Jump to content

ئىنسان زەكىرى

ئورنى Wikipedia

ئىنسان زەكىرى ئەرلەرنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان يېرىگە جايلاشقان جىنسىي ۋە كۆپىيىش ئەزا قۇرۇلمىسىدۇر. ئىنسان زەكىرى ئىچىدە تۈۋرۈك ھالىتىدىكى ئۈچ تال بۇلۇتسىمان نەيچە، ئوتتۇرىسىدا سۈيدۈك يولى بولىدۇ. زەكەرگە نۇرغۇن قان تومۇرلار جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ قىسىمدىن مۇتەركىب يۇمىلاق قۇرۇلما، سۈيدۈك ۋە مەنىي (ئىسپىرما) ئاجرىتىش يولى بار. زەكەر غىدىقلانغاندا، تومۇرلار قانغا تولۇپ، قاتتىقلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ قوپۇش (قايىم بولۇش) دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىينىڭ قوپقان زەكەردىن ھەيدىلىشى مەنىي چىقىرىش دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېتىمولوگىيەسى

[تەھرىرلەش]

زەكەر خەلق ئىچىدە يەنە قوپال تىلدا خايا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەكەر سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچە «ذكر» (ḏakar) دىن ئۆتكەن بولۇپ، تۈركىي ئەسەرلەردە 14 - ئەسرنىڭ ئاخىرىدا يېزىلغان قىپچاقچە «ئىرشادۇل مۇلۇل ۋەسسەلاتىن» (إرشاد الملوك والسلاطين) ئاتلىق ئەسەردە قەيت قىلىنغان:

تاقى زەكەر باشى كېسلىسە تاقى ئەقىل كىتسە تاقى يىيلەمەك كىتسە [زەكەر بېشى كېسىلسە، ئەقىل كەتسە، پۇراش سېزىمى كەتسە][1]

ئارامىچىدىن ئەرەبچىگە ئ‍ۆتكەن زەكەر كەلىمىسى «ئەر، ئەركەك، ئەرەنچە» ياكى «ئەركەكلىك ئورگىنى» دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. ئاككادچەدە 𒍑 (زىكارۇ) شەكلىدە ئىدى.

خايا (خايه\ χāye) سۆزلۈكى بولسا پارسچەدىن كىرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا پارسچەدە تۇخۇم دېگەن مەنىدە، كۆچمە مەنىدە تاشاقنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن، ئۇيغۇر تىلىدا زەكەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەسلى ئۇيغۇرچەدە زەكەر سىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي دىۋانىدا «سىِكْ: ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى.» دەپ قەيت قىلغان.[2] بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، تۈرك تىلىدا ھازىرمۇ ياشىماقتا.

ئاناتومىيەسى

[تەھرىرلەش]

گەرچە تەتقىقات نەتىجىسى ھەر خىل بولسىمۇ ، ئەمما مەلۇم بىر ئورتاق تونۇش باركى ، ئىنسانلارنىڭ زەكەرنىڭ ئوتتۇرىچە تىكلەنگەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 12.9-15 سانتىمېتىر ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ 95% ى زەكەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.2-19.7 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئاجىز بولغاندا چوڭلۇقى ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۇزۇنلۇقىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.

تەرەققىياتى

[تەھرىرلەش]

فىزىيولوگىيەسى

[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
  1. zeker، نىشانيان سۆزلۈكى، تۈركچەنىڭ بىر خىل ئېتىمولوگىيە سۆزلۈكى. 2025 - يىلى 17 - ئاپرېل مۇقىمدالدى.
  2. مەھمۇد كاشغەرىي، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 1 - توم، ش ج خەلق نەشرىياتى، 1983، ئۈرۈمچى، 436 - بەت.