى بېسىپ ھېلىقى قورۇنىڭ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم غال - غال تىترەيتتى. يەنە قانداقتۇر بىر خىل كۈچ مېنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى. مەن نەھايىتى جۈرئەتلىك ھالدا ھېلىقى ئىشىكنى چەكتىم. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يوغان قورساق، يۈزلىرى ئاق، چاچلىرى قارا ۋە قىنىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر خەنزۇ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاجايىپ قوپال ئىدى. نىم بولدى؟ ئىشىك چىكىشنى بىلەمسە يا؟ خۇددى ئوغرىدەك مارىلاپ يۈرىسىنا بۇ يەردە.
ئۇ ئارىلاش تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. ئاينۇرنىڭ ئكزگەرتىلگەن ئىسمى بىلەن ئاتاپ «ئارزىگۈلنى ئىزدەيتتىم. مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى بولىمەن» دېدىم مەن.
ـ سەل ساقلا جۇما. ئايالىم چىقىپ قىچقارسۇن ئۇ كىرىپ كەتتى. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ناھايىتى نىپىز كىينىۋالغان، غەلىتە ياسانغان بىر ئايال بىر توقام ئاچقۇچنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى ۋە مېنى باشلاپ ماڭدى. مەن بۇ ئايالنىڭ خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمىدىم. ئۇ بوسۇغىغا باغلانغان ئىتنى ئۇياققا ئاپىرىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ بوسۇغىسىغىمۇ ئىت باغلاقلىق ئىدى. ئىشىك تېشىدىن ئات كاللىسىدەك يوغان قۇلپا سىلىنغان بولۇپ بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆرلىمەي قالمايتتى. چۈنكى ئىت باغلىنىپ، ئىشىك قۇلۇپلانغان ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىكىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئىدى. ئادەمگە ھايۋاننى قاراۋۇللۇقتا قويۇش قانداق ئەھۋال زادى؟ مەن ئىچ - ئىچىمدىن غەزەپلەندىم. «ھەي، تۇرە بىرسى سېنى ئىزدەپ كەپتۇ» ئۇ ئايال چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا ئىچكىرىگە قەدەم ئالدىم. ئاينۇرنىڭ كارىۋاتتىكى ھالىتىنى ئېيتىشقا تىلىم سەسكىنىدۇ. ئاينۇرمۇ كۆزىنى ئىشىك تەرەپكە ئۇزىتىپ مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن بوسۇغا تۈۋىدە سىرتقا قاراپ تۇردۇم. بۇ يەردىمۇ تۇرالماي سىرتقا چىقىپ كەتتىم. 15 مىنۇتلاردىن كېيىن كىرسەم ئۇ خالىي قاپتۇ. ـ ھەرھالدا باركەنسىزھە، ئاينۇر. بۇ قانداق جاي؟ ـ ھاراق دۇكىنى، دېدى ئۇ چاققانلىق بىلەن. ـ ھاراق دۇكىنى بولسا سىز نېمىش قىلىسىز؟ ـ ئەرلەرنى كۈتىمەن. ئۇنىڭ ھالىتىدە قىلچە تارتىنىش، خىجىل بولۇشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ـ ئەرلەرنى مۇشۇنداق سولاقتا ياتقان جىنايەتچىدەك تۇرۇپ كۈتىدىكەنسىز - دە. ـ ھەئە، بولماپتۇما. بۇنىڭدىن باشقا قولۇم، ئېغىزىم بىلەن يەنە باشقا نازۇك ئەزالىرىمىز بىلەن كۈتىمەن. قانداق ئەمدىغۇ قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئېرىشكەنسىز. نۇرئىمانگۈل ئەمدى مېنى ئىلەشتۈرمەڭ. سوئاللىرىڭىزنى توختۇتۇڭ، بولامدۇ؟ ئۇ چېچىلىپلا كەتتى. مەنمۇ ئۇ نىڭدىن بەكرەك چېچىلدىم. ـ ئاينۇر، بەكمۇ چوڭ سۆزلەيسىزغۇ، قىلغانلىرىڭىزدىن بەكلا پەخىرلىنىدىغان ئوخشىمامسىز، سىز كىمنىڭ پەرزەتى، مەرھۇم ھاجىم بوۋىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيسىز. ئاتا - ئانىڭىزغىچۇ. سىز ئەسلىدە ھاجىم جەمەتىنىڭ پۇشتى بولغاندىكىن مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالغانلارنى ياندۇرىشىڭىز كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىىشتا يوق تېخى ئۆزىڭىزمۇ...؟ زادى نېمىشقا بۇ يولنى تاللايسىز؟ ـ ھەي ئۇكام، نادان ئۇكام. پۇل تەڭلىگى تارتىپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپچۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى، - ئۇ سەل يۇمشىغاندەك قىلاتتى. لەۋلىرىنى چىشلىگەنچە خىيالغا پاتقاندەكمۇ قىلاتتى. ـ نېمە؟ سىز پۇلنى دەپ شۇنداق قىلدىڭىزما؟ مانا پۇل، مەن بوينۇمدىكى 18 گراملىق ئالتۇن زەنجىرىمنى ئۈزۈپلا ئېلىپ ئاينۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.
ـ بۇنى ئالالمايمەن ئۇكام. ھېلىمۇ دادىڭىز بەرگەن پۇللارنى قايتۇرالماي يۈرىۋاتسام.
ـ ئاينۇر، جىنىم ئاچا. بولدى قىلىڭ. داداممۇ سىزنىڭ تاغىڭىزغۇ. يۈرۈڭ كېتىمىز. بارلىق چىقىملىرىڭىزغا مەن ئىگە بولاي. مەن ئاينۇرنى سۆرەپ ماڭدىم. بىز ئوتتۇرا ئۆيگە چىقساق ئالدىمىز توسۇلدى. ئايال خوجايىن كېلىپ ئاينۇرنىڭ قەرز ھۆججىتىنى دەستەك قىلىپ بىزنى سىرتقا چىقارمىدى. ـ ئاچا، قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟ سورىدىم مەن.
- 5 مىڭ يۈەن. ئاينۇر ئۆزىنى قوينۇمغا تاشلاپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى.
ـ قانداقلارچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىڭىز؟
ـ ئوغلۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن. بۇ گەپتىن كېيىن، مەن پەقەت ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم.
ـ ئاچا، ئوغلۇڭ قازا قىلدى... بىز بىر - بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق. ـ مېنىڭ خەۋىرىم بار ئۇكام. ئوغلۇمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا مەن يول بويىدىكى ئاق تاكسىنىڭ ئىچىدە بار ئىدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ئوغلۇمغا ماتەم تۇتتۇم. يۇرت - جامائەتنىڭ نەپرىتىدىن قورقۇپ ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. ئاينۇر بوغجۇمىسىدىن كىچىك رامكىغا ئورالغان ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ باغرىغا باستى ۋە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم. ھەجەپ مېنى تاشلاپ...
ئۇ كۈچەپ يىغلايتتى. «مەن ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، مەنمۇ ئانىمۇ، جېنىم بالام، ئوغلۇم، سېنى داۋالىتالمىدىم...» ئۇ ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەپ، بالىسىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى دورىدى. ئاينۇرنىڭ شۇ ئازاپلىق ھالىتىگە چىداپ تۇرالمىدىم.
ـ ئاچا، بۇ قانداق ئىش زادى؟ ـ ئۇكام سىز تېخى كىچىك، چوڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى چۈشەنمەيسىز.
بۇ بىر تەرەپتىن كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.
ـ مەن يولدۇشۇم بىلەن ئالتە ئاي ئارىلىشىپ توي قىلغان. ئاتا - ئانام «بالام قۇدىلارنىڭ ئائىلىسى بەكلا ھاللىق كىشىلەركەن. بىزگە چوڭچىلىق قىلارمۇ؟ دېيىشىپراق سەل ئارقا پېيى تارتىپ مېنى تويلاپ بەردى. دەرۋاقە ئاتا - ئانامنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇلار مېنى شۇنچىلىك پەس كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلىدى. بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممە ئەزالىرى چېغىدا مېنى باشقۇراتتى. ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەنگە قەدەر شۇ ئائىلىدە تۇردۇم. بۇ جەرياندا تويلۇق ئالغان كىيىمدىن باشقا بىرەر ياغلىق چاغلىق كىيىم كىيىپ باقماپتىمەن. ئۇمۇ مەيلى، ئۇچام يالىڭاچ قالمىغاندىكىن، بىراق يىمەك - ئىچمەك جەھەتتىمۇ ئۇلار بىلەن ئورتاق بولۇش ماڭا نىسىپ بولمىدى. تۇغۇتلۇق ياتقان مەزگىلىمدە گۆش - تۇخۇم دېگەننى قويۇپ تۇرايلى، زاغرا نان يەپ ياتقان ئىدىم. كېيىن ئانام ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرەر تال تۇخۇمنىمۇ ككرەي ساقايدىم. كېيىن بىز ئۆي ئايرىدۇق. يولدۇشۇم چوڭ ئۆيدە قورساق باقىدىغان، مەن بولسام قۇرۇق لەغمەن دېگەننى ھەپتىدە بىرەر قېتىم يايدىغان، باشقا چاغلاردا بولسا قاتتىق - قۇرۇق، غورىگۈل يۈرۈيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ۋايسىسام، دادلىسام «خوش بولسىڭىز ئولتۇرۇڭ، بولمىسا خېتىڭىزنى ئېلىڭ» دەيدۇ. مەن ھەرقانچە خورلۇق تارتساممۇ چىداپ ئولتۇردۇم. چۈنكى مەن يولدۇشۇمنى ياخشى كۆرگەندىن سىرت ئوغلۇمنىڭ يىتىم بولۇپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم. ۋاقىت ئۆتىۋەردى. ئوغلۇممۇ تۆت ياشقا كىردى. ئۇلار ماڭا ھېچقانداق ئىللەت تاپالماي ئاقىۋەت يولدۇشۇم مېنى ئالداپ «مەن باشقا ناھىيىگە بېرىپ ئىش تۇتىدىغان بولدۇم. ئاز بولسا بىر يىلدا قايتىپ كېلىمەن، سىزنى بۇنداقلا تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ. بىز ئاجىشايلى، بالىنى ئېلىپ بىر مەزگىل ئاتا - ئانىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىڭىز» دەپ مېنى ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستىدى. ئامالسىز ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەن ئاجرىشىش قەغىزىنى كۆرۈپ تەقدىرگە تەن بەردىم. مەن ئاتا - ئانام ئۆيىمىزنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى قوينى ئېلىپ، بالامنى ئېلىپ ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا بالامنىڭ كىسىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. يېنىمدىكى بارى - يوق پۇللارنىڭ ھەممىسىگە دورا ئالدىم. ياخشىلىنىش كۆرۈنمەيدۇ. بالام كېسەل، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ئەمەس، تەسەللىگە، ھېسداشلىققا شۇقەدەر مۇھتاج ئىدىم. بىراق شۇ كۈنلەردە ئاتا - ئانام ماڭا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشنىڭ ئورنىغا كۈندە دېگۈدەك «ئۆزۈڭ تاپقان ئەرغۇ» دەپ تاپا - تەنە قىلاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى بىر تىۋىپ (سىزمۇ تونۇيسىز) بالامنى تەكشۈرۈپ 40 يۈەنلىك دورا يېزىپ بەردى. مەندە پۇل بولمىغاندىكىن ئانامنىڭ بىر تونۇشىدىن قەرز ئېلىپ دورىنى ئالدىم. ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ئانام بۇ ئەھۋالنى بىلىپ مېنى تىللاپلا كەتتى. ـ ئىرى بىلەن تېخى كېلىشمەيدۇ، ئۆيگە كەلسە تېخى قېسىپ ئولتۇرالمىغان. بارغان يېرىدە بىزنى قەرزگە بوغۇپ...
