ئىلياس قاسىم

ئورنى Wikipedia

ئىلياس قاسىم

(چەتئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)


ئەركىن سىدىق


مەن مەزكۇر يازمامدا يەنە ئۈچ يېڭى قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ئۈچ قېرىندىشىمىز پۈتۈنلەي باشقا-باشقا ساھەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كەسىپ قىلغان، شۇنداقلا باشقا-باشقا ئەللەردە ياشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆزى تاللىغان ياكى ئۆزى كىرىپ قالغان كەسىپنى ناھايىتى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشىپ، بۇيرۇلغان ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەن ئۇلارنىڭ ھايات ھېكايىلىرىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن ناھايىتىمۇ تەسىرلەندىم ھەم ئىنتايىن پەخىرلەندىم. مەن سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.


دوكتور ئىلياس قاسىم (ئاۋسترالىيە)


ئىنىمىز ئىلياس قاسىم 1969-يىلى كۇچار ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى شۇ يېزىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۇچار ناھىيەسى بويىچە ئىككىنچى بولغان. خىمىيەدە 96 نومۇر (ئۇ يىللاردا خىمىيە ئىمتىھانىنىڭ تولۇق نومۇرى 100 ئىدى) ئېلىپ، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. باشقا كەسىپتە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا خۇشاللىق بىلەن رازى بولۇپ، دەرسلەرنى ياخشى ئوقۇغان ۋە ئۇدا ئۈچ قېتىم كوجىما ياسۇنورى (Kojima Yasunori) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ 1991-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بەش يىللىق ئومۇمىي نومۇردا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولغان ۋە ئۈرۈمچىدە خىزمەت تاللاش ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش يولىنى تاللاپ، كۇچار ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ۋە شۇ مەكتەپتە خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنچە قوشۇمچە ئىتتىپاق كومىتېتى سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلى ئىلياس دەرس ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئوتتۇرىچە نومۇرى «ئاپتونوم رايون» بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان. ئۇ بۇ نەتىجىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۈچۈن خىمىيە تەكرارلاش ماتېرىيالى «خىمىيەدىن قىزىق نۇقتىلار» ۋە «خىمىيەدىن 90 نومۇر» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ چىقىپ، نەشر قىلدۇرغان. ئۇ كىتابلار ئاپتونوم رايون بويىچە تارقىتىلىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان. ئىنىمىز ئىلياس 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا-خىمىيەسى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. بۇ ئوقۇشتا ئۇنۋان ئېلىشنىڭ بىر مۇھىم تەلىپى بولغان تەجرىبە-تەتقىقات تەلەپلىرىنى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، خىتاينىڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللىرى، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قاتارلىق ژۇرناللاردا بولۇپ جەمئىي ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن «ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى»(2002-يىلى) ۋە «ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى» (2004-يىلى) ناملىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلارغا سۇنغان.

ئۇ 2006-يىلى «شىنجاڭ» مائارىپ نەشرىياتىغا تەكلىپ بىلەن يۆتكەلگەن ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون نەچچە پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىك خىزمىتىنى تاماملىغان. 2007-يىلى كورىيەگە دوكتورلۇق ئوقۇشقا بارغان. 2009-يىلى ئائىلىسى بىلەن ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېرىيال خىمىيەسى كەسپىدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋام قىلغان. سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا «ماتېرىيال خىمىيەسى ژۇرنىلى» (Journal of Materials Chemistry) ۋە «ئانئورگانىك خىمىيە» (Inorganic Chemistry) قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرگىلى ۋە بەزىلىرىنى ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ (بەزى نەشر قىلغۇچى ژۇرناللارنىڭ بەلگىلىمىسى سەۋەبىدىن ھەممە ماقالىلەرنى بىۋاسىتە تەمىنلەش مۇمكىن بولمىدى):


http://www.researchgate.net/profile/Ilyas_Qasim

https://sydney.academia.edu/IlyasQasim

ئىنىمىز ئىلياس قاسىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «يېڭى ماتېرىياللارنى لايىھەلەش، سىنتېزلاش، ئۇلارنىڭ ماگنىتلىق ۋە ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى خاراكتېرلەش، x نۇر دىفراكسىيەسى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ يېڭى ماتېرىياللاردىكى ئاتوملارنىڭ جايلىشىشىنى ياكى ماددا تۈزۈلۈشىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، تۈزۈلۈش-خۇسۇسىيەت مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ، تېخنىكىلىق ئىشلىتىش يوللىرىنى ئېچىشقا ئاساس يارىتىش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئىنىمىز ئىلياس دوكتورلۇق ئوقۇشىنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىدا باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە دەرسى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. 2013-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىدا ۋە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىلياسنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرگىلى بولىدۇ:


http://sydney.edu.au/science/chemistry/studying-chemistry/careers/profiles-postgraduate.shtml

ئىنىمىز ئىلياس دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا ئىلمىي دوكلات بەردى، ئالىملار بىلەن پىكىرلەشتى ۋە دوستلاشتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيەسى «ئەلا» بولۇپ باھالاندى. بۇ ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ:

http://ses.library.usyd.edu.au/handle/2123/10029

ئىنىمىز ئىلياس مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىق ئائىلىسى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇش ئاسان بولمىغىنى بىلەن، يەنىلا مۇمكىن بولىدۇ، ھەتتا ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارىتىشمۇ مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، سىز شۇنداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىنىڭىزدا سىز ۋە سىزنى قوللاۋاتقانلار تولىمۇ شېرىن بىر خۇشاللىققا ئېرىشىدىكەن. مەن يۇرتتىكى دوستلىرىمنى سېغىنىپ ھەر قېتىم تېلېفون قىلغىنىمدا، مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرغان دوستلىرىمغا، ئاددىي تۇرمۇشقا شۈكرى قىلىپ، بالىلىرىمنى ئوبدان بېقىپ، مېنى ھەر ۋاقىت قوللاپ كەلگەن ئايالىمغا، سەبىر بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرغان ئانامغا ۋە قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن گەرچە بالىلىرىمغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرەلمىسەممۇ، ھاياتتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسەتتىم. مەن تېخى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكىنىم يوق، مېھرىبان ئاللاھ ئارمان بىلەن تىرىشقان بەندىسىگە ھامان نەتىجە بېرىدۇ، دېگەن ئىشەنچ بىلەن يولۇمنى داۋام قىلىمەن. بۇ يولدا كۆپلىگەن دوستلىرىم بىلەن بىللە ماڭسام، دەپ ئارزۇ قىلىمەن. مەن ‹ئىنگلىز تىلى يېزىقچىلىقى› دېگەن كىتابىمنىڭ خاتىمىسىدە ئېيتقاندەك، بىز ئىنساننىڭ قۇربى يېتىدىغان نۇرغۇن ساھەدە باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتىمىز. بىز بۈگۈننى قەدىرلەپ، ئىشەنچ بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ ماڭايلى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل جاي!»

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى

دوكتور ئىلياس قاسىم ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى

(ئىنگلىزچە):


Journals:

1. Qasim and Blanchard et al. Impact of Cu doping on the structure and electronic properties of

LaCr1-xCuxO3. Inorganic Chemistry, 53(4), 2014, 2240–2247

2. Qasim and Blanchard et al. Soft ferromagnetism in mixed valence Sr1-xLaxTi0.5Mn0.5O3 perovskites. Dalton Transactions, 43, 2014, 6909 – 6918

3. Qasim and Blanchard et al. Structural and electronic properties of Sr1-xCaxTi0.5Mn0.5O3, Journal of Solid State Chemistry, 213, 2014. 293 – 300

4.Qasim and Kennedy et al. Stabilizing the orthorhombic perovskite structure in SrIrO3 through chemical doping, Journal of Materials Chemistry A, 2013, 1(42) 13357-13362

5. Qasim and Kennedy et al. Synthesis, structures and properties of transition metal doped SrlrO3. Journal of Materials Chemistry A, 1 (9), 2013 3127-3132.

6. Qasim and Blanchard et al. Ordered vs. Disordered perovskites; Structural studies of Fe-doped SrIrO3 and SrRuO3, Journal of Solid State Chemistry, 206,2013, 242-250

7. Qasim and Kennedy et al. Structural characterization of the perovskite series

Sr1-xLaxTi0.5Mn0.5O3. Journal of Solid State Chemistry, 200, 2013, 39-42.

8. Kennedy and Qasim et al. Synchrotron X-ray powder diffraction studies of structural phase transitions in perovskite oxides. Australian Journal of Chemistry, 65 (3), 2012, 229-235.

9. Qasim and Kennedy et al. X-ray absorption near edge structure and crystallographic studies of the mixed valence oxide SrRu0.8Ni0.2O3. Journal of Physics: Condensed Matter, 23 (43), 2011435401.

10. Kennedy, Qasim et al., Low Temperature Low temperature structural studies of SrSnO3, submitted to Journal of Physics: Condensed Matter

Note: Two more manuscripts (3d transition metal doped SrRuO3 and SrRuO3 – LaCrO3 series) are in the process of publication.


Conferences:

11. CAMS 2014, 3rd biennial conference of the Combined Australian Materials Societies, 26 – 28 November 2014, University of Sydney, Australia [A member of organizing committee]

12. 4th International Symposium on Structure-Property Relationships in Solid State Materials, 24 – 29 June 2012, Bordeaux, France [Talk].

13. A Joint Meeting of the Asian Crystallographic Association (AsCA), SCANZ and the BRAGG Symposium, 2 -6 Dec. 2012–Adelaide, Australia [Poster].

14. AINSE-ANBUG Neutron Scattering Symposium, 7 – 9 Nov. 2012, ANSTO, Lucas Heights, NSW, Australia [Poster].

15.Crystal 27 conference, 26 – 30 April 2011, Rotorua, New Zealand [Poster].

مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150313_chetel_uyghur3.htm