ئىممۇنىتېت كۈچى

ئورنى Wikipedia

ئىممۇنىتېت كۈچ بولسا بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش فۇنكسىيەسى بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ سىرتتىن بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەرقانداق ماددا‹باكتېرىيە، ۋىرۇس›، بەدەندىكى زەئىپلەشكەن، يارىلانغان، ئۆلگەن، ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەرنى تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، بەدەندىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر ۋە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

ھازىرقى زامان ئىممۇنىتېت ئىلىمىنىڭ قارىشىچە، ئىممۇنىتېت كۈچ بولسا «يات ماددىلارنى تونۇش ۋە چىقىرىپ تاشلايدىغان فزولوگىيەلىك ئىنكاسنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندە بۇ خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇردىغىنى بولسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى. نەچچە يۈز يىل مابەينىدە، ئىنسانلار ھەم ياشاشقا ماس كېلىدىغان ھەم خەتەرگە تولغان مۇھىت ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە، ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ياشىشى ئۈچۈن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى زور. شۇڭلاشقا ئىممۇنىتېت كۈچى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ھاسىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.