ئانامنىڭ سۆزلىرى ئوغا، زەھەردىنمۇ ئۆتكۈر ئىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ يېزا تەۋەسىدىكى جايلاردىن ئىش ئىزلىدىم. ئۈرۈك بۇسلاپ، قاق قۇرۇتىدىغان خۇمداندا ئىشلىدىم. ئەرلەر بىلەن تەڭ يەڭ تۈرۈپ ئىشلەپمۇ تاپقان پۇللىرىم بالامنىڭ بىر قېتىملىق دورىسىغىمۇ ئاران يېتەتتى. بىر ساۋاقدىشىمدىن 200 يۈەن قەرز ئالدىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساۋاقدىشىمنىڭ ئايالى خاتا كۆزقاراش بىلەن قەرزنى سۈيلەشنى باھانە قىلىپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك تېخى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى بەس - بەس بىلەن ئەرلىرىنى مەندىن كۈنلەپ ئېغىزىدىن پوق - سۈدۈكتىن باشقىسىنى ئېقىتىپ مېنى تىللىشىپ كېتىشتى. بالامنىڭ كېسىلى شۇقەدەر ئېغىر تۇرسا مەن ھېسسىياتقا ئالدىنىپ يۈرەرمەنمۇ؟ ماڭا ئويۇن - تاماشا يارىشارمۇ...؟ مەن ھېچكىشىگىمۇ تىنماي يولدۇشۇمنىڭ يۇرتىغا باردىم. مەقسىتىم قىيىنئاتامدىن ئازراق پۇل سوراپ كېلىش ئىدى. مەن بارسام يولدۇشۇمنىڭ تويىغا توقام تىكىلىپ بوپتۇ. ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. قولۇمدىكى كۆك كىنىشكە مېنىڭ يولدۇشۇم بىلەن قارشىلىشىش سالاھىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. يۇلدۇشۇمنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى قارشىمۇ ئالمىدى. ئامالسىز شۇ يەردىكى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى قۇرۇق قولۇمنى كۆتۈرۈپ مەھەللىگە كەلسەم «ئاينۇر، ئاجرىشىپ كەتكەن ئىرىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن سۆز مەھەللىگە يېيىلىپلا كېتىپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا دادام ئېغىزغا ئالغۇسىز لاۋزا گەپلەر بىلەن مېنى تىللاپلا كەتتى. ھەتتا چۈشەندۈرۈشۈمگىمۇ قۇلاق سالمىدى. قاتمۇ - قات قورساق كۆپۈكى، مۇھتاجلىق ۋە ئېغىر دەرت ئىچىدە ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتتى. بالامنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىماقتا ئىدى. دوختۇر «مىڭ يۈەن ئېلىپ كېلىڭ، ياتاقتا ياتقۇزايلى» دېۋىدى مەن ھەرقانچە تىرىشىپمۇ مىڭ يۈەنگە ئامال قىلالمىدىم. ئاخىرى ئابلىزكامغا (دادىڭىز) ھال ئېيتىۋېدىم، يېنىدا بار 500 يۈەننى بەردى. شۇ پۇل بىلەن بالامنى ئىككى ھەپتە بالنېتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتتىم، پۇل تۈگىدى. ئەمدى مېنىڭ پۇل ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى. سورىمىغان ئادىمىم قالمىدى. لېكىن ئاتا - ئانامنىڭ ئامال قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەر يىلى ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى دېھقانلارغا ئۆسۈمسىز قەرز تارقىتاتتى ئەمەسمۇ، شۇ قاتاردا بولسىمۇ قەرز ئېلىشقا كۈچىشىپ بېرىڭلار دېسەم قەتئىي ئۇناشمىدى. مەن ئۇلارغا پۇقۇسلىغاندەك قىلىپ شەھەرگە كىرىپ بىرەر جايدا ئىشلەپ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىپ چىقاي دېسەم ئۇلار كۆڭلۈمگە يارىشا «ئامال قىلىپ باقايلى» دەپمۇ قويۇشمىدى. كېسەل ئوغلۇمنى قويۇپ، يىغلىغان پېتىم شەھەرگە كىردىم. مەن بۇ يولدا مېڭىپ قالارمەن دەپ قەتئىي ئويلىمىغان ئىدىم. بىرەر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى دېگەندەك جايلاردا ئىشلەرمەن دېۋىدىم. ئەپسۇس ئۇنداق جايلارنى تاپالمىدىم. كۆز ئالدىمدا بالامنىڭ ۋايجانلاپ ياتقان كېسەل ھالىتى، ئاقىۋەت ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا بۇ يولغا كىردىم. دەسلىپىدە ئايلىقىم 350 يۈەن توختۇتۇلدى. يىمەي - كىيمەي ئۈچ ئاي ئىشلەپ مىڭ يۈەن نەقلەپ بالامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرسەم بۆرەك قاتتىق زەئىپلەشكەنلىكتىن بالام قان سىيىدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ. ھېلىقى مىڭ يۈەن پۇل تەكشۈرۈش بىلەن بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققىگە ئارانلا يېتىپتۇ. بالامنىڭ ھالىنى كۆرگەن خوجايىن ئالدىن قەرز بېرىپ، ۋاقىت چىقىرىپ بەردى. بىر ئاي بالنېتسىدا ياتقۇزدۇم. نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدۇم. نەتىجىدە كېچىكىپ داۋالاتقان بولغاچقا بالامنىڭ تېنى كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى. دوختۇر ماڭا ئىدىيەمدە تەييارلىق بولۇشىنى ئەسكەرتتى. «ھازىرقى ئەھۋالدا بۆرەكنى يۆتكىسەك بولىدۇ. بىمار كىچىك، ئۇنىڭغا چۈشكىدەك بۆرەك يوق، بولغان ھالەتتىمۇ 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە كېتىدۇ» مەن ئامالسىز قان - زار يىغلاپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتىم. كېسەل ئوغلۇمنى باغرىمغا بېسىپ ياتقان چېغىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق نەپەسلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلسىلا شۇنچىلىك ئازاپقا چۈمەتتىم. بالىنى دادىسىنىڭ قىشىغا ئاپىرىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. چۈنكى مېنىڭ بالامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزاتقىدەك شارائىتىم يوق. يۇرت - مەھەللىدە چىقىرالىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئانا دېگەن تۇپراق بېشىغا چىقالمايدۇ. دادىسىنىڭ يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلسا ئەپلىكرەك بولارمىكىن دېگەنلەرنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم - دە دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان كۈنىنىڭ ئەتىسى بالامنى دادىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇ چاغدا يولدۇشۇم ئاللىقاچان خوتۇنلۇق بولۇپ قالغانىكەن. كېيىن بىلسەم ئۇ نائەھلى بالىنى ئىككىنچى كۈنىلا ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا ئەكېلىپ قويۇپتۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى. مەنغۇ ئاجىز بىر ئايال كىشى ئىكەنمەن. تېپبەرگۈچۈم، يۆلۈگۈچۈم يوقكەن، بىراق ئۇچۇ؟ راۋۇرۇس بىر ئەركىشى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدىن تامغان پۇشتىغىمۇ خۇمسىلىق قىلغان تۇرسا. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا نېمە دېگۈلۈك؟
ئوغلۇم قازا قىلدى، مەن ئوغلۇمنىڭ مېيىتى سىلىنغان جىنازىنىڭمۇ ئۇرۇزغان چاغدىكى غېرىپلىقىنى كۆرۈپ مىڭ ئۆلۈپ مىڭ بىر تىرىلدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ياقا يىرتىپ، لەۋ چىشلىرىم. چاچلىرىمنى يۇلدۇم، بىراق ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. «ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە» دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، ئۆز باغرىمنى يىرىپ چىققان يۈرەك پارەمدىن ئايرىلدىم. ئەمدى جاھاندا ياشاشنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن. ھايات بېغىمنى يۆلەپ تۇرغان بىردىنبىر تىرىگىم شۇ ئوغلۇم ئىدىغۇ. شۇ ئوغلۇمنى دەپ قارا يۈز بولغان ئىدىم. شۇ ئوغلۇمنىڭ بولسىمۇ ئاخىرەتلىكىدە يۈزىنى يورۇق قىلالمىدىم. مېنىڭ دەردىمگە ھېچنېمە ياماق بولالمايدۇ. ھازىر ھەممىنى ئوخشاتقان پۇلكەن، مەن بۇرۇن ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدا تۇرغان چېغىمدا ئۇلارغا كېچە - كۈندۈز ئىشلەيتتىم، ئۆزۈممۇ پاك ئىدىم. لېكىن ئۇلار كۈندە دېگۈدەك كۆزۈمدىن ياش ئالاتتى. مەندىن نارازى بولاتتى. بىراق ھازىرچۇ؟ ھازىر ئۆزۈممۇ ناپاك ھەم ئۇلارغا ئىشلەپمۇ بېرەلمەيمەن. 15 - 20 كۈندە كېچىسى چىقىمەن. چىقىپلا يانىمەن. گاھىدا 5 - 6 ئايدا بىرەر قېتىم قونۇپ قالىمەن. ئۇلار «ھارماڭ، بالام» دەپ ئاستىمغا كۆرپە سالىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن ھازىر ئۇلارغا پۇل بېرەلەيمەن، چىقسام قۇرۇق چىقمايمەن. «بالام، بۇ پۇل نەدىن كەلدى؟ يىگەن - كەيگەنلىرىڭنى نەدىن تاپتىڭ؟ دەپ بىرەر قېتىم سوراپ قويۇشسىچۇ كاشكى. ئاينۇر تاماكىسىنى قاتتىق شورايتتى. ـ ئۇكام، ھەممىنى بىلدىڭىز، قەرزنى قايتۇرمىغىچە بۇ يەردىن چىقىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. سىز قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرسىڭىز نامىڭىزغا داغ تىگىدۇ.
ئاينۇر سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن ئۆزۈمدىكى بەزىبىر سەۋەنلىكلەرنى ئوبدان تونۇپ يەتتىم - دە، ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا لام - جىم دەپ زۇۋانمۇ سۈرەلمەي قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ مېنى ئۇزۇتۇپ تاشقىرىغا چىقماقچى بولۇپ مېڭىۋىدى، ئايال خوجايىن ئىشىك تۈۋىدە بىزگە دوقۇرۇشۇپ قالدى.
ـ بۇ سېنىڭ سىڭلىڭما؟ خالىسا بۇ يەردە ئىشلەپ قالسا بوپتىكەن، چىرايلىق قىز بالىكەن بۇ، دەپ سەت ھىجايدى ئايال خوجايىن. ئاينۇر ئايال خوجايىنغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەن ئاينۇرنىڭ يېنىدىن چىققان كۈندىن باشلاپ ھەرقاچان ۋە ھەرزامان ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ يۈردۈم.
«نېمىشقا ئۇنى چۈشەنمىدىم. بىر مىللەت، بىر دىن، بىر يۇرت، بىر مەھەللە يەنە كېلىپ بىر بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بەردىم. شۇ كۈنلەردە بىرەر قېتىم بولسىمۇ (ھالىڭىز نېچۈن) دەپ ئەھۋال سورىيالمىدىم. ھەي كىچىكلىك، نادانلىق، ئەمدى ئەقلى - ھۇشۇمنى بىلگىدەك بولغىنىمدا بولسا بۇ ئىش چىقتى. ئاينۇرنى بۇ پاتقاقچىلىقتىن قانداق قىلىپ چىقىرىش كېرەك» دېگەنلەرنى دائىم خىيال قىلاتتىم. ئاينۇرنىڭ سەۋەبىدىن دادام بىلەن تاغام ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن ئاداۋەت كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ھالدا مەن قانداقلارچە ئاينۇرنىڭ دېپىنى چېلىشقا جۈرئەت قىلاي؟ بېشىمنىڭ ئىچى - تېشى تازا قاتتى. ئاخىرى ئاينۇرنىڭ ئانا تەرەپ تاغا - ھاممىلىرىنى ئىزلەپ تاپتىم. ئالتۇن زەنجىرىمنى ساتتىم، ھەر تەرەپتىن يىغىش قىلىپ ئاينۇرنىڭ قەرزىگە يەتكۈدەك پۇل يىغىپ بارساق، ئاينۇر كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.
مەن قەرزدارچىلىقتىن بەكلا قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. كىشىلىك ھاياتتا بىر پۇڭمۇ قەرز، بىر مىليونمۇ قەرز. سىلەرنىڭ بۇ ياردىمىڭلار ماڭا تىگىل بولدى. مەن ياخشى كۆڭلۈڭلەرنى چۈشەندىم، لېكىن پۇلۇڭلارنى ئالالمايمەن. چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا پاتىڭىمغا يۈكلەنگەن قەرز دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ بولار يېرىم شۇ. ھەقىقەتكە قايتقان تەقدىردىمۇ يۇرتقا چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس. يۇرت - جامائەت مېنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. مەن ئۆزۈم تېنىمنى ساتساممۇ ئىشلەپ ئاۋال ئوغلۇمنى داۋالاتقان قەرزنى قايتۇرۇۋالاي، ئاندىن بىرەر تىجارەتكە دەسمى بولغۇدەك پۇل تېپىۋېلىپ ئاندىن ھەقىقەتكە قايتىمەن. ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار. مەن چوقۇم ھەق يولغا قايتىمەن. بۇ پۇلۇڭلارنى مەندەك كۈنگە قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە بالىلارغا، كىچىك قىزلارغا سەرپ قىلىڭلار. مېنىڭ تارىخىم باشقا قىزلاردا تەكرارلىنىپ قالمىسۇن.
