Jump to content

ئىل ئۆگەسى

ئورنى Wikipedia

ئىل ئۆگەسى (لاتىن: Il ügäsi؛ خەنچە:頡于迦斯Xié Yu jiā sī؛ ؟—؟) ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن باش ۋەزىر ۋە بۈيۈك سانغۇن. ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان، كۈلۈك باغا قاغان ۋە ئاي چور قاغان قاتارلىق ئۈچ بوغۇن قاغانلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان. ئىل ئۆگەسى: ئەل ئۇلۇسنىڭ مەسلىھەتچىسى دېمەكتۇر. باش ۋەزىرلىك ئۇنۋانى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىسمى بىلىنمەيدۇ.

كەچمىشى

[تەھرىر]

ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان زامانىسىدا (779-789) ئىل ئ‍ۆگەلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. 780 - يىل جەنۇبتىكى تاڭ دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلەردىن قاغان تاغىسى ياغلاقار تۇ دۇن، ئەتمىش، چوڭ بۇيرۇق ۋە كىچىك بۇيرۇقلار توققۇزغۇز (سوغدىلار) نىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن جېنۋۇ ھەربىي ئەلچىسى جاڭ گۇاڭشېڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. 781 - يىلى ئىل ئۆگەسى قاغانغا ۋاكالەتەن تاڭ ئوردىسى ئىبەرگەن ئاتاق بەرگۈچى بەگ يۈەن شيۇنى قوبۇل قىلدى. يۈەن شيۇ تاڭ پادىشاھىنىڭ يارلىقىغا قوشۇپ تۆرت كىشىنىڭ جەسىتىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئىل ئۆگەسى يۈەن شيۇنى جىنايەت ئەيىبى بىلەن قولغا ئېلىپ 50 كۈن قاماققا تاشلىدى. ئەمما قاغان يۈەن شيۇنى كەچۈرۈم قىلىپ قويۇپ بەردى ۋە سەمەرقەندلىك گېنېرال سانجى قاتارلىقلار بىلەن بىللە تاڭ سارىيىغا يولغا سالدى.

789 - يىلى 12 - ئايدا ئالپ قۇتلۇق بىلگە قاغان ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى تولوس كۈلۈك بىلگە قاغان ئۇنۋانى بىلەن تەختكە ۋارسلىق قىلدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار غەربىي جەنۇبتا تۈبۈتلەر بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە ئىدى. 789 - (جېنيۈەن 5 -) يىلى تۈبۈت، ئۈچ قارلۇق ۋە ئاق تۈركلەر (ئاقكۆز ياكى ئاق كىيىملىك تۈركلەر) بىلەن بىرلىكتە بەشبالىققا ھۇجۇم قىلدى. تاڭ گېنېرالى ياڭ شيگۇ كۈلۈك باغا قاغان تولوس ئىل ئۆگەسىنى تۈبۈتلەرگە قارشى ئۇرۇشقا يوللىدى. 790 - (جېنيۈەن 6 -) يىلى مايدا، بەشبالىق قولدىن كېتىپ، ياڭ شيگۇ 2000 چېرىكنى باشلاپ قوچۇغا (شيجوۋ) چېكىنىپ كەتكەن. شۇ يىلى كۈزدە، ئىل ئۆگەسى تۈمەن كىشىلىك قوشۇن باشلاپ قايتا ھۇجۇمغا كەلدى، ياڭ شىگۇمۇ قوچۇدىن ھۇجۇم باشلىغان. ئۇرۇشتا ئىل ئۆگەسى ۋە ياڭ شىگۇ ئىككىسى تۈبۈت ناڭلام تارا لۇخوڭ تەرىپىدىن تارمار قىلىندى. تالاپەت ئېغىر بولدى. ياڭ شىگۇ قوچۇغا قېچىشنى ئويلاپ تۇرغاندا، ئىل ئۆگەسى ياڭ شىگۇنى ئۆزىنىڭ چېدىرىغا چاقىرىپ ئۆلتۈردى. بۇ ئەسنادا قارلۇقلار شېنتۇ دەرياسىغا (深图川) قىستاپ كەلگەندە، ئىل ئۆگەسى ئوردۇسىنى ۋە ئارقا سەپنى كۈنگەي (جەنۇب) قا يۆتكىدى. 6 - ئايدا ئوردۇبالىققا قايتتى. ئۇ يولدا چاغدا كۈلۈك باغا قاغان ئىنىسى تەرىپىدىن ئ‍ۆلتۈرۈلدى. ئىككىنچى ئىل ئۆگەسى (ۋەزىر) قاغاننىڭ ئىنىسىنىڭ قاغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، كۈلۈك قاغاننىڭ ياش ئوغلىنى ئاي چور قاغان قىلىپ تىكلىدى. ئىل ئۆگەسى يېڭى قاغانغا بەيئەت قىلىپ، بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۈچۈن ھەمدەرتلىك بىلدۈردى.

مەنبەلەر

[تەھرىر]