ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە خۇلاسە

ئورنى Wikipedia

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

1933-يىلى 12- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، 20-ئەسىردىكى ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 1931-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقلىرى قۇمۇل تاغلىرىدا ئېتىلدى. خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭ غەلىبەسېرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىققا،مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، خوتەن خەلقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى. 1932- ۋە 1933-يىلى تۇرپان،كۇچا،ئاقسۇ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بۇ جايلاردىكى جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇب تەرەپلىرىگە كېڭەيدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سابىت داموللام بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ خوتەندىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەردە «شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھىرىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك بۇ ساھەدىكى تۇنجى تەجرىبىسى. مەزكۇر مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئۆز ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت پروگراممىسى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىمۋوللىرىغا شۇنىڭدەك يەنە 16 مىنىستىرلىققا ئىگە بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم پرېزىدېنتلىق، سابىت داموللام باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. مەزكۇر جۇمھۇرىيەت گەرچە ئىلگىرى-كېيىن ئاران 3 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە مەۋجۇتلۇق تارىخىدا بىر قاتار ئىشلارنى قىلدى ۋە تېخىمۇ كۆپ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئەمما، مەزكۇر ياش ھاكىمىيەت تاشقى سىياسىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىشى، ئىچكى جەھەتتە ما جوڭيىڭ تەرەپدارلىرى بولغان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇمى شۇنداقلا مۇرەككەپ ئىچكى نىزالار سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلدى. بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى ئامىل ئىچىدە ھەل قىلغۇچ ئامىلى يەنىلا ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ سەۋەنلىكلىرى ئاساسلىق رول ئوينىدى. بۇلار: بىرىنچىدىن ئىچكى جەھەتتە بىرلىك بولماسلىقى ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىگە بويسۇنماسلىق، ئىچكى نىزا تېرىش. ئىككىنچىدىن، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىشەھەرنى قىسقا ۋاقىتتا ئازاد قىلالماسلىق. ئۈچىنچىدىن، بىرلىككە كەلگەن ھەربىي قوماندانلىق ۋە مۇنتىزىملاشقان قوشۇن ۋە ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرگەن كوماندىر ۋە ئەسكەرلەر سىستېمىسى بولماسلىق،تۆتىنچى، مىللەت تەركىبىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق خاھىشلىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى. بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك نادانلىق، ئەڭ مۇھىمى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، بىر رەھبىرىي، بىر يادرولۇق رەھبەرلىك ئاستىدا ئىش ئېلىپ بارماسلىقتۇر.

تاشقى ئامىلنى كۆرسەتكەندە، شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مەنپەئەتلىرى ۋە بىخەتەرلىكىدىن چىقىش قىلىپ، بولۇپمۇ ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە يىراق شەرقتىكى رىقابەتلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىماسلىق، يەنى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىماسلىقنى قارا قىلىپ، 1933-يىلى، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مەخپىي قارار قوبۇل قىلدى. ئەنە شۇ قارار بويىچە 1934-يىلى، 1-ئايدا زور قوشۇن كىرگۈزۈپ، ما جوڭيىڭنىڭ تۇڭگان كۈچلىرىنى تارمار قىلىپ، ئۇنى جەنۇبقا قوغلاپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، يوقىتىشىغا ئاساس يارىتىپ بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆلكىگە خىتاي مىلىتارىستى شېڭ شىسەينى تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، خوجا نىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش شوئارلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ھەم شېڭ شىسەينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق بىر قىسىم ئەربابلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، باشقا بىر قىسىم قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىر قانچە نازارەت، ئىدارە، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىگە ئېرىشتى ۋە ياكى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قاتناشتى. ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنى ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇرۇش ۋە ياكى مۇھىم رەھبىرى ھوقۇقلارنى تەقسىم قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان، ھوقۇقپەرەس شوۋىنىست خەن ھۆكۈمرانلىرى ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم خوجا نىياز ھاجىمغا ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك يۇقىرى ھوقۇقىنى بېرىشى ئىدى.

بىراق، بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، 1937-يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشىدىكى شېڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى شېڭ شىسەي ۋەكىللىكىدىكى مىلىتارىستلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، قايتىدىن باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئىككىنچى قېتىم كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق كۈرەش مەيدانىغا ئۆزىنى ئاتتى.