ئاينۇر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى. مەندىمۇ ئۇنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ئۇنداق ئىپلاس جايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكۈدەك جۈرئەت قالمىدى. چۈنكى مەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتەلىگىنىم بىلەن ئۇنىڭغا چىقىش يولى تېپىپ بېرەلمەيتتىم. بىرەلىدىم دېگەن تەقدىردىمۇ خەقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغىلى بولمايدۇ - دە. قىز بالىلىقىم، ئاجىزلىقىم يەنىلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئامالسىز ئۇنىڭ قايتىپ چىقىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قايتتۇق. مەن ئاينۇرنى ئىزلەش جەريانىدا قاۋاقخانىلارنى ئارىلاپ چىقىپ شۇنداق ھەيران قالدىمكى 680 مىڭ نوپۇسى بار ناھىيىمىزدە ئاشخانىلارنىڭ جىقلىقىدىن خىلى كۆپ ئاشخانىلارنىڭ سودىسى ئاقماي، سۇسلىشىپ قالغان بولسا، ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى قاۋاقخانىلارمۇ جىقلىقى قەھەتتە ئاشخانىلار بىلەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەنيۇ بىراق سودىسى ھەرگىزمۇ كاسات ئەمەس ئىكەن. (مەن تېخى بۇ يەردە «باش يۇيۇشخانا»، « پۇت ئۇۋۇلاشخانا»، «ساڭنا»... دېگەندەك بەزىبىر شەكلى ئۆزگەرگەن «مەدەنى بۇزۇقخانىلارنى» ھېسابقا ئالمىدىم). قاچانلا قارىسا لىققىدە ئادەم ئىچىشىپ ئولتۇرغان. پۇل ئۈچۈن ئەنە شۇنداق دۇكان، سارايلارنى ئاچقان تىجارەتچىلەرگە مىڭلارچە لەنەت ئوقۇغۇم كېلىدۇ. ئۇنداق يەرلەرگە ئۆگىنىپ كەتكەن ئەرلەرچۇ تېخى. ئۇ يەرگە كىرىدىغانلار يالغۇز ياش - ئوتتۇرا ياش ئەرلەر بولۇپلا قالماستىن تېخى خىلى - خىلى قىز - يىگىتلەرگە ئاتا بولۇشقان، نەۋرىسى ئىڭەككە تاقاشقۇدەك بولغان «بوۋاي» ئاتىلىشقا لايىق ساقاللىق ئەرلەرمۇ بار. ئۇلار تېخى ئەينەككىمۇ قاراپ بېقىشماستىن «ساقىلىم قانچىلىك» دەپ غىرىپلاپمۇ باقماستىن جاۋغايلىرىدىن ساقىپ قالغان ھاراقتا، ساقاللىرىنى يۇيۇشۇپ يالىشىپ ئېچىشىۋاتقان. تېخى ئۆزلىرىنى بەزلىشىپ «ئايال كىشى ئۈلپەت بولمىغان سورۇندا غىزالانغاندەك بولماسمىش» شەھۋانىلىق بىلەن قوشۇلۇپ يەپ - ئېچىلگەن تاماق ئۇلارغا شۇنچە لەززەتلىكمىدۇ؟ ئۇلارنى ئىللىق ئائىلە تامىغىدىن، بالا مېھرىدىن كەچتۈرۈپ مۇشۇنداق جايلاردا، قاراڭغۇ، زەي ئۆيلەردە، شەرىئەتتە چەكلەنگەن سورۇنلاردا «زىنا» پاتقىقىغا سۆرىگىنى زادى نېمىدۇ؟ ھېسابلاپ كۆرسەم ناھىيىمىز تەۋەسىدە 200 ئەتراپىدا قاۋاقخانا بار ئىكەن. مىسال: بۇ 200 قاۋاقىانا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرىگە بەش ئادەم كىرسە جەمئى 1000 ئادەم كىرىدىكەن. ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېەندە بەش يۈەندىن (ئەمەلىيەتتە بەش يۈەن پۇل بىلەن بۇنداق جايلارغا كىرىپ چىقىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ تۆۋەننىڭ تۆۋىنى دەپ قارىغىنىمىزدا دەيلى) پۇل سەرپ قىلسا 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلىدىكەن. 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ بالىجانلىق نورمال دېھقان ئائىلىسىدىن 10 دېھقاننىڭ بىر يىللىق كىرىمى بىر كۈندىلا بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ. ئۇلار ئاشۇنداق پۇللىرىنى يىتىم - يىسىرلارغا، ئاجىز - مىيىپلارغا، ئىگە - چاقىسىز بىچارە تۇل خوتۇن، يىتىم قىزلارغا سەرپ قىلسىچۇ؟ پاھىشخانىنىڭ قىزلىرىغا يات غەرەزگە سۇنغان قوللىرىنى يۇرتىدىكى، مەھەللىسىدىكى تونۇغان - بىلگەن ئاجىزلارغا سۇنسىچۇ كاشكى. قىز دېمەك ئايال دېمەك ئاخىرقى ھېسابتا ئانا دېمەكتۇر. ئانا بولسا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ يورۇتقۇچى چىرىغى. كەلگۈسى ئەۋلادلاتنىڭ بىۋاسىتە ھامىيسىز، بىر دۆلەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يىقىلماس تۈۋرۈكى. بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت ساپاسى ئانىلارنىڭ ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. قايسى بىر ئالىم «ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت ۋە مىللەت تۈزىلىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىر مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. گەۋدىلىك بولغىنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىرزىس. گېزىت - ژۇرنال، تەشۋىقاتلاردا بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى. ئاياللارنى ئەيىپلەشلەر سۆكۈشلەر بولدى. بىراق كىم ئاياللارنىڭ «بۇزۇلۇشى»نىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى، سەۋەپچىسىنى تېپىپ چىقالىدى؟ ئابىستراكىت ئۇقۇم، چۈشەنچىلەر بىلەن بىرمۇنچە تەھلىل مۇنازىرىلەر بولدىيۇ، ئاياللارنى، قىزلارنى خورلىغان، دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەقىل تېپىشىغا يول قويمىغان، ۋىجدانىنى بوغۇزلىۋەتكەن... يۈرىگىنى، ھېس - تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرگەن يوشۇرۇن «قاتىل»لار سوراق سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدىمۇ؟ ئۇلارغا ئىبرەتلەر بىرىلدىمۇ؟... ياق! ھەتتا سۆزلەنمىدى. بۇ ھەقتە يەنىلا «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇپ قىلىۋەردى خالاس. قىلغۇلۇقىنى قىلغانلار ئىش تۈگىگەندە ساقال - بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپلا تۆتتال پۇلىنى تاشلاپ بىرىپ قوپۇپ كېتىدىغان، بار بالاغا بىچارە قىز - ئاياللار قالىدىغان گەپكەن. تېخى ئەڭ بۇرۇن ئۇششاق گەپ تېپىپ، پۇلسىز بىچارە نامراتلارنى يەكلەپ تۆي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىملاردا چاندۇرۇپ، غەيۋەت قىلىشىپ، مازاق قىلىشىپ «يىگانە» قالدۇرىدىغانلار ئەڭ ئاۋال ئاشۇنداق «ئىشتىنى شالتاق»لار ئىكەن. ئاياللارنى «كوت - كوت»، «غەيۋەتخور» دېيىشىدۇ. ھازىر زامانىمىز ئەرلىرى ئاياللاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ كېچىسى ئەر - خوتۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاندىكىن، بولسىمۇ ئاياللىرىغا، پۇلىغا دۆڭگخەپ قويۇپ بىكار يۈرگەندىكىن ئىشتاننى قىرلاپ كىيىپ، گەپ تېپىش، غەيۋەت قىلىش، «بۇزۇقچىلىق»قىلىش بىلەن ياشاشقا ئاش - نان يىگەندەك «كۆنۈپ» كېتىشىپتۇ. مۇشۇ ناھىيىمىز تەۋەسىدىلا نەچچە مىڭ قىز - ئايال ئاشۇنداق ئۇسۇل بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. يەنە نەچچە تىجارەتچى ھالال كەسىپ بىلەن باي بولۇشقا تاقەت قىلالماي ئاشۇنداق دۇكان - سارايلارنى ئېچىشقا تەمشىلىۋېتىپتۇ. قاۋاقخانىلاردىن قالسا قىسمەن ساندىكى ئايرىم خانىلىق توخۇ قورۇمىسى ئاشخانىلىرىنىڭ خانىلىرى، ئالىي دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك مېھمانخانىلار ئاشۇنداق ئىشرەتۋازلىقنىڭ ئۇۋۇسى ئىكەن.
ياچىۋەك كەبى ھايۋان نەپسى شەھۋانىيلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر خانى ۋەيران، ئوماق بالىلار يېتىم - يىسىر بولماقتا. يەنە نۇرغۇن پاك ئاياللار داۋاسىز ئاياللار كېسىلى تۈپەيلىدىن ئېغىر ئازاپ تارتىۋاتىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق نىجىس كېسەل نەدىن كەلدى؟ يەنە شۇ بىزنىڭ «تۈۋرىكىمىز» بولغان تۇغۇلغىنىدا كۈللى - كائىنات «مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇدەك تەبىئەتنى كۆكەرتىپ، جەمئىيەتنى تۈزەلىگىدەك ياخشى جەمئىيەت ياراتقۇدەك بىر ئەركەك تۆرىلىپتۇ» دەپ قاقاھلاپ كۈلگەن، بۆرىگە تەققاسلاپ ئانىلار بېشىدا كۆتۈرگەن قەدىرلىك ئەرلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىپلاسلىقلار ئىچىدە يۈندە ئازگىلىغا تىيىلىپ كېتىپ، چىكىدىن ئاشقان شەھۋانىيلىقى بەدىلىگە يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن بولمامدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جەمئىيىتىمىز نېمە بولماقچى؟ كەلگۈسىمىز، ئەۋلادلىرىمىز نېمە بولماقچى؟... بۇ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئويلىنىشقا، جاۋاب تېپىشقا تىگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن.
4. ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان سۇملىقى مەن ئەمدى ئانا دېگەن ئۇلۇغ ئىنسان، دەيمىز ئۇنى «پەرىشتە» پەرىشتىلىك سۈپەت بىلەن، ئورنى ئۇنىڭ ئەرىشتە. دېگەن مەدھىيىلىرىمىزگە خىلاپ ھالدا ئانىلار ھەققىدە سۆزلەيمەن. دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈمى دەل ئاشۇنداق شەھۋانى ئانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەرھۇم دوستۇم خاسىيەت بۇغداي ئۆڭلۈك، چاچلىرى ئۇزۇن ھەم توم، قارا قاش، بۇلاق كۆز، بۇنچە بوي تولىمۇ چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇنىڭ بارغۇسى كەلگەن يەرگە ۈارىدىغان، ئالغۇسى كەلگەننى ئالىدىغان يېنىدا قانچىلىك پۇلى بولسا شۇ كۈن ئاتلاتماي تۈگىتىپ خەجلەيدىغان ئاجايىپ تەۋەككۈلچىلىكى «مەرت»لىكى ھەممىمىزنى ھەيران ھەم جەلپ قىلاتتى. ئۇنىڭ 2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى گەپ - سۆزلىرى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىرقانچە دوستلار بىللە توي مەشرىپىدە ئولتۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بىرسى سورىدى خاسىيەتتىن:
ئاداش، بۈگۈن ئاناڭلا قايسى ئاشنىسى بىلەن مىڭىپتۇ؟ ئابلىمىت ئاشنىسى بىلەن.
خاسىيەت شۇنچىۋالا ئادەم توپلاشقان سورۇندا قىلچە تارتىنمايلا جاۋاب بەردى ئۈنلۈك ئاۋازدا.
دىلبەر ھاجىمنىڭ شۇنچە قىلغان نەسىھىتى كار قىلماپتۇ - دە ئاناڭلىغا. ئەسلىدە ئاناڭلارچۇ كونا جالاپ يېڭى جالاپ بولغان بولسا گەپ ئۆتەر ئىدى. بەلكىم سورۇندىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. خاسىيەت بولسا «چىداڭ، ئەينا» دەپ قويۇپ غىمىدە يوق ئولتۇرىۋەردى. خاسىيەتنىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق يولدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى شۇ ئىشتىن كېيىن بىلدىم. بىر كۈنى كەچتە يول بويىدىكى كاۋاپخانىدا ئولتۇراتتىم، بىردىنلا دۇككان ئالدىدا خاسىيەتنىڭ بىر قولىدا ھاراق دەڭدەڭشىگىنىچە كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. دەرھال چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراقنى تارتىۋېلىپ تاشلىۋەتتىم. باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى ئاستا ئۆيۈمگە ئەكىرىپ قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ياتقۇزۇپ قويدۇم. مېنى ئىچكىلى قويۇڭ، ئىچكىلى قويۇڭ. مېنىڭ دەردىم بار، ھۇ ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن. مەن سەندىن ھېساب ئالىمەن.
ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى.
خاسىيەت، جىنىم ئاداش، بوش گەپ قىل. ئاۋۇ ئۆيدە چوڭلار بار. ئاڭلاپ قالمىسۇن، ھېلى چاتاق چىقىدۇ باكا. خاسىيەت توختىماستىن «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ تەكرارلايتتى. ئاخىرى مەن خاسىيەتنىڭ ئانىسىغا (ئۆيىگە) تېلېفون قىلدىم. بىرنەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن ناتونۇش بىر ئەر كىرىپ، خاسىيەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى كەچتە يەنى 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە خاسىيەتنى ئۆيۈمگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. تاماقتىن كېيىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن - ئازادە سۆھبەتلەشتىم. ئاخشام سىزنى مالال قىپتىمەن. نۇرئىمانگۈل، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، دەپ قىزاردى خاسىيەت. ياق، ھېچقىسى يوق. ئۇ دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. قاراپ تۇرۇپ سېنىڭ ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگەن ھالىتىڭ ئاشكارىلىنىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ. مېنى ئەڭ خاپا قىلغىنى سېنىڭ ئاناڭنى تىللاپ، ئوڭ - تەتۈر سەتلىشىڭ بولدى. ئاناڭنىڭ تېلېفوندىكى ئىپادىسىگە قارىسام ساڭا بەكلا كۆيۈنىدىكەن. لېكىن سەن ئۇدۇل كەلگەن يەردە «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ جۆيلۈپ يۈرىيدىكەنسەن، بۇ...
