ئىلىم – پەن تارىخىدىكى سەككىز چوڭ خاتا نەزەرىيە
ئىلىم – پەن تارىخىدىكى سەككىز چوڭ خاتا نەزەرىيە
كىشىلەر ئادەتتە دىققەتنى تارتىدىغان بىرقىسىم مەسىلىلەرنى كۆپۈنچە بەزى ئۇلۇغ نەزەرىيىلەر بىلەن باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، دەرۋەقە بەزى ئۇلۇغ نەزەرىيىلەر بىزنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بىراق بەزى نەزەرىيىلەر مەلۇم مەزگىللەردە كەڭ ئومۇملىشىپ دەۋر سۈرسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەي خاتالىقى ئىسپاتلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىلىم – پەن تەرەققىيات تارىخىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا ھېساپلىنىدۇ.
1. " ماگنىتلىق تاغ "
كىرستوف. كولومبو ئەينى چاغدا كومپاستىن پايدىلىنىپ ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھېچكىم كومپاسنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى بىلمەيتتى. كولومبو كومپاسنىڭ دائىم شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ رولى دەپ قارىغان. كېيىن دېڭىزچىلار شىمالىي قۇتۇپتا غايەت زور بىر ماگنىتلىق ئارال بار، ھەرقانداق كېمە بۇ ئارالغا مەڭگۈ يېقىنلىشالمايدۇ، چۈنكى يېقىنلاشسىلا كېمىدىكى مېتال قۇرۇلمىلارنى بۇزۇۋېتىشى مۈمكىن دەپ قارىغان. تەسەۋۋۇردىكى بۇ «قارا تاش» ھەتتا 16- ۋە 17- ئەسىرلەردىكى خەرىتىلەرگىمۇ كىرگۈزۈلگەنىدى. كېيىن ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى ۋىليام . جېربود تۇنجى بولۇپ كومپاسنىڭ دائىم شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
2. كۆيۈش ئېلېمېنتى نەزەرىيىسى
17- ئەسىردە خىمىيە ئالىملىرى ياغاچنىڭ كۆيۈشىگە قاراپ، بۇنى ياغاچلارنىڭ بىر خىل سىرلىق ماددىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ، بۇ سىرلىق ماددىنى كۆيۈش ئېلېمېنتى دەپ ئاتىغان. ئۇلار ھاۋادا ئاسانلا كۆيىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە كۆيۈش ئېلېمېنتى بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ نەزەرىيە بىر پارچە ئېغىر ياغاچنىڭ كۆيگەندىن كېيىن يېنىك كۈلگە ئايلىنىپ قېلىشىنى ياغاچتىكى كۆيۈش ئېلېمېنتىنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى ھىم قاچىدىكى ياغاچنىڭ تولۇق كۆيمىگەنلىكىنى بۇ ھىم قاچىنىڭ پەقەت بەلگىلىك مىقداردىكى كۆيۈش ئېلېمېنتىنىلا سىغدۇرالىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىغان. فرانسىيە خىمىيە ئالىمى ئانتون. راۋاش ئوكسىگېننى ئايرىپ چىقىپ ئىسىم قويغان ھەم ئوكسىگېننىڭ كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن كۆيۈش ئېلېمېنتى نەزەرىيىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.
3. يەر شارى كېڭىيىش نەزەرىيىسى
ياۋروپالىقلار يەر شارى قۇرۇقلۇقىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققاندىن كېيىن، بۇ قۇرۇقلۇقلار ئىلگىرى بىرلىشىپ تۇرغانمۇ قانداق، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ئافرىقا قىتئەسى بىلەن چىڭ تۇتىشىپ تۇرغانمۇ قانداق، ئۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە يىراقلىشىپ كەتكەن؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا باشلىغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىتالىيىلىك گېئولوگ روبېرت. مانتوۋان «يەر شارى توختىماستىن كېڭىيىپ تۇرىدۇ» دىگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پەرەزگە ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى يەر شارىنىڭ ھەجمى نىسبەتەن كىچىك ھەم سىرتىنى بىر قەۋەت قۇرۇقلۇق قاپلاپ تۇرغان بولۇپ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە ئاستا- ئاستا كېڭىيىشكە باشلىغان، يانار تاغلار بىر پۈتۈن قۇرۇقلۇقنى ناھايىتى كۆپ ئۇششاق پارچىلارغا بۆلىۋەتكەن، يەر شارىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىشى كىچىك قۇرۇقلۇقلارنى ئايرىغان، دېڭىز- ئوكيانلار ئويمانلىقلارنى بېسىپ كەتكەن بولىدۇ. مانتوۋاننىڭ نەزەرىيىسى بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن بولسىمۇ، گېرمانىيىلىك ئارفىلت. ۋېگنانىڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ سىلجىش تەلىماتى ناھايىتى تېزلىكتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
4. تەبىئىي پەيدا بولۇش نەزەرىيىسى
قەدىمىي گېرىتسىيە ئالىمى ئارستوتېل تەبىئىي پەيدا بولۇش تەلىماتىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى. تەبىئىي پەيدا بولۇش تەلىماتى چىرىگەن گۆش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياكى ھايۋاناتلار ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يېڭى ھاياتلىقلارنى ھاسىل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ تەلىمات تەخمىنەن 2000 يىلدەك دەۋر سۈردى. ئۇ دەۋردىكى كىشىلەر مۇنبەت دەريا لايلىرى پاقىنى پەيدا قىلىدۇ، كۆكىرىپ قالغان دانلار چاشقان پەيدا قىلىدۇ، چىرىگەن گۆش چىۋىن لىچىنكىسىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايتتى. 17- ئەسىردە ئىتالىيىلىك دوختۇر فرانسىسكو . لېيدى ئىككى پارچە گۆشنى ئاغزى ئوچۇق ۋە ئاغزى ھىم ئېتىلگەن ئىككى بوتولكىغا سالغاندا، ئاغزى ئوچۇق بوتولكىدىلا چىۋىن لىچىنكىسى پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئارستوتېل تەلىماتىغا قارشى چىققان ئىدى. ئىككى ئەسىردىن كېيىن فرانسىيىلىك بىئولوگ لويس. باسد باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈش ھادىسىسىنى تەبىئىي پەيدا بولۇش تەلىماتى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
5. يورۇقلۇق ئېفىرى نەزەرىيىسى
ئالىملار 1000 يىللاردىن بۇيان تەبىئىي يورۇقلۇق ۋە ئۇنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلدى. 1704- يىلىغا كەلگەندە نيوتون يورۇقلۇق زەررىچىلەردىن تۈزىلىدۇ، ئۇلار «يورۇقلۇق ئېفىرى»دا ھەرىكەت قىلىدۇ، يورۇقلۇق ئېفىرى كائىناتتا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدۇ، دىگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى. باشقا ئالىملار يورۇقلۇقنىڭ دولقۇنلۇق نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يورۇقلۇق دولقۇنى قۇياشتىن يەر شارىغا كېلىش جەريانىدا چوقۇم مۇشۇنداق بىر مۇھىتقا تايىنىشى كېرەك دەپ قارىغان. مەشھۇر مايكېلسۇن - مورلېي تەجرىبىسىدىن ئىلگىرى كىشىلەر يورۇقلۇق ئېفىرى نەزەرىيىسىنى ئىزچىل توغرا دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. مايكېلسۇن - مورلېي تەجرىبىسى ئەسلى يورۇقلۇق ئېفىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان ئىدى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يورۇقلۇق ئېفىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ نەزەرىيىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.
6. تەكرارلىنىش نەزەرىيىسى
19- ئەسىردە بىر قىسىم كىشىلەر دارۋېننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلالمىغاچقا، تۈرلۈك-تۈمەن رەڭگارەڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈستىدىكى تالاش - تارتىشلار تۈگىمىدى. بىر خىل خاتا نەزەرىيىدە ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا بىر يېڭى باسقۇچ قوشۇلسا، يېڭى بىر تۈر پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھامىلىسىگە مەلۇم دەۋرلەردە يېتىلىش باسقۇچىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئىنسانىيەت پەيدا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. گېرمانىيىلىك ئالىم ئېرنست . ھېككېر تەكرارلىنىش نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ سادىق ھىمايىچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە يېتىلىۋاتقان ھامىلە تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدىكى ھەر بىر باسقۇچنى توختىماستىن تەكرارلاپ ماڭىدۇ، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسى ئەڭ دەسلەپتە يەككە ھۈجەيرىلىك ئىپدائىي جانلىق بولىدۇ، ئۇلاپلا بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئارقىدىن يەر بېغىرلىغۇچىلار ۋە سۈت ئەمگۈچىلەر باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسانغا ئايلىنىدۇ.
7. فرېنولوگىيە نەزەرىيىسى
يازغۇچى شارلوت . بوراندنىڭ رومانى «جىنئېر» دە ئايال باش پېرسۇناژ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مۇھەببەت قىزىقىشىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، «ئاقكۆڭۈللۈكتىن كۆرە بېشىدىكى ئەقىل-پاراسەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۆرتۈپ چىققان ئورۇنلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى» بايقىدى. بوراندا 19- ئەسىردىكى نۇرغۇن زىيالىيلارغا ئوخشاش فرېنولوگىيىگە قاتتىق مەپتۇن بولۇپ قالغان ئىدى. فرېنولوگىيە باش سۆڭەكنىڭ شەكلىگە ئاساسلىنىپ كىشىلەرنىڭ مىجەز- خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. گېرمانىيىلىك دوختۇر فرانىز چوڭ مېڭە نۇرغۇن بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ، ھەر بىر بۆلەكنىڭ باشقا بۆلەكلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى بولىدۇ، مەلۇم بىر بۆلەك قانچە ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ چىققان بولسا، شۇ ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنىڭ شۇنچە تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان فرېنولوگىيە ئالىملىرى چوڭ مېڭىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا تىرىشقان، بىراق 20- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ نەزەرىيە كىشىلەر تەرىپىدىن ساختا ئىلىم- پەن كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈۋېتىلدى.
8. مۇقىم ھالەتلىك ئالەم نەزەرىيىسى
20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىغا كەلگەندە نۇرغۇن ئالەمشۇناسلار مۇقىم ھالەتلىك ئالەم نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالەم توختىماستىن كېڭىيىپ تۇرسىمۇ، سىرتىدىن قارىماققا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغاندەك كۆرۈنىدۇ دەپ قارىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئالەم ھازىرقى ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ قالىدۇ، مەڭگۈ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ كىشىلەر ئالەم توختىماستىن كېڭىيىش جەريانىدا نۇرغۇن ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، كېڭىيىشتىن كېيىنكى زىچلىقى ھامان كېڭىيىشتىن ئاۋالقى زىچلىقى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن كېيىن بۇ نەزەرىيىگە قارىتا گۇمان بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بايقالغان ئالەم مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىلىرى مۇقىم ھالەتلىك ئالەم نەزەرىيىسىنى ئۈزىل- كېسىل ئىنكار قىلدى. ئالەمنىڭ ھازىرقىدىن كىچىك ھەم ئىسسىق چېغىدا رادىئاتسىيە چىقارغانلىقى، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى چوڭ پارتلاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
(ي. ئىبراھىم تەرجىمىسى)