ئىندۇكسىيە

ئورنى Wikipedia

ئىندۇكسىيە

ئىندۇكسىيە بولسا ئورام سىمنىڭ ئېلېكتىر ماگىنىت ئىندۇكسىيە پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار . بىر سىم ئورامغا توك بەرسەك سىم ئورام ئەتراپىدا ماگىنىت مەيدانى ھاسىل بولىدۇ . سىم ئورامدا ماگىنىت ئېقىم مىقدارى پەيدا بولىدۇ . سىم ئورامغا بېرىلگەن توك قانچە چوڭ بولسا ماگىنىت ئېقىم مىقدارى شۇنچە چوڭ بولىدۇ ، ماگىنىت مەيدانىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ . ماگىنىت ئېقىم مىقدارى بىلەن بېرىلگەن توك ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . ئۇ ئىككىسىنىڭ بۆلۈنمىسى ئۆز ئىندۇكسىيە كوئېففىتسېنتى دېيىلىدۇ، يەنە ئىندۇكسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

سىم ئورامدىن ئۆتكەن ماگىنىت ئېقىم مىقدارىنى φ بىلەن ئىپادىلىسەك ، ئىندۇكسىيەنى L بىلەن ئىپادىلىسەك ئۇنداقتا L= φ /I بولىدۇ .

ئىندۇكسىيىنىڭ بىرلىكى ھېنرى H ، يەنە mH مىللى ھېنرى ، uH مىكرو ھېنرى قاتارلىق بىرلىكلىرى بار .