مېنىڭ سۆزۈم ئاخىرلاشمايلا ئۇ پېشىنى قىقىپ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ چالۋاقاپلا كەتتى.
بولدى، چىچىلما ئاداش، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ ئاناڭدە. ساڭا بۇ ھاياتلىقنى كىم بەرگەن؟ ئۇ بولمىسا سېنىڭ بۈگۈنىڭ بولامتى؟
ئۇ سەل يۇمشاپ قالدى «سىزگە دېسەم» ئۇ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىرنى خۇرسىنىپ قويۇپ سۆز باشلىدى.
سىزگە دېسەم نۇئىمانگۈل. مەن ئانامغا بەك ئۆچ. بولۇپمۇ ئاچام قازا قىلغاندىن كېيىن... ئۇ «جالاپ خوتۇن» بىزنى دادىمىزدىن ئايرىدى، ئۇنى ئاز دەپ ئاچامنىڭمۇ جىنىغا زامىن بولدى. قانداق قىلىپ؟ ھېچكىمگە دېمەيدىغان گەپتى بۇ. بوپتۇ دېسەم دەپ بېرەي. بىراق سىر ساقلاڭ جۇمۇڭ، بولمىسا ئانام مېنى ئۇرىدۇ. خاتىرجەم بول ئاداش، مەن سىر ساقلايمەن.
ئانام بىلەن دادا ئاجرىشىپ كەتكەندە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم. ئاچام ئىككىمىز بەزىدە دادامنىڭ قېشىدا بەزىدە ئانامنىڭ قىشىدا تۇراتتۇق. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادام توي قىلدى. ئىلگىرى ئىللىق ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم بولغان بولساق، مانا ئەمدى دادا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. بىز ئەمدى ئانامنىڭ قېشىدا تۇرىدىغان بولدۇق. بارا - بارا چوڭ بولغانسىرى كىچىكلىكىمدە ھېس قىلالمىغان ئىشلارنى ھېس قىلغۇدەك بولدۇم. ئاچام بىلەن مەن ئىچكىرى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدە بولسا ئانام ئاشنىلىرىنى كۈتەتتى. ئانامنىڭ قىلغانلىرىدىن شۇنچىلىك يىرگىنەتتۇق، ئازاپلىناتتۇق. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى «كۆنۈپمۇ» قالدۇق. كۆنمىسەك نېمە ئامال، دادامنىڭ يىنىغا بارساق ئۆگەي ئانامنىڭ ئېچىلماس چىرايىغا قارايدىغان گەپ. دادامنىڭ بولسا بىز بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. بىر كۈنى كىچىدە مۇنداق ئىش يۈز بەردى. بىز ئىچكىركى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدىن ئاڭلانغان ۋارى - ۋارى ئاۋازلار بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى بۇزدى. ئالدىراپ - تىنەپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق ۋە تاشقىرقى ئۆينىڭ ئىشىگىدىن مارىلاپ قارىساق، ئانام ئالا قەغەز ئوينايدىغانلر بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانامنىڭ كۆزلىرى ياش. بىزنى كىرىپ كېتىشكە شەرەت قىلدى. بىز كىرىپ كەتتۇق. «قەرزنى قايتۇرالمىسىڭىز قىزىڭىز، قىزىڭىزنى...» دېگەندەك ناتونۇش ئاۋازلار قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇراتتۇ. ئانام يىغلاپ بوغۇلۇپ سۆزلىگەچكە سۆزلىرىنى ئايرىيالمىدۇق. قانداق ئەھۋال بولغىنىنى بىلىپ بولغۇچە قاراماتاق گەۋدىلىك بىر ئەر كىرىپ ئاچامنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ئاچامنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟...
سوئالىم جاۋابسىز قالدى. كېيىن بىلسەم ئانامنىڭ پۇل خۇمار ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلىسى ۋەيران قىلىنغان بىر ئايال تەرىپىدىن پىلانلانغان بۇ قېتىملىق قىمار سورۇنى گۇناھسىز ئاچامنى قىزلىقىنى يوقۇتۇپتۇ. ئاچام يېتىپ قالدى. خۇن سۈرۈپ كەتكەن بولغاچقا تېنى بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتىپ باراتتى. بۇ ئىشلارنى ئېغىزدىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىچارە ئاچام يا بىرسىگە تىنالماي، دەردىنى ئۆزى يالغۇز تارتىپ بولالماي تولىمۇ ئىزىلىپ كەتتى. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتتى. كېيىنچە ئاچامنىڭ ياخشى كۆرۈشكەن بىر يىگىتى بولىدىغان بولۇپ قايسىبىر ئىدارىدە شوپۇرلۇق قىلاتتى. ئانام دەل ئاشۇ يىگىت ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىدارە باشلىقى بىلەن ئاشنا - ئاداش بولۇپ قىلىشىپتۇ. بىر كۈنى كىچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم، ئاچام مېنى ئويغۇتۇپ «ئۇياققا قارا» دەيدۇ. قارىسام ئاچامنىڭ يىگىتىنىڭ باشلىقى خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئانام بولسا ھېلىقى شوپۇر بالا بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ يۇمۇلاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئاچام نېمە بولۇپ كەتتىكىن مەن جىنىمدا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگىدەك بولدۇم. ئاچامنىڭمۇ باشقىلارغا تىنالمايدىغان دەرتلىرى كۈنسىرى ئاۋۇشقا باشلىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ھېلىقى شوپۇر بالا «ئاتا - ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشسەم بولاتتى. ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزسەم بولاتتى» دەپ ئاچام بىلەن تېزرەك توي قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپتۇ. ئاچام ئۇلارنى قانداقمۇ يۈز كۆرۈشتۈرەلىسۇن. بىچارە ئاچام شۇ كۈنلەردە كېچە - كۈندۈز يىغلايتتى. ئۇ يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى - يۇ، مۇۋاپىق بانا تاپالمىدى. ئېھتىمال ئۇ يىگىت قوشۇلمىدى بولغاي، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاچام زەھەر يەپ ئۆلۈۋالدى. بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر غەمگۈزارىم، مۇڭداشچىم بولغان ئاچاممۇ يوق بولدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا ئالەمچە قايغۇ، ئازاپ - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى. ئاچام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دوپپامنى ئاتسام خۇدانىڭ زېمىنىغا چۈغىدۇ دەپ جاھاندىن بىزار بولۇپ ئۆزۈمنى تاشلاپ يۈرىيمەن. دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئۆگەي ئانامنىڭ زۇلمى، ئانامنىڭ يېنىدا تۇرسام، ئانام مېنى قىلچە كۆزگە ئىلماي قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ. كوچىدا ماڭسام كىشىلەر «ئەنە، خالىدەم جالاپنىڭ قىزى» دەپ مېنى شەرەتلىشىدۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈردۈم، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ دادامغا بىرەر پۇللۇق مەكتەپ بولسىمۇ ئوقۇياي دېدىم، مەقسىدىم بىرەر كۈن بولسىمۇ «جالاپنىڭ بالىسى» دېگەن نامدىن قۇتۇلسام دەيتتىم. لېكىن دادام قوشۇلمىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئەكىرىپ بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا كاللامغا دەرس چۈشەتتىمۇ. مەن بىلەن بىللە ئوقۇغانلار 3 - يىللىققا چىقتى. مەنچۇ 2 - يىللىقتىمۇ جايلاپ ئوقۇيالمىدىم، دەسلەپتە مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ كىتابخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ھەممىگە ئايان، سىز كۆرگەندەك يۈرىۋېرىمەن.
شۇنچە ئاچچىقلىنىپ كوچىدا ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك نېمىش بولغانتى تۈنۈگۈن؟ سورىدىم مەن. خاسىيەت تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى: شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتىمەن، ئەمدى بۇنى دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن، بولدى سورىماڭ. نومۇس قىلغۇدەك شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىڭ. ئەمدى دېيەلمىگۈدەك قانچىلىك مۇھىم ئىشتۇ ئۇ؟ سېنىڭمۇ قىزلىقىڭ يوقالمىغاندۇ؟ نېمە؟ مېنى ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ئۇنداق خوتۇننى ئۆلتۈرىۋېتىپ، ھەر بالا كۆرسەم مەيلىتىم. مېنى ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئاداش، ئۇنداق قورقۇنچلۇق گەپنى قىلمىساڭچۇ؟ ئۇنداق قىززىققانلىق قىلما - ھە. زادى قانداق ئىش بولغان ئىدى، ئېيتقىنە؟
ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش ۋە ئاستا چىقاتتى.
مېنىڭ يۈرگەن يىگىتىم ئەركىننى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟ ھەئە، ئۇنى بىلىمەن. ئەركىنگە نېمە بولدى؟ بىز بىللە يۈرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان. ئانامنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنىمۇ ئۇ تەپسىلى بىلەتتى. مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرەتتى، چۈشىنەتتى. بىز ناھايىتى بەختلىك ئىدۇق. مېنىڭ خىلى ھالىمغا يېتەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاجىم بولغاچقا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قېتىلمىدى. مېنىڭ ئاناممۇ ئۆزىچە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز ھەقىقەتەن ئامالسىز ئىدۇق. ئەركىننىڭ ئاتا - ئانىسى باشقا يەردىن ئۆيلەپ قويماقچى بولۇشقانىكەن. ئەركىن قەتئىي ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تۈنۈگۈن چۈشتە مېنى چاقىرتىپ ئىككىمىزنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ بارلىق ئەھۋالنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى. گەپ ئارىلىقىدا مېنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتتى. تېخى «كىم بىلىدۇ، ئەركىن بىلەن ئىككىىڭلار دادا بىر ئانا باشقا ئاكا - ئۇكا چىقىپ قالامسىلەر بەلكىم» دېگەننىمۇ كۈچەپ ئېيتىپ قوشۇپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ئەركىننىڭ كېلەر ئايدا تويى بولارمىش. مېنىڭ ئەمدى ھېچنەرسەم قالمايدۇ، قانداقمۇ قىلارمەن. نۇرئىمانگۈل چوڭلارنىڭ گۇناھىنىڭ سورىقىنى بىزلا تارتىپ ئۆتەمدۇق؟
ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى كىشىنىڭ باغرىنى تىنماي ئىزەتتى. مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم. ئۈمىدۋار بولۇشقا، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلدىم. بىر - بىرىمىز بىلەن خىلى ئۇزاق سىردىشىپ خوشلاشتۇق. 2002 - يىلى نويابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ئىدىم. دەرھال كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بارسام خاسىيەتنىڭ جەسىتى سېلىنغان جىنازا يول بويىغا چىقىپ بوپتۇ. دۇنيادا بەلكىم بۇنىڭدەك غەمكىن ۋە يالغۇز، دەرتمەن جەسەت بولمىسا كېرەك. ئاھ، يۈرەك، ئاھ يۈرەك. ياقا يىرتىپ قان - زار يىغلىدىم. قەلبىمدە ياش تۇرۇپ ياشلىقىنىڭ بىرەر گۈلىنى پۇراشقىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بىچارە دوستۇم خاسىيەتنىڭ سىماسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. مۇسىبەت قايغۇسىدا يۈرگەن كۈنۈمنىڭ 3 - كۈنى بىرقانچە دوستلىرىم مېنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىدى. مەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ساىاۋىتىنىڭ ئەڭ كاتتىسى سەۋر - تاقەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا تەسەللى بەردىم. ئارىدىن بىرسى ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا:
ھەي نۇرئىمانگۈل، ئەسلىدە خاسىيەت ئۆلمىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئۇيقۇ دورىسى بىلەن خەت چىقىپتۇ. خاسىيەتنى «كېچە سائەت 8 دە جان ئۈزدى» دەپ ئەتىسى ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىلا يەرلىكىدە قويۇپ بوپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە مەن خاسىيەتنىڭ ئۆيىگە بارغانتىم. تەلىسىنى ① (تەلە ئوقۇش مىيىتنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەپ ئايەت ئوقۇلىدىغان پائالىيەت.) ئوقۇشۇپ بەردىم. قارىسام ئۇنىڭ جەسىدىمۇ سوۋۇمىغانئىكەن. تېخى پۇت - قوللىرىمۇ قاتماپتىكەن. دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن قايغۇ - ئەلەملىرىنى ئېيتىشىپ، زار - زار يىغلىشاتتى. ئانىسىچۇ؟ ئانىسىمۇ بىلەمدۇ بۇ ئىشلارنى؟ بىلمەي قالامدۇ؟ دەسلەپتە باش - ئاخىرىنى ئويلىمايلا يەرلىكىدە قويۇۋېتىپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بولسا، «يەرلىكىنى ئاچىمىز» دەپ تۇرىۋالدى. لېكىن ھېچكىشى قويمىغان بولغاچقا، يىغلاپ ئولتۇرماقتىن باشقا نېمە ئامالى ئەمدى. ئىككىكۈندىن بېرى بەلكىم مۇزلاپ ئۆلۈپمۇ بولغاندۇ. دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن چۇرۇقلىشىپ، ھەركىم ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەشمەكتە ئىدى. قەلبىم ئېغىر ئازاپ ئىلكىدە، ئەسلىدىمۇ يارىلانغان يۈرىگىمنى مانا ئەمدى يېڭى - يېڭى جاراھەتلەر تاتىلىماقتا ئىدى. «پەرزەنت مېھرىنىڭ ھامىسى، پەرزەنتلەرنىڭ نورلۇق قۇياشى» دەپ تەرىپلەنگەن «ئانا» تۈپەيلىدىن، ئانىنىڭ ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قىز ياشلىق باھارىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەنە نەچچە پەرزەنت مانا مۇشۇنداق ئاتا - ئانىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقاندۇ - ھە!...
