ئىككى يىغلاڭغۇ
ئىككى يىغلاڭغۇ
بۇرۇنقى زاماندا بىر موماي ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى يىراق سەپەرگە كەتكەن ئوغلىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋېلىپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە خەتنى ئوقۇتۇپ كۆرۈش ئۈچۈن دەرھال كوچىغا چىقىپتۇ. شۇ چاغدا يولدىن كۆرۈنۈشى سالاپەتلىك بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن، بۇ كىشى خەتنى قولىغا ئېلىپ بىر ئازدىن كېيىنلا يىغلاپ كېتىپتۇ. موماي پەرەز قىلىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى قايتا - قايتا سوراپتۇ. لېكىن ھېلىقى سالاپەتلىك كىشى ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مومايمۇ ئوغلۇم بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپتۇ دەپ ئويلاپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا يولدىن يەنە بىر كىشى ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئىككى كىشىنىڭ يىغلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھەيران بولغان ھالدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. موماي جاۋاب بېرىپ:
_ بۇ كىشى ئوغلۇمدىن كەلگەن خەتنى ئوقۇپ يىغلاپ كەتتى، مەن ئوغلۇمنى ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يىغلاۋاتىمەن، _ دەپتۇ.
_ ھەي، سەن نېمىگە يىغلاۋاتىسەن؟ خەتتە قانداق قايغۇلۇق خەۋەر بار ئىكەن؟ _ دەپ سوراپتۇ ئۈچىنچى كىشى. ھېلىقى سالاپەتلىك كىشى چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋېلىپ:
_ ھەي قەدىردان ئاغىنە، مەن ئۆزۈمگە ناھايىتى ئېچىنىمەن. مەن كۆزى ئوچۇق قارىغۇمەن، ئۆزۈمنىڭ ساۋاتسىز بولۇپ قالغىنىمغا يىغلاۋاتىمەن، _ دەپتۇ .
(ئامىنە كىچىك تۇران، ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن: «بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر»، ... خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006 - يىل 3 - ئاي نەشرى، 27 -، 28 - بەتلەر)