Jump to content

ئىلھام مۇكاپاتى

ئورنى Wikipedia

ئىلھام مۇكاپاتى (كرىل:Илһам Мукапити؛ قازاقچە: Ильхам Сыйлығы؛ رۇسچە: Премии Ильхам)، قازاقستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان تۇنجى مىللىي مۇكاپات. 2000 - يىلى يولغا قويۇلغان.

تارىخچە

[تەھرىر]

ئىلھام مۇكاپاتى قازاقستاننىڭ تۇنجى پرىزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن دۇنيا بازىرىغا رېقابەتچى مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىلغار سىياسەتلەرنى قوللاش مەقسىتى بىلەن 1999 - يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتچى پۇقراۋى ۋاقىف (فوند) «سانائەتچىلەر، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئەمگەكچىلىرى جەمئىيىتى» تەرىپىدىن يولغان قويۇلغان. نۇرغۇن رەسمىي تىجارەتچى، يەككە ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تىببىي خادىملارنىڭ ئورتاقلىقىدا قۇرۇلغان بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس نىزامنامىسى بار بولۇپ، بەلگىلىك مەقسەت ۋە نىشانلىرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۇچۇر - تېخنىكا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى سۇنۇش، ئۇلارغا مەۋجۇد قانۇن - نىزاملارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي - مەدەنىي ھەق - ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردۇر. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ۋەتەنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بانكىلاردىن قەرز ئېلىشىغا ياردەم بېرىش، ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈمسىز قەرز بىلەن تەمىنلەش، ئالىي ۋە مەخسۇس مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى ئىقتىسادىي قوللاش، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قوللاش، شۇنداقلا ھەرخىل خەير - ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلار. فوند قۇرۇلغاندىن بۇيان ئ‍ۆز مەجبۇرىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزچىل ئادا قىلىپ كەلمەكتە.[1][2]

2000 - يىلى بۇ فوندى جەمئىيەت قارمىقىدا BeNT پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى دىلمۇرات كۇزىيېفنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر ساقلىقنى ساقلاش كۇلۇبى قۇرۇلدى. بۇ كۇلۇب يەنە مۇستەقىل قازاقستاننىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. كۇلۇب باشلىقى دىلمۇرات كوزىيېفتۇر.[1]

«ئىلھام» مۇكاپاتى باشتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەربابلىرىغا بېرىلگەن بولۇپ، كېيىنچە قازاقستاندا باشقا مىللەتلەرگىمۇ بېرىلىشكە باشلىغان يۈزلىگەن مىللەتكە تەۋە نۇرغۇن زىيالىيلارغا تارقىتىلىپ، قازاقستان مىقياسىدا مىللەتلەرئارا دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق رىشتىسىنىڭ سېمۋۇلىغا ئايلانغان.[1][2]

2010 - يىلىغىچە «قول ھۈنەرۋەنلەر، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى جەمئىيىتى» 67 قانۇنىي ۋەكىل ۋە 360 كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، 57 مىڭ ئىشچىنى بىرلەشتۈرگەن.[1]

دەسلەپكى يىللاردا ئىلھام مۇكاپاتى تىياتىر، مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن، مۇزىكا، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات قاتارلىق بەش تۈردە تارقىتىلدى. كېيىنچە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەنتەربىيە، ئىلىم - پەن ۋە تىنچلىق ۋە مىللەتلەرئارا ئىناقلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت يەنە ئۈچ تۈر قوشۇلدى.[1]

مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تاللاش ھەربىر ساھە ئ‍ۈچۈن ئىنچىكە ئېلىپ بېرىلىدۇ. كەسىپ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇستەقىل باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزالار كۆرسىتىلگەن ھەربىر شەخسنىڭ ئاخىپ بەلگىلىرىنى تەكشۈرۈپ، مەخپىي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى بېكىتىدۇ. ئاخىرىقى قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىدۇ.[1]

تۈرلۈك كرىزىسلاردىن قەتئىنەزەر فوندى جەمئىيەت مۇكاپات تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇنداقلا مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدىن باشقا نۇرغۇن خەير - ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، مەسچىت ۋە چېركاۋ، مەكتەپلەر ۋە يېتىم - يېسىرلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلدى.[1]

ئادەت بويىچە ھەر ساھە «ئىلھام» مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھەر يىلى 4 - ۋە 5 - ئايلاردا ئېلىپ بېرىلماقتا. باھالاش ئ‍ۆمىكىنىڭ سوڭغى قارارى شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.[1]

2011 - يىللىق ئىلھام مۇكاپاتىنىڭ ئىگىلىرى

[تەھرىر]

2011 - يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئالمائاتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

«ئەدەبىيات» تۈرى: 1 - قاسىمخان بېگمانوف، 2 - مولۇتجان توختاخۇنوف؛

«ئىلىم-پەن» تۈرى: 1 - شېرئەلى قادىروف، 2 - ئۇلىخان جۇماشوۋ؛

«خەلقئارا ۋە دىنلار ئارا ئىناقلىقنى ۋە تىنچلىقنى كۈچەيتىشكە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى ئۈچۈن»: 1 - يېرلان ئارىن.

«مۇزىكا» تۈرى: 1 - ئازاتىم بۇرخانوف، 2 - ھەبىبۇللا سېتېكوف؛

«سەنئەت» تۈرى: 1 - يوق. 2 - قۇرمانغالى قادىروف، گ. زاكىروۋا ۋە ۋ. ۋاجىتوۋا.

«تىياتىر» تۈرى: 1 - «شەۋكەت شوۋ» تىياتىرى، 2 - نۇرئالىم ۋارىسوف.

«مائارىپ» تۈرى: 1 - رىزۋانگۇل ئىلياسوۋا ۋ ئارداق قىرىقباي، 2 - شاۋدىن كابىروف؛

«تەنتەربىيە» تۈرى: 1 - رەھىمجان سىدىقوف، 2 - ۋە 3 - ئالىك جەلىلوف ۋە دىلنۇر ئىسمائىلوۋا

ئۇندىن باشقا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى خەلق سەنئەتكارلىرى گۈلۋىرا روزىيېۋا ۋە روزا رىمبايېۋا «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ئونىنچى يىل ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.[3]

مەنبە(لەر)

[تەھرىر]
  1. 1 2 3 4 5 6 7 8 ئىلھام مۇكاپاتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟ ناملىق (قازاقچە) ماقالە، 2025-02-12 كۈنى مۇقىمدالدى.
  2. 1 2 «ئىلھام» مۇكاپاتى ئىگىسىنى تاپتىناملىق (قازاقچە) ماقالە، 2025-02-12 كۈنى مۇقىمدالدى.
  3. ئىلھام مۇكاپاتى بېرىلدى ناملىق (قازاقچە) ماقالە، 2025-02-12 كۈنى مۇقىمدالدى.