5. تەڭرىنىڭ كۆزى مەن يەكەن ناھىيىسىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن ھېلىقى بۇ زېمىن شۇنچىۋالا گۇناھى كەبىرلەرنى كۆتۈرۈپ، بەرداشلىق بېرىپ كەپتۇ، دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى بوۋام ماڭا «زېمىندا گۇناھى كەبىر ئېشىپ كەتسە زېمىن بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەن. بىراق بىزنىڭ بۇ زېمىن يىرىلماي، بەرداشلىق بىلەن يەكەن خەلقىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. بەلكىم زېمىن ئۆزى ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، تۆۋە قىلىپ ياخشى، توغرا يولغا مىڭىشنى كۈتىۋاتقاندۇ؟... كۈتە - كۈتە شۇ كۈتۈشلىرىمگە يارىشا نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ گۇناھ يولىدىن قولىنى ئۈزۈپ ھىدايەت يولىغا قايتىپ كەلدى. يەنى يىزىمىزدا كىچىك بىر «ئۆي تائاملىرى ئاشخانىسى» ئاچتى. سودىسىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى كۈنلەر ئاستا - ئاستا ئىزىغا چۈشمەكتە ئىدى. دەل شۇ چاغلار قاغىلار تۇيۇقسىز قاقىلدىغاندەك، قاپاقلار پىتۇيۇق تارتقاندەك، يۈرەك بىۋاقىت ئاغقاندەك دەھشەتلىك بىر خەۋەر «مارالبېشى، چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرەپتۇ، ئاپەت خىلى ئېغىر بوپتۇ»... قۇلاج مىڭەمنى يىگۈدەك دەھشىتى بىلەن جاراڭلىغان بۇ خەۋەر مېنى يەنە ھەسسىلەپ ئازاپ پاتقىقىغا پاتۇردى. ئاھ، بىچارە خەلق. بىچارە دېھقان، ئاجىز بالىلار... يۈرىكىمدىكى تەشۋىش كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. ئاخىر مەن ئازراق بولسىمۇ ئاپەت رايونىدىكى دېھقان قىرىنداشلىرىمغا بولغان ساخاۋىتىمنى، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەي دەپ ئويلاپ يىقىلغاننى تەپكەندەك ئاۋۇپ يىغىۋاتقان قارغىمۇ پەرۋا قىلماستىن چۇڭقۇرچاق يېزىسىغا قاراپ يول ئالدىم. قولۇمدىكى ئېلىپ كەلگەن نەخ پۇل، نان ۋە ئۇن قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئورنىغا تاپشۇرۇۋېتىپ تۇرۇشۇمغىلا تونۇش بىر ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئاڭلاندى. بۇ تونۇش ئاۋازلىق ئايالنىڭ بىراقلا 25 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلىشى مېنى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا تىكىلدۈردى. ئۇ ئايالنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى تونۇشتەكمۇ قىلاتتى. مەن بارلىق خىياللىرىمنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇنى ئەسلەشكە ئېسىمگە كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ھە ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى.
ۋاي بۇ يەكەندىكى بەش ئىشرەتخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى xxx نىڭ ئايالى بۇرابىغۇ.
ئاۋازىم ئۈنلۈكرەك چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ ئەتراپقا ھودۇقۇپ قارىدىم. ھېچكىشى ماڭا قارىمىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ھەي، مېنى كۆرگەنلا يەردە قوپاللىق قىلىپ تىللىغان، ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئىدىيىسى قاتمال بۇرابى دەل ئالدىمدىلا تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يا خەنزۇغا يا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان 8 - 9 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى ئىلگىرى مەن كۆردەندىكىدىن ئسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى. ئۇ ئۇچىسىغا تىپىك ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىۋالغانىدى. مەن يىراقتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا قالدىم. ئۇمۇ مېنى تونۇدى. بىز قىزغىن سالاملاشتۇق.
ھۇي، مەن تېخى يەكەنگە بارماقچى، سىزنى ئىزدىمەكچى ئىدىم. ئەجەپ ئوبدان بولدى، بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق. يۈرىڭە پاراڭلىشايلى، دېدى ئۇ. ۋاييەي، ئىلگىرى ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشماق خۇيمۇ قىيىن ئىدىغۇ؟ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. ئادەمنى خىجىل قىلماڭ نۇرئىمانگۈل، دەيتتى ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ. بىز پاراڭلشقاچ كىتىۋاتاتتۇق، ئۇ توساتتىنلا: ھېلىقى چاغدا دوختۇرىانىدا ياتقاندا چىقىمىڭىزنى بىرسى تۆلىۋېتىپتىمىش - ھە؟ ھەئە، مەن شۇ كىشىنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن. ھۇي سىز بۇ ئىشلارنى قانداق بىلىسىز؟ مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم. ئۇ كىشى مەن بولىمەن، دېدى بۇرابى. ماڭا نېمىشقا ياردەم قىلدىڭىز؟ سورىدىم مەن. چۈنكى سىزنى ئىككى قېتىم قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتكەن مەن ئىدىم. ئەينى چاغدا مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم. كېيىنكى قېتىم سىزنى ئۇرغىلى تۇرغاندا مەن ئۆزۈم ماشىنىدا بار ئىدىم. سىز شۇنچىلىك ئېغىر يارىلاندىڭىز. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن سىزنى ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسەم سوختۇرخانىدا ئىكەنسىز. دوختۇرخانىغا بارسام مېنى خۇش چىراي كۈتىۋالدىڭىز. بىشىڭىز قاتمۇ - قات تېڭىلغان، قول ۋە پۇتىڭىزغا قوشلاپ ئوكۇل ئىسىغلىق تۇرۇپمۇ مېنى ھەقىقەتقە قايتىشقا دالالەت قىلدىڭىز. مېنىڭمۇ يۈرىكىم تاش ئەمەستە. سىزنىڭ چىدام - غەيرىتىڭىز مېنى قايىل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ شۇنچىۋالا ئېغىر كېسەل بولۇشىڭىزغا مەن سەۋەپچى بولدۇمدە. شۇڭلاشقا دوختۇرخانا چىقىمىڭىزنى مەن... توختاڭ! ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدۈم مەن.
2002 - يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرۇلغان ئىدىم، ئەجەبا ئۇمۇ...
ياق، ياق ماڭا ئىشىنىڭ ئۇ مەن ئەمەس. مەن ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن ئايرىلىپ بولغان. ئۇ «سىزگە قول سىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ جىددىي سۆزلەيتتى. ھازىر نەدە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن. دېسەم ئىشەنەمسلىكىڭىز مۇمكىن. مەن ھازىر ئىلگىرىكى بۇرابى ئەمەس. مەن ئىلگىرى ھېلىقى خەنزۇ لوبەننىڭ كىچىك خوتۇنى (توقال) ئەمەسمىدىم. ئۇ ماڭا كارامەت ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشرەتخانىلىرى بولغاچقا ئېقىپ يۈرۈپ باشقۇراتتى. پۇل دېگەننى سۇدەك بۇزۇپ خەجلەيتتى. بىر قېتىم ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئۆزۈم باشقۇرغان بەش ئىشرەتخانىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنى ئالدىم. دۇكاندا پۇلغا يارايدىغانلىكى نەرسىلەرنى بىر كىچىدىلا ئىلىشىغىلا ساتتىم. ھەقىقەتكە قايتقۇسى بارلا قىزنى ئېلىپ شۇ كىچىدىلا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن يوقالدىم. بىر ئۈلپىتىم ئارقىلىق ئازراق تىرىكچىلىكنىڭ ئېپىنى بىلىۋالغانىدىم. كېيىنچە xxx ۋىلايەتتىن 500 مو يەر ئالدۇق. بىرىنچىيىلىلا كېۋەز تىرىپ يامان ئەمەس پايدا ئاپتىمىز. كېيىن لوبەن بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا تەۋە پۇللىرىنى بانكا ئارقىلىق يوللاپ بەردىم. ئۇ مېنى ئىزدىمەيدىغان مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغان بولۇشتۇق. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. ھازىر ھەرھالدا يامان ئەمەس ياشاۋاتىمىز. كۈنىمىزمۇ ياخشى. ئوغلۇمنى بىقىپ قاتارغا قوشساملا. ئوغلىڭىزنىڭ دادىسى ئاشۇ لوبەن شۇمۇ؟ ئەجىبا ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلمايدۇ دېيەلەمسىز؟ مەن ئۇنىڭ توقىلى بولغاچقا بىزنىڭ توي خېتىمىزمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مېنىڭ پۇلۇممۇ، يۈز - ئابرويۇممۇ بار بولدى. نېمىدىن غەم قىلاتتىم. ۋاھ، بەك ياخشى بوپتۇ. ئەمدى بۇ پۇللىرىڭىزنى قانداقمۇ خەجلەپ بولارسىز.
سۆزۈمگە ئۇلاپلا «چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ» دەپ ئۇلاپ قويدۇم.
ئۇ تەرىپىنىمۇ ئويلاپ قويدۇم. مەن كەلگۈسىدە شۇ پۇللىرىمنى ئوقۇشسىز قالغان قىزلارغا سەرپ قىلسام، مۇمكىن بولسا مەكتەپ سالسام دەيمەن. مېنىڭ ئوقۇغۇم بولسىمۇ ئائىلە شارائىتىمنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇيالمىغانتىم. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر قىزنى ئوقۇشسىز قالمىسىكەن دەيمەن.
ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سۆيۈنۈش ۋە ئىچكى ھاياجان چىقىپ تۇراتتى.
ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز. يارايسىز بۇرابى. ھەرھالدا يىگەن تايىقىم زايا كەتمەپتۇ. شۇ 15 قىزنىڭ ھەممىسى يىنىڭىزدا بارمۇ؟ 10 نەپەر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ رايىغا ئاساسەن يەتكۈدەك پۇل بېرىپ قايتۇرىۋەتتىم. قالغانلىرى يېنىمدا بار. نۇرئايچۇ؟ ئۇنى قايتۇرىۋەتتىڭىزمۇ ياكى يىنىڭىزدا بارمۇ؟ ئەركىنلىككە بەكلا ئىنتىلەتتى ئۇ بىچارە.
بىردىنلا بۇرابىنىڭ چىرايى تۇمانلاشتى. «نۇرئاي» دىگىنى ئەسلى خەنزۇ قىز بولۇپ ئەسلى ئىسمى 小麦 شاڭخەيدە تۇغۇلغان. تۆت يىشىدا قارا جەمئىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈپ قىلىپ قولدىن - قولغا سىتىلىپ نۇرغۇن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 14 يىشىدا ئۇلارنىڭ قولىدىن قىچىپ چىقىپ يۇرتىمىزغا كېلىپ قالغان ھەم لوبەن تەرىپىدىن شۇ يولغا مەجبۇرلانغان قىز ئىكەن. قىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان، ئۇقىز بەكلا چىرايلىق بولغاچقا ئۇ يەردىكىلەر ئۇ قىزنى «نۇرئاي» دەپ چاقىرىشاتتىكەن. بۇرابىنىڭ «نۇرئاي قازا قىلدى» دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
قانداق قازا قىلدى؟ ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلىۋالدى.
شۇئان كۆز ئالدىمغا نۇرئاينىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىگە ئويۇلغان قامچا، تاياقنىڭ ئىزلىرى، تاماكىنىڭ يىقىلغان كۆيۈك ئىزلىرى... «مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بىرەر قاچا تاماقنىمۇ خاتىرجەم يەپ، بىرەر كېچە خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم... ئەركىن ئازادە يول يۈرۈپ باقمىدىم، ئاچا، مەن ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن...» دەپ يىغلاۋاتقان تۇرقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى... مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇرابىنىڭ ياقىسىغا قول سالدىم.
سىز ئۇنى يەنە نەگە ساتتىڭىز؟ تولا يالغاننى توقۇماڭ، نۇرئاي ھەرگىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇ. ئۇ ماڭا چوقۇم ياخشى ياشاشقا ۋەدە بەرگەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس.
ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايتتىم. بۇرابىنىڭ يۈزىگە ئىككى كاچات سالدىم، ئەتراپىمغا باقماستىن سۆزلەپلا كېتىپتىمەن.
كىلىڭە سىز بەك قالتىس بولۇپ كېتىپسىز. ئىلگىرىمۇ مېنى ئۇرغۇزۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان ئادەم سىز شۇ. يەنە مېنى ئالدايمەن دېگىچە ئۆلتۈرۈپلاۋىتىڭا.