گەرچە، 1933-يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسى شۇنداقلا ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىرىغا مىراس بولۇپ قالغان ئىدى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى 8-ئايدا نىلقا ئەتراپىدىكى ئۇلاستاي تاغلىرىدا فاتىخ، غېنى، ئەكبەر، رەپىق، سېيىت، نۇرۇم، ئوسمان ۋە خەمىت قاتارلىق باتۇرلارنىڭ قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئىلى تاغلىرىدا كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئالتە ئوغرى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە تاتاردىن تەركىب تاپقان مەزكۇر قوراللىق پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ نامى تېزدىن پۈتۈن ئىلى ۋادىسى ھەتتا باشقا جايلارغا تارىلىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنى بارغانسېرى كېڭىيىپ، 7-ئۆكتەبىر كۈنى نىلقا بازىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئازاد قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ھەمدە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى 2001-يىلى، 17-ئاپرېلدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، نىلقا پارتىزانلىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا 1944-يىلى 4-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» مەخپىي تۈردە غۇلجا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. نىلقا ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى نىلقا قوزغىلاڭچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە غۇلجا خەلقى 7-نويابىر كۈنى قوزغىلاڭنى باشلىغاندىن تارتىپ،12-نويابىر كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، لاڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىن باشقا پۈتۈن شەھەرنى ئازاد قىلدى.

1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز كۇلۇبىدا يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنى ئاستى.

بىرىنچى كۈنىدىكى قۇرۇلۇش يىغىنىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىپ چىقىلدى. شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە ئەلىخان تۆرە رەئىس، ھاكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىس، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ھ باش كاتىپ بولغاندىن سىرت يەنە 16 كىشى ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا سايلىنىپ جىددىي ھالدا ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. ئارقىدىنلا سەھىيە، مائارىپ، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق، دىنى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار، باج، سودا ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرلىقلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

شۇنىڭدىن تارتىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى خەلقى ئومۇمىي يۈزلۈك قوزغىلىپ، تېزدىن ئىلىنى تولۇق ئازاد قىلىپ،1945-يىلى 8-ئاپرېلدا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنى قۇردى. ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي يادرو قىلىپ، ھەر مىللەت ئوغلانلىرىدىن تۈزۈلگەن زامانىۋى، مۇنتىزىم ۋە جەڭگىۋار مىللىي ئارمىيە 6-ئايدىن باشلاپ ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ھەمدە ئاقسۇ، ياركەنت ،قەشقەر ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلدى. قىسقىسى، ئىلگىرى-كېيىن، مىللىي ئارمىيە ۋە شىمال ۋە جەنۇبتىكى جايلاردا ئۇرۇش قىلىپ، ئادەم سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئىنقىلاب پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ 9 ۋىلايىتى دائىرىسىگە ھەر خىل دەرىجىدە يېيىلدى. 30 دىن ئارتۇق ناھىيە، مىڭلىغان يېزىلار ئازاد بولدى. مىللىي ئارمىيە خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى ئىسكەنجىگە ئالدى ۋە 40 مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، 26 مىڭغىچە بولغان ھەر خىل قورال-ياراق، زور ساندىكى ئوق-دورا غەنىيمەت ئالدى. خىتاي قوشۇنلىرى پەقەت ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگىلا مەركەزلىشىپ قالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، 1945-يىلىنىڭ 10-ئېيىغا كەلگەندە، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى تولۇق ئازاد بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا دۇنيا ۋەزىيىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بۇ ئىنقىلاب مانا شۇ دۇنياۋى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەركىبىگە كىرىپ كەتتى ۋە يۆنىلىشىدە جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. 1945-يىلى 10-ئايدا باشتىن ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ ھەم ياردەم بېرىپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مىللىي ئارمىيە ھۇجۇمىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بېسىمى ئاستىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىپ، 8 ئايغا سوزۇلغان سۆھبەت نەتىجىسىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولدى.

ئارىلىقتا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولۇپ، سىياسىي كۈرەش ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا مەزكۇر ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتىپ كەتتى شۇنىڭدەك يەنە ماناس دەرياسى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ چېگراسى سۈپىتىدە قايتىدىن ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى جىددىي ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ، بىرى-بىرى بىلەن تىركەشتى.

1946-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى ئىنقىلاب رەھبىرىلىك ئورنىغا چىققاندىن تارتىپ، تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا مۇستەقىل ھاكىمىيەت سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىتىمدىن پايدىلىنىپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى بېسىۋېلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نابۇت قىلىش پىلانلىرىنى ۋەيران قىلدى، ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىكى بۇ جەرياندا ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۈچەيتىش باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتىكىدىن ئۈستۈن تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادى، مائارىپ ئەۋزەللىكى يارىتىپ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە ئاساسىنى تۇرغۇزدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلغاندىمۇ يۇقىرىدا سەۋىيەدە ئىدارە قىلىش ھەم ئۆز ئالدىغا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ھەر جەھەتتىن گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتچىلىك رولى ۋە ئىقتىدارىنى كەمسىتكۈچىلەرگە ئۈنۈملۈك جاۋاب بەردى.

