ئىمام ئەبۇ يۈسۈف

ئورنى Wikipedia

ئىمام ئەبۇ يۈسۈف (الإمَامُ أَبُو يُوسُف يَعْقُوب بْن إِبْرَاهِيم الأَنْصَارِيُّ الكُوْفِيُّ): يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئەلئەنسارىي ئەلكۇفىي. (ھ. 113 – 182 / م. 731 – 798) مۇھەددىس ۋە مۇجتەھىد فەقىھ. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ۋە ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئىككىنچى ئىمامى. تۇنجى بولۇپ «قازىلقۇزات (باش قازى)» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دۆلەت مالىيەسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن «ئەلخەراج» ناملىق كىتابىنى يازغان. يەنە فىقھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە باشقا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.