بۇرابىنىڭ يۈزۈمگە سالغان كاچىتىدىن كۆزۈمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.
سىزگە سەمىمى بولغانلىقىم مېنىڭ خاتالىقىمما؟ نۇرئىمانگۈل نېمانچە ھەددىڭىزدىن ئاشىسىز. ئىلگىرى سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانا مەن. سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى ئۆلۈكتىن پەرقسىز مىيىپ قىلىۋېتىش ماڭا شۇنچىلىكلا ئىش ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىمغۇ. شۇنچە يىل ئىشرەتخانىغا خوجايىن بوپتىمەن. قايسى قىز پۇل ئۈچۈن قايسى قىز ھەۋەس ئۈچۈن بىر قاراپلا بىلەلەيمەن. مۇشۇ قولۇمدىكى پۇل بىلەنلا نۇرغۇن قىزلارنى ئازدۇرۇپ نى - نى ئىشلارنى قىلالايمەن. لېكىن قىلمىدىمغۇ. مانا مەن ھەق يولغا قايتتىمغۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ گەرچە ئىشرەتخانىدا ئىشلىگەن بولساممۇ، خەنزۇغا خوتۇن بولغان بولساممۇ مەندىكى ئىنسانى پەزىلەت ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس بولغان ۋىجدان يوقالغىنى يوق. مەن ئاجىبا ئاشۇ بىچارە قىزنى ساتارمەنما؟ مەن دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، كىچىك بالا يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئوغلۇم ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار. ئۇ سۆزلىسۇن، بالام كېلە، نۇرئىمانگۈل ئاچاڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەرگىن. نۇرئاي ئاچاڭ بەرگەن كونۋرتنى بەرگىن. كىلىڭە يىگىت. نۇرئاي دېگەن ئاچىڭىز قانداق بولۇپ قازا قىلدى؟ سورىدىم مەن بۇرابىنىڭ ئوغلىدىن. بىز بىللە ئۆستەڭ بويىغا چىقتۇق. نۇرئاي ئاچام «مەنمۇ مۇشۇ سۇدەك ئېقىپ كەلگەن، جەسىدىممۇ شۇنداق ئېقىپ كەتسۇن» دېگەندەك قىلىۋىدى. مېنى ئەركىلىتىپ دېگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. كېيىن مەنمۇ تۇيمايلا قالدىم، ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. بۇنى سىزگە قالدۇردى.
كونۋېرت ئۈستىگە «نۇرئىمانگۈل ئاچامغا تەگسۇن» دەپ يىزىقلىق ئىكەن. كونۋېرتنى ئاچسام ئىچىدىن بىر بەت خەت ۋە مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كۆز مۇنچاق چىقتى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.
ھۆرمەتلىك نۇرئىمانگۈل ئاچا، مەن سىزگە چوقۇم ياشاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. قاتتىق ئاغرىق ئازابى ماڭا بىر نەپەس ئارامچىلىق بەرمىدى. قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلارغا، ئازاپلارغا چىدىغان تېنىم كېسەلگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇرابى ئاچام نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ كېسىلىم ئازراقمۇ ياخشىلانمىدى. ئەمدىمەن ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم. مېنى قارا جەمئىيەت كىشىلىرىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن. ماڭا بەرگەن سوۋغىڭىز ئۆزىڭىزگە قالسۇن، سىزنى سىغىنىپ:
نۇرئاي 2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى» دەپ يېزىلغان ئىكەن.
ئۇ ساۋاتسىزتىغۇ. بۇ خەتنى كىم يازغان؟ گۇمانى نەزەردە سورىدىم مەن. ئۇ دېدى مەن يازدىم، دەپ جاۋاب بەردى بۇرابىنىڭ ئوغلى. شۇ ئىزىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلايتتى. شۇ چاغدىكى ئازابىمغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. بۇرابى قولۇمدىكى خەتكە كۆز يۈگۈرتتى. مانا، بۇخەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن. مانىڭغا قاراڭ، بۇرابىنىڭ قولىدا نۇرئاينى داۋالاتقان دوختۇرخانىنىڭ ھېساۋات ھۆججىتى تۇراتتى. رەھمەتلىك نۇرئاي كېچە - كۈندۈز ئىچىم ئېچىشىدۇ، دەپ بىردەم ئارام ئالمايتتى. بەلكىم شۇ تاياق زەربىسىنىڭ تەسىرى ب ولسا كېرەك. بۇرابى كۆزىگە ياش ئالدى. سىزنىڭ ھازىرقى ئىپادىڭىزگە قاراپ ئىشەنگەن بولاي. ئىشەنچىم يەردە قالمىسىكەن دەيمەن. نۇرئاي ئۆلمىگەن ياكى ئۆلۈشىدە بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبنىڭ بارلىقىنى بىلىپلا قالسام سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن. ئاللامۇ سىزنى ھەرگىز بوش قويمايدۇ. سىز بۇنى ئوبدان بىلىسىز. نېمە سىز يەنە ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ سىزنىڭچە مەن شۇنچە ئەسكىما؟ بۇرابى ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالەتتە سۆزلەيتتى. بۇنى بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ. بۇرابى، سىز ياخشى ئايال بولسىڭىز ئۇنداقتا مەن ئوسال ئايال ئوخشايمەن. بۇرابى مەن سىزگە قىلچە يامانلىق قىلمىغان ئىدىمغۇ؟ سىزنى ئەكسىچە ھەق يولغا دالالەت قىلغان ئىدىمغۇ؟ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈمدۈم. لېكىن سىز قانداق قىلدىڭىز؟ ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭىز. تىل - دەشنام قىلدىڭىز. خۇددى ھايۋاننى باغلىغاندەك مېنى باغلىتىپ ئۇرغۇزدىڭىز. مېنى باغلىغان ھېلىقى چىنار دەرىخى ئىسىڭىزدىدۇ. پۈتۈن ئەزايىمنى قانغا مىلەپ، بېشىمنى يىرىۋەتتىڭىز. مېنى دەل چالا ئۆلۈك قىلغان دەل سىز. بۇرابى، بىراق مەن ھىلىغىچە سىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى سىز مېنىڭ نەزىرىمدە بەك بىچارە قىز. گەرچە تاشقى قىياپىتىڭىز شۇنچىلىك ئېسىل ھەشەمەتلىك بولغىنى بىلەن ۋىجدانىڭىز ئالدىدا گۆردىكى ئۆلۈكتىن پەرقىڭىز يوق. چۈنكى سىز ھاراق ساتتىم دەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ھايىنىغا ساتتىڭىز. ئۆز مىللەت، ئۆز قىرىنداشلىرىنى ساتقان سىزدەك ئايالغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن. بولدى، بولدى قىلىڭ نۇرئىمانگۈل. مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار. سەۋەبسىز ئىش يوق جاھاندا. بۇرابى سىز داۋاملىق «سەۋەبى بار» دېگەننى باھانە قىلىپ كېلىۋاتىسىز. دەل تۆت يىل بولدى. سىزنىڭ نېمە سەۋەپتىن خەنزۇ بىلەن ئۆي تۇتۇپ، ئىشرەتخانا خوجايىنى بولغىنىڭىز ھازىرغىچە ماڭا نامەلۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە «نۇرئاينى سېتىپ، سىزگە يالغان سۆزلىشىمنىڭمۇ سەۋەبى بار» دەيسىز، كاشكى. نۇرئىمانگۈل، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ. نۇرئاي ھەقىقەتەن قازا قىلدى، ماڭا ئىشىنىڭ. بۇرابى مەن سىزگە ئىشەنسەم بولاتتى، بىراق سىز ئىلگىرى مېنىڭ قىلغان ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان ئىدىڭىزغۇ؟ سىزنى شەرىئەت ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلدۇرالمىغان ئىدىمغۇ؟ ئۇيغۇر تۇرۇپ شەرىئەت ھۆكۈمىنى تۇتمىغان ئايالنى نېمە دېگۈلۈك... نۇرئىمانگۈل توختاڭ. مەن سىزگە دەي. مەن سىزگە ئۆچمەنلىك قىلغان، چۈنكى سىز ئىسلام قىزى ئىكەنسىز. مەن ئىسلام شەرىئىتى، ھاجىم، قارىم دېگەنلەرگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ. بۇرابى ئۇياقتىن كەلگەن سانتانا ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى توستى، قېنى چىقىڭ. مەن ھازىر سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن. ئۇستام يەكەنگە ھەيدەڭ، باشقا ئادەم ئالماڭ!
مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن، تېخى مېنىڭ مۇشۇنداق يولدا مىڭىشىمدا سەۋەبچى بولغان ئادەمنى سىزگە كۆرسىتىمەن. ئەسلىدە بۇ ئىشنى سىزگە كېيىنچىرەك ئېيتماقچى ئىدىم. ئەمدى دېمىسەم بولمايدىغان يىرىگە يەتتى. 6. مۇنۇپاق ھاجىمغا ئوقۇلغان لەنەت
ھەي نۇرئىمانگۈل، سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا. مەن سىزگە باشتىن سۆزلەپ بېرەي.
بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى مېنىڭمۇ ناھايىتى بەختلىك ئائىلەم بار ئىدى. مەن شۇ بەختلىك ئائىلە قوينىدا سەبىيلەر بەختىنى سۈرەتتىم. دادام قۇرۇلۇش سودىگىرى، ئانام ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئائىلىمىز شۇنچە ياخشى، باياشات تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. دادامنىڭ مەرتىۋىسىگە، پۇلىغا كۆيگەن بۇزغۇنچى ئاياللارنىڭ كۆپلىگخدىن 3 - شەخس قىستۇرۇلغان تۇرمۇش ئاقىۋەت بۇزۇلدى. دادام باشقا ئايال بىلەن توي قىلىپ بىزنى تاشلاپ باشقا شەھەرگە كەتتى. ئانام تولىمۇ مەنمەنچى، ھەزەمەتخور ئايال بولۇپ ئالغان ئايلىقىنىڭ تولىسى ھۆسنىنى يېڭىلاشقا كېتەتتى. دادامنىڭ ئۆيلىنىۋېلىشى ئانامنى ئۆز ئەسلىدىن يىراقلىتىپ تولا چېچىلىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇ دائىملا ئاچچىقىنى مەندىن ئالاتتى.
ھەرقايسىڭدەك ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىنى باقىمەن دەپ چىرايىمدىن كەتمىگەن بولسام داداڭ دېگەن دەيۈزمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەيتتى. سەن شۇمتەكلەر پۇتۇمغا باغ بولۇشمىغان بولساڭ مەنمۇ ئۆز خىلىمدا توي قىلاتتىم. مەن بۇ ئۆي تەڭلىكىنى ئۈزەلمىدىم، دەپ دائىملا پۇل تەڭلىكىنى ئوقۇيتتى. دادامنىڭ بىزگە ئىۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىمۇ ئانامنىڭ ئايلىق چىقىمىغا كىرىپ كېتەتتى. ئايىغى چىقمايدىغان رېستۇران ئولتۇرۇشلىرى، چەكتىن ئاشقان دوستلار يىغىلىشلىرى ئانامنى كۈندىن - كۈنگە بىزدىن يىراقلىتىۋەتتى. بىزگە نە ئىسسىق تاماق، نە ئائىلە مېھرى، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم. تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرىدىغان چاغدا ئانام ئوقۇشۇمغا قەتئىي قارشى تۇردى. «تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتسام يەنە پۇل كېتەر ھەقاچان، نەدىكەن ئۇ پۇل. داداڭنىڭ قىلغىنى شۇ، سېنى ئوقۇتمايمەن» دەپ ئۆيگە ئەلچى باشلاپ كىرىپتۇ. مەن توي قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئانامغا تەكرار - تەكرار يىلىنىپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىردىم. ئۈچ يىللىق ئوقۇش مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. بۇرۇندىن بىللە ئوقۇپ كېلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم مېنى «لوبەننىڭ قىزى» دەپ گەپ ئېتىپ قوياتتى. دېمىسىمۇ ئاتا - ئانامنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ بايۋەچچى سۈپەت ئىدى. بىراق بىز بالىلىرى بولساق ئىچىمىزدە روزا تۇتۇپ، تېشىمىزدا ھېيت ئويناپ، شامال يەپ بوران كىكىرىپ يۈرۈشەتتۇق. ئانامدىن بىر قەلەم چاغلىق نەرسە ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. مەن ئۆزۈم ئۇنداق قىلىپ، بۇنداق قىلىپ مېنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىدىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يىقىنلاشقانسىرى مېنى ۋەھىمە باسقىلى تۇردى. چۈنكى ئانام ماڭا ناۋادا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم بۇنىڭدىن ئاۋالقى 11 يىللىق ئوقۇش چىقىمىمنى تۆلەتمەكچى بولغان. يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى شۇ شەرت ئانامنىڭ ئاغزىدا تەسۋى ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق دەككە - دۈككە ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتناشتىم. بىراق پىشانەم ئەزەلدىن تەتۈر بولغاچقىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم. ئاسمان ئۈستۈمگە يىقىلىپ چۈشكەندەك، ئالەمچە قايغۇ مېنى ئازابلايتتى. يىقىلىق ياز ئايلىرى ئۈچ يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلارنىڭ ئاخىرقى يىغىلىشى ئىدى. بىز ئوپچى تاماق يىدۇق. خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. چىملىقتا ئولتۇرۇپ كەلگۈسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشتۇق. باشقا ساۋاقداشلىرىم ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭ شەھەرلەر ھەققىدە قىزغىن سۆزلىشەتتى. خۇشال كەيپىياتتا خۇش - چاقچاقلارنى قىلىشاتتى. مەنچۇ؟ مەن بولسام ئانامنىڭ «ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ بارلىق ئوقۇش چىقىمىڭنى تۆلەيسەن، بولمىسا ئۆيگە كىرىمەن دېمە!» دېگەن سۆزلىرىنى ئۈنسىز ياد ئېتىپ ئولتۇراتتىم. ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئاخىرلاشتى. دوستلىرىم ھەر تەرەپكە تاراشتى. مەن بولسام ئانامنىڭ «... ئۆيگە كىرمە» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئۆيگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئالتۇن رەڭلىك چىراغ نۇرى ئاستىدىكى چوڭ شەھەر كوچىسىدا خىيال دەرياسىدا ئەللەيلىنىپ تەنھا كېتىۋاتاتتىم. كۆزۈمگە نە ئادەمزات، نە باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى. توساتتىن يېنىمدا بىر تاكسى توىتىدى، ماشىنىدىن تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم xxx چۈشۈپ كەلدى. ئۇنىڭ كېيىنىشلىرى ئالاھىدە، قوللىرىدا جۈپ - جۈپتىن ئالتۇن ئۈزۈك، قۇلاق بويۇنلىرىمۇ خۇددى ئالتۇن بىلەن يۆگەلگەن... بۇرابى ماشىنىغا چىقە. بۇنچە كەچتە پىيادە نېمىمۇ قىلىپ يۈرۈيدىغانسەن؟
مەن دەرھاللا ماشىنىغا چىقتىم. بىز شەھەر بويىچە ئەڭ ئېسىل تاماقخانىغا كىرىپ غىزالاندۇق. پاراڭلاشقاچ مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىپ، ھارغىچە يىغلاپ ئىچىمنى راسا بىر بوشۇتۇۋالدىم. ئۇ دوستۇم بولسا ئۆزىنىڭ يەكەندە قايسىبىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىش ھەققى، مۇكاپاتلىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىنى... تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. «ئەگەر خالىساڭ بىز بىللە ئىشلەيلى، ئاداش» ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا ياغدەك ياقتى. «شۇ چىقىش يولى ئارقىلىق بولسىمۇ ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتاي» دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. دوستۇمغا ماقۇللىقىمنى بىلدۈردۈم. ئەتىسى سەھەرگە ھېچكىشىنىڭ سەمىگە سالمايلا دوستۇمغا ئەگىشىپ ماڭدىم. يۇرتۇم خوتەندىن سەھەر سائەت 10 دا يولغا چىقىپ، كەچ سائەت 30.6 دا دوستۇم ئىشلەيدىغان يەكەنگە كەلدۇق. مانا مېنىڭ ئىشلەيدىغان يىرىم. كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي، كاللامنى سىلكىۋىتىپ يەنە قايتا قارىدىم. ئەپسۇس بۇ يەر قانداقتۇر «زاۋۇت» بولماستىن ئەنە شۇنداق ئىپلاس جاي ئىكەن. مەن مىڭ ئەپسۇلاندىم. دوستۇم بىلەن سوقۇشۇپ، دەرھاللا كاللامنى ئىشلىتىپ بۇ يەردىن قىچىپ چىقماقچى بولدۇم. بۇ يەرنىڭ لوبىنى مېنى كۆرۈپلا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك دەرىجىدە خۇش بولۇپ كەتكەن، ئۇ مېنىڭ «بىر - ئىككى كۈن ئىش كۆرەي» دېگەن تەلىپىمگە ناھايىتى ئاسانلا قوشۇلدى. بارغان كۈنۈملا ئىش كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. بىر كىچە ئۆتتى. ئەتىسى سەھەردە ھاجەتكە چىقىشنى باھانە قىلىپ ئۇ يەردىن پاك پېتىم قىچىپ چىقتىم. مەن ئاۋالقى كۈنى ماشىنىدا يىگەن قۇرۇق نانچە ئېغىزىمغا گىيامۇ سالمىغان ئىدىم. ھېلىقى مەينەتچىلىكتە تاماق يىگۈم كەلمىدى. ئاقىۋەت ئاچ قورساق قىچىپ چىقتىم. 8 - ئاي كۈنلەر بولغاچقا، ھاۋا ئىسسىق كۈن ئۇزۇن، ئۇسساپلا تۇراتتىم. قەلبىمنى ئورىۋالغان تەشۋىش ۋە ۋەسۋەسە مېنى تېخىمۇ ئۇسسىتىۋەتتى. بىراق يانچۇقۇمدا سىنت چاغلىق پۇل يوق. قوساقنىڭ ئاچلىقى ئۇندىن، پەقەتلا كۆرۈپمۇ باقمىغان يات مۇھىت، يات شەھەر. مەن تېخى قىچىپ چىقساملا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. نەدىكىنى ئەمدى نەگە بېرىپ نەدە توختىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم. بىشىم قايغان، پۇتۇم تايغان كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە مىڭىپ ھاردىم. كەچ سائەت 6 بولاي دەپتۇ. ياز كۈنى سائەت 6 مۇ خىلى يورۇق بولىدىكەن. تىجارەتچىلەرمۇ دۇكانلىرىنى تاقىمىغان چاغ. بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ كونا شەھەر رايونىدىكى زەرگەرلەر توپلاشقان جايغا كېلىپ قاپتىمەن. قارىسام يولنىڭ لىۋىگىلا. ئەينەكلىك قىلىپ ئىچىلغان، خىلى كاتتا ياسالغان بىر دۇكاننىڭ سودىسى باشقا دۇكانلارنىڭكىدىن خېلىلا ياخشى ئىكەن. شاگىرتلىرىمۇ جىق، دەسمايىسىمۇ خىلى كۆپكەن. خىرىدارلارمۇ يېشى 50 لەردە بار خىلىلا قاملاشقان، يۈزىنىڭ ئىقى ئاق، قىزىلىقىزىل دىنى زات سۈپەت دۇكان خوجايىنىنى «ھاجىم» دېسە «ھاجىم» دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. مەن كۆڭلۈمدە «ھاجىم» دېگەن باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، مۇشۇ كىشىدىن بىر ياردەم سوراپ باقاي، ئازراق پۇل بەرسە، يۇرتۇم خوتەنگە كېتىۋالاي، ئۆيگە باراي، نېمە بولسام ئۆيۈمدە بولمامدىمەن» دەپ ئويلاپ ئۇ دۇكانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە ھاجىمنىڭ بىرئاز خالىي قالغان پەيتىنى كۈتۈپ:
ھاجىم ئاكا، مەن ئۆزلىرىگە ھاجەت ئېيتىپ كېلىۋىدىم. ياردەملىرىگە تولىمۇ مۇھتاجمەن. تۈنۈگۈندىن بېرى ھېچنەرسە يىمىدىم. شۇڭا ئۆزلىرىنى ساخەۋەت قولىنى سۇنارمىكىن دەپ... ھاجىم ئەتراپىغا بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن سەل چەتكىرەك ماڭدى. ئۇ زەرگەرلىك دۇكىنىنىڭ يىنىدىكى خىلى چوڭ بىر ئاشخانىنى كۆرسىتىپ «سىز كىرگەچ تۇرۇڭ، ئارقىڭىزدىنلا كىرىمەن» دېدى. مەن كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە ئۇ ھاجىممۇ كىرىپ كەلدى. ئاشخانا خوجايىنى ئۇ زەرگەر ھاجىمغا خۇشامەت قىلىپ قىلمىغىنى قالمىدى ۋە ئايرىم خانىگە باشلىدى. مەن ھېچنەرسىنى ئويلىمىدىم «ئاش كەلسە ئىمان قىچىپتۇ» دېگەن سۆزلەر راست چىغى بار. ھاجىم بۇيرۇتقان بىر تەىسە چەيزە لەغمىنىنى ئىشتىھا بىلەن يەپ بىردەمدىلا تەخسىنى قۇرۇقداپ بولدۇم. تاماقتىن كېيىن مەن ھاجىمغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، يۇرتۇمغا كىتىۋېلىش ئۈچۈن 50 يۈەن ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ كىشى ماڭا، سىزدەك قىز ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن بەرسەكلا زايە كەتمەيدۇ، دەپ گەپ باشلاپ مېنى ئۆزىگە تۆتىنچى كىچىك خوتۇن بولۇشقا، پۇل - پىچەكتىن قىسمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەۋەت قىلدى. مەن چىرايلىق رەت قىلدىم. ئۇ كىشىنىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى. مەن يەنە يالۋۇرۇپ ياردەم قىلىش ھەققىدە ئۆتۈندۈم. ئۇ كىشى ماڭا پەس ئاۋاز بىلەن بىر كېچىلىك شەرتنى قويدى. مەن يەنە رەت قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، ئاتا - ئانامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، يەكەندە پەقەت شۇ كىشىنىلا تونۇيدىغانلىقىمنى، قىزلىق ئىپپىتىمنى ساقلاش ئۈچۈن قىچىپ چىققانلىقىمنى، تاشنىمۇ ئىرىتكىدەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئېيتىپ يالۋۇردۇم. ئىسلام دىنىنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ 50 يۈەن بېرىشنى بىچارىلەرچە ئۆتۈندۈم. يۇرتۇمغا بېرىۋالساملا قىلغان ياخشىلىقىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قەسەم ئىچتىم. لېكىن ئىسمى ھاجىم بولغىنى بىلەن ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ئىپلاس ھاجىمكەن. ئۇ ھاجىم «قانچە پۇل دېسەڭ مانا پۇل، بىراق مېنى قاندۇرۇشۇڭ كېرەك» دېگەن شەرتىدىن قاتئىي يانمىدى. ئېسىت، بەڭباشلىقىم، ئېسىت كەم ئەقىللىقلىقىم. نېمىشقا ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم - ھە؟ شۇ تاپتا ئانام بىلەن ئېنىم قانچە ئىزدەپ كەتكەندۇ - ھە. مەن نېمىشقا ئۆز يۇرتۇمدىن چىقىش يولى تاپمىدىم؟ ئۆز ئانام بولغاندىكىن نېمىشقا شۇنىڭغا يۈرەك - باغرىمنى تۆكمىدىم؟ ئەجىبا بۇ ئۇيغۇر يۇرتىدىن ماڭا ياردەم قىلغۇدەك بىرسى چىقماسمۇ؟... مەن ئاخىرى بىرەر ئاشخانا دېگەندەك جايلاردا قاچا يۇيۇپمۇ بولسا ئىشلەپ ئۆز يۇرتۇمغا كېتىۋالاي دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم - دە ھاجىمغا ئېلىپ بەرگەن لەغمىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ ئايرىم خانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدىم. توختا.
بايامقى مۇلايىملىقلىرىغا زىت ھالدا ۋارقىرىغان ئاۋاز مېنى توختاتتى.
نەدىمۇ بىر قاچا تاماقنى بىكارغا يەيدىغان ئىش باركەن؟
ئۇ مېنىڭ شىللەمدىن تارتىپ ساپاغا ئاتتى. ۋە ئۈستۈمدىن باسمالدىۋالدى. مەن ھەرقانچە تىپىرلىساممۇ ھايۋان سۈپەت ھاجىمنىڭ كېلەڭسىز تېنىنى يېڭەلمىدىم. قاتتىق خورلانغان تىنىم، يارا بولغان قەلبىم... ۋۇجۇدۇم تىنماي ئۆرتىنەتتى. كۆز ياشلىرىم مۆلدۈردەك قۇيۇلاتتى. ئىش تۈگىدى ئۇ ئىپلاس ھاجىمنىڭ بىرەر موچەنمۇ بەرمەي چىقىپ كېتىشى... ئامالسىز ئۆزۈم قىچىپ چىققان ئىشرەتخانىغا قايتىپ باردىم. چىرايىم، باشقا قىزلاردىن مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىم، خەنزۇچە بىلگەنلىكىم، چاققانلىقىم بىلەن خەنزۇ لوبەنگە ياراپ قالدىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئىسمى «ھاجىم»، «قارىم» دېگەندەك كىشىلەرنى كۆرسەم تېنىم سۈركۈنىدۇ. بۇرابىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاخىرلاشتى. بىزمۇ يەكەنگە كېلىپ قالدۇق. ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىشىمغا قارىماي ئۇ شوپۇر ئۇستامنى كونا شەھەر تەرەپكە مىڭىشقا ئۈندىدى. بىز يېڭى شەھەر - كونا شەھەر چوڭ ئوق يولى بويىغا جايلاشقان زەرگەرچىلىك بازىرى ئالدىدا توختىدۇق. (يەنى دورا شىركىتىنىڭ ئالدىدا) بۇرابى ماڭا ئۆزىنىڭ چەيزە لەغمىنى يىگەن ئاشخانىسىنى كۆرسەتتى ۋە ھازىر يەكەندە ئاق ئالتۇن، قىزىل ئالتۇن، سېرىق ئالتۇنلاردا ئوبدانلا بازار تاپقان xxx ھاجىمنى شەرەتلەپ كۆرسىتىپ دېدى، ئاۋى كىشىنى كۆرۈۋاتامسىز؟ نېمىدېگەن سالاپەتلىك - ھە.
