ئىمىن

ئورنى Wikipedia

ئۈچىنچى ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن (1711-يىلىىدىن 1740-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان).كاڭشىنىڭ 50-يىلى(1711-يىلى) گوپا بەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئىمىن 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىككە ۋارىسلىق قىلىدۇ.

كاڭشىنىڭ 54-يىلى (1715-يىلى) نىڭ بېشىدا سېۋىن ئارۇبدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ئوردا قوشۇنىنى باشلاپ ، قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنىدىكى تۇرغاق بەگ پەن جىنشەن باشچىلىقىدىكى 200نەچچە چىڭ ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، شەھەرنىڭ جەنوپ تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ. سۇجۇنىڭ باشبۇغى لۇجېنشېڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ زور قوشۇن باشلاپ ياردەمگە كېلىدۇ. سېۋىن ئارۇبدان بۇنى ئاڭلاپ بەدەر تىكىۋېتىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە چىڭ قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىنىڭ 90 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادىمىنى تىرىك تۇتۇۋالىدۇ. كاڭشى خان ئىمىن ۋاڭ ، پەن جىشەن ۋە ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارلارغا 15 مىڭ سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىدۇ ھەم ئۇرۇش تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان پۇقرالارغا ئاشلىق، قوي، كالا ياردەم قىلىدۇ.ئەسىرلەرنى يالاپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغان سۇمۇن زەڭگى زۇپەر قاتارلىقلارغا تون، تاۋار-دۇردۇن، كىيىم-كېچەك ئىنئام قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كاڭشى خان ھەمىشە ئاز ئادەم بىلەن كۆپ ئادەمنى يېڭىشتەك بۇ جەڭ مىسالى ئارقىلىق جۇڭغارلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە جايلاردىكى مۇداپىئە قوشۇنلىرىغا ئىلھام بېرىدۇ.

چىڭ ھۆكۈمىتى سېۋىن ئارۇبداننىڭ قۇمۇلغا يەنە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قىسىملىرىنى كۆپەيتىدۇ. ئەمما قاتناشنىڭ قولايسىزلىقىدىن قوشۇن ئوزۇق -تۈلۈكتىن قىسىلىپ قالغاندا، ئىمىنۋاڭ ئۆزىنىڭ زاپاس ئاشلىقى ۋە مال-چارۋىلىرىنى چىڭ ئەسكەرلىرىگە ئارىيەتكە بېرىدۇ. كاڭشىنىڭ 57-يىلى (1718-يىلى) ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر تۈركۈم دېھقانلارنى تاشۋېلىققا (تالناچىنغا) بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. كېيىنكى يىلى 600دادەندىن ئارتۇق ئارپا يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەممىسىنى يوقىرىغا تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق مۇداپىئە قوشۇنى ئوزۇق-تۈلۈكتىن قىسىلىپ قېلىشتەك قىيىن ۋەزىيەت ئوڭشىلىدۇ. قومۇلنىڭ ۋەزىيىتىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەل-پەل ياخشىلىنىدۇ. كاڭشىنىڭ 61-يىلى (1722-يىلى)ئىمىن ۋاڭ قۇمۇللۇق ئۇيغۇرلاردىن 400 كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۇ يەرنىڭ شارائىتىغا كۆنەلمىگەنلىكتىن، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار يەنە تالناچىنغا بېرىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ. يۇڭجېڭنىڭ 5-يىلى (1727-يىلى) 2-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى ئىمىن ۋاڭنى " تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى، ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ، قوشۇنىمىزغا ياردەم بەردى، ئالاھىدە مۇكاپاتلاشقا ئەرزىيدۇ" دەپ ، ئۇنى 1000 سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ ھەم "دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ" دىگەن ئۇنۋان بېرىدۇ. تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتناشقان 400دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دىھقانمۇ مۇكاپاتلىنىدۇ. يۇڭجېڭنىڭ 7-يىلى (1730-يىلى) 12-ئايدا ئىمىن ۋاڭغا "خوشۇن بېيزى" دەپ نام بېرىلىدۇ.

يۇڭجېڭنىڭ 10-يىلى (1732-يىلى) 1-ئايدا، جۇڭغارلار 6000دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن قۇمۇلغا يەنە قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا، قۇمۇلدا ئاران 2000دىن ئارتۇق ئەسكەر بولۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش تەس ئىدى. نىڭيۈەننىڭ باش سانغۇنى يۆجۇڭچى باشبۇغ ساۋشىياڭ بىلەن مۇئاۋىن باش چېرىكچى جى چېڭبىن قاتارلىقلارنى 7000دىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. جۇڭغار قوشۇنى تولۇق يوقىتىلمىغان بولسىمۇ، قۇمۇلدىكى ھەربى ۋە خەلق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقتىن، يەنىلا ناھايىتى زور غەلبە قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى جەڭگە قاتناشقان ھەربى ۋە خەلققە ئالاھىدە 5000سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 10مىڭ سەر تەڭگە ئاجرىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇشتا تارتقان ئىقتىسادى زىيىنى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ.

   يۇڭجېڭنىڭ 12-يىلى (1734-يىلى) ئىمىن ۋاڭ ئوردىنىڭ پىششىق يېرىدىن 4000مو يەرنى چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تېرىپ يىيىشىگە بېرىدۇ. پادىشاھ شىزۇڭ قۇمۇل دېھقانلىرىغا بولغان غەمخورلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، يەنە بىر پارچە ئاقيەرنى ئىمىن ۋاڭغا ئايرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ھۆكۈز، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ئۇرۇقلۇق ئىنئام قىلىپ، دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. يۇڭجېڭنىڭ 13-يىلى(1735-يىلى) 5-ئايدا، سېۋىن ئاررۇبداننىڭ چوڭ ئوغلى غالدان سېرىن چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن يارىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قۇمۇل ئەتراپى ، قۇمۇل ئەتراپى ۋاقتىنچە تىنجىلىدۇ. بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇلدا 5000 كىشلىكلا قوشۇن قالدۇرۇشنى، بارىكۆلدە تۇرۇۋاتقان زور قوشۇننى ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىشنى قارار قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە  قۇمۇلدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلش خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ،200مىڭ دادەندىن ئارتۇق ئېھتىيات ئاشلىقى بار ئىدى. ئۇ تەمىنلەشكە تولۇق يېتەتتى. زور قوشۇن ئىچكىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن،ئېشىنچا ئاشلىق تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئىمىن ۋاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. چىيەنلوڭنىڭ تۇنجى يىلى (1736-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئاشلىق ئىجارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەمدە ئىمىن ۋاڭ قاتارلىقلارغا كۆپلەپ تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ.

چىيەنلوڭنىڭ 4-يىلى (1740-يىلى) 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىمىن ۋاڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى 1000سەر تەڭگە ئاجرىتىپ قۇمۇلدا تۇرۇۋاتقان ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ زەڭگىسىنى تەزىيە بىلدۈرۈپ،ھال سوراشقا بۇيرۇيدۇ. ھەمدە ئىمىن ۋاڭنىڭ خوتۇنىغا كۈمۈش - تەڭگە ئىنئام قىلىپ ھال سورايدۇ. ئىمىن ۋاڭ ئاتىسىنىڭ ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىنكى ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىپ ھەربىيلەرگە ياردەم بېرىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 20 يىل ئىچىدە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنلىرىغا نۇرغۇن ياردەم بېرىدۇ. ئىمىن ۋاڭ ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، خاننى زىيارەت قىلىدۇ. بىرىنچى قېتىم كاڭشىنىڭ 51-يىلى(1721-يىلى) 8-ئايدا، ئىككىنچى قېتىم يۇڭجېڭنىڭ 6-يىلى (1729-يىلى)12-ئايدا بېرىپ، بېيجىڭدا ئىككى يىل تۇرۇپ قايتىدۇ.