ئىمام نەسائى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئىمام نەسائىي)

ئىمام ئەھمەد ئىبنى شۇئەيىب ئەننەسائىي (أَحْمَدُ بنُ شُعَيْبِ بنِ عَلِيٍّ بن سنان النَّسَائِيُّ) رەھىمەھۇللاھ: ئەھمەد ئىبنى شۇئەيب ئىبنى ئەلى ئىبنى سىنان ئەننەسائىي (ئەبۇ ئابدۇرراھمان). (ھ. 215 – 303 / م. 830 – 915). بۈگۈنكى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتىن 18 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەدىمىي نەسا شەھرىدە تۇغۇلغان. قازى، مەشھۇر مۇھەددىس. مەشھۇر «كۇتۇبۇ سىتتە» (ئالتە كىتاب) ئىچىدىكى «تۆت سۈنەن» ھەدىس كىتابلىرىنىڭ بىرى «سۈنەنۇ نەسائىي» دەپ تونۇلغان «ئەلمۇجتەبا (ئەسسۈنەنۇسسۇغرا)»نىڭ، يەنە «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، «ئەززۇئەفاﺋ ۋەلمەترۇكۇن (زەئىف ۋە رىۋايىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان راۋىيلار)» ۋە «تەفسىر» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.