بىراق، 1949-يىلى دۇنيا ۋەزىيىتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە خىتايدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ستالىن ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ئاشكارا ھەمكارلىشىش، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى يۆلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، يېڭى كوممۇنىستىك خىتاينى سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە تايانچ كۈچ قىلىپ پايدىلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى تاللىدى. نەتىجىدە، ستالىن ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى تەرىقىسىدە بىر تەرەپ قىلىشقا رازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزدىن جاكارلىشىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بويسۇنۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. موسكۋا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا بېرىپ، ئىلى ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەنە مەخپىي تۈردە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيو قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە شارائىت ياراتتى ھەم زىچ ماسلاشتى.

خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى بويىچە ئالغاندا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق رەھبىرىي شەخسلەر 1949-يىلى 27-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي دۆلەت قۇرۇلۇش سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدە قازا تاپتى. بىراق،كېيىنكى يەنە بىر قىسىم ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە ، بۇ ئايروپىلان ھادىسىسى 25-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن بولۇپ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.لېكىن، بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن رۇس تارىخچىلىرى ۋە باشقا ئەينى ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىدە مۇھىم رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا ئەۋەتكەن مەخپىي خادىملىرىنىڭ ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، موسكۋانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سوۋېت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۇيىقەست قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

شۇنىڭدىن كېيىن، 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈرۈمچىگە كىردى ۋە ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ سەيپىدىن ئەزىز باشلىق قالدۇق رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلىشىدە ستالىن ھۆكۈمىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدا تاشقى ئامىل، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئەڭ ئاساسلىق ئامىلدۇر.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى1945-يىلى، 22-ئۆكتەبىر كۈنى 113-سانلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرى يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە، ھەر يىلى 12-نويابىرنى دۆلەت ۋە ئىنقىلاب بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆز جۇمھۇرىيەت بايرىقى ئاستىدا مۇستەقىل ئۆزىنى- ئۆزى ئىدارە قىلىپ، 12-نويابىر بايرىمىنى بەش يىل خاتىرىلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. 1949-يىلى، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بەش يىل ئاسقان ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى ئېلىپ تاشلاندى ھەمدە 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەھرىمان مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلدى.

1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بۇ يىل 86 يىل، 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان، بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋارىسى بولغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 75 يىل بولدى. يىللار ئۆتتى، ئەۋلادلار ئالماشتى ۋە يېڭىلاندى. نۇرغۇن باتۇرلار ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيا بىلەن كۆزلىرى ئوچۇق ھالدا خوشلاشتى. 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ جەڭگىۋار، تولىمۇ مەردانە، تولىمۇ شاد-خۇراملىق، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن پاجىئەلىك مۇساپىلەر بىلەن تولغان ئۇنتۇلماس تارىخىي باسقۇچ بولدى. ئۇنىڭ غەلىبىلىرى ئۇيغۇرلارنى كېلەچەككە ئۈمىدلەندۈرسە، ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېچىندۇردى.

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنىڭ كونىرىشىغا قارىماي، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ 12-نويابىر خاتىرىلىرىنى ئەسلەۋاتقانلىقى، سېغىنىۋاتقانلىقى، ئەجدادلىرى باسقان بۇ مۇساپىلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە ھەۋەس قىلىش تۇيغۇلىرىنىڭ يېڭىلىنىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

نىلقا، ھەرەمباغ، شىخو-جىڭ، ئاقسۇ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا مەيدانغا كەلگەن قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى ئۇنتۇلۇپ كېتىلمەستىن، ئەكسىچە بۇ ھېكايىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئادەملەرگە كۈچلۈك مىللىي روھ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىۋاتقانلىقى روشەن.

ئۇنداقتا 20 -ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلارنىڭ غەلىبىسى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ غەلىبىسىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا نېمە قالدى؟ روشەنكى، بۇنىڭ كەسكىن جاۋابلىرى ، ئازادلىق، مۇستەقىللىق ، ھۆرلۈك، مىللەت ۋە ئىنسان قىممىتى بىلەن ياشاش ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقىدىن قالغان ساۋاق نېمىلەر، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىدىكى سەۋەبلەر-يەنى ئىچكى نىزالار، بىرلىك بولماسلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىق ، نادانلىقنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكى، بۇ دۈشمەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن يوق قىلىنماي تۇرۇپ، ھېچقاچان غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل خەلقئارا مۇناسىۋەت بولۇش بىلەن ئۇنىڭ ساۋىقى شۇكى، ئۇيغۇرلار خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، رىقابەتلەر ۋە ئىتتىپاقداشلىقلاردا ئىچىدە قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە پايدىلىنىشقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

قىسقىسى، يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە مەزكۇر «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك تەبىرلىرىنى بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى