ئىلخانىلار دۆلىتى
ھىلاكو مىلادىنىڭ 1254 - يىلى قاراقۇرۇمدىن غەربكە قاراپ يۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلدى. ھىلاكو سەمەرقەندتە بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن يولغا چىقتى. ئۇ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، مىلادىنىڭ 1255 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدە ئىراندىكى مۇلاھىدىلەر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. شىئە مەزھىپىدىكى بۇ خانلىقنىڭ مۇلاھىدە (ھەقىقىي يولدىن ئازغان) لار دەپ ئاتىلىشىدىمۇ مەلۇم سەۋەب بار ئىدى.
ئىراننىڭ كوھىستان رايونىدا (كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا) قۇرۇلغان مۇلاھىدىلەر خانلىقى (1250 - 1256) موڭغۇللارنىڭ تەبرىزدىكى نويانلىرىغا سېلىق تۆلەيتتى. ھىلاكو 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدە مولاھىدىلەر شاھى نۇرىددىن خور شاھىنى ئەسىر ئالدى. نۇرىددىن قاراقۇرۇمغا ئەۋەتىلدى ۋە يولدا ئۆلتۈرۈلدى.
ھىلاكو مۇلاھىدىلەر خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1257 - يىلى 11 - ئايدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا قاراپ ماڭدى. موڭغۇللار باغدادنى 30 كۈن قورشىدى. باغداد مىلادىنىڭ 1258 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېسىۋېلىندى. شەھەر بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىدى. ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە 508 يىل پايتەخت بولغان باغداد شەھىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇستەسىم (مىلادىنىڭ 1242 - يىلىدىن 1258 - يىلىغىچە خەلىپە بولغان) ئائىلىسى بىلەن ئەسىرگە ئېلىندى. موڭغۇللار ھىلاكونىڭ بويرۇقىغا كۆرە، مۇستەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئاغزىغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئېرىتمىسىنى قۇيۇپ ئۆلتۈردى. ئابباسىيلار خاندانىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
ھىلاكو مىلادىنىڭ 1259 - يىلى كىت بوقانويان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرىنى سۈرىيىنى بېسىۋېلىشقا ماڭدۇردى. موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1260 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدە ھەلەپنى بېسىۋالدى. شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدە شام شەھىرىنى بېسىۋالدى.
ھىلاكونىڭ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىكىنى يوقاتقانلىقىغا خرىستىئان دۆلەتلىرى چوڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى. ئەمما مىسىر مەملوكىلەر سۇلتانلىقى (1250 - 1517) موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان ئوتتۇرا شەرقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنىغا چىدىماي، موڭغۇللارنى سۈرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قوشۇن ماڭدۇردى. مىلادىنىڭ 1260 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدە، مەملوكىلەر سۇلتانى قوتۇز قوماندانلىقىدىكى تۈرك مۇسۇلمان قوشۇنلىرى پەلەستىندىكى ئەين جالۇت ئۇرۇشىدا كىت بوقانويان قوماندانلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن (موڭغۇل، ئەرمەن، گروزينلاردىن تەركىب تاپقان) نى سۈرىيىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ھىلاكو باغدادنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە (مىلادىنىڭ 1258- يىلىغىچە) ئېلىپ بارغان باسقۇنچىلىق يۈرۈشلىرىدە، ئىران، ئىراقنى ۋە كىچىك ئاسىيانى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 1260 - يىلى ھىلاكو قۇرغان يېڭى دۆلەت «ئېل خانىلار» دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى تەبرىز ئىدى.
ئېلخانىلار دۆلىتى (1260- 1335) گە توققۇز خان ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇلار: ھىلاكو (1258-1268)، ئاباقا (1268 - 1282)، تىكودار ئەھمەدخان (1282 - 1284)، ئارغۇن (1284 -1291)، كېيخاتو (1291- 1295)، بايدۇخان (1295 - 1295)، مۇھەممەد خازانخان (1295-1304)، خۇدا بەندى ئولجايىتۇخان (1304 - 1316)، ئەبۇسىيىدخان (1316 - 1335) دېگەن خانلار ئىدى.
ئېل خانىلار سۈرىيە بىلەن پەلەستىننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ مىسىر مەملوكىلەر سۇلتانلىقى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى.