ئىلزابېت باررېت: سۇنېتلار
ئىلزابېت باررېت: سۇنېتلار
ئىلزابېت باررېت (1806-1861) ئەنگلىيەلىك دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە داڭلىق شائىرە. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى چېچەن ھەم كىتابخۇمار بولۇپ، بولۇپمۇ ھومېرنىڭ ئىپوسى ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسىرى بولغان. ئۇ 13 يېشىدىلا ھومېرنىڭ ئىپوسىغا تەقلىت قىلىپ، يۇناننىڭ مارافون ئۇرۇشىنى تەسۋىرىلەيدىغان تۆت جېلدلىق ئىپوس يېزىپ چىققان. ئەپسۇسكى بۇ چېچەن قىز 15 يېشىدا ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئۇمۇرتقىسى قاتتىق زەخم يېگەچكە، 20 نەچچە يىلغىچە ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. پەقەت كىتاب بىلەن شېئىرلا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن مۇڭدىشى بولۇپ قالىدۇ.
ئىلزابېت 40 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا مەپتۇن بولغان داڭلىق شائىر روبىت برونىڭ ئېلزابېتنى ئىزدەپ كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويىدۇ. ئىلزابېت قانچە ئۆزىنى قاچۇرسىمۇ، روبېرت ئىرادىسىدىن قايتمايدۇ ۋە ئاخىرى ئىلزابېتنى نىكاھىغا ئالىدۇ. ھەيران قالارلىقى، ئۇلار توي قىلىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا ئېلزابېت ماڭالايدىغان بولىدۇ ۋە بۇ ئىش پۈتۈن تونۇش - بىلىشلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئېلزابت روبېرت بىلەن 15 يىل بىرگە بەختلىك ياشاپ، 1861- يىلى دۇنيادىن ئۆتىدۇ.
ئېلزابىتنىڭ سونېتلىرى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە. ئۇ ئۆزىگە خاس سونېت شەكلىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، abab abba cd cd بولۇپ قاپىيەلىنىدۇ. شېكىسپىرچە سونېت: abab cdcd efef gg شەكىلدە بولۇپ، ئېلزابېتنىڭكىدە پىكىر شېئىرنىڭ ھەربىر مىسرالىرىغىچە سىڭگەن بولىدۇ، شىكىسپىرنىڭكىدە بولسا، شېئىرنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا يېشىپ بېرىلىدۇ.
1
دەپتىكەن توكرىتوس[1] بۇندىن مۇقەددەم،
ھۈر-پەرى كېلىدۇ ھەر يىلى بۇندا.
ھەر بىرى ھەر كىمگە تەييارلاپ سوۋغا،
تارتۇقلاپ ياشلارنى، قېرىلارنى ھەم.
شۇ چۆچەك ئەيلىدى كىرپىكىمنى نەم،
ئەپكىردى چۈشسىمان ئۇچى يوق ئويغا.
شاتلىقىم، ھەسرىتىم ياشلىقىم گويا،
يېنىمدىن سايەمدەك ئۆتتى دەمۇدەم.
دەل شۇ چاغ، كەينىمگە ئۆتتى بىر سايە،
ئۆتتى-دە زۇلپىمدىن تارتتى بىتاقەت.
دېدى: «تاپ، بولدۇڭ سەن كىمگە ئىرادە؟»
دېدىم: «بۇ ئۆلۈمدىن ماڭا بىشارەت!»
دېدى: «ياق!» ئاۋازى كۆمۈش پىيالە،
«يېڭىلدىڭ جانانىم، بۇدۇر مۇھەببەت!»
2
تۇرىمىز سۆزۈڭنى ئۈچىمىز ئاڭلاپ[2]،
بىرى سەن، بىرى مەن، بىرىدۇر ئىلاھ،
بۇنىڭغا كەڭ ئالەم ھەر قاچان گۇۋاھ،
ئۈچىنىڭ بىرىدىن ئالارسەن جاۋاپ.
لەنىتى زۇۋالمۇ كەلدى ئالدىراپ،
سېنى ئۇ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ غۇۋا.
ئۆلەرمەن، قاپىقىمغا بېسىلار تىللا[3]،
بەرىبىر كەتمەسمەن سەندىن يىراقلاپ.
ئىلاھنىڭ «ياق!» دېگەن ھۆكمى ئەڭ يامان،
بولمىسا، بەندىنىڭ پىنتنىسى چاغلىق.
نە بوران توسالماس، نە تاغۇ-داۋان،
ئىپپەتىم ھەر قاچان ساڭا ساقلاقلىق،
ئارىمىزغا دۈگلەپتۇ چۈشەر كۆك ئاسمان،
تېخىمۇ قىلىشارمىز شۇنداق ئامراقلىق.
3
ئەزىزىم، تېگىمىز ئەسلا بىر ئەمەس،
بىر ئەمەس ئورنىمىز، يولىمىز ھەمدە.
ئىككىمىز بېشىغا كېلىپ پەرىشتە،
تەسەددۇق دوقۇرشۇپ قالغان چېغى، بەس.
مېھمان سەن خانىشقا ساڭا يەتمەك تەس،
ناخشاڭغا ئىنتىزار بولۇپ ھەۋەستە،
ھەممە كۆز بېقىشار ساڭا ھۆرمەتتە،
مېنىڭلار كۆزۈم ياش، كۆڭلۈممۇ كۈلمەس.
بىر غېرىپ كۈيچىمەن يۈرگەن سەرسانە.
قارايسەن نېمىشا نۇرلۇق روجەكتىن؟
ئارچىغا يۆلىنىپ تۇرىمەن ۋەيرانە[4]،
زۇلمەتلىك تۈندە ئاھ ئۇرۇپ يۈرەكتىن.
قىل، شاھىم، شەبنەملىك تۈندىن بىگانە،
بولمىسا باشقىچە يول يوق ئۆلمەكتىن.
4
ئىدىڭ سەن شائىرى ئوردا-ساراينىڭ،
ئوقۇيتتىڭ نى ئىسىل شېئىرلار يېزىپ.
قالاتتى تانسىكەش خانىملار ئېزىپ،
ئۇنىڭدەك نازاپەت بولغاچ چىرايىڭ.
ۋە لېكىن، بىلمىدىم نەدۇر مۇرادىڭ،
راستىنلا ناخشاڭدىن، دۆلەتتىن ئېزىپ،
مەندەك بىر داقاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،
قىلماققا قولىنى كىر تۆزدىمۇ دىلىڭ؟
كۆر ئەنە، پەنجىرىم تۇرۇپتۇ خاراپ،
قارىغۇ ياپىلاققا خانەمدۇر ماكان.
بۇلۇڭدا چىكەتكە تىنماس چىرىلداپ،
ئەسلى چۆل كۆڭلۈمنى ئەيلەپ پەرىشان.
مەن بۇندا — پىنھاندا تۇرىمەن يىغلاپ...
سەن بولۇپ يۈرىسەن نەدە غەزەلخان؟!
5
قەلبىم كۈل، كوزىغا قاچىلانغان گويا[5]،
يۇنانلىق قىز كەبى كېلىمەن كۆتۈرۈپ.
تۆككىلى يولۇڭغا ئۇنى ئۆڭتۈرۈپ،
كۆر، پاتتى قانچىلىك قايغۇ دىلىمغا!
ئەمماكى، چوغىنى ئۆچتى دەپ قالما،
قارا گۈل ئارقىغا تۇرسا كۆمۈلۈپ،
ئەپسۇسكى كەتمىدىڭ دەسسەپ ئۆچۈرۈپ،
شۇندىلا بولاتتىم سەندىن كۆپ رىزا.
ۋە لېكىن، يېنىمدىن كەتمىدىڭ قەستەن،
ناۋادا ئۇچقۇنداپ قالسا شامالدا؛
بىر پارچە ئوت بولۇپ يانىدۇ جەزمەن،
بۇ ئوتقا گۈلتاجىڭ بولالماس دالدا.
كەت نېرى، تېزدىن كەت، تۇرما مەن بىلەن،
كەتمىسۇن كۈل بولۇپ چاچلىرىڭ ھەتتا.
6
كەچ مەندىن، كەت نېرى دېگەنتىم، لېكىن
مەن قالدىم سايەڭدىن كېتەلمەي نېرى.
مەيلىمنى يوقاتتىم شۇنىڭدىن بېرى.
يىگانە بۇ جانىم ئۆتتى بەك غەمكىن.
ئۇزاتسام قولۇمنى ئاپتاپقا يېقىن،
ئەسلەتتى قولۇڭنى ئاپتاپنىڭ نۇرى،
ئوت ئالدى ئالقىنىم ھېس قىلغانسېرى،
ئاشۇ كۈن ئالدىڭدا تۇرغاندەك ئەركىن.
كاج پەلەك ئارىغا سالسىمۇ خەندەك،
ۋە لېكىن، قەلبىڭكى قەلبىمدە ئويغاق.
شاراپقا تەم بەرگەن ھەر قاچانكى تەك،
كۈنۈمنىڭ لەززىتى سەندۇرسەن، بىراق.
نامىڭنى تەڭرىمۇ بىلىدۇ مەندەك،
سېنىڭمۇ يېشىڭ بار كۆز يېشىمدا، باق!
7
ئۆلۈمگە يانداشتەك تۇراتتىم پىنھان،
كەلگەندەك تۇيۇلدۇڭ يېنىمغا جىم-جىم.
تۇنجى رەت شەپەڭنى ئاڭلىغاچ بەلكىم.
يىپيېڭى تۈس ئالدى توساتتىن جاھان.
مەن بۇندا تۇرغاندا ئويلايتتىم ھامان،
بۇ دۆرەم تامامەن تۈگەشكەن چېغىم.
ۋە لېكىن تۈزۈلدى مۇھەببەت رېشتىم،
سەن بەرگەن يېڭى كۈي ئۆزرە قوشۇپ جان.
تاتلىقىم يېنىمدا سەن بولساڭ ئەگەر،
بۇ كەڭرى ئالەمگە كىرەر يېڭى سىن.
گەر ماڭا شاراپ دەپ سۇنساڭمۇ زەھەر،
تاتلىق دەپ ئىچەرمەن ئوقۇپ ئاپىرىن،
سەۋەپكى، نامىڭنىڭ ئۆزىدۇر شېكەر،
ياڭرايدۇ دەممۇدەم پەرى ئاغزىدىن.
8
گوياكى قەلبىڭدۇر نۇرانە دۇردان،
تۆكۈلدى ئۇنىڭدىن ماڭا دۈر-گۆھەر؛
بولدىكى تېمىممۇ، بۇسۇغاممۇ زەر،
لايىقمۇ مەن بۇڭا، ئەي سېخى مەردان.
بۇ سەدىقەڭ مەن ئۈچۈن تۇتىيا، جانان،
مېھرىڭگە قاتمۇقات بولدۇم مۈيەسسەر.
نېمەم كەم بولغۇدەك بۇڭا باراۋەر؟
سېنى خوش قىلغۇدەك مەندە يوق ئىمكان.
باغرىڭ تاش، دەپ مېنى قىلما خىجالەت،
ياق، مېنىڭ قەلبىمنى بىلىدۇ ئىلاھ.
كۆز يېشىم يوقاتتى خۇنۇمنى قەۋەت،
قالدىمكى بولۇپ مەن جانسىز بىر مۇردا.
پېتىكىڭ بولساممۇ بولاي دەسسەپ كەت،
ياستۇقىڭ بولۇشقا نابان مەن ساڭا.
9
توزىغان باھارىم چەكسە دەرت-ئەلەم،
بولمىسا بەرگۈدەك ساڭا بەرمىشىم؛
ھەسرەتكە ئايلانسا غىل-پال كۈلمىشىم،
تۆكۈلۈپ كىرپىكىم بەرگىدىن شەبنەم؛
بابمىدۇ، يېنىمغا يېقىن كەل دېسەم،
مۇناسىپ كەلمىسە، يارىڭ بولمىشىم؟
دەردىڭگە ھەم دەرمان پارىڭ بولمىشىم،
ئاھ دەرىخ، بىرلا شۇ مېنىڭ ئەندىشەم!
قەلبىمنى كۆيدۈرۈپ قىلدى جاراھەت،
مەندىكى بېخىللىق، راستىمنى ئېيتسام.
ساڭا داغ چۈشمىسۇن، زەھىرىمنى رەت —
ئەيلىسۇن سەندىكى خاسىيەتلىك جام[6]،
سورىما بەر دەپمۇ مەندىن مۇھەببەت،
ئامرىقىم، بىرلا مەن كۆيەيكى تامام.
10
قۇبۇل ئەت مۇھەببەت بولىدۇ گۈزەل،
مۇھەببەت ئوت دېمەك، ئوتتتىنمۇ يۇرۇق،
قەسىرمۇ، تۈۋرۈكمۇ، لىم ۋە ئوتۇنلۇق،
ئوت ئالسا شۇ ئان نۇر بېرىدۇ تۈگەل.
تۇيۇقسىز «كۆيدۈم مەن ساڭا» دېسەم، دەل-
كۆزۈڭدە شۇ مىنۇت كۆرۈندۈم نۇرلۇق،
قەددىممۇ ئايلاندى ئالتۇنغا تۇلۇق،
ھۆسنۈڭدە ئەكىس ئەتتى نۇرۇم مۇكەممەل.
مۇھەببەت ئىكەنغۇ، خار بولماس ئەسلا،
تېرىقچە جاندىمۇ بۇلار مۇھەببەت،
سېغىنساڭ ئىلاھنى، كېرەملىك ئىلاھ،
نا ئۈمىد قويمايدۇ سېنى ئاقىۋەت.
ئىشقىمدىن تەبىئەتمۇ نۇرلاندى راسا،
بۇ ئاددى جىسمىمدىن ئېلىپ ھارارەت،
11
مۇھەببەت نېسىۋەم بوپقاپتۇ، دېمەك،
ئاڭا سەن نالايىق دېمىگىن جانان.
دەرۋەقە، چىرايىم بولدى زەپىران،
يۈك بولدى تېنىمگە بۇ دەردمەن يۈرەك.
ۋە لېكىن، تۇغۇلدى مەندە بىر تىلەك:
ئاقىۋەت چەكسەممۇ ھەسرەتلىك پىغان،
ئۆرلىسەم مەن ئورنۇش تېغىغا شۇئان[7]،
ۋەسلىگە بۇلبۇلنىڭ بولغايمۇ يەتمەك؟
توۋا بۇ گەپلەرنى قىلماق نەھاجەت،
كەلمىسەم يېنىڭدىن جاي ئېلىشقا باب؟
ئەمماكى، ساڭىلا كۆيگەچكە پەقەت،
نۇرلاندىم، يۈكسەلدىم تىرىلدىم شۇ تاپ.
تىلەيمەن ساڭا كۆپ، بەخت –سائادەت،
قالساممۇ تىزىمنى قۇرۇق قۇچاقلاپ!
12
مەن راستىن ماختانغان ئاشۇ مۇھەببەت،
كۆكسۈمدىن ئۇرغىدى قېشىمغىچە، باق.
تاج بولدى ماڭا ئۇ گۆھەردىن پارلاق،
دېمەككى، باھاسى ئوردىدىن قىممەت....
قاچانكى كۆزۈمگە باقتىڭ تۇنجى رەت،
قىچقاردى بىرىنى بىرى ئىشتىياق.
مۇھەببەت نېمە ئۇ بىلمەيتتىم، بىراق
ئۆگەندىم ئۈلگە ئېپ سەندىن ئاقىۋەت.
كۆيگىنىم راست، ئەمما، ماختىنىپ نېتەي،
كۆرەڭلەپ بۇ مېنىڭ پەزىلىتىم، دەپ.
ياتقاندا بىماجال خۇدۇمنى بىلمەي،
چىقاردىڭ ئالتۇن تەخت ئۈستىگە يۆلەپ.
جاي بەرگەچ يېنىڭدىن سەن ماڭا ئەتەي،
كۆيۈكنىڭ قەدرىنى بىلدىم ئىچكىرىلەپ.
13
قىل، دەپسەن ئىشقىڭنى تىلىڭدا بايان،
بايانىڭ ۋە لېكىن بولسۇن ئەڭ تولۇق،
مۇھەببەت مەشئىلى يانغاي يوپيورۇق،
قانچە سوقسىمۇ دەھشەتلىك بوران.
شۇ مەشئەل يانماقتا ساڭا يانمۇيان،
ئىككىمىز چېھرىگە تۆكۈپ يورۇقلۇق.
يىراق تۇر ئاندىن، دەپ قەلبىمگە بۇيرۇق-
بېرىشكە دېمەككى مەندە يوق دەرمان.
يالۋۇرما، مەندىن سۆز ئالمىغىڭ قىيىن،
ئەپۇ قىل، دەپ قالما مېنى باغرى تاش.
قورقىمەن دىلىمنىڭ نازۇكلىقىدىن،
تەگدىڭلا سىرىمنى قىلىپ قويار پاش.
ئالارمەن كۆڭلۈڭنى بەرىبىر كېيىن،
مۇھەببەت سۆيۈشكەن قىز – يىگىتكە خاس.
14
راست سۆيگەن بولساڭلا ئىزلىمە سەۋەب،
پەقەتلا كۆيدۈم دەپ كۆيىۋەر ماڭا.
ھۆسنۈمنى، كۈلكەمنى قىلمىغىن گۇۋاھ،
دېمىگىن: «ئاخشامقى سۆزلىرىڭ ئەجەپ-
دىلىمنى ئويناتتى، ھوزۇرلاندىم زەپ. »
ئامرىقىم، بۇنداق تېز ئېيتىلغان ناخشا،
ئاقىۋەت شۇنداق تېز ئۆچىدۇ، ئەمما،
بۇ سۆزلەر مەڭگۈگە بېرەلمەيدۇ نەپ.
يادىمدا سۈرتكىنىڭ كۆز يېشىمنى سەن،
لېكىن بۇ ئىشقىڭغا بولالماس دەلىل.
يىغامنى بىر كۈنى مەنمۇ ئۇنتارمەن،
سۆيگۈگە بەزلىشىڭ بولالماس كېپىل.
سۆيسەڭ سۆي سەن مىنى چىن مەنا بىلەن،
تىرەن سۆي، ئۆتەيلى ئەبەتكە ئىجىل.
15
جىم تۇردۇڭ ئالدىمدا پەرىشان چىراي،
دەپ مېنى كەتمىگىن ئۇنچە ئەيىبلەپ.
ئەزەلدىن ئىككىمىز كەلگەن تەرس قاراپ[8].
چۈشمەيتتى قۇياش ھەم چىھرىمىزگە ئاي.
شىشىدىن ھەرىگە باققاندەك تىنماي،
باققاندا سەن ماڭا دىلىڭدىن، شۇتاپ،
ئۆرتىدى ئىشقىڭدا دەرد مېنى قورشاپ،
شۇ يولدا مەيلىلا، دېدىم، يىقىلاي،
ئىشقىمنى تاپتىم مەن كۆزۈڭنى ئىزلەپ.
تاپتىم مەن ئىشىقنىڭ ئۈچ ۋە چېكىنى،
ئەستىن سىرت بىر تىۋىش ئاڭلاندى ئەجەپ،
ئاختۇرسام بوشلۇقنىڭ ھەر بىر قېتىنى:
تاماشا قىلىپسەن چوققىغا ئۆرلەپ،
دولقۇننىڭ بەھرىگە تەلپۈنۈشىنى!
16
ھالبۇكى، قۇدرەتلىك، ئەزىزى سۇلتانىم،
ئەيلىدىڭ ئۆزۈڭگە مىنى تەسەللەم،
شۇ سەۋەب، كۆتۈرۈلدى مەندە غۇسسە-غەم،
كۆتۈرۈلدى باشتىكى ھەسرەت پىغانىم.
شاھانە تونۇڭغا ئورار، جانانىم،
يۈرىكىڭ يۈرەككە يېقىلسۇن مەھكەم،
مەن تەسلىم بولدىممۇ بولاي مىڭ مەرتەم،
تەسەددۇق ئايىڭدا ناتىۋان جانىم.
ئاخىرى يېڭىلدىم سەندىن، ئامرىقىم،
يېڭىلگەن ئەسكەردەك تاپشۇراي قورال.
قارشىلىق قىلماسمەن، شۇدۇر ئىقرارىم،
خىجالەت ئىچىدىن مېنى تارتىپ ئال.
تېخىمۇ كۆپجىسۇن قەدر-قىممىتىم،
ئىشقىڭدىن يوغانراق خېمىر تۇرۇچ سال.
17
بۇ كەڭرى جاھاندا سەنچە غەزەلخان،
چىقمىدى، چىقمايدۇ بۇندىن كېيىن ھەم.
تىنجىدى شىپپىدە قاينىغان ئالەم،
يېقىملىق ساپ ناخشاڭ ياڭرىغان ھامان،
بولدى ھەم شۇ پەيتتە دەردىمگە دەرمان.
چاڭقىغان يۈرەككە چۈشكەندەك شەبنەم.
سېنى شۇ ئەلەمگە بۇيرۇپتۇ ئىگەم،
ۋە مېنى چاكىرىڭ بولۇشقا ئوبدان.
نە ئىشقا جورماقچى مېنى، ئامرىقىم؟
ئېيتمايدۇ شادلىق يا ھەسرەتلىك ناخشا؟
بولايمۇ سايىۋەن تاشلاپ ياپرىقىم،
پالما دەرىخى ۋە ياكى ئارچا[9]؟
يا ھەمرا بولغايمۇ ساڭا تۇپرىقىم[10]،
قېنى سەن، شائىرىم، مەيلىڭچە تاللا.
18
چېچىمنى ئەزەلدىن بىر كىمگە سوۋغا
قىلىپمۇ كۆرمىگەن ئۆزگىگە مۇتلەق.
بىر ساڭا تەقدىم مەن، ئامرىقىم، بىراق،
باھارىم كەتكەندە باقىيلىق يولغا،
شۇ چوڭقۇر چېچىمنى يۆگەپ مەن قولغا،
خىيالچان قارىدىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق.
ئاڭا گۈل قىسىشتىن قاپتىمەن يىراق،
قىزلاردەك چۈشۈشكە كېلىپ ئۇسۇلغا.
چۇۋۇلغان چاچ بىلەن قىيسايغان بېشىم[11]،
ھەسرەتلىك يېشىمنى ئالار دالدىغا.
كېسىلەتتى كىپەنگە كىرگەندە چېچىم[12]،
كىپەنمۇ يىرتىلدى ئىشىق ئالدىدا.
سۆيگەنچە چېچىمغا ئانام بىر قېتىم،
قونمىدى چىۋىنمۇ ئاڭا زادىلا.
19
بار دەيدۇ بىر بازار يۈرەكلەر ئارا،
قىلىشچۈن يادىكار شۇ جايغا كېلىپ،
چېچىمنى چېچىڭغا ئالاي تېگىشىپ،
دېڭىزدا بىر تال چاچ بىر قېيىق ماڭا.
چاچلىرىڭ نۇرانە، سىيادىن قارا،
گۈلتاجىڭ تېگىدىن شولىلار چېچىپ،
تۇرماقتا ھۈرلەرنىڭ چېچىنى بېسىپ،
بۇنىڭغا پىندارمۇ ئەزەلدىن گۇۋاھ[13].
بۇ شولا ئىشىقنىڭ چاچتىكى سىرى،
ئاۋايلاپ سۆيدۈم مەن ھىدىنى پۇراپ،
شولاڭ چىڭ تۇتۇلدى، قاچالماس نېرى،
قەلبىمگە ئالدىم مەن مۇستەھكەم سولاپ.
چېھرىڭدەك تەپ بېرەر قەلبىمنىڭ مېھرى،
قالغۇچە بىر كۈنى يۈرەكمۇ توختاپ.
20
يادىمدا، ئامرىقىم، ئۆتكەنكى بىر يىل،
سەن ئىدىڭ توپ بىلەن غەمدىن بىگانە،
مەن ئىدىم قار ئارا يەككە-يىگانە،
كۆرمىدىم سەن باسقان ئىزىڭنى ئىزچىل.
چۆرەمنى قاپسىغان زەنجىر مۇتتەسىل،
سانايتتىم ھالقىسىن بولۇپ، ھەيرانە،
دەيتتىم ھەر كىم ئۇنى قىلار ۋەيرانە،
سەن ئەستىن چىقىپسەن قالغاچ مەن غاپىل.
مەي ئىچتىم، ھاياتلىق نەقەدەر گۈزەل!
ئاڭلىدىم تىۋىشمۇ — ئۈنۈڭنى بىردىن،
ئالدىمدا ئىكەنسەن كۈن ۋە تۈن تۈگەل،
چۈشەندىن سەن پەرۋىش ئەتكەن ئاق گۈلدىن.
قىپتىمەن ئورۇنسىز كالتە پەملىك دەل،
كېلەرنى نە بىلەي كۈتكەن غايىپتىن!
ئىزاھلار:
[1] توكرىتوس- مىلادىدىن ئىلگىرى 3- ئەسىردە ئۆتكەن يونان شائىرى. ئۇ، سېتسىلىيە ئارىلىنىڭ ۋە گېرمانىيەنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان نۇرغۇن شېئىرلار يازغانلىقى بىلەن نام چىقارغان. توكرىتوس ئۆزىنىڭ يونان ئەپسانىلىرىغا ئاساسلىنىپ يازغان بىر شېئىرىدا، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئۈچ نەپەر ھۆر قىزنىڭ ئىلكىدە بولىدىغانلىقى، ئاۋرۇتېت (يەنى مۇھەببەت ئىلاھىيەسى ۋىناس)نىڭ سۆيگەن يىگىتى ئاتۇننى بىر كۈنى ئوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەندە ئۇنى قاۋان ئۆلتۈرگەنلىكى، لېكىن ئۈچ نەپەر ھۆر قىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاتوننى ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە باقىي ئالەمدىن پانىي ئالەمگە قايتىپ كېلىپ ئۆز مەھبۇبى ۋىناس بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. مەزكۇر شېئىرنىڭ 2-، 3- ۋە 4- مىسرالىرىدا مانا مۇشۇ ۋەقەنى كۆزدە تۇتىدۇ-ت.
[2] بۇ يەردە ئاپتور روبېرت برونىڭنى كۆزدە تۇتىدۇ. روبېرىت برونىڭ ئەنگىلىيەنىڭ 19- ئەسىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى ۋە ئاپتور ئىلىزابېت باررېتنىڭ ئېرى.
[3] ئېنگلىزلارنىڭ قەدىمكى ئادىتىدە، ئۆلگەن كىشىنىڭ ئوچۇق تۇرغان كۆزىنى يېپىپ قويۇش ئۈچۈن ئىككى قاپىقىغا ئىككى دانە تەڭگە باستۇرۇپ قويىدىكەن.
[4] غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە، بىرەرسى ئۆلسە، قولىغا ئارچا شېخى كۆتۈرۈۋېلىپ مۇسىبەت بولغان ئۆيگە ماتەم بىلدۈرۈپ بارىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئارچا غەربىي ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدە، ئۆلۈمنىڭ سىموۋولى ھېسابلىنىدىكەن.
[5] قەدىمقى يونان پادىشاھى ئاگممنۇن ئۆزىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن قەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. خان قىز ئېلىكتىرا ئاكىسى ئورېتىس بىلەن بىرلىشىپ دادىسى ئۈچۈن قىساس ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ-دە، ئاكىسىنى قاتىل ئانىسىنىڭ چاڭگىلىدىن قاچۇرۇۋېتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئورېتىس قولىغا بىر دانە كوزا كۆتەرگەن ھالدا گىرىم بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە: «ئورېتىس ئۆلدى، ئۇنىڭ كۈلى مۇشۇ كوزىدا» دېگەن سۆزلەرنى تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ سىڭلىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇ – ھەسرەتتە قالىدۇ. لېكىن ئورېتىس سىڭلىسىغا ئاستا: «بۇ كۈلنىڭ تېخى جېنى بار» دەپ بىشارەت بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكا – سىڭىل ئۆز مۇرادىغا يېتىدۇ. مەزكۇر شېئىردىكى: «قەلبىم كۈل، كوزىغا قاچىلانغان گويا، يۇنانلىق قىز كەبى كېلىمەن كۆتۈرۈپ» دېگەن مىسرالاردا ئاپتور ئەنە شۇ رىۋايەتنى كۆزدە تۇتقان.
[6] خاسىيەتلىك جام- بۇ يەردە ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ۋېنېز ئەينەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن كىرىستال رۇمكا كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ خىل رۇمكا ئىنتايىن نەپىس ۋە ئېسىل ئىشلەنگەننىڭ ئۈستىگە، زەھەر تەگكەن ھامان ئۆزلۈكىدىن پارە –پارە بولۇپ كېتىدىكەن. ۋېنېز ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئىسمى.
[7] ئونۇس تېغى- بۇ تاغ ھىندىستان تەۋەلىكىدە. ئۇ ئىنتايىن ئىگىز ۋە تىك بولغانلىقىدىن ئۇچار قۇشلارمۇ تەستە ئۇچۇپ ئۆتەرمىش. شۇڭا، بۇ تاغقا «ئورنۇس» يەنى، «قۇشلاردىن خالى» دېگەن نام بېرىلگەنمىش.
[8] رىم ئەپسانىلىرىدا يانۇس ناملىق ئىككى يۈزلۈك ئىلاھ بولغانمىش. ئۇنىڭ بىر يۈزىدە شادلىق، يەنە بىر يۈزىدە غەزەب ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر يۈزى ئوڭ، يەنە بىر يۈزى تەرى بولۇپ، ئىككى يۈزى ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرىدىكەن. ئاپتور بۇ مىسرادا مۇشۇ ئەپسانىنى كۆزدە تۇتقان.
[9] پالما دەرىخى بىلەن ئارچا دەرىخى غەربىي ياۋروپادا ئىككى خىل ھادىسىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوللىنىدىكەن، يەنى پالما دەرىخى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى بولسا، ئارچا دەرىخى ماماتلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن.
[10] تۇپرىقىم- قەبرەم مەنىسىدە.
[11] ئاپتور ئىلىزابېت باررېت كىچىكىدىن تارتىپلا بېشىنى سول ياققا قىيسايتىپ كۆنۈپ قالغانلىقتىن، كېيىنگىچە بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆرۈمەي قويىۋەتكەن ئۇزۇن چېچى سول تەرەپكە سەل قىيسىيىپ چۈشۈپ، يۈزىنى تورايدىغان بولۇپ قالغان.
[12] قەدىمقى يونان ۋە رىملىقلارنىڭ ئادىتىدە، ئۆلۈكنى كېپەنگە ئېلىشتىن بۇرۇن چېچىنى قىرقىپ تاشلاپ، ئاندىن ئۇزىتىدىكەن.
[13] پىندار- مىلادىدىن ئىلگىرى 5- ئەسىردە ئۆتكەن يونان شائىرى.
(ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى)