Jump to content

ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن

ئورنى Wikipedia

ئىمىن ئەھمىدى شېئىرلىرىدىن


قەھۋە ئىچىش

ئىمىن ئەھمىدى


قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار،

ئۇخلىمىغان ئىكەن قوتاندا بىر كېچە سەكرەپ.

مەنمۇ بىر كۈنى سەنيادا بىر قىز بىلەن،

قەھۋە ئىچتىم قويلار ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ.


ئ‍ۇمۇ شۇ ئاخشىمى ئ‍ۇخلىيالماپتۇ،

قويسىمۇ ئانىسى يوتقانغا چۆمكەپ.

ئەتىسى كۆرۈشكەندە سۈرەپلا ماڭدى،

«خالىي بىر جاي تېپىپ قەھۋە ئىچسەك» دەپ.


ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى تالاي ئاخشامنى،

كۆڭلىدىكى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ.

ياشىسىمۇ بولغىدەك ئادەم ئاشۇنداق،

ھەممە قىلغۇلۇقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ.


(يەنە بىر نۇسخىسى:)


قەھۋە

ئىمىن ئەھمىدى


قەھۋە يوپۇرمىقىنى يەپ سالغان قويلار،

ئوخلىمىغان ئىكەنمىش قوتاندا سەكرەپ.

بىر كەچ تۈرك قىزى بىلەن قەھۋە ئىچتۇق،

خىلۋەت چايخانىدا ھېكايە سۆزلەپ.

ھېرىش يوق، گەپ بىلەن تۈگىدى ئاخشام

قايتىپ كەتتۇق ئۆيگە ۋاقىتنى خەپلەپ.

ئەرتىسى ئۇچراشتۇق، سۆرەپلا ماڭدى

يەنە تۈنۈگۈنكىدەك قەھۋە ئىچسەك دەپ.

ئۇ شۇنداق ئۆتكۈزدى نەچچە ئاخشامنى

جىمى قىلىقنى لېۋىگە يۆتكەپ.

ياشىسىمۇ بولغۇدەك ئادەم شۇ يەڭلىغ

ئويۇن-چاقچاقنى قەھۋەگە دۆڭگەپ...


پامۇك قەلئە

ئىمىن ئەھمىدى


پامۇك قەلئە، ئۇيغۇرچە پاختا قەلئە،

قاردەك ئاقلىقىدىن كەلگەن نام.

شۇنچە سۈزۈك، شۇنچە بىغۇبار

ھۆسنىگە تەبىئەت ئىبەركەن ئىنئام.

قىيالىرى يىپەك ياپقاندەك،

كۆلچەكلىرى مەيگە تولغان جام.

ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان تاشلار

تىك تۇرغىنى تارىختەك يىمىرىلمەس تام.

ۋۇجۇدۇمغا نەرە تارتىپ كىردى ئەسلىمە

خىيالىمنى قىلىۋالدى رام.

زەيتۇن چىشلەپ ئۆتۈپ كەتتى بىر توپ كەپتەر

نوھنىڭ كېمىسىنى قىلغاندەك دام-دام...


دېڭىز

ئىمىن ئەھمىدى


ئۇپۇق كۆرۈنىدۇ، نىشان كۆرۈنمەيدۇ،

غۇر - غۇر شامال، تۇمان كۆرۈنمەيدۇ.

سۇنغان نۇر سۇ يۈزىدە مارجان ئەينى

چايكا كۆزىگە مارجان كۆرۈنمەيدۇ.

قۇياشلىق كۆكتە ھايات شەۋقى،

يالغۇز يەلكەنگە ئەپغان كۆرۈنمەيدۇ.

كىچە پايانسىزلىق جانغا ۋەھىمە،

لېكىن ھېچنەرسە سەرسان كۆرۈنمەيدۇ.

يىراق - يىراقلاردا مەۋھۇم ئالۋۇن،

دولقۇن قوينىدا گۈلخان كۆرۈنمەيدۇ.

سەيياھ قانىتىغا ئىشەنچ ھەمراھ،

گەرچە يېنىدا كارۋان كۆرۈنمەيدۇ.