ئۇ كىم بولىدۇ؟ ئۇنىڭ كىملىكىنى ھازىرلا ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
بۇرابى ياغلىىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇ كىشى تەرەپكە ماڭدى. بېشىدا چۆچۈرە بادام دوپپا، ئۇچىسىدا سىماۋى رەڭ پەلتۇ، پۇتىغا مەيسە كالاچ كىيىۋالغان ئۇ ھاجىم بۇرابىنى كۆرۈپ دەسلەپ قىپقىزىل قىزاردى، كېيىن تاتىرىپ كەتتى ۋە چىرايىغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ، بۇرابىنىڭ ئالدىغىلا كەلدى.
ھوي خېنىم، ئۆزلىرىنى ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇقيا، كەچتە راسا بىر مېھمان قىلايما... ھى - ھى.
ئۇ ھاجىمنىڭ گەپلىرى تازا قولاشمايۋاتاتتى. ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتكەنىدى. بۇرابى ناھايىتى غەزەپ بىلەن ئۇ ھاجىمنى كېلىشتۈرۈپ ئىككى شاپىلاق سالدى.
مەن سەن بىلەن ھېسابلاشقىلى كەلدىم. مېنى مۇشۇ پاتقاققا پاتۇرۇپ قويغان سەن. ھۇ ئىشەك سۈدىكىنى ئىچىپ ھەج قىلغان چوشقا. مەن سەندىن ھېساب ئالىمەن. بۇرابى تەلۋىلەرچە ۋارقىراپ ھاجىمغا ئېسىلدى. ھېلىقى ھاجىم ئالدى - كەينىگىمۇ قارىماي، توپلاشقىلى تۇرغان كىشىلەر توپىنى يىرىپ بەدەر تىكىۋەتتى. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولغاچقا بۇرابىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئەمدى ھەقىقى ئىشەندىم. بۇرابى بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاىشام تۇرۇپ ئەتىسى سەھەردە ئۆزىنىڭ ھازىرقى يېڭى يۇرتىغا قاراپ كېتىپ قالدى. سورىسام ئۇ ھازىر ئىنىسىنى پۇل ئىۋەتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋېتىپتۇ. ئانىسىمۇ ئەرگە تىگىپتۇ.
7. بۇ ئىشلار راست بولغان مەن دەسلىپىدە جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن، نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەش يولىدا بۇ يولغا كىرىپ قالغان بولساممۇ بەش يىل تۇرۇپ قىلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم. دەسلىۋىدە ئاڭلىغان گەپ - سۆزلەرگە ئاساسلىنىپ ئىزدىسەم كېيىن گويا رازۋىتچىكلاردەك نەدە رەزىللىك بولسا شۇ يەردە مەن بولۇپ ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە جەمئىيىتىمىزدىكى قىز - ئاياللارنىڭ خورلۇقلىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەندەك كۆرۈپ چىقتىم. قىزلارنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالغىنى يوق. قالغانلىرىنى ھازىرچە ئېيتمىدىم. لېكىن بۇ جەرياندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمدىن، ئۆزۈمنىڭ تارتقان تالاپەتلىرىم جىق بولدى. ماڭا كەلگەنئەڭ ئېغىر كۈلپەت بۇرابى تەرىپىدىن كەلگەن سۈيقەستلەر ئىدى. مەن ھەر قېتىم شۇنداق جايلارغا كىرىش پۇرسىتى تاپساملا شۇ يەردىكى قىزلارغا «توغرا يولغا قايتىش، گۇناھىغا تۆۋە قىلىش» توغرۇلۇق نۇرغۇن ياخشى تەربىيىلەرنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالدىم. دەسلەپ يوشۇرۇن دەشمەنلەشكەن بولساقمۇ كېيىنچە ئاشكارە دۈشمەنلەشتۇق. ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن ماڭا ھۇجۇم قىلدى. بىرىنچى قېتىم ئۇرۇلغىنىمدا ناتونۇش كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ماشىنىلىق چەت بىر تەرەپكە ئەچىقىپ ئىككى نىقاپلىق ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇلدۇم. تاياقتىن كېيىن ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىم ئەسكەرتىلدى. بويۇن تومۇرۇم قاتتىق زەخمىلەنگەن بولغاچقا 10 كۈن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالاندىم. باشقىلارغا «ئانگىنا بولۇپ قاپتىمەن» دەپ كۆكەرگەن، ئىششىغان جايلىرىمنى يۆگەپ يۈردۈم. ئىككىنچى قېتىم 2000 - يىل 8 - ئاي. ئۆيگە كىتىۋاتاتتىم. قولۇمدىكى ئىش تۈگىمەي خېلى كەچ قالغانىدىم. دۇكاننى تاقاپ ماڭسام ئارقامغا بىر ماشىنىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن بىرنېمىنى پەملەپ ئاق كۆڭۈل بىر تونۇشۇمغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ ئاكا كېلىپ بولغۇچە مەن يەنە تۇتۇلۇپ دەرەخكە باغلىنىپ تۆت كىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدۇم. ئۈستى - بېشىم قانغا مىلىنىپ نىمجان ھالەتكە كېلىپ قالدىم. جەمەتىمدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە يەنە قۇتقۇزۇپ قىلىندىم. دوختۇرلارنىڭ جىددى داۋالىشى بىلەن ھاياتىم ساقلاپ قىلىندى. بۇرابىنىڭ دوختۇرخانا چىقىمىنى تۆلىۋەتكىنى راست. مەن ئاتا - ئانامغا «قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقتۇم» دەپ يالغان سۆزلىدىم. شۇ خىلدىكى كىشىلەردىن قورقۇپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتىم. ماسكا تاقاپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ئۈچىنچى قېتىملىق تالاپەت يەنە يۈز بەردى. ئۇ چاغ مېنىڭ توي قىلغىنىمغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان، قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا ھېيتلىق كىيىملەر بەك ئالدىرىتىپ كېچىسى ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. كېچە سائەت 30.1 بولغان چاغ. باشقا شاگىرت بالىلارنى ئاكا - ئىنىلىرى ئېلىپ كېتىپ بولۇشتى. مەن يولدۇشۇمنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرسام ئاسماندىن چۈشتىمىكىن، يەردىن ئۈندىمىكىن ئىككى كۈچلۈك قول مېنى تارتىپ، يول بويىدىكى مايسىرەڭ ماشىنا ئىچىگە سۆرىدى. مەن قاچتىم. ئۇلار قوغلىدى. يۈز - كۆزلىرىمگە مۇشت - پەشۋا دېگەن قاردەك يىغىپ كەتتى. دەل شۇنىڭ ئۈستىگە يولدۇشۇم كېلىپ قالدى. ئۇ ئىككى نەپەر ئاغىينىسى بىلەن مېنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.
نۇرئىمانگۈل جالاپ سېنىڭ نېمەڭ؟ دەپ سورىدى مېنى ئۇرغان لۈكچەكتىن بىرى يلدۇشۇمدىن. يولدۇشۇم ئاچچىقلانغان ھالدا، ئۇ دېگەن مېنىڭ ئايالىم. ئۇنى ئۇرۇشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟ ئۇنىڭ خوجايىنغا ئىشى بار ئىكەن، دەيتتى ھېلىقى لۈكچەك. خوجايىنىڭلار كىم، گىپى بولسا ماڭا دېسۇن؟ بىزنىڭ خوجايىنىمىز پالانى ھاراق دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، قىمار سۇلتانى دەپ ئاتالغان xxx نى بىلىسەنغۇ، شۇ كىشى شۇ سېنىڭ خوتۇنىڭ بىلەن قىلىشىدىغان ھېسابى بار ئىكەن. ئۇلار كەتتى. ئىككى چىشىمنىڭ تۆكۈلگىنىنى ئاز دەپ يولدۇشۇمغا ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرەلمىدىم. ھەقىقىي ئەھۋالنى دەي دېسەم يولدۇشۇم تەرەپ بۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز توغرا چۈشەنمەيتتى. ئەكسىچە پۈتۈن ئائىلەمنىڭ يۈزى تۆكۈلەتتى. مەن سۈكۈتتە تۇردۇم. يولدۇشۇم مېنى سوتلىدى، چىرايلىق نەسىھەت قىلدى. سەمىمى بولۇشۇمنى ئۆتۈمدى. مەن زۇۋان سۈرمىدىم. ئاخىرى ئۇ مەندىن گuمانلاندى «سېنىڭ چوقۇم ئۇ خەنزۇ بىلەن باشقىچە مۇناسىۋىتىڭ بار. مەن بىلەن توي قىلدىڭ شۇڭا ئۇ سەندىن ھېساپ ئالماقچى. ھاجىمنىڭ نەۋرىسى تۇرۇپ، خەنزۇ بىلەن ئىچپەش تارتىشىپ يۈرگىنىڭنى قارا، نومۇس قىلساڭچۇ، ئېسىت، ئېسىت، تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ دېگەن شۇدە» مېنى ئېغىز ئاچۇرالمىغان يولدۇشۇم ئاخىرى غەزەپلەندى. شىمىنى باغلايدىغان ئىككى پىدەينى بىرلەشتۈرۈپ مېنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇشقا باشلىدى. بىر ئۈنۈم ئاقتا، بىر ئۈنۈم كۆكتە قالدى. بىر قوشنىمىز ئىشىكنى ئاجرىتىپ كىرىپ مېنى يولدۇشۇمدىن تېلىۋالدى. مېنى ئۆيىدە ياتقۇزۇپ ئەتىسى قاچۇرىۋەتتى. 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئىدى. يېزىغا ئاتا - ئانامنىڭ يىنىغا چىقتىم. ئانام مېنى پەقەتلا تونۇيالمىدى. ئەل ئۆمرىدە كۆزى ياشلانمىغان دادام مېنى، تىتىلغان تىرە مۇسكۇللىرىمنى كۆرۈپ ئۈن قويۇپ يىغلاپ كەتتى. «مۇنچىلىك ئۇرغىدەك قىزىمدا نېمە گۇناھ» دېسە، يولدۇشۇم تەرەپ ماڭا ساناپ تۈگەتكۈسىز توقام توقۇدى. ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇراي دېسەم تىلىم كىسىك. شۇنداق قىلىپ نىكاھتىن ئاجراشتىم. تۇرمۇشۇم بۇزۇلدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن ساغلام تەن ماڭا پەقەتلا نىسىپ بولمىدى. ئاتا - ئانام نۇرغۇن داۋالىتىپ مېنىڭ مۇشۇ ھالىتىمنى ساقلاپ قالدى. ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ھەر تەرەپتىن مېنى ئىسكانجىسىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىمدا، قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ئېغىر ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىمدا جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل دوستلىرىمنىڭ مەدەت ئىلھامى بىلەن، ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بېشىمنى سىلىشى بىلەن ئورنۇمدىن دەس تۇرالىدىم. قارىسام مېنىڭ تىرىشچانلىقلىرىم بىكارغا كەتمىگەن ئىكەن. بۇرابى بەش ئىشرەتخانىنى ئاختا قويۇپ قىچىپ كەتكەندىن كېيىن خوجايىن ئۇنى مەن بىلەن تىل بىرىكتۈردى دەپ ماڭا قول سالغان ئىكەن. بۇرابىنىڭ 15 قىز بىلەن ھەقىقەتكە قايتقىنى راست ئىشكەن. نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ ھازىر ئاشخانىسىنى خىلىلا گۈللەندۈرىۋالدى. مېنىڭ كەسپى سىنىپلارنى كارخانىلاشتۇرۇپ، ئىشسىزلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى دوكلاتىم تەستىقلاندى. 2004 - يىل 9 - ئايدا ناھىيىمىزنىڭ ئىشقول يېزىسى، بەشلىك مەكتەپتە 63 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئىش باشلىدىم. مانا ھازىر ئاتا - ئانام، دوستلىرىمنىڭ سەمىمى غەمخورلۇقى ۋە چۈشىنىشى ئاستىدا دوختۇر «قاتتىق مىڭە ئۆسمىسى» دەپ دىئاگنوز قويغان بولسىمۇ ئۆزۈمنى ساغلام، تىتىك، روھلۇق ھېس قىلىمەن. چۈنكى ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان، توغرا يولدا، توغرا قەدەم تاشلاۋاتقان 63 جۈپ نۇرلۇق كۆز مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ. مانا بۇ راست بولغان ئىشلار. مانا بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقى بەش يىل. ناۋادا ئۆلۈپ جەسىدىم قۇم - تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسىمۇ، ھاياتىمنىڭ بىرقىسمى بولغان شۇ بەش يىلنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. ھەرقاچان جەمئىيەتتىكى قىز - ئاياللارغا ئاللادىن توغرا يول ۋە سائادەت تىلەيمەن. جەمئىيەتنىڭ، ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئاكا - ئېنى ئەر قىرىنداشلارنىڭ قىزلارنى قوغدىشىنى، قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.