Jump to content

ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە ئىشلىتىلىشى

ئورنى Wikipedia

ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟

ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز؟

F1: ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.

:F2ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2
نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
:F3 مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ،
ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش 

ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.

:F4بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز
Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
:F5بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
:F6تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.
:F7بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى
تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
:F8كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
(يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)


:F9بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە
ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.
:F10بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار. 
:F11مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
:F12بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا 

ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]