ئەركىنلىك دېگەن شۇنداقمىكىن تاڭ،

نە پادىشاھ، نە خان كۆرۈنمەيدۇ.

دېڭىزنىڭ قەلبىدە ئۆھسىنىش

چايكىدىن باشقا جەۋلان كۆرۈنمەيدۇ.


مەن كۆرگەن خارابىلار

ئىمىن ئەھمىدى


لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار

ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم.

سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي

شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم.

دىۋارلارنىڭ ئۈزىلا ئۆچمەس يېزىق

كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب.

تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۈزى

يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ.

ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق

ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ.

كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە

بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت .

ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ،

تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ.

بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس

بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ.

يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا،

ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ.


لىجياڭ دەرياسى

ئىمىن ئەھمىدى

1

تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟

بىر - بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس.

چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت

مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس.

بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى

چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس.

چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ

بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس

بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس.

2

سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى

قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش.

كۆكسۈڭ كەيى يۇمشاق ئېدىرلار،

رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش.

يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال،

قويدى خىيال قىرغىقىغا باش.

ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق،

تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش.

3

تىلسىم سۈپەت دالالار .قوينى،

سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە.

شىلدىر- شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار،

باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە.

غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ،

ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە.

تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ،

يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟

4

قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى،

كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال.

قىيا باققان بېلىقچى قىزلار

نىگاھىمنى ئەيلېدى مالال

دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ

قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال.

ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ،

گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال.

5

كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە،

ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان.

تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ،

مىسرالاردىن ياسايمەن خامان.

قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق،

ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان.

داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم،

ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان.

6

شاۋقۇ‌ن سالماي ئاقىسەن جىمجىت،

ھە‌ر تامچاڭدا جە‌ننە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌م.

سىنى كۆرۈپ زە‌مزە‌م بولدۇ

زە‌ڭگە‌ر كۆكتىن كە‌لگە‌ن قە‌ترە ھە‌م.

ھە‌ممىمىز تە‌ڭ يارالغان تۇرۇ‌پ

سىنى باشقا بىلگە‌نمۇ ئىگەم؟

قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ،

قە‌لبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نە‌م.

7

كۆپ نەرسەمنى ئىلىپلا ئالدىڭ،

بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تە‌س.

كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن،

ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋە‌س.

نومۇ‌سىمنىڭ بە‌رگىدە شە‌بنە‌م،

زۇ‌مرە‌ت يوللار تۈگىگە‌ن ئە‌مە‌س.

قانلىرىمدىن ئۇرغۇ‌يدۇ قەسە‌م

ئۆرتە‌ندىممۇ شۇ‌نىڭ ئۆزى بە‌س!

بۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌جە‌ب مۇ‌قە‌ددە‌س...


گۈيلىن، گۈيلىن!

ئىمىن ئەھمىدى


1

گۈزەللىكىڭ ئالەمدە يەككە،

شۇ ۋەج باقماي كەلدىم بۆلەككە.

بوسۇغاڭغا پۇتۇمنى قويسام،

ئوت كەتكەندەك بولدى يۈرەككە.

نە ئايرىلىش ھەتتا بىر زامان

سېغىنىشنى ئورىدىڭ دەردكە.

بۈگۈن كۆرۈپ چېھرىڭنى جانان،

ھۆرمەت ئارا ياندىم ئەدەبكە.

ھاياجاندا قەلەم سەۋدايى،

چاپىمەن دەپ كىرمەيدۇ گەپكە.

قارىغىنا، قانمۇ، سىياھمۇ،

تېمىۋاتقان شاھانە بەتكە!

سەن جەننەتمۇ ۋە ياكى مەككە؟


2

تاغلىرىڭنى تەڭرىتاغ دېسەم،

تەلەپ قىلدىڭ باشلىرىڭغا قار.

بىلمىدىڭمۇ بېغىڭدا بۇ دەم،

سەن سۆيۈنگەن قارنىڭ رەڭگى بار.

ئىككى پەسىل قەلبىدە بىر ئوت،

بىر تۇپراقنىڭ ئىشقىدا ياتار.

ئىككى زىننەت باغرىدا بىر يۇرت،

بىر يۈرەككە ئەبەد ئىپتىخار.

كۈمۈش لىباس دىلنىڭ پاكلىقى،

يېشىللىقنىڭ سۆيگۈ بىغۇبار.

يېشىل ساقلا بوستانلىرىڭنى،

بولۇۋەرسۇن كۆكسۈڭدە باھار.


3

بۇلۇق ئۆسكەن شېكەر قومۇشلۇق،

قوناقلىققا، قوناققا رەڭداش.

قىر ئارىلاپ كۈلۈشكەن قىزلار،

خىيالىمغا تاشلىۋەتتى تاش.

ياپراقلاردا ئۇخلايدۇ شەبنەم،

مەيىن شامال شاخلارغا مۇڭداش.

يىلتىز ئارا گۈپۈلدىگەن نەم،

ئارزۇيۇمنى قىلىپ قويدى پاش.

بايان قىلغىن، تاتلىقلىقىڭنى،

بەرگەن يەرمۇ ۋە ياكى قۇياش.

شولىلارنى يامراتقان دىلدا

ئاي يۈزۈڭمۇ، سۆزلە قەلەمقاش؟


4

رەڭ تاغلىرى، «رەڭلەر دۆۋىسى»،

ئۆزۈڭمۇ سەن ھەسەن - ھۈسەنگە.

گە‌ر ياق دېسەڭ ئالەم ئىگىسى،

يان باسقانمۇ رەڭدار چىمەنگە.

تۇغ - ئەلەمنىڭ جەۋلانلىرى بار،

چۈشكەن كەبى يىگىتلەر جەڭگە،

تارقىتامتىڭ ياكى بىر ئۆزۈڭ،

گۈزەللىكنى ھەر بىر قەدەمگە.

قانداق ئىش بۇ جېمى گۈزەللىك،

يىغىلغىنى بىرلا بەدەنگە!

يۈرىكىمنى قوشۇپ قويساڭچۇ،

كۆكسۈڭدىكى قىپقىزىل رەڭگە؟


5

قۇچىقىڭدا «قومۇش نەيلىك غار»،

بوغۇم-بوغۇم خۇددى قومۇش نەي.

تاش ئارىلاپ ئۆسكەن بىر گىياھ،

تەمەنناسىز كۆزگە كۆرۈنمەي.

نەي ئاۋازى غارنىڭ ئاۋازى،

ئايرىماق تەس، چىقار ئۈزۈلمەي.

گويا يىلنىڭ قىشى ۋە يازى،

ئەتكەن كەبى ئەسرنى ئەللەي.

پەرىشتىلەر تۇتقاندەك قەدەھ،

دىۋارلاردىن تۆكۈلىدۇ مەي.

بىر ئاھاڭغا كۆڭلىنى قوشۇپ،

كىم قالدۇرغان ئىچىپ تۈگەتمەي؟!


6

بولدى مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركەم،

ئاسمىنىڭدا كۈلگەن تولۇن ئاي.

شەرەت قىلىپ يۈرگىلى نە كەم...

پەرىلىرىڭ تۇتۇپ يېڭى چاي

قوينۇڭ كەڭرى قۇچىقىڭ ئاندىن،

تۇرۇپ كەتتىم گىرە سالالماي.

چىللاپ كەلدىڭ، لېكىن بەرمىدىڭ،

مۇڭدىشىشقا بىرەر پاناھ جاي.

كەلمىگەندە ھېسلىرىم تەكشى

غۇرۇرۇمنى سىنىدىڭ تالاي.

بىر گەپ قىلغىن، ۋاپاسى چەكسىز،

يارىڭ بولۇپ يېنىڭدا قالاي.


7

چەشمىلىرىڭ ئويقۇسىز دائم،

جىرىڭلايدۇ كۈمۈش قوڭغۇراق.

بوشلۇق بىلەن سۆزلىشەمدىكىن،

شىلدىر - شىلدىر قىلىدۇ ياپراق.

تىنىم تاپماس قۇشلار ئاۋازى،

لەۋدە مەڭىز، ئېغىزدا قۇلاق.

تەبىئەتنىڭ چېھرىدە ياشلىق،

غۇنچىلاردا ھەر تاڭ بىر پىراق.

تاغلار كېلىپ سۇنى سۆيىدۇ،

كىمدە سۆيگۈ، كىمگە ئىشتىياق.

ئىزدەپ كۆرسەڭ پىنھان ماكان يوق،

ھايات ئويغاق، مۇھەببەت ئويغاق.


1991 - يىل 11 - ئاي،

گۈيلىن


ئىلتىجا

ئىمىن ئەھمىدى


چىقار ئانا ھېجىر قاچاڭنى،

يەنە بىر رەت ئۇماچ ئېتىپ بەر.

بۆشۈكۈمنى تەۋرىتىپ بىردەم،

ئەللەي-ئەللەي قوشاق قېتىپ بەر.


ساپال چىراغ نەلەردە قالدى،

پىلىك سېلىپ قايتا يېقىپ بەر.

ئۇنتۇماپتۇ بالام مېنى دەپ،

دەريا-دەريا بولۇپ ئېقىپ بەر.


مەينەت كەلدىم شاۋ-شۇۋ شەھەردىن،

پاكىزلىناي ئېرىق چېپىپ بەر.

بىر كەملىك بار مېنىڭ كۆڭلۈمدە،

بەختىم ئۈچۈن شۇنى تېپىپ بەر.


مەھەللەمگە مۇھەببەت

ئىمىن ئەھمىدى


مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن،

گەرچە ئۇنىڭدا ئېگىز بىنا يوق.

سۈيىدە ئېقىپ،ئوتىدا كۆيىمەن،

پاكار ئۆيلەردە تاغدەك ئۇلۇغلۇق.


مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن،

مەن ئۇنىڭ مېھرىگە كۆنۈپ قالغان.

ئانامنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېلىكىنى،

دادام سۈزۈپ بېرىپ كۆيۈپ قالغان.


مەن بۇ مەھەللىنى ياخشى كۆرىمەن،

قىرلىرىدا كاككۇك قونغان تال.

دەل مۇشۇ مەھەللىنىڭ قىزى ئىدى،

قىزلىرىمغا ئانا بولغان بىر ئايال…


گۈل ئوغرىسى

ئىمىن ئەھمىدى


باشتا بىر تال گۈلنى ئۈزۈپ كەتتىم،

تۆت ئەتراپىمغا قاراپ ئاۋايلاپ.

كېيىن تەشتەك بىلەنلا كۆتۈرۈپ كەتتىم،

دېرىزەمگە قوندى قۇچقاچلار سايراپ.


ئوغرى ئالغان مالنى ئەزەلدىن،

مالنىڭ ئىگىسى كېلەتتى ئىزدەپ.

ساقلاپ باقتىم ئېرىنمەي نەچچە كۈنگىچە،

گۈلنىڭ ئىگىسى كېلىپ تۇتۇۋالسا دەپ.


سەۋر دېگەننىڭمۇ چېكى بار ئىكەن،

يېرىلغۇدەك بولدۇم ئىچىم پۇشۇپ.

ئەمدى گۈلنىڭ ئىگىسى كەلمىسە ئەگەر،

ئوغرىلاپ كېلىمەن ئۇنىمۇ قوشۇپ...


2020-يىل 6-ئاي، قەشقەر


سەرگەردانلىق

ئىمىن ئەھمىدى


ھەسرىتىم سەرگەندان بولسا مەيلىتى،

كېتەر ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ باش.

بەختىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى،

يالغۇز قىلىپ مېنى كۆزلىرىمدە ياش.


دەريا سەرگەندان بولسا مەيلىتى،

دېڭىزغا  ئاقاتتى يا سىڭەتتى چۆلگە.

قىرغاقلىرىنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى،

غەشلىك بېرىپ سۇنغان كۆڭۈلگە.


دادام سەرگەندان بولسا مەيلىتى،

بىلىكىگە تايىنىپ باقاتتى جان.

ئانامنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى

بالىلىرىدىن تىلەپ يەيدۇ نان.


ئۆزۈم سەرگەندان بولسام مەيلى ئىدى،

بىلدۈرەتتىم كىملىكىمنى تىلىم بىلەن.

