ئىندىۋىدۇئال پەرق

ئورنى Wikipedia

كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم بەزى كىشىلەرنىڭ ئەقىللىق، كەسكىن ئىكەنلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئەزمىلىك قىلىدىغانلىقىنى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ ئادىل، شەخسىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتىدىغانلىقىنى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ سەمىمىي، يېقىملىق ئىكەنلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ ھاكاۋۇر، ئەدەپسىز ئىكەنلىكىنى؛ بەزى كىشىلەرنىڭ كەمتەر، ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ پوچى، مەنمەنچى ئىكەنلىكىنى ... ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەملەردىكى پسىخىكىلىق پەرقلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق پەرق پسىخولوگىيىدە ئىندىۋىدۇئاللىق دېيىلىدۇ.

ئىندىۋىدۇئاللىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي روھى قىياپىتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، بىرقەدەر مۇقىم بولغان پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىدۇ، تاسادىپىي كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئايرىم ئىپادىلەر ئىندىۋىدۇئاللىق دەپ قارالمايدۇ. مەسىلەن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياشايدىغان بىر ئادەمنىڭ دائىم قائىدە - يوسۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، تەمكىن ئىش قىلىشى ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئۇ ئادەم بەزىدە يەڭگىللىك قىلىپ قويۇشى، ھەتتا قاراملىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنى ئۇنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئادەملەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق سەۋەب بار: بىرىنچىسى، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى ئوخشىمايدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ئائىلە مۇھىتى، قوبۇل قىلغان مەكتەپ تەربىيىسى، قاتناشقان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى، ئۇچراشقان ئادەملىرى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۇچرىغان تەسىرمۇ ئوخشاشمايدۇ، مانا بۇلار كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال پەرقلىرىنى بەلگىلىگەن. بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئادەملەردىمۇ، ئاتا - ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قويغان تەلىپى ۋە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورۇن تەرتىپىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىدىمۇ ئوخشىماسلىقلار كۆرۈلىدۇ، »بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك« دېگەن گەپ دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى، ھەربىر ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بەزىلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىسە، بەزىلەر ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ، خالىغىنىچە ئىش كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىدىمۇ ئوخشىمىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئىرسىي ساپا ئوخشىمايدۇ. كىشىلەرنىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئاناتومىيە جەھەتتىكى پەرقلىرى، بولۇپمۇ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، ئىرسىي ساپا ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ماددىي ئالدىنقى شەرت.

ئىندىۋىدۇئاللىق گەرچە مۇقىملىققا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. ئىندىۋىدۇئاللىق خېلى كۈچلۈك ئېلاستىكلىققا ئىگە بولۇپ، سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بەزى ئادەملەر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ناھايىتى جىمغۇر، كەم سۆز كېلىدۇ، ئەمما، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىنتايىن پائالىيەتچان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.

پسىخولوگىيىدە ئىندىۋىدۇئاللىق ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ: بىر قىسمى ئىندىۋىدۇئال مايىللىق، يەنى ئادەم ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى دېيىلىدۇ، ئۇ ئېھتىياج، مۇددىئا، قىزىقىش، ئېتىقاد، دۇنيا قاراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىر قىسمى ئىندىۋىدۇئال پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىك دېيىلىدۇ، ئۇ ئادەم ھەر خىل پسىخىكىلىق پائالىيەتلەر جەريانىدا ھەر دائىم مۇقىم ئىپادىلەيدىغان پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ قابىلىيەت، خاراكتېر، مىجەز - خۇلق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.