تىلىمنىڭ سەرگەندانلىقى يامان بولدى،

مۇڭدىشالـماي يۈرىمەن دىلىم بىلەن...


قېرىدىڭمۇ ئانا!

ئىمىن ئەھمىدى


رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر،

چاچلىرىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر.

يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر،

ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر...


تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تۇلۇن ئاي،

چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ.

بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا،

ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ.


ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس،

تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ،

بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ

ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ...


كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر،

زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر.

سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋىناس،

پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر...


قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا

ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر...


ئاق بۇژغۇن

ئىمىن ئەھمىدى


خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر

ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى.

تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك

ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى.

سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر

پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى.

ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق

ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى.

نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن

ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى.

يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد

پۇشايمان شارابىنى قويۇپ تۈگىدى.

ھەرنە ۋەسۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە

ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى.

مېنىڭن تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر

ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى.


1995-يىل ئەتىياز


توي

ئىمىن ئەھمىدى


ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز،

ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ.

ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ،

مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ.

سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق،

تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى.

جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟!

ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى.

«شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا،

تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت.

ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا،

قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت.

ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇ – يان،

يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلپ.

ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ – توزان

يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلپ...

بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟

سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال.

بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم،

خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال...

بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى،

يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟

ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى،

يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ...


قەلەم، قەغەز، خەت...

ئىمىن ئەھمىدى


يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ،

ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت.

كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ،

خەت كەلدى، لېكىن كەلـمىدى ھەسرەت.


تىشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن،

سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى.

بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن،

شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى.


رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە،

داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش.

سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى،

قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش.


دەرىخا ! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر،

شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولـمىغاندەك.

قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم،

سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك.


قېنى ئۆز ۋاقىتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر،

قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان.

قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم،

كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟


يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ،

ئەرزان لېپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت.

كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ،

ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت.


ئوتقا تۇغۇلغان بالا

ئىمىن ئەھمىدى


ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن

ئۆرۈك چىچەكلىگەن بىر كۈنى.

ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ

كۇلۇڭغىلا تۇغۇپ قويغان مېنى.

ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ

مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى.

دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم

ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى.

ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت

ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى.

شۇ ئوت ھەقىقى، تۆت تام ھەقىقى

ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى.


ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن

شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى.

ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ

ئوتتىن بەك لاۋۇلدىغان تومۇردا قېنى.

بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن

ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى.

بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن

تىمسالىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى.

ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت

يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى.

شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى

ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى.

سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ

ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى.

ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ

شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى.


ئانام

ئىمىن ئەھمىدى


بىر كونا سۆيگۈدىن قەلبىمدە باھار،

قىلمىساممۇ يېڭى مۇھەببەت بايان.

ۋىسالىڭنى ئىزدەپ يېگەچكە ئازار،

ھېسلىرىم تۈمەننىڭ سۈيىدە ئايان.


ساڭا ۋاپا بىلەن چامدىدىم بۈگۈن،

كىندىكىمدىن دەسلەپ تۆكۈلگەچكە قان.

ئەمدۈرگەچ ئوغۇز سۈت ماڭا تۈنۈگۈن،

سەندە جىمى بەختىم، سېنىڭدىندۇر جان.


شۇڭا "كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق،

دېگەن سۆز-چۆچەككە ئىشەنمىدىم ھېچ.

كىچىك چېغىمدىلا تۇتاشقان پىراق،

ئاجىز ۋۇجۇدۇمنى قويمىدى تېنىچ.


مەيۈس كۈلكەڭ ماڭا قۇۋۋەت ھەر زامان،

ئۆرتىسىمۇ بەزەن دىلىمنى ئاھىڭ.

مەيلى قانچە ياشناپ كەتسۇن كەڭ جاھان،

ئۆمرۈمگە مۇقەددەس يەككە نىگاھىڭ.


چاچ شالاڭ، ساقال ئاق، مېھمانمۇ دېمە،

مېھمان ساڭا مەندەك كەلمەيدۇ يىغلاپ.

بەڭباش قىلىقىمدىن ھەرگىز غەم يېمە،

ئېتىزلىرىڭ ئارا يۈرسەم پېتىقلاپ.


ھەممە كەپسىزلىكىم، ھەممە شوخلۇقۇم،

نەدە يۈرسەم سېنى سۆيۈشتىن پەيدا.

بىر ساڭىلا بولغاچ دەردىم-خوشلۇقۇم،

قىلىدۇ ئەقىدەم قىزلارنى شەيدا.


دادام ياتقان گۆرنىڭ يېنىدىن بۇ دەم،

ماڭىمۇ كۆرسىتىپ بەرگىن بىر يەرلىك.

ھاياتتىن مەن ساڭا قەرىزدار ھەردەم،

سىنىڭ ھېممىتىڭدىن شۇلار يېتەرلىك.


رەنجىمەي قۇچاقلا مەسۇم بالاڭنى،

گۇناھ ئۆتكەن بولسا، كەچۈرۈش سەندىن.

سەنلا ساقايتىسەن ئىشقىي يارامنى،

چىقىدۇ ساڭىمۇ مەلھەملەر مەندىن.


پىشانەڭ قورۇقى ساناقسىز دەپتەر،

روھىم ئالۇر ئۇنىڭ بېتىدىن غۇرۇر.

كۆڭلۈم ھەر ئان ساڭا قاناتسىز كەپتەر،

قۇچاقىڭغا قاراپ ئۇچىدۇ مەغرۇر.


سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك

ئىمىن ئەھمىدى


سانجىنىڭ...

غۇلجا-كۇچانىڭ...

ئۈرۈمچى-قەشقەرنىڭ...

ناۋايخانىسى، ئاشپۇزۇللىرى قاتار كەتكەن.

بىرىدە لەڭمەن-ئۈگرە، بىرىدە پولۇ-مانتا...

دىماقنى غىدىقلايدۇ كاۋاپنىڭ ھىدى

بىر يەردە تاتلىق-تۇرۇم، پىشۇرۇق ئەتكەن.

پالما دەرەخلىرىنىڭ بويى سۇۋادان تېرەك

دېڭىزدىن ئۇرۇۋاتقان غۇر-غۇر شامال

قىزلارنىڭ چېچىغا قونغان، مەڭزىگە تەگكەن،

يولنىڭ بويىدا قەشقەرلىك ياش بىر چوكان

كۆكسىنى بالىسىنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويۇپ،

ئولتۇرىدۇ، بەلكىم ھاردۇق يەتكەن!

ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بامبۇك ئورۇندۇق،

شىرەدە چىنە-چەينەك، ناۋات سالغان چاي

خوتەنلىك ئىككى بوۋاي موخۇركا چەككەن.

تۇرپانلىق ئايالنىڭ سومكىسى مەرۋايىتقا لىق

كۆتۈرۈپ ماڭالماي بېلىنى ئەگكەن...

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


ئۈن يېتىم يەردىكى ساھىلدىن شاۋقۇن،

بىز تەشتەكتە باقىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر

بۇ يەردە بوي تارتىپ ئۆسكەن باراقسان.

چۈش مەھەل، ئىسسىق بەلباغدىن كەلگەن يالقۇن

ئالۋۇندەك جۇلالايدۇ قوشۇپ جانغا-جان.

مەجنۇنتال سايىسىدا غۇژژىدە ئادەم،

ئېھتىمال ئىسسىقتىن قېچىپ توپلاشقان.

يولنىڭ بۇ چېتىدىكى شىنجاڭلىق لاۋجاڭنىڭ

ئۇ تەرەپتىكى مەمەتنى توۋلاشلىرى شۇنچىلىك ئەركىن،

ھەر ئىككىسىنىڭ پۇتىدا ساپما كەش،

قولىدا بانان.

خۇيخۇيسۈن كەنتىدىن يالۇڭۋەنگە

سۇ ئۈزۈپ كېلىمىز دەپ ماڭغان يانمۇيان.

بۇلغانمىغان ھاۋا تەننىڭ داۋاسى،

يۇيغان چىنىدەك پاكىز كۆك ئاسمان.

خەنزۇ دەمسەن، ئۇيغۇر دەمسەن، خۇيزۇ دەمسەن...ھەممىسى

ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە، قېرىنداش-تۇغقان!

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


بۇ يەر كېلىدىغانلارغا قوغۇنلۇقنىڭ يولى،

قارامايدا ھەپتە-ئاي ئۇچراشمىغانلار،

ساناتورىيەدە بولۇشىدۇ جەم.

ئالتاي يايلاقلىرىدا كۆرۈشەمىگەنلەر،

كورلىدا كۆرۈشۈپ سۆزلىشەمىگەنلەر

دۇكان-رەستىلەردە تېپىشىپ قېلىپ،

بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىدۇ مەھكەم.

بۇ يەر ھەممەيلەنگە ئۆز، ھايات سەھنىسى

ئوخشاشمىغان مېۋىلەردە بىرلا تاتلىق تەم.

بىنالار بىر قارىساڭ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى،

كىرىپ قالغاندەك بولىسەن كەچلىك بازارغا؛

بىر قارىساڭ چوڭ بازاردىكى قاينام-تاشقىنلىق،

ماڭامسەن، تۇرامسەن ئۆزۈڭدىكى پەم!

دېڭىزنىڭ كەڭلىكىگە ئاسمان پاتىدۇ؛

يانچۇقتىكى پۇلۇڭغا جاھان پاتىدۇ؛

كۆڭۈلنىڭ كەڭلىكىگە دېڭىز پاتىدۇ؛

سۇدىن چىقىپ قۇمدا ياتقانلار،

قۇمدىن چىقىپ سۇدا ياتقانلار،

قۇم بىلەن سۇنى مەھەللىسىدىكى ئۆستەڭ چاغلاپ،

ئوڭدا-دۈم ئېغىناپ ئەركىن ياتىدۇ.

قىلچە يېتىرقاش يوق، ھېيىقىشمۇ ھەم،

بولمىسا قۇرۇق پونى قانداق ئاتىدۇ؟

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!


دادۇڭخەيدىكى ئورمانلىقتا ئۇسسۇل سەيناسى

رىتىملىق قەدەملەردە ئەزگۈ ھاياجان،

جىلۋىلىك كۈزلەردە ھاياتنىڭ شەۋقى!

ئاھاڭلار مىللەتتىن، ئىرقتىن مۇستەسنا،

ئوخشاشلا لاۋۇلدايدۇ مۇھەببەت زەۋقى.

كىيىملەر گۇگۇمدىكى شەپەققە زىننەت،

يىراقتىكى شاۋ-شۇۋ ناخشىغا تەڭكەش،

تۈگىگەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى.

نىيەت-ئىقبالدا ئالەمچە بىرلىك،

،ئاستىڭدىكى تۇپراق شۇنچىلىك ئۇلۇغ

بىز ياشاۋاتقان جاھاننىڭ شەرقى.

ئاھ، سەنيادىكى دۆڭكۆۋرۈك!...


‏ئايدىڭدا تەنھا مەي ئىچىش

‏لى بەي

‏تۇرىمەن كوزام بىلەن گۈلگە قاراپ

ئۈلپىتىم يوق ئۆتمىدى گالدىن شاراپ

ئايغا مەي تۇتسام يېنىمغا كەلدى ئاي

ياندا سايەم قالمىدىم يالغۇزسىراپ

ۋەلىكىن ئاينىڭ لىۋى مەيدىن نېرى

قويمىدى سايەممۇ ھالىمنى سوراپ

ئىككىسى ھەمراھ دېسەم چاغلىق ئىكەن

ئۆتكىدەك ئۆمرۈم باھارسىز بەك خاراپ

ناخشا ئېيتسام تولغۇنار ئاسماندا ئاي

چېكىدۇ ئۇسسۇلغا سايەم ئىزتىراپ

ساق ۋاقىتتا سىردىشىپ يۈرگەن بىلەن

مەس بولۇپ قالساق كېتەركەنمىز تاراپ

بەخت ئۈچۈن ئاسمانغا چىقسام بولغۇدەك

تارتقۇچە تەنھا يۈرۈپ بۇنچە ئازاپ


ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى